باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1524 
  •    ئىنكاس 
       6 

چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرەر

قەۋەت ئاتلاش
sawapkar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.728

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1240 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   53916 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4937 (قېتم)
 تۆھپە:   4568  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 816
 سائەت
دەرىجىسى:
816 سائەت 84 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-08
ئاخــىرقىسى:2013-09-03

 
چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرەر
`Qo37B2  
nv_vFK  
ئۇيغۇر تىلىدا تەرجىمان دېگەن سۆز ھەممە ئۇيغۇرغا چۈشىنىشلىك. ئۇيغۇرچىدا بۇ سۆزنىڭ تىلماچ، تەرجىمان، پەييى، تۇڭچى دېگەن ۋارىيانتلىرى بار. تۇڭچى دېگەن سۆز چىڭ ئىمپىرىيىسى ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىنى ئىستىلا قىلىپ بىرمەزگىلدىن يەنى 1880-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرچىغا كىرگەن. پەييى سۆزى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ مەھسۇلى. بۇ يەردىكى تىلماچ سۆزى قەدىمكى سۆز بولۇپ «قۇتادغۇبىلىك» تە كۆپ ئۇچرايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «تىل ئەقىلنىڭ تەرجىمانى» دېگەنىكەن. تىلدا بىر سۆزنىڭ ئەسلى مەنەدە قوللۇنۇلۇشتىن ئوخشۇتۇش شەكلىدە قوللۇنىلىشقا ئۆتىشى شۇ سۆزنىڭ ئاۋامغا ئاللىقاچان كۈندەك ئايان بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئوخشۇتۇش ئابستراكىت، مۇجىمەل ئۇقۇمنى رۇشەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن قوللۇنىلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەقىلنىڭ رىياللىشىش جەريانىنى تىلنىڭ تەرجىمە قىلىنىش جەيانىغا ئوخشىتىشى ئۇيغۇرلار نىڭ تەرجىمە ۋە تەرجىمانلىق ھەققىدە مول كەچۈرمىشكە، ئۇزاق تارىخىي تەجرىبىگە ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەينى دەۋر ئۇيغۇر تىلىغا  "قۇرئان"، "ئىنجىل"قاتارلىق دەستۇرلارنىڭ، "ئىزۇپ مەسەللىرى"، "بەشنامە" قاتارلىق غەرپ ۋە شەرق ئەدەبىيات جەۋھەرلىرىنىڭ مىڭ يل بۇرۇنلا تەرجىمە قىلىنغانلىقى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوخشۇتىشىنىڭ ئاممىۋىي ئاساسىنى دەلىللەيدۇ. ئەگەر بىز شۇ دەۋردە خەن سەيياھ ۋاڭ يەندىنىڭ "تۇرپاندا ساۋاتسىز ئادەم يوقكەن،" دېگىنىنى ۋە چىڭگىز خاننىڭ ئۇيغۇر تىلنى ئىمپىرىيە تىلى قىلغانلىقىنى ئەسلىيەلىسەك، چىڭگىز ئىمپىرىيىسى ئارقىلىق دۇنيا تەرتىپلىگەن ئۇيغۇر ئەقلىنىڭ ۋە شۇ ئەقىلنى باشقا تىللىقلارغا مۇكەممەل ئۆرۈپ بېرەلىگەن ئۇيغۇر تىلنىڭ زامانىسىدىكى   قۇدرىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالىشىمىز مۇمكىن. «قۇتادغۇبىلىك»تە دېيىلىۋاتقان ئەقىل بىلەن تىلماچ ھەر ئىككىلىسى ئوخشۇتۇش بولۇپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇنى كېيىنكى بايانلىرىدا رۇشەنلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭچە ئەقىل دېمەك قۇدرەت، غەزىنە، پاراسەت دېمەكتۇر، تىل ئاچقۇچ بولۇپ تىلماچ ئاچقۇچنى قوللانغۇچىدۇر. مەن مۇشۇلارنى ئويلىسام يۇقارقى ماقال ماڭا غەلىتە تۇيۇلىدۇ. تىلماچ ۋە تىل ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر مىڭ يىللار بۇرۇن ئومۇملاشقا بىر مىللەت قانداق بولۇپ تەرجىمان ھەققىدە تېمىدىكىدەك  مەنپى قاراشقا كېلىپ قالدى؟ بۇ مەنپى قاراش قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئالماشقان ئۈچ  خىل ھاكىمىيەت جەريانىدىمۇ ئىزچىل ئالماشماي بازارلىق بولدى؟ F^gTID  
 J|N 6r  
تېمىدا تىلغا ئېلىغان ماقال ئاۋام ئۇيغۇرنىڭ تىلىدا «چالا پەييى ئادەم ئۆلتۈرۈرەر»  دېيىلىدۇ. "پەييى" دېگەنلىك خەنچە تەرجىمان دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر تەلەپپۇزىغا بويسۇندۇرلىشى. "زىيالىلار بۇ يەردىكى "پەييى" سۆزىنى تەرجىمان دەپ ئۇيغۇرچە قوللۇنىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى  خەنلەر بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقىنىغا تېخى نەچچە ئون يىل بولغان بۇ ئاۋام بۇ سۆزنىڭ خەنچىسىنى نەچچە ئەۋلادتىن بېرى ئىشلىتىدۇ، بۇ ھەممە ئۇيغۇرغا تولۇق ئۇقۇشلۇق. ئادەتتە تىلنىڭ قوللۇنىلىشى قاتلاملىق بولىدۇ. ئاۋامنىڭ تىلىدا قوللۇنىلىۋاتقان سۆزلەر ئومۇملاشقان بولىدۇ، زىيالنىڭ تىلىدا قوللۇنۇلغىنى مەلۇم دائىرىدە ۋە مەلۇم ساھەدىلا چەكلىنىدۇ. يۇقۇرىدا دېيىلگەن ماقالدىكى تۇڭچى سۆزىنىڭ چىڭ ئىمپىرىيىسى زامانىدا خەنچىدىن كېلىشىدىكى سەۋەپ: دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسى بولمىغان مانجۇلار ئورتا ئىقلىمنى خەن ھاكىمىيەت ئەنئەنىسى بىلەن بىۋاستە، يىراق يېڭى چىگرالارنى خەنلەر ئارقىلىق باشقۇرغان بولغاچقا چىڭ زامانىسىدا ئىنتايىن ئاز ساندا تىلماچ-تۇڭچىغا ھاجەت چۈشكەن. چۈنكى چىڭ ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ئەمەلدار پەقەت بىر سىموۋۇل بولۇپ ئەمەلىي ھوقۇق يەنىلا ئۇيغۇر شاھلار(ۋاڭلار) ۋە ھاكىمبەگلەردە بولغان. تۇڭچىلارغا ئەڭ كۆپ ئىھتيياج چۈشكەن چاغ، دەل شۇ يەرلىك ھۆكۈمدارلار ئاجىزلىتىلغان ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان  مىنگو زامانى. مىنگو مىللەتچىلىكنى ئاساس قىلغان بولغاچقا ئاتاقتا بەش مىللەت جۇمھۇرىيىتى(ئۇيغۇر، خەن، تۈبۈت، موڭغۇل، مانجۇ) دېسىمۇ، چىڭ سۇلالىسىدىن قالغان ئىمپىرىيەنى مىڭ خانلىقنىڭ داۋامى، باشقا مىللەتلەرنى جوڭخۇئا(بۈيۈك خەن) مىللىتىنىڭ بىر ئۇرۇقى دەپ قارايتتى. بۇ ئىدولوگىيەنىڭ سەۋەبلىك ئۇلار يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھاكىم بەگ ۋە شاھلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بارلىق  ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائى ساھەلەرگە جوڭخالىقلارنى ھاكىم قىلدى. بۇنداق تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش جەمئىيەتكە نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقلارنى، زىدىديەتلەرنى يۈكلىدى. مىنگوچىلار زىددىيەتنى پەقەت يەرلىك خەلقنىڭ قالاقلىقىدىن كۆرەتتى. مىنگوچىلارچە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ قالاقلىقى ئۇلارنىڭ شەرەپلىك جوڭخالىق بولالماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئېدى. يەرلىك نادان مىللەتلەرگە ئۇلۇق جوڭخالىقلاردەك ياشاش بەختى پەقەت جوڭخالىقلار سۆزلەۋاتقان تىلنى بىلىش ۋە شۇلارنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىش بىلەن ئەمەلگە ئاشاتتى. ئەزەلدىن تىل ئۆگىنىپ باقمىغان، ئۆز ئىقلىمىنى دۇنيانىڭ مەركىزى دەپ قارايدىغان مىنگو مىللەتچىلىرى ئالۋاڭ تاپشۇرىۋاتقان خەلقنىڭ پۇلىغا "ھەقسىز"  مەكتەپ ئېچىپ، يەرلىك "ياۋايىلار"نىڭ بالىلرىنى ئوقۇتتى، مەقسەد پەقەت تەرجىمان تەربىيەلەش ئېدى. زاماندا نېمىگە ئىھتىياج ئارتىپ كەتسە تىلدىمۇ شۇنىڭغا ماس سۆزمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ، يۇقارقى سەۋەپ تۈپەيلى ئۇيغۇر تىلىدا تەرجىمان، پەييى، تىلماچ، تۇڭچى دېگەن سۆزلەر دائىم  قوللۇنۇلىدىغان بولدى. پەۋقۇلاددە قىسقا ۋاقىتتا تەربىيەلەنگەن تەرجىمانلار ھەممە ساھەدە، ھەممە يۇرت ئايماقلاردا بۆك ئورنىغا كاللا كەلتۈرۈپ ، ئەسلىدىنلا كەسكىن زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرىۋەتتى.  بۇلارنىڭ ئەڭ پاجىيەلىك ئاقىۋىتىنى ئۇيغۇرلار  "چالا تەرجىمانلارنىڭ ئادەم ئۆلتۈرىشى" دەپ خۇلاسىلىغان بولسا كېرەك. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تىلىدا "چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرەر" دېگەن ماقال قالغان بولۇشى مۇمكىن. g}0K@z3  
?\8aT"o  
ئادەتتە ماقاللار خەلقنىڭ خاتىرىسىگە تامغا بولۇپ بېسىلغان تارىخي رىياللىقتىن كېلىدۇ.  مەن مۇشۇ كۈنگىچە ئۆزەم يامان ئەمەس بىلىدىغان خەنچە، ئىنگىلىزچە، تۈركچە، پارىسچە قاتارلىق تىللارنىڭ ھىچ قايسىدا "چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرەر " دېگەن ماقالنىڭ ئۆزىنى ۋە ياكى شۇنداقراق دېگەن مەنىدىكى ماقالنى كۆرمىدىم. دېمەك بۇ خەلقلەرنىڭ ھاياتىدا تەرجىمان سەۋەبلىك مۇبارەك جانلار قەتىل قىلىنمىغان بولسا كېرەك. چالا تەرجىمان سەۋەبلىك پاجىيەلىك تەقدىرگە مۇپتىلا بولغان قەۋىم ئەۋلادلىرىغا تىل ئارقىلىق ئاشۇنداق ۋەسىيەتلەرنى قالدۇرغان بولىدۇ. لېكىن ۋەسىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىنىۋەرمەيدۇ. بولۇپمۇ ئەجداتنىڭ ئەقلىدىن، سەلتەنىتىدىن، ئۇتۇقلىرىدىن گۇمانلانغان ئەۋلاد  ياكى بىخەۋەر قالغان ئەۋلاد ئەمەل قىلىپ بولالمايدۇ. <ZSXOh,'  
1.+O2qB  
بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئومۇمى گەۋدىسىنى تەرجىمىلىك جەمئىيەتنىڭ تىلسىز ئەزالىرى دېسە ختالاشقانلىق بولمايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر تىلى خەنچىدىن تەرجىمە جەريانىدا قايتا قۇراشتۇتۇلغان، ئۇيغۇرنىڭ تەپەككۇرى تەرجىمىلىك تەربىيە تۈرتكىسىدە شەكىلگە كىرگەن. ئۇيغۇرچە ئوقۇش بەختىگە ئېرىشكەن 90-يىللارغا مەنسۇپ ئۇيغۇر ئايلىقچىلار ئەدەبىياتتىن باشقا ھەممە دەرسنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە تەربىيەلەندۇق. ئوقۇمىغانلار يوللارغا ئورنۇتۇلغان ۋارقىراق كارنايلاردىن تەرجىمە بۇيرۇقلىرىغا ئەگىشىپ ھاشاردا تەربىيەلەندى. بۇلارنىڭ پەرقى بىرسى مەجبۇرى يەنە بىرى ئىختىيارى ئىدى، ئوخشاشلىقى ئىككىلىسىدە ئەسلى مەنە، مەقسەدنىڭ ساڭا مەڭگە سىر بولۇپ قالىدىغانلىقىدۇر. مەيلى ئايلىقچى بولايلى ياكى ئايلىقسىز بولايلى تەرجىمە خەۋەر، تەرجىمە ئۇچۇر، تەرجىمە پەرمان ۋە تەرجىمە كىنو ۋە تىلۋىزىيە تىياتىرلىرى ئارقىلىق مىڭىمىزنىڭ بويالغانلىقى ۋە شىددەتلىك بويىلىۋاتقانلىقى ئېنىق. مىسالەن، يېقىندا يېتىك ئەدىپ نۇرىمۇھەممەد توختى ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي ئاخباراتىنى ئوقۇپ قالدىم. بۇ موھتەرەم يازغۇچىمىز ئەسىرىنىڭ بېشىنى مىللىي بۇرزازىيە دېگەندەك ماركىسىزىملىق تەرجىمە ئاتالغۇلىرى بىلەن باشلاپ پىرسۇناجى تارتقان مۈشكۈللەرنى "غەرپكە ساياھەت" تە سۆزلەنگەن نوم ئەكىلىش جەيانىدىكى رىيازەتلەرگە تەققاسلاپ قاناتلاندۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ غەمخۇرلۇقى بىلەن ئەسىرىنى ھەق دادىغا يەتكۈزۈپتۇ. يەنە بىر مىسال، ھازىرقى "ئىناق جەمئىيەت" تەشەببۇسى ئەسلى جوڭگۇدىكى يىزا بىلەن شەھەر، بايلار بىلەن كەمبەغەللەر، ئەمەلدارلار بىلەن پۇقرالار، تەرەققىي قىلغان رايۇنلار بىلەن ئارقىدا قالغان رايۇنلار، كۆپسانلىقلار بىلەن ئاز سانلىقلار، قاتارلىق مەنپەئەت گورۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تەڭشەشكە قارتىلغان بولۇپ، بۇ يەردىكى مەقسەد شۇلارنى تەڭشەش، ماسلاشتۇرۇش، مۇۋازنىنەت شەكىللەندۈرۈش ئېدى. بۇنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى ئىناقلىق بىلەن ھىچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق ئېدى. ئۇيغۇرچىدىكى "ئىناق جەمئىيەت" دېگەن تەرجىمە ئەمەلىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دېگەن شۇئارنىڭ مەنىداش ئىبارىسى بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت سىياسىتىدىكى ئەڭ ئەقەللى چۈشەنچىسىدىمۇ مۇجىمەللىك پەيدا قىلدى. دېمەك، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاقىلدىن تارتىپ غاپىلغىچە دۇنيا، دۆلەت، ۋە ئۆزى ھەققىدە چىن، مۇستەقىل، سۈزۈك بىلىم ۋە تەسەۋۋۇردا ئەمەس تەرجىمە ئارقىلىق بۇرمىلانغان خىيالى تۇيغۇدا ئېقىمغا ئەگەشمەكتە. ئەمدى، گەپنىڭ مېغىزىغا كەلسەك، بۇنداق بىر تەرجىمىلىك موھىتتا ياشاۋاتقان، كاللىسى ئەسلى تىلنىڭ يېرىم ياتا رىۋايەتلىرى بىەن تولغان بىر مىللەت تەرجىماننىڭ چالا بوغۇزلاشلىرىدىن قايتا مۇستەسنا بولالىدىمۇ، بولالاۋاتامدۇ؟ تارىختا بولغىنى تەننىڭ قەتىل قىلىنىشى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئاۋام كۆزى بىلەن كۆرمىگەن نەرسە ھەققىدە ماقال توقۇمايدۇ. تارىختىكى تەننىڭ قەتلىسىگە ئەلھۆكمىلۇللاھ، بۇنىڭ قازاسى شۇ شەھىدلەر بىلەن كەتسۇن دەيلى، ئەگەر مەدەنىيەت قەتلى قىلىنسا، رۇھىيەت چالا بوغۇزلانسىچۇ؟ بەلكىم يەنە ماقاللار توقۇلار. بەلكىم ھىچ بىر ماقال تۇقۇلماس، چۈنكى بۇ قېتىمقى تەرجىماننىڭ يېڭى قەتلىسنى كۆز كۆرەلمەيدۇ
#1haq[Uv7  
/GGyM]k3  
مەنبەسى -يېزام مۇنبىرى

 
نۇپـۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمـۇس كېمىيۋاتىدۇ

(سەۋەپــكـار)
zirak727

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4407

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   983 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   22389 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2220 (قېتم)
 تۆھپە:   2210  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4401
 سائەت
دەرىجىسى:
4401 سائەت 239 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-03
ئاخــىرقىسى:2013-04-04
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-03-07

سىزمۇ{ پەييى }،كەنسىز دە
ئابلىمىت
sansiz0903

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.238

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4366 

 نادىرلانغان تېمىسى:   16 

 مۇنبەر پۇلى:   71354 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   7897 (قېتم)
 تۆھپە:   7757  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11448
 سائەت
دەرىجىسى:
11448 سائەت 302 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-24
ئاخــىرقىسى:2013-09-09
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-03-07
1-قەۋەت (mutallipablimit) نىڭ يازمىسىغا

سەۋەپكار بۇرادىرىمىز تۇمۇر تۇتماي دورا بىرىدىغان داڭلىق تىۋىپ  
بۇ يەرگە مىنىڭ 2 يىللىق قان تەرىم سىڭگە، بۇ يەرگە مىنىڭ تور دۇنياسىدىكى ئەڭ يېقىن ئادەملىرىم يىغىلغان...! مەن قايتىپ كەلدىم ئانا تۇپرىقىم!
binazar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4994

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   106 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1238 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   124 (قېتم)
 تۆھپە:   124  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 290
 سائەت
دەرىجىسى:
290 سائەت 60 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-03
ئاخــىرقىسى:2011-04-04
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-03-07

سەۋەپكارنىڭ    سەۋەبىدىن   ساراڭ  كاللام   ساقىيىپ    قالىدىغان   بۇلدى           
dumbakqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5075

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   25 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   280 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   38 (قېتم)
 تۆھپە:   38  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 605
 سائەت
دەرىجىسى:
605 سائەت 45 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-07
ئاخــىرقىسى:2011-12-25
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-03-07

مەن تېمىنى چالا ئوقۇدۇم ، مەنمۇ < چالا تەرجىمان ...... > بوپ قالمىغاندىمە ھە..؟
تاڭ . مەنمۇ بىلمىدىم ، نېمە ئۈچۈنلىكىنى
          كېيىنچە دەپ بېرەي ...!
zirawanu
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5069

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   41 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   580 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   63 (قېتم)
 تۆھپە:   58  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 699
 سائەت
دەرىجىسى:
699 سائەت 71 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-07
ئاخــىرقىسى:2011-04-05
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-03-07

بۇ تەرجىمە قانداق بوپتۇ؛ ماشاڭ ... بۇ  [ئاپا يارائىزى] دىگىنى خوچاڭ ...[ئوت زاۋۇتى]  چىشۇي ...[يەتتە سۇ ] لوبەن...[قېرى يېرىم]   ساپا . [نىمە قورقۇسەن] v(-{=*':  
گولو ..[ئىت يول].
yultuz~
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.760

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1554 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21532 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1737 (قېتم)
 تۆھپە:   1693  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 10074
 سائەت
دەرىجىسى:
10074 سائەت 266 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-09
ئاخــىرقىسى:2012-11-23
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-03-08

    ئو!ما تىمىنى كۆرۈشكە مەن ئاجىزلىق قىلغۇدەكمەن....يەرجىمە دىگەننى قىپ باققان ئادەم،بولۇپمۇ نەق مەيدان ئېغىز تەرجىمانە بوپ باققان ئادەم بىرنىمە دىمىسە،...مەنغۇ"دا بازاغا بارادۇمۇ؟"دەپ يۈرىۋېرىمەن،شۇنداققۇ سەنسىز؟
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى