دەقىقە c CZ$TH
`%Kj+^|DS
(مىكرو ھىكايە) v;z8g^L
ئۇ كېچە سائەت 12:00لەردە ئۆيگە قايىتپ كەلدى.ئايالى كېچىلىك ئىسمىنىغا ئىشقا كەتكەن،بالىسى چوڭ ئۆيدە بولغاچقا ئۆيدە ئادەم يوق ئىدى.ئۇ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ياتماقچى بۇلۇپ كارۋاتقا چىقتى، كۈزىنى يۇمۇۋىدى ھىچ ئۇيقۇسى كېلىدىغاندەك ئەمەس ،شۇڭا بايىلا ئاياغلاشقان سورۇننى ئەسلەشكە باشلىدى:"كاساپەت، ئەجەپ چىرايلىق ئايال جۇمۇ ئۇ.ئالتۇن رەڭ چاچلىرى،مودىللارنىڭكىدەك پىگورىسى،گىلاستەك لەۋلىرى،ئۇسۇل ئويناشلىرى، خۇلقىچۇ تېخى.....بىر پارچە ئوتقۇ ئوت.ھەي..شۇنچە گۈزەل ئايال ئاشۇ گۆمۈش ئېرىگە زايا كىتىپتۇ،ئىسىت. لېكىن مەنمۇ بوش ئەمەس،ئاخىر ئندەككە كەلتۈردۈم ئۇنى.ھۈنەرلىرىم خېلى ئەسقاتتى،ئۇ خېلىلا يۇمشاپ قالدى،ئەمدىكى گەپ ئۇنۇڭ بىلەن خالى يەردە يالغۇز ئۇچراشسام بولاتتى..." ئۇ ئاللا قانداق شىرىن خىياللارغا چۈمۈلۈپ ياتقىنىدا،ئايالىنىڭ تېلىفۇنى قىسقا ئۇچۇردىن بىشارەت بېرىپ 2 قېتىم جىرىڭلىدى."ئايالىم ئىشقا ئالدىراپ تېلىفۇنىنى ئېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتۇدە،بۇ كېچىدە قىسقا ئۇچۇر قىلغان كىمدۇ؟ بىرەر مۇھىم ئىش بۇلۇپ قالمىسۇن يەنە ،بىر قاراپ باقايچۇ" دەپ ئورنىدىن تۇردى ئۇ ۋە ئايالىنىڭ تېلىفۇنىغا كەلگەن ئۇچۇرنى ئوقۇشقا باشلىدى: mPPB"uQ
"گۈلۈم (شۇنداق ئاتىشىمغا ۇخسەت قىلىڭ) ياخشىمۇ سىز؟ بۈگۈن كېچىلىك ئىسمىنىدا ئىشلەۋاتىسىزغۇ دەيمەن؟ بۇنى خىزمەتدىشىڭىزدىن سوراپ بىلىۋالغان ئىدىم.ئىشلەپ چارچىدىڭىزمۇ گۈلۈم، ئۇيقۇڭىز كەلدىمۇ؟ قورسىقىڭىز ئاچقاندۇ ھە؟ مىنىڭ شۇ تاپنىڭ ئۆزىدىلا سىزگە تاماق ئاپىرىپ بەرگۈم ،سىزنىڭ ئورنىڭىزدا ئىشلەپ بەرگۈم، سىزنى ئۇخلۇتۇپ دەم ئالدۇرغۇم بار .لېكىن سىز ئۇنۇمايسىز.... سىزنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم گۈلۈم،ئەمما سىز ماڭا نەزەر كۆزىڭىزنى سالمايۋاتىسىز،مەن دىگەن ئېرى بار ئايال ،ماڭا چاقچاق قىلماڭ !-دەيسىز. لېكىن سىزگە ئوخشاش ئەخلاقلىق ،ئېرىگە سادىق ئايالنىڭ ئېرىچۇ؟ ئۇ قانداق ؟ ئۇ سىزگە سادىقمۇ؟ئۇنۇڭ سىزنى ئالداپ ،نەلەردە ، كىم بىلەن ئويناپ يۈرگىنىنى كىم بىلىدۇ؟ سىز ئويدە يوق مۇشۇ پۇرسەتتىمۇ ئۇ ئۆز ئويۇنى بىلەن ئاۋارىمۇ تېخى!. شۇڭا بۇ قىسقىغىنا ھاياتتا ئوبدان ئويناپ ياشىۋېلىڭ.مانا مەن سىزگە ھەممىنى تەل قىلىپ بېرەلەيمەن،ئۇ گاداي ئېرىڭىز ئېلىپ بېرەلمىگەننى ،قىلىپ بېرەلمىگەننى مەن تەل قىلىپ بېرىمەن. سىزنى بار كۈچۈم بىلەن شات قىلىمەن گۈلۈم. ماقۇل دەڭ، ئەتە بىللە تاماق يەيلى،ئەڭ ئىسىل رېستۇرانغا بارايلى ئىككىمىزلا بولامدۇ؟ جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن" ئۇ قىسقا ئۇچۇرنى ئوقۇپ بولدى،شۇ تاپتا غەزەپتىن تىترەۋاتاتتى."ئەبلەخ! مىنىڭ خوتۇنۇمغا چاقچاق قىلغىدەك بولدۇڭما؟ كىم ئىكەنلىكىڭنى بىلىۋالىدىغان بولسام سىنى بوغۇزلىۋىتىمەن" ئۇ غەزەپ بىلەن تېلىفۇننى يەرگە ئاتماقچى بولدىيۇ تۇرۇپ قالدى.چۈنكى تۇيۇقسىز ئۇنۇڭ كاللىسىغا تېخى دەقىقى ئىلگىرى خەقنىڭ خوتۇنىنى قانداق ئازدۇرغانلىقى ،نىمىلەرنى دىگەنلىكى كېلىپ قالغان ئىدى. ئۇ يىلى چىققان توپتەك لاسسىدە بۇلۇپ جايىدا ئولتۇرۇپ قالدى:" توۋا ،بۇ نىمە قىسمەت؟ بۇ جاھان ئەجەپ تاركىنا؟ بۇ ،<قاشقا سانىساڭ كۆزگە، كىشىگە سانىساڭ ئۆزگە >دىگەن شۇمۇدۇ......." ئۇ ،قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغانغان ئادەمدەك ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتتى. %kkDitmI{
ZBU<L+#
مەنبە: چىمبۇلاق تورىدىكى زۇمرەت يازمىسى Zd-QZ<c";t