IDr$Vu4LCW
ۋەتەن دىگەن بىر ناخشا BFyVq
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان WgQ6EV`
SgocHpyg
我的中国心
-KG3_k E
تېكىست ئاپتورى: خۇاڭ جەن p%6j2;D
مۇزىكىسىنى ئىشلىگۈچى: ۋاڭ فۇلىڭ +e%U6&l{
ناخشىدا: جاڭ مىڭمىن
=K2mR}n\;
p KF>_\
'M#'BQQ5
http://www.dostum.cn/nahxa/ablathan.mp3 f}cz_"o4
?][2J
ئەسسەلامۇئەلەيكۇم: iPxhDn<B
+89s+4Jn
بىز بىرلىكتە تىڭشاۋاتقان بۇ ناخشا ئالدىنقى ئەسىردىكى شەرقىي ئاسىيا ئېقىمىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى ناخشىلىرىنىڭ بىرى. ئاڭلىشىمچە ناخشا تېكىستىنىڭ ئاپتورى بىلەن مۇزىكىسىنى ئىشلىگۈچى جوڭگودا تۇغۇلغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ بىرنەچچە ئورتاقلىقى بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى دۆلەت ئازات بولۇش ھارپىسىدا يەنە بىرى ئازاتلىقنىڭ ئىككىنچى يىلى ئەنگىلىيە ئىشغالىيىتىدىكى شياڭگاڭغا چىقىپ كەتكەن. ئىجادىيەت ھاياتىنى شياڭگاڭدا ئېلىپ بارغان. نىمىشقىدۇر ئىككىسىلا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ۋەتىنىگە قايتىپ كەلمىگەن. ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى ئىجادىيەتلىرىدە تولۇق مۇۋاپىقىيەت قازانغان. })R8VJ&C/
XACbDKyS
بۇ ئىككەيلەننىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق ئەسەرلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما مۇشۇ بىر ئەسىرىلا ئۇلارنىڭ ھايات ھەسرىتىگە ۋە ئومۈر مۇساپىسىغا تولۇق ۋەكىللىك قىلامدىكىن دەپ ئويلايمەن. Xh/i5}5 t
-kp~pe*T
nz|;6?LCLY
Ey77]\
مەن تۇنجى قېتىم ئاڭلىغاندىن باشلاپ مەزكۇر ناخشىدىكى ھەر بىر سۆز ھەم ئۇدارلارغا قەدەر ھەسەت ئىچىدە قۇلاق سالدىم. مەن ئۇنىڭ تىلىنى چۈشەنمىسەممۇ، ئەمما مۇزىكىدىن ئىبارەت ئورتاق تىل ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېيتىپ بەردى. . ئورتاق ئىنسانىي سەزگۈ ئەڭ ھەيۋەتلىك تۇيغۇلارنى ھېس قىلدۇردى. مۇزىكىنىڭ قەدەملىرى يۈرەكنىڭ رېتىمنى بويسۇندۇردى. مەندىكى كۆڭۈل بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى. ئىلگىرى دىققەت قىلمىغان ئاسماننى كۆردۈم. شۇنداق كەڭ ھەم ھەيۋەتلىك بىر ئاسماننى كۆردۈم. قولۇمنى سوزغىدەك يېققىن تۇراتتى. كۆز ئالدىمدا كەمزۇل كەيگەن بىر گەۋدە ئىگىز خادا تاشنىڭ ئۈستىدە ئاسمانغا سانجىلغان ھالەتتە پەيدا بولدى. بۇ سۈرەت خۇددى چۈشتەك يېنىك شامالغا ئايلىنىپ، ۋەتىنىنىڭ تاغ-دەريالىرىنى ، ئەجدادىنىڭ ئىزلىرىنى سىلىغىنىچە يىراقلاپ كەتتى. مىڭلىغان يىللاردىن بۇيان خۇاڭشەننىڭ ھەيۋىتى بىلەن خۇاڭخېنىڭ دولقۇنى ئويغىتىپ كېلىۋاتقان ئەزىمەتلەر كۈچلۈك ئۇدار رېتىمى بىلەن تەكشى قەدەم سېلىپ مەيدانغا كىرىپ كەلدى.... تەبى ۋە سۈنئى توساق بولغان چاڭجياڭ، چاڭچېڭنىڭ قوغدىشى بىلەن كۆكۈرىۋاتقان بۇ ۋەتەننىڭ قۇچىغىدىكى بەرنا قىزلار شايىدەك يەڭگىل مۇزىكا بىلەن نىدا قىلدى. سەرسان بىر روھنى چاقىردى.....قەيەردە بولما، ۋەتەننى ئۇنۇتما ! @xJ qG"
2roPZj
ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان چيۇجىن چوقۇم ۋەتەن ئۈچۈن قان تۆكىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن مىڭلىغان ئادەملەر قەيەرلەرگە سۇدەك سىڭىپ كەتتى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئەمما بۇ ئىردىلىك قىز پۇرسەت كۈتۈپ ئولتۇرماي ئاخىرى قايتىپ كېلىپ "جيەنخۇدىكى ئايال پالۋان" دەپ ئاتالدى. ۋەتەن ئۈچۈن پەقەت ئىسسىق جان ۋە قىزىل قان لازىم ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنىمە كېرەك ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇ ۋەتىنى ئېرىشمەكچى بولغان ئەڭ قىممەتلىك بىساتىنى بەردى، يەنى ئىسسىق جېنىنى بەردى. 8xjJ
{4 !%'~
تارىخنىڭ قات-قېتىدىن كېلىۋاتقان قەدەم ئاۋازلىرى بىلەن مەغرۇر چاقىرىقلار لوقۇلداپ سوقىۋاتقان يۈرىگىمنىڭ قات-قېتىغا سىڭىپ كەتتى..... ^lT$D8
.9Bimhc6K
4-ماي ھەركىتىدىكى مىڭلىغان نامايىشچى خەنزۇلار، قۇللۇق ھەم مۇستەبىتلىككە قارشى قوزغالغان تەغدىرداش قەھرىمانلار كۆز ئالدىمدىن سۈرەتتەك ئۆتۈشكە باشلىدى. قىرىپ ھەم باستۇرۇلۇپ يوقىتالمىغان بىر روھ ئۆزىنىڭ نەگە بېرىشىنى بىلمىسىمۇ ئەمما مۇشۇ مىنۇتتا قانداق قىلىش كېرەكلىگىگە قەتئى ئىشىنەتتى. ئۆزىنىڭ پارلاق تەغدىرىنى قولىغا ئېلىۋالغان ئىستىبداتقا قارشى شۇنداق توۋلايتتى. " يوقالسۇن ۋەتەن دۈشمەنلىرى"............ *$x/(!UE
^ 3LM%B
تىرىكچىلىك غېمىدا مۈكچەيگەن گەۋدەم ئاستا رۇسلاندى. قاداقتىن قېتىپ كەتكەن بارماقلىرىم قاتتىق تۈگۈلدى. تومۇردىكى قان، ئوتتەك ھارارەت بىلەن شارقىراپ ئايلىنىشقا باشلىدى. g/so3F%v.
GEwgwenv
تۈنجى قېتىم بېشىمنى كۆتۈردۈم. ئۆزەمدىن ئىگىزگە قارىدىم. ئۈستۈمدىكى ئاسمانغا شۇنداق بىر ھېرىسمەنلىك بىلەن قارىدىم. ئاندىن ئاستىمدىكى تۇپراققا قارىدىم. چەكسىز كۈندەشلىكلىكىم قوزغالغان مۇھەببەت بىلەن قارىدىم......... ~)D2U:"^xm
;u,%an<(
ۋەتەن دىگەن خەتنى قانداق يازىدۇ ؟! kR6rf_-[
*%'4.He7V
ھۇببۇل ۋەتەنۇل مىنەل ئىمان، دەپ يازىدۇ ! z7MJxjH
KU3lAjzN
سۇلايمان ھوقۇشقا ھەممىنى بېرەلەيدىكەن. ئەمما ۋەتەننى بېرەلمەيدىكەن. سۇلايمان ئوردىنى ۋەتەن دەيدىكەن. چۈنكى ئوردىدا ھەممە نىمە بار ئىكەن. ھوقۇش ئىمپىريە بار يەردە ۋەتەن يوق دەيدىكەن. بۇ يەردە قان بار ئىكەن. ۋەتەنسىز ئەمەلدارلار ئىمپىريە ئۈچۈن تۆككەن قانلار بار ئىكەن. بىراق ۋەتەن ئۈچۈن تۆككەن قان يوق ئىكەن. بىر تېمىممۇ يوق ئىكەن. ھوقۇش شۇڭا ۋەتەنسىراپ يىغلايدىكەن. 'Y6{89 y
P f6rr9
ياراتقۇچى ھەر قانداق ئادەم بالىسىغا يۈرەك بېرىدىكەن. پۇت-قول بەرمىگەن بولسىمۇ يۈرەكنى چوقۇم بېرىدىكەن. دىمەك مال-دۇنيا بەرمىسىمۇ مۇھەببەت بەرگەن. ھەر بىر مۇھەببەتلىك يۈرەكنى غېرىپ بولمىسۇن دەپ بىر ۋەتەننى بەرگەن. ئالەمنى چۆگىلەپ ئۆزىنىڭ چۈشكەن يېرىدە ئاخىرقى ئارامنى تاپسۇن دەپ ماكان بەرگەن. شاھلىق بەرمىسىمۇ، ھۆرلۈك بەرمىسىمۇ ، مال-دۇنيا، بالا-چاقا بەرمىسىمۇ ۋەتەن بەرگەن. مەيلى شورلۇق مەيلى ئوتلۇق ۋە ياكى تاشلىق بولسىمۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم نېمەت بولغان ۋەتەننى چوقۇم بەرگەن. >zh%CF$
}0?642 =-
ھاياتلىق تىنىقىمىز ئاخىرقى دەملەرگە بارغاندا بىزنىڭ يىراقتا قالغان بالىلىقىمىز، دۇنيانىڭ سىرتىدا ئۇنتۇپ قالغان سەبى كۆڭلىمىز قايتىپ كېلىدۇ. تۇنجى قېتىم ۋەتەننى تونۇتقان تونۇش ھىسياتلارنىڭ ھەممىسى قايتىپ كېلىدۇ. سەكرات پەيتىدە بىزگە ھەمرا بولىدۇ. چىقاي دەۋاتقان جېنىمىزنىڭ بېشىنى يۆلەيدۇ. ئۇنىڭ مۇھەببەتكە قانمىغان باغرىغا ئىككىنچى قېتىم ۋىسال دىگەن سۇنى تېمىتىدۇ. شۇ تېمىم سۇ بىلەن جېنىمىز ئارام تاپىدۇ. مۇرادىغا يېتىدۇ. ئەشۇ دەقىقىلەردە، قىسقىغىنا سەكرات مىنۇتلىرىدا، بىر ئاللە بىر يۈرەك ۋە بىر ۋەتەندىن باشقا بارلىق نەرسە تۇماندەك يوقاپ كېتىدۇ....... 0Apdhwk~
'\l(.N
جەنۇبىي سۇڭ دەۋرىدىكى رەسسام جىڭ سىشياۋ نىلۇپەر سىزغاندا تۇپراقسىز سىزىدىكەن. چۈنكى ئۇنىڭ ۋەتىنىنى فەنلەر(موڭغۇللار) بېسىلۋالغان بولغاچقا ئۆزى ۋەتەندە تۇرسىمۇ ۋەتەنسىز بىلىنىدىكەن. =iRc&
`9s5 *;Z
ياراتقان ئىگىمىز قانداقلا ئادەم بولسۇن ۋەتەن مېھرى بىلەن ياراتقان. ھەممىمىزنىڭ توپىسىنى ئۆز ۋەتىنىمىزدىن ئالغان. روھىمىزنى يەنە شۇ ۋەتەندە تېنىمىزگە سالغان. شۇڭا روھىمىز يەنە شۇ جايدا قەبزى روھ بولۇشنى خالايدىكەن. ئىنسانغا بۇنداق ئۆلۈش نېسىپ بولمىسا ئۆلگەندىن كېيىن تۇغۇلغان يېرىگە بولسىمۇ كۆمۈشنى ۋەسىيەت قىلىدىكەن. 9X@y*;w<t
QT9(s\u
چىڭگىزخاننىڭ كىگىزگە مەھكەم ئورالغان جەسىتى ئاۋات شەھەرلەرنى، ياپ-يېشىل ئورمانلارنى، كۆپ-كۆك دېڭىزلارنى كەينىدە قالدۇرۇپ قۇرۇلۇن ۋادىسىدىكى ئالقانچە تونۇش تۇپراقنى ئىزدەپ يولغا چىقىپتۇ. يۇرتىغا قايتىشنى ئارزۇ قىلمايدىغان كىم بار دەيسىز ؟....ئىسكەندەرنىڭ قېتىپ، قۇرۇپ كەتكەن مىيىتى ئالىكىساندىرىيەنى يىراق دىمەي كەتمەكچى بوپتۇ..... ۋەتەنپەرۋەر كومپوزىتور شوبىن ئۆلەر چېغىدا جەسىتىنىڭمۇ پولشاغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. ئۇ ھەدىسىگە مۇشتۇمدەك يۈرىكىنى بولسىمۇ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەتكە بىلىندۈرمەي پولشاغا ئاپىرىپ ۋەتەن تۇپرىقىغا كۆمۈشنى ۋەسىيەت قىپتۇ. ئامال بولسا قايت ! روھىڭ ئارام تاپىدىغان ماكانغا قايت، كۈچ-قۈۋۋەتنىڭ مەنبەسىگە قايت ! @&S4j]rq
b3H~a2"d
يەنە جەنۇبىي سۇڭنىڭ ۋەزىرى ۋېنتىئەنشاڭ موڭغۇللار تەرىپىدىن بېيجىڭدىكى ئوتۇن بازىرىدا كاللىسى كېسىلمەكچى بولغاندا، جەنۇپتىكى ۋەتىنىگە قاراپ تازىم قىلىۋېلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ناتونۇش زىمىنغا كۆمۈلۈپتۇ. بۇ مەغرۇر روھ ئۈچۈن خىزمەت قىلغان پىداكار بەدەن، ئۆزى قوغدىغان ئانا تۇپراققا قايتىپ بارالماپتۇ........ئىسىت! ئەزىمەت. ئۆمرىدىكى بىردىن-بىر تەسەللىگە ئېرىشەلمەپتۇ. 2Nr j@q
SBAq,F'
ۋەتەن ھىسياتىنى ھۆرمەتلەشنى بىلىدىغان خەنزۇ خەلقى ئۇنىڭ ھەيكىلىنى شىخۇ كۆلى بويىغا تىكلەپتۇ. شۇنداق بىر يۈرەكنىڭ، مۇساپىر بىر قەھرىماننىڭ خاتىرىسىنى مەڭگۈ ساقلاپ قاپتۇ. سىز شىخۇ كۆلىگە بېرىپ باققانمۇ ؟ مەنمۇ بېرىپ باقمىغان. ئەمما ئەشۇ قەھرىمانلارنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن بېرىشنى نىيەت قىلغان. شىخۇ كۆلى كىملەرنىڭ مۇھەببىتى كىملەرنىڭ جاسارىتىگە شاھىت بولمىغان دەيسىز............. ]H[RY&GY
3 {\b/NL$
ئىنسان دۇنيا غەۋغالىرى ئىچىدىن قۇتۇلۇپ چىقالمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ نەپسى باشقا، ئېھتىياجى باشقا، رەڭگى باشقا، قېنى باشقا. بىراق، ۋەتىنى ئوخشاش. بىز ۋەتەن ئۈچۈن ئوخشاش فورمىدا كىيىمىز. ئوخشاش چاقىرىقتا توۋلايمىز. ۋەتەن ئوخشاش رەڭنى، ئوخشاش نىيەتنى تەلەپ قىلىدۇ. دۇنيا غېمى، ئەمەل غېمى، يۇرت-مەھەلە زىدىيەتلىرىدىكى رەڭدار غەملەرنى بىر خىل رەڭگە يىغىدۇ. بۇ رەڭ، دەل ۋەتەننىڭ رەڭگى ! jLI(Z
?2u_E "
چىڭ تيەنخۇا بارمىقىنى چىشلەپ، قىزىل قېنى بىلەن "ۋەتەننى قۇتۇلدۇرايلى" دىگەن خەتنى يېزىپ، سودىگەرلەر، ئوقۇغۇچىلار، دەلاللار ۋە پاھىشەلەرگىچە يوللاپ بېرىپتۇ. ھەممەيلەن ۋەتەننىڭ ئوخشاش رەڭگىنى يەنى قىزىل قاندەك رەڭگىنى تونۇپتۇ. جوڭگونىڭ يېقىنقى زاماندىكى ئورتاق نۇقتىسى ۋەتەن دىگەن خەت بوپتۇ. >E#| H6gx
d~D<;7MXJ
ئىنسانىيەتكە ئورتاق نۇرغۇن نەرسىلەر بار. ئەمما ۋەتەن بۇ ئورتاقلىققا كىرمەيدۇ. شۇڭا فىرانسىيە خىمىيە ئالىمى پاستىرناك ، "ئىلىم-پەننىڭ چېگرىسى يوق، ئۇ ئورتاق بايلىق. ئەمما ئالىمنىڭ ۋەتىنى بار، شۇڭا مەن ۋەتەنگە تەۋە" دەپتىكەن. جوڭگونىڭ قەدىمقى داڭلىق شائىرى چۈي يۇئەن ھەزرىتىم "مەن تىرىك چاغدىمۇ چۇ ئېلىنىڭ ، ئۆلگەندىمۇ چۇ ئېلىنىڭ ئادىمى" دەپتىكەن. [ j?n}D@L
"e69aAA,
سەن كىمنىڭ ئادىمى ؟! I.p26
oA(jtX[(
ھۆرمەت تۆرىمىزدىكى قازاقلىرىمىزدىن مۇختار شاخانۇف: 1U;je,)
K,&)\r kzD
ئىنساننىڭ ئۆز ئانىسىغا تەڭ بولغان يەنە تۆت ئانىسى بار دەيدۇ. بۇلار NN\% X3ri"
fZ`b~ZBwIj
ئانا ۋەتەن ! |P$tLOrG
R(74Px,/
ئانا تىل ! Pp7}|/
a9jf7r1
ئانا ئادەت ! s]#D;i8
OIGu`%~js
ئانا تارىخ ! q(p]6Ha|
5%,J@&5G s
دەپ بىزگە ساناپ بېرىدۇ. بۇ بەش ئانىسىنى قوغدىمىغان ئادەمنىڭ ھېچ بىر زامان قۇت يۇلتۇزى يانمىغان دەپ ئەسكەرتىدۇ. پەقەت تۇققان ئانىسىنىلا تونىغان ئەمما ۋەتەننىڭ بالىسى ، ئەجداتنىڭ ۋارىسى ، ئۆرۈپ-ئادەتنىڭ ھەغداسى ، ئانا تىلنىڭ ئىملاسى بولمىغانلارنى ھەقىقى ئانىسىزلار دەپ سانىغان. چۈنكى تۇققان ئانىسىدىن باشقا ئانىسى يوق ئادەم قانداقمۇ ئىنسان سانالسۇن. چۈنكى ئىتنىڭمۇ تۇققان ئانىسى بار ئەمەسمۇ. تۇرگىنېۋ روس تىلىنىدىن باشقا تىلدا يېزىقچىلىق قىلىپ باقمىغانلىقى بىلەن پەخىرلىنىدۇ. "روس تىلىىدىن باشقا تىلدا خەت يېزىپ باقمىدىم" دەپ ئۆز ئانىسىنىڭ قەدرىنى قىلىدۇ. ھەقىقەت شۇكى، مۇختار ئېيتقاندەك "تۆت ئانا ئۈچۈن بولغان كۈرەش، كۈرەشلەرنىڭ ئۇلۇغى ! " >B<jR$`6@
-`sK?*[{J
خۇلاسە پاراڭ. شۇڭا مەن، ۋەتەن دىگەن خەتنى يازالىغان ئاپتورغا، ۋەتەن دىگەن مۇزىكىنىڭ نوتىسىنى تاپالىغان مۇزىكانتقا، بۇلارنى تاۋۇشقا ئايلاندۇرۇپ پۈتۈن دۇنياغا ئېيتىپ بېرەلىگەن ناخشىچىغا ھۆرمەت بىلدۈردۈم. -f@~{rK.L
lK;|ciq"c7
ھۆرمەت بىلەن: U2m86@E
m%hI@'
قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت. mj:X'BVA
-i*{8t
Abdurehim ablathan S bI7<_
w6FtDl$
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى. _voU^-
L-SWs8
S 2vjjS
K`%{(^}.
( سىز 千年等一会 دىگەن ناخشىنى ئاڭلىغانمۇ ؟ ) CjeAO 2
i_<