ئاپتۇردىن:ئادەتتە جەنۇبتا بوۋا-مومىلارنى سەنلەيدىغان ئادەت يوق ،بۇئەسەردە تېل نۇقتىسىدېن شۇنداق ئىلىندى،كەڭ ئوقۇرمەنلەر چۈشەنگەي. P @G2F:} بۈگۈن مەن قايتىپ كەلدىم، بوۋا.سەن سىغىنغان شۇنداقلا سېنى سىغىنغان نەۋرەڭ قايتىپ كەلدى.يەنە نەچچە مىنۇتتىن كىيىن ئالدىڭدا پەيدا بولىمەن،سەن بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىمەن.بوۋا،ئۇچاغداسەن خۇشال بولار سەنمۇ؟ سەن چوقۇم خۇشال بولىسەن...مانا ئىغىر سومكىلىرىمنى كۆتۈرۈپ چوڭ ئۆينىڭ يەنى سىنىڭ ئۆيۈڭنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتىمەن ،ھازىر قىش پەسلى بولغاچقا ئۈزۈمتاللار بىدىشتېن چۈشۈرۈلۈپ يەرگە كۆمۈلۈپتۇ.بوۋا،ياشانغىنىڭدا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈڭ قىلغانسەنمۇ ھە؟ئۈزۈمزارلىق ئاستىدىكى يازۋاقىتلىرى سەن دائىم ئولتۇرىدىغان،ئۈستىدىن كۆرپىلەركەم بولمايدىغان ئۇزۇن ياغاچ كارۋاتنى توپا بېسىپ كېتىپتۇ.بوۋا،قارىغاندا سەن خىلى ۋاقىتتىن بۇيان بۇيەردە ئولتۇرۇپ باقمىغان ئوخشايسەن..
lEh; MJ مانا ئۆز ئۆيۈمگىمۇ كىردىم ، يۈزلىىرنى قاتار-قاتار قورۇقلار باسقان دادام بىلەن ئاپام ئالدىمغا يۈگۈرۈپ چىقتى.بوۋا،بىلەمسەن؟دادام بارغانسىرى ساڭا ئوخشاپ قاپتۇ،ئۇنىڭ سەل چوڭقۇر ئوراكۆزلىرى،ئىگىز بۇرۇنلىرى خۇددى سىنىڭكىنى قويۇپ قويغاندەكلا...مۈرەمنى بېسىپ تۇرغان ئىغىر سومكامنى كىگىز ئۈستىگە قويۇپلا سىنىڭ يىنىڭغا ماڭدىم،بىراق مىنى كەچۈربوۋا! مەن چىقالمىدىم.بوسوغىدىن ئەمىدىلا
2h%/exeS; قەدەم ئىلىپ تۇرۇشۇمغا ئاپام كەينىمدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ:"بوۋىڭىز يوق بالام !"
`O5wM\Z دىدى.ھە!...بوۋا سەن ئۆيدە يوقمۇ؟بولمىساڭ نەگە كەتتىڭ؟ھامماملار نىڭ ئۆيىگە قىش ئۆتكۈزگىلى كىتېپ تىخى قايتىپ كەلمىدىڭمۇ؟ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان دادام-ئاپاملار ماڭا شۇنداق دەپ كەلگەن ئىدى.ئىھتىمال سەن مىنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقىمنى بىلمەيدىغان ئوخشايسەن،بولمىسا مىنىڭ ئالدىمغا چىقمايتتڭمۇ؟
]QlgVw, مەن كەينمگە يىنىپ ئۆيگە كىردىم،دادامنىڭ كۆزلىرىدىن ئاللىبۇرۇن ياشلار تاراملاپ
*c3(,Bmw ئىقىپ كىتىپتۇ.بىلەمسەن بوۋا؟ كىچىگىمدىن تا ھازىرغا قەدەر دادامنىڭ ياش تۆككىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم.دىمەك.......مەن ھەممىنى چۈشەندىم،ئىشىكنى ئا
W US[hx, -چتىم دە،چوڭ ئۆيگە،سىنىڭ ئۆيۈڭگە قاراپ يۈگۈردۈم،ئۈزۈمزارلىقلار ئارىسىدىن قا
B]iPixA6 -نداق ئۆتكىنىمنى بىلمەيمەن،بىزنىڭ ئۆيدىن چوڭ ئۆيگىچە 200مىتىرچە يولنى بىسىپ بولغىچە كۆزلىرىمدىن ياشلىرىم بۇلدۇقلاپ ئىقىپ كەتتى.
W|'7)ph .
1cq"H/N بوۋاسەن دائىم:"ئوغۇل بالايىغلىمايدۇ" دەيتتىڭ،بىراق بۇقتىم ئۆزۈمنى پەقەتلا تۇتۇۋالالمىدىم.مەن ئۆيۈڭگە كىردىم،چوڭ ئۆي چۆلدەرەپ قاپتۇ.سەن دائىم ئاپئاق كىيىمىڭ بىلەن خىزىر سۈپەت ئولتۇرىدىغان ئۈستىدىن كۆرپىلەر كەم بولمايدىغان ئاشۇ كەڭ سۇپا ئۈستىدە توپاباسقان كىگىزلەر تۇرۇپتۇ،خىلى ئۇزۇندىن بۇيان سەن بۇئۆيدە تۇرۇپ باقماپسەن ،سەن راستىنلا يوق ئىكەنسەن،مىنى تاشلاپ كىتىپ قاپسەن ،بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپسەن،بوۋا.ئاھ خۇدا...
F#-mseKhc بوۋا،مەن ئۆيۈڭدىن يىنىپ چىقتىم،سىنىڭ مىيىتىڭنى ئۇزاتقان ئۆيدىن،نەۋرە-چەۋرىلەرنىڭ بىغۇباركۈلكىلىرى ئۈزۈلمەيدىغان،جەمەتىمىز نىڭ يادروسى ھىساپلىنىدىغان ئۆيۈڭدىن يىنىپ چىقتىم.دادامنىڭ قوشۇپ قويۇشى بىلەن نەۋرە ئىنىمنىڭ ھەمراھلىقىدا تۇپراق بىشىڭغا قاراپ ماڭدىم،سىنىڭ روھېڭغا ئاتاپ دۇئا قلغىلى ماڭدىم.بىز ئاخىرى تۇپراق بىشىڭغا كەلدۇق،قاتار-قاتارقويۇلغان يىڭى قەبرىلەر يىنىدىن ئۆتۈپ بىرقەبرىنىڭ يىنىغاكەلگەندە ئۇكام:"مۇشۇ قەبرەشۇ"دىدى،
JJe8x4 مەن قەبرەبىشىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇردۇم.بوۋاسەن بەزىدە ماڭا:" توپىدىن نىمانچە قاچىدىغانسەن؟"دەيتتىڭ،بىراق بۈگۈن مەن سەن كۆمۈلگەن تۇپراققا،توپىغىلا يۈكۈنۈپ ئولتۇرىۋاتىمەن.بۇرۇن دادامدىن ئۆگەگىنىم بويىچە ئۆزۈم بىلىدىغان ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقتىم.دۇئادىن كىيىن ئۇكام بىلەن ئۆيگە قاراپ ماڭدىم،قەدەملىرىم بەكمۇ ئىغىر ئىدى،بوۋا،ھەريىلى ھېيىت-ئايەملەردە،جۈمە كۈنلىرىدەسەن بىزنى ئىلىپ مومامنىڭ تۇپراق بىشىغا چىقىپ دۇئا قلاتتىڭ .مانا ئەمدى مەن سىنىڭ تۇپراق بىشىڭدا دۇئا قىلۋاتىمەن.مەن ئۆيگەقايتىپ كەلدىم...
Ec'Hlsgh&T X(Z~oGyg ئون كۈنلۈكلا قويۇپ بىرىلگەن تەتىل ناھايىتى تىزتوشۇپ كەتتى،مەن بۈگۈن ماڭمىسام بولمايتتى ،ئەسلىدەداداملار10كۈنلۈك تەتىلدە ئۈرۈمچىدە قىلىپ قىلىشىمنى ئىتقان،بىراق مەن سىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇنىماي كەلگەن ئىدىم،مىنىڭ سېنى بەكلا كۆرگۈم بارئىدى. مەن يەنە تۇپراق بىشىغا كەلدىم،بۇ قىتىم ئۆزۈم يالغۇزكەلگەن ئىدىم. مەن سەن بىلەن خوشلاشقىلى كەلدىم بوۋا،خۇددى ئىككىمىز يازلىق تەتىلدە خوشلاشقاندەك،ئۇچاغدا سەن تىخى ھايات ئىدىڭ.مەن توپىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ روھىڭغا ئاتاپ ئۇزۇنغىچە دۇئا قىلدىم،مىنى كەچۈر بوۋا !مەن ياش تۆكمەيمەن دىگەن ئىدىم،بۇقىتىم يەنە ۋەدەمگە خىلاپلىق قىلدىم.مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۆيگە،مىنى ئىلىپ مىڭىش ئۈچۈن كەگەن ماشىنىغا قاراپ ماڭدىم.بوۋا ،يازلىق تەتىلدىكى خوشلىشىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىتىملىق خوشلىشىشىمىز بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن.
x%_VzqR` c~``)N خەيىر!بۇمۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنىتى،ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بولسا كىرەك،
u}r> ?/V! چۈنكى ياراتقۇچى بەندىلەرگەئاتا قىلغاننى ئۆزنۆۋېتىدە يەنە ئىلىپ كىتىدۇ.
p~'iK4[&6 خەير-خوش بوۋا!خاتىرجەم ياتقىن!ئۇلۇغ ئاللاھ روھىڭغا جەننەتتىن ئورۇن بەرگەي،
o|kiwr}Y خۇدا بۇيرۇسا يازلىق تەتىلدە تۇپراق بىشىڭغا دۇئا ئوقۇشقا كىلىمەن.....
}]#&U/z HVd y!J k=W~ot& مەنبە:خاتىرەمدىن. 4aP 96
?:tk8Kgf
تەۋسىيە:ھۆرمەتلىك دوست ئەگەر سىز بۇئەسەرنى ئوقۇغان بولسىڭىز ،دەرھال ئۆيلىرىڭىزگە بىرىپ،ۋەياكى تىلفۇن ئۇرۇپ قەدىردانلىرىڭىزدىن ھال سوراڭ،ئھتىمال ئەتىگەنكى ئايرىلىش،ياكى تەتىلدىن كىيىنكى ئايرىلىش سىز نىڭ ئۇلاربىلەن ئەڭ ئاخىرقى قىتىملىق ئۇچىرشىشىڭىز بولۇپ قىلىشى مۇمكىن،چۈنكى ھەممەئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدە!