ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز مۇنبەرداشلار مەن مۇنبەرنى ئارىلاۋىتىپ (سەنسىز0903) نىڭ شېئىر يېزىشنى ئۈگەنگىڭىز بارمۇ ؟ دىگەن تىمىسىنى كۆرۈپ چىقىپ ناھايىتى مەمنۇن بولغان ئىدىم، لىكىن قارىسام تېمىنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلۈپ قاپتۇ. ئەلۋەتتە مۇنچىلىك بىر مەزمۇننى بېسىپ بولۇشقىمۇ نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زىھنىي كۈچ كىتىدۇ. شۇڭا بۇنى تامامەن توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. Da|z"Ix
مەن گەرچە شېئرىيەتنىڭ قائىدىلىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمىسەممۇ، تورداشلارنىڭ شېئرىيەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى ھەمدە شېئرىيتىمىزدىكى بەزىبىر تۈرلەرنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ھاجى ئەھمەدنىڭ «ئۇيغۇر شېئرىيتى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى ئارقىلىق، ئۇيغۇر شېئرىيتى ۋە ئۇنىڭ شەكىللىرى توغرىسىدا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. F5<Hm_\:
مىنىڭ خەت بېسىز سۈرئىتىم ئاستىراق ھەم ۋاقتىممۇ ئانچە كۆپ بولماسلىقى سەۋەپلىك، كىتاپنىڭ مۇنبەردە داۋاملىشىش سۈرئىتى سەل ئاستا بولۇپ قېلىشى مومكىن. تورداشلارنى بۇنى توغرا چۈشىنىدىغىنىغا تولۇق ئىشەنچىم بار. 4s-!7
TjH][bH5 zhQJy?>'m
*dQSw)R ئەسكەرتىش: مەزكۇر كىتابنى يوللاشتا مەن ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغان ئەگەر مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار سۈرۈشتۈرۈپ قالسا تېما دەرھال ئۆچۈرلىشى مومكىن، ئەمما مەزكۇر كىتابنىڭ مۇئەللىپىمى ئۇيغۇر شىئرىيەت پىشۋالىرىدىن بىرى. مېنىڭچە بۇ كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىدىمۇ ئۇيغۇر شېئرىيتىنى داۋاملىشىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن. ھەزگىزمۇ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، شۇڭا ئۇنداق ئىشنىڭ چىقماسلىقىغا ھەم ئىشەنچىم كامىل. Yy8g(bU
l1I#QB@5n `[A];]
f);FoVa6 <@}9Bid!o
;S{(]K7i ئۇيغۇر شېئرىيتى توغرىسىدا c> af
zi:BF60]=
ھاجى ئەھمەد _wcNgFx
مەسئۇل مۇھەررىر: نۇرمۇھەممەد دۆلەتى )+M0Y_r
مەسئۇل كوررىكتور: ئابدۇللا ئابلىز -&;TA0~;
مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى z=FZiH
I|J/F}@p
1982-يىل 7- ئاي 1-نەشرى 4sM.C9W
باھاسى: 0.34 يۈەن smLQS+UE
T)})pt!V
cAc@n6[`3 ERt{H3eCcJ
X$pJ:M{F$ بىرىنجى باب g4@ lM"|S
شېئىر ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى |&[EZ+[
+H2-ZXr
`V3Fx{ شېئىر ئىجتىمائىي ھاياتنى باي تەسەۋۋۇر، كۈچلۈك لىرىكىلىق ھىسىيات يارىدىمى ئارقىلىق ئەڭ ئىخچام، ئەڭ جانلىق، ئەڭ مەركەزلىك ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان، چۇڭقۇر ئىدىيە، ئورازلىق تىل، يېقىملىق ئاھاڭغا ئىگە بولغان بىرخىل ئەدەبىي شەكىلدۇر. ئۇ بەزىدە نەزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. Q1l '7N
;xs"j-r/ O s.4)
r{%qf; شېئىر دىگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسىدىن قارىغاندا، ئۇ «گۈزەل سېزىم» ياكى گۈزەل تۇيغۇ» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. Q( {r@*g
Y,e B| ~Ti'FhN
TLe~y1dwY= شېئىر شائىرنىڭ تاشقى دۇنيادىن ئالغان ھىسسىيات ۋە چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا بېيتىلىپ ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مۇئەييەن تۇرمۇشنىڭ ئەڭ نەپىس، ئەڭ ئىخچاملاشقان ئىپادىسى بولغانلىقتىن، ئۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش، تىز تەسىر كۆرسىتىش، گۈزەل ۋە يېقىملىق تەسىراتقا ئىگە قىلىشتەك ئالاھىدە سىھرىي كۈچكە ئىگە بولۇشتىن تاشقىرى، قاپىيلىك، رېتىملىق بولۇشتەك ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ باشقا تۈرلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. c[1oww
$.rhRKs
;Q*or2"! 1. شېئىر ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋە ئەڭ تۈپ شەكلى :G2k5xD/E
O-I[igNl
ئىنسانىيەت دۇنياسى يارالغاندىن باشلاپ كىشىلەر ئۆزىنىڭ يۈرەك تۇيغۇلىرىنى ئەدەبىياتتا ئەكىس ئەتتۈردى. ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەدەبىياتى ئەمگەك قوشاقلىرىدىن ئىبارەتتۇر. R$TB1w9]
z>Hgkp8D" /.M N
`-l6S ئىنسانىيەتنىڭ تىل پەيدا بولۇش جەريانىدا، ئەمگەكنىڭ ھەرخىل ئالاھىدىلىكلىرىگە ماسلاشقان بىرخىل رېتىملىق ئاۋازشەكىللەنگەن ئىدى، بۇ شىئىرنىڭ مەنبەسى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر قىلىش قابىلىيتىنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن، تەدرىقىي ھالدا مۇنداق رېتىملىق ئاۋازلار بەلگىلىك مەنىگە ئىگە بولۇش ئارقىلىق ئەمگەك قوشاقلىرى مەيدانغا كەلدى. _m'Fr7
i2(1ki/|O
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، شېئرىيتىمىزنىڭ كىلىپ چىقىشى ئىنتايىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە . ئۇنىڭ دەسلەپكى ئۈلگىلىرى قەدىمىي زامانلاردا - ئۇزۇن داۋاملاشقان ئىپتىدائىي جامىئە تۈزۈمى شارائىتىدا ئاساس تاپقان. ئەمگەك قوشاقلىرى ئۇنىڭدا سالماقلىق ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىنىڭ قەدىمكى دەۋىرلەرگە تەئەللۇق بىر قىسىم نەمۇنىلىرىنى بىزگە يەتكۈزۈپ كەلگەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى ۋە يازغۇچىسى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ « تۈركى تىللار دىۋانى» دىگەن ئەسىرىدىن بۇنىڭ روشەن مىسالىنى كۆرەلەيمىز: 1ilBz9x*!
&2zq%((r
يىگىتلەرگ ئىشلەتۇ، sHl>$Qevz
يىغاچ يېمىش ئىرغاتۇ، <_Q:'cx'
قۇلان، كىيىك ئاۋلاتۇ، 'ao"9-c
بازرام قىلىپ ئاۋنالىم. F]t(%{#W
Z)xaJGbw
مەزمۇنى: يىگىتلەرنى ئىشلىتىپ، شاختىن مىۋە ئىرغىتىپ، قۇلان، كىيىك ئوۋلىتىپ، بايرام قىلىپ كۆڭۈل ئاچايلى. (%:>T Q(
A&9(mB
چاغرى بېرىپ قۇشلاتۇ، {gaai
تايغان ئېزىپ تىشلەتۇ، D*Q.G8(
تۈلكى،توڭگۇز تاشلاتۇ، R,8s_jN
ئەردەم بىلە ئۆكلەلىم. fXQiNm[P
5ZAb]F90
مەزمۇنى: لاچىن بىلەن قۇشلىتىپ، تايغانلارنى ئىز قوغلىتىپ چىشلىتىپ، تۈلكە ۋە چشقىلارنى تاش بىلەن ئۇرۇپ، پەزىلىتىمىز بىلەن ماختىنايلى. I}Xg&-L
i3)xX@3 8Xm@r#Oy5
تاش قۇراللار دەۋرىگە تەئەللۇق بولغان بۇ قوشاقتىن بىز ئەمگەك قوشاقلىرىنىڭ توغرىدىن - توغرا ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا پەيدا بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ ئەمگەك شارائىتى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى بىۋاستە ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. %TK&)Q% h5
{&nV4c$v #Mi|IwL
w6EI{ ئەمگەك قوشاقلىرى كىشىلەرنىڭ ئەمگەك رېتىمىغا ماسلاشقان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈش، ھارغىنلىقنى يىنىكلىتىپ، ئىش سۈرئىتى ۋە ئەمگەك ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭ رول ئويناپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. خەلق ئاممىسى تا ھازىرغىچە ئېغىزدىن چۈشۈرمەيئېيتىپ كىلىۋاتقان ناخشا-قوشاقلاردىن ئەمگەك قوشاقلىرىنىڭ ئۈلگىلىرىنى كۆرەلەيمىز. <"I?jgo
MxN]7 ' PL_~
vz,LF=s2 مەسىلەن: خامان ناخشىسى - «لاي-لاي»، ئوما قوشاقلىرى، خاڭ قوشاقلىرى. . . ۋە باشقىلار. sKCGuw(mh
S`wE$so> @ p"NJx"
>5df@_' شېئرىيەتنىڭ بۇ دەسلەپكى نەمۇنىلىرى يۇقۇرقىدەك نەتىجە ۋە ئەمىيەتكە ئىگە بولۇشتىن تاشقىرى، ئالدى بىلەن ناخشا قىلىپ ئېيتىشقا ماسلىشاتتى، روشەن ۋەزىنلىك ۋە مۇزىكا تەركىبلىرىگە ئىگە بولاتتى. يەنى رېتىملىق سۆزلەردىن كۈ- تەرەققىي قىلغان، كۈي بىلەن شېئىر بىر گەۋدە بولۇپ قوشۇلۇپ كەتكەن ئىدى. قوشاقلار ئەمگەك ھەركىتىگە ماسلاشقانلىقتىن، تەدرىجىي ھالدا باشلانغۇچ ئۇسۇل شەكلى بارلىققا كەلدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، شېئىر سەنئەتنىڭ بارلىق شەكىللىرى بىلەن ئورگانىك ھالدا چىڭ باغلانغان، شېئىرنىڭ تەرەققىياتى ھەرخىل سەنئەت شەكىللىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. ?#U0eb5u
QZqpF9Eu I4A;
eOO!jrT: سىنىپسىز جەمئىيەتتە ئەمگەككە روھ بېرىش مەقسىتىدە ئەمگەك قوشاقلىرى ئىجاد قىلىنغان بولسا، ئىنسانىيەت دۇنياسى سىنىپىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن، تۇرمۇشنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ئەمگەك قوشاقلىرىنىڭ مەزمۇنى كېڭەيدى، روشەن سىنىپىي تۈس ئالغان ھەرخىل ئىجتىمائىي تېمىدىكى بىيىت ۋە قوشاقلار پەيدا بولدى. خەلق ئاممىسى چوڭ تىپتىكى داستان ۋە ئېپوسلارنى توقۇپ چىقاردى. نەتىجىدە قوشاقلاردىن خىلمۇخىل شېئىرلار، لىرىك ئەدەبىي نەسىرلەر، داستانلاردىن رومان ۋە ھىكايىلەر، ئېيتىشىشلاردىن دىراما ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلدى. ADuZ}]
lr)G:I#| +H5 jRw
WV9[DFU يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرۈش مومكىنكى، شېئىر ئەركىن ئىنسان سۆزى سۈپىتىدە ئىپادىلنىدۇ ۋە سەنئەت شەكىللىرىنىڭ ھەممە ئېلمىنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سەنئەتنىڭ ھەرقانداق باشقا شەكىللىرى ئىجادىي پائالىيەت جەريانىدا كۆرۈنۈش ئۈچۈن ۋاستە بولغان ماتىريال بىلەن ئازدۇر-كۆپتۇر سىقىلغان ۋە چەكلەنگەن ھالدا بولىدۇ. شېئىر بولسا، سەنئەت شەكىللىرىنىڭ ھەربىرىگە ئايرىم رەۋىشتە بېرىلگەن ھەممە ۋاستىلەردىن بىرلا ۋاقىتتا تولۇق پايدىلنالايدۇ. si+5h6I.}
\, X?K KJ05Zx~uma
9h)P8B.>M شېئرىيەت سەنئەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن تۈزۈلۈشىنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە سەنئەتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى يىغىپ ئۇنىڭ ھەممە ئايرىملىقلىرىنى ئوچۇق ۋە روشەن ھالدا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. '~!l(&X
kk>0XPk Ij,?G*
l2_E6U" دىمەك، شېئىر سەنئەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى بىر تۈرىدۇر. 2QQYXJ^
[8(9.6f H@bmLq
'm.XmVZL% داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ . . . p[+me o
a5g{.:NfO rsj}hS$
r}M4()9L