ئۆكۈنۈش
I=YZ!* f/` چاتما ھېكايىلەر
sE^=]N «ھايات ئادەمگە بىرلا قېتىم كېلىدۇ. شۇڭا ئادەم ئۆز ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۈزۈشى كېرەككى، ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىگىنىدە، تۇرمۇشتا چاكىنا ئىشلارنى قىلىپ قويۇپتىمەن، كۈنلىرىم مەنىسىز ئۆتۈپ كېتىپتۇ دەپ ھەسرەت چەكمەيدىغان، يۈرىكى ئۆرتەنمەيدىغان بولسۇن.»
%kQ[zd^ - نېكولاي ئوستىرىۋېسكى
WtMDHfwqu\ id1gK(F8H قىزچاق مېنى كەچۈرۈڭ
v0pev;C قوڭغۇراق چېلىندى. ئوقۇغۇچىلار سىنىپقا كىردى. مەنمۇ ماتىرىياللىرىمنى كۆتىرگىنىمچە ئۇلارغا ئەگىشىپلا سىنىپقا كىرىپ كەلدىم. دەرسخانىغا كىرىپ يوقلىما قىلىپ تۇرۇشۇمغا ئىشىك چېكىلىپ، ئىككى ئوقۇغۇچى بىر- بىرىنى ئىتتىرىشكىنىچە سىنىپقا كىردى. ئۇلارنىڭ ھالىتىنى كۆرۈپ سەل ئاچچىغىم كەلدى. شۇنداق بولسىمۇ ئاچچىقىمنى بېسىپ ئۇلارغا ئولتۇرۇشقا ئىجازەت بەردىم. دەرس تېمىسىنى دوسكىغا يېزىپ، ئەمدىلا دەرس باشلاي داۋاتسام يەنە ئىشىك چېكىلدى. «نېمە تولا كېچىككەن ئىش بۇ؟ »ئاچچىقىمدا ئىشىكنى يۇلۇپلا ئالدىم. ئالدىمدا بىر قىز ئوقۇغۇچى تۇراتتى. «ھە، كېچىكتىڭىزغۇ؟ قىزبالا تۇرۇپ....» ئۆزەمنى بېسىۋالالماي ۋاقىراپ كەتتىم. «مۇئەللىم، خاپا بولماڭ. قوسىقىم بەك قاتتىق ئاغرىپ...» دېدى. ھېلىقى قىز، خىجىل بولغان ھالدا. ئۇنىڭ تۇرقىدىن راست گەپ قىلىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. شۇڭا تەلەپپۇزۇمنى سەل ئۆزگەرتىپ ئولتۇرۇشقا رۇخسەت قىلدىم. ھايىت-ھۇيىت دېگىچە دەرس ۋاقتى توشۇپ، دەرسمۇ ئاخىرلاشتى. دەرسخانىدىن چىقىۋاتسام بىرسى كەينىمدىن يۈگىرەپ، چاقىرىپ قالدى. قارىسام بايىقى قىز:«مۇئەللىم، بۇ ھېكايىنى كۆرۈپ باقسىڭز»دېدى-دە، قولىدىكى بىر ۋاراق قەغەزنى ماڭا بېرىپلا يۈگىرگىنىچە سىنىپقا كىرىپ كەتتى.
o&?:pE ھېكايە مۇنداق يېزىلغان ئىدى.
Cs^'g' مۇئەللىم دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان . ئىلگىرى مەن ئوقۇتقۇچىلارنى بەك ھۆرمەتلەيتىم. ئۇلار مېنىڭ نەزىرىمدە ئاتا-ئانامدىنمۇ ئارتۇقراق كۆيۈمچان، ئاقكۆڭۈل، ۋە پەرشتە سۈپەت ھېساپلىناتتى. ئۇلار سەبىي دىللارغا بىلىم شەربەتلىرىنى تۆككۈچى، قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتقۇچى. شۇڭا، ئۇلار ھۆرمەتلىنىشكە تېگىشلىك دەپ قارايتىم. بىراق، يېقىندا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە كۆڭلۈمنى بەكلا بىئارام قىلدى.
m=^ihQ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇشىمىزنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئازلا ۋاقت قالغان ئىدى. بىر كۈنى بىرىنجى سائەتلىك دەرس ۋاقتىدا، ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز ئاغرىپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن كەلگەن ياش، چىرايلىققىنا بىر مۇئەللىمە دەرسكە كىردى. ئۇ بىزنى ماتىماتىكا دەرسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ قويۇپ، سىنىپتىن چىقىپ كەتتى. ئوقۇتقۇچىسىز سىنىپ بىردەمدىللا ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئىچىدە قالدى. ئىككىنجى سائەتتە خەنزۇتىلىدىن سىناق ئىمتىھانى ئالماقچى ئىدى. شۇڭا پارتىدېشىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، خەنزۇتىلى ئۆگىنشكە باشلىدۇق. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىر چاغدا ئىشىك قاتتىق ئېچىلىپ، ھېلىقى ياش مۇئەللىم ۋاقىرىغىنىچە قارا بوراندەك كىرىپ كەلدى. ھودۇققىنىمدىن ماتىماتىكا كىتابىمنى ئېلىشقا ئارانلا ئۈلگۈردۇم. يېنىمدىكى ساۋاقدىشىم بولسا قورقۇپ چەكچىيىپلا قالغان ئىدى. شۇچاغدا ھېلىقى مۇئەللىم ئۇنىڭ ئالدىدىكى خەنزۇتىلى كىتابنى كۆرۈپ قالدى-دە، شارتتىدە قىلىپ تارتىپ ئېلىپ ، بۇلۇڭدىكى چىلەككە قارىتىپ ئاتتى. كىتاب سۇغا چۈشۈپ كەتتى. ھېلىقى ساۋاقدىشىم بولسا، پاڭڭىدە يىغلاپ تاشلىدى. مەن دەرھال قوپۇپ چىلەكتىكى كىتابنى ئېلىۋالماقچى بولغان ئىدىم. بىراق، مۇئەللىمنىڭ «ئالما» دەپ قاتتىق ۋاقىرىشى بىلەن تەمتىرەپ قالدىم. شۇ چاغدا ھېلىقى ياش مۇئەللىم مېنىڭ كۆزۈمگە خۇددى «غەرپكە ساياھەت» فېلىمىدىكى تۈلكە جىندەك كۆرۈنۇپ كەتتى.
@dvb%A&Pur بۇ ئىش ھېلىقى گۆدەك قىزنىڭ يۇمران قەلبىنى چەيلەپ، كىچىككىنە يۈرىكىنى لەختە قىلىۋەتتى. ئۇ شۇ سائەتلىك دەرستىن چىقىپلا، يىغلىغىنىچە ئۆيىگە كەتتى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن مەكتەپكە زادى كەلمىدى. مەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنمۇ ئۇنى كۆرمىدىم. سۈرۈشتە قىلسام ئۇ ئۆيدىن چىقمايدىغان، يات ئادەملەرنى كۆرسە قورقىدىغان بولۇپ قاپتۇ.
:g)`V4% مۇئەللىم، سىز بىر ئەقلى ئويغاق، سەگەك ئوقۇتقۇچى. مەن دېمىسەممۇ سىز ھەممىنى چۈشەندىڭىز. مەن سىزنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىڭىزنىڭ يۇقۇرلىقىنى بىلىمەن. شۇڭا ئوبرازىڭىزنى خىرەلەشتۈرۈپ قويىدىغان سۆز-ھەركەتلەردىن زەررىچە بولسىمۇ خالى بولىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. ئوقۇغۇچىڭىز: «ئا»
GbBz;ZV%z, مەن بۇ ھېكايىنى قايتا-قايتا بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ، چوڭقۇر ئويلاندىم. ئويلىغانسىرى ئۆزەمدىكى سەۋەنلىكلەر شۇنچە رۇشەن بىلىنىشكە باشلىدى. بىزدە مول بىلىم ۋە كەسپىي ئىقتىدار بولۇش بىلەن بىرگە ئەڭ مۇھىمى ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقىي كۆيۈنىدىغان بىر يۈرەكنىڭ بولۇشى تولىمۇ مۇھىم ئىكەن.ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆزىمىز بىلىپ بىلمەي سادىر قىلىپ قويغان ئۆكۈنۈشلىرىمىز خېلى بار ئىكەن. ساۋاقداش، «ئا» مېنى كەچۈرۈڭ. سىز ماڭا بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دائىم تەكىتلەۋاتقان، بىراق ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويۇۋاتقان مۇھىم پەزىلەتلەردىن بىرنى ئېسىمگە سالدىڭىز. قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئۇخلاپ ياتقان ئادىمىيلىك تۇيغۇلىرىنى ئويغاتتىڭىز. رەھمەت سىزگە!
S&Sa~Oq<o ;PWx#v+vwF بالىلار نېمە ئويلايدۇ
z_t%n<OvK I8 ئۈچىنجى سائەتلىك دەرس ۋاقتى ئىدى. ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز «بالا مىھرى» دېگەن دەرسنى ئوقۇپ بېرىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز مۇئەللىم ئوقۇشتىن توختاپ قالدى. ئۇنىڭ نەزىرى ئارقا پارتىدا ئولتۇرىدىغان ساۋاقدىشىمىز غالىپجانغا تىكىلگەن ئىدى. ئىختىيارسىز بىزمۇ ئۇنىڭغا قارىدۇق. ئۇ بېشىنى پارتىغا قويىۋېلىپ، بىخىرامان ئۇخلاۋاتاتتى. مۇئەللىم ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۈرىسىدىن تارتىپ «غالىپجان نېمە بولدۇڭ، بالام» دەپ سورىدى. غالىپجان بېشىنى كۆتۈرۈپ«بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ»دېدى-دە، بېشىنى يەنە پارتىغا قويىۋالدى. «دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باقامسەن-يە؟» مۇئەللىم سەۋرچانلىق بىلەن سورىدى. «ياق، دوختۇر بىلەن خوشۇم يوق» دېدى، غالىپجان بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي. مۇئەللىم گەپ قىلماستىن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى. كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. غالىپجان قاراپ تۇرۇپ مۇئەللىمنى ئالداۋاتاتتى.
@-aMj دەرسمۇ ئاخىرلاشتى. مۇئەللىمنىڭ چىقىپ كېتىشىگىلا ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ، غالىپجانغا قارىدىم. ئۇ خىيالىدا يوق كېرىلىپ، ئەسنەۋاتاتتى. «غالىپجان نېمە قىلغىنىڭ بۇ؟ بايىلا ساق تۇراتتىڭغۇ؟ »دېدىم مەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇ كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ تۇرۇپ: «ھە، نېمە كارىڭ؟ نوچى بولساڭ سەنمۇ ئۇخلىمامسەن؟» دېدى- دە خۇددى شەھەر ئالغان نوچىلاردەك گىدەيگىنىچە سىنىپتىن چىقىپ كەتتى.
7\EY&KI"0 مەن ئويلىنىپ قالدىم. بىز ھەر كۈنى ئەتتىگەندە سومكىمىزنى ئېسىپ مەكتەپكە ماڭغىنىمىزدا ئاتا-ئانىمىز بىزنى:«ياخشى ئوقۇ، ياراملىق ئادەم بول»دەپ، ئۆزلىرى ھەرقانچە جاپا چەكسىمۇ، توققۇزىمىزنى تەل قىلىپ، يولغا سالىدۇ. بىزنى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇۋاتىدۇ. چوڭ بولغاندا ياراملىق ئادەم بولۇپ، ئۆز ئىستىقبالىنى ئۆزى تاپىدۇ، ئائىلىنى باقىدۇ دەپ بىزدىن چوڭ ئۈمۈدلەرنى كۈتۈدۇ. ئەپسۇس، بىزچۇ؟ بىز نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز؟ قانچىلىك ئوقۇۋاتىمىز؟ ئەھۋالىمىز بايىقى. مەكتەپتە بىر كۈن لاغايلاپ، «ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك» ھىچنەرسە يۇقماي ئۆيگە قايتىمىز. ئۆيگە بېرىپ ئاتا-ئانىمىزنى، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلارنى ئالدايمىز. ماھىيەتتە ئۆزىمىزنى ئالداپ، بارغانسىرى بىخۇتلۇق، نادانلىق پاتقىقىغا چۆكۈپ كېتىۋاتىمىز. ئاخىرىدا پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي قالىمىز. ھەي!... شۇ چاغدىكى ئۆكۈنۈشلەر ئادەمنىڭ ئىچىنى سىيرىيدۇ.
80Z'1'u0 ECLQqjB مۇئەللىمنى سىناش
:lpV ZRj&k9D^U «تەپسىلىي يېزىش ۋە ئىخچام يېزىش» دېگەن نوقتىلىق يېزىقچىلىق دەرىسىنى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنى بىر پارچىدىن قىسقا ھېكايە يېزىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىم. ئەتىسى دەرس ۋاقىتىدا بۇ تاپشۇرۇقلارنى يىغىپ ئىشخانىغا چىقىپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئولتۇردۇم. بىرقانچە ئوقۇغۇچىنىڭ تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئارلىقتا بىر تاپشۇرۇق مېنى ئۆزىگە بەكمۇ جەلىپ قىلىۋالدى. ھېكايە تېمىسى« جەننەتكە ئۇرۇلغان تىلفۇن» بولۇپ،
+YCKd3/ ھېكايىنىڭ ماۋزۇسى، مەزمۇنى ماڭا شۇنداق تونۇش، قايسىدۇر بىر ژورنالدىن ئوقۇغانلىقىم ناھايىتى ئېنىق. خېلى ئويلانغان بولساممۇ قايسى ژورنالدا ئوقۇغانلىقىمنى ئەسلىيەلمىدىم. كىتاپ-ژورنالىرىمنى قويماي ئاقتۇردۇم. لىكىن تاپالمىدىم. كەچتە ئۆيگە قايتىپمۇ خېلى ئۇزاق ئىزدىگەن بولساممۇ لىكىن بۇ ھېكايىنىڭ قايسى گېزىت-ژورنالدا كۆرگەنلىكىمنى ئايدىڭلاشتۇرالمىدىم. خىزمەتداشلىرىمدىن بۇ ھېكايىنى ئوقۇغان ئوقۇمىغانلىقى توغرىسىدا سۈرۈشتۈردۈم. ئەپسۇس، بىرەرسىمۇ بۇ ھېكايىنى بىرەر ژورنالدا ئوقۇغانلىقىغا ئېنىق ھۆكۈم قىلالمىدى. ئاخىرى بۇ تاپشۇرۇقنى يازغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىدىن سوراپ جەزىملەشتۈرمەكچى بولدۇم. بىراق، بۇ ئوقۇغۇچى دەرس بېرىۋاتقان سىنىپىمدىكى خېلى ياخشى ئوقۇغۇچىنىڭ بىرسى ئىدى. بۇنى ئۇنىڭدىن ئۇدۇللا سوراش بەكمۇ ئەپسىز ئىدى. ئوقۇغۇچىنىڭ غورورىنى ئويلاشماي بولمايتى. كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق بۇ ئوقۇغۇچى بىلەن ئىشخانامدا پاراڭلىشىشنى لايىق كۆردۈم.
]O+W+h{] بۇ ئوقۇغۇچى بىلەن ئاۋال ئەدەبىيات دەرسى، يېزىقچىلىققا قىزىقىش قىزىقماسلىق توغرىسىدا پاراڭلاشتىم. كېيىن بۇ قېتىمقى تاپشۇرۇق توغرىسىدا توختۇلۇپ، ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىنى قولۇمغا ئالدىم.
N:&EFfg3 -بۇ قېتىمقى تاپشۇرۇقنى بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز. ھېكايىدىكى راست بولغان ئىشمۇ؟- دەپ سورىدىم سەل ئىھتىيات بىلەن.
\'-E[xNcWI -راستىنى ئېيتسام مۇئەللىم، بۇ ھېكايىنى مەن يازمىغان.
t-VU&.Y -نېمە؟ ئەمىسە بۇنى تاپشۇرۇققا يازغىنىڭىز نېمىسى؟
]T1\gv1~ -بۇ ھېكايە ياخشى يېزىلىپتۇ شۇنداققۇ؟
cOvdC4 -شۇنداق.
Ulah!s -مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق ياخشى ھېكايىلارنى ئوقۇغان ياكى ئوقۇمىغانلىقىڭىزنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈنلا بۇ ھېكايىنى تاپشۇرۇققا كۆچۈرۈپ قويغان.
X}_Gk5q* -نېمە؟...
Ln"D .gpq مېنى چوڭقۇر ئۆكۈندۈرگىنى شۇ بولدىكى، ئۇ بولسىمۇ بۇ ھېكايىنىڭ قايسى نەشىرىياتتىن كۆچۈرۈلگەنلىكى ئەمەس، بەلكى، «ئۇدۇل سورىسام، غورورىغا تېگىپ قالارمۇ؟» دەپ كۆڭلىنى ئايىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مېنى سىناپ باقماقچى بولغانلىقى، مېنىڭ غورورومنى ئويلىمىغانلىقى بولدى.
D /bF 't3&,:Y مەنبە: ئۆز ئىجادىيەتلىرىمدىن
FG)(,?q ئەسكەرتىش: بۇ ھېكايىلەرنىڭ ھەممىنى ئۆزۈم يازغان. بىر قىسىمى گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان، ھازىر بولسا «مىسرانىم» ۋە «ئانا تۇپراق» تورىغا مەنسۇپ. باشقىلارنىڭ باشقا تور ۋە مەتبۇئاتلارغا كۆچۈرمەسلىكىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.[ بۇ يازمىنىaltunboxukدە2011-02-22 15:29قايتا تەھرى ]