<<باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا ھەرگىز چۈشمەيمەن>> دېگەن تولىمۇ مەردانە ۋە ئىشەنچىلىك ئېيتىلغان بۇسۆز پەزىلەت غۇنچىسىنى قەلىپ تۆرىدە، يۈرىكىدە ئېچىلدۇرالىغان گۇزەل ئەخلاقلىق،ئېتىقادلىق ۋە غۇرۇرلۇق قىزلانىڭ يۈرەك ساداسى ، ئۇلار يۈرىكىنىڭ بۇ ھەقىقىي ساداسىنى ھەربىر ئىش ھەرىكىتىدە ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ~!
ئىشىنىشىمىز كېرەككى ، بىر قىز كىچىكىدىن ياخشىتەربىيىلەنگەن، ئېتىقادى كۈچلۈك ، غۇرۇرلۇق، قەلبىدە پەزىلەت غۇنچىسى ئېچىلدۇرالىغان بولسا،ھەرقانچە تەقىپ قىلىش، قىيىن قىستاققا ئېلىشمۇ ئۇنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ،قىزلىق شەنىنى بۇلغاشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ . ئېتىقادسىز ، غۇرۇرىنى يوقاتقان ، چاكىناقىزلارنىڭ پاچىقىنى سۇندىرۋىتىپ ، ساندۇققا سولاپ باققان تەقدىردىمۇ ئۇلار يەنە ئۆزى بىلگىنىنى قىلىپ ئىززەت-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىدۇ ، نومۇسىنى بۇلغايدۇ ۋە ئۆزىنى خورلاش ھېسابىغا ئېرىشكەن ئانچە-مۇنچە راھەت-پاراغىتىگە خۇشال بولۇپ يۈرۈيدۇ ~! مانا بۇ سىلىشتۇرما قىزلىرىمىزنى ئويلاندۇرۇشقا ، بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۇزۇشكە ئۈندەيدۇ~!
بۇنىڭدىن تۆت يىل بۇرۇن بىرقىز تۇيۇقسىز بىنادىن ئۆزىنى تاشلىۋىلىپ ئۆلۈپ كەتتى . قىزنىڭ ئۆلۈمى تولىمۇ سىرلىق بولۇپ ، گۇمانلىنىدىغان سەۋەپلەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى . ساقچىلار ئىچكىلەپ سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق مۇنداق يەكۇن چېقاردى :>>قىز ئالدىنقى كۇنى كەچتە بىر دوستى تەرىپىدىن مەلۇم جايدىكى تۇغۇلغان كۇن ئولتۇرشىغا ئىلىپ بىرىلغان . كەچ سائەت ئونغىچە قايتىپ كەلمىگەن، دەل ئون ئككى بولغاندا تېلفۇن ئەنسىز جىرىڭلاپ ، ئۇ قىزنىڭ ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋالغانلىقى ئېيتىغان . تەكشۇرۇش ئارقىلىق ، قىزنىڭ بىلەك ، مۈرىللىرىدە ئەرلەرنىڭ كۈچلۈك قول ئىزى قىلغان ، بىر نەچچە يېرى يارلانغان كىيىملىرى يىرتىلغان ، قىزنىڭ جىنسىي زوراۋانلىققا زورلانغانلىقى ۋە بۇ زوراۋانلىقتىن قۇتۇلۇش ، پاكلىقىنى ، نومۇسىنى ساقلاپ قىلىش ئۇچۇن ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋالغانلىقى ئېنىق . ئەمما ، بۇنىڭغا پاكىت تولۇق ئەمەس >>
بۇ پاك قىزنىڭ جىنىغا زامىن بولغانلار ( ئاتالمىش شۇ قىزنىڭ دوستلىرى ) قىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قانداقتۇر يامان ئىشقا زورلانغانلىق تەرىپىنى ئىقرار قىلماي تۇرىۋىلىشقان ، شۇنىڭ بىلەن دېلو شۇپىتىچە بىسىلىپ قىلىۋەرگەن ~! كېيىن بۇ قىزنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى .ىچكى جەھەتتىن يوشۇرۇن تىڭ-تىڭلاش ئارقىلىق ، ئەسلىدە قىزنى تۇغۇلغان كۇنى ئولتۇرشىغا ئىلىپ كەتكەن قىزلارنىڭ بىر قارا گۇرۇھتىكىلەرنىڭ <<يېڭى مال>> تېپىپ بىرىشكە مەسئۇل بولغان قىز بىدىكلىرى ئىكەنلىكى ، بۇ كەسىپنى قىلىش ئارقىلىق كۆپ نەپكە ئېرىشىدىغانلىقى ئېنىقلانغان ، ئەمما قولىدا پاكىت بولمىغاچقا ، ئۇلار يەنىلا ئاچچىقىنى .ئىچىگە يۇتۇپ سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇربولغان . قىز بىدىكلىرى بولسا يەنىلا يۇشۇرۇن ھەرىكەتتە يۈرگەن~!...
دىمەك ، يۇقىرىدا ھېكايە قىلىپ بېرىلگەن قىز پەزىلەت غۇنچىسىنى يۈرىكىدە ئىچىلدۇرالىغان ،پاكلىقنى ، قىزلىق ئىپپەت-نومۇسىنى ھەممىدىن ئۇستۇن بىلىدىغان ، بېشىغا ئېغىر كۈن كەلگەندە ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جېنىنىمۇ قۇربان قىلىشتىن يانمىغان . بىز پاك قىزلىرىمىزنىڭ بىشىغا بۇنداق يامان كۈن كەلمىسۇن دەپ تىلەيمىز ، شۇنداقلا ئۇقىزنىڭ پاكلىقى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىنى مەلەم جەھەتتىن ئالغاندا ئەھمىيەتلىك دەپ قارايمىز !
قىزلىق قىدىر-قىممەت جەھەتتىن ئالغاندا ، بىر قىزنىڭ پاكلىقىنى ساقلىشى ، ئۆزىنى يامانلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويماسلىقى ، ھەرقانچە قىيىنچىلىق تارتسىمۇ بۇ ئىرادىسىدىن يانماسلىقى تىگى-تىگىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا قىزلارغاخاس ئەڭ مۇكەممەل پەزىلەتتىن دېرەك بىرىدۇ . بۇنداق پەزىلەتنى قىزلىرىمىز قانچىكى كۆپ يىتىلدۈرسە شۇنچە ياخشى بولاتتى ، جەمىيەت كەيپىياتىمۇ بىرقەدەر مۇقىم ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىمۇ بىرقىەدەر خاتىرجەم بولغان بولاتتى . ئەمما ، مۇشۇنداق پەزىلەت يىتىلدۇرگەن قىزلىرىمىزنىڭ كۈندىن-كۈنگە <<نەسلى قۇرۇپ>> كېتىۋاتقانلىقى سەۋەپلىك ، بىز بۇيەردە مۇشۇنداق قىزلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى ئارزۇ قىلىپ پەرياد چېكىۋاتىمىز ، ئاھ ئۇرىۋاتىمىز ، ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان قىزلىرىمىزنىڭ ئۆزىدە <<ئانا>> دېگەن ئۇلۇغ ئاتاققا لايىق ساپا ۋە ئاڭ يىتىلدۇرىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتىمىز . بۇ ئارزۇلار بولسا ، دەل قىزلىرىمىزنىڭ قەلپ تۆرىدە پەزىلەت غۇنچىسىنى يېتىلدۈرۈشنى بىلىدىغان ئەۋلادلارنى(بولۇپمۇ قىزلارنى) تەربىيلەشتىن ئېبارەت . ئەگەر ئارزۇ قىلغىنىمىزدەك مۇشۇنداق ئانىلار كۆپەيسە ، مۇقەررەركى ، ھەقىقىي پەزىلەتلىك قىزلىرىمىزمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدۇ . ھەمدە بىر پەيلاسوپ ئېيتقاندەك:<< ئەگەر ئاياللار تۈزەلسە جەمئىيەت تۈزىلىدۇ ، ئىنسانىيەت گۈللىنىدۇ >> دېگەن مەنزىرە بارلىققا كىلىدۇ . قىزلارنىڭ پەزىلەتنى بىردىن-بىر نىشان قىلغان ھالداياشىشى ۋە جەمئىيەتتە ھۆرمەتلىك ئورۇنغا ئۆتىۈشى ئۈچۈن يالغۇز ئۇلارنىڭلا تىرىشچانلىقى كۇپايە قىلمايدۇ ، ئانىلارنىڭ تىرىشچانلىقى قوشۇلغان تەقدىردىمۇ كۇپايە قىلمايدۇ ، بىر پۈتۈن جەمىيەت كەيپىياتىدا قىزلارنى ھۆرمەتلەش ، ئەزىزلەش ، ئۇلارنى يۇقىرى مەرتىۋىدىن بەھرىمەن قىلىش كەيپىياتى ئويغانغان ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاقنىڭ ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندە ، ئاندىن بۇ ئالىي مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ ، دەپ ئويلايمەن . شۇڭا ، ھازىرقى بۇزۇلۇش كەيپىياتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق پىرسۇناژلىرى قىزلار بولسىمۇ ، ئەمما بۇ ئىشنى يالغۇز قىزلارغىلا دۆڭگەپ قويۇشقا بولمايدۇ . چۇنكى بۇ بۇزۇقچىلىقنى قىزلار ھەرگىز يالغۇز قىلمىغان ، شارائىتنى ئىككى جىنىس تەڭ ياراتقان ، تېخى قىزلار مەجبۇرلانغان ، قايمۇقتۇرۇلغان بولىشىمۇ مۇمكىن .
ھالبۇكى ، قانچە قايمۇقتۇرۇشمۇ ، مەجبۇرلاشمۇ كارقىلمايدىغىنى يەنىلا چىن ئىتىقاد ، ئىرادىنى ئۆزىگە قۇرال قىلغان ، قىزلىق قەدىر-قىممەت تەربىيسى بىلەن ئەتراپلىق تەربىيلەنگەن ، ئۆزىنىڭ پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن تىنماي ئىزدىنىدىغان ، قىزلار ھەرقانداق توسالغۇ ئالدىدىمۇ بەرداشلىق بىرەلەيۇ ، ھەرقانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي ، كەسكىنلىك بىلەن ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ قىلالايدۇ ياكى پاكلىقى ئارقىلىق قىزلىق ھاياتىنىڭ جۇشقۇن كۈيىنى ياڭرىتالايدۇ .
چىن ئېتىقاد ۋە ئىرادە ئوتىدا تاۋلانغان قىز بولسا ئەرلەرنىڭ يولسىز گەپ-سۆزلىرى ۋە ھەرىكىتى سىزىلگەن ھامان ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشنى بىلدۇ ياكى ئۆزىنىڭ . ئېسىل ئەخلاقى ، گۇزەل خۇلۇقلىرى ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ يامان قىلىق چىقىرىشىغا قىلچە . ئىمكان قالدۇرمايدۇ . ئىمكانسىزلىق ئورنىغاچۈشۈپ قىلغان ئەرنىڭ ھەرقانچە كۈچى بولغان تەقدىردىمۇ ، ئۇنداق قىزلارنى توزاققا دەسسىتىشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ .
ئۆمۈر بويى تەقۋادارلىق ۋە پاكلىق بىلەن ئۆتكەن بىر ئايال بولۇپ ، ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئېسىل مىجەزى ۋە پەزىلەتلىرى خېلى ئۇزۇن زامانلارغىچە بىر يۇرت كىشىلىرىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ كەلگەن . ئانىلار قىزلىرىغا ئەدەپ ۋە ئىپپەت-نومۇس تەربىيسى بەرگەندە دەل مۇشۇ ئايالنى مىسال قىلىش ئارقىلىق تەربىيلىگەن . ئاشۇ ئايالدەك نومۇسچان ، پەزىلەتلىك ، گۇزەل ئەخلاقلىق بولۇش قىزلارنىڭ ئالىي نىشانى بولغان .بۇ يۇرتتىن دەرۋەقە دىيانەتلىك ، نومۇسلۇق قىزلار كۆپ چىققان . كۆز ئالدىدىكى مىساللار ئارقىلىق تەربىيلەش ئەڭ نەپ بىرىدىغان ئۇسۇلدۇر . بۇنداق پەزىلەتلىك قىزغا ھەممە كىشى ھەۋەس ۋە ھۆرمەتتە قارايدۇ . بىر كۈنى بىر كىشى ئەرەستونىڭ قىزىدىن سوراپتۇ:
-قىزلاردىكى ئەڭ گۈزەل نەرسە نىمە ؟
-ھايادىن ، نومۇستىن قىزنىڭ يۈزىدە پەيدا بولغان قىزىللىق(نومۇستىن يۈزنىڭ قىزىرىشى) ،-دەپ جاۋاپ بەرگەن قىز . ئەي قىز ~! ئۆزىڭىزنى غايە ۋە ئېتقاد ئوچىقىدا تاۋلاڭ ۋە گۈزەل ئەخلاقىڭىز بىلەن دۇنيانى تىەسىرلەندۈرۈڭ ، ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس ئالىي خىسلەتنى ئۆز ھۇجۇدىڭىزغا مۇجەسسەملەپ بولغاندىن كىيىن ، ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەن ۋە مەغرۇرلانغان ھالدا :<< باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا ھەرگىز چۈشمەيمەن~!>> دەپ چۇقان كۆتۈرۈڭ~!
مەنبە :رۇزىمۇھەممەت مۇتەللىپنىڭ << ھەي قىز ئاگاھ بولۇڭ>> ناملىق كىتاپ
[ بۇ يازمىنىdil-yarisiدە2011-02-19 09:22قايتا تەھرى ]