8gJ"7,}-'
كىچىك چاغلىرىمدا ياغلىق ئاتقان قىزلارنى كۆرگنىمدە اللە خالىسا مەنمۇ چوڭ بولۇپ شۇنداق ياغلىق ئارتىمەن دەپ ئۆز_ئۆزۈمگە سۆزلەيتىم ،كىچىك بولغاچقا ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى تولۇق چۇشەنمەپتىمەنكەن . كىشىلەرنىڭ شۇنداق ياغلىق ئارتغان قىز_ئاياللارنى ھۈرمەت بىلەن چاقىرغانلىقىدىن خوش بوپ كىتەتتىمكەن . /YHBhoat
مەن 9 ياشقا كىرگەن كۈنى ئانام ماڭا ياغلىق ئارتىپ قويدى . مەكتەپكە بارغاندا بەزى ساۋاقداشلىرىم مىنى مازاق قىلىشتى كۆڭلۈم بەكمۇ يىرىم بولۇپ يىغلىغان پىتى ئۆيگە يىنىپ كەلدىم . ئانام ماڭا << قىزىم ، بۇدىگەن سىناق ، اللە سىزنىڭ ئىرادىڭىزنى سىناپتۇ قىنى بۇسىناقتىن ئۆتەلەمسىز يۇق قىنى ،اللە نىڭ مۇكاپىتىنى تاللامسىز ياكى ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ زاڭلىق قىلماسلىقىنىمۇ>> دىدى _ دە چىقىپ كەتىتى . شۇنىڭ بىلەن ساۋاقداشلاغا پەرۋا قىلماي يۈرىۋەردىم ،ئەمما مۇئەللىمىم ياغلىقىمنى ئالغۇزىۋىتەتتى .،تىخى قاپقارا چاچلىرىنى يۇشۇرۇپ نىمىمۇ قىلا مومايدەك ياغلىق ئاتىپ دىمەسمۇ . كىچىك بولساممۇ ئاغزىم بەك ئىشتىك مەنمۇ بوشكەلمەي، ئەگەر چوڭ بولغىچە ئۆلۈپ قالسام قاندا ئاتىمەن دىسەم گەپ قىلماي تۇرىدۇ . شۇكۈنىلا ئۆيگە بىرىپ چىچىمنى چۈشۈرۋەتتىم ، كىچىچە چىچىمغا قاراپ يىغلاپ چىقتىم مىنىڭ قارا چىچىم ئۇزۇن چىچىم دەپ خىلىغىچە ھازا ئاچتىم . ئەتىسى مەكتەپكە باردىم،مۇئەللىم يەنە ئال دىمەسمۇ ئالالمايمەن چىچىم يۇق دىدىم . ئىشەنمەي بىشىمنى تۇتۇپ بىقىپ كىتىپ قالدى ، شۇنىڭدىن كىيىن مىنىمۇ ياغلىقنى ئال دىمەس بولدى . ئوف.............. بىلگەن بولسام بۇرۇنراق چۈشۈر ۋىتەتتىم كەنا ، ئەمما مىنىڭ ياغلىققا بولغان چۈشەنچەم ئۇنچە چوڭقۇر ئەمەس ئىدى . مەن مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ جەمىيەتكە چىقتىم ، كۆپ دوسلارنى تۇتتۇم ،خىلى كۆپنى كۆردۈم ئەمما بەكلا ئۆمۈدسىزلەندىم . ياغلىق ئاتقان قىزلىرىمىز كۆپ كەن ئەمما ئەھمىيىتىنى بىلمەيدىكەن، ئۆزىنىڭ نىمىشقا ياغلىق ئاتقانلىقىنى چۈشەنمەيدىكەن . 8^p/?R^bu
بىر كۈنى بىردوستۇمنىڭ تويىغا باردىم ، بۇتويدا ياغلىق ئاتقان قىزلا خىلى كۆپ ئىكەن شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن ياغلىق ئاتىشتىكى سەۋەبىنى سوردىم ئەمما بەكلا ئۈمۈدسىزلەندىم . بىرقىز خىجىل بولماي ئوغۇل دوستۇم ياغلىق ئات دىگەن شۇڭا ئاتتىم دىدى. يەنە بىرى ياغلىق ئاتسا باشقىچە چىرايلىق كۆرىنىدىكەن شۇنىڭ ئۈچۈن دىدى ، باشقىلامۇ دىدى ئەمما مەن بۇلاردىن بۇجاۋاپنى كۈتمىگەن . كۆڭلۈم يىرىم ھالدا يىنىپ كەلدىم ، دىمىسىمۇ كوچىغا چىققاندا ياغلىق ئارتغان مۇسلىمە قىزلارنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىپ تۇرىمىز . ئامما ئۇلارنىڭ يۈرۈش تۈرۈش ،گەپقىلىشلىرى ھەممىسى ياغلىققا ماس كەلمىگەن قىلىقلار . تۈنۈگۈن يولدا كىتىۋاتسام يان كوچىدىن بىر قىز بىلەن ئوغۇل چىقىپ قالدى ، قىز بىشىغا ياغلىق ئاتقان ئۇچىغا تار پادىچىلا ئىشتىنى كىيگەن ، ئۈستىگە تار ئاق كوپتا كىيگەن ، يۈزىگە قىنىق گىرىم قىلغان . ئازراق ماڭغاندا يەنە بىر كوچىدىن تولۇق ھىجاپلانغان مۇسلىمە قىز چىقتى ، ئۇلار بىر يۈنىلىشتە ماڭماقتا . مەن ئۇلارنى توختىماي سىلىشتۇراتتىم ، توۋا ... يىلىقى قىزدا خىجىل بولۇش يۇق ،تىىخى مۇسلىمە قىزنى ياراتمىغاندەك قىلىپ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ يىنىدىكى ئوغۇلغا بىرنىمىلەنى دەپ كۈلەتتى . ئەمما مۇسلىمە قىز بىشىنى تۈۋەن سىلىپ بىرخىل ھالەتتە يولىنى داۋام قىلاتتى . C2AP
مۇسلىمە قىزنىڭ قولىدا بىز سۇلياۋ خالتا بولۇپ ئىچىدە كىچىك بالىلارنىڭ ئۇيۇنچۇقى بارئىدى، ئۇنىڭ سۇلياۋ خالتىسى تىشلىپ ئويۇنچۇقلار چىچىلىپ كەتتى بىرىپ ئۇنى يىغىشىپ بەردىم . شۇندىلا ئۇنىڭ چىرايىنى ئىنىق كۆردۇم ، چىرايى شۇنداق سۈزۈك ، نۇرلۇق ئىدى . مەن شۇندىلا چوڭلا دەيدىغان ئىماننىڭ نۇرى دەيدىغان گەپنى چۈشەندىم ، ئۇ ماڭا رەخمەت ئىيتىپ كىتىپ قالدى . نىمىشقىدۇر ئۇنىڭغا قارغىملا كىلەتتى ، بۇ ھەقىقى مۇسلىمە ئىدى . مىنىڭ يىلىقى ياغلىق ئاتقان قىزدىن شۇنداقلا ياغلىق ئاتىپ شۇنداق چاكىنا يۈردىغان قىلماسلىق كىرەك ئىشلارنى قىلىدىغان يالغان مۇسلىمەلەر سوراپ باقاي << سىلەرنىمىنى كۆزلەپ ياغلىق ئاتتىڭلار ،>> مودا دەپ ياغلىق ئاتقان قىزلا ئەگەر بىركۈنلەردە كىيىم كىيمەسلىك مودا بولسا يالىڭاچلىنىپ كوچىغا چىقامسىلەر.............................................