(قىسقارتىپ بارى دەپ ئاتىدۇق )ئىسمى: ئابدۇلبارى مەمەت
تۇغۇلغان ۋاقتى :1989-10-27 (21 ياش ) Vg"v C
مىللىتى :ئۇيغۇر ? y[i6yN9
ئىگىزلىكى :1.75 #<-%%
ئىغىرلىقى :70 , _J_QB]t
ئورنى:ھۇجۇمچى YE-}1&8
يۇرتى:شىنجاڭ *i,A(f'e4X
قان تىپى :AB 6k ]+DbT
توپ تەپكەن كۇلۇبى M{XBmDfN
2008-2009 شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيسى كوماندىسى ,GF(pCZzG
2010-يىلى جىجىياڭ خاڭجۇ يىشىل شەھەر كوماندىسى
بارى 14 ياشقا كىرگەن يىلى تىلۋۇزۇردىن جۇڭچۇۋەن پۇتبول مەكتىۋىنىڭ ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلش ئۇچۇرىنى كۇرىدۇ ،ۋە شىنجاڭدىكى ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئورنىغا بىرىپ سىناق مۇسابىقىسگە قاتنىشىپ تالانتىغا ۋە تىخنىكىسغا تايىنىپ شىنجاڭ رايۇنىدىن 1- بۇلۇپ ئنتاھاندىن ئۇتۇپ تاللىندۇ .16 ياشقا كىرگەن يىلى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشش پۇرسىتىگە ئىرىشىپ شىنجاڭ كوماندىسغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چۇشىدۇ .ۋە مۇسابىقىە مەيدانىدىكى نۇرلۇق يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ . شىنجاڭ كوماندىسى قەدەممۇ قەدەم غەلبە قىلىپ ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىگە تالىنىش مۇسابىقىسنى ئويناۋاتقاندا بارى ھالقىلىق بىرتوپنى كىرگۇزۇپ ھەممىنىڭ دىقىتىنى تارتىدۇ ۋە شۇمۇسابىقىدە بارىنىڭ ھالقىلىق كىرگۇزگەن توپىغا تايىنىپ شىنجاڭ كوماندىسنىڭ 46 يىللىق مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنى مۇسابىقىسنىڭ پۇتبول تۇرىنىڭ ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشش چۇشىنى رىئاللىقا ئايلاندۇرۇدۇ . بىر توپ بىلەن نام چىقىرش يۇلىنى كۆپ قىسىم پۇتبول مەستانىلىرى يىقىندا ئۇنىڭ ئاسىيا سەپىرىدە باشلانغان دەپ قارىشى مۇمكىن دەل شۇمۇسابىقىدە شۇ ھالقىلىق توپى بىلەن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيدىكى پۇتبول تۇرىدە ھەل قىلغۇچ تارىخىنى يارىتىپ شىنجاڭدىكى نۇرغۇن توپ مەستانىلىرنىڭ جۇملىدىن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى ھەرقايسى كۇلۇپ ۋە تىرنىرلارنىڭ دىقىتىنى تارتىدۇ ۋە بىرتوپ بىلەن نام چىقىرىش سەپىرىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسىدۇ .

ئىككى يىلدىن كىيىن يەنى بارى 18 ياش ۋاقتىدا شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيسى پۇتبول كوماندىسنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى سۇپىتىدە مۇسابىقىگە چۇشىدۇ ،ئىككى يىللىق جۇڭگۇ Bدەرىجدىكى پۇتبول كوماندىسدا توپ تەپكەن بارى بىرلەشمىدە B دەرىجدىكى يەنە بىر كوماندا خاڭجۇ كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بارىنىڭ ئىپادىسى ناھايتى ياخشى بۇلىدۇ ۋە مۇسابىقىدە قارشى تەرەپنىڭ 2 مۇداپىيچىسىنى چىرايلىق ئالداپ ئۇتۇپ سەبدىشىغا چىرايلىق پاستىن بىرنى بىرىدۇ توپ كىرىدۇ شىنجاڭ كوماندىسمۇ مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۇرىدۇ .شۇ ۋاقىتتا خاڭخۇ كوماندىسنىڭ باش تىرنىرى بۇيى ئانچە ئىگىز بولمىغان لىكىن تىخنىكىسى ۋە پارتىلاش كۇچى يۇقىرى بۇ ئۇيغۇر يىگىتىگە قىزىقىپ قالىدۇ . بىر پەسىللىك مۇسابىقىدىن كىيىن شەنشى كوماندىسى بارىنى قۇشىۋىلىش تەكلىۋىنى سۇنىدۇ لىكىن خاڭجۇ كوماندىسىنىڭ كۇچلۇك تەلىۋى بىلەن بارى خاڭجۇ كوماندىسنىغا قىتىلدۇ . $69d9g8-(!
2010-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۇنى جۇڭگۇ بىرلەشمىسى جىجياڭ يىشىل شەھەر كوماندىسغا ۋاكالىتەن ئاساسلىق ئەزاسۇپىدە مەيدانغا چۈشكەن iGIry^D
بارى كوماندىغا ۋاكالىتەن توپ كىرگۇزۇپ غەلبىنى قولغا كەلتۇرەلمىگەن بولسىمۇ لىكىن ئۇ جۇڭگۇ بىرلەشمە مۇسابىقىسدە مەيدانغا چۇشكەن تۇنجى ئۇيغۇر ئوغلانى ۋە جۇڭگۇA دەرىجىلىك بىرلەشمىسدە ئاساسلىق ئەزا سۇپىتىدە مەيدانغا چۇشكەن تۇنجى ئۇيغۇر ئوغلانى بۇلۇپ قالغاندى . باشقا يۇرىتتا ئۆز نىڭ مەۋجۇتلىقىنى تۇنىتىش ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئۆزقىمىتىنى يارىتىش ھەرقانداق ئادەمنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ . Eqt\It9
2010-يىلللىق جۇڭگۇ بىرلەشمىسى 5- ئايلانما مۇسابىقىسدە جىىجياڭ خاڭجۇ يىشىل شەھەر كوماندىسى بىلەن تىيەنجن كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ مۇسابىقىدە بارى 32-نۇمۇرلۇق كىيىمنى كىيىپ ئاساسلىق ئەزا سۇپىتىدە مەيدانغا چۇشىدۇ .ئالدىنقى مەيداندا ئىككى كوماندا تەڭلىشىپ قالىدۇ كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 53 مىنۇت بولغاندا بارى ئوتتىر مەيداندىن چەكلەنگەن رايۇنغىچە تىز سۇرئەتتە توپ ئىلىپ كىرىپ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدىكى مۇداپيسىز تۇرغان سەبدىشىغا چىرايلىق پاستىن بىرنى بىرىدۇ لىكىن سەبدىشى قۇرۇق ۋاتارغا بۇلۇڭ تالىماي توپ ئۇرۇدۇ توپنى ۋارتار تۇتىۋالىدۇ بۇ بىرقىتىملىق مۇسابىقە جىجىياڭ كوماندىسنىڭ مۇسابىقىدىكى ئەڭ ئۇنۇملۇك ھۇجۇم قوزغىشى ئىدى مۇسابىقە 0-0 ئاخىرلاشقان بولسىمۇ بارى مۇسابىقىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇمۇرغا ئىرىشىدۇ . بارىنىڭ شىنجاڭدىكى تىرنىرى پەرھات ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ بارىنىڭ تىخنىكىسى ،بۇسۇپ كىرىش ئقتىدارى ياخشى ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسغا كىرىش ئقتىدارى بار دەپ بۇلدۇرگەن ئىدى .
2010-يىلى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ خارەكتىرلىك بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە، بارى تۇرۇشلۇق خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسى بىلەن مىرئەخمەت تۇرۇشلۇق جېنەن قۇرلۇش كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە،ھەر ئىككىلى كوماندىدا بىردىن ئۇيغۇر بولغاچقا باشقىلار «شىنجاڭ دېربىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قايسى كوماندا غەلبە قىلسا، ئاسىيا چىمپيونلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولاتتى. نەتىجىدە، مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا بارىنىڭ ئوڭ تەرەپتىن ۋاراتارنىڭ بۇلۇڭىغا زەرب بىلەن ئۇرغان توپىغا خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسىىنڭ ۋاراتارى ئامال قىلالمايدۇ. بۇ توپ بىلەن بارى تۇرۇشلۇق خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسى ئاسىيا چىمپيونلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىىتىگە ئېرىشىدۇ.

2011-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۇنى ئاسىيا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى كىچىك گۇرۇپىدىكى مۇسابىقە يەنى F گۇرۇپىدىكى مۇسابىقە ئوينالدى ،سىرىق ئەجداھا تەنتەربىيە سارىيدا يەنى جىجىياڭ كوماندىسىنىڭ مەيدانىدا جىجىياڭ كوماندىسى ياپۇنىينىڭ چىمپىيۇن كوماندىسى ئەمىلى كۇچى كۇچلۇك ئاسىيا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىدە چىمپىييۇن بۇلۇش ئىھتىمالى چوڭ دەپ قارىلىۋاتقان كوماندا بىلەن مۇسابىقىگە چۇشىدۇ . مۇسابىقە ئالدىنقى مەيداندا ئىككى كوماندا تەڭلىشىپ قالغان ئەھۋالدا كىيننكى مەيدان باشلىنىپ 59 مىنۇت بولغاندا جىجىياڭ كوماندىسى ئادەم ئالماشتۇرۇپ بارىنى مەيدانغا چۇشىرىدۇ . 1 مىنۇت بولا بولماي بارى سەبدىشى راملىسقا چىرايلىق ياردەمچى پاستىن بىرنى تاشلاپ سەبدىشنىڭ نۇمۇر ئىلىشغا كۇچ قۇشىدۇ . 86 مىنۇت بولغاندا بارى ئوڭ تەرەپتىن توپ ئىلىپ مىڭىپ تۇيۇقسىز ۋارتارغا توپ ئۇرىدۇ ئۇ توپنىڭ بۇلۇڭ تاللىشى ئادەمنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ شۇنىڭ بىلەن جىجىياڭ كوماندىسى ئاسىيا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسنىڭ غەلبىسنى قولغا كەلتۇرىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارى جۇڭگۇ تەنھەركەت ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ ۋە ئاسىيا رايۇنىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلىندۇ ۋە بىرتوپ بىلەن نام قازىنىش سەپىرىنىى داۋاملاشتۇرىدۇ . بۇ دەل كىلىپ قىلىش ياكى تەلەيمۇ ؟ ياق بۇ بارىنىڭ كىچىكىدىن جاپالىق مەشىقىنىڭ ۋە تىخنىكىسنىڭ پۇتبول مەيدانىدىكى ھەقىقى نامايەن بۇلىشى ئىدى

، بۇنىڭ بىلەن بارى ئەگەر يىتەرلىك ۋاقىت بولسىلا ئۆز تىخنىكىسىنىڭ ئەمىلى كۇچىنى ھەققى كۆرسىتالايدىغانلىقىنى ئەمىلى ھەركىتى بىلەن ئسپاتلىشى ئىدى . ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۇنى جىجىياڭ كوماندىسغا ۋاكالىتەن تۇنجى توپنى كىرگۇزگەنگە قەدەر ھازىرغىچە بارى كەسپى مەشىقكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ تىرىشىپ شىنجاڭ رايۇنىنىڭ پۇتبولچىلىقىنى ئچىكىرى ئۆلىكىلەردە ئاسيا رايۇنىدا نۇر چاقنىتىش يۇلىدا تىرىشىپ مەشىق قىلماقتا .ئۇنىڭ جاپالىق مەشىقى ۋە تىرىشچانلىقىغا تاينىپ يىقىندا جۇڭگۇ ئولىمپىك دۆلەت كوماندسنىڭ باش تىرنىرى بۇلازىۋىچ تەرپىدىن جۇڭگۇ ئولىمپىك كوماندىسغا تاللىنىپ دۆلەت كوماندىسغا تاللىنىش ئارزۇسىنى بىرقەدەم ئالدىغا سۇردى .ۋە بىزدەك شىنجاڭ پۇتبول مەستالىرىنى چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغىسىغا چۆمدۇردى .بارى ئاددى تۇرمۇش كەچۇرۇش ئەھۋالىغا ماسلاشقان تىرىشچان ياراملىق ئش ئۇقىدىغان يىگىت ئۇ مۇئاشىنىڭ %70 تىنى ئائىلىسگە ئەۋەتىدۇ .يىقىندا 150 مىڭ يۇۋەننى ئۇرۇمچىدە ئۆي ئىجارە ئىلىپ ئولتۇرۋاتقان ئاكىسغا ئەۋەتىپ بىرىدۇ بۇئش ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئاشكارلانغاندىن كىيىن مۇخپىرلار ئۇنى زىيارەت قىلغىلى كىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئشلىرى توغرىسىدا سۇئال سورىغاندا بارى مەن ھازىر پۇتۇن زىھنىمنى پۇتبولغا قارىتىمەن قالغان ئشلارنى كىيىنچە ئويلىشىمەن دەپ ئىپادە بۇلدۇردى شۇنداق بارى خەلقىڭنىڭ سىنىڭدىن كۇتكەن ئۇمۇتلىرىنى ئاڭلاۋاتامسەن بىز مىرئەخمەت ،بارى ..... قاتارلىق ئۇيغۇر ئوغلانلىرىنىڭ زەپەر ساداسىنى ئاڭلىغىنىمىزدا قانچىلىك خوشاللىقا چۇمىدىغانلىقىنى ھىس قىلامدىغانسىلەر قىرىنداشلىلىرىم تىرىشىڭلار بىز سىلەر ئارقىلق پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئىزدەۋاتىمىز بىز سىلەردىن پەخىرلىنىمىز . بۇ ئوغلانلىرىمىز ھازىر باشقىلارغا نىسبەتەن شنجاڭنىڭ پۇتبولچىلىق تەرەقىياتىنىڭ مەسئۇلى ۋە نامايەندىسى شىنجاڭنىڭ پۇتبولچىلىق ئشلىرىنىڭ تەرەقىياتى ياش نوتىلارنىڭ تەرەقىيات يۆنىلىشى سىلەر ئارقىلىق پايدىلىق شارائىتقا ۋە تىخىمۇ چوڭ پۇرسەتكە ئىرىشكۇسى !!!


پۇتبول مۇنبىرىدىن يۆتكەپ كېلىندى. بىر قىسىم جايلىرى تولۇقلاندى.