)PwDP
I7}[%(~Sf/
2004-يىلى9-ئاينىڭ 3-كۇنى ، بۇگۇن مەن ئىشخانامدا ئۇلتۇراتتىم تۇساتتىن باشلىقىم ماڭا بىر دىلۇنى سۇراق قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ مىنى تىزرەك سوراقخانىغا چىقىشقا بۇيرىدى ، مەن دەرھال سۇراقخانىغا كىرسەم جاۋاپكار ئۇرنىدا 16-17 ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر قىزى ئۇلتۇرۇپتۇ مەن ئۇنى سۇراق قىلىشقا باشلىدىم ، سۇراق نەتىجىسىدىن مەلۇم بولدىكى بۇ قىزنىڭ ئىسمى رىسالەت ئۇزى 1987-يىلى6-ئاينىڭ 12-كۇنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بىر كىچىك ناھىيسىدە تۇغۇلغان بۇلۇپ بۇ قىزنىڭ ئاتا ئانىسى 99-يىلى يەنى قىز 12 ياشقا كىرگەندە قاتناش ھادىسى بىلەن ئالەمدىن ئۇتكەن بۇلۇپ شۇنىڭدىن كىيىن بۇ قىزنى ئۇنىڭ مۇمىسى بىقىپ چۇڭ قىلغان ئىكەن ، ئەمما بۇ قىز تۇلۇقسىز 3- يىللىقنى پۇتتۇرگەن يىلى مومىسى كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۇتۇپتۇ ، ئۇرۇق تۇققانلىرى بۇلسا بۇ قىزنىڭ تۇرمىشىدىن ئانچە مۇنچە خەۋەر ئېلىپتۇ ، ئەمما ئۇرۇق -تۇققانلىرىنىڭ ئۇيى سەھرادا بۇلغانلىقى ئۇچۇن بۇ قىز ئۇقۇش ئۇچۇن مومىسىنىڭ ئۇيىدە ئۇزى يالغۇز قاپتۇ ، نەتىنجىدە ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن قىز ئۇزى يالغۇز تۇرمۇش كەچۇرۇشكە باشلاپتۇ ، بۇ قىز ئەلا نەتىنجە بىلەن تۇلۇق ئۇتتۇرىغا قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ئاستا - ئاستا تورغا كىرىشىنى ئۇگۇنۇپتۇ ئۇ باشتا تورغا ناخشا ئاڭلاش ئۇچۇن ، ئۇزىنىڭ تۇرمۇشتىكى يالغۇزلىقىنى ئۇنتۇش ئۇچۇن كىرگەن بۇلسا بارا بارا تۇردا دوست تۇتۇشنى باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشنى ئۇگۇنۇپتۇ ۋە بىر بالا بىلەن توردا مۇھەببەتلىشىشكە باشلاپتۇ ، ئاقىۋەت كىچىكككىنە ناھىيىدە چوڭ بۇلغان بۇ سەبى قىز ئۇ ئۇغۇل بالىدىن قىز - ئۇغۇللار تۇغرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە چوڭ شەھەردىكى ئىشلار تۇغۇرلۇق نۇرغۇن سۇزلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ سەبى قەلبىدە مۇشۇ ئۇغۇل دۇستى بىلەن كۇرۇشۇش نىيىتى پەيدا بۇلۇپتۇ ۋە 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۇنى ئۇيىدىن چىقىپ كىتىپ ئۇرۇمچىگە قاراپ يۇل ئاپتۇ ۋە ئۇغۇل دۇستى بىلەن كۇرۇشپتۇ ئۇ قىز مومىسىدىن ۋە ئاتا- ئانىسىدىن مىراس قالغان بارلىق قىممەتلىك نەرسىلەرنىمۇ بىرگە ئېلىپ چىقىپتىكەن ، ئۇغۇل دۇستى بىلەن ئىككىسى بىر نەچچە كۇن ئۇرۇمچىنىڭ ئەممە يەرلىرىنى ساياھەت قىلىپ قىممەت باھالىق ئېسىل مىھمانخانىلاردا يېتېپ تاماشا قىلىپتۇ ئەمما 4كۇندىن كىيىن بۇلسا رىسالەتنىڭ ئۇغۇل دۇستى بارلىق نەرسلەرنى ئېلېپ قېچېپ كىتىپتۇ ، بۇ قىز بۇ ئ.ىشلارنى بىلگەندىن كىيىن ناھايىتى ئازاپلىنىپتۇ ، ئەمما بۇلۇپ بۇلغان ئىشلار ئەسلىگە كەلمەيدۇدە شۇنىڭ بىلەن بۇ قىز ئۇغۇل دۇستىنى ئېزلەشكە باشلاپتۇ ئەمما ئۇرۇمچى دىگەن چۇڭ شەھەر يەنە كىلىپ بۇ قىزنىڭ تۇنجى قېتېم كىلىشى تۇرسا ئۇنى نەدىن تاپالىسۇن ، ئامالسىز بۇ قىز ئاشخانىلاردا قاچا يۇيۇپ يۇرۇپتۇ كىيىن ئاشخانا خۇجايىنى ئۇنى بۇزەك قىلىپ پۇلىنى بەرمەپتۇ ئاشخانىدا بىرگە ئاشلەيدىغان باللار بۇلسا ئۇ قىزنى بۇزەك قىلىپتۇ بىچارە قىز ئاشخانىدىن ئازراق پۇلنى ئېلېۋېلېپ قېچېپ كىتىپتۇ ، ئەمما ئۇنىڭ قانۇن ئېڭى تۇۋەن بۇلغاشقا ساقچىغا مەلۇم قىلماپتۇ ئۇ يانچۇقىدىكى ئازراق پۇل بىلەن يەنە بىر تورخانىغا كىرىپ تورداشلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىپتۇ ، بۇ چاغدا ئۇرۇمچىلىك نادىرە ئىسىملىڭ بىر قىز ئۇنىڭغا مەن سىزگە ياردەم قىلىمەن دەپتۇ ۋە ئۇ قىزنىڭ قىشىغا كىلىپ ئۇنى ئۇيىگە ئەكىتىپتۇ لىكىن ئۇ نادىرە دىگەن قىز تانسىخانلاردا ، مىھمانخانىلاردا 3كە ھەمراھ بۇلغۇچى قىز ئېكەن ئۇ قىز *5j iC
رىسالەتنىمۇ مۇشۇ ئېشنى قىلىشقا مەجبۇرلاپتۇ رىسالەتمۇ ئامالسىز ماقۇل بۇلۇپتۇ ، ئەمما رىسالەت كۇندە تاپقان پۇللارنى نادىرە ئېلىۋالدىكەن ، بىچارە قىز بارا-بارا ھەممە نەرسىدىن ۋاز كىچىپ نەچچە قىتىم ئۇلۇۋالماقچى بۇلۇپتۇ ئەمما ئۇلۇۋېلېش مەقسىتىگە يىتەلمەپتۇ ، كىيىن ئۇ پۇرسەت تېپېپ نادىرەنىڭ قىشىدىن قىچىپ چىقىپ كىتىپتۇ ، ئۇ بۇ يەردىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن يەنە تۇرغا كىرىپ ئۇغۇل دۇستىنى ئېزلەشكە باشلاپتۇ ئەمما ئۇنى تاپالماپتۇ ئۇ بىر نەچچە كۇنىنى تورخانىدىلا ئۇتكۇزۇپتۇ شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ يىنىدىكى پۇللۇرىمۇ تۇگەپتۇ بىچارە يەنە بىر نەچچە كۇنىنى سىرىتتا يەنى چىملىقلاردا ئۇيلەرنىڭ يەر ئاستى تەرەپلىرىدە يېتېپ ئۇتكۇزۇپتۇ ، بىر كۇنى ئۇنىڭغا بىر قىز ئۇچراپ قاپتۇ ۋە مەن سىزگە ياردەم قىلاي دەپ ئۇنى ئۇزى ئېجارە ئېلېپ ئۇلتۇرۇۋاتقان ئۇيۇگە ئەكەپتۇ ، بۇ ئۇيۇدە ئۇ قىز ئىچكىرىدىن كەلگەن ئۇغۇل دۇستى بىلەن تۇرىدىكەن بۇ قىز رىسالەتكە ناھايىتى كۇيۇنۇپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ناھايىتى چىرايلىق كىيىملەرنى ئېلېپ بېرېپتۇ ئارىدىن بىر نەچچە كۇن ئۇتكەندىن كىيىن ئۇ قىز رىسالەتكە ئۇزلىرىنىڭ شاڭخەيگە بارىدىغانلىقىنى خالىسا ئۇنىمۇ بىرگە ئېلېپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ رىسالەت ئېچچكىرى ئۇلكىلەرنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە ماقۇل دەپ قۇشۇلۇپتۇ ئۇلار پۇيىز بىلەن ئېچكىرىگە بېرېپتۇ ئۇ يەرگە بارغاندىن كىيىن ئۇز ۋاقتىدا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلغان ئاچىسى بۇلسا رىسالەتنى بۇلسا ئۇرۇپ تىللاپ ئۇنى ئۇغۇرلۇق قىلىشقا مەجبۇرلاپتۇ رىسالەت ئامالسىز ماقۇل بۇلۇپتۇ ۋە ئۇ قىز نىمە دىسە شۇنى قىلىشقا مەجبۇر بۇلۇپتۇ ، بۇ جەرياندا رىسالەت كۇرمىگەن كۇننى كۇرۇپتۇ ئاھ دىمىسمۇ 16 ياشلىق بىر قىزغا بۇ كۇنلەر ئاسانمۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ كىيىن بۇ قىزنى ياخشى نىيەتلىك بىر خەنزۇ شىنجاڭغا يۇلغا سېلېپ قۇيۇپتۇ ، بۇ قىز يەنە ئۇرۇمچىگە كەلگەندىن كىيىن يۇرتىغا قايتىپ كىتىشنى ئۇيلىغان بۇلسىمۇ لىكىن ئاتا ئانىسى ياكى مۇمىسى بۇلمىغاشقا ئۇ يەردىمۇ نىمە قلىشنى بىلمەيدىكەن شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇرۇمچىدە ئۇز ئالدىغا ئۇغۇرلۇق قىلىشقا باشلاپتۇ بۇ جەرياندا ئۇ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ پۇل تىلىفۇن قاتارلىق نەرسىلىرىنى ئۇغۇرلاپتۇ بۇ جەرياندا نەچچە قېتېم ساقچىغا كىرىپ قاپتۇ ساقچىخاندىن چىققاندىن كىيىن بۇلسا ئۇ ئۇرۇمچىدە تۇرماي بۇرتالاغا كەپتۇ ۋە بۇ يەردە بۇرۇنقى ئۇغۇل دۇستىنى كۇرۇپ قېلېپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇلغاندىن كىيىن ئۇغۇل دۇستىنىڭ خىرويىن خۇمارى تۇتۇپ كىتىپ قېتېپ قېلېپ ياتاقتا ئۇلۇپ قالغاندىن كىيىن ئۇ قىز ياتاقنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرىغا ئەھۋال مەلۇم قىلغان ئېكەن .. بىز بۇ قىزنىڭ ئاغزىدىن بۇ سۇزلەرنى ئاڭلاپ بىر تەرەپتىن بۇ قىزغا ناھايىتى ئىچىمىز ئاغرىغان بۇلسا بىر تەرەپتىن ئاشۇ قۇرامىغا يەتمىگەن سەبى بالىلارنىڭ نابۇت بۇلۇشغا سەۋەبچى بۇلغان تۇرخانىلارغا ۋە ئاۋازلىق چايخانىلارغا ناھايىتى نەپرەتلەندۇق ،،،، ئەگەر رىسالەتنىڭمۇ ھامىيىسى بۇلغان بۇلسا ياكى ئۇ قىزنىڭ قانۇن ساۋادى بۇلغان بۇلسىمۇ بەلكىم مۇشۇنداق ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقمىغان بۇلاتتى............. v<c8qg
2#rF/!`^
.بىر قىز بىلوگسدىن =A,i9Z&