ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 275 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئانا تىلىمىزنى ئۆگەيلىمەيلى
قەلىب قۇلىقىڭ بىلەن ئاڭلا !
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3881
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 566
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە566دانە
شۆھرىتى: 687 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 6083 يۈەن
تۆھپە: 597 قېتم
ياخشى باھا: 101 قېتىم
توردا: 1092(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2011-01-16
ئاخىرقى: 2011-04-02
باش تىما  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-28 13:03

ئانا تىلىمىزنى ئۆگەيلىمەيلى

  
ئانا تىلىمىزنى ئۆگەيلىمەيلى
                                شەمشىنۇر ئىبراھىم h<j04fj  
— جاۋيەنشى (ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى) دىكىلەرنىڭ پۇل تاپقۇسى كەپقالغان گەپ! بولمىسا، مۇشۇ زاماندا ئۇيغۇر تىل–يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرغاننىڭ نېمە پايدىسى دەيمەن؟ !nu['6I%  
— شۇنى دەيمەن، مانا بىر ئوبدان سۆزلىيەلەيمىز، بىر ئوبدان يازالايمىز. '!0CwZ7  
— بىز يا قاشقالىق، يا خوتەنلىك بولمىساق خاتا گەپ قىلىدىغان... +vuW 9  
— 135 سومنى بىكاردىن بىكارلا ئېلىۋالىدىغان بولدى. قىپقىزىل زىيان–دە، زىيان. 48DsRy  
— ئاز كەم ئون كىلو گۆش كېلەتتى! "Vh(%N`6  
— يىغىلىپ ئولتۇرغان بولساقمۇ راۋۇرۇس بىر سورۇننىڭ پۇلى دېگىنە! C]`Y PM5  
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل–يېزىق خىزمىتى كومىتېتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مىللەتلەر تىل–يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرى (ئوبلاستلىق تىلكوم [2005] 12 – نومۇرلۇق) نىڭ روھىغا ئاساسەن غۇلجا ناھىيە ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر تىل–يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيىلەش، سىناق ئېلىش خىزمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم غۇلجا ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلىشى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاجىز، ئانا تىلغا بولغان مېھىر–مۇھەببىتى سۇس بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئەنە شۇنداق ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغاچقا، ئۇلار ئۇچرىغان يەردە ئەنە شۇنداق سۆزلەپ، ئۆز ئانا تىلىنى ھاقارەتلەپ يۈردى. #:yZJS9f9  
20–مارت (يەكشەنبە) چۈشتىن كېيىن دەرس ئۆتۈش نۆۋىتى ماڭا كەلدى. بۇ قېتىم تەربىيىلىنىپ سىناققا قاتنىشىدىغانلار ناھىيىمىز تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى بولغاچقا، دەرس تەييارلىقىغا خېلى كۈچ چىقاردىم ۋە نۇرغۇن ماتېرىيال كۆرۈپ ئەتراپلىق تەييارلىق قىلدىم. ئەمما ناھىيىلىك 1–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 300 دىن كۆپ ئادەم سىغىدىغان ياسىداق، ئازادە يىغىن زالىنىڭ ئۇ يەر–بۇ يېرىدە غۇجىمەك–غۇجىمەك بولۇشۇپ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن، 100 گىمۇ يەتمەيدىغان ئوقۇتقۇچىغا قاراپ سەل خۇرسىنىپ قالدىم. بەش–ئون مىنۇتلۇق تەشكىللەشتىن كېيىن زال ئىچى تىنچلاندى. دەرسنى رەسمىي باشلىۋەتتىم. دەرس مەزمۇنى سۆزلىنىپ بىرەر سائەتكىچە ئىنتىزام ياخشى بولدى. ئەمما كىرىپ–چىقىۋاتقانلارنىڭ كۆپلۈكىدىنمۇ ياكى مۇنۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەدەنىيەتسىزلىكىدىنمۇ، ھەر قىسما قىلىقلار چىققىلى تۇردى: 4e(@b3y  
ئوتتۇرا ياشقا بېرىپ قالغان بىر قىسىم ئەر ئوقۇتقۇچىلار ئەتراپىدىكى شۇنچە كۆپ ئايال مۇئەللىمەلەرنى پارقىرىتىپ قويۇپ تاماكا تۇتاشتۇرۇشقا، يەنە بەزىلىرى يانفونلىرىنى چىقىرىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلىشىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى كۆرۈپ ياش ئوقۇتقۇچىلارغا بولۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن گازىر، سېغىز كەمپۈتلەرنىڭ قارسىلداشلىرى، ئاران بىر كۆرۈشكەنلەرنىڭ ھال–مۇڭ ئېيتىشىشلىرى، پىخىلداپ كۈلۈشلىرى، يانفونلارنىڭ بەسلىشىپ سايراشلىرى، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلارنىڭ تاقىلداپ مېڭىشلىرى زال ئىچىنى بىر ئالدى. قايتا–قايتا تەشكىللەش ۋە بارلىق دىققىتى بىلەن دەرس ئاڭلاپ خاتىرە قالدۇرۇۋاتقانلارنىڭ مەنىلىك قاراشلىرى نەتىجىسىدە تۆت سائەتلىك دەرسنى سۈپەتلىك ئۆتۈۋالدىم. ئارىدىن بەش كۈن ئۆتۈپ سىناق ئېلىش باشلاندى. سىناقنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل–يېزىق خىزمىتى كومىتېتى يېزىقچە، ئېغىزچە شەكىلدە ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئىمتىھان تۈزۈمى قاتتىقراق بولدى. ئىمتىھان مەيدانلىرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ، بۇ قېتىملىق تەربىيىلەش ۋە سىناقنى كۆزگە ئىلمىغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنى كۆزىتىپ باقتىم: ئۇلار ئىمتىھان نازارەتچىلىرى بىلەن تاكاللىشاتتى. ئوقۇش تارىخىنى، خىزمەت ستاجىنى، كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىنى، ئۆز مەكتىپىدىكى مەنسەپ–دەرىجىلىرىنى پەش قىلىشاتتى.  ئوغرى مۆشۈكتەك مارىلايتتى.ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقلىرىغا قاراپ ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. چۈنكى ئۇلار ئەپلاتۇن ئېيتقان «باي بولۇپ تۇرۇقلۇق كەمبەغەلگە ئايلانغان كىشىلەرگە، ئۇلۇغ بولۇپ تۇرۇقلۇق خارغا ئايلانغان كىشىلەرگە، ئالىم بولۇپ تۇرۇقلۇق نادانلار سۆھبىتىگە قاتناشقان كىشىلەر» گىلا ئوخشاپ قالغانتى. upJishy&I  
دۇرۇس، «ۋەزىپىمىز ئېغىر، مائاشتىن باشقا كىرىمىمىز يوق، نەچچە يىل بولدى، ‹ئىككى ئاساسەن› نىڭ دەردىدە شەنبە، يەكشەنبە، تەتىل دېگەنلەرنى كۆزىمىزگە سۈركىدەك بوپكەتتۇق، باش تاتىلىغۇدەك ۋاقتىمىز يوق تۇرسا ئۇيغۇر تىل–يېزىقىدىن ئىمتىھان بېرىپ نېمە كەپتۇ؟!» بىز ئاشۇ خىل ھېس–تۇيغۇدا بولۇۋاتقىنىمىزدا، بىزنىڭ مۇبارەك قولىمىزدا بەش–ئالتە يىل ھەتتا يەتتە–سەككىز يىل ئوقۇپمۇ تۈزۈكرەك ساۋاتى چىقماي «دۆت–كالۋا» ئاتىلىپ، جەمئىيەتكە چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قايسى تىل، قايسى يېزىقتا ساۋاتى چىقمىغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن ساۋاتسىز بوپقالغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ زادە كىمدە ئىكەنلىكىنى ئەتراپلىق ئويلىشپ باقتۇقمۇ؟ پەرزەنتلىرىمىز خەنزۇچە مەكتەپلەردە ئىككى–ئۈچ يىل ئوقۇپلا ساۋاتىنى چىقىرالايدۇ–يۇ، نېمە ئۈچۈن ئۆز ئانا تىلىمىزدىن چالا ساۋات قالىدۇ؟ بىزنىڭ تىلىمىز يا ئاشۇنداق ئۆگىنىش تەس، مۇرەككەپ تىلمۇ؟ قىممىتى ۋە ھاياتىي كۈچى يوق، ئۆگىنىش، بېيىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق تىلمۇ؟ بۇ ھەقتە ئويلىشىپ باقتۇقمۇ؟! WX[y cm8  
ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، بىزنىڭ تىلىمىز قەدىمىي، باي، پاساھەتلىك، گۈزەل تىل. ئۇنى خالىغانچە پەس كۆرۈشكە، ھاقارەتلەشكە، ئۆگەيلەشكە، ئۇنىڭ بۈيۈك ئوبرازىغا قارا سۈركەشكە ھەرگىز بولمايدۇ. گەرچە بۈگۈنكى كۈندە دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە ئېھتىياجى بىلەن خەنزۇتىلىنى ئۆگىنىش، ئىنگلىزتىلىنى ئۆگىنىش چىڭ تۇتۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ قىممىتى ۋە ھاياتىي كۈچى تېخى يوقالغىنى يوق. ئۇنى داۋاملىق كۈچەيتىش، يېڭىلاش، كەلگۈسىگە، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتە ھازىرقى زامان دىئالېكت ۋە شېۋىلىرىدىكى پەرقىنى تۈگىتىش، خەنزۇتىلى ۋە باشقا تىللارغا ئوخشاش قېلىپلاشتۇرۇشتا بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز بار! 3ty){#:  
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ قوشۇلۇشى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل–يېزىق خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ نازارىتى، كادىرلار نازارىتى، رادىئو–تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، مەدەنىيەت نازارىتى قاتارلىق فۇنكىسىيىلىك تارماقلارنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى «ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرى بويىچە ئىملا ۋە تەلەپپۇز سەۋىيىسىدىن سىناق ئېلىش» خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ غۇلجا ناھىيىسىدە تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلۇشى ئەسلىدە پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى ئىدى. ئەگەر ئۇ مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلمىگەن بولسا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل–يېزىق خىزمىتى كومىتېتى 2002–يىلدىن باشلاپ تۆت قارار كۇرس ئېچىپ، مۇشۇ تۈردىلا 170 نەپەر خادىمنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سىناق ئالغۇچىلىققا تەربىيىلىمىگەن ۋە تەيىنلىمىگەن بولاتتى. ئالاقىدار ئورۇنلارمۇ بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ ئاجراتمىغان بولاتتى. «ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا 2005–يىلدىن باشلاپ ‹دەرىجە گۇۋاھنامىسى› بىلەن ئىشقا چىقىش يولغا قويۇلىدۇ» غانلىقى ھەققىدە مەخسۇس قارار چىقارمىغان بولاتتى. شۇڭا مەن بەزى كەسپداشلارنىڭ بۇ قېتىملىق تەربىيىلەش ۋە سىناققا ئۆز قىزغىنلىقى، ئىختىيارلىقى ۋە ۋىجدانى بىلەن تولۇق قاتنىشىپ، «بوينىنى باغلىغان ئىتنىڭ ئوۋغا يارىمايدىغان» لىقىدەك ھەقىقەتنى يەنە بىر قېتىم ئوبدانراق ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، تىل–يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىگە قارىتا توغرا تونۇش ۋە پوزىتسىيىدە بولمايۋاتقان، تىلىمىزنى ھاقارەتلىگەن، تىلىمىزغا خىيانەت قىلغان، تىلىمىزنى بىلىپ–بىلمەي خاتا ئىشلەتكەن ۋە ئىشلىتىشكە يول قويغان، سۈكۈت قىلغان، بىپەرۋالىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا كىشىلەرگە تۆۋەندىكى بايانلارنى ھەدىيە قىلىشنى لايىق كۆردۈم: =_86{wlk  
«رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمكى زاماندا ئاقىل بىر ئادەمنىڭ گۈزەل قىزى بولغانىكەن. شۇ دىلبەرگە ئىككى پەرىشتىنىڭ ئىشقى چۈشۈپتۇ. قىز ئۇلارنىڭ قايسىبىرىگە كۆڭۈل بېرىشنى بىلمەي قاپتۇ. پەرىشتىلەر قىزنىڭ ۋىسالىغا ئېرىشىش ئۈمىدىدە ئۆزلىرىنى كۆرسىتىشكە باشلاپتۇ. لېكىن قىز ئۇلارغا شۇنداق دەپتۇ: UvI!e4_  
— مەن يۇرت پەرزەنتى بولالايدىغان ئوغۇلغا ئانا بولۇشنى خالايمەن. شۇڭا سىلەرنىڭ ئۇنى قانداق تەربىيىلەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىشىم كېرەك. ئەنە شۇنىڭغا قاراپ، سىزلەرگە قارارىمنى ئېيتىمەن. &qC>*X.  
— بۇ ئىش پەقەت مېنىڭ قولۇمدىنلار كېلىدۇ. مەن ئۇنىڭغا ئىلىم ئۆگىتىمەن. ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيىدىن دەرس ئالىدۇ. سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەجنەبىي تىللارنى ئىگىلەيدۇ، دۇنياغا ئۆز نامىنى تارقىتىدۇ، — دەپتۇ بىرىنچى پەرىشتە. HfF$>Z'kM  
نۆۋەت ئىككىنچىسىگە كەلگەندە، ئۇ دەپتۇ: j oG>=o  
— ئىنسان ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالىدىغان بايلىق — تىل. ئانا تىل بولىدىكەن، ۋەتەن، خەلق بولىدۇ. خەلقنىڭ ئۆمۈر ئۆلچىمىنى ئۇنىڭ تىلى بەلگىلەيدۇ. دۇنيادىكى ھەممە گۈزەللىك ۋە سېھرىي كۈچ تىلدا بولىدۇ. ئىنسان ئانا ئەللىيىنى تۇنجى بولۇپ ئەنە شۇ ئانا تىلدا ئاڭلايدۇ. مەن ئوغلۇڭنى تىلغا خىيانەت قىلماسلىققا ئۆگىتىمەن. مەن ئۇنىڭغا ناخشا، چۆچەك ۋە داستانلارنى ئېيتىپ بېرىپ، سېنىڭ لاتاپىتىڭگە لاتاپەت قوشۇپ تۇرغان ئانا تىلىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشقا ئۆگىتىمەن. g:EU\  
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئالىم پەرىشتە قاقاقلاپ كۈلۈپ، رەقىبىنى ئەقلى كەملىكتە ئەيىبلەپتۇ. ئوتتۇرىدىكى تالاش–تارتىش ئاخىر جاڭجالغا ئايلىنىپتۇ. `zL9d lZ  
— جېدەللەشمەڭلار، — دەپتۇ قىز، — يۇرتىمىزدا بىر ئۇلۇغ دانىشمەن بار، ئۇنىڭ يېنىغا بارىمىز، ھەممە نەرسە شۇ يەردە ھەل بولىدۇ. ئۇنىڭ ھۆكۈمى مەن ئۈچۈن قانۇن. K+\hv~+@  
ئۇلار ھېلىقى دانىشمەننىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. ئۇ ئارىدا بولۇپ ئۆتكەن ھەممە گەپ–سۆزنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ھېلىقى ‹كەم ئەقىل› پەرىشتىگە دەپتۇ: )N/KQ[W  
— قىز سېنى ياخشى كۆرەمدۇ–يوق، بىلمەيمەن. ئەمما ئاتىلىق شەرىپىگە سەن لايىقسەن». («شىنجاڭ مەدەنىيىتى» جۇرنىلى 1992–يىل 1–سان، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى 2003–يىل 1–سانىدىن). RB"rx\u7K  
دەرھەقىقەت، ئانا تىلىمىزنىڭ قىممىتى ۋە ھاياتىي كۈچى بۈگۈنمۇ يوقالغىنى يوق. شۇڭا ب د ت مائارىپ، ئىلىم–پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى 21–ئەسىردىكى ئىختىساس ئىگىلىرىگە مۇنداق ئۈچ تەلەپ قويۇشنى قاتتىق تەكىتلىگەن: بۇلار — بىرىنچى، ئانا تىل قابىلىيىتى؛ ئىككىنچى، چەت ئەل تىللىرى قابىلىيىتى؛ ئۈچىنچى، ئۇچۇر قابىلىيىتى. @o ED tN  
دېمەك، دۇنيا تەرەققىي قىلىپ ئاخباراتچىلىق، رادىئو–تېلېۋىزىيە، ئىنتېرنېت دېگەنلەرنىڭ كەڭ ئومۇملىشىپ، تەرەققىيات ناھايىتى تېز بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خەنزۇتىلى بىلەن چەت ئەل تىللىرىنى ئۆگەنمەي بولمايدۇ. ئەمما ئاشۇ تىللارنى ئۆگىنىشتە ئۆزىگە خاس تەپەككۇر يولى بىلەن تەمىنلىگۈچى، يېڭىلىققا، ئىجادىيەتكە يېتەكلىگۈچى ئاچقۇچنىڭ بىزنى تۇغقان، بىز بىلەن تەڭ يارىلىپ، تەڭ تەرەققىي قىلىپ ۋە بېيىپ بۈگۈنگە كەلگەن بىر زامانلاردا بىزنى پۈتكۈل دۇنياغا تونۇتقان نەرسىنىڭ باشقا نەرسە ئەمەس، دەل بىزنىڭ سۆيۈملۈك ئانا تىلىمىز ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايلى! #5D+XBT  
ھەر خىل تىل ئۆتكەللىرىدە ئۆزىمىزنىڭكىنى جۇلالاندۇرالماي، باشقىلارنىڭكىگە يېتەلمەي، ئوتتۇرىدا گاڭگىراپ قالماسلىق ئۈچۈن «قوش تىل» ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە، ئۆز تىلىمىزنىڭ شان–شەرىپى، ساپلىقىنى قوغداش يولىدا ئورتاق كۈچ چىقىرايلى! cF2/}m]  
s__g*%@Bb  
i1&'Zh  
]_?y[@ZP  
مەنبە :http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=1407 \4k*Zk  
مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى 2006–يىل 1–سان 3:Wr)>l}#  
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : subihi تەرىپىدىن تەستىقلاندى
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئانا تىلىمىزنى ئۆگەيلىمەيلى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(salamet)
  • دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 19
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 23
    ئومومىي يازما: 217
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە217دانە
    شۆھرىتى: 393 قېتم
    مۇنبەر پۇلى: 7477 يۈەن
    تۆھپە: 226 قېتم
    ياخشى باھا: 194 قېتىم
    توردا: 4032(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش:2010-06-07
    ئاخىرقى: 2011-04-02

    قېرىندىشىم تىمىنىڭىزغا رەخمەت! WpJD=C%  
    تىلىمىزنى ئۈگەيلىمەيلى!تىلىمىز ئۈگەيلەنمىسۇن!
    مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
    قەسىەم ئىچمەيمەن، بىراق سۆزىمدىن يانمايمەن ...
    دەرىجە: مەستانە ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4335
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 230
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە230دانە
    شۆھرىتى: 246 قېتم
    مۇنبەر پۇلى: 2570 يۈەن
    تۆھپە: 241 قېتم
    ياخشى باھا: 15 قېتىم
    توردا: 1605(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش:2011-02-01
    ئاخىرقى: 2011-04-02
    2 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-28 22:15

       ھازىرغىچە بەزى گەپلەرگە ئەقلىم يەتمەيدۇ، ئەمما ئۇنداق گەپلەرنى سۆزلەيدىغانلار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئۆزگەرتىشنى ئۆزىمىزدىن ، ئەتراپىمىزدىن باشلىساق دەيمەن، ئانا تىلىمنى ئىشلەتسەك ، بىللە سۆزلەشسەك ، ئامالنىڭ بارىچە گەپ قىلغاندا قەتئىي خەنزۇچە ياكى باشقا تىللارنى ئارلاشتۇرماي پاراڭ قىلىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرسەك دەيمەن. U4=]#=R~o  
       مەسلەن، بەزى ئادەملەر ئورۇندۇقنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ‹ جوزىدا ئولتاسلا›، ‹ماۋەدە جوزىغا كەلمەملا›،‹پەندوڭ يۇمشاقمىكەن؟› دېگەندەك گەپلىرىنى تولا ئاڭلاپ قالىمەن، بىراق ئۇلار ئورۇندۇقنى شۇنداق دەپ ئاتىشىنى ئۇيغۇرچە دەپ ئاتىشىدۇ، ئۇنداقتا ئۈستەلنى ئۇلار نېمە دىيىشەركىن دەپ قالىمەن. uN8/Q2   
       بۇلاردىن باشقا ئاشخانىدا كۆپ ئۇچرايدىغىنى ‹جامەن قىلىپ بېرەيما ؟ ›، ‹ داپەنجى يەملا ياكى ...› دېگەندەك گەپلەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ... \Fq1^ 8qa  
       بۈگۈنلا تېخى ئۇيغۇرچە -- ‹ ئاش قوشۇپ بېرەمسىز؟ ئاش قوشۇپ بېرىڭ دەيمەن .. › دەپ ئىككى رەت ئېيتتىم، ئاخىرى ‹ جامەن قىلىپ بەسىلە..› دىسەم ماقا ئەمىسە دەپ چۈشەندى، تولا چاغلاردا ‹ چوڭ تەخسىلىك توخو قوردىقى › دەپ تاماق بۇيرۇتقىلى زادىلا بولمايدۇ...!!! v_.HGG S  
       مېنىڭ پەقەت ئۆز ئېلىمدە، ئۆزەمنىڭ تىلى يەنى‹ ئۇيغۇر تىلى ›دا پاراڭلىشىپ، گەپلىرىمىزنى ئۇقتۇرۇشۇپ يۈرسەك دەيمەن..! بۇ تىلىم پەقەت سىز ۋە مەن ئارقىلىقلا بۈيۈكلۈك تاپقۇسى، ئەگەر مەنمۇ ئانا تىلىمدىن مۇشۇنداق ۋاز كەچسەم بەلكىم ئۇزۇن بولمىغان كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئىسىملىك، ئۇيغۇر مىللەتلىك قېرىنداشلىرىمغا ‹ ئۇيغۇرچە كۇرس › لار يىتىشمەي قېلىشى مۈمكىن. P:qz2Hw  
       ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم، ئۆزىمىزنى قەدىرلەشنى بىرلىكتە باشلىساق دەيمەن.. lirNYJ]tO  
      سالامەت بولغايسىز قېرىنداشلىرىم! ~}K{e  
      ئاپتورنىڭ يازمىسىغا تەشەككۈر! f}2;N  
      مەن ئۇيغۇرمەن، تىلىمنى پەقەت مەنلا سۆيىمەن، قەدىرلەيمەن ۋە كۆيىمەن...
    مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
    سالامەت بۇلۇڭ!
    قۇدرەتلىك بۇلاي دەيدىكەنسەن ،ئىلىم - مەرىپەت ئىگ ..
    دەرىجە: مەستانە ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4816
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 158
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە158دانە
    شۆھرىتى: 210 قېتم
    مۇنبەر پۇلى: 2091 يۈەن
    تۆھپە: 180 قېتم
    ياخشى باھا: 41 قېتىم
    توردا: 393(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش:2011-02-24
    ئاخىرقى: 2011-04-02
    3 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-28 22:18

    تىلىمىز نى قۇغداش ھەر بىر قېرىندىشىمنىڭ مەسئۇلىيىتى
    مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
    پاتىھـــــــــ
    دەرىجە: مەستانە ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5155
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 336
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە336دانە
    شۆھرىتى: 379 قېتم
    مۇنبەر پۇلى: 3547 يۈەن
    تۆھپە: 356 قېتم
    ياخشى باھا: 34 قېتىم
    توردا: 549(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش:2011-03-10
    ئاخىرقى: 2011-04-02
    4 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-29 13:56

        
    مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
    ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت!!!!!!!!
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5105
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 1
    ئومومىي يازما: 24
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە24دانە
    شۆھرىتى: 38 قېتم
    مۇنبەر پۇلى: 360 يۈەن
    تۆھپە: 35 قېتم
    ياخشى باھا: 13 قېتىم
    توردا: 170(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش:2011-03-08
    ئاخىرقى: 2011-04-02
    5 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-29 15:02

        
    مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5402
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 9
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
    شۆھرىتى: 19 قېتم
    مۇنبەر پۇلى: 190 يۈەن
    تۆھپە: 19 قېتم
    ياخشى باھا: 10 قېتىم
    توردا: 24(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش:2011-03-22
    ئاخىرقى: 2011-04-01
    6 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-29 16:19

    ئانا،تلنې،ئەزېزلەيلې.قېرنداشلار................
    مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5401
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 26
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
    شۆھرىتى: 38 قېتم
    مۇنبەر پۇلى: 380 يۈەن
    تۆھپە: 39 قېتم
    ياخشى باھا: 10 قېتىم
    توردا: 141(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش:2011-03-22
    ئاخىرقى: 2011-04-01
    7 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-29 16:26

    ھەي،،،،،لىكىن مۇشۇ كىچىك يەسلى،،باللىرى ئۇيغۇرچەدەرسكە،ئھتىياجلق مىكىن  دەيمەن،،،
    مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
    باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(تەرجىمان19) ھەقىقى ياخشى ..
  • دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5604
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 4
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
    شۆھرىتى: 15 قېتم
    مۇنبەر پۇلى: 140 يۈەن
    تۆھپە: 14 قېتم
    ياخشى باھا: 11 قېتىم
    توردا: 26(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش:2011-04-01
    ئاخىرقى: 2011-04-03
    8 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

    ھەجەپ ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن . 0WFZxAd"  
    قايسى بىر توربەتتە بۇ ئاپتورنىڭ كېتاۋىنىڭ ئېلانىنى كۆرگەن ئىدىم. بېكىتىڭلارغا يوللاپ قويسام بولامدۇ؟
    مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5604
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 4
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
    شۆھرىتى: 15 قېتم
    مۇنبەر پۇلى: 140 يۈەن
    تۆھپە: 14 قېتم
    ياخشى باھا: 11 قېتىم
    توردا: 26(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش:2011-04-01
    ئاخىرقى: 2011-04-03
    9 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

    2010-يىلى 11-ئايدا غۇلجىدا يىغىندا كۆرگەن بۇ خانىمنى. شۇ چاغدا  بىر كىتاۋىنى تونۇشتۇرغان. شۇ چاغدا ھەمىمىز ھەيران قاغان. بۇ غۇلجىنىڭ ئاياللىرىمۇ بوش ئەمەسكەن جۇما.
    مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
    ezimizni tonutli
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5434
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 4
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
    شۆھرىتى: 14 قېتم
    مۇنبەر پۇلى: 140 يۈەن
    تۆھپە: 14 قېتم
    ياخشى باھا: 10 قېتىم
    توردا: 46(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش:2011-03-24
    ئاخىرقى: 2011-04-02

    قىرىندىشىمىزنىڭ قولىغا ئاللاھ دەرت بەرمىسۇن. Bs:INvhYW  
    بۇ تىمىنى كۆرۈپ مىنىڭمۇ مۇنداق بىر ئىش ئىسىمگە كىلىپ قالدى .بىرقىتىم بىر خەنزۇ خىزمەتدىشىم بىلەن تۇنۇش بىر ئاشخانىغا تاماققا كىرگەن،تاماق ئارلىقىدا خىزمەتدىشىم مۇلازىمدىن ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆڭەك ئەكىلىپ بىرىڭ دىدى، (دىمەكچى بولغىنى ئاشخانىلاردا لوق گۆشنى ئىلىۋىلىپ قايناتقان سۆڭەك)مۇلازىم چۈشەنمىدى،ئۈچىنجى قىتىم گۇتۇۋ دىگەندىن كىيىن چۇشىنىپ ئەكىلىپ بەردى،خەنزۇ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىسە ئۇيغۇر چۈشانمەي، خەنزۇ تىلىدا سۆزلىسە چۈشىنىدىكەن،نۇمۇس........... Te_%r9P|2  
    ئۇيغۇر تىلىنى قىلىپلاشتۇرۇش ھەقىقەتەن مۇھىم.
    مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
    ئابلەت ئوبۇل