باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1507 
  •    ئىنكاس 
       13 

ئارغامچىنىڭ ھىسابى

قەۋەت ئاتلاش
muslim111
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5443

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   185 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7961 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   856 (قېتم)
 تۆھپە:   846  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3248
 سائەت
دەرىجىسى:
3248 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-24
ئاخــىرقىسى:2013-04-18

ئارغامچىنىڭ ھىسابى >d#3|;RY  
بۇرۇن بىر باي بولغان ئىكەن ئۇ ئۆلۇمدىن ۋە قەبرىدىكى يالغۇزلۇقتىن   بەكمۇقۇرقىدىكەن .(مەن ئۆلگەن كۇننىڭ كېچىسى كىم مېنىڭ بىلەن ئەتىسى ئەتىگەنگىچە قەبرىدە بىللە تۇرسا مەن ئۇكىشگە مال مۇلكىمنىڭ GKCM|Y  
يېرمىنى ھەدىيە قىلمەن) دەپ ۋەسىيەت قىپتۇ. S.1( 3j*  
ئۇ ئۆلگەندە كىم بىرلىكتە قەبرگە كىرىپ تاڭ ئاتقۇچە بىللە تۇرۇشنى    خالايدۇ .دەپ ئەتراپتىن ئادەم ئىزدەشكە باشلاپتۇ ھىچكىم چىقماپتۇ     ئاخىردا B@"J]S  
بىر ھاممال؛مېنىڭ پەقەت بىرتال ئارغامچام بار.يوقۇتۇپ قويغىدەك ^,`M0g\$  
باشقا نەرسەممۇ يوق .تاڭ ئاتقۇچە تۇرسام بەلكىم باي بولۇپ كېتىشىم  مومكىن دەپ قۇبۇل قىلىپتۇ . &~'S)Nun  
ھاممال ئۆلگەن باي بىلەن بىللە دەپنە قىلنىپتۇ . fCg@FHS&^  
سۇئال سوراق پەرىشتىللىرى كېلىپ قارسا بىر ئۆلۇك بىر تىرىك تۇرغىدەك (قانداق قىلغان بىلەن ئۆلۇك قولىمىز دىن قۇتلۇپ كېتەلمەيدۇ سۇئالنى  تىرىكتىن باشلايلى) دەپتۇ؛دە ھاممالنى سوراق قىلىشقا باشلاپتۇ. ,m:L2 -J@  
بۇئارغامچا كىمنىڭ؟نەدىن ئالدىڭ ؟قانداق ئالدىڭ؟نەگە ئشلەتتىڭ؟..تاڭ ئاتقۇچە سۇئال سوراق داۋاملىشىپتۇ.ھاممالنىڭ ھىساۋى تۇگمەپتۇ. تاڭ ئاتقاندا ھاممال قەبرىدىن چىقىپتۇ.باينىڭ تۇققانلىرى بايلىقنىڭ يېرمى سېنىڭ دەپتۇ.ھاممال شۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ، ياق ئالمايمەن  68p R:  
مەن تاڭ ئاتقۇچە بىرتال ئارغامچىنىڭ ھىساۋىنى بېرەلمىدىم.مۇنچىلا كۆپ مال دۇنيانىڭ ھىساۋىنى قانداقمۇ بېرەلەيمەن ؟؟؟؟؟؟ |g!`\@O  

 
بوشىشىپ قالماڭلار، قايغۇرماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار چوقۇم ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر.
dumbakqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5075

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   25 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   280 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   38 (قېتم)
 تۆھپە:   38  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 605
 سائەت
دەرىجىسى:
605 سائەت 45 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-07
ئاخــىرقىسى:2011-12-25
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-03-25

پاھ ......  قىسقا لېكىن مەزمۇنى چوڭقۇر ساز يوللانما . SdI1}&  
   ئەجرىڭىزگە اللە رەھمەت قىلسۇن.
تاڭ . مەنمۇ بىلمىدىم ، نېمە ئۈچۈنلىكىنى
          كېيىنچە دەپ بېرەي ...!
yawuzbag

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2506

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1363 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2417 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4049 (قېتم)
 تۆھپە:   3856  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 21677
 سائەت
دەرىجىسى:
21677 سائەت 423 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-20
ئاخــىرقىسى:2013-06-21
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-03-25

ھالالغا ھېساب بار، ھارامغا جازا VIg\]%qse  
3#mE(`|P  
چۆل- باياۋاننىڭ سوغۇق، جىمجىتلىق ھۆكۈم سورىۋاتقان بىر كېچىسى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ رەھبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قانچىلىغان ھەمراھلىرى بىلەن بىر ئەنسارىنىڭ بېغىغا قەدەم تەشرىپ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىپىگە بىنائەن باغۋەن تېخى يېڭىلا ئۈزگەن خورمىلىرىنى داستىخانغا كەلتۈردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ تەلىپى گويا، سەۋرچانلىقنىڭ جاپالىق يوللىرىدا كېتىۋېتىپ، يوللۇق لەززەت ۋە جائىز نېمەتلەرنى تەلەپ قىلىشنىڭ جىنايەت ئەمەسلىكىنى جاكارلىماقتا ئىدى. خورمىلار ناھايىتىمۇ شېرىن بولۇپ، ئۈستىگە سوغۇق سۇ ئىچكەندە، تەن بىلەن روھلار تەڭلا لەززەتلىنىشكە باشلىدى. دەل ئەنە شۇنداق لەززەتلىك مىنۇتلاردا ئالەملەرنىڭ بۈيۈك ئۈلگىسى سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك چېھرىدە تۇيۇقسىز قانداقتۇر بىر ئەنسىزلىك ئالامەتلىرى جىلۋېلىنىشكە باشلىدى. بۇ ئالامەتلەرگە يەنە قانداق تەشۋىشلىنىش ۋە قورقىنىش تۇيغۇلىرىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىر نېمە دېگىلى بولمايتتى. ناۋادا لەززەتنىڭ تەسىرى ھۇزۇرلىنىش بىلەنلا تاماملىنىپ كەتكەن بولسا، پەيغەمبەرلەرنىڭ كاتتىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئادەتتىكى بىر ئىنساننىڭ نېمە پەرقى بولسۇن دەيسىز؟! R@$+t:}  
ئەمما بۇ يەردىكى تەسىرات، روھلارنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى لەرزىگە سېلىپ، تۇرمۇش، ئاچلىق ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇر - ھالاۋەت، تەلەپ - تەقەززالىرىدىن يىراق ئاجايىپ بىر يۈكسەكلىككە قاراپ ئىنتىلمەكتە ئىدى. بۇ ھالقىش ئالدىدا تۇرغىنى زادى قانداق قەدەم؟ ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس سەپەر يۆنىلىشى زادى قاياققا يۈزلەنگەن؟! ^O \q3HA_4  
ساھابىلارنىڭ نەزەرلىرى ئەنە شۇنداق خىياللار بىلەن سۆيۈملۈك يېتەكلىگۈچىسى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تىكىلگەن ئىدى. O!(85rp/  
ــ قىيامەت كۈنى كەلگەندە؛ g]4y AV<2  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغ، تاشلارنىمۇ ئېرىتىپ سۇ قىلىۋېتىدىغان ئاۋازى ياڭراۋاتاتتى. ;-Ado8  
ــ قىيامەت كۈنى كەلگەندە، مۇشۇ خورما ئۈچۈن جاۋاب بېرىش يەر تەۋرىگەنگە ئوخشاش قاتتىق تۇيۇلىدۇ. wPQ&Di*X}  
سۇبھانەللاھ! بۇ بىرەر شائىرنىڭ ياكى پەيلاسوپ، ئاستورنومنىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى كائىناتنىڭ ئەڭ بۈيۈك ھەقىقىيتى بولغان مۇقەددەس ۋەھىي غۇنچىلىرى بىلەن بىزەلگەن، دانىش ئۇستازىنىڭ سۆزى ئىدى. بۇ سۆزنىڭ ئۆتكۈر تەسىرىدە ۋۇجۇدى لەرزىگە كېلىپ، ھەممە ئەزاسىنى بىردىنلا سوغۇق تىترەك باسقان ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىدىكى ئەمدى تېخى يېرىمىنى چىشلىگەن خورما قورقۇنچتا ئىختىيارسىز يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئەسلىدە بۇ سۆزنىڭ ئۆتكۈر تەسىرى تېخى ئەمدىلا تەم، لەززەتتىن ھوزورلىنىشقا باشىلىغان ساھابىلارغا ئاخىرەتتىكى خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى ئەينەن كۆرسىتىپ بەرمەكتە ئىدى. Yx 3|G  
ــ مۇشۇ خورما ئۈچۈنمۇ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى؟! ?sE@]]z  
ــ ھەئە، مۇشۇ خورما ئۈچۈن؛ jm+ blB^%K  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازىدا ھەققانىيەتنىڭ ئۆچمەس ساداسى قەتئىلىك بىلەن ياڭرىماقتا ئىدى. 9BO|1{  
ـ شۇنداق، پەقەت ئۈچلا نەرسە ئۈچۈن ھېساب بېرىشتىن ساقلىنىپ قالىمىز. ئەۋرەتلىرىمىزنى ياپالىغۇدەك بىر قۇر كىيىم، ئاچلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھاياتىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلالىغۇدەك ئوزۇقلۇق، باش تىقالىغۇدەك كىچىككىنە بىر ئۆي. y:C)%cv}*  
قارىماققا تولىمۇ ئاددى تۇيىلىدىغان بۇ ۋەقە راستىنلا شۇنچە ئاددىيمىدۇ؟! تۈگىمەس - پۈتمەس تۇرمۇش ئېھتىياجلىرى بىلەن شېرىن ئارزۇ ــ ئارمانلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مىسلىسىز تەقۋالىق، نېمەتنى قەدىرلەشنىڭ بۇ خىل تۇيغۇسى، ئاللاھنى ھەر دائىم كۆز ئالدىدا كۆرۈپ تۇرۇشتەك بۇ گۈزەل مەنزىرە! مانا بۇلار ھەقىقىيي ئىتائەتمەنلىك، ھەقىقىيي ئىبادەت، ئاللاھقا بولغان چىن سۆيگۈ بولماي نېمە؟! '(TmV#3  
مۇسۇلمانلاردا بۇ خىل تۇيغۇ ھەقىقىي روھى بىلەن مەۋجۇت بولغان چاغلاردا، ئۇلار قاياققا بۇرۇلسا، گويا شۇ يەردىكى تاغ، تاشلارمۇ زۈمرەتكە ئايلانغان ئىدى. مانا ئەمدى بۇ خىل تۇيغۇ يوقىلىۋېدى، باشقىلاردىنمۇ بەكرەك دەل مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى خۇددى ئاڭسىز جانۋارلاردەك پەرۋاسىز يەنچىپ، چەيلەشكە باشلىماقتا. ھەممىگە ئېرىشكەندىن كېيىنمۇ پۇتىغا شوخا كىرگەنچىلىك يوقىتىشقا ئۇچرىسا، نۇمۇسلۇق ناشۈكۈرلىكىدىن خىجىل بولۇش ئۇياقتا، ھەتتا ئەرز - شىكايەتلەرگە تولغان دەپتەرلىرىنى، ئاتا قىلىشتا دېڭىز كەبى، بەخش ئېتىشتە قۇياش كەبى ئاشۇ كەرەملىك ئاللاھنىڭ ئالدىغا تاشلىماقتا. مۇشۇ مىنۇتلاردا ئاشۇ ناشۈكۈر ئىنسانلار ئۆز جىسمىدا ۋە ئەتراپىدا كەڭ يېيىلىپ ياتقان، ھەر بىر نېمەتنىڭ قانچىلىغان ئالتۇن تاغلىرىدىنمۇ ۋەزىنلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتسىكەن، ئويلاپ باقسىكەن كاشكى؟! ?0uOR *y'  
مەدائىننىڭ مۆتىۋەر كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى شەھەرگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ۋالىيسىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن بۇ گۈزەل مەيدانغا توپلاشقان ئىدى. ئۇلار ئەسلىدە ھۆرمەت، چوڭقۇر ئەقىدە، ساداقەتمەنلىكلىرى بىلەن خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋالىيلىققا تەيىنلىگەنلىك پەرمانىغا بىنائەن شەھەرگە كىرىش ئالدىدا تۇرغان خۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتاتتى. Ej{+U  
ھوقۇق ۋە شان - شەرەپ بىلەن تولۇق قوراللانغان ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەگەر خالىسا، ھازىرقى دەۋردىكى ئەمەلدارلار ھاسىل قىلىپ كېلىۋاتقان مال- بايلىق ، زىبۇزىننەت، ئەيش - ئىشرەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن بەھرىمەن بولالايتى. ئەمما ئۇ توپلانغان جامائەتكە خەلىپىنىڭ پەرمانىنى ئوقۇپ بەرگەندىن كىيىن"نېمىنى خالىسىڭىز ۋە نېمىنى بۇيرىسىڭىز جىنىمىز بىلەن ھازىر قىلىشقا تەييارمىز" دەپ ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان ساداقەتمەن پۇخرالارغا قاراپ: "ماڭا پەقەت قوسىقىم تويغىدەكلا تاماق، ئۇلاغلىرىم ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالمىغۇدەكلا يەم - خەشەك ھازىرلاپ بەرسەڭلار كۇپايە" دىدى. PY2[ S[  
ۋالىينىڭ ئۆز پۇخرالىرىدىن تەلەپ قىلىۋاتقىنى ئارانلا شۇنچىلىك نەرسە بولۇپ، گويا ھۆكۈمرانلىقنىڭ تەۋرەنمەس پولات تۆۋرۈكلىرى مانا شۇنداق دەرۋىشلىكنىڭ ئاياق ئاستىدا پاچاقلىنىۋاتاتتى. شاھلىقنىڭ مەغرۇرانە شان - شەرەپلىرى مانا شۇنداق سەبىر ۋە قانائەتنىڭ خىلۋەتلىرىدە دېرەكسىز يوقالماقتا ئىدى. مال - دۆلەت شان شەۋكەتلەرنىڭ ۋال - ۋۇل چاقناشلىرى مانا شۇنداق ئاخىرەتكە بولغان ئىمان نۇرى ئالدىدا ئۆچۈپ قېلىۋاتاتتى. o:H'r7N  
خۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھۆكۈمرانلىق، زېمىن، بايلىق، تۇرمۇش ۋە خىلمۇخىل خاھىشلاردىن ناھايىتىمۇ، ناھايىتىمۇ بەك يىراق روھى بايلىققا ئىگە ئىدى. ھەر بىر نېمەت، ھەر بىر لەززەتنىڭ يىپىدىن يىڭنىسىغىچە ھېساب ئېلىنىدىغان، ھۆددىسىدىن جايىدا چىقالمىغانلار مەڭگۈلۈك بەختسىزلىككە ھۆكۈم قىلىنىدىغان ئاخىرەتتىكى ئاشۇ قورقۇنچلۇق سوت كۈنىنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ئاللى بۇرۇن ئۆزىنى ئۇنۇتقان ئىدى. دەل مانا بۇ خىل تەپەككۇر خۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ جىسىم، روھىنى لەززەتپەرەسلىك ئىللەتلىرى بىلەن بۇلغىنىشقا قەتئىي يول قويمىغان بولۇپ، ئۇ بايلىق ۋە ھۆكۈمرانلىقنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاينام، تاشقىنلىرى ئىچىدىمۇ، خۇددى دەرۋىشلەردەك كۈن ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ بىر نەچچە قۇر كىيىم ۋە بىرنەچچە پارچە نېنىدىن باشقا ھېچ نەرسىسى يوق ئىدى. دۇنيا ئۇنىڭغا قانچە يىقىنلاشقانسېرى ئۇ شۇنچە يىراققا قاچاتتى. شۇڭلاشقا ئالتۇن - كۈمۈشلەرنىڭ يېڭىلمەس جەلبكارلىقلىرىمۇ ئۇنىڭ كۆزىنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئۆزىگە قارىتالمىغان ئىدى. >T`zh^+5W  
ئۇنىڭ مەدائىندىكى ھوقۇقىدىن قول ئۈزۈپ قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەزكۇر باي - باياشاتلىق ئىمتىھان مەيدانىدىن ئۇنىڭ نېمىلەرنى يۈدۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۈزىتىش ئۈچۈن يول بويىدا مۆكۈنۈپ ئولتۇرغان ئىدى. ئۇ خۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يەنىلا بۇرۇنقىدەك دەرۋىشلەرچە ئاددي - ساددىيلىقىنى، يەنىلا ئاشۇ ئىلگىركى پىداكارلىقى ۋە كەمتەرلىكىنى ، ھەمدە ئىلگىرى ئېلىپ كەتكەن نەرسىلىرىدىنمۇ ئاز يۈك - تاق بىلەن قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر سۆيىنىش ۋە ھۆرمەتنىڭ قايناق ھېسسىياتىدا مۆكۈنگەن ئورنىدىن چاچراپ قوپقىنىچە خۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۆزىنى ئاتتى. ئۇنى مەھكەم باغرىغا بېسىۋېلىپ: "سەن مېنىڭ ھەقىقىي قىرىندىشىمسەن! سەن مىنىڭ ھەقىقىي قىرىندىشىمسەن!" دېيىشكە باشلىدى. ma1 (EJ/  
بۇ نېمىدېگەن قىسقا، ئاددىي جۈملە، ھە؟! لېكىن ئۇ دەۋرلەردە ئېغىزدىن چىقىدىغان ھەر قانداق بىر سۆز ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەنە، روھىدىن ئايرىلمىغان ئىدى. ھەر قانداق بىر سۆز ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ئۈچۈنلا ئىشلىتىلەتتى. بولۇپمۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش ھەقىقەتپەرۋەر، مەردۇ ــ مەرداننىڭ بىرسىنى "قېرىندىشىم" دەپ ئاتىشى، شۇ قەدەر چوڭقۇر ۋە شۇ قەدەر كەڭ مەنىگە تولغان بولاتتىكى، ھازىرقى دەۋردە يازسا قانچىلىغان كىتاب پۈتۈپ چىقىدىغان ماختاش، مەدھىيىلەر ۋە تۈمەنمىڭلىغان ۋەدە، قەسەملەرمۇ ئاشۇ بىر ئېغىز سۆزگە تەڭلىشەلمەيتتى. > n1h^AW  
مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن تازىمۇ گۈللىنىپ، خەلىپىلىكنىڭ چېگرىسى شەرقتە ھىندى دەرياسىدىن غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغا، شىمالدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆكلەم تاغ، جىلغىلىرىدىن جەنۇبتا سەھرايى كەبىر چۆللىكىگە تۇتاشقان ھەمدە مۇسۇلمانلار فرانسىيەنىڭ جەنۇبىغىچە ئىچكىرىلەپ، كىرىپ بولغان، پۈتۈن دۇنيا خەلقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك كۈچكە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقان، ھەتتا ياۋرۇپادا ئىسلام مەدىنىيىتىنى ۋە ئەرەب تىلىنى قوللىنىش مودىغا ئايلانغان ئاشۇنداق باياشات بىر دەۋرنىڭ ئۇلۇغ خەلىپىسى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئۆز ئادىتى بويىچە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن قىزلىرىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە كېتىپ باراتتى. تېخى ھازىرلا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن ھېرىپ، چارچىغان قەلب، مېڭىسى ئۆز ئەۋلادلىرىغا بولغان سېغىنىش ۋە مېھرىبانلىقنىڭ ئىلكىدە پەرزەنتلىرىنى ئويلاشقا مەجبۇر ئىدى. s:3aRQ%  
ئەمما ئۇنىڭ ئەمدىلا تېخى دۆلەت خەزىنىسىدىن ھېسابسىز دىنار - دەرھەملەرنى يۇقسۇللارغا تارقاتقان قولى سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرى تەرەپكە ماڭغاندا شۇنداق قۇرۇق، گويا ئۇ كۈن بويى ھېرىپ چارچاپ، ئۆيىگە قۇرۇق قول قايتىۋاتقان دەرۋىشلەرگە ئوخشايتتى. hN[X 1*  
كىشىلەر زاكات بېرىش ئۈچۈن ئالىدىغان ئادەم تاپالماي شەھەر ئاتلاشقا مەجبۇر بولىدىغان ئاشۇنداق باياشات بىر دەۋردە، خەلىپىنىڭ ئۆيىدە ئاچارچىلىق دېگىلى بولمىسىمۇ يېرىم ئاچلىق ھالىتى بۇرۇنقىدەكلا داۋاملاشماقتا ئىدى. دادىنىڭ ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلىغان قىزلار قارشى ئېلىش ئۈچۈن يۈگۈرۈشكىنىچە دەرۋازا ئالدىغا چىقتى. ئۇلارنىڭ يېرىم ئاچلىقتىن سارغايغان چىرايى گەرچە دادىغا نىسبەتەن ئانچە يېڭىلىق بولمىغىنى بىلەن، ئەمما بۇ قېتىم قىزلىرىنىڭ ئېغىزلىرىنى ئالقانلىرىدا توسىۋالغانلىقى خەلىپە ئۆمەر ئابدۇلئەزىزنى تەئەججۈبلەندۈرمەي تۇرالمىدى. U&`6&$]  
ئۇ: ئى يۈرەك پارىلىرىم! نېمە بولدۇڭلار؟ دەپ سورىدى. ئەمما قىزلىرى ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى. gAj0ukX5  
بۇ سوئالغا ئۇلارنىڭ ئىنىك ئانىسى: ئۆيدە يەيدىغانغا باشقا نەرسە بولمىغاچقا بۈگۈن ئۇلار پىياز بىلەن پۇرچاقتا قورساق تويغۇزغان ئىدى. شۇڭلاشقا پىيازنىڭ پۇرىقىنى سېلىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئاغزىنى ئېتىۋېلىپ بارىدۇ، دەپ جاۋاب بەردى. UE\%e9<l  
دادا دېگەن ھامان دادا - دە، گۆدەك بالىلىرىنىڭ بۇ ھالى ئۇنىڭ يۈرەك تارىلىرىنى تىترەتمەي قالمىدى. يۈرەك باغرىدىن ماگمىدەك ئىتىلىپ چىقىۋاتقان ئازاپلىق ھىسلار ئۇنىڭ كۆزلىرىنى نەملىدى. ئەمما ھىسسىياتنىڭ بۇ شىددەتلىك دولقۇنلىرى يەنىلا خۇددى دېڭىز ئاستىدىكى كۆرۇنمەس ۋۇلقانلار كەبى ئۆز ئورنىدا قىلىۋەردى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى سەۋر - قانائەت، پىداكارلىق كەمتەرلىك، ئىمان ۋە تەقۋالىقنىڭ ئالتۇن تاغلىرىنى قىلچىمۇ تەۋرىتەلمىدى. [?A&xqO3  
ـــ ئى يۈرەك پارىلىرىم!ُ ئۇ مۇلايىملىق بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى. tsck|;v  
سىلەرنىڭ داستىخىنىڭلارنى نازۇ - نېمەتلەرگە تولدۇرىۋېتىش مەن ئۈچۈن ھېچقانچە قىيىن ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ بەدىلىگە داداڭلارنىڭ دوزاخ ئوتىدا كۆيىشىنى خالامسىلەر؟ L7X7Zt8%  
دادىسىنىڭ قەلىبلەرنى زىلزىلىگە سالىدىغان بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان قىزلار ئۆزلىرىنى تۇتىۋالالماي قالدى. يۈز، كۆزلىرى يامغۇردەك تۆكىلىۋاتقان كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيۇلۇشقا باشلىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ كۆٍز ياشلىرى ھەرگىزمۇ ئاچلىقنىڭ غېمى ۋە رەنجىشلەردىن ئاققان ئەمەس، بەلكى دادىنىڭ سوئالىغا بېرىلگەن ئۇنسىز جاۋاب بولۇپ، ھەربىر تامچە ياش ”ياق دادا، ياق! دادىمىزنى دوزاخقا ئىتتىرىش بەدىلىگە كېلىدىغان ئۇنداق ھوزۇر - ھالاۋەتنىڭ كېرىكى يوق“ دەپ جاكارلاۋاتاتتى. (qJIu  
×××××××××××× 8b-7]%  
ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ بوۋىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە بىر قېتىم قەھەتچىلىك يۈز بەرگەن بولۇپ، پۈتۈن دۆلەتتىن ئاقتۇرۇپمۇ خەلىپىدەك ئاچلىق ئازابىغا دۇچار بولغان ئىككىنچى بىر شەخسنى تاپقىلى بولمايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىكلىرىنىڭ مىقدارىنى كېمەيتىۋېرىپ، ئاخىرى كۈن - كۈنلەپ ئاچ يۈرىيدىغان بولۇپ قالدى. گۆش، ماي، ھەسەللەردەك لەززەتلىك تائاملارنى ئاللى بۇرۇن تەرىك قىلغان ئىدى. ئۇ جىسمانى ئاچلىق ۋە زېھنى پەرىشانلىق ئىچىدە ھاجەتمەنلەرگە ئاشلىق تارقىتىش ئۈچۈن تاغارنى دۈمبىسىگە يۈدىگەن ھالدا يىراق - يېقىنغا قاتناپلا يۈرەتتى. بۇنى كۆرگەن كىشىلەر چوڭقۇر ئېچىنىش ئىچىدە ئۇنىڭ غېمىنى يەپ: "قارىمامسىلەر، ئۇنىڭ قىپ قىزىل ئاناردەك مەڭزىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ، قارىداپ كەتكىنىنى" دېيىشەتتى. ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىقتىنمۇ بەكرەك ئۆمەر روزىيەللاھۇ ئەنھۇنى روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن قاتتىق پۇچىلاۋاتقىنى "ئەگەر قول ئاستىمدىكى پۇخرالارنى قەھەتچىلىك ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئىمكانىمنىڭ بېرىچە تىرىشمىسام، بۇ ئازابنى مەنمۇ ئوخشاشلا ئۇلار بىلەن تەڭ تارتمىسام، قىيامەت كۇنى پەرۋەردىگارىمغا قايسى يۈزۈم بىلەن جاۋاب بېرىمەن؟“ دېگەن ئەندىشىلەردىن ئىبارەت ئۈممەتنىڭلا غېمى ئىدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇ چۆللۈكنىڭ پىژ- پىژ ئاپتاپلىرىدىمۇ ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئاچ قورساق دۈمبىسىگە ئاشلىق يۈدۈپ، تەرەپ - تەرەپكە توختىماي چاپاتتى. 5BrU'NF  
ئاشۇنداق مۇشەققەتلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر قېتىم گۆدەك بالىسىنىڭ بىر تىلىم تاۋۇز يەۋەتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. تېخى ئانىنىڭ سۈتى ئېغىزىدىن كەتمىگەن، ھەتتا كىچىككىنە تۇرۇپلا دادىسى بىلەن ئاچلىق ئازابىنى تەڭ تارتىۋاتقان بۇ گۆدەكنىڭ ئۆز يۈرەك پارىسى ئىكەنلىكىگىمۇ پىسەنت قىلماستىن ئاچچىقىغا چىدىماي ۋاقىراپ كەتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ خىيالىدا "پۈتكۈل مۇسۇلمان ئۈممىتى قەھەتچىلىك ئازابىدا پۇچىلىنىۋاتسا، خەلىپىنىڭ ئوغلىنىڭ تاۋۇز يېيىشكە نېمە ھەققى؟" دېگەندىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ ئاچچىقىدا ئېتىلغىنىچە بېرىپ، بالىسىنىڭ قولىدىكى تاۋۇز تىلىمىنى سىلكىپ تارتىۋالدى - دە، f;e_04K  
ـــ رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈممىتى ئاچلىقتىن ئۆلىۋاتسا، سەن تېخى نۇمۇس قىلماي تاۋۇز يەۋاتامسەن؟ دېدى. @m5O{[euj<  
سۇبھانەللاھ! مانا كۆردىڭىزمۇ؟ بۇلار زادى قانداق كىشىلەر؟ ئۇلارنىڭ كۆكرىكىدە سوقىۋاتقىنى زادى قانداق يۈرەك؟ ئۇلارنىڭ ئىددىيە، تەپەككۇرلىرىچۇ؟ <9=zP/Q  
قېنى ئەستايىدىللىق بىلەن بىر ئويلاپ بېقىڭ، مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ "مەڭگۈ زوۋال تاپماس ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنى ئۆز پەرزەنتلىرى، مال - دۇنيالىرى ۋە جانلىرىدىنمۇ بەكرەك سۆيمىگەن كىشى ھەرگىزمۇ مۆمىن بولالمايدۇ" دېگەن ھەدىسىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسى ۋە شەرھىسى بولماي نېمە؟ SCgyp(  
دۇنيا ھەرقانچە قىممەت تۆلەش ئارقىلىقمۇ سېتىۋىلىشقا قادىر بولالمىغان ھەم مەڭگۈ قادىر بولالمايدىغان روھلار مانا شۇنداق كەمتەرلىك ۋە قانائەتچانلىقنىڭ روھى ئىدى. دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا نېمەتلەر ۋە ئەڭ گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلارمۇ قىيامەتنىڭ غېمىدىن غاپىل قالدۇرالمىغان روھلار ئەنە شۇنداق مەسئۇلىيەتچانلىق، پىداكارلىق، ئىمان ۋە تەقۋالىقنىڭ روھى ئىدى. لىكىن ھازىرقى ئىنسانلار ئەنە شۇ روھلارنىڭ پىداكارانە، مىننەتسىز قان، تەرلىرى بەدىلىگىلا بۈگۈنكىدەك نەپەسلىنىشكە سازاۋەر بولغانلىقلىرىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، ئاللاھنى، ئاشۇ قەدىرلىك روھ ئىگىلىرىنى، جۈملىدىن ئۆز ئۆزىنىمۇ ئۇنۇتۇپ قېلىۋاتقان تۇرۇقلۇق، يەنىلا "بىز مۇسۇلمان" دەپ توختىماي جار سالماقتا. ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان ھېسابى ھەم جازىسى بار نېمەتلىرىنى توي، مەشرەپ، نەزرە، مەۋلۇدلاردا شۇنداقلا رىستۇران، تانسىخانىلاردا پەرۋاسىز دەسسەپ، چەيلىمەكتە. vEu Ka<5  
ۋەتىنىمىزدە بىر چىشلەم ھالال لوقمىنى يۇتۇشتىن ئىلگىرىمۇ "بۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئالدىدا نېمە دەپ جاۋاب بىرەرمەن؟" دېگەننى چىن قەلبى بىلەن ئويلايدىغان مەسئۇلىيەتچان مۇسۇلمانلار زادى قانچىلىكتۇ؟! Ph9Hg'  
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىز ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بۇ مۇسۇلمان ئۈممىتىنىڭ غېمىگە ئورتاقلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئازابىغا ئازابلىنىش ئارقىلىقلا قەلبى راھەت ھېس قىلالايدىغان پىداكار ئەزىمەتلەر زادى قانچىلىكتۇ؟! بىزدىكى نۇرغۇن پۇلدار بايۋەتچىلەر ۋەتىنىمزدىكى ھەددى ھېسابسىز تۇل، يېتىملارنىڭ ئاچلىق ۋە موھتاجلىق ئازابىدا تۆكىۋاتقان قانلىق ياشلىرى كىيىمىگە يۇقۇپ قېلىشىدىن ياكى ئۇلارنىڭ كۈن بويى ئىچكەن سۈيىدىنمۇ كۆپرەك ئاققۇزغان ھوسۇلسىز، ئاچچىق تەرلىرى بۇرنىغا پۇراپ قېلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرسا، قاچۇرىدۇكى، دەرھال قولىنى ئۆڭكۈردەك چوڭقۇر يانچۇقىغا تىقىپ ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىزغا تەر ۋە كۆز ياشلىرىنى بىر قېتىم بولسىمۇ سۇرتىۋېلىشىغا ئەززىگۈدەك قەغەز ياغلىق سۇنۇپ بېرىشكىمۇ يارىمايدۇ. رىستۇران، تانسىخانىلاردا نەچچە ئون مىڭ يۈۋەننى بىر قېتىملىق تاماق بۇيرۇش ئۈچۈن بۇزۇپ چاچسا، چاچىدۇكى، تاماقلىرىنىڭ ئېشىندىلىرى ۋە داستىخانلىرىنىڭ قېقىندىلىرىغا تەڭ كەلمەيدىغان ئازراقلا پۇل بىلەن بىرەر تۇل، يېتىمنىڭ ئېلىمان تۇرمۇشلۇق بولۇپ قالالايدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايدۇ. يەنىلا ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىسىدىن مىراس ئالغان ئاشۇ مۇسۇلمانلىق پۇلات ماركىسى ئۇلاردىن بىردەممۇ نېرى بولمايدۇ. يەنىلا ئۇلار مۇسۇلمانلىقتىن سۆز ئېچىشتا پەيلاسوپ، دىنى سورۇنلاردىكى تۆرنىڭ خوجايىنلىرى. eKL]E!  
ئاھ! خۇدا! ئۇلارمۇ ساھابىلارنىڭ ھاياتى ۋە ئەخلاق پەزىلىتى ئەينىكىدە ئۆز ئەكسىنى كۆرۈپ باقسىكەن كاشكى؟! ئۇلارمۇ ئۆزىدىكى ھەر بىر نېمەتنى شەخسىي مۈلكى قاتارىدا ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ شۇنداقلا ۋەتەن - خەلقنىڭ ئامانىتى قاتارىدا ساناپ باقسىكەن كاشكى؟! ئۇلارمۇ ئىنساپ بىلەن "ئاھ ! بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟!" دەپ ۋىجدانىدىن سوراپ باقسىكەن كاشكى؟
ھايات ھاقارەتلىك ئۆتسىمۇ،ئىككى كۈزىمىز پارقىراپ تۇرسىلا بۇلىدىغان بولدى.
arman

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3881

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1224 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   34508 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3533 (قېتم)
 تۆھپە:   3381  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 13786
 سائەت
دەرىجىسى:
13786 سائەت 514 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-16
ئاخــىرقىسى:2013-06-23
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-03-26

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى yawuzدە2011-03-25 22:50يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : $T6<9cB@  
ھالالغا ھېساب بار، ھارامغا جازا >2rFURcD  
r&qD!l5y  
چۆل- باياۋاننىڭ سوغۇق، جىمجىتلىق ھۆكۈم سورىۋاتقان بىر كېچىسى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ رەھبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قانچىلىغان ھەمراھلىرى بىلەن بىر ئەنسارىنىڭ بېغىغا قەدەم تەشرىپ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىپىگە بىنائەن باغۋەن تېخى يېڭىلا ئۈزگەن خورمىلىرىنى داستىخانغا كەلتۈردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ تەلىپى گويا، سەۋرچانلىقنىڭ جاپالىق يوللىرىدا كېتىۋېتىپ، يوللۇق لەززەت ۋە جائىز نېمەتلەرنى تەلەپ قىلىشنىڭ جىنايەت ئەمەسلىكىنى جاكارلىماقتا ئىدى. خورمىلار ناھايىتىمۇ شېرىن بولۇپ، ئۈستىگە سوغۇق سۇ ئىچكەندە، تەن بىلەن روھلار تەڭلا لەززەتلىنىشكە باشلىدى. دەل ئەنە شۇنداق لەززەتلىك مىنۇتلاردا ئالەملەرنىڭ بۈيۈك ئۈلگىسى سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك چېھرىدە تۇيۇقسىز قانداقتۇر بىر ئەنسىزلىك ئالامەتلىرى جىلۋېلىنىشكە باشلىدى. بۇ ئالامەتلەرگە يەنە قانداق تەشۋىشلىنىش ۋە قورقىنىش تۇيغۇلىرىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىر نېمە دېگىلى بولمايتتى. ناۋادا لەززەتنىڭ تەسىرى ھۇزۇرلىنىش بىلەنلا تاماملىنىپ كەتكەن بولسا، پەيغەمبەرلەرنىڭ كاتتىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئادەتتىكى بىر ئىنساننىڭ نېمە پەرقى بولسۇن دەيسىز؟! LRs{nN.N  
ئەمما بۇ يەردىكى تەسىرات، روھلارنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى لەرزىگە سېلىپ، تۇرمۇش، ئاچلىق ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇر - ھالاۋەت، تەلەپ - تەقەززالىرىدىن يىراق ئاجايىپ بىر يۈكسەكلىككە قاراپ ئىنتىلمەكتە ئىدى. بۇ ھالقىش ئالدىدا تۇرغىنى زادى قانداق قەدەم؟ ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس سەپەر يۆنىلىشى زادى قاياققا يۈزلەنگەن؟! lIf Our  
ساھابىلارنىڭ نەزەرلىرى ئەنە شۇنداق خىياللار بىلەن سۆيۈملۈك يېتەكلىگۈچىسى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تىكىلگەن ئىدى. BdceINI  
....... 6O"0?wG+  
m'S-h'a  
ھەي ياۋۇز بەگ!!!ئاللاھ بىلەن قەسەمكى!!!دىننىي قېرىنداشلىق ۋەجىدىن سىلەرگە بولغان مۇھەببىتىم كۈچەيدى ...ئاللاھدىن قورقۇپ،ئاللاھنى ياد ئېتىپ كۆز ياش تۆككۈچىنىڭ كۆز ياشلىرى دۇزاق ئوتىنى ئۆچۈرەلەيدۇ!!!...كۆزياشلىرىمنى يۈزۈمگە سۈرتەي دەيمەن...ئىچىمدىن...قەلبىمدىن ئاھ...دېيىشتىن باشقا  ئېنكاس  يوقتۇر...ئى ئاللاھ مەندىن رازى بول دەيمەن...تاكى ھاياتىمنىڭ ئاخىرسىغىچە...!!!
ئۇۋا بۇزغاننىڭ ئۇۋىسى بولارمۇ ؟
dumbakqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5075

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   25 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   280 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   38 (قېتم)
 تۆھپە:   38  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 605
 سائەت
دەرىجىسى:
605 سائەت 45 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-07
ئاخــىرقىسى:2011-12-25
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-03-26

    بىز  توغرا  يولدا مېڭىشتا ئۈمۈتسىزلەنمەيمىز ئەمما  مەن شۇنداق  ھېس قىلدىمكى بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھېچنىمە ئەمەس ، بىز ھېچ ئىش قىلمىدۇق ،  بىز ناھايىتى  بىچچارە پىرقە . yGX"1Fb?;x  
بىزنىڭ ماختانغۇدەك ۋە خۇرسەنلىك ھېس قىلغۇدەك بىرەر بىر ياخشى ئەمەللىرىمىزمۇ يوق ، قىسقىسى بىزنىڭ اللە  يولىدا تاتقان جاپايىمىز ۋە ئەزىيەتلىرىمىز يوق دېيەرلىك  ، لېكىن بىزنىڭ ئارزۇلىرىمىز بۇيۇك . گەپلىرىمىز بەك چوڭ - بەدەل  ئاز . 3!2TE-  
ئاللاھىم  مېنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇمۇتلىك ، غەيرەت - ئىرادىلىك قىلغىن ۋە بارلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەمىلىنى توغۇرلاپ  قۇبۇل قىلىپبەرگىن ۋە  ساڭا يىغلاپ  ئىزىلىپ يىلىنىپ تۇرۇپ قىلغان دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىپ بەرگىن . D>m!R[!o  
پۇتكۇل مۇسۇلمانلانى  بۇ بىچچارىلىكتىن ئازات قىلىۋەتكىن ئى كەرەملىك اللە .     
تاڭ . مەنمۇ بىلمىدىم ، نېمە ئۈچۈنلىكىنى
          كېيىنچە دەپ بېرەي ...!
arman

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3881

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1224 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   34508 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3533 (قېتم)
 تۆھپە:   3381  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 13786
 سائەت
دەرىجىسى:
13786 سائەت 514 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-16
ئاخــىرقىسى:2013-06-23
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-03-26

دومباقچىنىڭ دۇمباق ئاۋازى خېلى يېقىملىق ئاڭلاندىيا...!!!
ئۇۋا بۇزغاننىڭ ئۇۋىسى بولارمۇ ؟
zirak727

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4407

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   983 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   22389 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2220 (قېتم)
 تۆھپە:   2210  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4401
 سائەت
دەرىجىسى:
4401 سائەت 239 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-03
ئاخــىرقىسى:2013-04-04
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-03-27

ئۇلۇغ ئاللا ئىگەم بارلىق مۇئمىن -مۇسۇلمانلارنى دۇنيادىن ئىمان بىلەن كەتكىلى نىسىپ قىلغاي،ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشم ھەققىقەتەن ياخشى تېما يوللاپسىز {Z,_/@}N  
ھالالغا ھىساب بار  ھارامغا جازا،ھەقىقەتەن ياخشى ئىنكاس يۇللاپسىز، 9$?Sts}6&  
ئاللا رەھمەت قىلسۇن ،ياخشى تېما  ، ياخشى ئىنكاسلار، يۇللاپسىز لەر ،
ئابلىمىت
binazar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4994

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   106 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1238 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   124 (قېتم)
 تۆھپە:   124  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 290
 سائەت
دەرىجىسى:
290 سائەت 60 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-03
ئاخــىرقىسى:2011-04-04
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-03-27

اللاھ   رەھمەت   قىلسۇن    
anaturuk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5221

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   118 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1750 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   137 (قېتم)
 تۆھپە:   135  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 520
 سائەت
دەرىجىسى:
520 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-13
ئاخــىرقىسى:2011-04-04
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-03-27

شۇڭلاشقا بەك باي بۇلۇپ كەتمىسەم بولغۇدەك ،بۇلمىسا دۇنيالىرىمنىڭ ھىساۋىنى بىرىپ بۇلغۇچەجەننەتكە كىرىشكە بەك كىچىكىپ كەتكۈدەكمەن. L @Q+HN  
            
ئاناتۈرۈك
zirak727

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4407

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   983 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   22389 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2220 (قېتم)
 تۆھپە:   2210  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4401
 سائەت
دەرىجىسى:
4401 سائەت 239 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-03
ئاخــىرقىسى:2013-04-04
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-03-28

[attachment=1163]  [attachment=1163]
ئابلىمىت
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى