باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       3000 
  •    ئىنكاس 
       12 

تاماكا تاشلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۈچ شەرت

قەۋەت ئاتلاش
sawapkar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.728

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1240 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   53916 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4937 (قېتم)
 تۆھپە:   4568  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 816
 سائەت
دەرىجىسى:
816 سائەت 84 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-08
ئاخــىرقىسى:2013-09-03

 
تاماكا تاشلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۈچ شەرت
W{0<ro`  
N 2x\O~7  
تاماكا چەككۈچىلەر تاماكىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىنى چۈشەنگەن ھامان، كۆپىنچىسىدە تاماكا تاشلاش ئويى تۇغۇلىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشى ھەمىشە قەتئىي ئىرادىگە كېلەلمىگەنلىكتىن تاماكا تاشلاشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باسالمايدۇ. پائالىيەت پېنى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىرادە، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ماھارەت مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماكا تاشلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۈچ شەرت ئىكەن. K\;b3  
قەتئىي ئىرادىگە كېلىش. ئاۋۋال تاماكا چېكىشنىڭ ئۆز سالامەتلىكىگە بولغان زىيىنىنى تولۇق تونۇپ يېتىش ھەمدە تاماكا تاشلاشتىكى سەۋەبنى كۆزگە چىلىقىدىغان جايغا يېزىپ قويۇش، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئۇنى بىرنەچچە قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇش كېرەك. تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان «خۇمار تۇتۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامىتى»نى نىكوتىننىڭ بەدەندىن چىقىرىلىپ، ساغلاملىقنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنىڭ سىگنالى دەپ قاراپ، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن سالماق مۇئامىلە قىلىش لازىم. تاماكا تاشلاشتا باسقۇچلۇق ئۈنۈمگە ئېرىشكەندە ئۆز-ئۆزىنى مۇكاپاتلاپ، تاماكا تاشلاشنىڭ ئاخىرقى مۇۋەپپەقىيىتىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. FfP Ce5)  
ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ساقلاش. ئىلگىرىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان تاماكا تاشلاش تەجرىبىسىنى «مەغلۇبىيەت» دەپ قارىماسلىق كېرەك. ئەگەر ئۇنى بىر قېتىملىق ئۆگىنىش پۇرسىتى دەپ قارىساق تاماكا تاشلاش ئىشەنچىمىز تېخمۇ كۈچىيىدۇ. تاماكا تاشلاشنى يېڭى باشلىغاندا ئۆمۈرلۈك تاماكا تاشلاشتەك چوڭ نىشاننى بىراقلا تۇرغۇزۇۋالماسلىق كېرەك. ئەگەر ھەر قېتىمدا ئەمەلگە ئاشسا، شۈبھىسىزكى تاماكا تاشلاش ئىشەنچىمىز زور دەرىجىدە كۈچىيىدۇ. XRaq\a`=:  
ماھارەتنى ئىگىلەش. تاماكا تاشلاشنى باشلايدىغان كۈنگە ئاي بېشى، تۇغۇلغان كۈن دېگەندەك يېڭى باشلىنىشنى بىلدۈرىدىغان كۈنلەرنى تاللىغاندا، تاماكا تاشلاشقا ياخشى كەيپىيات ئاتا قىلغىلى بولىدۇ. تاماكا خۇمارى تۇتقاندا چوڭقۇر نەپەسلىنىش، سۇ ئىچىش، سېغىز چايناش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانسا دىققەتنى ئۈنۈملۈك بۇرىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دوستلارنىڭ تاماكا تۇتۇشى، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئاۋارىگەرچىلىككە ئۇچراش، كەيپىيات چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا مۇناسىپ قارشى تەدبىر تۈزۈپ، «سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇش» كېرەك. تاماكا تاشلاش جەريانىدا تاماكا تاشلاش دورىلىرىنى ئىشلىتىش، يىڭنە سانجىش دېگەندەك قوشۇمچە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدىن مەقسەت تاماكا تاشلاشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئازابنى يېنىكلىتىپ، تاماكا تاشلاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. =m1B1St2  
قىسقىسى، قەتئىي ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، تاماكا تاشلاشنى بىر «جەريان» دەپ بىلىپ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، بوشاشماس روھ بىلەن خىرىسنى ئۈزلۈكسىز كۈتۈۋالسىڭىزلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز.
0A|.ch  
K72U0}$B  
b^FB[tZ\x  
تاماكا تاشلاشنىڭ ئالتە ئېپى +Pn+&o;D  
,qt9S0 QS  
1. تاماكا تاشلاش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. تاماكا تاشلىغۇچىلار تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى بىۋاستە ھېس قىلىپ، تاماكا تاشلاشنى ئاڭلىق تەلەپ قىلىشى لازىم. M"5,8Q`PkI  
2. ياخشى بولغان ئورنىغا دەسسىتىش ئۇسۇلىنى تېپىش كېرەك. تاماكا تاشلىغۇچىلار تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن ھەمىشە «قىلغىلى ئىش قالمىغان»دەك ھېس قىلىدۇ، خىزمەت ئورنى ياكى ئۆيگە سېغىز، گازىر، مېۋە-چېۋە دېگەنلەرنى قويۇپ قويغاندا، ئۈلارغا «مەنىسىزلىك»نى ھېس قىلدۇرماسلىقى مۇمكىن. \~U8<z  
3. تاماكا چېكىش سايمانلىرىنى، مەسىلەن، چاقماق، كۈلدان، تاماكا قاتارلىقلارنى تاشلىۋېتىپ، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ «شەرتلىك رېفلېكس»ىنى ئازايتىش كېرەك. $I+QyKO9k  
4. تاماكا چېكىشنىڭ قىزىقتۇرۇشىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىپ، دوست-بۇرادەر ۋە خىز مەتداشلارنىڭ چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ يېڭى باشلىغاندا تېخىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك. !SEg4z  
5. ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ۋە ئۈنۈملۈك تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىش، شۇنداقلا كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ باشقا قىزىقارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا دىققەتنى بۇرىغىلى بولىدۇ. تەنھەرىكەت جىددىيلەشكەن نېرۋىلارنى تىنچلاندۇرىدۇ. كەيپىيات مۇقىم بولغاندىلا ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. WOR~tS  
6. قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، قايتا چېكىشنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىش كېرەك. تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن يەنە بىرنى تارتىپ قويۇش ياكى بىر تال چېكىپ سېلىش تاماكا تاشلاش مەغلۇپ بولغانغا تەڭ ئەمەس، سەۋەبىنى كۆڭۈل قويۇپ تېپىپ چىقىپ، تەكرار سادىر قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
a\aJw[d{  
TDk'  
تاماكا تاشلاشقا ياردەم بېرىدىغان قىزىقارلىق 15 ئۇسۇل Hj$JXo[U  
@9-z8PyF  
تاماكا تاشلاپ باققانلارنىڭ ھەممىسى تاماكا تاشلاش تەس، تاماكا تاشلاش كەمپۈتى يېگەن، تاماكا تاشلاش مۇشتىكى سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ ئادەمنىڭ ئىچى پۇشۇپ تىتىلداپ، ئاخىرقى بىر تالنى چېكىۋالغۇسى كېلىدۇ، نەتىجىدە تاماكا تاشلاش پىلانىنى تاماملىيالمايدۇ، دەيدۇ. تۆۋەندە سىزگە تاماكا تاشلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان بەزى قىزىقارلىق ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرىمىز: uI!rJc>TX  
1. ئۆزىڭىزنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتىلىك پىلانىڭىزنى تۈزۈپ، ۋاقىت جەدۋىلىنى ئۆزىڭىزگە تاماكا چەككىلى بىر سېكۇنتمۇ ۋاقىت قالمىغۈدەك ئورۇنلاشتۇرۇڭ. p,Qr9p3y  
2. تاماكىنىڭ ھەممىسىنى تاشلىۋېتىڭ؛ ناۋادا بىر كىمنى ياقتۇرمىسىڭىز، شۇنىڭغا بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. O4S~JE3o  
3. ھەر كۈنى سەھەردە ئۆزىڭىزگە: مەن تاماكىدىن بىزار، مەن تاماكىغا ئۆچ، دەڭ. |Xlpgdiu  
4. بىر يۈرۈش ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئۆگىنىپ، تاماكا چەككۈڭىز كەلگەندە سەكرەپ-تاقلاپ تازا تەرلەڭ. M6[&od  
5. بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ياكى چىلان-لوڭيەن چېيى تەييارلاپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنى: سالامەتلىك كۆڭۈل قويۇپ ئاسراشقا موھتاج، دەپ ئاگاھلاندۇرۇڭ. JUt7  
6. ھېسابلاپ بېقىڭ: بىر يىللىق تاماكا پۇلىنى ئىقتىساد قىلسىڭىز داڭلىق سائەتتىن بىرنى ئارتۇق سېتىۋالالىشىڭىز مۇمكىن. LMe{5H  
7. ئىلگىرىكى تاماكا سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىدىغان پۇلنى «ئۈمىد قۇرۇلۇشى»غا ئىئانە قىلىشمۇ توغرا تاللاشتۇر. s=h  
8. بىر نەچچە تەشتەك چىرايلىق گۈل ئۆستۈرۈپ، مىجەزنى تاۋلاپ، دىققەتنى ئىمكانقەدەر بۇراڭ. NiQ`,Q$B  
9. ئۆيلەرنى تازىلاپ، ئۆزىڭىزنىڭ دۇنيارىڭىزنى پاكىزە، رەتلىك، ساپ تۇتۇڭ. NTkGLD1e.  
10. ئۆزىڭىز ئادەتتە ياخشى كۆرىدىغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەردىن سېتىۋېلىڭ، مېۋە-چېۋىنى كۆپ يەڭ. iC10|0%{  
11. ئەتراپىڭىزدىكى دوستلىرىڭىزغا: «مەن تاماكا تاشلىدىم» دەپ، ئۇلارنى تاماكا تاشلىغانلىقڭىزغا گۇۋاھچى قىلىڭ. <C`qJP-  
12. تاماكا چېكىۋاتقانلارنى كۆرگەندە كۆڭلىڭىزدە: «ئەخمەق، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىۋاتىسەن» دەڭ. p%pM3<p  
13. ئەگەر بىرسى سىزگە تاماكا تۇتسا، سىز ئۇنىڭغا باشقىلار بىلەن باغلاشقانلىقڭىزنى، ئەگەر بىر تال چېكىپلا قالسىڭىز 15-قەۋەتتىن سەكرىشىڭىزگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىڭ. =i O K($  
14. ئۆزىڭىزنى: مېنىڭ ئىرادەم ھەقىقەتەن كۈچلۈك، ھەتتا تاماكىنىمۇ تاشلىۋەتتىم، دېمەك مەن قىلالمايدىغان ئىش يوق، دەپ ماختاڭ. >RZ]t[)y  
15. دائىم ئۆينى يوقلاپ تۇرۇڭ، تاماكا ئالىدىغان پۇلغا ئازراق سوۋغات سېتىۋىلىپ ئاتا-ئانىڭىزغا تەقدىم قىلىڭ.
$O9Nprf  
'Alt+O_  
تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماكا تاشلاشنىڭ 12 ئۇسۇلى 3z';Zwz &X  
^m8T$^z>  
تاماكا چېكىش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق، شۇڭا تاماكىنى بۇرۇنراق تاشلاش كېرەك. تاماكا تاشلاشنىڭ ئۇسۇللىرى ناھايىتى كۆپ، تۆۋەندىكى 12خىل تاماكا تاشلاش چارىسىنى كۆپچىلىك سىناپ باقسا بولىدۇ:  yV[9 (  
1. مەقسەتلىك ھالدا بىر-ئىككى كۈن تاماكىنى مىقداردىن ئارتۇق چېكىپ (ھەر كۈنى ئىككى قاپ ئەتراپىدا)، بەدەننى تاماكىنىڭ پۇرىقىدىن بىزار قىلىش ئارقىلىق تاماكا تاشلاش ياكى سوغۇق تېگىپ زۇكامداپ تاماكا چەككۈسى كەلمەي قالغاندا تاماكا تاشلاش كېرەك. 91d@/z  
2. ئۆزىڭىزنىڭ تاماكا چېكىۋاتقانلىقڭىزنى ئويلاش بىلەن بىرگە كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان ئىشلارنى (مەسىلەن، قولىڭىزدىكى تاماكا قېپى ياكى تاماكىغا بەلغەم يۇقۇپ قالغان دېگەندەك) تەسەۋۋۇر قىلىڭ. Y7(E<1Yx  
3. تاماكا تاشلىشىڭىزدىكى سەۋەبنى قەغەزگە يېزىپ، دائىم ئوقۇپ تۇرۇڭ؛ مۇمكىن بولسا ئىمكانقەدەر يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ تۇرۇڭ. Whp;wAz  
4. ستېۋىلىشنى ئويلىغان نەرسىلەرنى يېزىپ، ئۇنىڭ باھاسى بويىچە شۇ پۇلغا قانچە قاپ تاماكا سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاڭ. ھەر كۈنى تاماكا ئالىدىغان پۇلنى غەللىگە سېلىڭ. ھەر ئايدا بىر قېتىم پۇلنى ساناپ تۇرۇڭ. [!1z;/  
5. دوستلىرىڭىز بىلەن باغلىشىپ، تاماكا تاشلاشقا كاپالەتلىك قىلىڭ، ئەلۋەتتە بۇنىڭدا ئۆزىڭىزنىڭ تاماكا پۇلىڭىزنى «دوغا تىكسىز». tl9=u-D13@  
6. پاچكىلاپ تاماكا سېتىۋالماڭ. j}$dYbf$  
7. تاماكا، سەرەڭگە ياكى چاقماقنى يېنىڭىزدا ئېلىپ يۈرمەڭ. o_; pEe  
8. تاماكىڭىزنىڭ ماركىسىنى ھەر ھەپتىدە بىر ئالماشتۇرۇڭ، ئەمما يېڭى ماركىدىكى تاماكىنىڭ كوكس مېيى مىقدارى بۇرۇنقى ماركىدىكى تاماكىنىڭكىدىن چوقۇم تۆۋەن بولسۇن. AKs=2N> 7  
9. ئىس تەركىبىدىكى زەھەرنىڭ ئۆپكە، بۆرەك ۋە قان تومۇرغا يەتكۈزىدىغان زىيىنىنى دائىم مۇلاھىزە قىلىڭ. ]+A>*0#"  
10. تاماكا پۇرىقىنىڭ نەپەسلىنىش، كىيىم-كېچەك ۋە ئۆي ئىچىدىكى بىساتلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزىتىڭ. v l59|W6  
11. ئۆز قىلمىشىڭىزنىڭ ئائىلىدىكى باشقا ئەزالارغا يەتكۈزۈدىغان زىيىنىنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ، ئۇلار بۇلغانغان ھاۋادىن نەپەسلىنىۋاتىدۇ. NCbl|v=  
12. ئۆزىڭىزدىن ساغلاملىقىڭىزنىڭ ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىڭىز، دوستلىرىڭىز ئۈچۈن مۇھىم ياكى مۇھىم ئەمەسلىكىنى سوراپ بېقىڭ.
@gzm4  
.C=&` ;Vs  
قانداق قىلغاندا تاماكىنى ئۈنۈملۈك تاشلىغىلى بولىدۇ؟ [ox!MQ+s  
E-h`lDoJ  
ئاۋۋال تاماكا تاشلاشنىڭ پايدىسىنى تونۇپ يېتىش كېرەك. پەقەت بىر كۈن تاماكا تاشلىسىلا تاماكا تاشلاشنىڭ يۈرەك، قان بېسىمى ۋە قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا ئېلىپ كىلىدىغان پايدىسى ئېنىق ئايان بولىدۇ. تاماكا تاشلاپ بىر يىلدا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ھەددىدىن زىيادە خەۋپى داۋاملىق تاماكا چەككۈچىلەرگە قارىغاندا %50 تۆۋەنلەيدۇ. Kp,}7%hDw!  
تاماكا تاشلاپ 5-15يىلدىن كېيىن سەكتە بولۇش خەۋپى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ سەۋىيىسىگە چۈشىدۇ. *;A I0  
تاماكا تاشلاپ 10يىلدا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى داۋاملىق تاماكا چېكىدىغانلارغا قارىغاندا %50 تۆۋەنلەيدۇ. ئېغىز بوشلۇقى راكى، كېكىردەك راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، دوۋساق راكى، بۆرەك راكى، ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى تۆۋەنلەيدۇ، ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەيدۇ. ^$3 ~;/|  
تاماكا تاشلاپ 15يىلدا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن تەڭلىشىدۇ. ئۆلۈپ كېتىش ئومومىي خەتىرى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ سەۋىيىسىگە قايتىپ كېلىدۇ. شۇڭا ھەر قانداق ۋاقىتتا تاماكا تاشلاش كېچىككەنلىك ھېسابلانمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ ياخشىسى ساغلاملىققا ئېغىر زىيان يېتىشتىن ئاۋۋال تاماكىنى تاشلاش كېرەك.
lSP{9L6  
T=7V+  
1.تاماكىنى قانداق تاشلاش كېرەك؟ Yh/-6wg  
Q"c!%`\  
(1) تاماكىنى تاشلاشنى ھازىردىن باشلاش كېرەك، تاماكىنى مۇتلەق تاشلاش ياكى تاماكا چېكىش قېتىم سانىنى تەدرىجى ئازايتىش ئۇسۇلىدا ئادەتتەئۈچ-تۆت ئايدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. PZ69aZ*Gs  
(2) بارلىق تاماكا، چاقماق، سەرەڭگە ۋە كۈلدانلارنى تاشلىۋېتىش كېرەك. e#l/jFJU  
(3) ئىلگىرىكى دائىم تاماكا چېكىدىغان سورۇنلارغا بېرىشتىن ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك. Y+N^_2@+C  
(4) تاماقتىن كېيىن سۇ ئېچىش، مېۋە-چېۋە يېيىش ياكى سەيلە قىلىش لازىم، تاماقتىن كېيىن بىر تال چېكىۋېلىش ئويىدىن قۇتۇلۇش كېرەك. AEkgm^t.{  
(5) تاماكا خۇمارى تۇتقاندا دەرھال چوڭقۇر نەپەسلىنىش ھەرىكىتىنى ئىشلەش ياكى شېكەرسىز سېغىز چايناش كېرەك. ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى تاماكىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشتىن ساقلىنىش لازىم، ئۇنداق قىلمىغاندا قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىش، بەدەن سەمىرىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ. EK. L>3  
(6) تاماكىنىڭ قىزىقتۇرۇشىنى قەتئىي رەت قىلىش، يەنە بىر تال تاماكا چەكسىلا تاماكا تاشلاش پىلانىنىڭ نۆلگە تەڭ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزىنى دائىم ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك.
6Nx TW  
HCw$v#  
2. تاماكا تاشلىغاندا چىداش تەس بولغان دەسلەپكى بەش كۈننى قانداق ئۆتكۈزۈش كېرەك؟ RLY Ae  
r5[om$|*  
تۆۋەندىكى يەتتە تۈرلۈك ئۇسۇلدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ: "Gcr1$xG8!  
(1) ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا 6-8 ئىستاكان سۇ ئىچىپ، نىكوتىننىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. Fy-nV% P  
(2) ھەر كۈنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش، تاماكا خۇمارىغا چىدىيالمىغاندا دەرھال يۇيۇنىۋېلىش كېرەك. DMcvu*A  
(3) تاماكا تاشلىغان بەش كۈندە يېتەرلىك دەم ئېلىش، تۇرمۇش قانۇنىيەتلىك بولۇش لازىم. QHr3J  
(4) تاماقتىن كېيىن سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىش، 15-30مىنۇتقىچە چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ھەرىكىتى ئىشلەش كېرەك. x=1G|<z%  
(5) غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە بولمايدۇ، ئۇنى سۈت، يېڭى مېۋە شەربىتى ۋە دانلىقلار تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە ئۆزگەرتىش كېرەك. =YA%=d_  
(6) ئۆي قۇشلىرى تۈرىدىكى يېمەكلىك، مايلىق يېمەكلىك، قەنت-گىزەك، تاتلىق-تۈرۈملەرنى يېيىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك. y=9a2 [3Dz  
(7) ۋىتامىنB تۈرىدىكىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ نىكوتىننى چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ. 2 T{PIJg3  
دوختۇرلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، دەسلەپكى بەش كۈن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بويىچە تاماكا تاشلاش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملىسە بولىدىكەن: H#U{i  
1. تاماقتىن كېيىن چىش چوتكىلاش ياكى ئېغىزنى چايقاش، پاكىزە، تاماكا پۇرىقى يوق كىيىملەرنى كىيىش. vo Q,K9  
2. قولىدا تاماكا تۇتىدىغان ئادەتنىڭ ئورنىغا سىياھ قەلەم ياكى قېرىنداش تۇتۇشنى دەسسىتىش. { KwLcSn  
3. كۆپرەك ۋاقىتنى كۇتۇپخانىدا ياكى تاماكا چېكىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغان باشقا جايلاردا ئۆتكۈزۈش. ?0[%+AD hM  
4. قاۋاققا ۋە زىياپەتكە بېرىشتىن ساقلىنىش، تاماكا خۇمارى ئېغىر كىشىلەر بىلەن بىللە تۇرۇشتىن ساقلىنىش. Xki/5roCQ|  
5. تاماكا چەكمەي ئىقتىساد قىلغان پۇلغا ئۆزى ئۈچۈن بىر سوۋغات سېتىۋېلىش. &[*<>  
6. ئىككى-ئۈچ ھەپتىدە تاماكا چەككۈسى كېلىدىغان ئادەتنى تاشلاشقا ھازىرلىق كۆرۈش. jn}6yXB  
يۇقارقىلارنى بىرلەشتۈرگەندە تاماكىنى تامامەن تاشلىغىلى بولىدۇ، مۇھىمى قەتئىي ئىرادە.
5 @[%P=  
3%EwA\V(  
قوشۇمچە: ;o^m"I\y  
RB &s$6A  
تاماكا تاشلاپ 20مىنۇتتىن 15يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەيران قالارلىق بايقاش s vo^#V~h'  
A5H[g`&  
خۇشخەۋەر  سالامەتلىكىڭىز سىز ئەڭ ئاخىرقى بىر تال تاماكىنى چەككەندىن باشلاپ ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى :cynZab  
تاماكا تاشلاپ 20 مىنۇتتىن كېيىن: نىكوتىن قاننىڭ ئېقىشىنى چەكلەيدۇ، شۇڭا تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن بەدەندىكى نىكوتىن مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن بەدەننىڭ ئايلىنىش سىستېمىسى ياخشىلىنىدۇ، بولۇپمۇ قول ۋە پۇت قىسمىنىڭ شۇنداق بولىدۇ. K4R jGSaF  
تاماكا تاشلاپ سەككىز سائەتتىن كېيىن: قاندىكى ئوكسىگېن مىقدارى تاماكا چەكمىگەن چاغدىكى سەۋىيىگە يېتىدۇ، شۇنداقلا بەدەندىكى كاربون چالا ئوكسىدنىڭ مىقدارى %50 ئازىيىدۇ. tQl=  
تاماكا تاشلاپ 24 سائەتتىن كېيىن: بەدەندە قىپقالغان كاربون چالا ئوكسىد ئاساسەن يوقىلىدۇ، ئۆپكە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ۋە ئادەمنى بىزار قىلىدىغان باشقا تاماكا قالدۇق ماددىلىرىنى چىقىرىشقا باشلايدۇ. MPL2#YU/a  
تاماكا تاشلاپ 48 سائەتتىن كېيىن: نىكوتىن تولۇق يوقايدۇ، تەم سەزگۈڭىز ۋە پۇراش سېزىمىڭىزنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز. EvECA,!i  
تاماكا تاشلاپ 72 سائەتتىن كېيىن: نەپەسلىنىش تېخىمۇ يەڭگىلىشىدۇ، شۇنداقلا پۈتۈن روھىي ھالىتىڭىزدە ياخشىلىنىش بولۇۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. RgRcW5VxK  
تاماكا تاشلاپ ئۈچ ئايدىن توققۇز ئايغىچە: ھەر قانداق نەپەس مەسىلىلىرى ياخشىلىنىدۇ ھەمدە ئۆپكىنىڭ ئۈنۈمى %10 ئاشىدۇ. }Ql;%7  
تاماكا تاشلاپ بىر يىلدىن كېيىن: كۆپىيىش ئىقتىدارى %33 ئاشىدۇ. 9a4RW}S<  
تاماكا تاشلاپ بەش يىلدىن كېيىن: يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تاماكا چېكىشتىن ئاۋۋالقىنىڭ يىرىمىغا تۆۋەنلەيدۇ، سەكتە بولۇش خەۋپى تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن تەڭلىشىدۇ. ftH0aI  
تاماكا تاشلاپ 10 يىلدىن كېيىن: ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى نورمال ئادەملەرنىڭ يېرىمىغا يېتىدۇ. x NC>m&T  
تاماكا تاشلاپ 15 يىلدىن كېيىن: يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن تەڭلىشىدۇ.  OB^  
ئەگەر سىز 35 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن تاماكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاشلىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ كۆزلەنگەن ئۆمرىڭىز نورمال كىشىلەر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. . LS.Z4@  
مەنبە-http://bbs.til.cc/read.php?tid-423.html
l3MH+o  

 
نۇپـۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمـۇس كېمىيۋاتىدۇ

(سەۋەپــكـار)
sansiz0903

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.238

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4366 

 نادىرلانغان تېمىسى:   16 

 مۇنبەر پۇلى:   71354 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   7897 (قېتم)
 تۆھپە:   7757  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11448
 سائەت
دەرىجىسى:
11448 سائەت 302 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-24
ئاخــىرقىسى:2013-09-09
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-02-16

تاماكا تاشلاش ئۈچۈن ئاۋۋال نىيەتنى پاكىزلاپ، ئۇنىڭدىن كېيىن يانچۇقنى پاكىزلىساق ئۇنچە تەس ئەمەس.. ئاللاھ مەدەت بىرىدۇ.
بۇ يەرگە مىنىڭ 2 يىللىق قان تەرىم سىڭگە، بۇ يەرگە مىنىڭ تور دۇنياسىدىكى ئەڭ يېقىن ئادەملىرىم يىغىلغان...! مەن قايتىپ كەلدىم ئانا تۇپرىقىم!
arslan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.778

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   181 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3900 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   221 (قېتم)
 تۆھپە:   184  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4507
 سائەت
دەرىجىسى:
4507 سائەت 133 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-10
ئاخــىرقىسى:2011-05-23
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-02-16

تەس جۇمۇ ...نۇرغۇن قېتىم تاشلاشنى نىيەت قىلىپ، لېكىن تاشلىيالمىغانتىم،،ئالدىنقى يىلدىكى شۇ كۆڭۈل ئاغرىقلىرى مېنى تېخىمۇ بەك چېكىدىغان قىلىۋەتتى.....
ئۇيغۇر تور سودا ئۇيۇشمىسى توپى:35754632
خۇشخۇي

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.168

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2446 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   29953 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2224 (قېتم)
 تۆھپە:   2188  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 777
 سائەت
دەرىجىسى:
777 سائەت 123 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-15
ئاخــىرقىسى:2013-06-09
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-02-16

ئىشقىلىپ مەن تىرشىۋاتىمەن،تىمىڭىزغا تەشەككۈر!!!!!
arslan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.778

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   181 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3900 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   221 (قېتم)
 تۆھپە:   184  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4507
 سائەت
دەرىجىسى:
4507 سائەت 133 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-10
ئاخــىرقىسى:2011-05-23
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-02-16

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى koznakدە2011-02-16 11:13يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : sW'2+|3"  
تاشلاشنى نىيەت قىلىپ ئۇبۇرنىدا چىكىشنى تاشلىمىغانلار ، كىشىلەر بار يەردە ، يوللاردا چىكىشنى تاشلىيالمىغانلار ، ناشتىدىن بۇرۇن چىكىشنى تاشلىيالمىغانلار تاماكا تاشلايمەن دەپ ئاۋارە بولمىسۇن . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى تازلانمىغانلار ! شۇ سەۋەبلەردىن ئۇلارنىڭ ئىچ - پۇشۇق خۇمارى تېخىمۇ ئەۋج ئالغان ! _)>_{Pm  
sl`s_$J  
مېنى تازا تىللاپسىز-دە ،،،بوپتۇ.....
ئۇيغۇر تور سودا ئۇيۇشمىسى توپى:35754632
turkizad

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3906

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   638 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14566 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1437 (قېتم)
 تۆھپە:   1417  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 891
 سائەت
دەرىجىسى:
891 سائەت 9 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-17
ئاخــىرقىسى:2013-08-13
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-02-16

ئەڭ ياخشىسى چەكمىگەن ياخشى، ئىشەك جىنىدا ئاغزىغا قىستۇرۇپ قويسا پۇركىۋىتەر ئۇ بىر نىمىنى.ھايۋان قىلمىغان ئىشنى ،ئادەم قىلسا قانداق بۇلا،..........ھەي....
مەيدانى يوق ئادەمگە يولوقوشتىن ئەنسىرەيمەن!
huxal心
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.606

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   553 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9635 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   556 (قېتم)
 تۆھپە:   521  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2220
 سائەت
دەرىجىسى:
2220 سائەت 80 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-02
ئاخــىرقىسى:2012-11-28
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-02-16

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى tanha230دە2011-02-16 11:21يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : /U6% %%-D`  
ئىشقىلىپ مەن تىرشىۋاتىمەن،تىمىڭىزغا تەشەككۈر!!!!! j#0j)k2Q  
Y${l!+q  
ھە بۇرادەي ....ئىشقىلىپ دەپ قۇيۇڭلار .،......كۆدۇق سىلىنىمۇ ....قۇقماي مەن تاشلايمەن دەپ بىقىڭلار قىنى ecOy6@UDY  
شۇ چاغدا
ياشىدىم خۇشال بۇلالمىدىم ،ئەتە يەنە ھاۋانىڭ ئۇچۇق بۇلىشىنى تىلەيمەن .
sansiz0903

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.238

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4366 

 نادىرلانغان تېمىسى:   16 

 مۇنبەر پۇلى:   71354 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   7897 (قېتم)
 تۆھپە:   7757  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11448
 سائەت
دەرىجىسى:
11448 سائەت 302 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-24
ئاخــىرقىسى:2013-09-09
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-02-16

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى tanha230دە2011-02-16 11:21يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : 9cl{hdP{  
ئىشقىلىپ مەن تىرشىۋاتىمەن،تىمىڭىزغا تەشەككۈر!!!!! Lr K9F^c  
xWd9%,mDNR  
بەڭگە
بۇ يەرگە مىنىڭ 2 يىللىق قان تەرىم سىڭگە، بۇ يەرگە مىنىڭ تور دۇنياسىدىكى ئەڭ يېقىن ئادەملىرىم يىغىلغان...! مەن قايتىپ كەلدىم ئانا تۇپرىقىم!
uzqin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4661

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   24 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   350 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   35 (قېتم)
 تۆھپە:   35  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 14
 سائەت
دەرىجىسى:
14 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-16
ئاخــىرقىسى:2011-05-28
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-02-17


sawapkar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.728

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1240 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   53916 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4937 (قېتم)
 تۆھپە:   4568  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 816
 سائەت
دەرىجىسى:
816 سائەت 84 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-08
ئاخــىرقىسى:2013-09-03
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-02-17

قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق نىيەت دۇرۇس بولسا ئاللاھ ئاسان قىلىپ بىردۇ بەڭگىلەر      
نۇپـۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمـۇس كېمىيۋاتىدۇ

(سەۋەپــكـار)
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى