ئانا تۇپراقتا مەشرەپ بار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئانا تۇپراق مۇنبىرى ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دىمەي كۈچ چىقىرۋاتقان بىكەت باشلىقى،ۋە بارلىق باشقۇرغۇچىلار،ئانا تۇپراق مۇنبىرنى قوللاپ كەلگەن بارلىق ئەزىز قېرىنداشلار.ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى مول مەزمۇنلۇق بىلىملىرى بىلەن،مۇنبەرنى رەڭدارلىققا ،جەلىپكارلىققا ئىگە قىلغان ھەر خىل نادىر تىيمىلىرى ئىنكاسلىردىن ھوزۇر بىرىپ كەلگەن بىلىمگە تەشنا قەلىبلەرنى ئابى ھايات كەۋسەۋلىرى بىلەن سۇغۇرۋاتقان،مۇنبەر ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق قېرىنداشلار،ھەممىڭلار مەن فاتىمەدىن ئەڭ ئالى ئىھتىراملار بىلەن قىزغىن سالام.
مەن يەنى ئانا تۇپراق مۇنبىرى ئۈچۈن ،ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق ئانا تۇپراق مۇنبىرنى، بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتلارغا ئىگە قىلغان مۇنبەر قۇرغۇچىسى ئانا تۇپراق ئەپەندىم،ۋە ئانا تۇپراق تورى مۇنبەر ئىشخانىسدىكى بارلىق جاپاكەش باشقۇرغۇچىلار ئارقا سەپ خىزمەتچىلىرگە ۋاكالىتەن تۇرمۇشىڭلارغا زور بەخىت ،خىزمەتلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
كەلگۈسى يۇلىڭلار تېخىمۇ پارلاق داغدام بولسۇن.
بىرىنجى قېتىملىق مەشرەپ پائالىيتى تۇنجى كۇچا مۇنبىردە ناھايىتى داغ-دۇغلۇق بىلەن ئۆتكۈزلۈپ ،مەشرەپكە ھېرىسمەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشغا ئېرىشتى.ۋە مەشرەپتەك ئىسىل سەنئەت پائالىيتىمىزنىڭ مۇنبەرلەر ئارا يۈزلىنىشىگە داغدام يول ئېچىپ بەردى.
ۋە ئىككىنجى قېتىملىق مەشرەپ گۈل چېيىنى، قۇياش مۇنبىرى ئېلىپ ناھايىتى كاتتا ھەيۋەتلىق داغ-دۇغا بىلەن قۇياش مۇنبىرى مەشرىپىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى.
ئۈچۈنجى قېتىملىق مەشرەپ گۈل چېيىنى ئىز مۇنبىرى ئېلىپ ئۆزىنىڭ سەرخىل نۇمۇرلىرى بىلەن كاتتا ئىز مۇنبىرى مەشرىپىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى.
ئىز مۇنبىردىن تۆتىنجى قېتىملىق مەشرەپ گۈل چېيىنى ئالمىزارمۇنبىرى ئېلىپ سەر خىل نۇمۇرلىرى بىلەن كاتتا داغ-دۇغلۇق ئالمىزار مۇنبىرى مەشرىپىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى.
بەشىنجى قېتىملىق مەشرەپ گۈل چېيى قولدىن -قولغا ئۆتۈپ مانا بىز ئانا تۇپراق مۇنبىرگە نىسىپ بولدى.بىز ئانا تۇپراق مۇنبىرى بۇ مەشرەپ گۈل چېيىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كىيىن ،ئانا تۇپراق مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار تۇلىمۇ سۈيۈندۇق،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئانا تۇپراق مۇنبىردە ئۆتكۈزۈلىدېغان ئانا تۇپراق مەشرىپىگە! تۆت مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلارنى تەكلىپ قىلىمىز.كۇچار مۇنبىرى،قۇياش مۇنبىرى،ئىز مۇنبىرى،ئالمىزار مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزىز قېرىنداشلارغا ئەڭ ئالى سالام يوللايمىز.بۇ قېتىملىق ئانا تۇپراق مەشرىپىگە ۋاقتىدا قاتنىشىپ بىرشىڭلارنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمۈت قىلىمىز.
مەشرەپ بىلەن باشلاندى دوسلۇق،
قولدىن قولغالارغا ئۆتۈپ گۈل چاي.
بۇ ئەنئەنىمىز داۋاملاشسۇن،
مۇنبەرلەردە سۇنۇشۇپ گۈل چاي.
مەشرەپ پائالىيتى باشتىكى مەشرەپنىڭ قائىيدىسى بۇيچە 5 ئاينىڭ 4 كۈنى يەنى چارشەنبىگە ئۇرۇنلاشتۇردۇق.ھەممىڭلارنىڭ ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ ئانا تۇپراق مەشرىپىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ بىرشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
بۇ قېتىملىق ئانا تۇپراق مەشرىپى 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى،ۋە ياشلار بايرىمى بىلەن تەڭ كەلگەچكە مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىز قېرىنداشلارنىڭ بايراملىرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
بىز ئانا تۇپراق مۇنبىرى بۇ قېتىمقى ئانا تۇپراق مەشرىپىنى بارلىق كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئۆتكۈزۈشكە تىرشىمىز.كونا-يىڭى ئەزالارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن مەشرىپىمىزگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.
ئەمسە ئانا تۇپراق مەشرىپىنىڭ مەشرەپ باغىقى ھەممىڭلارغا كەتتى.
ھۆرمەتلىك خۇش چىراي خانىم قىزلار،ھۆرمەتلىك باتۇر، قەيسەر جاسارەتلىك يىگىت ئوغلانلار،
سىزلەرنى 5 ئاينىڭ 4 كۈنى ئۆتكۈزۈلىدېغان ئانا تۇپراق مۇنبىرنىڭ مەشرەپ چېيىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمىز.
ھۆرمەت :بىلەن ئانا تۇپراق مۇنبىرى.
ھەممىڭلارنىڭ ۋاقتىدا قاتنىشىپ بىرشىنى چىن كۆڭلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.
مەشرەپ ئورنى:ئانا تۇپراق مۇنبىرى
سەمىڭلاردا بولسۇنكى ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت.