قىسقا كەلگەن ياز BIcE3}dS8
(ھېكايە)
چۇقان
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر تېما پەقەت ئانا تۇپراق مۇنبىرىگىلا خاس. باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىنىشقا قەتئىي بولمايدۇ.
/}M@@W
مۇقەددىمە ئورنىدا؛ ھۆرمەتلىك تورداشلار، ئۆزەمگە ئايان، مەزكۇر تېما ئۇيغۇر تىلىدىكى 32 ھەرپتىن تەركىپ تاپقان سۆزلىك دۆۋىسى. مەن كەچمىشىمنى ھېكايە قىلىپ يېزىپ باقتىم. ئەلۋەتتە، ھېكايىدىكى ۋەقەلىك راست بولسىمۇ مۇناسىۋەتلىك پېرسۇناژلار ۋە ئورۇن-جايلارنىڭ نامى ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن. شۇ سەۋەپتىن ھېكايە ئاپتۇرىغا ئۆز ئىسمىمنى قوللانماي بۇرۇندىن قوللىنىپ كېلىۋاتقان تەخەللۇسىمدىن باشقىچە تەخەللۇس قوللاندىم. ھەرگىزمۇ كۈتۈلمىگەن ئاۋارىچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈمۈد قىلمايمەن. ?FMHK\
مەن ئىلگىرى ئانچە مۇنچە شېئىر، ماقالىلەرنى يېزىپ، بىر قانچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان بولساممۇ ھېكايە يېزىشىم تۈنجى قېتىم. شۇنداق بولغان ئىكەن ھېكايەمنىڭ مۇنبىرىڭلارنىڭ مۇنبەر ئاپتۇرلىرىغا قويغان تەلىپىدىن خېلى يېراق بولىشى تۇرغانلا گەپ. ھېكايەم تورداشلاردا مۇھەببەت، نىكاھ،، ئائىلە، دوستلۇق قاتارلىق جەھەتلەردە قايتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈشكە تۈرتكە بولالىسا مەن بۇنى ئەبجەش ھىكايەمنىڭ ئۇتۇقى دەپ قارايمەن. مەن بۇ ھېكايىنى پەقەت قورسىقىمنى بوشىتىۋىلىش مەقسىدىلا يازغان، توغرا چۈشۈنىشىڭلارنى ئالدىن تۆۋەنلىك بىلەن ئۆتۈنىمەن. u1]5qtg"
تورداشلاردىن يەنە تۆۋەنلىك بىلەن ئۆتىنىدىغىنىم شۇكى؛ ھېكايەمگە قارىتا ئىنكاس يازماقچى بولغان تورداشلارنىڭ ئىلمىي بولىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. ]^Q`CiKd
e?Cbl'
nHT2M{R
X.T.^}=
^$x^JM ]/
C@Wm+E~;8
T+2?u.{I
rcQ?E=V2O
-?e~S\JH
رىشتىمىز ئۈزۈلمەي باغلاندى مەھكەم، Wigm`A=,r
fNB*o={r|
ئون يىللار ئازابلىق ئۆتسىمۇ شۇنداق. -JUv'fk
]p#Zdm1EL
ئەسلەيمەن يۈرەكتىن سېغىنىپ يارنى، e1+%c9UQ
1>|p1YZ"
ئاھ ، تەڭرىم! ئېيتقىنا تەغدىرىم قانداق. >#>YoA@S
)EcF[aO
L!e@T'
u`
,~G[\2~p
2006- يىلى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى. نەچچە يىلدىن بېرى كېسەل تارتىپ، بۇ قېتىممۇ يەنە دوختۇرخانىدا سەللىمازا ساقىيىپ چىققان ئايالىمنى ئارام ئالدۇرۇش ۋە تېخىمۇ ياخشى بوپ كېتىشى ئۈچۈن يۇرتىمىزدىن ئانچە يېراق بولمىغان ئارشاڭغا چوڭلار بىلەن يولغا سېلىپ قويۇپ نەچچە كۈندىن بېرى ئۆيدە بالىلارغا قاراپ ئولتۇرغان ئىدىم. 1lx\Pz@ol
9`vse>,-hg
بۈگۈن ھاۋا باشقىچىلا شۇنچە دېمىق، بالىلار سېرتقا ئوينىغىلى چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۆيدە تېلىۋېزۇر كۆرۈشكىمۇ خوشياقماي كاڭدا تورۇسقا قاراپ تەگسىز خىياللارغا غەرق بولغان ئىدىم. تۇيۇقسىز ئۆي تېلىفۇنۇم جىرىڭلاپ خىياللىرىمنى بۆلدى. تېلىفۇننى ئىلىشقا ئېرىنىپ خىياللىرىمنى داۋام ئەتتىم. بىر ئازدىن كېيىن تېلىفۇن يەنە سايرىدى. بۇ قېتىم خاپىغان ھالدا، سەل تۇرۇۋېلىپ ئېرىنچەكلىك بېلەن تورۇپكىنى قولۇمغا ئېلىشقا تەمشەلگىنىمدە تېلىفۇن ئۈزۈلدى. تېلىفۇن ئېكرانىغا قارىسام Ⅹ شەھەرنىڭ ناتونۇش مۇقىم تېلىفۇن نومۇرى. تەئەججۇپ ئىلكىدە قارشى تەرەپكە تېلىفۇن قايتۇردۇم. -4HI9Czts
jp&