ئىسلامدا تەنقىد قانداق بولىدۇ؟ BznA)EK?@
Y^Q|l%Qrb
!s*''v*
_`{{39 F
ئۇستا دوختۇر ئاغرىق كىشىگە: «نېمىشقا كېسەل بولىۋالدىڭ؟» دەپ ئاچچىقلىمايدۇ. كېسەللىك كىشىنىڭ شەخسىي سەۋەنلىكى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، بۇنى كېسەلنىڭ ھەرىكىتى ۋە چۈشەنچىسىدىكى ئاجىزلىقتىن مەيدانغا كەلگەن بىر نەتىجە دەپ بىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كېسەلگە كېسەل بولۇشىغا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلار سەۋەبىدىن خاپا بولماي، ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازاۋىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ۋاقتىدا مەرھەمەت ۋە شەپقەت بىلەن داۋالاشقا تىرىشىدۇ، دوختۇر ئۆزىنى داۋالاشقا مەسئۇل دەپ بىلىدۇ. مۇتەسەۋۋۇپلارمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش دوختۇرخانا ياتاقلىرىنى ئايلىنىۋاتقان بىر دوختۇرنىڭ ھېسسىياتى بىلەن ياشايدۇ. سۆز-ھەرىكىتىگە ھاكىم بولغان بۇ ھېسسىيات يولدىن چىقىپ كەتكەنلەر ئۈچۈن ئابى ھايات بولىدۇ. بۇنداق جان قۇتقۇزغۇچى ئابى ھاياتنى تەقدىم قىلىش، دىنىي جەھەتتىن گۇناھكار بولغان بىر ئىنساننى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن گۇناھ پاتقىقىدىن قۇتقۇزۇش ناھايىتى ئۇلۇغ سائادەت ۋەسىلىسىدۇر. ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خەيبەرنىڭ فەتھى جەريانىدا ھەزرىتى ئەلىگە قىلغان شۇ نەسىھىتى ناھايىتى مەنىداردۇر: ^s~n[
«يا ئەلى! بىر كىشىنىڭ سېنىڭ ۋاستەڭ ئارقىلىق ھىدايەتكە ئېرىشىشى سېنىڭ ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك دۇنيا نېمىتى بولغان قىزىل تۆگىلەرگە ساھىب بولۇشتىن تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر.» (بۇخارى، «جىھاد»، 143) `vxrC&,As
بۇ ھەقىقەت قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن: ,PMb9O\B
«كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ، كىمكى بىر ئادەمنى تىرىلدۈرسە (يەنى قۇتقۇزسا ياكى ھايات قېلىشىغا سەۋەپچى بولسا)، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى تىرىلدۈرگەندەك بولىدۇ» (مائىدە سۈرىسى، 32-ئايەت) دېيىلگەن. &<V_[Wh"
بۇ بىر ئىمان مەسىلىسىدۇر. شۈبھىسىز ئىنسانى تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلەرنىڭ خاتالىقى جەھەتتە ئەڭ ئېغىرى كۇفۇردۇر. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يۇلى يۇمشاق سۆزلۈك مېتود بىلەن مۇمكىن بولۇش ئېھتىمالى تېخىمۇ يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، جانابى ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى فىرئەۋىننى ئىمانغا دەۋەت قىلىشقا ئەۋەتكەندە ئۇنىڭغا «قەۋلى لەييىن»، يەنى يۇمشاق سۆز بىلەن خىتاب قىلىشنى ئەمىر قىلغان. چۈنكى ھىدايەتكە دەۋەت قىلغۇچىنىڭ بۇ ئىشتىكى مۇۋەپپىقىيىتى يۇقىرىدا ئىپادە قىلىنغاندەك، ساۋابنىڭ ئەڭ بۈيۈكىگە كۆۋرۈك بولىدىغان سالىھ ئەمەللەردۇر. ئاللاھتائالا فىرئەۋىننىڭ كۇفۇردىكى قاتتىق غەپلىتىنى بىلەتتى. بۇ سەۋەپتىن ئۇدۇلىمىزدىكى ئادەم كاپىرلىقتا فىرئەۋىن دەرىجىسىدە قاتتىق بولسىمۇ بىزنىڭ دەۋەت مېتودىمىز ئۇرۇپ چېقىش، تەھدىت قاتارلىق نەپسانى ھېس-تۇيغۇلار بىلەن ئەمەس، يۇمشاق سۆز بىلەن دەۋەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىلاھىي تەلىمات دائىرىسىدە بولىشى كېرەك. رۇمىي:«ئاللاھنىڭ (ئەي مۇسا! فىرئەۋىنگە قارىتا يۇمشاق گەپ قىل، ئۇنىڭغا يۇمشاق بولغىن!) دېگەن سۆزىنى ياخشى چۈشەنگىن. چۈنكى قايناۋاتقان قازانغا سۇغۇق سۇ تۆكسەڭ ئۇچاقنى ھەتتا قازاننىمۇ خاراپ قىلىسەن.» دېگەن. zt[4_;2Y
جانابى ئاللاھ قۇرئانى كەرىمدە بۇ ھەقىقەتنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ: }\ 939Y
«ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ. ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى. ئۇلارنى ئەپۇ قىل، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن (كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.» (ئال ئىمران سۈرىسى، 159-ئايەت) !jnqA Z
بۇ مېتود پەقەتلا گۇناھكار، كاپىرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ يۇقىرى نوقتىدا ئىسلامنى ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئۈچۈنمۇ، ئىنسان تەبىئىتىدىكى بىر قىسىم ئاجىزلىق ۋە ئەيىپلەرگە قارىتا كېرەكلىكتۇر. چۈنكى خاتالىقنى تۈزۈتىشكە ئۇرۇنغاندا قارشى تەرەپنىڭ قەلبىنى رەنجىتىدىغان دەرىجىدە قاتتىق، قوپال ئۇسلۇب قوللىنىش مەقسەتكە زىت نەتىجە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى بۇ خىل مېتودتا قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇشلاردا ئىنسانلار بەزى ۋاقىتلاردا ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيەسىگىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەيىپلىشىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئەيىپلىشىگە تېخىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئېيتىلغان توغرا سۆزلەرمۇ كۆڭۈلگە سېلىنغان پىچاققا ئوخشاش تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ھېچ قانداق پايدا كەلتۈرمەيدۇ. بۇ ھەقتە رۇمىي:«بىر خاتالىقىڭ سەۋەبىدىن ساڭا ئازار بەرگەن ۋاقتىدا داداڭمۇ سېنىڭ كۆزۈڭدە بىر يىرتقۇچ ھايۋان كەبى ھۇجۇمچى ۋە چىشلەيدىغان بولۇپ كۆرۈنىدۇ...بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ ئازار ۋە جاپاسىدىن كېلىپ چىققان دەرتنىڭ تەسىرىدۇر. يەنى داداڭنىڭ نەسىھىتى سېنىڭ پايداڭ ئۈچۈن بولغان بولسىمۇ، ساڭا قىلغان تەسىرى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى مەرھەمەت ۋە ئىچ ئاغرىتىشىنى ساڭا يىرتقۇچ ھايۋاندەك كۆرسىتىدۇ.»دېگەن. s1Tl.p5
ئىنساندىكى بۇ پىسخىك ئەھۋالنىڭ ئونۇتۇلماسلىقى، قانچىلىك گۇناھقا پاتقان بولسىمۇ، يارىتىلىش ئېتىبارى جەھەتتىن ئۇنىڭ قىممەتلىك بىر مەۋجۇدىيەت ئىكەنلىك ئېڭى بىلەن ھەرىكەت قىلىنىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەدىس شەرىپلەردە رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: RZ|HwYG
«ئىنساننىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى پەس كۆرىشى ئۆزىنىڭ گۇناھكار بولىشىغا يېتەرلىكتۇر.» (مۇسلىم، «بىرر»، 32) دېگەن. nGv23R(?G
بۇ ھەدىس شەرىپنىڭ ھېكمىتىنى ناھايىتى ياخىشى چۈشەنگەن خانىش بەزمىئالام ۋالىدە سۇلتاننىڭ خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىيىتىنىڭ رەنجىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلار سۇندۇرۇپ سالغان ئەشيالارنى تولۇقلاپ بېرىش ئۈچۈن سۇرىيەدە بىر ۋەقىپ قۇرۇشى بىزگە چوڭ ئىلھام بولىدۇ. <E[HlL
بۇ خىل ئاڭغا ئىگە بولغان مۇسۇلمان تەنقىتنى ئۆزىگە، مەرھەمەتنى باشقىلارغا قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھتائالا قۇرئانى كەرىمدە: jom}_
«ئى مۆمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار (يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، (مۆمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى) ئىزدىمەڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بېرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يىيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، (ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ قىلغان) تەۋبىسىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر.» m@G<ZCMZ
يەنە ھەدىس شەرىپلەردە: «مۇئمىن باشقىلارغا ھاقارەت قىلىدىغان، لەنەتلەيدىغان، ناچار ۋە ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى قىلىدىغان كىشى ئەمەستۇر.» (تىرمىزى. «بىرر»، 48) دېيىلگەن. #h gmUa
بۇ مۇقەددەس تەلىماتلار نۇرى ئاستىدا ياشايدىغان غايىلىك ئىنسانلار ھېچ بىر ۋاقىت دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئايرىپ قارىمايدىغان بۈيۈك ئەخلاق ۋە پەزىلەت قەھرىمانلىرى بولغان. FQk_#BkK
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەلق ئارسىدا گۇناھ قىلغۇچى شەخسنى بىلسىمۇ ئۇنى رەنجىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن بىلمەسلىككە سېلىپ، بۇ خاتالىقتىن باشقىلارنىڭ يىراق تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلغان. بەزى ۋاقىتلاردا كىشىلەرنىڭ خاتالىقىنىڭ ئۇلارغا ياراشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش مەقسىتى بىلەن: «ماڭا نېمە بولدىكى، سىلەر بۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتقان چېغىڭلاردا كۆرۈپ قالىمەن.» (بۇخارى، «مەناقىب»، 25؛ مۇسلىم، «سالات»، 119) دەپ ئۆزىدە غالەتى رۇئيەت (خاتا كۆرۈپ قېلىش) بولغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ خاتالىق ئۆتكۈزگۈچىنى خىجىل قىلماسلىق ۋە ئۇنى پەس ئەھۋالغا چۈشۈرمەسلىك مېتودىدۇركى،چۈنكى ئاللاھ يۇلى كۆڭۈل يىقىش ئەمەس، كۆڭۈل ياساشتىن ئۆتىدۇ. بۇ ھەقتە يۇنۇس ئەمرە ناھايىتى گۈزەل ئېيتقان: T_@[k
p}YI#fin/
S'Z70 zJ
كۆڭۈل ئاللاھنىڭ تەختى، xSpMyXrQ
ئاللاھ كۆڭۈلگە قارىدى، 2BoFyL*
ئىككى جاھان بەدبەختى، {S5RK-ax
شۇ كۆڭۈلنى يىققۇچى! Nb~,`bu,2
W(;x\Nc7
K :1g"
ھەقىقەتەن، خاتالىقى سەۋەبىدىن تەنقىدلىنىپ چەتكە قېقىلغان ۋە خار كۆرۈلگەن كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ مېتود ۋە قاراشنىڭ بەرىكىتى بىلەن تەكرار رەھمەت ئىقلىمىغا كىرگەن. l6iw=b[?
رىۋايەت قىلىنىشىچە، جۇنەيدى باغدادى ھەزرەتلىرىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى بار ئىكەن. بىر كۈنى ئۇنى ئەيىپلىك بىر ئىش قىلىۋاتقاندا كۆرۈپ قاپتۇ. بۇنىڭدىن ناھايىتى خىجىل بولغان ئۇ ئوقۇغۇچى ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، مەدرىسىگە قايتا كەلمەپتۇ. ئارىدىن بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن كۆڭلى خاراپ بولغان بۇ ئوقۇغۇچى سۆھبەت دوستلىرى بىلەن بىللە بازاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان جۇنەيدى باغدادىنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قاپتۇ. بۇ ئوقۇغۇچى ئۇستازىنى كۆرۈپ خىجىللىقىدىن ئۇ يەردىن تىزلا يىراقلىشىپتۇ. بۇ ئەھۋالنى سەزگەن جۇنەيدى باغدادى ھەزرەتلىرى يېنىدىكىلەرگە قاراپ: 2 dHM
ــ سىلەر كېتىپ تۇرۇڭلار، مېنىڭ ئۇۋامدىن بىر قۇش ئۇچۇپ كەتتى. - دەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ كەينىدىن مېڭىشقا باشلاپتۇ. ئوقۇغۇچى كەينىگە قاراپ ئۇستازىنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تېخىمۇ تىزلىكتە مېڭىشقا باشلاپتۇ. مېڭىۋېرىپ ئاخىرىدا ئايىغى يوق بىر خالتا كوچىغا كىرىپ قاپتۇ. خىجىللىقىدىن تامغا ئۈسۈپ ساپتۇ. ئۇستازىنى ئالدىدا كۆرۈپ، رەڭگى تاتىرىپ بېشىنى يەرگە ئېگىپتۇ. جۇنەيدى باغدادى ھەزرەتلىرى: iaY5JEV:CA
ــ بالام! قەيەرگە كېتىۋاتىسەن؟ كىمدىن قاچىسەن؟ بىر ئۇستازنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا ياردىمى ۋە ھىممىتى ئەسلىدە بۇنداق مۈشكۈل ۋاقىتلاردا بولىدۇ. - دەپتۇ ۋە ئۇنى شەپقەت بىلەن مەدرىسىگە ئېلىپ كەپتۇ. بۇ ئوقۇغۇچى ئۇستازىنىڭ ئايىقىغا يىقىلىپ، قىلغان ئىشىغا تەۋبە قىلىپتۇ. o^HNF+sm
بۇ ئەھۋال بىر ئىنسان قانچىلىك گۇناھكار بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئارقىسىنى قىلماي، گۇناھكارغا بىر دادا شەپقىتى بىلەن يېقىنلىشىش كامىللىقىنىڭ مەنىۋىي تەربىيەدىكى بەرىكەتلىك نەتىجىلىرىدىن بىرسىدۇر. 4HM;K_G%{
خاتا ۋە كەمچىلىكلەرنى ئەپۇ قىلىش بىلەن بىرگە يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش، يامان ئىش قىلغان بىرسىنى كۆرگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىسلاھى ئۈچۈن دۇئا قىلىش كامىل مۇسۇلماننىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيىتى بولىشى كېرەك. بۇ ئالاھىدىلىككە ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تائىفتا ئۆزىگە تاش ئاتقانلارغا بەددۇئا قىلماي، ھىدايىتى ئۈچۈن دۇئا قىلىشى مىسال بولالايدۇ. يەنە ئۇ ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ ئىززىتىنى ساقلاش ئۈچۈن مەككىدە ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىي غەزەپ بىلەن ھالاك بولىشىنى ئەمەس، ھەر بىرسىنى ھىدايەت دائىرىسى ئىچىدە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىش ئۇسلۇبى كۆپلىگەن ئازغۇن نەپىس ساھىبلىرىنىڭ قۇتۇلۇشىغا ۋەسىلە بولغان. he"L*p*H
بۇ ھەقتە بىر ھەدىس شەرىپتە: *D2Nm9sl
«سىلەرگە ياخشىلىق قىلغانلارغا ياخشىلىق قىلىش، يامانلىق قىلغانلارغا يامانلىق قىلىش پەزىلەت ئەمەستۇر. ئەسلى پەزىلەت سىلەرگە يامانلىق قىلغانلارغا قارىتامۇ ياخشىلىق قىلالايدىغان بولۇشتۇر.» 3filAGR?
ياخشىلىق قىلىنغان كىشى دۈشمەن بولسا دوست بولىدۇ، ئوتتۇرىدا بولسا يېقىنلىشىدۇ، يېقىن بولسا مۇھەببەت زىيادىلىشىدۇ. بۈگۈن دۇنيادا ماتېرىيالىزمنىڭ رەھىمسىز قارمىقىغا چۈشۈپ، بۈيۈك مەنىۋىي بۆھرانغا ئىتتىرىلىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ مىستىك ھەرىكەتلەرگە رام بولۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى بۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر. ئىسلامنىڭ تەقدىم ۋە تەبلىغ قىلىنىشىدا تەسەۋۋۇپ ئۇسلۇبىنىڭ قوللىنىلىشى تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپىقىيەت ئاتا قىلىدۇ. بۈگۈن غەرپتە ھىدايەتكە ئېرىشكەن يۇقىرى تەبىقىدىكى كىشلەرنىڭ كۆپ قىسمى روھىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن جالالىددىن رۇمىي قاتارلىق بۈيۈك مۇتەسەۋۋۇپلارنىڭ ئەسەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ. يەنە غەرپ دۇنياسىدا راۋاج تېپىۋاتقان ئىسلامى ئەسەرلەرنىڭ بېشىدا تەسەۋۋۇپى ئەسەرلەر كېلىۋاتىدۇ. بۇ سەۋەپتىن كۈنىمىزدە: n=q=zn;
e9&+vsRmA
#b'N}2'p#V
«كەل! كەل! نېمە بولساڭ بول، يەنە كەل! Z^+rQ.%n"&
كاپىر، مەجۇسى ۋە بۇتپەرەست بولساڭمۇ يەنە كەل! A^ViDP
بىزنىڭ دەرگاھىمىز (ئىسلام) ئۈمىدسىزلىك دەرگاھى ئەمەس، wd/G|kNO
يۈز قېتىم تەۋبەڭنى بۇزغان بولساڭمۇ يەنە كەل!» >.e+S?o
R(G\wqHUT3
a[sKE?
دېگەن رۇمىينىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قۇچاغلىغان قەلبى چوڭقۇرلىقىغا ئېھتىياج بار. )MSZ2)(
رۇمىي ھەزرەتلىرىنىڭ بۇنداق كەڭ قورساق بولۇش دەۋىتىدىكى ئاساسى مەقسەت ئىنساننى ئۆز جەۋھىرى (ئەڭ ھۆرمەتلىك قىلىپ يارىتىلىغانلىقى) بىلەن تونۇشتۇرۇپ، شەپقەت ۋە مەرھەمەتنىڭ پەيىزلىك زېمىنىدا خاتالىقىدىن قۇتقۇزۇپ، ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. ئەكسىچە، ھەر ئىنساننى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىدە قېلىش شەرتى بىلەن قوبۇل قىلىش ئەمەستۇر. بۇ يەردىكى مەقسەت ئۇ ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تۈزىتىشتىن ئىبارەتتۇر. L&kr