ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 263 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قايغۇلۇق خەۋەر : ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى
ھەممىسى ئانا تۇپراققا مەنسۇپ !
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 24
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 12
ئومومىي يازما: 1321
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1321دانە
شۆھرىتى: 915 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 13951 يۈەن
تۆھپە: 759 قېتم
ياخشى باھا: 252 قېتىم
توردا: 5992(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-06-07
ئاخىرقى: 2011-02-24
باش تىما  يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن

قايغۇلۇق خەۋەر : ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

qtgK}*9ptv  
يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى،تونۇلغانئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇنئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھازىرقى سەنشىخاڭزىمەھەللىسىدىكى بىر مەرىپەتپەرۋەر قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئالتە يېشىدىنباشلاپ دادىسىنىڭ دەۋىتى  بىلەن مەھەللىسىدىكى دىنىي مەكتەپكە كىرىپ دىنىيساۋاتلارنى، جۈملىدىن ئەرەب-پارس تىل- يېزىقى، شۇنداقلا چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى پىششىق ئۆگەنگەن ھەمدە نەۋائى قاتارلىقكلاسسىك ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان. 1935-يىلى ئۈرۈمچىدە پەننىيمەكتەپلەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى چوڭ مەسچىت ( ھازىرقى خانتەڭرى مەسچىت)يېنىدا قۇرۇلغان «نىيازىيە» مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1938-يىلى كۈزدە ئۈرۈمچى 1- گىمنازىيىگە ئوقۇشقا كىرىپ، 1941-يىلى 7-ئايدا بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. كىچىكىدىنلائىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان ئىمىن تۇرسۇن «نىيازىيە» مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقانمەزگىللىرىدىلا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۈرۈمچى 2-گىمنازىيىگەقاتناپ يۈرۈپ يېرىم يىلدەك رۇس تىلىنى ئۆگەنگەن. ئارقىدىن يەنە خەنزۇ 1- باشلانغۇچمەكتەپتە ھەر كۈنى كەچلىك كۇرسقا قاتنىشىپ خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەن. 1- گىمنازىيىدەئوقۇش جەريانىدىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئىلمىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈنپۇختا ئاساس سالغان. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1941-يىلى 1-گىمنازىيىنى ئەلا نەتىجەبىلەن پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلىغان ۋە  1945-يىلىغا قەدەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى 6-مەكتەپ، 7-مەكتەپ، 4- مەركىزىيمەكتەپ، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. - 1944يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە مەركىزىي تەلىم ئۆمىكى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ 4- مەدەنىيەت-مائارىپ قارارىدا ئوقۇغان. تىرىشچان ئىمىن تۇرسۇن بۇ مەزگىللەردە بىرتەرەپتىن تىرىشىپ ئۆگىنىش بىلەن بىللە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلىسە،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش مەركىزىي ئۇيۇشمىسىنىڭ قارىمىقىدىكىسانائىي نەفىسىنىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئۆمەكنىڭ بەدىئىي يېتەكچىسى ۋە ئۆمەك سەنئەتبۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن. 1946-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيىسىگەمۇئاۋىن ھاكىم بولۇپ تەيىنلىنىپ، كېرىيىدە خىزمەت قىلغان. 1948-يىلى 9-ئايدائۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن ھەم شۇنىڭدىن باشلاپ 1950-يىلى 1-ئايغىچە سابىق شىنجاڭئىنىستىتۇتىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
     ئالىم ئىمىن تۇرسۇن 1950-يىلى  -1ئايدا سابىق ئۆلكىلىك مەدەنىيەت-مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەھرىر-تەرجىمە باشقارمىسىغايۆتكەلدى. بۇ باشقارما 1951-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى بولۇپقۇرۇلدى. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى 1983-يىلىغا قەدەر شىنجاڭ خەلقنەشرىياتىدا مۇھەررىر، ئۇيغۇر تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئىشخانا مۇدىرى، تەھرىربۆلۈم مۇدىرى، مۇئاۋىن نەشرىيات باشلىقى، قوشۇمچە لۇغەت تەھرىر بۆلۈمىنىڭ باشلىقىۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ، جۈملىدىن يېڭى دەۋر ئۇيغۇرنەشرىياتچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. بۇ ئارىدا  -1956يىلىدىن 1962-يىلىغىچە سابىق تىل-يېزىق تەتقىقات كومىتېتى (ھازىرقى ش ئۇ ئا رمىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتى) غا ئالمىشىپ ، تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرىبولۇپ ئىشلىدى. 1983-يىلى 5-ئايدىن 1991-يىلىغا قەدەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىدى ۋە 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدائىمىي كومىتېتىدىن پېنسىيىگە چىقتى.
ئىلىم- مەرىپەتكە ئىشتىياق باغلىغان ھەمجاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىزدەنگۈچىلەر نەتىجىگە ئېرىشمەي قالمايدۇ. كىچىكىدىنلائىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان ھەم ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشىپ ئىزدىنىشنى ئۆزئادىتىگە ئايلاندۇرغان ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى مەيلى گۆدەك چاغلىرىدىكى دىنىي ساۋاتچىقىرىش جەريانىدا بولسۇن ياكى دەسلەپكى پەننىي ساۋات چىقىرىش جەريانلىرىدا بولسۇنۋە ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ھەم جەمئىيەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىدابولسۇن، بوشاشماي ئۆگەندى، ئىزدەندى. خەنزۇ تىلى، ئەرەب تىلى، پارس تىلى، رۇس تىلىۋە قېرىنداش تۈركىي تىللارنى، جۈملىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىل- يېزىقى بىلەن چاغاتاي ئۇيغۇر  تىلىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ۋە ئەدەبىي ھەم ئىجتىمائىيپائالىيەتلىرى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتىنى مەكتەپنىڭ تامگېزىتلىرىگە شېئىر يېزىش بىلەن باشلىغان ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى خىزمەت جەريانىداقانداق مەمۇرىي ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتىن قەتئىينەزەر، باشتىن-ئاخىر ئۆزۋەزىپىلىرىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتى،يېزىقچىلىق ۋە تەرجىمە- تەھرىرلىك ئىشلىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئىشلەپ كەلدى ۋە بۇساھەلەردە ئىزدەندى.
      -1940يىللاردىن باشلاپ ئېلان قىلىنغان « ئەدەبىياتىمىزنىڭئون يىلى» (، « ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ھەققىدە» ، « ئەدەبىيمىراس ھەم ۋەسىقىلىمىز» قاتارلىق دەسلەپكى تەتقىقات ماقالىلىرى بىلەنباشلانغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر تەتقىقات پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىزداۋاملاشتۇردى ھەم قەتئىي بوشاشماي ئىزدىنىش نەتىجىسىدە تونۇلغان ئەدىب، شائىر،تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزنىڭ تۆھپىكارى، پىشقەدەم نەشرىياتچى، ئۇيغۇر مەدەنىيەتتارىخى تەتقىقاتچىسى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئالىم سۈپىتىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، خەلققەلبىدىن ئورۇن ئالدى.
ئالىم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ يېڭى-دەۋر ئۇيغۇر تىل ۋەتەرجىمە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئاز ئەمەس. ئالىم-1950يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى ساھەسىدىكى خىزمەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1954-يىلى شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلەرتىللىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەتئەزاسى بولغان. 1956-يىلى تىل-يېزىقتەتقىقات كومىتېتىغا يۆتكىلىپ، تەتقىقات بۆلۈمى (ھازىرقى تىل-يېزىق كومىتېتىتەتقىقات باشقارمىسى) نىڭ مۇدىرى بولغاندىن كېيىن، تىل-يېزىق ساھەسىدىكى ئىلمىيتەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 1956-يىلى مەملىكەت بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان تۇنجى قېتىملىقتىل تەكشۈرۈش مەزگىلىدە سابىق سوۋېت تۈركولوگى تېنىشېف بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرىنى تەكشۈرۈش 6-ئەترىتىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. 1962-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكەلگەندىنكېيىنمۇ تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى توختاتمىدى ھەمدە «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچەقىسقىچە لۇغەت» نى تولۇقلاپ ئىشلىدى. بۇ كىتاب 1962-يىلى ۋە 1978-يىلئىككى قېتىم نەشر قىلىندى .
ئالىم يەنە كلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتى جەھەتتىمۇداۋاملىق ئىزدەندى ۋە مول نەتىجىلەرنى ياراتتى. 1957-يىلى كلاسسىك شائىرلىرىمىزدىنزەلىلى ھەققىدە «زەلىلى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى» تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، زەلىلىنى تۇنجى بولۇپ خەلقىمىزگەتونۇشتۇردى. 80-يىللاردىن كېيىن ئالەمشۇمۇل مەشھۇر ئەسەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك«نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسىنىتەييارلاشتىكى تەشكىللەش ۋە تەرجىمە قىلىش، تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشتى  ھەمدەئەسەرنىڭ «كىرىش سۆز»ىنى يېزىپ، بۇ ئەسەرگە ئەتراپلىق باھا بەردى. كلاسسىك ئەسەرلەردىن «زەلىلى دىۋانى»، «تارىخ تەبەرى»، «دىۋانى ھېكمەت»قاتارلىقلارنى نەشرگە تەييارلىدى. -1990يىلى 6-ئايدا ئالىمنىڭ تىل-ئەدەبىيات ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا دائىرتاللانغان تەتقىقات ماقالىلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەن «تارىمدىن تامچە» ناملىق ئىلمىيماقالىلار توپلىمى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئالىم 80-يىللاردىنكېيىن يەنە كۆپلىگەن ئىلمىيماقالىلارنى ئېلان قىلدى، شۇنداقلا تۈرلۈك ئىلمىي يىغىنلاردا ماقالىلەرنى ئوقۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەسىپداشئالىملارنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى.
ئالىمنىڭ تەرجىمە ۋە تەھرىرلىك، نەشرىياتچىلىقساھەلىرىدىكى ئەمگەكلىرىمۇ زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. «يەنئەن ئەدەبىيات-سەنئەتسۆھبەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق»، «ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى»، «جىڭگاڭشەندىكى كۈرەش »، «ھەۋەسكار يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەت»، « جوڭيۈئەندىنچېگرا رايونغا»، «قىزىل بايراق شەجەرىسى» (ئۈچ قىسىملىق رومان)، «قىزىل قۇياش»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «غەربكە ساياھەت» ، «بېيجىڭ مايمۇنسىمانئادىمى»، «جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى» نىڭ 2-قىسىم 1-كىتابى قاتارلىق كۆپلىگەنئەسەرلەرنى خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلدى ياكى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشتى. « جامىئۇلھېكايەت»، « كەلىلە ۋە دەمىنە»، «مىڭ بىر كېچە »گە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنىڭتەھرىرلىكىنى ئىشلىدى ۋە كۆپلىگەن كىرىش سۆز يازدى. نەشرىياتچىلىقتىكى ئىقتىدارى ۋەمول كەسپىي ئەمگەكلىرى بەدىلىگە ئالىي مۇھەررىر كەسپىي ئۇنۋانىغا ئەڭ دەسلەپمۇيەسسەر بولغان بۇ ئالىم كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە-تەھرىرلىكىنى تەشكىللەپ،يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.
ئالىم تونۇلغانئەدىب ۋە شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدىمۇ ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدىلا مەكتەپ تامگېزىتىگە شېئىر يېزىشقا باشلىغان ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 30-يىللارنىڭ باشلىرىدىلاباشلانغان، 40-يىللاردا خېلى راۋاجلانغان ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتىنىڭ غوللۇقۋەكىلى ۋە تۆھپىكارى ئىدى. ئازادلىقنىڭ ئالدىدائۇ «دەۋرانى» تەخەللۇسى بىلەن كۆپلىگەن شېئىرلارنى ئېلان قىلغان بولسا، ئازادلىقتىنكېيىن مەتبۇئاتچىلىق خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، سابىق «شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى»(ھازىرقى«تارىم») ژۇرنىلىنىڭ خىزمەتلىرىگە قاتنىشىپ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىقوشۇنىنى شەكىللەندۈرۈشكە تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. ئالىمنىڭ ھازىرغا قەدەر«ھەۋەس»، «سەپەر سەزگۈلىرى» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى، «نەۋائى ھەققىدە»، «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، «بۇلاقتىن بىر ئوتلام»، «نورۇزنامە» قاتارلىق ئۇيغۇرئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان مەخسۇس ئەسەرلىرى ۋە «ئون ئىككىمۇقامنىڭ مىللىي خاسلىقى»، «شېئىرىيىتىمىزنى تېخىمۇ جانلاندۇرايلى»، «رىقابەت دەۋرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى مەسىلىسى» قاتارلىق نەچچەئونلىغان ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي مۇلاھىزە خاراكتېرىدىكى ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.يەنە «بالدۇرقىغا ئوخشىماس» (شېئىرلار توپلىمى)، « تىل- دىلنىڭ كىلىتى» (ماقالىلارتوپلىمى) قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەييارلاپ نەشرگە تاپشۇردى. ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىئېلىمىزدىكى خەنزۇ ۋە باشقا مىللەت تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن باشقايەنەئىنگىلىز، ياپون، نېمىس، رۇس، پارس، تۈرك ۋە ئۆزبېك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى.
نام-مەنپەئەتقوغلاشماي، تىل-ئەدەبىيات، تەرجىمە، تارىخ ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەلىرىدە خالىسانەئىشلىگەن بۇ ئالىم مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى يۈكسەلدۈرۈش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشبىلەن بىللە ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى تەشۋىققىلىش-تونۇشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى. 56-، 57-يىللىرىلاتەكلىپ بىلەن ياشلار ئارىسىدا تۇرمۇش، مۇھەببەت ۋە غايە ھەققىدە لېكسىيىلەرسۆزلەپ، ياشلارنىڭ ئەخلاقىي تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن ئالىم تاھاياتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر تۈرلۈك سورۇنلاردا ئەخلاق، ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەت تېمىلىرىدا سۆزلەپ،ياشلارنىڭ توغرا تۇرمۇش قارىشىغا ئىگە بولۇشىغا بەلگىلىك تۈرتكە بولۇپ كەلدى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى قۇرۇلغاندىن باشلاپلا خىزمەت جەريانىدا ياراملىق كەسىپئىگىلىرىنى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى ئالاھىدە مۇھىم دەپ بىلىپ كەلگەنبۇ ئالىم تابۈگۈنگە قەدەر ياش- ئوتتۇرا ياش كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئىمكانىيىتىنىڭبارىچە ياخشى ياردەم، مەسلىھەتلەرنى بېرىپ كەلدى. سالامەتلىكى يار بەرسىلائاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمەپائالىيەتلىرىگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىپ، تىل-يېزىق، مەدەنىي-مائارىپ، تارىخ ۋەئىجتىمائىي مەسىلىلەر بويىچە ياخشى تەكلىپلەرنى بېرىپ ،كۆپ قېتىممەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە« ئون ئىككى مۇقام»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى دۆلەت ئىچى-سىرتىغا تونۇشتۇردى.  -1990، -1991يىللىرى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگەبارغاندا، بۇ ئەللەردىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن كۆپ قېتىم تۈرلۈكتېمىلاردىكى ئىلمىي مۇھاكىمىلەرگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشجەھەتتە كۆپ كۈچ چىقاردى. 80-يىللاردىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر شىنجاڭئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىقاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە تەكلىپ بىلەن لېكسىيە سۆزلەپ كەلدى ھەم ئۇلارنىڭ ئىلمىيپائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى. ئومۇمەن، ئالىم ئىمىن تۇرسۇنئىلىم-مەدەنىيەت ئىشلىرىمىز ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.
ئالىم 1978-،1983-يىللىرىسىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇقئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 1-ۋە 4- نۆۋەتلىك ئىجرائىي ھەيئەت ئەزاسى،يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 1- ۋە 4-نۆۋەتلىك ئىجرائىي ھەيئەت ئەزاسى بولدى. 1981-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەرجىمانلار جەمئىيىتى قۇرۇلغاندا بۇ جەمئىيەتكە مۇئاۋىن باشلىق ھەم باش كاتىپبولۇپ سايلاندى.  ئالىمنىڭ ھاياتى «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، « تارىم»، «بۇلاق»قاتارلىق  گېزىت-ژۇرناللار ۋە رادىئولاردا مەخسۇس تونۇشتۇرۇلدى.«جۇڭگو يازغۇچىلار قامۇسى»، «جۇڭگو تەرجىمانلار قامۇسى»، «جۇڭگو مۇتەخەسسىسلەرقامۇسى »، «دۇنياۋى مەشھۇر مەدەنىيەت ئەربابلىرى قامۇسى» قاتارلىقلاردا ئالىمنىڭنامى ۋە ئىش ئىزلىرى بېرىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋەيازغۇچىلار جەمئىيىتى 1994-يىلى ئالىمنىڭ 70 ياشقا تولغانلىقىنى قۇتلۇقلاپ مەخسۇس«ئىمىن تۇرسۇن ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ، ئالىمنىڭ ئىلمىيپائالىيەتلىرىگە ۋە ئۇنىڭ ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە قوشقانتۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو مىللەتلەرتىللىرى جەمئىيىتى، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تەتقىقاتى جەمئىيىتى، جۇڭگوئالتايشۇناسلىق تەتقىقاتى جەمئىيىتى، جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقاتى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى جەمئىيىتى، 12 مۇقام تەتقىقاتجەمئىيىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي جەمئىيەتلەرگە قاتنىشىپ، كۆپلىرىدە مەسلىھەتچى،دائىمىي ھەيئەت ئەزا، مۇئاۋىن مۇدىر قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولۇپ كەلدى.
تا بۈگۈنگە قەدەر قولىدىن قەلەم، قەلبىدىن ئىلىم ئىشتىياقى كەتمىگەن تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى2011 –يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى87 يىشىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى  . قەلەم ۋە ئىلمنى تۇتقۇچىلار دەۋرنىڭ جىنى ۋە تۈۋرىكى. خەلق ئۆز دەۋرىدىكى بۇنداق تۈۋرۈكلەرنى ھامان ئەسلەيدۇ. ياش ئەۋلادلار بۇنداق ئاتا، ئۇستازلىرىنىڭ ئىلىم سۆيەر روھى ۋە يۈكسەك ئەخلاقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزىگە ھەمراھ قىلىدۇ.
   مەنبەسى :  نۇر تورى
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : yawuz تەرىپىدىن تەستىقلاندى
-سىز كۆرۋاتقان تىما قايغۇلۇق خەۋەر : ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
چاقماق چاقىدۇ ئۆچىدۇ ، باھار كېلىدۇ كېتىدۇ . لېكىن تۇنجى مۇھەببەتتىن قالغان ھەسرەت مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ .
تارىخ تۇيغۇمىزدا خاتىرىلەنگەن
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2506
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 5
ئومومىي يازما: 459
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە459دانە
شۆھرىتى: 650 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 442 يۈەن
تۆھپە: 494 قېتم
ياخشى باھا: 122 قېتىم
توردا: 3351(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-11-20
ئاخىرقى: 2011-02-25

مىللى مەدەنىيىتىمىزنىڭ تۈۋرىكى ئىدى،مەرھۇمنىڭ ياتقاي جايى جەننەت بولغاي.
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
bu dunya bir konalgu, biz bolsah mehmandurmiz!
دەرىجە: مەستانە ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1608
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 97
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە97دانە
شۆھرىتى: 140 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 3010 يۈەن
تۆھپە: 108 قېتم
ياخشى باھا: 12 قېتىم
توردا: 2347(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-09-19
ئاخىرقى: 2011-02-24
2 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن

ئىننە لىللەھى ۋە ئىننىئىلەيھى راجىئۇن! ھەممەيلەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلدۇق،ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز! ئاللاھتىن ئۇ كىشىگە رەھمەت ۋە مەغفىرەت تىلەيمەن! بۇ كىشىنى تېلىۋېزورلاردا كوپ كورگەن ۋە نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم>
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
assalamu alaykum azizlar!
خۇتەن ئەل غىزا سوقماقلىرى ۋاكالەتچى چاقىردۇ
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 728
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 478
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە478دانە
شۆھرىتى: 768 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 7416 يۈەن
تۆھپە: 525 قېتم
ياخشى باھا: 245 قېتىم
توردا: 391(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-08-08
ئاخىرقى: 2011-02-25
3 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن

بىر ئالىمنىڭ ئۈلمى مىڭ تۈرۈكنىڭكىدىن قايغۇلۇق بۇلدىكەن 7s]Wq6  
ئالىم ئولدى ئالەم ئولدى  
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
گەپ قىلمىسا كەم سوز دىمىگىن ئۇلارنىڭ بېشىغا قانداق كۈن كەلگىنى پەقەت  ئاللاھ بىلدۇ ؟
ئومەرئىسمايىل <لۈكچۈن>
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4498
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
شۆھرىتى: 48 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 429 يۈەن
تۆھپە: 33 قېتم
ياخشى باھا: 25 قېتىم
توردا: 116(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2011-02-06
ئاخىرقى: 2011-02-25
4 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن

بو تىمىنى ئوقوۋىتىپ ئاتاقلىق ناخشىچىمىز سەنوبەر تۇرسۇننىڭ  ياشىسۇن دەپ ئىيتىدىغان بىر ناخشىسى يادىمغا يەتتى،  مەرھۇمنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن.
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ۋاقىت.ھەقىقى قىممىتىنى بىلگىنىڭدە كىچىككەن بولماسلىقىڭنى ئۇمىت قىلىمەن.
تارىخ تۇيغۇمىزدا خاتىرىلەنگەن
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2506
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 5
ئومومىي يازما: 459
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە459دانە
شۆھرىتى: 650 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 442 يۈەن
تۆھپە: 494 قېتم
ياخشى باھا: 122 قېتىم
توردا: 3351(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-11-20
ئاخىرقى: 2011-02-25
5 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن

رەسىم:
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاۋات كوچىلىرىدىن بىرى بولغان دۆڭكۆرۈككە جايلاشقان «دۆڭكۆرۈك مەززىلىك تائاملار ناخشا-ئۇسسۇل تىياتىرخانىسى»دا كاتتا بىر يىغىلىش بولدى. ئۇ بولسىمۇ ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمى يولغا قويغان «تۆھپىكارلار» پىروگراممىسىنىڭ 100سان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاڭلىتىلغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىش ئىدى. ئەلۋەتتە، پائالىيەتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن مەزكۇر پائالىيەتكە ھەرخىل رەۋشتە ئىشتىراك قىلغانلار بىردەك ھالدا پائالىيەتنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتا ۋە ئوخشىمىغان قاتلامدىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي تۇرالمايتتى. چۈنكى «تۆھپىكارلار» پروگراممىسى ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھالدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە تۆھپىسى ئالاھىدە زور بولغان ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانىچىلارنى تونۇشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ رەڭدار ھاياتى ئارقىلىق ياش ئەۋلاتلارنى ئىزدىنىش روھىغا باي ھاياتقا باشلاشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، مەزكۇر پىروگراممىدا بىزنىڭ ئۇشبۇ 100يىللىق يېڭى ئەسىرىمىزگە نىشانە بولالىغىدەك 100كاتتا تۆھپىكارىمىز تونۇشتۇرۇلغان 100سان پىروگراممىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان 100كىشىلىك يىغىلىش ئىدى. J-U}iU|  
uB%`Bx'OW  
تۆھپىكارلار ۋەكىلى، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن پائالىيەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ سۆز قىلدى.
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
دەرىجە: مەستانە ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4362
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 190
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە190دانە
شۆھرىتى: 226 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 2209 يۈەن
تۆھپە: 218 قېتم
ياخشى باھا: 18 قېتىم
توردا: 752(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2011-02-02
ئاخىرقى: 2011-02-25
6 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن

ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي ئامىن.
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
ھەقىقەت ئاچچىق، مىۋسى تاتلىق.
سْـــــــــــمِاﷲارَّحْمَنِارَّحِيم
دەرىجە: مەستانە ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 99
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 39
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە39دانە
شۆھرىتى: 70 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 2589 يۈەن
تۆھپە: 39 قېتم
ياخشى باھا: 12 قېتىم
توردا: 387(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-06-10
ئاخىرقى: 2011-02-24
7 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 13سائەت بۇرۇن

ئالدىنقى ئككى كەلىمە سۆز ناھايتى ياخشى گەپ بوپتۇ.ئويلىنىشقا تىگىشلىك................
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى