[font="]شائىرلىق«ئىلھامى» دىن ئالىملىق «ئىلھامى» غىچە [font="]يارقىن [font="] {cX7<7N
2011-3-9 13:19 چىقىرىشچۈشۈرۈش (300.55 KB) Z%A<#%
[font="] tUn&z?7bF
[font="]قاسىم سىدىق كىم؟ [font="]«قاسىم سىدىق» دېگەن ئىسىمنى بۇنىڭدىن 10 نەچچە يىل بۇرۇن يېڭىلا ئالى مەكتەپكە چىققان چېغىمدا،يۇقىرى يىللىقتىكى بىر مەكتەپدىشىمدىن ئاڭلىغانىدىم. شۇ چاغدا، مەكتەپدىشىم ئۇنىڭ«بوشلۇق نەزەرىيىسى» دېگەن يېڭى بىر نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بۇ«نەزەرىيە» نىڭ فىزىكا ئىلمىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى بىر «نەزەرىيە»ئىكەنلىكىنى ھاياجان بىلەن ئېيتىپ بەرگەنىدى. شۇ چاغدىن باشلاپ مەن بۇ كىشىنى ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان «بوشلۇق نەزەرىيەسى» گە باغلىغان ھالدا تونۇشقا باشلىغانىدىم.كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئۇنى شېئىرلىرى، ناخشا تېكىستلىرى ۋە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان « ماشىنىنىڭ ئادەملىشىشى ۋە ئادەمنىڭ ماشىنىلىشى» (بۇماقالىسى ئەسلىدە «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 1997- يىللىق 5- سانىدا ئېلان قىلىنىپ،كېيىن «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىغا بېسىلغانىكەن) دېگەن ماقالىسى ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇدۇم. ئارىلىقتا، ئۇنىڭ «بوشلۇق نەزەرىيىسى» ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى باشقىلاردىن ئاڭلاپ تۇرغانىدىم. يېقىندا ئۇنىڭ«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» تەتقىقاتى ئۈچۈن قۇرۇپ چىققان «كائىنات» تورىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئەينى ۋاقىتتا مەن ئاڭلىغان «بوشلۇق نەزەرىيىسى» دېگەن ئۇقۇمنىڭ كېيىن «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» دەپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بىلدىم ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن خەۋەردار بولدۇم، بۇ ھەقتە «كائىنات تورى»نى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىلەرنى كۆردۈم. ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىنىڭ بۇنىڭدىن 20 يىل ئاۋۋال قاسىم سىدىق ۋە ئۇنىڭ ئىزدىنىش جەريانلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ يازغان « ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىنى ئوقۇدۇم.... مۇشۇ جەرياندا مەندە قاسىم سىدىققا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولدى ۋە ئۇنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا ۋاسىتىلىك چۈشىنىپمۇ ئۈلگۈردۈم.خوش،قاسىم سىدىق كىم؟ [font="]قاسىم سىدىقنىڭ قىسقا ئارخىپى: [font="]قاسىم سىدىق 1952- يىلى 3- ئايدا غۇلجا شەھىرىنىڭ دادامتۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدەتۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يېزىسىدا تاماملىغاندىن كېيىن، غۇلجا شەھەرلىك7- ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1979-يىلىدىن باشلاپ غۇلجا شەھىرى دادامتۇ يېزىلىق (ئىلگىرى غۇلجا ناھىيەسىگە قارايتتى)ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1984 − 1986- يىللىرى شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان (ئالى تېخنىكوم مەلۇماتىغائىگە). 1964- يىلى ئەينى چاغدىكى «شىنجاڭ پىئونېرلىرى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان«تاققا چىققۇچى قەھرىمانلارغا مەدھىيە» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىنى باشلاپ، ھازىرغا قەدەر تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا 200 پارچىغا يېقىن شېئىر،ھېكايە، پوۋېست، ئوبزور ۋە ئىلمى ماقالە ئېلان قىلدۇرغان. 30 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرىغا مۇزىكا ئىشلىنىپ، خەلق ئىچىگە تارقالغان. 1978- يىلىدىن باشلاپ، خەنزۇچە ئۆگىنىش ئېھتىياجى بىلەن ئوقۇغان «ئىمپولىس يۇلتۇزلار» دېگەن خەنزۇچە كىتابنىڭ تەسىرىدە تەبىئەت پەلسەپىسىگە قىزىقىپ ۋە ئۇنى ئۆگىنىشكە باشلاپ، نەزەرىيە فىزىكىسى، كوسمولوگىيە (ئالەمشۇناسلىق) ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان. 1990- يىلى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشىدىن ھاسىل بولغان يېڭى نەتىجە ۋە ئويلىرىنى «بوشلۇق نەزەرىيىسى» دېگەن تېمىغا يىغىنچاقلاپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىدا دوكلات بەرگەن. 1997- يىلى مەزكۇر تەتقىقات تېمىسىنىڭ نامىنى «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» گە ئۆزگەرتكەن. شۇنىڭدىن،كېيىن قاسىم سىدىق ئىزچىل ئىزدىنىپ، ئۆز نەزەرىيەسىنىڭ پەلسەپە − لوگىكىلىق رامكىسىنى تۇرغۇزۇپ چىقىپ، 2010- يىلى 3- ئايدا ئۆزىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە بايقاشلىرىنى« فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ تەتقىقات رامكىسى ۋە تەتقىقات يۆنىلىشى» ناملىق ماقالىسىگە ئىخچاملىغان. 2009- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى چۇڭچىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىدا «فىزىكىلىق شەكىل ئۇقۇمىنى تۇرغۇزۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكى» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىپ، ئالىملارنىڭ يۇقىرى باھاسىغائېرىشكەن. نۆۋەتتە، مەخسۇس كەسپىي تەربىيە كۆرگەن بىر قىسىم خادىملاردىن تەشكىللەنگەن «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى تەتقىقات گۇرۇپپىسى» نامىدا مەزكۇرتەتقىقاتقا قاتنىشىپ، بۇ نەزەرىيەنى فىزىماتلىق (فىزىكىلىق، ماتېماتىكىلىق) دەلىللەش خىزمىتىنى ئىشلىمەكتە. [font="]شائىرنىڭ چۈشى: «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» ئۈچۈن بېسىلغان قەدەم [font="]ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئۆزىنىڭ ئېسىل ھېكايىلىرى ۋە «قۇم باسقان شەھەر» ناملىق رومانى ئارقىلىق ئۇيغۇر پروزىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يازغۇچى بولۇپلا قالماي، قاسىم سىدىق ۋە ئۇنىڭ دەسلەپكى ئىزدىنىش جەريانىغا بېغىشلانغان «ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى ئارقىلىق قاسىم سىدىقنىڭ «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» ئۈستىدىكى ئىزدىنشىلىرىنى تۇنجى قېتىم مەتبۇئات يۈزىدەجامائەتكە ئاشكارا قىلغانلىقى بىلەنمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر. ئۇنىڭ بۇ ئەدەبىي ئاخباراتىدا، قاسىم سىدىقنىڭ ئىزدىنىش جەريانلىرى، ئۇنىڭ ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپ، نېمە ئۈچۈن ئۇشتۇمتۇت فىزىكا تەتقىقاتى ۋە ئالەم سىرلىرىغا قىزىقىپ، «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» نى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقى جانلىق ھەم ئىلمىي نامايان قىلىنغان. مەزكۇر ئەدەبىي ئاخباراتتا، مەمتىمىن ھوشۇر قاسىم سىدىقنىڭ «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» ھەققىدىكى ئويلىرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى، «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆزقاراش، فۇرمۇلىلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»نى دەلىللەش، ئىلمى باھالاشتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن باسقان قەدەملىرىنى تىلغا ئالىدۇ.ئەدەبىي ئاخباراتتىكى مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، قاسىم سىدىق ئۆزىنىڭ «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» ھەققىدىكى دەسلەپكى يازمىلىرىنى شاپىگرافتا باستۇرۇپ،مۇناسىۋەتلىك جايلار ۋە كىشىلەرگە ئەۋەتىدۇ. دەسلەپتە غۇلجا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە قاسىم سىدىقنىڭ قاراشلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ يەردە تۈرلۈك مۇنازىرەبولغاندىن كېيىن، ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلىم- پەن ئورۇنلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈشىنى ئۆتۈنۈپ، قاسىم سىدىققا تونۇشتۇرۇش يېزىپ بېرىدۇ. قاسىم سىدىق بۇ تونۇشتۇرۇشنى ئېلىپ، غۇلجا شەھىرىگە كىرىپ، ھەرقايسى پەن-تېخنىكا تارماقلىرىغا بارىدۇ. بۇ يەردە بىرەيلەن مۇتەخەسسىسلەرنى چاقىرىپ مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىر مۇنچە پۇل كېتىدىغانلىقىنى تىلغائېلىپ، بۇنداق يىغىننى ئۆتكۈزۈشنىڭ قىيىنلىقىنى ئېيتىدۇ. كېيىن بىر قىسىم رەھبەرلەر ۋە تونۇش بىلىشلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى «فىزىكا ئىلمى جەمئىيىتى» نامىدىن مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىپ بېرىدۇ. «غۇلجا شەھەرلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش يۇرتى» دا ئېچىلغان بۇ يىغىنغا مەزكۇرنەزەرىيەگە قىزىققان 80 دىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىدۇ، يىغىن جەريانىدا، بەزى كىشىلەرقاسىم سىدىقنى قوللىسا، بەزى كىشىلەر قارشى چىقىدۇ، بەزىلەر ئىچىدە مەسخىرە قىلىدۇ....قاسىم سىدىق بۇ مۇھاكىمىدىكى پىكىرلەردىن ئانچە قانائەت قىلمىغان بولسىمۇ،مۇشۇنداق بىر مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن مەمنۇن بولۇپ، ئۆز كۆز قارىشىغابولغان ئىشەنچىسىنى يېغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قارشى پىكىرلەرنىڭ ۋاسىتىسىدە تېخىمۇ كۈچەيىتكەندىن كېيىن، ئىلىم ئەھلىلىرى كۆپرەك توپلاشقان ئۈرۈمچىگە بېرىپ،ئىلىم نوپۇزلۇقلىرىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ، ماقالىسىنى بىرەر ئىلىمىي ژۇرنالدا ئېلان قىلدۇرۇپ، كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ مۇھاكىمىسىگە قويۇشنى قارار قىلىدۇ. ئەل ئاغىنىلىرى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە بارىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، كاتتا شەھەردە يۈرۈش- تۇرۇشىنىڭ چېنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن يېڭى كاستيوم- بۇرۇلكا، شىبلىت ئېلىپ كىيدۈرۈپ قويىدۇ. بىر دېھقان سۈپۈرگە ساتقان پۇلىغا ماشىنا بېلىتى ئېلىپ، ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قاسىم سىدىق بىر ئاماللار بىلەن بانكىدىن ئالغان 500 يۈەن قەرزنى يانچۇقىغا سېلىپ، ئۈرۈمچىگە يول ئالىدۇ. ئۈرۈمچىگە زور ئۈمىدلەر بىلەن كەلگەن قاسىم سىدىق ئۆزىنىڭ يازغانلىرىنى ئالدى بىلەن مەلۇم بىر فىزىكا تەتقىقات ئورنىغا ئاپىرىدۇ، ئۇلار: «بۇ بىزگە مۇناسىۋەتسىز، نەزەرىيىگە ئائىت مەسىلىلەر ئىكەن»دەپ جاۋاب بېرىدۇ؛ مەلۇم بىر پەلسەپە تەتقىقات ئورنىغا ئاپىرىدۇ، ئۇ يەردىكىلەر: «بۇ بىز بىلەن ئالاقىسىز، فىزىكىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئىكەن» دەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ كىملىكىنى، قەيەردىن كەلگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرىدۇ؛بەزىلەر ئۇنىڭ يازغانلىرىنى كۆرۈپ: «چەت ئەل تىلى بىلەمسىز؟» دەپ سورىسا، بەزىلەرئۇنىڭ يازغانلىرىنى كۆرۈپ: «سىز تېخى ياش ئىكەنسىز، داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگىنىڭ»دەيدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىنى «ماركسىزمغا، دىئالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزمغائۇيغۇن ئەمەس» دېگۈچىلەرمۇ بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، يەنە بىر قىسىم كەسىپ ئەھلىلىرى،ئالىملار ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىغا ئىلمىي باھا بېرىپ، ئىلھاملاندۇرىدۇ. [font="]ئەينى ۋاقىتتا بىر قىسىم ئالىم، مۇتەخەسسىس، كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» (ئەينى ۋاقىتتا «بوشلۇق نەزەرىيىسى» دەپ ئاتالغان) ھەققىدەئېيتقانلىرى: [font="]مەرھۇم ئالىم، پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: [font="]«قاسىم سىدىقنىڭ فىزىكىلىق بوشلۇق ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار فىزىكىلىق سۇبستانسىيە (ئەمەلىي گەۋدە)، شەكىل ۋە كۈچ، بوشلۇق، فىزىكىلىق ‹يوقلۇق› ۋە ئالەمنىڭ ئۇچ قاتلاملىقى ھەققىدىكى قاراشلىرى فىزىكا، بولۇپمۇ ماددىي دۇنيا قۇرۇلما نەزەرىيىسىدىكى يېڭىچە تەپەككۇرنى گەۋدىلەندۈرگەن[font="].[font="] بۇنداق قاراش خىلى زور ئىلمىيلىككە، بۆسۈش خاراكتېرىگە ئىگەبولۇپ، تولۇقلىنىپ، قوبۇل قىلىنسا، بىزنىڭ فىزىكىلىق ئالەم قارىشىمىزنى يەنە يېڭى بىرپەللىگە كۆتۈرۈشى مۇمكىن[font="].[font="] پەن قانۇنلىرى بىرسى ئاساسىدا يەنە بىرسى ئىختىرا قىلىنىپ كەلگەن.بىلىش تارىخىمۇ بىر قاتلامدىن بىر قاتلامغا كۆتۈرۈلگەن. بۇنداق ئىختىرالار ئومۇمەن، ئالدىنقى قائىدىلەرگە قانائەتلەنمەسلىك، باشقا نەرسىلەر ئۇستىدىكى تەجرىبە جەريانى، تاسادىپ تەسەۋۋۇر ياكى ئوخشىتىشلار ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن. ئو قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن بىلىش ۋە تېخنولوگىيىلىك ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ كەلگەن[font="].[font="] قاسىم سىدىقنىڭ تەبىئەت ئىلىمىدە نەزەرىيىۋى فىزىكىلىق تەپەككۇر قابىلىيىتى ئۈستۈن، قائىدە تۈزۈش ۋە ئىخچاملاش ئىقتىدارى ياخشى ئىكەن، قوللاشقا ئەرزىيدۇ. بۇماتېرىيالىستىك پەلسەپىگە زىت ئەمەس، ماتېرىيالىستىك پەلسەپە ئىختىرانىڭ چەكلىگۈچىسى،تەپەككۇرنىڭ زىندانى ئەمەس. ئۇ ئىلھاملاندۇرغۇچى ۋە ئۆزىنى تولۇقلىغۇچى،كەمتەرلىكى بىلەن يېتەكلىگۈچى. يوقلۇق بىلەن ‹فىزىكىلىق يوقلۇق› بىر نەرسە ئەمەس. يوقلۇق − فىزىكىلىق يوقلۇق − ماددا ۋە بوشلۇقىتىن كېيىنكى تەتقىق قىلىنمىغان 3- قاتلام سۈپىتىدە يەنىلا پەلسەپىۋى بارلىق، بۇلار زىت ئەمەس. مېنىڭچە قىزغىن قوللاش، پىكىر ئوچۇقچىلىقى، ئىقتىسادىي ياردەم مۇھىم. مىللىتىمىزنىڭ تەبىئەت ئىلىمىنى يوقىتىپ قويغىنىغا بەش ئەسىر بولدى. قوللاش ۋە باشقا مىللەت ئالىملىرىغا بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈشىمىز لازىم. تەبىئەت ئىلمى قانۇنىيەتلىرى سەمەت ھەل قىلمىسا ئەمەت ھەل قىلىدىغان زۆرۈر نەرسىلەر بولۇپ، يازغۇچىنىڭ يازمىسىمۇ بولىۋېرىدىغان ئەسىرى ئەمەس[font="].[font="]» [font="]شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتلىرىدىن شەۋكەت تۇرسۇن، شەمشىدىن شاكىر، قۇببەس يولداش قاتارلىقلار: [font="]«قاسىم سىدىقنىڭ ‹بوشلۇق نەزەرىيىسى› گە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى بايان قىلغان ئىككى پارچە ماقالىسى ھەققىدىكى پىكرىمىز تۆۋەندىكىچە[font="]: [font="]1[font="]. بۇ ماتېرىياللاردا ئادەتتىكى فىزىكا ئۇقۇملىرىنى بىۋاسىتە ئىنكار قىلىدىغان مەزمۇن يوق. ئاساسىي جەھەتتىن ئىجادىي پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.بۇلارنى كلاسسىك فىزىكىغا ياكى ئەمەلىي، نەزەرىيىۋى فىزىكا چۈشەنچىلىرىگە قارىتىلغان تەنقىد دەپ چۈشىنىۋېلىشنىڭ ئاساسىي يوق[font="]. [font="]2[font="]. ئالەمنى ماددا، بوشلۇق، ‹يوقلۇق› دىن تۈزۈلگەن دەپ قاراش ۋە شۇنداق چۈشەندۈرۈش دىئالېكتىك پەلسەپە پرىنسىپلىرىغا خىلاپمۇ ئەمەس. لوگىكىلىق ئىلمى ئاساسقا ئىگە. 9EjjkJ%)q
[font="]3[font="]. ‹چەكلىك ۋە چەكسىز ئالەم› كۆز قارىشىنى ئۆز شەرتلىرىگە نىسبەتەن توغرا دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە شەكىلنىڭ مىقدارغا شۇنداقلا ‹چەك› كە ئىگەبولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ[font="]. [font="]4[font="]. ‹مۇئەييەن شەكىل بەلگىلىك كۈچنىڭ تەسىرىدىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ›دېيىش فىزىكىدىكى كۈچ ئۇقۇمىغا زىت ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يەنە بىرخىل بايان قىلىنىش شەكلى[font="]. [font="]5[font="]. ‹يوقلۇق› نى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئومۇمىي ئالەملىك بوشلۇق شەكىلگە ئىگە ئەمەلىي گەۋدە (سۇبستانسىيە) بولىدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ خىل شەكىل جەزمەن دىئالېكتىكا نۇقتىسىدىن ‹شەكىلسىزلىك ۋە چەكسىزلىك› دىن ئىبارەت بولغان ‹يوقلۇق› نى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولىدۇ.» [font="]شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى سابىت ھامۇت: [font="]«يولداش قاسىم سىدىقنىڭ ‹بوشلۇق نەزەرىيىسى› نىڭ ئاساسلىرى ئۈستىدىكى ئىلمى ئىزدىنىشىنى كۆرۈپ چىقتىم. بۇ ئىزدىنىشتە لوگىكىلىق ئەقلى خۇلاسە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالەمنىڭ ئۇچ قاتلىمى بايان قىلىنىپتۇ[font="]. [font="]مېنىڭچە قاسىم سىدىقنىڭ فىزىكىلىق شەكىل − فىزىكىلىق كۈچنىڭ ئىپادىلىنىشى، شەكىلسىز ھەرىكەتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، يەنى شەكىل دەل كۈچ دېگەنلىك بولىدىغانلىقى، ‹فىزىكىلىق بوشلۇق› فىزىكىلىق شەكىلگە ئىگە ئىكەنلىكى، بوشلۇق دېگەنلىك كۈچ دېگەنلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىدىيىسى دادىل ئىدىيە.مۇشۇ ۋەجىدىن مەن قاسىمنىڭ: ‹فىزىكىلىق بوشلۇق› نىڭ ماھىيىتى جىملىق ئىكەنلىكى، ‹بوشلۇق ھەرىكىتى› نى ماددا ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەققىدىكى ئىلمىي تەپەككۇرىنى،بوشلۇق ھەرقانداق شەكىلدىكى ماددىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن ئورۇن ئالدىغانلىقى ئۇستىدىكى مۇھاكىمىسىنى مۇناسىۋەتلىك (ئىجتىمائىي پەن ھەم تەبىئىي پەن)كەسىپداشلارنىڭ سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلاپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن[font="].[font="] ئۇنىڭ يەنە: ھەرقانداق ئەمەلىي گەۋدە (سۇبستانسىيە) ۋە شەكىل ئىپادىلىنىشتە ‹يوقلۇق› نى شەرت قىلىدىغانلىق ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشى، ماددا ھەرىكىتى مۇتلەق، جىملىقى نىسپىي،بوشلۇق جىملىقى مۇتلەق، ھەرىكىتى نىسپىي دېگەن نۇقتىئىنەزىرى بىزنىڭ ماددا دۇنياسىنى ئىلگىرىلەپ چۈشىنىشىمىزگە قۇلايلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن[font="].[font="]» [font="]2009-يىلى 9- ئايدا، جۇڭگو فىزىكا ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، چۇڭچىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور يېتەكچىسى، تونۇلغان فىزىكا ئالىمى لى فاڭيۈنىڭ قاسىم سىدىقنىڭ «‹فىزىكىلىق شەكىل› ئۇقۇمىنى تۇرغۇزۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكى» ناملىق ماقالىسىغا: «يېڭىلىق يارىتىش روھىغاباي، جەلپكار تېما ئىكەن» دەپ باھا بەرگەن. |)*m[_1
=/M$<+
[font="]«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» قانداق نەزەرىيە؟ [font="]«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە: [font="]«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ ئاساسى ئىدىيىسى : [font="]فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسىدە، ساقلىنىش قانۇنلىرى ئالەمنىڭ ھەر قانداق پەيتىگە نىسبەتەن ئۈنۈملۈك، مەڭگۈلۈك قانۇنلاردۇر دېگەن مەۋقەدە تۇرۇپ، ھەقىقىي مەنىدىكى ئاساسىي زەررىچە − «ئېين» نىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدىكى پەرەزلەر ئوتتۇرغا قويۇلغان. ئالەملىك ئومۇمىي ماسسا − ئېنېرگىيە مۇتلەق ھەجىمگە ئىگە، ئالەم ماددا ۋە ماكاندىن ئىبارەت خاراكتېر جەھەتتىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان ئىككى خىل رېئاللىقنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى؛ ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسىي خاراكتېرى ئەگرى بولىدۇ؛ ئالەم مەڭگۈ دەۋرىي بولىدۇ؛ يورۇقلۇقنىڭ ھازىرقى تېزلىكىدىن يۇقىرى بولغان تېزلىك مەۋجۇت؛ ھېزىنبېرىگ ئېنىقسىزلىق پرىنسىپى مۇتلەقلىق ئىدىيىسى تۇرغۇزۇلغاندا ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ دېگەن تەشەببۇسلار بايان قىلىنغان. كلاسسىك فىزىكا بىلەن كۋانت فىزىكىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى«فىزىكىلىق شەكىل» ئۇقۇمىنى يادرو قىلغان يېتەرلىك ئۇقۇملار سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق ھەل قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن فىزىكا نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئاساسلار ئوتتۇرىغاقويۇلغان. aJ% e'F[
2011-3-9 13:17 چىقىرىشچۈشۈرۈش (137.37 KB) [font="] iRkOH]+K 'JJ1#kKa
[font="]«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» مۇنداق دەپ قارايدۇ: ماكان ئەگرى[font="] بولمايدۇ، ئەكسىچەھەرىكەتنىڭ خۇسۇسىيىتى ئەگرى بولىدۇ. يورۇقلۇق زەررىچىلىك[font="] خۇسۇسىيەتكە ئىگەبولۇپ، دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت ئۇنىڭ ھەرىكەت شەكلىدۇر. ھېزىنبىرىگ ئېنىقسىزلىق پرىنسىپى ۋە نىسبىيلىك قائىدە- پرىنسىپلىرى فىزىكىلىق مەسىلە ئەمەس، بەلكى بىلىش نەزەرىيىسى ۋە پەلسەپىۋى مەسىلە. زامان سۇبيېكتىپ كاتېگورىيە . ئالەمدىكى ماددىنىڭ گېئومېتىرىيەلىك مىقدارى تۇراقلىق بولىدۇ. ئالەم دەۋرى بولىدۇ، ئۇنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بولمايدۇ... ۋەھاكازالار[font="]. 4Q&Xb <
[font="]«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» دىكى ئىپتىدائىي (دەسلەپكى) ئۇقۇم «فىزىكىلىق شەكىل» ئۇقۇمى بولۇپ، بۇنىڭغا «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» مۇنداق ئېنىقلىما بېرىدۇ: فىزىكىلىق شەكىل − مۇئەييەن ئوپتىكىلىق ۋە گېئومېتىرىيەلىك ھالەت.«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» گە ئاساسلانغاندا، «فىزىكىلىق شەكىل» مۇنداق ئىككى تۈرلۈك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ: (1) فىزىكىلىق شەكىل چەكلىك بولىدۇ؛ (2)فىزىكىلىق شەكىل ئارقا كۆرۈنۈشتىن ئايرىلالمايدۇ. «ئارقا كۆرۈنۈش» ئۇقۇمىغا فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى مۇنداق ئېنىقلىما بېرىدۇ: ئارقا كۆرۈنۈش − مۇئەييەن فىزىكىلىق شەكىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماكان. «فىزىكىلىق شەكىل» نىڭ ئاساسلىرى مۇنداق: (1) ۋاسىتىلىك ۋە بىۋاسىتە كۆزىتىلگەن ماددىي دۇنيا فىزىكىلىق شەكىلگە ئىگە بولۇپ، فىزىكىلىق شەكىل ماددىنىڭ كونكرېتلىقىدۇر؛ (2) فىزىكىلىق شەكىلدىن مۇستەسنا ھالدا ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ؛ (3)فىزىكىلىق شەكىلدىن مۇستەسنا ھالدا تەجرىبە پەنلىرى، جۈملىدىن تەجرىبە فىزىكىسىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. [font="]«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» دىكى تۈپ ئىدىيەنى ئوبرازلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن، قاسىم سىدىق 1990-يىلى «ئاق قەغەز مودېلى » نى تۇرغۇزۇپ چىققان.«ئاق قەغەز مودېلى » ئۈچ پارچە رەسىمدىن تەشكىل تاپقان. (بۇ يەردە سەھىپە ئېھتىياجى بىلەن «ئاق قەغەز مودېلى» نىڭ رەسىمى بېرىلمىدى ھەم ئۇنىڭغا بىر ئىككى جۈملە بىلەن چۈشەنچە بەرگىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئېنىق چۈشەنچە بېرىلمىدى. بۇ ھەقتە چۈشەنچە ھاسىل قىلغۇسى بارلار، قىزىقىدىغانلار ياكى كۆرۈپ بېقىشنى خالايدىغانلارنىڭ قاسىم سىدىقنىڭ «ئاق قەغەز مودېلى » ناملىق ماقالىسىنى كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن). [font="]«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» دىكى يەنە بىر مۇھىم ئۇقۇم «يوقلۇق» ئۇقۇمىدۇر. «يوقلۇق»ئۇقۇمىغا «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» مۇنداق ئېنىقلىما بېرىدۇ: يوقلۇق −شەكىلسىزلىك ۋە چەكسىزلىك سۈپىتىدىكى ئەمەلىي رېئاللىق. «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» بويىچە قارىغاندا، «يوقلۇق» مۇنداق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولىدۇ: (1)ھەربىر كونكرېتلىقتا چەكلىك، ئومۇمىيلىقتا چەكسىز بولىدۇ؛ (2) مۇتلەق تىنچ بولىدۇ. [font="]بۇيەردە «يوقلۇق» ئۇقۇمى توغرىسىدا بىر ئاز توختىلىپ ئۆتۈش زۆرۈر. [font="]«يوقلۇق»ئالدى بىلەن پەلسەپە كاتېگورىيەسىگە تەۋە ئۇقۇم بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ مەزكۇرئۇقۇمنى تۇرغۇزۇش تارىخى نەچچە مىڭ يىلدىن ئاشىدۇ. ھازىرغىچە تېپىلغان ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، «يوقلۇق» دېگەن ئۇقۇم تۇنجى قېتىم ھىندى دىنى ئەقىدىسىدە مەيدانغا چىققان. قەدىمكى ھىندى دىنى مۇرىتلىرىنىڭ قارىشىچە، دۇنيا«يوقلۇق» تىن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، «يوقلۇق» تىن بارلىققا كەلگەن بۇ دۇنيا دەسلەپتە تىرىقچىلىق ھالەتتە ئىكەن، كېيىن غايەت زور بىر قۇدرەتلىك كۈچنىڭ سەۋەبىدىن، دۇنيانىڭ ھازىرقى ھالىتى شەكىللەنىكەن. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، قەدىمكى ھىندىلار «يوقلۇق» نى دۇنيانىڭ مەنبەسىگە باغلاپ چۈشەندۈرگەن. بۇ مەلۇم جەھەتتىن تەسەۋۋۇپتا تىلغا ئېلىنىدىغان «فەنا» (يوقلۇق) ئۇقۇمى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەناغا يېقىن كېلىدۇ. تەسەۋۋۇپتا تىلغا ئېلىنىدىغان «فەنا» (يوقلۇق) ئۇقۇمى مېتافىزىكىلىق مەناغا ئىگە ئۇقۇم بولۇپ، تەسەۋۋۇپتىكى «ئىنسانىي كامىللىق» چۈشەنچىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭغا ئەلشىر نەۋائىنىڭ «يوقلۇق» مەنىسىدە «فانىي»تەخەللۇسىنى ئىشلەتكەنلىكىنى مىسالغا ئېلىش مۇمكىن. ئېلىمىزدە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى6- ئەسىردە «يوقلۇق» چۈشەنچىسى شەكىللەنگەن، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى مەشھۇر پەيلاسوپى لاۋزى ئۆزىنىڭ «داۋ ۋە ئەخلاق» (道[font="] دېگەن سۆز بىزدە بەزىدە «تەرىقەت»، بەزىدە «تويىن»دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ سۆز لاۋزىنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسىدىكى يادرولۇق ئۇقۇم بولۇپ، «تەرىقەت» دەپ ئالغاندا، بۇ ئۇقۇمنىڭ پەلسەپىۋى مەنىسى سۇسلىشىپ، دىنى مەنىسى كۈچىيىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە «داۋا» سۆزى كۆپ مەنىلىك بولۇپ، ئۇنى بىرلا مەنىسى بىلەن ئېلىش بۇ ئۇقۇم ئىپادىلەيدىغان پەلسەپىۋى مەنانى ئاڭقىرىشىمىزغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، لاۋزى بۇ سۆزنى «يوقلۇق» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «无[font="]» دېگەن سۆزنىڭ قارىمۇ قارشى مەنىسى سۈپىتىدە تىلغا ئالغان،«يوقلۇق» نىڭ قارىمۇ قارشى مەنىسى «بارلىق» بولىدۇ، لېكىن بۇ سۆزنى «بارلىق» دەپ ئېلىشقا توغرا كەلگەندە «بارلىق» نى ئىپادىلەيدىغان «存[font="]» بىلەن «在[font="]» دېگەن ئىككى سۆزدىن پەرقلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، «存[font="]» «بارلىق»نىڭ ئۆتكەن زامان شەكلىنى كۆرسەتسە، «在[font="]» بارلىقنىڭ ھازىرقى زامان شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، مەن بۇ سۆزنى«داۋ» دەپ ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئىنگلىز تىلى قاتارلىق چەت ئەل تىللىرىدىمۇ لاۋزىنىڭ بۇ ئۇقۇمى «داۋ» دەپ ئېلىنغان) دېگەن ئەسىرىدە، «يوقلۇق» نى «داۋ» (道[font="]) نىڭ مۇخالىپى سۈپىتىدە تىلغا ئالغان. بۇ يەردىكى داۋا «بارلىق» ياكى «مەۋجۇدىيەت» مەنىسىنى بىلدۈرەتتى. «يوقلۇق» ئۇقۇمى ھازىرقى زامان غەرب پەلسەپىسىدىمۇ ئەڭ قىزغىن مۇھاكىمە قىلىنغان ئۇقۇملارنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ، ھازىرقى زامان غەرب پەلسەپىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئېقىملارنىڭ بىرى بولغان مەۋجۇدىيەتچىلىكتە «يوقلۇق»ئۇقۇمى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىنغان، مەۋجۇدىيەتلىك پەلسەپىسىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ مارتىن ھايدېگگىرنىڭ «بارلىق ۋە زامان»، «مىتافىزىكىغا مۇقەددىمە» قاتارلىق ئەسەرلىرى ۋە فرانسىيەلىك مەۋجۇدىيەتچى پەيلاسوپ ژان پاۋل سارترنىڭ «بارلىق ۋە يوقلۇق» ناملىق ئەسىرىدىكى «يوقلۇق»توغرىسىدىكى مۇھاكىمىلەردىن غەرب پەلسەپىسىدىكى «يوقلۇق» ئۇقۇمى ھەققىدە يېتەرلىك چۈشەنچە ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ (سەھىپە ئېھتىياجى سەۋەبىدىن مەن بۇ يەردە بۇ ئىككى پەيلاسوپنىڭ «يوقلۇق» ئۇقۇمى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى تەپسىلىي شەرھلىمەيمەن). [font="]شۇ نۇقتىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەككى، پەلسەپىدىكى «يوقلۇق» ئۇقۇمى بىلەن قاسىم سىدىق«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» دە ئوتتۇرىغا قويغان «يوقلۇق» ئۇقۇمى پەرقلىق ئۇقۇملاردۇر. شۇڭا، ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. [font="]«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» دىكى يېڭىلىق يارىتىلغان تېمىلار: [font="]قاسىم سىدىق ئوتتۇرىغا قويغان «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» دە ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگەبولغان، يېڭىلىق يارىتىلغان دەپ قاراشقا بولىدىغان 12 تۈرلۈك تېما بار. بۇ تېمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ئىنتايىن مۇھىم فىزىكىلىق، ئالەمشۇناسلىق(كوسمولوگىيەلىك) ۋە پەلسەپىلىك مەسىلىلەردۇر. بۇ تېمىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك لوگىكا،پەلسەپە نۇقتىسىدىن ھەل قىلىنىپ، ماتېماتىكىلىق دەلىللەش باسقۇچلىرىدا تۇرۇۋاتىدۇ.سەھىپە ئېھتىياجى ۋە كىتابخانلارنىڭ قوبۇل قىلىشى كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۇ يەردە مەزكۇر يېڭىلىقلار بىرمۇبىر تىلغا ئېلىنمىدى. قىزىقىدىغانلارنىڭ قاسىم سىدىقنىڭ«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان «كائىنات» تور بېكىتى ([font="] www.kayinat.com[font="]) ئارقىلىق بۇ يېڭىلىقلارنى كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. (مەزكۇر تور بېكەتتىن قاسىم سىدىق ۋە ئۇنىڭ تەتقىقاتىغا ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنى تاپقىلى بولىدۇ.) "`y W]v [font="]«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» نىڭ پەرەزلىرى ئىچىدىكى قوللاشقا ئېرىشتى دەپ قاراشقا بولىدىغان پەرەزلەر: [font="]ئالدى بىلەن بۇ يەردىكى «قوللاشقا ئېرىشتى» دېگەن سۆزنى ئىزاھلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇدېگەنلىك، شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ ئالدىن ئوتتۇرىغا قويغان پەرەزلىرى ئىچىدىكى بەزى پەرەزلەر باشقىلار كېيىن قولغا كەلتۈرگەن تەتقىقات، كۆزىتىش، تەجرىبە نەتىجىلىرىگەماس كەلدى، دېگەنلىك بولۇپ، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ نەتىجىلىرى شەكىل نەزەرىيەسى ئالدىن ئوتتۇرىغا قويغان پەرەزلەرنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان، دېگەنلىك ئەمەس. (سەھىپە ئېھتىياجى بىلەن باشقىلار قولغا كەلتۈرگەن تەتقىقات، كۆزىتىش نەتىجىلىرى تەپسىلىي شەرھلەنمىدى). 6:8EZ'y 1[font="]. «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ «شەكىلگە ئىگە بولمىغان ماددا(ماسسا- ئېنېرگىيە ) ۋە ماددىنىڭ ھەرىكىتى مەۋجۇت ئەمەس، شەكىل ماددىنىڭ كونكرېتلىقى» دېگەن پەرىزى پۈتكۈل كۆزىتىش ۋە تەجرىبە نەتىجىلىرى، شۇنداقلا، ئىنسانىيەتنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بىۋاسىتە تەجرىبىلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ. KE }o
[font="]2[font="]. «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» نىڭ «ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولمىغان شەكىل مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن پەرىزىمۇ ئوخشاشلا پۈتكۈل كۆزىتىش ۋە تەجرىبە نەتىجىلىرى،شۇنداقلا، ئىنسانىيەتنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بىۋاسىتە تەجرىبىلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ. pP_wBX
[font="]3[font="]. «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» نىڭ ئالەم دەۋرىيلىككە ئىگە، دېگەن پەرىزى ئەنگلىيە ئالىمى روگىر. پىنروز 2_B; [font="](R.Penrose)[font="] ۋە ئەرمىنىيە ئالىمى ۋاچ. گۇسادىيان [font="](V.G.Gurzadyan)[font="] لارنىڭ تەتقىقات ۋە كۆزىتىش نەتىجىلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ. WzNG<rG
[font="]4[font="]. «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» نىڭ «نىيۇتۇنچە ماكان مەۋجۇت»دېگەن كۆز قارىشى كۋانت نەزەرىيىسى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ. چۈنكى ، نىيۇتۇنچە ماكان بولمىسا كۋانتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ[font="]. [font="]5[font="]. «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» نىڭ «ئوبيېكتىپ زامان مەۋجۇت ئەمەس، زامان سۇبيېكتىپ قورال» دېگەن پەرىزى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى كىراك. كالىندىر [font="](CraigCallender)[font="]نىڭ «زامان پەقەت تۇيغۇمۇ؟» ناملىق ماقالىسىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن كۆز قاراشلار ۋە ۋاچ. گۇسادىيانلارنىڭ يۇقىرىقى تەتقىقات نەتىجىسى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ. ئالەمنىڭ دەۋرىيلىكىنى تەشەببۇس قىلغان يۇقىرىقى چەت ئەللىك ئىككى نەپەر ئالىمنىڭ تەشەببۇسلىرى پۇت تېرەپ تۇرالىسا ياكى نيۇتونىنڭ مۇتلەق زامان ئىدىيىسىنى قايتا ئىلىپ كېرىشكە ياكى زامان سۇبيېكتىپ قورال دېگەن ئىدىيەنى قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ [font="]. =rs=8Ty?S
[font="]6[font="]. «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» نىڭ يورۇقلۇق تېزلىكىدىن يۇقىرى تېزلىك مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى پەرىزى كۋانت نەزەرىيەسى، ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە شىۋىتسارىيەنىڭ جەنىۋە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملارنىڭ يورۇقلۇق تېزلىكىگە ئالاقىدار تەجرىبە نەتىجىلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ. OsHkAI
[font="]7[font="]. «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» نىڭ «ئېينىشتىيىننىڭ زامان- ماكان ئىدىيىسىدە بىرتەرەپلىمىلىك ۋە چەكلىمىلىك مەۋجۇت»دېگەن پەرىزى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى سىتۋىنۋىنبىرىگ [font="](Stevn.Weinberg)[font="]، ئامېرىكا ۋىرمونىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ھانىس يوھانيان [font="](Hansc.ohanian)[font="]لارنىڭ «ئېينىشتېيىننىڭ خاتالىقى» ناملىق ئەسىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيەلەر ۋە سىتانفۇرت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەم ئىلىشقا چىققان تەتقىقاتچىسى، رۇسىيە ئالەم قاتناش ئاكادىيمىسىنىڭ ئاكادېمىكى خۇادى [font="](Hua Di)[font="]نىڭ ئېينىشتېيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ئۈستىدە ئىلىپ بارغان بىريۈرۈش تەتقىقات نەتىجىلىرى، شۇنداقلا كۋانت نەزەرىيەسى ۋە ئەرمىنيە، ئەنگلىيىلىك يۇقىرىقى ئىككى ئالىمنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى تەرىپدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ. [font="]خاتىمەئورنىدا: قاسىم سىدىق نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ [font="]كىچىككىنە قىستۇرما: Ugee?;]lu 2008-يىلى ئامېرىكىدا نەشىر قىلىنىدىغان «بايقاش» ژۇرنىلىدا، 1979- يىلى گىلاشوۋ ۋە مۇھەممەد ئابدۇسالاملار بىلەن بىرلىكتە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئامېرىكىلىق فىزىكا ئالىمى سىتۋېن ۋېنبىرگنىڭ «ئېينىشتىيىننىڭ خاتالىقلىرى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. 2010- يىلى يەنە مەزكۇر ژۇرنالدا ئېينىشتېيىن ئۆمرىدە سادىر قىلغان 23 تۈرلۈك ئىلمى خاتالىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2010- يىلى 11-ئاينىڭ 30- كۈنى مەملىكىتىمىزدىكى بىر قىسىم تور بېكەتلىرىدە ئامېرىكا فىزىكا ئالىملىرى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ئەنگلىيەلىك فىزىكائالىمى روگىر پىنروز ([font="]R.Penrose[font="])، ئەرمىنىيە فىزىكا ئالىمى ۋاچ گوسادىيان ([font="]V.G.Gurzadyan[font="]) لارنىڭ ئالەمنىڭ دەۋرىيلىكى ھەققىدە يېتەرلىك ئىسپاتقا ئېرىشكەنلىكى بەس- بەستە خەۋەرقىلىندى. k;AV;KWI' قاسىم سىدىق «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى»دە بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرىلا زاماننىڭ سۇبيېكتىپ كاتېگورىيە ئىكەنلىكى، ئوبيېكتىپ دۇنيادا «زامان» دىن ئىبارەت ئەمەلىي رېئاللىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى لوگىكىلىق ئەقلىي خۇلاسە شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويغانىدى.يۇقىرىقى ماقالىلەردە قاسىم سىدىق 1990- يىلى «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» دەئوتتۇرىغا قويغان «زامان» (ۋاقىت) ۋە «ماكان» (بوشلۇق) ھەققىدىكى كۆز قاراش ئىلگىرى- كېيىن 2007- يىلى ۋە 2010- يىلى چەت ئەل ئالىملىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. [font="]بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئالەم ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرى، ماھىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش تەپەككۇر قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. تەپەككۇر − ئىنساننى باشقا جانلىقلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان خاسلىقتۇر. شۇڭا، فرانسىيەلىك پەيلاسوپ دىكارت ئۆزىنىڭ بارلىق قاراشلىرىنى ئەقىلچىلىك نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ «ئويلىنىمەن، شۇڭامەن مەۋجۇت» دېگەن مەشھۇر پەلسەپىۋى ھۆكۈمگە يىغىنچاقلىغان. ئۇنىڭ بۇ ھۆكۈمى ھازىرغا قەدەر مۇھىم بىر پەلسەپىۋى ئاكسىئوما سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئىنگىلىسمۇ«تەپەككۇر» نى تىلغا ئالغاندا «بىر مىللەت ئىلىم- پەننىڭ يۈكسەك چوققىسىدا تۇرىمەن دەيدىكەن، بىر مىنۇتمۇ نەزەرىيەۋى تەپەككۇرسىز يۈرمەسلىكى كېرەك» دېگەن. تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئۈچۈن سىستېمىلىق تەربىيەلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەشمۇ بىر تەرەپلىمە قاراشتۇر. تارىختىكى نۇرغۇن ئالىملار ھازىرقىلاردەك سىستېمىلىق مەكتەپ تەربىيەسى كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇرى، ئەقىل- پاراسىتى ئارقىلىق ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى ياراتقان. [font="]قاسىم سىدىق گەرچە تۈزۈك مەكتەپ تەربىيەسى كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىزدىنىش، ئۆگىنىش روھى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ. دەۋر ۋە شارائىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن قاسىم سىدىق ئەينى چاغدا ئاران ئوتتۇرا مەكتەپكىچىلا ئوقۇيالىغان، كېيىن خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئاندىن مائارىپ ئىنستىتۇتىدابىلىم ئاشۇرغان. ئۇنىڭ كاللىسىدا «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» ھەققىدىكى دەسلەپكى خىياللار پەيدا بولغان 1978- يىلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە توپتوغرا 33 يىل ئۆتتى، بۇ33 يىل بىر ئادەمنىڭ يېرىم ئۆمرى ياكى بىر ئادەم تۇغۇلۇپ ياشلىق كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىلگە قەدەم قويىدىغان چېغىغا باراۋەردۇر. بىزدە مەلۇم بىر تېما ئۈستىدە33 يىل ئەمەس، بىر- ئىككى يىل چىڭ تۇرۇپ ئىزدىنەلەيدىغانلاردىن قانچىسى بار؟ بۇنىڭدا بىر نېمە دېيەلمەيمەن. قاسىم سىدىقنىڭ 32 يىللىق ھاياتى ئەمەلىيەتتە بىزگە ئىزدىنىشنىڭ، ئۆگىنىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان جانلىق دەرسلىك. قاسىم سىدىق 32 يىل ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ ئۆزىنىڭ «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى»ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىنى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ باردى، ھەتتا ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان بەزى قاراشلار دۇنيادىكى داڭلىق فىزىكا ئالىملىرى تەرىپىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىسپاتلاندى. لېكىن،بۇ جەرياندا قاسىم سىدىق توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئۆسەك سۆزلەر، مىش- مىش پاراڭلارمۇ چىقماي قالمىدى، بەزىلەر ئۇنىڭغا ئىلھام بەرسە بەزىلەر مەسخىرىلىك نەزەردە قارىدى، ھەتتا مەخسۇس فىزىكا كەسپى بويىچە چەت ئەلدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقانلارمۇ قاسىم سىدىق ۋە ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» توغرىسىدا سەلبىي پوزىتسىيەسىدىكى يازمىلارنى ئېلان قىلىپ، تۈزۈك مەكتەپ تەربىيەسى كۆرمىگەن بۇ كىشىنىڭ بۇنداق«نەزەرىيە» نى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا گۇمان بىلەن قارىدى. [font="]ئىشقىلىپ، قاسىم سىدىق جەمئىيىتىمىزدىكى ئىزدىنىشچان كىشىلەر دۇچ كېلىدىغان كەچۈرمىشلەرنىڭ ھەممىسىگە دۇچ كەلدى. لېكىن، ئۇنىڭ روھى بۇنىڭ بىلەن سۇسلىشىپ كەتكىنى ياكى ئۆزىنىڭ ئىزدىنىش يولىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. ئۇ ھازىر تۇغۇلغان يۇرتى ۋە ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، ئۈرۈمچىدە مۇقىم تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، قىزىقىدىغان كەسىپ ئەھلىلىرى، ئۆزىنى ماددىي جەھەتتە قوللايدىغان ئىلىم سۆيەر كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» تەتقىقاتى خىزمىتىگە بېغىشلانغان«كائىنات» تور بېكىتى ۋە «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى تەتقىقات گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى ئەخمەتجان ئابلىز (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا،ئېلېكترون ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتۇر)، پولات ئەخمەتجان (شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى فىزىكا ئىلمى ۋە تېخنىكىسى ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى)، ئەركىن (شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى فىزىكا ئىلمى ۋە تېخنىكىسى ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى)، ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېشىت (شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى فىزىكا ئىلمى ۋە تېخنىكىسى ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتۇر) قاتارلىقلارنىڭ يېقىدىن ياردەمدە بولۇشى بىلەن «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى ئىلمى جەمئىيىتى» نى قۇرۇش ۋە ئۇنى مۇناسىۋەتلىك فۇنكسىيەلىك تارماقلارغا ئەنگە ئالدۇرۇش، «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» نى ماتېماتىكىلىق دەلىللەش، ماتېماتىكىلىق مودېل تۇرغۇزۇش، «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» گە ئائىت كۆز قاراشلىرى ۋە ماقالىلىرىنى خەنزۇتىلى، ئىنگلىزتىلىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ، ئېلىمىز ۋە چەت ئەللەردىكى ئالىملارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇنۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتىدۇ. [font="]قاسىم سىدىقنىڭ بىر قىسىم كۆز قاراش،پەرەزلىرى دۇنيادىكى باشقا ئالىملار تەرىپىدىن ئۇنىڭدىن كېيىنرەك ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم كۆز قاراشلىرى داۋاملىق مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ،پەلسەپە- لوگىكىلىق نۇقتىدىن ھەل قىلىنىپ، ماتېماتىكا نۇقتىسىدىن دەلىللىنىۋاتىدۇ.(ئادەتتە فىزىكىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەرقانداق بىر نەزەرىيەنىڭ ماتېماتىكا ئارقىلىق دەلىللىنىشىنى ئىلىم- پەندىكى ئەقەللىي تەلەپ ۋە خەلقئارالىق ئۆلچەم ھېسابلىنىدۇ) قاسىم سىدىقمۇ ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن تىنماي ئىزدىنىۋاتىدۇ. «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى»نىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىر ئىستىقبالىنىڭ قانداق بولۇشى، قاسىم سىدىقنىڭ بۇجەھەتتە مۇۋەپپەقيەت ساھىبىغا ئايلىنىش، ئايلىنالماسلىقى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەمەلىيەت ئىسپاتلايدىغان مەسىلە. خۇددى ئېينىشتىيىن ئېيتقاندەك: «[font="]نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئىلىم- پەن تارىخىمىزغا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارلا يېزىلىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلاردىن ئىلگىرى يول ئىزدىگەن مەغلۇپ بولغۇچىلار يېزىلمايدۇ؟ مانا بۇ زورئادالەتسىزلىك، مەلۇم بىر يولدا مېڭىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشمۇ ئىلىم- پەنگە قوشۇلغان چوڭ تۆھپە» دۇر. شۇڭا، بۇ يەردە بىز قاسىم سىدىقنىڭ «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى»گە ئائىت قاراشلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ياكى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرغان ھالدا شۇنى تەكىتلەيمىزكى، مۇۋەپپەقىيەت ھامان تىرىشىشتىن كېلىدۇ. قاسىم سىدىقنىڭ 32 يىللىق تېرىشىش، ئىزدىنىش ھاياتى دەۋرىمىزدىكى ھەربىر ياشنىڭ ئۈزۈكسىز ئىزدىنىشى، ئۆگىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر تۈرتكىلىك كۈچ ۋە زور مەدەتتۇر. q]wn:%rX
[font="] PN)TX~}
مەنبە: «شىنجاڭ ياشلىرى»ژورنىلى 2011-يىلى 3-سان. A~%g"
|