ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
بۇ تېما 1022 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : 365-كىچە (ھېكايە) يۇلغۇن
دەرىجە: ئالىي ئەزا
UIDنومۇر: 19
نادىر تېما: 28
يازما: 308
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە308دانە
شۆھرىتى: 799 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 11457 يۈەن
تۆھپە: 608 قېتم
ياخشى باھا: 529 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 5954(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:34دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:5954 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:336 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:491 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:6 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-05
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2011-04-29 09:53

0
تېما:365-كىچە (ھېكايە) يۇلغۇن
يوللىغۇچى:yulgun | يوللىغان ۋاقىت :2011-04-29 09:53 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:1022

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ يازما bayawan تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-04-30)
?>;b,^4
365-كېچە K<^p~'f4P
(ھېكايە) l 73%y
365 -كېچە.تۈن يېرىمى.ھەممە ئېغىر ئۇيقۇدا.ئەتراپنى بىر خىل سۈرلۈك جىمجىتلىق قاپلىغان.سەن تۈرلۈك مىۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان گۈزەل باغنى ئارلاۋېتىپ، توساتتىنلا بىر ھالقىسىمان تاغنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدىڭ.ھالقاسىمان تاغلار ئىچىدە ھالقاسىمان تاغلار.ھالقاسىمان تاغلار داۋاملىق كىچىكلەيتى.ئاتراپ قازاننى دۇم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك قاراڭغۇ.پۈتۈن تېنىڭ قورقۇنچ ئىچىدە دىرىلدەپ تىترەيتى.يۈرۈكىڭنى ۋەھىمە چىرمىۋالدى.سەن بۇ ھالقىسىمان تاغنىڭ ئارىسىغا قانداق كىرىپ قالدىڭ ،قانداق چىقىپ كېتىسەن شۇنچە قىلىپمۇ بىلەلمىدىڭ.ماڭدىڭ،ماڭدىڭ چىقىپ كېتەلمىدىڭ.توختىماي مېڭىۋاتىسەن.ئەتراپىڭغا ئۇمىد بىلەن قارايتىڭ،كۆزلىرىڭگە ھىچنىمە كۆرۈنمەيتى.لېكىن قۇلاقلىرىڭغا ھەر خىل قورقۇنچلۇق ئاۋازلار ئاڭلىناتتى.سەن بۇ ئاۋازلارنىڭ قاياقتىن كېلىۋاتقانلىقىنى، نىمىنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيتىڭ. بىردىنلا  تۇيۇقسىز پەيدا بولغان،كۆزلىرىدىن رەزىللىك،شۇملۇق،ۋەھشىلىك يېغىپ تۇرغان بىر توپ ئېچىرقاپ كەتكەن تۈلكە،چىلبۆرە،شىر،يولۋاس...لار ساڭا قاراپ تاشلاندى-دە،ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىڭنى چىشلەپ تارتىشقا باشلىدى.ئۇلار بىر-بىرىدىن سېنى قىزغىنىشىپ يالاماپ-يالماپ يىيىشمەكتە؛سۆڭەكلىرىنىڭ مەزە قىلىپ كوسۇلدىتىپ چايناشماقتا،بۇلارنى ئاز دېگەندەك بىر توپ يەتتە باشلىق يالماۋۇز ساڭا قاراپ ئېتىلىپ كەلمەكتە... ,ciX *F"
j4;^5Dy^
-ئادەم بارمۇ؟مېنى قۇتقۇزۇڭلار!...-سېنىڭ ئەنسىز ۋاقىرىغان ئاۋازىڭ بىلەن تەڭلا ھوجراڭ ئىچىدىن گۈلدۈرتاراق ئاۋازى ئاڭلاندى. xT 06*wQ
}W^@mi
-ۋايجان،ۋاي ئانا!...-سەن سوغاق تىترەكتە خۇدۇڭنى بىلمەي، ئۆپكەڭ،ئىچ-باغرىڭ تىتىلىپ كەتكۈدەك قەھرىڭ بىلەن ۋاقىرىغىنىڭچە كارۋاتتىن پەسكە گۈپلا يىقىلىپ چۈشتىڭ.سېنىڭ ئەنسىز ئاۋازىڭدىن چۇچۇپ ئويغۇنۇپ كەتكەن ئۇكاڭ ئۆڭ-سولى يوق يۈگۈرگىنىچە ھوجراڭغا كىرىدى،كىردى-دە:  D_dv8
ry|a_3X(I
-ساڭا نىمە بولدى ئاكا؟ روھىڭ تىنىڭدىن چىقىپ كەتكەندەكلا بولۇپ قاپسەنغۇ؟-سەن ئۆڭ-سۆلى ئۆچكەن ھالدا يېنىڭغا يۈگۈرۈپ كىرگەن ئىنىڭنىڭ  كۆزلىرىگە قارىدىڭ.ئۇ كۆزلەردىكى ئەنسىرەش،مۇھەببەت تىنىڭنى شۇررىدە ئىرىتىۋەتتى.كۆزلىرىڭگە مۆللىدە ياش كەلدى.بۇرۇن تۈشۈكچىللىرىڭ ئېچىشىپ كەتتى.بەدىنىڭدە پەقەت كۈچ يوق،پۇت-قوللۇرۇڭ لاغىلداپ تىترەيتى.يىلىك-يىلىكلىرىڭدە سانسىزلىغان قارا چۈمۈلىلەر تىنىمسىز قىمىرلاۋاتقاندەك بىر ئازاپلىق تۇيغۇ ساڭا ئارام بەرمەۋاتاتتى،سۆڭەكلىرىڭ ئازاپلىق سىقىرايتى.سېنىڭ بۇنداق ياشاپ كېلىۋاتقىنىڭغا ئۇزاق يىللار بولغانتى. /Pe xtj<
F'|K>!H
-قارا بېسىپ قاپتۇ ،كېچىدىن بىرى يامان چۈش كۆردۈم،كۆزۈم يۇمۇلسىلا ئارامچىلىق يوق...-دېدىڭ رايىشىلىق بىلەن.سەن ھەر قېتىم مۇشۇ چۈشنى كۆرگەندە چۈشۈڭنىڭ تەتۈرىسىگە يېنىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىڭ. بۇ قېتىممۇ چۈشۈڭنىڭ تەتۈرىسىگە يېنىشىنى ئاۋالقى قېتىملاردىكىدىنمۇ بەكرەك ئارزۇ قىلىۋاتاتتىڭ.بىر ۋەھىمە،قورقۇنچ ئىچىڭنى مۇشۈك تاتىلىغاندەك تاتىلاۋاتاتتى.تىتلىق ئارامىڭنى بۇزۇپ ،سېنى تولىمۇ پاراكەندە قىلىۋاتاتتى.سەن ئۇزاقتىن بۇيان مۇشۇ چۈشتىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللرىنى ئىزدەپمۇ تاپالماۋاتاتتىڭ. EPJ>@A>;D
xxs +=.2
-چۈش كۆرگەنگىمۇ بۇنچىلىك بىسەرەمچان بولۇپ كەتكەن بارمۇ،دەيمەن. يامان چۈشتىن قۇتۇلاي دېسەڭ ساۋاپلىق ئىشلارنى كۆپىرەك قىلىغىن.-ئۇكاڭنىڭ بۇ سۆزىگە قاتتىق ئاچچىقىڭ كەلگەن بولسىمۇ ،ئۆزۈڭنى بېسىۋالدىڭ. ~IYR&GEaUG
b_`h2dUq
-لېكىن سەن بىلمەيسەن ئۇكام مېنى قىيناپ،بۇزەك قىلىپ كېلىۋاتقان بىرلا چۈش. G%k&|
0S :&wb
- ئۆتكەندىمۇ شۇنداق دېگەنتىڭ،يەنە شۇنداق دەۋاتىسەن.ئېلىشىپ قالماۋاتقانسەن؟. DTH}=r-
3|!3R'g/ >
-ماڭا ئىشەن ئۇكام ،مەن خېلى بولدى بىرلا چۈشنى كۆرۈپ بەك ئارامسىزلىنىپ كېتىۋاتىمەن؛ يەنە كېلىپ ئۇ چۈش تولىمۇ قورقۇنچلۇق. SW%}S*h
_IdW5G
-مەنغۇ ساڭا ئىشىنىمەن لېكىن... LU;zpXg\
I4%kYp]
-لېكىن-پىكىننىڭنى قوي ئۇكام.ماڭا ئىشەنگىن. im9 w|P5
UapU:>!"`
- ساڭا ئىشىنىمەن ئاكا .نىمە بولىشىدىن قەتئىنەزەر بۇنداق قايغۇرساڭ بولمايدۇ ئاكا. شۇ تاپتا ساڭا ئورتاقلاشسام بولامدۇ. ),vDn}>
$ c-O+~
-ئاۋارە بولما،مەندىكى بۇ خىل تۇيغۇغا سەن ئورتاقلىشالمايسەن. RtR@wZ2\s
q/zU'7%@
-نىمىشقا؟ >i*,6Psl[Z
G\ F>*
-مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن بۇ بىسەرەمچانلىق سېنىڭ بېشىڭغا كەلمىسۇن ئۇكام.مېنى بىردەم  ئارامىمدا قويساڭچۇ؟ gIz!~I_U
jr0j0$BF
-ماقۇل،ئاكا كۆڭلۈڭنى چۈشەندىم. hZHM5J~
8u~
ئۇكاڭنىڭ ساڭا قاراپ تۇرغان چاغدىكى تۇرقىغا قاراپ ئىچىڭ سىرىلىپ كەتتى.كۆزلىرىدىكى ئەندىشە،تەشۋىش ئىچىڭگە بىر ئوت سېلىپ قويدى.ئۇكاڭ ساڭا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ قەدەملىرىنى ئېغىر-ئېغىر يۆتكىدى.ئۇنىڭ يېنىڭدىن ئايرىلغۇسى يوقتەك قىلاتتى.ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتقان ئۇكاڭنىڭ ئارقىسىدىن چەكسىز قېرىنداشلىق مېھرىڭ بىلەن قاردىڭ.ئىسسىق بىر ھاياجان پۈتۈن تىنىڭگە يامرىدى.تاتلىق بىر تۇيغۇ قەلبىڭگە يېيىلدى. f%.Ngf9
bD,X.
سەن ئۇخلاپ قېلىشتىن قورقاتتىڭ چۈنكى كۆزۈڭ يۇمۇلسىلا يەنە ھېلىقى قورقۇنچلۇق چۈشنى كۆرەتتىڭ.شۇڭا سەن ئۇخلاپ قالماسلىققا بەل باغلىغانتىڭ.ئەمما قېرىشقانداق ئۇيقۇ لەشكەرلىرىنى باستۇرۇپ كېلىپ ساڭا ئارام بەرمەۋاتاتتى.سەن خۇشال چاغلارنى ئەسلەش ئارقىلىق ئۇخلىماسلىققا تىرىشىۋاتاتتىڭ.ھەر قېتىم شۇنداق قىلاتتىڭ.سەن قوشناڭنىڭ قىزى ئايبۇلاققا كۈيۈپ-پىشىپ يۈرگەن كۈنلىرىڭنى ئەسلىمەكچى بولدۇڭ.ئۇ چاغلاردا سەن بۇلاق بويىدىن كەلمەيتىڭ.ئاي بۇلاققمۇ سۇ ئەكىرىشنى باھانە قىلىپ،سەن بىلەن كۆرۈشكىنى بۇلاق بويىغا چىقاتتى.سىللەر قانماستىن  ئۇزاقتىن ئۇزاق مۇڭدىشاتتىڭلار.بەزىللىرى كەچ بولۇپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەي خاپىلىققىمۇ قالاتتىڭلار تېخى.ئايبۇلاقنىڭ قاپىقى يامان ئاكىسى چىقىپ سىللەرنى قورقۇتۇپ ،جېنىڭلارنى ئېلىپ جاڭگالدا قوياتتى. -MS#YcsV
:1UMA@HP
-مېنى ياخشى كۆرەمسەن؟ la+Cra&xL
V_gKl;Kfe8
-ياق. &;-zy%#l
IANSpWea?
- نىمىشقا؟ RN(I}]]a
S/5QK(XLC)
-سىز مايمۇندەكلا سەت-ئايبۇلاق شۇنداق دەپلا پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتى،سەن ئۇنىڭ قولىدىن كاپلا تۇتۇپ ئۆزۈڭگە قاراتتىڭ.چوغدەك بىر تۇيغۇ پۈتۈن بەدىنىڭگە يامرىدى.يۈرىكىڭ گۈرۈلدەپ كۆيۈشكە باشلىدى.سەن ئۇلۇغ بىر ئوت ئىچىدە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتاتتىڭ. p?Azn>qBa
Z#d#n!Lz
-نىمە دېدىڭ؟يەنە بىر دېگىنە ، مېنى ياخشى كۆرەمسەن،كۆرمەمسەن؟ vt#;j;liG
_Ub`\ytx
-ئۆزەمنىڭ ئىشى.ياخشى كۆرەمدىم،كۆرمەمدىم،ئۆزەمنىڭ ئىشى.قويۇپ بىرىڭ قولۇمنى،نامەرەم بولىدۇ،ھەق ئىگىمىزنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قالىمىز. Q|AZv>'!
4 ThFC
-نىمە بولسا مەيلى قويۇپ بەرمەيمەن. r9 @=d
X .t4;
-مۇنداق دىمەڭ ئىمىندىن ئاجراپ كېتىسىز qE~_}4\Z9
[r/zBF-.
-نىمىشقا؟ Z4] n<~o
^LMgOA(7
-ھەققەقە بويسۇنمىغاندىكىنچۇ؟ 'X?xn@?
":Dm/g
-كىم ھەققە بويسۇنماپتۇ؟- سەن شۇنداق دەپلا ئايبۇلاقنى مەھكەم قۇچاقلاپ،لەۋلىرىگە ئەسەبىيلەرچە سۆيۈشكە باشلىدىڭ... 4_R|3L
{OU|'
-ساراڭ بولىدىڭىزمۇ قويۇپ بىرىڭ،سەتلەشمەي،سىز قورقىمىغان بىلەن مەن نامەرەمدىن قورقۇمەن،گۇناھتىن قورقىمەن،اللاھتىن ېخىمۇ قورقىمەن... ~e{ @5.g
AcH-TIgM/
-سەن بەرىبىر مېنىڭغۇ؟ y?$DDD
}47h0 i
-تېخى بىز نىكاھ ئوقۇتمىدۇق. 4-(kk0]`z
#z `W ,^C
-ئوقۇتىمىزغۇ ئاخىر. 4U}qrN~=
K+B978XD
-تولا بىزەڭلىك قىلماڭ ،ھارامدىن قورقۇڭ... tdy2ZPVtTV
M([#Py9h
دېكابىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېچىسى.365-كېچە.سەن قورقۇنچلۇق چۈش كۆرۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىڭ. سەن بۇ ئاخىرقى كېچىنى بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان ھوجراڭدا چەكسىز قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە پات-پات ئېغىر ئۇھ تارتىپ،ئۇلىغا كىچىك تىنىپ ئۆتكۈزىۋاتىسەن. تاڭ ئېتىشقا يەنە ئۇزاق ۋاقىت بار ئىدى.ناھيىتى ئۇزاق ۋاقىت... سەن يەنە ئۇخلاپ قېلىشتىن بەكمۇ قورقۇۋاتاتتىڭ.كۆزۈڭ يۇمۇلسىلا ھېلىق قورقۇنچلۇق چۈش يەنە تەكرارلىناتتى-دە،سەن قىينىلىشقا باشلايتىڭ. IPiV_c-l
)9QtnM
سەن 365-كېچىنىڭ بىرىنچى كېچىسى كۆرگەن قورقۇنچلۇق چۈشنى 365-كېچە تەكرار كۆردىڭ.ئارلىقتىكى تالاي كېچىلەرمۇ بۇ چۈشنى كۆرۈپ،چۇچۇپ ئويغۇنىپ كېتىپ، ئۇزاققىچە ئۇخلىيالماي قىينالغانتىڭ.‹‹توۋا بىر چۈشنىمۇ قايتا-قايتا كۆرىدىكىنە؟تۇرسۇننىڭ‹ 20 يىلدىن بۇيان بىر چۈشنى كۆرىمەن.چۈشۈمدە مەھلىمىزدىكى مەسچىتنىڭ ھويلىسىدىكى يوغان بىر تۇپ توغراق ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ.بۇ چۈشنى كۆرگەندە بۇ يەردىكى پىشقەدەملەرنىڭ بىرىسى ئالەمدىن ئۆتىدۇ...›دېگەنلىرى راستمۇ نىمە؟مەن ئۇنى ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلاۋاتىدۇ دەپ زاڭلىق قىپتىمەن ،مىڭىسىنىڭ بىرەر ۋىنتىسىدىن  چاتاق چىققان چېغى بۇ ئاداشنىڭ دەپتىمەن تېخى.مانا مەنمۇ بىر چۈشنى قايتىلاپ كۆرىدىغان بولۇپ قالدىمغۇ ئەمدى.بۇ قانداق بولغىنى ،بىرلا چۈشنى شۇنداقمۇ تەكرار-تەكرار كۆرگەن بارمۇ دەيمەن؟...››ساڭا بىر ئارامسىزلىق ئارام بەرمەيتى.ئىچىڭ سىقىلاتتى.بىر پاراكەندىچىلىك ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك بىئارام بولاتتىڭ. كۆزۈڭدە ياش،تىنىڭ تىترىمەكتە. كۆڭلۈڭ تولىمۇ يېرىم،دىلخەستىلىك قەلبىڭنى مۇجىقلاپ ھىچ ئارام بەرمەيتى. ئويلايتىڭ،ئويلىغانسىرى ئويلىرىڭ بىر-بىرىدىن چىگىشلىشىپ كېتەتتى.سەن ھەر كۈنى بىر ۋەھىمە،قورقۇنچ ئىچىدە  ياشايتىڭ.كۈنلىرىڭ تەشۋىش ئىچىدە ئۆتەتتى.سېنىڭ بىرلا چۈشنى تەكرار كۆرۈش بىلەن يەنە بىرلا خىيالنى تاكرار-تەكرار خىيال قىلىپ كېلىۋاتقىنىڭغىمۇ ئۇزاق بولغانتى.خىياللىرىڭ شۇنچە مال-ماتاڭ،چۇۋالچاق.ئادەم ئەلەيھىسسالام،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام،شەيتان،ئابدۇقادىر دەموللا،مەمىتىلى ئەپەندى،مەمىتىمىن ئاق كىرپىك،لۇتپۇللا مۇتەللىپ،ھېكىم نۇر،تۆمۈر غەلپە،لى شى پۇ،ئابدۇغوپۇر دەموللاھاجى(شاپتۇل دەمۇللاھاجى)...قاتارلىق بىر-بىرىدىن ئۇلۇغ زادلار،بىر-بىرىدىن پەسكەش مەلئۇنلار... پات-پات خىيالىڭنى پات-پاراق قېلىپ،ساڭا ئاراملىق بەرمەيتى.قەلبىڭدە مۇھەببەت-نەپرەت پورۇقلاپ قاينايتى.سەن ھاياجان،ئۆكۈنىش،غەزەپ ئىچىدە تولغۇناتتىڭ.بۇرخۇتۇم بولاتتىڭ.لەۋلىرىڭنى چىڭ چىشلەپ،غەزەپ-نەپرەت،ئۆچمەنلىك بىلەن مۇشتۇمۇللىرىڭنى تۈگەتتىڭ. سېنىڭ بۇنداق بۇرخۇتۇملۇق ئىچىدە ھەسرەت چىكىپ،ئاھ ئۇرۇپ ياشاپ كېلىۋاتقىنىڭغا خېلى يىللار بولغانتى. كۈنلىرىڭ تاش چىشلىگەندەك ئۆتىۋاتاتتى. يالغان –ياۋىداقلار يۈرىكىڭنى مۇجىيتى.يالغان ۋەدىلەر يۈرەك ياراڭنى تاتىلايتى. ئالدامچىلىقلاردىن، پەسكەشلىكلەردىن،بوزەك قىلىنىشلاردىن ئەمدىلا قېتىشىشقا باشلىغان يۈرىكىڭدىكى جاراھەت يانا قاناپ كەتكەنتى. ‹‹ بۇنداق جازالانغۇدەك مەن خۇدانىڭ ئالدىدا قانداق گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولغىتىم؟..خۇدا بەندىللىرىگە مۇشكۈللچىلىكنى خالىمايدۇ،راۋا كۆرمەيدۇ.ئەمما ئۆزۈمدىن،ئۆزۈمىزدەن ئۆتتى...››سەن پات-پات ئۆز-ئۆزۈڭگە شۇنداق شىۋىرلاپ قوياتتىڭ. 'D\Q$q
.KsR48g8
قاياقتىندۇر تۇيۇقسىز پەيدا بولغان،كۆزلىرىدىن رەزىللىك،شۇملۇق،ۋەھشىلىك يېغىپ تۇرغان بىر توپ ئېچىرقاپ كەتكەن تۈلكە،چىلبۆرە، قاۋان...لار ساڭا قاراپ تاشلاندى. سەن قېچىۋاتىسەن. ئۇلار سېنى تاپ باستۇرۇپ قوغلىماقتا...سەن بار كۈچۇڭ بىلەن قېچىۋاتىسەن...ئۇلار بار كۈچى بىلەن قوغلىماقتا...ئارلىق يېقىنلاشماقتا... ئۇلار ئاخىرى ساڭا يىتىشىۋالدى-دە،ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىڭنى چىشلەپ تارتىشقا باشلىدى.سەن شۇ تاپتا سۇلايمان قالپىقى(1) بولسا كېيىۋېلىپ، بۇ مەلئۇنلارنىڭ تالان –تاراج قىلىشىدىن قۇتۇلماقچى بولدۇڭ،ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس سەندە بۇ قالپاق نىمىش قىلسۇن؟! ئۇلار سېنڭ نالە-زارىڭغا،دەرد-پەريادىڭغا پىسەنت قىلماي سېنى بىر-بىرىدىن قىزغىنىشىپ يالاماپ-يالماپ،ماچىلدىتىپ چايناپ، بەس-بەس بىلەن يىيىشمەكتە؛سۆڭەكلىرىنىڭنى مەزە قىلىپ كوسۇلدىتىپ چايناشماقتا،بۇلارنى ئاز دېگەندەك بىر توپ يەتتە باشلىق يالماۋۇز ساڭا قاراپ شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كەلمەكتە... [6/ QUD8
P]E-Wp'p
-ئادەم بارمۇ؟... مېنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭلار!...ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن...مېنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭلار!!!... 6*OL.~WE
.6B\fr.za
دېكابىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېچىسى.365-كېچە.سەن يەنە قورقۇنچلۇق چۈش كۆرۈپ ئويغۇنۇپ كەتكەنتىڭ.تاڭ ئېتىشقا يەنە ئۇزاق ۋاقىت بار ئىدى.ناھيىتى ئۇزاق ۋاقىت... Xlo7enzY
B5e9'X^[
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ 8~sP{V%
"L~(%Nx3
(1)سۇلايمان قالپىقى ـــــ رىۋايەتلەردىكى كېيىۋالسا ئادەمنى غايىپ قىلىۋىتىدىغان قالپاق. *[Hrbln
6CJMQi,kn
U ZZJtQt
[ بۇ يازمىنىyulgunدە2011-05-04 09:07قايتا تەھرىرلىد ]

كەلگەن جايى: چوققا
muhabbat
سىز ياتقان شۇ بۆشۈك سىزگىمۇ ئالتۇن
دەرىجە: ئالىي ئەزا
UIDنومۇر: 4011
نادىر تېما: 6
يازما: 62
ئۇنۋان:يېڭى ئەز ھازىرغىچە62دانە
شۆھرىتى: 171 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 971 يۈەن
تۆھپە: 140 قېتم
ياخشى باھا: 102 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1059(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:14دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:1059 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:131 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:263 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:17 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-01-21
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-05
تۇنجى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقىت: 2011-05-02 00:42

بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. چۈش تەسىراتلىرڭىز بەكمۇ مولكەن.   Kg@'mG
چۈش، خىيال ئارقىلىق پىسخىك روھى ھالەت، ئەسەر باش تېمىسى يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. j0=6B
سىزدىن سەمىمىيلىك بىلەن سوراپ باقسام، 365-كېچە نېمىنى بىلدۈرىدۇ.

كەلگەن جايى: چوققا
dilxat
gulkalam
دەرىجە: مەستانە ئەزا
UIDنومۇر: 4747
نادىر تېما: 0
يازما: 139
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە139دانە تىما ئەۋەتكەن
شۆھرىتى: 329 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 3390 يۈەن
تۆھپە: 318 قېتم
ياخشى باھا: 221 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1697(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:17دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:1697 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:3 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:233 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:18 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-02-20
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-08-17
2 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-05-03 13:15

سىز ناھايىتى ياخشى بىر ھىكايىنى يېزىپسىز .ئەمما مەن سىزنىڭ نىمىنى يورۇتۇپ بەمەكچى ئىكەنلىگىڭىزنى بىلەممىدىم ئاققا خۇمار بولغۇچىمۇ؟ ياكى مەشۇقىنى تاشلىۋەتكەن ۋاپاسىزمۇ؟

baxtax
كەلگەن جايى: چوققا
Ramizan
دۇنيا بىر كۈندۇر ئۇ بولسىمۇ بۈگۈن.
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 3881
نادىر تېما: 3
يازما: 896
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە896دانە
شۆھرىتى: 1548 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 14147 يۈەن
تۆھپە: 1396 قېتم
ياخشى باھا: 713 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 4824(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:30دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:4824 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:126 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:268 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:46 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-01-16
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-08-26
3 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-05-03 14:57

ئېسىل يازما ئىكەن،قەلەم تۇلپارى ھارمىغاي. Pe`mZCd^
بىراق : پەيغەمبەر ۋە باشقا دىننىي زاتلارنىڭ ئىسمىنى،نامىنى يازغاندا ئىملا خاتالىقىغا دىققەت قىلغايسىز.

ئۇۋا بۇزغاننىڭ ئۇۋىسى بولارمۇ ؟
كەلگەن جايى: چوققا
tv
eyman  bilan  yaxa !!!!!!....
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
UIDنومۇر: 2868
نادىر تېما: 0
يازما: 415
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە415دانە
شۆھرىتى: 549 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 5464 يۈەن
تۆھپە: 461 قېتم
ياخشى باھا: 68 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 3570(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:26دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:3570 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:200 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:312 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:142 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-12-03
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-05-23
4 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-05-10 12:31

ئوقۇپ ئىچكىرلەپ كىتىپتىمەن ،ھىكايىدىكى چىل-بۆرىلەر زۇلۇم قىلغۇچلارغا قارتىلغانمۇ؟ W&5/1``u\
ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى سان-سىپىرلىق كەلسە سىرلىق تۇيغۇ بىردىكەن. SKC;@?
مىڭبىر كىچە،365-كىچە دىگەندەك.

ئەخلاق ئادەم زىننىتى
كەلگەن جايى: چوققا
SADAKAT
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
UIDنومۇر: 1853
نادىر تېما: 0
يازما: 209
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە209دانە
شۆھرىتى: 560 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 7131 يۈەن
تۆھپە: 524 قېتم
ياخشى باھا: 376 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 4260(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:28دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:4260 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:80 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:371 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:7 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-10-05
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-04
5 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-07-17 23:53

بەك ياخشى يېزلىپ تۇ

ساداقەت
كەلگەن جايى: چوققا
ئىززىتىڭنى بىل, قەدرىڭ بولىدۇ!
دەرىجە: يازما چولپىنى

UIDنومۇر: 913
نادىر تېما: 0
يازما: 604
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە604دانە
شۆھرىتى: 2423 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 26659 يۈەن
تۆھپە: 2394 قېتم
ياخشى باھا: 2305 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 998(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:13دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:998 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:42 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:421 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-08-16
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-12
6 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-08-18 00:14

ۋەقەلىك ياخشى يىزىلىپتۇ  ،لىكىن نىمىنى يورۇتماقچى ، نىمىشقا شۇنداق قارا باسىدۇ ؟

مەن !دىمە كىبىرلىكىڭ چىكىگە يەتمىسۇن.پىقىر كۆڭۈل بول.
كەلگەن جايى: چوققا