قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئىسلام مەدەنىيىتى e488}h6#m
48{B} j%oU
نۇرمەمەت توختى 'CRjd~L
Gq7\b({=
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېتنىك تەركىبىگە سىڭىپ كەتكەن ئۇرۇقداش خەلقلەر ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئىچىدە ئولتۇراق تېرىم مەدەنىيىتىگە بۇرۇن قەدەم قويغان بۇلۇپ سودا-ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەھەتتىكى ماھارىتى، شەھەر-قەلئە ھاياتى، يېزىق ۋە ئەدەبىي تىل جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقى. شامانىزمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىپتىدائىي ئېتقاد ئەقىدىلىرىدىن ئاللىبۇرۇن ئاساسىي ئالاقىنى ئۈزۈپ، زوروئاستېردىنى، مانى دىنى ھەم بۇددىزم مەدەنىيىتى تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە بۇ دىنلارغا ئېتقاد قىلغان دەۋردىكى شانلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى مەشھۇر سىياسىي ئەربابلار، مۇتەپەككۇر ئالىم شائىرلار، تەرجىمەشۇناسلار ۋە سودا ئىقتىساد خۇجىدارلىرى («Sarthavaha» سارتاۋاخ) نىڭ يېتىشىپ چىققانلقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتنى كۆپ قاتلاملىق، كۆپ مەنبەلىك بولۇشتەك باي مەدەنىيەت خۇسۇسىيىتىگە ئىگە قىلغان بۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس تەرەققىپەۋەر خاسىيەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. b$tf9$f
c]|Tg9AW
ئەينى دەۋردە ئىقتىساد، مەدەنىيىتى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان، بىر قانچە دۇنياۋى ئىمپېرىيىلەرنىڭ سەلتەنىتىنى باشتىن كەچۈرگەن، ماۋرا ئۇننەھرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت جەھەتتە شىنجاڭغا بولغان تەسىرىنىڭ زور بولغانلىقى تارىخىي خاتىرىلەر، كىلاسسىك دەستۇرلار ۋە تارىخنىڭ چۆكمىسى بولمىش - ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلار ئارقىلىق ئىسپاتلانغانلىقى قىل سىغماس ھەقىقەتتۇر. شۇنداق ھۆكۈم قىلىشقا ئاساسىمىز باركى، ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقالغان ۋە ئۇ يەردە بارلىققا كەلگەن دىنلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قەدىمكى شىنجاڭغىمۇ تارقالغان. ھەتتا مەزكۇر رايوندا تارقالغان بەزى دىنىي مەزھەبلەرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. بۇنداق بولۇشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبلىرىنى شەكىللەندۈرگۈچى بىر قىسىم قوۋملار ئوتتۇرا-مەركىزى ئاسىيادا (كەڭ مەنىدىكى) پائالىيەت قىلىپ سەلتەنەت سۈرگەن. ئەڭ مۇھىمى ئېتنىك بىرلىك مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئورتاقلىقنىڭ ئۇلىنى شەكىللەندۈرگەن. شىنجاڭدا تارىختىن ھازىرغىچە كۆپ خىل دىنىي ئېتقادنىڭ بىرگە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ئوبېيكتىپ مۇھىتنىڭ ئەۋزەللىكىدىن بولغان. بىز دېمەكچى بولغان ئوبېيكتىپ مۇھىت، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە بولغان جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە ئېتنىك ئارقا كۆرۈنۈشىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇرنىڭ ئانا يۇرتى شىنجاڭ ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. تارىختا بۇ زېمىن كۆپلىگەن ئۇرۇق-قەبىلىلەرنىڭ تىرىكچىلىك قىلىپ كۆپەيگەن ۋە بېرىش-كېلىش جەريانىدا بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كەتكەن چوڭ تارىخ سەھنىسىگە ئايلانغان. ئۇيغۇر ئېتنىك تەركىبىنىڭ كۆپ قاتلاملىق بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر. قەدىمكى غەربىي يۇرت ئېچىۋېتىش روھىغا ئىگە ئەجدادلىلرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە «يىپەك يولى» ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، ھىندى مەدەنىيىتى، ئەرەب-پېرسىيە مەدەنىيىتى، يۇنان-گېرىك مەدەنىيىتى قاتارلىق ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، ئالمىشىدىغان بۆشۈكىگە ئايلانغان. يەنى «دېڭىز يولى» ئېچىلىشتىن ئىلگىرى بۇ زېمىن شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش ۋە سودا يولىنىڭ چوقۇم ئۆتۈشىدىغان تۈگۈنى ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، شەرق بىلەن غەربنىڭ ھەرخىل مەدەنىيەت تىپلىرى مۇشۇ زېمىندا ئەسلى بار مەدەنىيەت تىپلىرى بىلەن ئۈچ تەرەپلىمىلىك ئۇچرىشىش نەتىجىسىدە بۇ مۇنبەت تۇپراقتا تېخىمۇ باراخسانلاپ ئالتۇن شاخچىلار بىخ سۈرگەن. Z'd]oNF
<4I`|D3@
دىن - قەدىمكى دەۋر پەلسەپىۋى ئىدىيىسى، ھەم ئىنسانىيەت ئىدىيىۋى ئالاقىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. شۇڭا ئۇ، مۇقەررەر ھالدا شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى، جۈملىدىن كەڭ ئوتتۇرا - مەركىزىي ئاسىيادىكى ئېتنىك بىرلىككە ئىگە بولغان خەلقلەر ئارىسىدىكى مالىيە - سودا ئالاقىلىرىغا ئەگىشىپ بۇ زېمىنغا تارقالغان. دۇنياۋى دىنلار ۋە باشقا رايون خاراكتېرلىك دىنلارمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق قەدىمكى شىنجاڭغا تەسىر قىلغان ۋە ئۆزئارا بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر يۇرتىمىز شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە ئېتنىك ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ ئوبېيكتىپ نامايەندىسى. On,z#A
t;y@;?~
ئىسلام دىنى بۇددىزم ۋە خرىستىئان دىنلىرىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن يەنە بىر دۇنياۋى دىن. بۇددىزم ۋە خىرىستىئان دىنلىرى قۇللۇق تۈزۈم دەۋرىدىكى مەدەنىيەتنىڭ خاس شەكىللىرى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتىدىكى دەۋر تەلىۋىگە ماسلاشقان، باشقىچە ئېتقاندا بۇددىزم خىرىستىئان دىنلىرى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى دىن ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىلىرى ئاساسىدا ھۇجۇدقا كېلىپ بىر يۈرۈش بۇددىزم ۋە خىرىستىئانچىلىق مەدەنىيەت شەكىللىرىنى بەرپا قىلغان بولسا، ئىسلام دىنىمۇ قەدىمكى پەلەستىننىڭ يەھۇدىي ۋە خرىستىئان ئېتقادىلىرى، پىلاتون (ئەپلاتون)، ۋە يېڭى پىلاتونىزمنىڭ ئىدېئولوگىيىسىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى. `/(9#E
+0:]KG!Zs.
ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ غايەت زور ئەرەب يېزىقى مەدەنىيەت چەمبىرىكى ۋە ئىسلامىيەتتىن ئىبارەت غايەت زور دىنىي ئىدىئولوگىيىلىك ئۈسقۇرۇلمىنى ۋە ھازىرغىچە مىلياردلىغان خەلقنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى رۇياپقا چىقاردى. جاھان مەدەنىيەت تارىخىدا رىم مەدەنىيىتىنىڭ شانلىق دەۋرى ئاخىرلاشقان، ياۋروپا مەرىپەتچىلىكى تېخى باشلانمىغان مەزگىلدە، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەرەققىيات باسقۇچىغا ۋەكىللىك قىلغان ئەرەب «ئىسلام مەدەنىيىتى» («ئەرەب يېزىقى مەدەنىىتى») بارلىققا كەلدى. ئەرەب «ئىسلام مەدەنىيىتى» ماھىىتى بىلەن ئېتقاندا، ئەرەب ئىسلام ئىمپېرىيىسى تېررىتورىيىسىگە كىرگەن ناھايىتى كۆپ مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ۋە بىر پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئىسلام يېپىنچىسىنى يېپىنغان چۇغلانمىسى ئىدى. چۈنكى خۇددى رىم ئىمپېرىيىسىنى ۋەيران قىلغان گېرمان، سىلاۋىيان خەلقلىرى، رىم ۋىزانتىيە خەلقلىرى ياراتقان باي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئوزۇقلانغىنى ئۈچۈن، قۇللۇق تۈزۈم دەۋرىنى بېشىدىن كەچۈرمىگىنىدەك، ئەرەب خەلقىمۇ قۇللۇق تۈزۈمنى بېشىدىن كەچۈرمىگەنىدى. چۈنكى ئەرەبلەرمۇ ئىسلام دىنى بايرىقى ئاستىدا «غازات» شۇۋارىنى توۋلاپ يۈرۈپ، ئۆزلىرى ئىستېلا قىلغان مەدەنىيەتلىك پېرسىيە، مىسىر، سۈرىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلانغانىدى. ئابباسىيلار خەلىپلىكى دەۋرى (750 - 1258- يىللار) دە يۈز بەرگەن «شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى» نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن يېڭى بىر خىل دۇنياۋى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىلىرى بەلبېغى ئەڭ ئۇزۇن بولغان مەدەنىيەت سۈپىتىدە ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشىنىڭ ئۇرۇقىنى چاچتى. بۇ مەزگىلدە ئەرەبلەر ياۋروپانىڭ ئۇستازىغا ئايلاندى. بۇنداق بولۇشى ئەرەب ئىمپېرىيىسى شەكىللىنىپ ئەرەبلەرنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىشى، مۇسۇلمان سودا كارۋانلىرىنىڭ يىراق دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق يوللىرىدا سەپەر قىلىشى بىلەن شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇمەييە سۇلالىسىدىن باشلانغان گرېك، پارىس، ھىندى قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىلىم مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەرجىمە قىلىش پائالىيىتى Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئابباسىيلار خەلىپلىكىدە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. شۇ زاماندا ياۋروپا ئۇزۇن داۋام قىلغان مالىمانچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۇ يەردە قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ ئىزى قالمىغانىدى. كېيىن ياۋروپالىقلار ئەرەبچە تەرجىمە نۇسخىسىغا تايىنىش ئارقىلىق گرېك (يونان) مەدەنىيىتىنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قايتىدىن تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. WT1d'@LY
Pe@*')o*
ئىسلام مەدەنىيىتى - ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرى؛ «شەرىئەت» مۇسۇلمانلارنىڭ دىن، سىياسىي ئىقتىساد، جەمئىيەت، ئائىلە ۋە كىشىلىك تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان قانۇن-قائىدە، نىزاملىرى؛ ئىلام ئېتىكىسى (ئەدەپ-ئەخلاق)؛ ئەدەبىيات-سەنئەت؛ ئەرەب يېزىقى ۋە خەتتاتلىقى؛ ئىسلام بىناكارلىقى، يەنە ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام تىبابەتچىلىكى ۋە تەبىئەت ئىلىملىرى، ئىسلام كالىندارچىلىقى قاتارلىق كەڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت سىسىتېمىسىدىن ئىبارەت، ئىسلام مەدەنىيىتى ئۆزىگە خاس دىنىي ياكى تارىخىي ئالاھىدىلىكلەردىن باشقا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئەينى زاماندىكى ئومۇمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ دۇنياۋى قىممەت ياراتقان. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئىدى ئىسلام مەدەنىيىتى مىڭ يىللاردىن بېرى مۇنچىلىك تەسىرگە ئىگە بولالمىغان بولاتتى. a*nCvZ
zw0u|q;#
ئويغۇرلار قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى ئىسلامىيەت شۇندىن باشلاپ ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدا ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىدېئولوگىيىلىك مەدەنىيەتنىڭ ئۇيغۇرچە مىللىي تۈسكە كىرگەن ئالاھىدە ئېتنىك شەكلىگە ئايلاندى. بۇ ئەھۋال ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئىسلامىيەت شەكلىدە يەنىمۇ راۋاجلىنىشقا ۋە دەۋرگە ئەگىشىپ دۇنياغا يۈزلىنىشكە ئېلىپ كەلدى. E U'P U
H?;@r1ZAn
دىن - ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىدىن ئىبارەت. كائىنات ۋە ئۇنىڭ مەنبىئىي، ئادەم ۋە ئۇنىڭ تەڭرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسدىكى شامانىزملىق، ئاتەشپەرەسلىك، مانىزملىق، ۋە بۇددىزملىق تەسەۋۋۇرلار ۋە ئەقىدىلەر ئورنىغا ئىسلامىيەتتىن كېيىن «ئاللانىڭ بىرلىكى» ۋە پۈتۈن كائىنات ۋە ئىنسانلارنى خۇدا ياراتقانلىقى ۋە مۇسۇلمانچىلىق مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدىكى يېڭى ئەقىدە ۋە قاراشلار ئورۇن ئالماشتۇردى. ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلغان بەش پەرھىز ئۇيغۇر روھىيىتى ۋە تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە تىرەن ئورنىتىلىپ، دائىمىي ئېتنىك دىنىي پائالىيەت تۈسىنى ئالدى. dA0o{[o=
N"zl7 .E
ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئورتودوكسال سۈنئىي مەزھىبى تۈزۈپ چىققان ئىسلام قانۇنى - «شەرىئەت» نى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ قانۇن Ⅶ ئەسردىن Ⅹ ئەسىرگىچە بولغان ئۈچ ئەسىر داۋامىدا ئىسلام فىقھىشۇناسلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ قېلىپلاشقانىدى. «شەرىئەت» ئۇ «قۇرئان كەرىم» نى تۈپ ئاساس «ھەدىس شەرىپ» نى قوشۇمچە قىلغان «مۇقەددەس قانۇن» ئىدى. «شەرىئەت» ئەرەبچە سۆز مەنىسى «ئاخىرەتلىك يول»، كەڭ مەنىدە «ھەرىكەت، يول»، خاس مەنىدە «ئاللا بۇيرۇغان يول» دېگەن بولىدۇ. ئۇ مۇسۇلمان جەمئىيىتىدىكى بارلىق ھەرىكەتنىڭ تۈپ مىزانى. ئىسلام شەرىئىتى ئاساسەن ئىككى خىل مەزمۇنغا ئايرىلىدۇ: بىرىنچى مەزمۇنى دىنىي قائىدە-يوسۇن ۋە مەجبۇرىيەت توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر؛ ئىككىنچى مەزمۇنى قانۇن ۋە سىياسىي جەھەتتىكى بەلگىلىمىلەردىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تەدرىجىي ھالدا مەخسۇس ئىسلام دىنى يۇقىرى تەبىقىلىرى - شەيخۇل ئىسلام، قازى كالان، ئەلەم، مۇپتىلار ۋە ھەردەرىجىلىك جامە-مەسچىتلەرنىڭ خاتىپ، ئىمام، مۇئەززىنلىرى، مەدرىسلەرنىڭ مۇدررەسلىرى، ئۆلىمالىرى، شۇنىڭدەك دىنىي ئىلىم بويىچە ھەردەرىجىلىك ئالىملىق مەرتىۋىلىرى، ھەتتا مازار شەيخلىرى مەيدانغا كەلگەن. 8L*#zaSAf
qKs"L^b
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا بىر ھۆكۈمدار بولۇپمۇ ئۈچ ئىشقا تاللانغان ئادەملەرنى قويۇشى لازىم، بۇلار قازىلىق، خەلپەتلىك، ۋە ۋەزىرلىكتىن ئىبارەت. «بۇلاردىن بىرى قازى، خەلىققە پايدىسى تېگىش ئۈچۈن قازى ئىنتايىن پاك ۋە تەقۋادار بولۇشى لازىم.» دېيىش ئارقىلىق قازىلارنى دىققەت قىلىپ تاللاشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ مەلۇماتتىن قارىغاندا قاراخانىيلار دەۋرىدە مەھكىمە شەرىئىي يولغا قويۇلغان. ھەردەرىجىلىك مەھكىمە شەرىئىتىنىڭ خادىملىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن. مەھكىمە شەرىئى ھۆكۈمنىڭ ئىجراسى شۇلار ئارقىلىق نازارەت قىلىنغان. E>F6!qYm
|2I/r$Q
رىشات گەنج بارتولد ئەسەرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «… تابغاچ خان ئىبىراھىم زامانىسىدا بۇخاراغا قازى بولغان ئىمام فەخرۇددىن ھاسان ئەل مەرغىلاننىڭ «قازى-خان» دەپ داڭق چىقارغانلىقى بىزگە مەلۇم»، «يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە قۇتادغۇبىلىك» تەقدىم قىلىنغان شەرقىي قاراخانىيلار ھۆكۈمدارلىرىدىن تابغاچ بۇغراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەن زامانىسىدا، شەيخ ئىمام ئەبۇ بەكر مۇھەممەد بىننى ئابدۇسەمەت بىننى ئىسمايىل ئەل بۇخارى ئىسىملىك بىرىنىڭ يەكەن قازىسى بولغانلىقى ۋە ئەسلى نۇسخىسى بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە ساقلىنىپ قالغان بىر شەرىئەت داۋاسىغا ھۆكۈم چىقارغانلىقى مەلۇم» بۇ دەۋاغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا تۈزۈلگەن ھۆججەتتە ئىمام ئەبۇ بەكر مۇھەممەد ھەم يەركەن ئەتراپىدىكى يەرلەرنىڭ قازىسى ۋە ھاكىمى دەپ تىلغا ئېلىنغان. بۇ مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەيلى جازا بېرىش قازىلىرى، مەيلى ئومۇمىي مەھكىمە قازىلىرى بولسۇن مەلۇم شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يەرلەرنىڭ دەۋالىرىنى سوراش ئۈچۈن تەيىنلىنەتتى. شۇڭلاشقا قازىلار، مەركەزنىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇش بىلەن بىللە يەرلىك تەشكىلاتلاردىمۇ ئورۇن ئالغانىدى.② t]xR`Rr;X
ty8E;['
شەرىئەتنى ئىجرا قىلغۇچى ئەمەلدار ئەرەب تىلىدا «قازى» دەپ ئاتىلىدۇ. مەھكىمە شەرىئىي خادىملىرى بىرنەچچە خىل بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىلەر1) قازى كالان (قازى قۇزات دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار مەھكىمە شەرئىتىدە ئەڭ چوڭ ھوقۇقدار بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك مەھكىمە شەرىئىي خادىملىرىنى تەيىنلەش، قالدۇرۇش، ئۇلارنىڭ ھۆكۈم، پەتىۋالىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. 2) ئەلەم (ئەلەم ئاخۇنۇم دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئۇلار قازى كالاننىڭ ئورۇنباسارلىرى. 3) مۇپتى، ئۇلار مەھكىمە شەرىىڭ باشلىقى، ھۆكۈم چىقارغۇچى. 4) قازى سوراقچى 5) قازى رەئىس، ئۇلار مەھكىمە شەريئنىڭ ئىجرئىيە تەپتىشى. «قازى» مەھكىمە شەرىئىنىڭ سوتچىسى بولۇپ، ئادەتتە قاراخانىلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورنى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن. ئۇ، سوت ئىشلىرىنى بېجىرگەندىن باشقا، يەنە ۋەخپە يەر-مۈلۈك، يېتىم-يېسىرلارنىڭ مال-مۈلكىنى باشقۇرغا، ئىگە-چاقسىز ئاياللارنىڭ نىكاھ توختامىنى تۈزگەن. شىنجاڭنىڭ تارىخىدىن ئالغاندا شەرىئەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى كۆچمەن چارۋىچىلىق رايونلىرىغا قارىغاندا دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ياخشى بولغان. مەسىلەن قېرىنداش مىللەتلەردىن قازاق خەلقى شەرىئەت پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ھەربىر «يۈز» (ئۇلى يۈز، ئوتتۇرا يۈز، كىچىك يۈز) لەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مىللىي قانۇنىرى بولغان مەسىلەن «قاسىمخاننىڭ قاشقا زاڭى»، «ئېسىمخاننىڭ ئەسكى زاڭى» دېگەندەك. بۇنىڭدىن مەلۇمكى تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە چارۋىچى مۇسۇلمانلار ئەينى دەۋردە يەنىلا ئەنئەنىۋى قەبىلە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن. 8B6-f:
v+'*.Iv:
قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ئىسلام دىنى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۇرمۇشقىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن. بار تولىد: «قاراخانىيلار دۆلىتىدە، بارلىق كۆچمەن چارۋىچى ئىمپېرىيىدىكىگە ئوخشاش، ئۇرۇقداشلىق مۈلۈكچىلىك قارشى خۇسۇسىي قانۇن مۇناسىۋىتىدىن دۆلەت قانۇنى ساھەسىگە بۇرالغان.»②دەپ كۆرسەتكەن. قاراخانىيلار سۇلالىسىدا ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىنغاندىن كېيىن شەرىئەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى بۇ بۇرۇلۇش جەريانىنىڭ ئورۇندۇلىشىنى تېزلەتكەن. "fu@2y4^
ME*A6/h
قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە بۇخانلىقنىڭ پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭ، يەتتە سۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ بىر تېررىتورىيىسىدە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتى، شەھەرلەردىكى يەرلىك سانائەت ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ گۈللىنىشى، شەھەرلەر ئارا بولغان ئىقتىسادىي-سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، شەھەرلەرنى مەركەز قىلغان فېئوداللىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر راۋاجلاندى ۋە بۇنداق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرگە ماس ھالدا، قەشقەر، بالاساغۇن، سەمەرقەندكە ئوخشاش چوڭ شەھەرلەرنى مەركەز قىلغان شەھەر مەدەنىيىتى يۈكسىلىشكە باشلىغان. بۇنداق بىر ئىجتىمائىي يۈكسىلىش ئەينى تېررىتورىيىدە بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە كىرىشىگە مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. چۈنكى ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى تەبىئىي ھالدا مەدەنىيەت ئىلىم-پەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ^O&&QR