شىمالىي كورىيە(چاۋشىيەن) پادىچىلار ئىشتىنىنىڭ سىياسىي تەغدىرى 2u"lc'9v
(]|h6aI'}
2009 -يىلى12-ئايدا،شېۋىتسارىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ماللار ماگىزىنى "شىمالىي كورىيەدە ياسالغانMade in North Korea hXW` n*Zw
بەلگىسى بار پادىچىلار ئىشتىنى سېتىشقا باشلىغان،باھاسى1500 شېۋىتسارىيە فىرانىكى(تەخمىنەن217 ئامېرىكا دوللىرى)بولۇپ،بۇ خەۋەر غۇلغۇلا قوزغىغان.شىمالىي كورىيە ھەقىقەتەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان پادىچىلارئىشتىنىنى ئىشلەپ چىقارغان. gFDnt
ھەقىقي ئەھۋالنى2007-يىلى7-ئايدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.ستوكھولىمدىكى بىر ئېلان شېركىتىنىڭ ئۈچ نەپەر ياش خادىمى بولۇپ،ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بىرگە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشكەن،ئۇلار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يېقىندىلا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان بولۇپ،قىزىقارلىق بىر ئىش قىلىپ باقماقچى بولغان.ئۇلار تورغا چىقىپ شىمالىي كورىيەنىڭ ھۆكۈمەت تورىنى ئاچقان،سودا سەھىپىسىدە ئۇلار شىمالىي كورىيەنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى،يۈك ماشىنىسى،مەرمەر تاش،مېنرال سۇ،ئوت ئۆچۈرگۈچ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل تاۋارلارنى ئېكىسپورت قىلىدىغانلىقىنى كۆرگەن،ھەتتا پادىچىلار ئىشتىنىنىمۇ بار ئىدى.ئۇلار بىردىنلا قىزىقىپ قېلىپ،تور بەتتىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى بويىچە ئېلىخەت يوللاپ،ئۆزلىرىنى شېۋىتسارىيەنىڭ ئىمپورت ئېكىسپورت شېركىتىنىڭ دېرىكتورى دېگەن،شىمالىي كورىيە مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقىدىغانلىقىنى،شىمالىي كورىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. !X>u.}?g
ئويلىمىغان يەردىن،ئۇلار تېزلا جاۋاپ خەت تاپشۇرۇۋالغان،ئۆزىنى [Sampak] دەپ ئاتايدىغان شىمالىي كورىيەلىك ناھايىتى دوستانە تەلەپپۇزدا ئۇلارنىڭ شىمالىي كورىيەنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقىدىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان ھەمدە ئۇلارنىڭ شېۋىتسارىيەدە تۇرۇشلۇق شىمالىي كورىيە ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. / f%mYL
بۇ ياشلار راستىنلا شىمالىي كورىيەنىڭ شېۋىتسارىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تېلىفۇن ئۇرغان،قارشى تەرەپ ئامالنىڭ بارىچە ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەلچىخانىغا كېلىپ يۈز كۆرۈشىشىنى ئۈمۈد قىلغان.بۇ ئۈچ ياش ئەلچىخانىغا بېرىپ كۆرۈپ باقساق قىزىقارلىق بولىدۇ دەپ ئويلىغان.يۈز كۆرۈشۈش داۋامىدا،ئۇلار ئىككى پادىچىلار ئىشتىنى ئېلىۋالغان بولۇپ(بىرى كىيىپ قالغىنى ئىدى)،شىمالىي كورىيەگە بېرىدىغان نۇسخا قىلغان،ھەممىسى قارىماققا ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان. Q8p6n
2008-يىلىنىڭ بېشىدا،شىمالىي كورىيە ئۇلارنى رەسىمىي تەكلىپ قىلىپ،پيوڭياڭغا كېلىپ كىيىم تىكىش زاۋۇتلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈشىنى ئۈمۈد قىلغان.ئۈچ ياش شىمالىي كورىيەنىڭ كومپيوتىر مەركىزىنى ھەم ئاددىي شىمالىي كورىيە ياشلىرى بىلەن يۈزلىشىشنى،چوڭ تىپتىكى كوللىكتىپ گىمناستىكا نومىرى"ئارىراڭ"(Arirang) نى كۆرمەكچى بولغان.ئەمما،شىمالىي كورىيە تەرەپ،كىم ئېرسىننىڭ جەسىتى قويۇلغان خاتىرە ساراينى،مانسۇدا (Mansuda)كىم ئېرسىن ھەيكىلىنى،ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى شىمالىي كورىيەگە سوۋغا قىلغان بۇيۇملار قويۇلغان خەلقئارا دوستلۇق سارىيىنى كۆرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقىچە زىيارەت كۈن تەرتىپىنى چىقارغان. _z\/{
2008-يىلى7-ئاينىڭ27-كۈنى،شېۋىتسارىيىلىك ئۈچ ياش بېيجىڭدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ پيوڭياڭغا يېتىپ كەلگەن.پويىز ئىستانسىدا مەخسوس بىر ئادەم كۈتىۋالغان ھەمدە ئۇلارغا بىر مەخسوس شوپۇر ئەۋەتكەن.شوپۇر ئۇلارنى داڭلىق (Koryo Horel)مېھمانخانىسىغا ئاپارغان.مېخمانخانا خوجايىنى مەيخانىدا ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كارا ئوك ناخشىسى ئېيتقان،شىمالىي كورىيەلىك ھەمراھلار ھەمىشە جەڭگىۋار ئارمىيە ناخشىلىرىنى ئېيتقان،ئۇلار قاسراقلىق قۇرۇت مۇزىكا ئەترىتىنىڭ كونا ناخشىلىرىنى ئېيتقان،ئىككى خىل ناخشىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئېيتقان،ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ بىرلىكتە "پيوڭياڭ كېچىسى"نى ئېيتىپ ئاخىرلاشتۇرغان.بۇ ئاخشامنى خاتىرلەش ئۈچۈن،كېيىن بازارغا سېلىنغان پادىچىلار ئىشتىنىنىڭ ئىككى خىل شەكلىگە دەل(Kara) ۋە (oke)نام بېرىلگەن. {SoI;o_>
كېيىنكى10 كۈندە،ئۇلار شىمالىي كورىيەنىڭ بىر قىسىم كىيىم زاۋۇتلىرىنى زىيارەت قىلغان،ئەمما ھەمكارلىشىش ئىشىدا ئىلگىرلەش بولمىغان. =ily=j"hK
ئەڭ ئاخىرقى كۈنى،ئۇلار كان قېزىش ۋە توقۇمچىلىق مىنىستېرلىكىگە مەسئول يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ئۇچرىتىپ قالغان،ئىككى تەرەپ قول ئېلىشىپ،ئوپچە رەسىمگە چۈشۈپ،شېۋىتسارىيەدە ئىشلەنگەن ۋوتكا ھارىقىنى كۆتۈرۈشكەندىن كېيىن،توختام پۈتكەن.ئاخىرى قارا رەڭلىك پادىچىلار ئىشتىنى تىكىش قارار قىلىنغان،چۈنكى كۆك رەڭلىك پادىچىلار ئىشتىنى ئامېرىكا مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولۇپ،شىمالىي كورىيە ئىشلەپچىقىرىشنى خالىمايدىكەن. 36d nS>4
يەنە بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن،پادىچىلار ئىشتىنى ئاخىر ئىشلەپ چقىرىلغان.بۇ جەرياندا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار بولغان،شىمالىي كورىيەلىك ئايال تىككۈچىلەر پادىچىلار ئىشتىنى تىكىشكە ئۇستا ئەمەس بولۇپ،مەخسۇس تىكىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيلىگەن.يەنە كېلىپ،شىمالىي كورىيەنىڭ پادىچىلار ئىشتىنى تىكىشتە لازىم بولىدىغان مېتاللىق تۈگمە كەمچىل بولۇپ،ئىمپورت قىلىشقا توغرا كەلگەن. ZsmOn#`=^}
2009-يىلى11-ئاينىڭ11-كۈنى،1100يۈرۈش بىرىنچى تۈركۈم پادىچىلار ئىشتىنى ستوكھولىمغا يۆتكەپ كېلىندى.ئۇلار بىر تۈرلۈك ماللار شېركىتىنى قايىل قىلىپ،12-ئاينىڭ4-كۈنىدىن باشلاپ سېتىشنى ماقۇل قىلغان.ئەمما شېۋىتسارىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى كەينى كەينىدىن پىكىر قىلىپ،شىمالىي كورىيە بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېركمۇ يوق دېگەننى مۇنازىرە قىلدى،بولۇپمۇ شىمالىي كورىيەنىڭ يېرىم يىل ئىلگىرى يادرو قورال سىنىقى قىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئويلاشتى.پادىچىلار ئىشتىنى دۇكانغا سېلىنىپ يېرىم كۈنگە بارمايلا،تۈرلۈك ماللار شېركىتى بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي،بۇ ماللارنى قايتۇرۇشنى قارار قىلدى،سەۋەبى سىياسىيغا چېتىلىپ قېلىشنى خالىمايدىكەن. y^.66BH
تالاش-تارتىشلار ئالدىدا،"شىمالىي كورىيە پادىچىلار ئىشتىنى ۋەقەسى"نى تۇغدۇرغان ئۈچ ياش نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان.ئۇلار بىرپارچە ئېھتىياتچانلىق بىلەن يېزىلغان بايانات ئېلان قىلىپ،ئىشنىڭ ئۆزگىرىپ مۇنچىلىك مۇرەككەپلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى،ئۆزلىرىنىڭ باشتىكى مەقسىتى پەقەت قىزىقچىلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. 2HbnE&
ھازىرغا قەدەر،پۈتكۈل ۋەقە قارىماققا ھىپپى روھى،خاككېر مەدەنىيىتى،خەلقئارالىق جۇغراپىيىۋى سىياسەت ۋە شىمالىي كورىيە ئېدىئولوگىيىسى ئارىلىشىپ كەتكەن ئالاھىدە مەھسۇلات ئىدى.بۇ ۋەقە قارا رەڭلىك،تىكىلىشى ئاددىي،سىزىقچىلىرى ئاز بولغان (NOKO) ماركىلىق پادىچىلار ئىشتىنىنىڭ ئويلاپ باقمىغان نۇرغۇن سىمۋوللۇق مەنىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. WT*"V<Z
21-ئەسىر ئىقتىساد گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى. AnaTuprakتەرىپىدىن تەستىقلاندى
 |