يىگىتتەك گەپ قىپسىز فاتىمە سىڭلىم، ئەگەر ئاشۇ تويى بولغان ئاداشتا يىگىتلىك غۇرۇرى بولغان بولسا ئۆزىگىلا تەۋە بولغان ھالال جۈپتىنىڭ نازۇك يەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىشىغا يول قويمىغان ھەمدە ئىتىقادىنى،ئەن-ئەنىسىنى ئۇنتۇپ توي سورۇنىدا غەرپنىڭ كىنوسىنى قويۇپ يۈرمىگەن بولاتتى.قىزلارنىڭ ئەمەللىرى تويدىن بۇرۇنقىسى ئاتا-ئانىدىن ،تويدىن كىيىنكىسى ئەردىن سورۇلۇدۇ!شۇڭا بىز ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ئىغىر.ھالال جۈپتىمىزنى ھارامدىن ساقلىمىساق،(يات ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاياللارنىڭ چىچىمۇ ئەۋرەت)پەرزەنتلىرىمىزنى ئىمان -ئىتىقاتلىق،ھايا-نۇمۇسلۇق،ئىنساپ-تۆۋپىقلىق،ئۇقۇمۇشلۇق،ھۈنەر-كەسىپلىك تەربىلىمىسەك جاۋابىنى بىزدىن ئالىدۇ.بىزدە "ئانىسىنى كۆرۈپ قىز ئال"دىگەن گەپ بار،قارىغاندا بۇ ئىككەيلەننىڭ ئائىلە تەربىيىسى شۇنچىلىك ئوخشايدۇ.ئەجدادلار :"ھاپىتىغا-شاپىتى،توڭرۇلۇققا مەرەزدا" دىگەندەك تازا تىپىشىپتۇ بۇلار. Ps R>V)L
كەڭ ئاتا -ئانىلارغا تەۋسىيەم:پەرزەنتلىرىمىزنى قۇرۇق گەپ بىلەن ئەمەس، ئەمىلى ئىش-ھەركىتىمىز بىلەن ئۈلگە بولۇپ تەربىلەيلى.(ئۆزىڭىز ئىچىدىغان تۇرۇپ پەرزەنتىڭىزنى ئىچمەدەپ،چىكىدىغان تۇرۇپ چەكمە دەپ،تىخى پات-پات سەبىلەرنىڭ قولىغا پۇل تۇتقۇزۇپ ھەلەق -تاماكا ئەكىرگۈزۇپ،يىرىم كىچىگىچە چايدىن،سورۇندىن كەلمەي،كەلگەندە ئىگىز-پەس دەسسەپ،ئالا-جوقا سۆزلەپ ،ئىڭىكىڭىزگە تۈكۈرۇپ يۈرۈپ ئۇلارنى ياخشى تەربىلىيەلەمسىز....؟) Q* O<@
ئاتا -ئانا بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى،بالا بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپ ئاتا-ئانىنىڭ ئىش-ھەركىتىنى ،گەپ -سۆزلىرىنى كۈزىتىش، دوراش ئارقىلىق تىلى چىقىدۇ،شەيئىلەر بىلەن تونۇشىدۇ،بىلىدۇ ۋە تەپەككۇر قىلىدۇ. شۇڭا ئائىلىدە ئەر -ئايال ئىككەيلەننىڭ ئىش- ھەركىتى ،گەپ- سۆزلىرى،ئۆز -ئارا مۇناسىۋىتى بالىلار ئۈچۈن ئۈنسىز تەربىيە ،شۇنداقلا ھەل قىلغۇچ تەربىيە.يەرگە نىمە تىرىسىڭىز شۇنى ئالىسىز.ھەرگىزمۇ ئارپا تېرىپ بۇغداي ئىلىش خام-خىيالىدا بولماڭ.......