تۈنۈگۈن ، يەنى 2011 -يىلى 5 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9 دا ،ئامېرىكا ئەلباشى ئوباما[/url] ( Barack Hussein Obama ) پۈتۈن ئامېرىكا خەلقى ۋە دۇنياغا تېلېۋىزىيە نوتۇقى سۆزلەپ، ‹‹ 9 – سېنتەبىر ۋەقەسى ›› نىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ئەلقايدا ( بازا تەشكىلاتى ) نىڭ رەھبىرى ئوساما بىن لادىن ( Osama Bin Laden ) نىڭ پاكىستاندا ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ‹‹ بىن لادىن ( Osama bin Laden ) ئۆلۈپتۇ …[/url]›› دېگەندەك ئەپقاچتى گەپلەر بۇندىن ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان، بىن لادىنمۇ نەچچە ئۆلۈپ نەچچە تىرىلگەن ئىدى. ئۇنداقتا بۇ قېتىم بىن لادىن راستلا ئۆلدىمۇ، ئامېرىكا ئۆچىنى ئالدىمۇ؟
cH48) خەلق تورى ( 人民网 ) نىڭ خەۋرىگە كۆرە، ‹‹ – سېنتەبىر ۋەقەسى[/url] ›› دىن كېيىن 10 يىلغا يېقىن يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن بىن لادىن ئاخىرقى ھېسابتا ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرىنىڭ قوغلاپ ئۆلتۈرۈشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. 2011 – يىلى 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنى دەشتى باياۋان ياكى قانداقتۇر بىر ئۆڭكۈردە ئەمەس، بەلكى پەرەزلەرنىڭ ئەكسىچە پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى Abbottabad شەھرىدە ساقچى ئىدارىسىغا يېقىن بولغان ئېسىل بىر تۇرالغۇدا ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىمى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن تۇيۇقسىز ھوجۇمدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ھەرىكەتتە، ئوسامە بىن لادىن ۋە ئوغلى بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىككى كىشىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ، بىن لادىننىڭ ئىككى ئايالى ۋە ئالتە بالىسىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. بىن لادىننىڭ جەسىتى تۇپراققا دەپىنە قىلىنسا تېرورچىلارنىڭ تاۋابگاھىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھەربىي پاراخۇتىغا يوللىنىپ، ‹‹ مۇسۇلمانلارنىڭ تېز دەپىنە قىلىش قائىدىسى[/url] ›› بويىچە دېڭىزغا دەپىنە قىلىنغان.
3%L@=q ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئەلباشى باراك ئوبامامۇ «تېررورلۇقنىڭ زېيىنىغا ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە خىتاب قىلىمەن، ئادالەت ئىشقا ئاشتى» دېگەن سۆزلىرى بىلەن لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنى جەزملەشتۈردى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، لادىننىڭ ئۆلۈم خەۋرى[/url]نىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكا ئەلباشى تەرىپىدىن رەسمىي ئېلان قىلىنغانلىقى بىن لادىننىڭ ئۆلگەن بولسىمۇ ئۆلگەنلىكى، تىرىك بولسىمۇ ئۆلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
_?oofE:{ يۈكسەلنىڭ قارىشىدا، دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك مەمىلىكەت سانالغان ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك ھەمكارچىسى ھېسابلانغان ئىسرائىلىيە ئۈچۈن بىن لادىننى تۇتۇش[/url] خۇددىي ئالقاننى دۈم قىلغاندەكلا ئاددىي ئىش بولۇپ، پەقەت ۋاقتى – سائىتى پىشمىغانلا گەپ ئىدى. ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئامېرىكا مەنپەتىگە ئۇيغۇن ئىدى. ئۇ لادىننى باھانە قىلىپ جۇڭگو، ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ ئارقا ھويلىسى ھېسابلانغان ئافغانسىتانغا ئەسكەر كىرگۈزدى، ئارقىدىنلا ئىراققا ئۇرۇش ئېلان قىلىپ سادام ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. بۇ جەرياندا دۆلەت ئىچىدە خەلقنىڭ دىققىتىنى مەلۇم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەربىي جابدۇق سانائىتىنى جانلاندۇرۇپ، ئىچكى مۇۋازىنەتنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، تاشقىردا ئىراقتىكى مول نېفېت بايلىقىنى، نۇرغۇنلىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ، تۈركىيە، ئىرانغا ئوخشاش ئەتراپتىكى مەمىلىكەتلەر بىلەن تېخىمۇ دادىل سۆھبەتلىشىدىغان كوزىرنى قولغا چۈشۈردى. ئافغانسىتاندا ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ھەققانىي تۈستە بوياپ جۇڭگو ۋە رۇسىيەگە تېخىمۇ يېقىندىن كۆز – قۇلاق بولۇش ئىمكانىغا ئېرىشتى. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا، ياۋروپادىكى ئىتىپاقداشلىرىنى ھېچ كۈچىمەيلە ئۆز ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، دۇنيادىكى ‹‹ ئاقساقال ›› لىق رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى ئەتتى. بەلكىم بىز تېخى كۆرۈپ يەتمىگەن، كۆرۈشىمىز مۇمكىن بولمىغان باشقا نۇرغۇن تەرەپلىرى بولىشىمۇ مۇمكىن.
*?3c2Jg=E ئۇنداقتا، بىن لادىن ئىلگىرىمۇ ئەمەس ياكى كېيىنمۇ ئەمەس ھازىرقى پەيتتە ئۆلتۈرۈلىدۇ؟يۈكسەلنىڭ كۆزىتىشىچە، بىن لادىننىڭ ئۆلۈمى[/url] بۇ يىل كىرگەندىن بېرى شىمالىي ئافېرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق سىياسىي كىلماتىدا بولىۋاتقان ئۆزگىرىش بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بىز ئېرىشكەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەلقايدانىڭ ئەزالىرى شىمالىي ئافېرىقا، لىۋىيە، سۈرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەر ئارىسىغا كۆپلەپ سىڭىپ كىرىپ مەزكۇر ھەرىكەتلەرنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنغان، كازافىيمۇ كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ خەلقنى ئەمەس بەلكى ئەلقەيدانىڭ قوماندانلىقىدىكى تېرورچىلارنى باستۇرغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى. مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئامېرىكانىڭ بىن لادىننىڭ ئۆمۈر دەپتىرىگە نۇقتا قويۇشنى قارار قىلغانلىقى ئامېرىكانىڭ چوڭ كۆلەملىك ستراتىگىيلىك تەڭشەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى، بەلكى شۇ ستراتىگيىلىك پىلانلارنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولۇشى مۇمكىن.
UUR+PfY شۇنداق قىلىپ بىن لادىن بىلەن ئاتالغان بىر دەۋر ئاخىرلاشتى. ئەمدى بىن لادىندىن كېيىنكى دەۋردە ئامېرىكا ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا چىقىدۇ؟ دۇنيا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىدۇ؟ ئەلقايدا لادىندىن كېيىن ئاجىزلاپ ھالاك بولامدۇ ياكى يەنىمۇ ئۇلغىيىپ دۇنيا تېنچلىقىغا يەنىمۇ چوڭ تەھدىد بولامدۇ؟ بۇ مەسىلىلەرنى يەنىلا زامان ئۆزگىرىشلىرگە باققاچ سوغۇققانلىق بىلەن كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. .
,X}Jpi;/ s2`Qh9R EECuJ+T مەنبە:
http://www.yuksel.me/1611.html Ox%p"xuP,