سىز مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ زامان شاۋقۇنلىرى ئىچىدە ئۈن-تىنسىز غايىپ بولۇپ كېتىشىنى خالامسىز؟
!~C%0{9+u@ سىز ئىپتىخار تۇيغۇلىرىمىزنى ئويغىتىپ، غورۇر ۋە ئىشەنچىمىزنى ئۇلغايتىپ كېلىۋاتقان باشلامچى كارخانىلىرىمىزنىڭ ۋەيران بولغان، نۇرغۇن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشسىزلىق كوچىسىدا سەرسان بولغان ھالىتىنى كۆرۈشنى خالامسىز؟
0^>, سىز بىر مۇناپىق ياكى ۋىجدانىڭىزنى ئىت يەپ كەتكەن ئادەم بولمىسىڭىزلا خالىمايسىز! ئەكىسچە، ھەربىر ئۇيغۇر، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭمۇ، مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ بايراقدارى بولغان «ئارمان»، «ئىخلاس»، «ئامىنە»،«گۈل يۈرەك»... شىركەتلىرىنىڭمۇ دۇنياۋى سەھنىدە پارلىشىنى، «ئۇيغۇرسوفت»قا ئوخشاش يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنىڭ دۇنياۋى سەۋىيەدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ!
xRc+3Z= N چۈنكى، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى يالغۇز شۇ كارخانا، شۇ شىركەتكىلا تەئەللۇق بولۇپ قالماي يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، ئۇيغۇر ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدۇر. ئۇلار ئۆز تەرەققىياتى بىلەن بىرگە ئۆزى تەۋە بولغان مەدەنىيەت تۈركۈمىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنىمۇ باشقىلارغا تونۇتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مىللىي كارخانىلارنىڭ تەرققىياتى ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشى ئەمەلىيەتتە بىر خىل مەدەنىيەت ئاڭ-فورماتسىيەسىنىڭ تەرققىياتى ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشىدۇر.
3\}u#/Vb ئۇنداقتا ئاشۇ شىركەت–كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى نېمىگە باغلىق؟ كىمنىڭ قولى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ؟
O'98OH+u بىز شۇنداق جاۋاب بىرەلەيمىزكى، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى تەكلىماكاننىڭ گىرۋىكىدە غەمگە چۆكۈپ ئولتۇرغان دېھقان؛ ئالىي مەكتەپ قوينىدىكى «سىز»؛ ئالدىراش تۇرمۇش رېتىمىدە پالاقلاپ يۈرۈۋاتقان «ئۇ»؛ بور توزانلىرىنى ئاسمانغا يۇلتۇز قىلىپ چېچىۋاتقان «مەن» ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. سىز ياكى مەن ئاشۇ شىركەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ياكى ھالاك بولۇشنى، كېيىنكى قەدەمدە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ، ئۇيغۇرچە ئاڭ-فورماتسىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشى ياكى ھالاكىتىنى بەلگىلەيمىز!
?0:]%t18 ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىكى ئالىم ئەھەت ئەپەندىم ئۇيۇشتۇرغان بىر قېتىملىق لېكسىيەدە، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا گەپ بولغاندا، بىرەيلەن ئالىم ئەھەت ئەپەندىمدىن: «ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال سەۋىيەسى دۇنياۋى سەۋىيەدىن ناھايىتى ئارقىدا قالغاننىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن خىرىسقا دۈچ كەلدى، بىزنىڭ قەدىمىمىز تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ماسلاشمىغاچقا، باشقىلار ئىشلىگەن يۇمشاق دېتاللار بازارلارنى ئىگىلەپ كېتىۋاتىدۇ. سىز دىيارىمىزدا مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق كىشى، سىز ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال بازىرىنىڭ كەلگۈسىگە قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىغاندا، ئالىم ئەھەت ئەپەندىم بىردەم تۇرۇپ كېتىپ: «بۇ سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىم شۇكى، مەن باشقىلارغا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. ئەمما ئۆزۈم شۇنداق ھۆددە قىلىمەنكى، مەن ئىشلەتكەن كومپيۇتېردا چوقۇم ئۇيغۇرچە يېزىق ۋە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال بولىدۇ؛ مېنىڭ بالام ۋە ئايالىم ئىشلەتكەن كومپيۇتېردا چوقۇم ئۇيغۇرچە يېزىق ۋە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. بالىلار بىر نەرسىنى چۈشەنمىگەندەك بىردەم تۇرۇپ قېلىشتىيۇ، ئارقىدىنلا ھەممىسى قايىللىق بىلەن باش لىڭىشتىشتى.
X>`03?L قارىماققا ئالىم ئەھەت ئەپەندىمنىڭ گېپى سوئال بىلەن تازا باغلىنىشى يوقتەك تۇرىدۇ. لېكىن تېگى–تەكتىدىن ئالغاندا ئۇ ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ماھىيەتلىك باغلىنىشنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
dz+!yE\f$ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان خېرىدار بولغاندىلا، شىركەت تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ، يېڭى تۈرلەرگە قورقماي مەبلەغ سالالايدۇ. شۇڭلاشقىمۇ سودىدا «خېرىدار-خۇدا» دەپ تەمسىل قىلىنىدۇ. راست، بىر قىسىم شىركەتلەر ئاۋۋال ئۆزلىرى ئېھتىياج شەكىللەندۈرۈپ، ئاندىن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئاخىرىدا ئۆز مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆزلىرى شەكىللەندۈرگەن ئاشۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ پايدا ئالالايدۇ. ئەمما بۇ مونوپۇل خاراكتېرىدىكى شىركەتلەرگە ماس كېلىدۇ. ئەكىسچە، بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىمىز ئاشۇنداق مونوپۇللۇقلار ئىچىدىن خۇددى قىيا تاش ئارىسىدىن كۆكلەپ چىققان گىياھتەك كۆكلەپ چىقماقتا. ئاشۇ خىل كۆكلەشلەرگە ئەل سۆيەر ئوغلانلارنىڭ يۈرەك قېنى، تەۋەككۈلچىلىكى سىڭگەن. ئەمدى ئۇ پەرۋىش قىلىشقا، قوغداشقا، يېتەكلەشكە مۇھتاج. گىياھ دەسلەپتە ئۈنگەندە ئىنتايىن ئاجىز بولىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆسكەندە، باراقسانلىغاندا بولسا شۇنى ئۆستۈرگەن ئادەملا ئەمەس، يەنە نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنەلەيدۇ، ئۇنىڭ سايىسىدا سالقىندايدۇ.
E`_T_O=P مەن شۇنداق بىر ئادەتنى يېتىلدۈرگەن: بىر نەرسە سېتىۋالسام ئوخشاش مەھسۇلات ئىچىدە ئۆز شىركەتلىرىمىز ئىشلەپچىقارغان، مەھسۇلاتى ئازراق قىممەت بولسىمۇ، سۈپىتى باشقا مەھسۇلاتلارغا يەتمىسىمۇ يەنىلا شۇنى سېتىۋالاتتىم. مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشىم ئۇلارنى قوللىغىنىم، ئۇلارغا تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىنىم، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقىنىم ئىدى. چۈنكى ئۇلار نۇرغۇن «مەن»لەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا تەرەققىي قىلسا، ھەتتا چەتئەللەرگىچە تەرەققىي قىلسا، چەتئەللەرگە ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىمۇ ئۇلارغا «ساتاتتى»، ئىستېمال قىلدۇراتتى. باشقىلار مېنىڭ كىملىكىمنى ئاشۇلار ئارقىلىق تونۇيتتى. مېنىڭ يەنە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋالغىنىم خوتەندىكى، قەشقەر كونا شەھەردىكى ياكى قەشقەر يېڭىشەھەردىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلغىنىم ئىدى. ئۇلار مەندەك ئىستېمالچىلىرىغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئاشۇ سەبىيلەرگە ئوقۇش شارائىتى ھازىرلاپ بىرەتتى. ئاشۇ سەبىيلەر ئىچىدىن كەلگۈسىدە دۇنياۋى ئالىملار چىقمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟
=| T ^)J بىزنىڭ بىر كارخانىنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشىمىز ئاددىي ھالدىكى بىز مەنپەئەتلىنىدىغان، كارخانا پايدا ئالىدىغان جەريان ئەمەس. ئاشۇ كارخانىلارنى قۇرۇۋاتقان ئەزىمەتلەردە پۇل تېپىشتىن ئىبارەت ئارزۇدىن باشقا تېخىمۇ يۈكسەك بىر ئارزۇ – مىللىي مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللىي گەۋدە سۈپىتىدە دۈچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مىللەتنى، خەلقنى تەرەققىياتقا باشلاشتىن ئىبارەت بىر ئىستەك يۈرەكلىرىدە يالقۇنجاپ كۆيۈپ تۇرىدۇ. ئۇنداق بولمىسا ئالىم ئەھەت ئەپەندىم لوندۇن ۋە ئامېرىكىدىكى ئاكىلىرىنىڭ: «بۇياققا كەل، ئاشۇ بىلىمىڭ بىلەن يۇقىرى تەمىناتلىق خىزمەت تاپالايسەن، قاچانغىچە 30 يۈەنگە ئەلكاتىپ سېتىپ يۈرۈيسەن» دېيىشىگە پەرۋا قىلماي «ئۇيغۇرسوفت»نى دەپ بۇ يەردە قالمىغان؛ دوكتۇر خالمۇرات غۇپۇرمۇ يۇقىرى ئىش ھەققى ۋە خىزمەت شارائىتىنى تاشلاپ چەتئەلدىن يېنىپ كىرمىگەن؛ رادىل ئابلامۇ ھازىرقى ئىگىلىكىنىڭ قەنتىنى چاقماي «ئۆگىنىمەن، تەرەققىي قىلدۇرىمەن» دەپ پايپاسلاپ يۈرمىگەن بولۇر ئىدى... ئۇلارنىڭ نەزەرىدە پۇلدىنمۇ مۇھىم بىر نەرسە بار ئىدىكى، ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ راھەتلىرىدىن ۋاز كەچكەن، ئۆزلۈكسىز تىرىشقان ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ئىدى .
>x*[izr/K دېمەك، ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئېيتساق مىللىتىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ قولىدا. مىللىي كارخانىلىرىمىزغا، مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە تەرەققىيات پۇرسىتى ھازىرلاپ بېرەمدۇق ياكى ئۇلارنى ھالاكەت يولىغا باشلامدۇق؟ بۇ ئۆزىمىزگە باغلىق.
2F*>&n&Db7 ئاخىرىدا مۇنداق بىر ھېكايە بىلەن يازمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن:
3m75mny چەتئەلدىكى بىر يەھۇدىيلار مەھەللىسىدە بىر يەھۇدىي بار بولۇپ، باشقا يەھۇدىيلار ئۇنى «ئاچكۆز، ئالدامچى» دەپ بەكمۇ يامان كۆرىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېلىقى «ئاچكۆز، ئالدامچى» دەپ ئاتالغان يەھۇدىي مەھەللىنىڭ چېتىدە دۇكان ئېچىپتۇ. ھەيران قالارلىقى، شۇ مەھەللىدىكى يەھۇدىيلار خېلى يەرلەردىن، نۇرغۇن دۇكانلاردىن ئاتلاپ كېلىپ ئۇنىڭ دۇكىنىدىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىكەن. بىر چەتئەللىك بۇنى چۈشەنمەي قوشنىسىدىن سوراپتۇ: «سەن پالانچىنى ئالدامچى، ئاچكۆز دەپ تىللاۋاتاتتىڭ، شۇنداق تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭ دۇكىنىدىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىكەنسەنغۇ؟» دەپ سوراپتۇ. ھېلىقى يەھۇدىي: «ئۇنىڭ ئالدامچى ،ساختىپەزلىكى راست، ئەمما ئۇ سودىدىن پايدا ئالسا ئاشۇ پۇللارنڭ بىر قىسمى بىلەن بالىلىرىنى تەربىيەلەيدۇ، بەلكىم بالىلىرى ياراملىق ئادەم بولۇپ يەھۇدىيلار ئۈچۈن چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بېرەلىشى مۇمكىن» دەپ جاۋاب .?s jr4
)B$Q G7CkP مەنبە؛
http://anana05.blogbus.com/index_2.html