9. ئات تويى
\^LFkp $xqa{L%B شاھ ئەھرام پۇتكۇل ئەلدىكى ئاتاقلىق مۇنەججىم،موللا-ئۆلىما ۋە يۇرت كاتتىلىرىنى يىغىپ،نەۋرىسىگە ئىسىم قويۇش تويى ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ،ئاكبىرلارغا خەۋەر بېرىپتۇ. ھەممە يىغىلىپ "ئات تويى" نى كاتتا زىياپەت-تەنتەنە بىلەن "قىزىل مەسچىت ئاتام" دىكى ئوردىدا ئۆتكۈزۈپتۇ. زىياپەت ئاخىرىدىكى دۇئايى خەيرىدىن كېيىن،شاھنىڭ يېڭى نەۋرىسى تۈرۈك خاقانلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى بويىچە ئاق كىگىزگە ياتقۇزۇلۇپتۇ.ئۇنى بىر توققۇز سىپاھ كۆتۈرۈپ،ئوردا مېھمانخانىسىنىڭ ئوتتۇرسىغا ئەكىرىپ،يەردە قويماي كۆتۈرۈشۈپ تۇرۇپتۇ.
@ZJS&23E سورۇن ئەھلى ۋە خوجا سەيپىدىن بۇزۇرۇك قاتارلىق مېھمانلارنىڭ ھەممىسى:" قۇتلۇق بولسۇن شاھىمىزغا " دەپ مۇبارەكبادلىق قىلىپتۇ. ئاندىن ۋەزىر ئەزەم بوۋاقنى قولىغا ئېلىپ،پىشانە ۋە تاپانلىرىغا سۆيۈپ:" شاھزادە يەتتە ئىقلىمغا شاھ بولغاي" دەپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ شاھى ئەھرام مىيىقىدا كۈلۈپتۇ. ئىككىنجىسى بوۋاقنى قولىغا ئېلىپ :" كاتتا باھادىر ۋە ئەقىللىق بولىشى-قۇلاقنىڭ چوڭلىقى،پىشانىسنىڭ كەڭلىكىدىن بىلىنىپ تۇرۇدۇ. ئەلۋەتتە،بۇ خاسىيەت شاھزادىغا خاستۇر" دەپتۇ. شاھقا بۇ سۆزمۇ بىر نەۋى تۇيۇلغاندەك، قىياپەت-بەشىرسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.ئۈچۈنجى،تۆتىنجى،بەشىنجى،ئالتىنجىلىرىمۇ شاھقا ياخشى كۆرىنىش ۋە خوشامەتتىن يېقىشلىق سۆزلەرنى سېخىلىق بىلەن تۆكۈشكە باشلاپتۇ. يەتىنجى نۆۋەتتە شاھنىڭ قۇدىسى موللا سەيپىدىن ئاكا نەۋرىسىنى قولىغا ئېلىپ:" تەڭرىم بىزگە بىر يېڭى مېھماننى ئاتا قىپتۇ.- دەپتۇ ئاندىن:
yu|>t4#GT تەڭرىدىن ئەلچى كېلىپتۇر سانى يوق،
rOYxb }1 ئەلچىنىڭ مىنگەن ئېتىنىڭ جانى يوق.
+_!QSU,@ ئەلچىگە جۇپ قوي بېرىپتۇ تەڭرىمىز،
;a/E42eN; پوستى بارۇ،گۆشتى بار،ئۇستىخانى يوق."
R_KH"`q دىگەن نەزمىنى ئوقىغاندىن كېيىن. " مەن تەڭرىگە مىڭ مەرتىۋە شۇكۇرلەر بەجا كەلتۈرمەن. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بەخشەندە قىلىدىغان ھەرقانداق بايلىقى ئىلىم ۋە ئەدەپ ئۆگۈتۈشتىن ئەۋزەل ئەمەستۇر. نەۋرىمىز تەڭرىم نىسىپ قىلسا، تەربىيىمىز بىلەن ئالىم بولغىسىدۇر." دىگەن ئىكەن. پۈتكۈل مېھمانخانىدىكىلەر "بارىكاللا" توۋلىشىپ كېتىپتۇ. ئارقىدىنلا "ئاللاھۇ ئەكبەر!...." دىگەن تەكبىر ساداسى ئاسمانغا كۆتۈرلۈپتۇ.
~u{uZ(~ شاھنىڭ خوشاللىق يېشى كۆز چانىقىدىن ئىختىيارسىز ھالدا ئېقىپ،نورۇز بۇلاق سۈيىدەك ئېتىلىپ چىقىپتۇ. شاھ يۈگۈرۈپ كېلىپ موللا سەيپىدىننى قۇچاغلاپ، يېڭى نەۋرىسى بىلەن بىللە كۆتۈرۈپ،چۆگىلىتىپ، ئاندىن يەرگە دەسسىتىپتۇ.
|)&%A%m شاھى ئەھرام نەۋرىسىنى قولىغا ئېلىپ باش-كۆزلىرىگە سۆيىپتۇ. كېيىن خالايىققا قاراپ:
|pK!S "ئىلىم ئىلەدۇر نىزامى ئالەم،
pmM9,6P4@ ئەدەپ ئىلەدۇر كامالى ئادەم."
> I?IPQB دىگەن نەزمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن.- مەن يەتتە ئىقلىمغا شاھلىقتىن ئەۋلادىمنىڭ ئالىم بولغىنىنى چوڭ دەرىجە دەپ بىلىمەن. ئالىملىق ئىككىلا دۇنيا نىجاتلىقى ۋە شاھلىقىدۇر. مېنىڭ دىلىمدىكى ئارزۇيىمنى ۋەلى (ئالدىن بىلگۇچى- كارامەت قىلغۇچى) گە ئوخشاش قۇدۇمىز موللا سەيپىدىن تاپتى. مەن بەكمۇ رىزا بولدۇم. شۇڭا، بۈگۈندىن باشلاپ، بۇ كىشىنىڭ نامى پۈتكۈل ئەل "سەيپىدىن ۋەلىيۇللا" دەپ ئاتىغاي.- دەپ پەرمان قىپتۇ. ھەممە بەيەكبار تەزىم بىلەن :" خوپ!" دەپ رىزالىق بىلدۇرۇشىپتۇ.
Ba,`TJ%y ئۇنىڭدىن كېيىن، شاھى ئەھرام مۇنەججىملەرگە قاراپ:" بىزنىڭ شان-شەۋكىتىمىزگە بۇ ئوغۇلنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقانلىغى يەنە شەرەپ قوشتى. قەنى،مۇنەججىم-ئولىمالىرىمىز ئىسىم بەلگىلەيلى" دەپتۇ. ھەر كىم ئۆز مۇتائىئەلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشۇپتۇ. ئولىمالاردىن بىرى:" شاھ جانابلىرى بۈگۈن ئىلىمۇ ئەرپانپەرۋەرلىكلىرىنى ئايان قىلىپ، ئارزۇلىرىنى شاھلىقتىن يوقىرى تۇتۇپ، بىزگە ساداقەت يولىنى كۆرسەتتىلە،ئىلىم ئەھلىلىرى تولىمۇ مەمنۇن بولدۇق،شۇڭا سىلىدەك شاھىمىزنىڭ دەۋرى بىلەن ماختىنىمىز. ھەممىمىز مۇشۇ ماختىنىش ۋە مەمنۇنىيەتلەرىمىزگە شۈكرىلەر بەجا كەلتۈرۈپ،ۋەدىمىزگە ۋاپا قىلىمىز. بىزنىڭ مۇشۇ نىيەت-مۇددىئامىزنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن، قۇتلۇق قەدەملىك پەرزەنتىمىزگە باش ھەرىپتىن ئىبارەت بولغان "مەھمۇد"(ماختىغۇچى) دىگەن ئىسىم قويۇشنى ئىلتىجا قىلىمىز. بۇ ئىسىم ئۇلۇغ ئەلچىنىڭ 5-ئىسىمى ۋە ھەر بىر ھەرىپىگە خاسىيەتلىك مەنىلەر يوشۇرۇنغاندۇر. بىرىنجى ھەرىپ "م" مېھرى-شەپقەت، مۇرۇۋۋەت، ماھارەت،مەمنۇنىيەت دىگەن مەنىلەرنى بىلدۇرۇدۇ."ھ" ھەمدۇسانا ئېيتقۇچى، ھاياتبەخىش، ھايالىق،ھازىر، ھۆر،ھېلىم دىگەن مەنىلەرنى بىلدۇرۇدۇ. "م" مۇددىئا، مۇراد-مەخسەد، مۇنىس، مېھرىبان،مەرد،مەغرۇر، مۇرادىغا ئېرىشكەن دىگەن مەنىنى بىلدۇرۇدۇ."ئۇ" ۋاپادار، ۋايىغا يەتكۈچى،نەسەبنىڭ ۋارىسى،ئىلىمنىڭ ۋارىسى دىگەن مەنىلەر بىلدۇرۇدۇ. "د" دادىل، دىيانەتكار،دىلكۇشاھ،ئىلىم-بىلىم ھۈنەر-ماھارەت بىلەن ماختانغۇچى، شۆھرەت قازانغۇچى، داھى راخ ، يول باشلىغۇچى دىگەن مەنىلەرنى بىلدۇرۇدۇ. - دەپ ئىزاھ بېرىپتۇ.
hM{bavd شاھ ئەھرام خالايىق موتىۋەرلىرى ئالدىدا.
\G[$:nS -- ئۇنداق بولسا ، كۆز نۇرىمىز بولغان نەۋرىمىزنىڭ ئىسمى مەھمۇد ئىبنى ھۈسەيىن بولسۇن.- دەپ دۇئاغا قول كۆتىرىپتۇ. ھەممەيلەن "قۇتلۇق .. قۇتلۇق..." دەپ مۇبارەكلىشىپتۇ.
)UR7i8]!0 ئاخىرىدا، شاھى ئەكرام :"ئوغلىمىز ھۈسەيىن بۇ مۇبارەك پەرزەنت ھۆرمىتىدىن بۈگۈندىن باشلاپ سۇلتان ھۈسەيىن دەپ ئاتالسۇن، خالايىق ئىچىدە ئىلىم ۋە ھۇنەر شۇنداق روناق تاپسۇنكى، ئىلىم ھۇنەر بىلىمىگەن بىرەر كىشى سەلتەنەتىمىز تەۋەسىدە كۆرۇنمىگەي. ھەر قانداق كىشى ئىلىم-ئەخلاق ئىگىسى بولۇپ، پەرزەتتىنى ئارتتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىنسانى بىباھالىقىنى كۆرسەتكەي،كىمكى ئىلىم-ھۇنەر ئەھلى بولىشقا ئادەتلەنمەيدىكەن، ئۇنداقلار ئۆزىنى ئۆزى خار قىلغۇچىلاردۇر. ئىلىمۇ ئىرپانغا قىيا باققۇچىلارنى ھاشارغا ھەيدەپ،ئۇلارنىڭ سېلىقىنى ئېغىرلاتقاي" دەپ پەرمانى ئالىي قىپتۇ.
O?2DQY?jT *p U x8yB 10.مەھمۇدنىڭ بوۋاقلىق دەۋرى
%Zi} MPx [~HN<>L@C شاھزادە مەھمۇد تەلپۈنگەندە،شاھى ئەھرام قۇۋانىپ بىر توقسان قوي ئۆلتۈرۈپ،ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە "ھەقىق تويى" قىپتۇ. پىشۇرۇلغان گۆشنىڭ سوڭەكلىرىگە تىغ تەگكۈزمەي بېغىشلىرىدىن ئاجىرتىپ،مېھمانلارغا ئۆز لايىغىدا تارتۇقلاپتۇ.ئۇنىڭدىن كېيىن،ئۇستىخاننىڭ ھەممىسىنى يىغىپ"كېپەنلەپ"، بالىنىڭ ئۆمرى ئۇزاق بولسۇن ئۇچۇن "قىزىلچاي ئاتام" دىكى زەرەتكارلىققا "دەپنە" قىلىپ،پاتىھە بېرىپتۇ.
!zo{tI19 ~Y;*u]^ مەھمۇدنىڭ دەسلەپكى قىرىق چېچىنى ئالدۇرغاندا،ئېلىنغان چاچنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن باراۋەر ئالتۇننى ساتىراش ئۇستامغا بېرىپتۇ،سورۇن ئەھلىگە ئالتۇن ئاياقتا دىنار ھەدىيە قىپتۇ. بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلىگەندە قارا باسمىسۇن ئۇچۇن،بۆشۈك ئاستىغا (ئوۋۇدا ئاستىغا) كۆمۈش خەنجەر، ئوقيا ۋە تۇز سېلىپ بۆلەپتۇ. تىلى چىقىشقا تەمشەلگەندە،خوراز ئالدىغا ۋە قارلىغاچقا تەلپۇندۇرۇپتۇ.باتۇرلۇق نىشانى بولسۇن ئۇچۇن، ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە نىياز قىلىپ،سىكىلەك قويدۇرۇپتۇ.
HfVZ~PP بىر كۇنى بۇبى رابىيە ئاپتاپ ئۆتۇش بىلەن خەستىلىگەنلىكتىن، شاھ مەھمۇدنى ئەمدۇرۇش ئۇچۇن ئىنىكانا ئىزدەپتۇ.لېكىن، بۇبى رابىيە:
d0D]Q -- بالىنىڭ ئانىسى ئۇنى تۇققان مەنلا ئەمەس،بەلكى ئوغلۇمنى ئېمىتكەن خوتۇنمۇ ئانىلىققا مۇناسىپ.كائىناتقا قۇياشنىڭ تەسىرى قانداق بولسا، ئەۋلادىغا ئانىنىڭ تەسىرى ھەم شۇنداقتۇر.قۇش بالىلىرى، تايچاق، بوتىلاق،قوزا-مەچەرەكلەرنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن ئاتىسىنى ئەمەس ، ئانىسىنى تونۇيدۇ. ئانا تەرىپىدىن ساغلام،ئىلمى،ئەخلاقى تەربىيە كۆرمىگەن بالا دۇنيانىڭ ھەممە ئىلىمىنى ئۇقسا، دىۋانىلارنى تولدۇرغاندەك مەلۇماتنى مىڭىگە جايلاشتۇرسا،ئۇ ھەتتا پەيلاسۇپ بولسىمۇ،ئەمما ھەقىقى ھايات ئادىمى،ئىلىم،ئەخلاق،دىن ئادىمى بولالمايدۇ.بىر مىمار(تامچى) ئۇستام تامنىڭ ئۇل خىشىنى مايماق قويسا،ئۇنىڭ تېمى ئاسمانغا تاقاشسىمۇ مايماق چىقىدۇ. ئوغلۇم مەھمۇد خاندانلىقىمىزنىڭ نەشەئىسى، ھاياتىمىزنىڭ مىۋىسى، تاناسىل ۋە تەكسىر مەۋزىئىدە ئۆمرىمىزنىڭ غۇنچىسىدۇر. شۇڭا، ئۆزۈم قارىشىم ۋە ئەمدۇرۇشىم كېرەك،- دەپ ، ئوردىدىن تاپقان ئىنىكئانىنى رەت قىپتۇ.
d=(mw_-? OXA7w.^ بۇبى رابىيە ئوغلى مەھمۇد تەلپۈنگەندە ئاۋايلاپ،تەمتەم ماڭغاندا ئارقىسىدا يۈرۈپ،يىقىلسا يۆلىمەي،ئوزى تۇرۇشنى،جۇرئەتنى ئۆگىتىپ. مېيىپ،مەجرۇھ، مەلغۇن قىلماي،تەتە ئېتىپ ئايىغىنى تېز چىقىرىپتۇ. بالىنىڭ ئالىغاي بولۇپ قالماسلىغى ئۇچۇن،بىر نەچچە مەرتىۋە چېچىنى ياندۇرۇپتۇ. ھاپ قوۋۇز بولۇپ قالماسلىغى ئۇچۇن،ئوڭ-سولدىن ئەمدۈرۈپتۇ،ساغلام ئۆستۈرۈپتۇ.
gdc<ZYcM بالىلىق چېغىدىن ئىنساپلىق يېتىلگەن مەھمۇد ئانىسىنىڭ ھەرقاچان ئوڭ بېغىرىنى (بەغىرداق،لىپتىك دىگەنلىك. ئۇنى ئۇيغۇرلار بەك بۇرۇن ئىشلەتكەن) ئېمىپ، سول قىسمىنى سىڭلىسى ئۇچۇن قالدۇرغان دىگەن رىۋايەت بار.
a(nlTMfu 4s-!7 نىزاقەتنى ئادەت قىلغان بۇبى رابىيە دائىم بېغىرىنى پاكىز يۇيۇپ تاھارەت ۋە پاكلىق بىلەن ئېمىتكەن.ئوغلى ئالدىدا يالغان سۆزلەش،بو-بو قىلىش، بىر نەرسىنى يوشۇرۇپ قويۇش،شىتىلىق قىلىش،ياتاق كىيىملىرى بىلەن كۆرىنىشتىن ساقلانغان،مەھمۇدقا ئېچىغان،بۇزۇلغان سۈتلەرنى ئەمدۈرمىگەن.
C+$#y2"z#n ئەمچەكتە بالىلىرى بولغان ئاياللارغا يېقىنلىشىش، خاتۇنلارنىڭ سۈتىنى بۇزۇدۇ. بۇ سۇت بالىلارنىڭ مىجەزىنى بۇزۇدۇ.
uRvP hkqm y(#e}z: بۇبى رابىيە ساماۋى كىتاپ "قۇرئان كەرىم" نىڭ ئەمىرى بويىچە،بالىنىڭ ئانىدىكى سۈت ھەققى ئىككى يىل ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ كېيىنكى پەرزەنتىگە ھامىلدارلىقى بىلىنگەچ،ئوغلىنىڭ چوڭ سىپاھلىققا قاتناشقىنىدا ئات چېپىشقا يارىماس بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن،شاھزادە ھۈسەيىننىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئوغلىنى سۈتتىن توختاتقان.
^#pEPVkY مەھمۇدنىڭ تىلى چىققاندىن كېيىن بۇبى رابىيە ھەر كۈنى ئۇنى ئەتتىگەندە تۇرغۇزۇپ:
<'u'#E@"sl 1.يالغان گەپ رىزقىنى يەيدۇ.
* 4'"2" 2.شاراپ ئىماننى يەيدۇ.
6nn*]|7 3.غەم ئۆمۈرنى يەيدۇ.
-).C 4.سەدىقە بالانى يەيدۇ.
Z,gk|M3. 5.توۋۋا گۇناھنى يەيدۇ. دىگەن سۆزلەرنى تەكرار ئېيتىشنى ئادەتلەندۈرۈپ،مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇن ئۆگۈتۈپ بولغان...
).O)p9 11. مەھمۇدنىڭ مەكتەپكە كىرىشى
]Ljf?tk ?6!LL5a. مەھمۇد تۆت ياش،تۆت ئاي،تۆت كۈنلۈك بولغاندا "كونا قورغان" دىگەن جايدىكى ئىككى ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان كاتتا جامە قېشىدىكى مەكتەپكە تەنتەنە بىلەن ئېلىپ بېرىلىپتۇ.
Iu{V,U مەكتەپكە مەھمۇدنى ئېلىپ بېرىشتا،بوۋىلىرى شاھى ئەھرام بىلەن سەيپىدىن ۋەلىيۇللا ئوڭ ۋە سول قوللىرىنى يېتەكلەپتۇ،ئەمىر سۇلتان ھۈسەيىن يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرغان خالايىقلارغا خونچىدە كۆتۈرگەن كۈمۈش دىنارنى ھەر دوقمۇشتا ئوغلىنىڭ بېشىدىن ئۆرۈپ چېچىپ بېرىپ،ساخاۋىتىنى كۆرسىتىپتۇ. ئۇلار دەرسخانىغا كىرىپ،ئۇستازلارغا سالام قىلىپ،ھال-ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن،پەرزەنتى مەھمۇدنى خەلپىتىمگە تاپشۇرۇپ:" پەرزەنتىمىز ئۈچۈن ئاتىلاردا بولىدىغان ئىككىنچى ھەققى،يەنى ئىلىم تەلىم بېرىشنى بۈگۈن سىلىگە تاپشۇرۇپ ئادا قىلىشقا كەلدۇق.ئۇمۇدىمىز زايە بولمىغاي" دەپتۇ.
x`s>*^ ئەمىر سۇلتان ھۈسەيىن مەكتەپتىكى ساۋاقداشلارغا بىر ئېتەكتىن ياڭاق،بىر توققۇزدىن تۇخۇم،توققۇز پۇلدىن يارماق تارقىتىپتۇ. ئۇستازىنى بىر ئات،دەستا(سەللە)،ئېرقىدىن تىكىلگەن تون،كىمسەندىن تىكىلگەن مەسە-كالاچ بىلەن تارتۇقلاپتۇ. ئۇلار بىر ئاز ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇستازغا ساۋاقداشلارنى "سالاۋات"قويۇپ بېرىش تەكلىپىنى بېرىپ قايتىشىپتۇ.
[[ZJ]^n, 9WHddDA 12. ئائىلە تەربىيەسى
:UdF }]TxlSp!; مەھمۇد كىچىكىدە ئائىلىسىنىڭ ياخشى تەربىيەسىنى ئالغان ئىكەن.ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر سۇلتان ھۈسەيىننىڭ تونىشىچە، بالىنىڭ ئاتىدىكى ھەقلىرى مۇنداق ئىكەن.
hZ3bVi)L\ 0:+E-^X 1.چىرايلىق ئىسىم قويۇش.
mOSv9w#, 2.سۈت ئەمدۈرۈشنى چىرايلىق تاماملاش''ئانا سۈتى تەركىبىدە ياغ،شىرنە،تۇخۇم ئاقسىلى،تۇز ماددىلىرى ۋە مەدەنلەر بار''،ھالالدىن رىزىقلەندۇرۇش.
[lAp62i5 3.ئىلىم-تەلىم بېرىش،ئوقۇش-يېزىشنى ئۆگۈتۈش.
v=k$A 4.سۇ ئۈزۈشنى،ئوقيا ئېتىشنى،ئەدەپنى ئۆگۈتۈش.
67TwPvh 5.بالاغەتكە يەتكەندە،ئاتا-ئانىنىڭ ئەمىرىنى بېجىرىشتىن ئىبارەت.
$(9U @N9E ~ 1 pr~ مەھمۇدنىڭ زېھنى زاكاۋىتى كىرگەندىن باشلاپ،ئىلىم-ھۈنەرنىڭ قەدرىگە يەتكەن ئەمىر سۇلتان ھۈسەيىن ئوغلىنىڭ تۈرلۈك ھەۋەسلىرىگە زەن سېلىپ،ئۇنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىغا كۆزى يېتىپتۇ.ئۇ يەنە "مەخسۇس تەربىيلىگۈچى" تەيىنلەپ، مەھمۇدنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۇپتۇ.
/=h` L, 5uf a مەھمۇد مەكتەپكە كىرىپ،ئوز ئارزۇسىنىڭ تۇنجى ئىشىكى ئېچىلغاننى كۆرگەن مەرىپەتلىك ئايال-بۇبى رابىيە ئوغلىنى ھەر كۈنى سەھەردە تۇرغۇزۇپ،ئۇنىڭ يۈز كۆزلىرىنى يۇيۇپ،ئۇچىسىغا شاھزادىلەرگە لايىق تون ،كىمسەندىن تىكىلگەن ئۆتۈك كەيدۈرۈپ، بېلىگە كۆمۈشتىن ھەل بېرىلگەن بەلۋاغ باغلاپ،يېنىغا شاپگىرلىق سەنئىتى نامايەن قىلىنغان كۆمۈش خەنجەر ئېسىپ،بېشىغا لايىقىدا دەستار كەيدۈرۈپ،ناشتىلىق بەرگەندىن كېيىن مۇنداق دىگەن:-ئوغلۇم، سىز بىزنىڭ ئۈمۈدىمىز، ئىلىمنى مەكتەپتە ئۇستازىڭىزدىن ئۆگەنسىڭىزمۇ،ئەمما ئەدەپ-ئەخلاقنى مەندىن ئۆگىنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.خالى جايغا بېرىپ يەڭگىللىمەك،يۈز كۆز،ئېغىز-بۇرۇن،قول-پۇت،ئولتۇرغان جايلارغا قەدەر پاكىز يۇماق،ۋاختىدا ئاز-ئازدىن تاماق يەپ، مەكتەپكە يۈرۈشكە تەييار بولماق،ئاتا-ئانا،ئۇستاز ۋە چوڭلارنى كۆرگەندە "ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم" دەپ سالام بەرمەك،ئاداشلار ۋە ساۋاقداشلارغا مېھرىبان بولۇپ،ئۇلارغا "مەن شاھزادە تۇرسام" دەپ ئاتىكاچىلىق قىلماسلىق،چوڭلار گەپ قىلىشىۋاتقاندا شەككالىق قىلماسلىق،كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىۋالماسلىق،يامان غەرەزلىك كىشىلەر بىرەر نەرسە بەرسە ئالماسلىق،يامان ۋە بىھۇدە تىللارنى ئۆگەنمەسلىك قاتارلىقلار ياخشى ئادەت ۋە ياخشى قىلىقلاردۇر.سىز بۇ دىگەنلىرىمنى قۇلىقىڭىزدا ئوبدان تۇتۇڭ.
oE~RySX مەھمۇد بوينىغا دەسلىپىدە كالا تاغىقىدىن ياسالغان "تاختا"،كېيىن "جىلىت"، ئۇنىڭدىن كېيىن بەلۋاققا تاقالغان "قەلەمدان" نى ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۇنى ئالاھىدە تەيىنلەنگەن ئىككى ئاتلىق سىپاھقا تاپشۇرۇپ،ھەر كۈنى مەكتەپكە ئەۋەتىپتۇ.
qNr}\J| مەھمۇد ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيىگە كەلگەندە،ئانىسى بۇبى رابىيە ئۇنى ئىلىم-ھېكمەت ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىپ،بەت ئەخلاق (يامان قىلىق) لارنى قىلماسلىققا ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشقا ئادەتلەندۈرۈپتۇ.مەھمۇد ئۆزىمۇ تىرىشىپ ئانىسىدىن تاماقلارنىڭ تۈرلىرىدىن تارتىپ كىيىم-كەچ،توي جاھاز ناملىرىغىچە ئۆگىنىپتۇ. ئوردىدىن ئالاھىدە تەيىنلەنگەن سىپاھلاردىن سۇلالىلەرنىڭ ئاتلىرى،ياراغ-ئەسلىھەلەر ناملىرى،يەر-جاي ئىسىملىرى، تاغ-دەريالارنىڭ قاپتال،چۈشۈرگۇچلىرىگە قەدەر بىرنىمۇ قالدۇرماي ئۆگەنگىلى كىرىشىپتۇ.
B;WCTMy} مەھمۇد يەتتە ياشقا كىرگەندە،ئاتا-ئانىسى 40 كېچە -كۈندۈز ئەلگە ئاش بېرىپ،پۈتكۈل يۇرتنى، ھەممە ئايماق ۋە قەبىلىلەرنى قىچقىرىپ،"خەتنە توي" ئۆتكۈزۈپتۇ. تويدا تارتقاندىن تاشقىرى،ئەلگە ئوغلاق تارتىشىش،قوچقار سوقۇشتۇرۇش تاماشىسى، دارۋاز ،سېھىرگەرلىك،توپۇق تۇتۇش...... قاتارلىق سورۇنلىرىنى ئۆتكۈزۇپتۇ.
[:V$y1 c)tfAD(N8x 13. مەھمۇدنىڭ ئىجدىھات بىلەن ئوقۇشى.
_J[ y?:.;%!E كىچىكىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ بىلىملىك ۋە زېرەكلىكى بىلەن تونىلغان مەھمۇد ئوقۇشقا كىرىپ تۇنجى تاختا بىلەن ساۋاتنى چىقىرىپ ،" ئا،ب،ت،س " دىن ئىبارەت ھەرىپلەرنى ئوبدانلا ئۆگىنىپتۇ.ئۇ ئۇستازلىرىنىڭ قومۇش قەلىمى بىلەن قوي تېرىسىدە ئىشلىگەن قەغەزگە يېڭى يىلنىڭ كىرگەنلىكىنى ئايان قىلىپ، تۆۋەندىكى نەزمىلەرنى يېزىپ تارقىتىپتۇ.
@I*{f 0RK!/:' تېرەكلەر تەڭگە بولۇپتۇ-نەۋ باھار،
XrPfotj1 بولدى ئالەمگە پەرەھلىك سەرھازار.
_y3Xb`0a كىمكى ئەۋلادىنى مەكتەپكە بېرۇر،
B]$GSEB ھور-غىلماندىن تاپار جەننەتتە يار.
N36_C;K-z L^Fy#p BCcjK6' بۇ "نورۇزلۇق" نى بوۋىلىرى ئالدىغا كۆتۈرۈپ بارغاندا، شاھى ئەھرام بوغرا توگە،سەيپىدىن ۋەلىيۇللا توت چىشلىق ئەرىك قوي،ئەمىر سۇلتان ھۈسەيىن ئوزى مىنگەن "ئارغىماقى بەدەشخان" لارنى خوشاللىقىدىن تەغدىم قىلىشىپتۇ.
|a%Tp3Q~ مەھمۇد ئىككىنجى يىلى "مەشەف" نى ، ئۇچىنجى يىلى سان-ساناق ئىلىمى(ھېساپ) گە تەئەللۇق بىلىملەرنى ۋە " ھېسابى ئەبجەد" نى يادقا ئۆگۇنىپتۇ. تېز كۈن ئىچىدە تىرىشىپ،ھېسابى ئەبجەد يولى بىلەن جۈملىلەر تۇزەلەيدىغان بوپتۇ.ئىمام ئەلىنىڭ كەررە غەزەلياتىنى يادلاپ،ھېساپ ئەمەللىرىنى بىلىشنى تولۇقلاپتۇ.ئىپتىدائى مەكتەپتىلا ئۇ، ئەرەب غەربى ئاساسىدىكى گۈزەل خەتنى يىك ياغىچىدىن ئۇچلانغان قەلەم بىلەن بۇغا مۇڭگىزىدىن قىلىنغان دوۋەتتىكى زىغىر يېغى ئىسىدىن چىقىرىلغان سىياھقا چىلاپ مەشىق يېزىشنى ئادەت قىلىپ،خەتتاتلىق ئاساسىنى يارىتىپتۇ.ئۇنىڭدىن سەل كېيىن "مەھەپ شەرىپ" نى ياد ئېلىشقا باشلاپ "قۇررا" بوپتۇ، چوڭ بولغانچە "مۇھەددىس" بولۇپ يېتىشىپتۇ.
#!m.!?O }#E[vRf سالاھىيەتلىك پەرزەنتىنىڭ ئىستىداتىغا قايىل بولغان ئاتىلار مەسلىھەتلىشىپ، ئۇنى دەسلەپتە "مەدىرىسەئى ساچىيە" نىڭ مۇددەرىسى ھۈسەيىن پەيزۇللادا دەرس تەلىم ئالدۇپتۇ.
pO.2< -B\HI*u 14.شاھى ئەھرامنىڭ نەسىھىتى
*+wW(#[ jMDY(mwt مەھمۇد كىچىك تۇرۇپلا خۇش چاقچاق،چەبدەس،چانقانلىقى،ئۇگىنىشتە ئەستايىدىل ۋە تىرىشچانلىقى،ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنىڭ ئۇستۇنلىكى بىلەن ھەممىنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپتۇ، شاھزادىلار ئۆگىنىش زورۇر بولغان ھەربى ئىلىملەردىن ئات چېپىش،تىغۋازلىق،نەيزىۋازلىق،ۋە ئۇمۇتۋازلىق،ئوقيا ئېتىش قاتارلىق جەڭ ماھارەتلىرىنى دىنى ئىلىملەردىن ناماز سورۇلىرى،ھەپتىيەك،قۇرئان كەرىم،ھەدىس،ئىلىمى شەرىئەتكىچە،دۇنياۋى ئىلىملەردىن ئىلمى ھېساب،ئىلمى ھەدىسە،ئىلمى ئەبجەد،ئىلمى تەجۋىت،ئىلمى سەرىپ،ئىلمى نەھىۋى،ئىلمى مەنتىق،ئىلمى نۇجۇم،ئىلمى تىبابەت،ئىلمى تەرىقەت،جۇغراپىيە قاتارلىق زامان ئىلىملىرىدىن كامالى ماھارەتنى ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئىگەللەپتۇ.
.k\@zQ|Ta مەھمۇدنىڭ يېشى 30 غا يېقىنلاشقاندا "مەدىرسەئى ھامىدىيە" دىكى ئۇستازى ھوسەيىن ئىبنى خەلپىنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ، ئوپال(قىزىل مەسچىتتىكى) ئوردىسىغا قايتىپتۇ. شاھزادە مەھمۇدنىڭ مەدىرسەنى تۈگۈتۈپ كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن شاھى ئەھرام نەچچە توققۇز مال سويۇپ توي ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. ئەمىر سۇلتان ھۈسەيىن ئوغلىغا تون-سەرپاي يېپىپتۇ، بۇبى رابىيە بەخىت تىلەپ پىشانىسىدىن سۆيىپتۇ.
D{~fDRR زىياپەت ئاخىرىدا، شاھى ئەھرام نەۋرىسى مەھمۇدنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:"كۆپ ئۇستازلار ئوز ئىلىملىرىنىڭ نۇرى بىلەن كۆزۇڭنىمۇ،كۆڭلىڭنىمۇ مۇنەۋەر قىلدى.نۇرغۇن كىتاپ ئوقۇپ،نۇرغۇن سېھىر-ھېكىمەتلەرنى بىلىۋالدىڭ،لېكىن، مەن تېخى ئوقىمىغان،ئوقۇمىساڭ بولمايدىغان شۇنداق بىر بۇيۇك كىتاپ باركى ئۇ بىزنىڭ بىپايان زىمىنىمىز ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ئۇلۇق خەلقىمىز بوۋىلىرىمىز "ئۆزىنى بىلمىگەن ئۆزگىنى بىلمەس" دىگەن ئىكەن. سەن ھەممە قەبىلە،ئۇرۇق-ئايماقلىرىمىز، تاغ-دەريا،ئورمان،يايلاق،شەھەر-قىشلاقلىرىمىزنى ئارىلاپ چىقىپ،ئۇلاردىن ئۆگەن ھەم چۈشەن " دەپتۇ.
s&!a ھەممەيلەن مەھمۇدنىڭ ئىلىمىنىڭ راۋاج تېپىپ كامالەتكە يېتىشىنى تىلەپ دۇئاغا قول كۆتۇرۇپتۇ."ئامىن-ئاللاھۇ ئەكبەر" دىگەن سادا پۇتكۇل ئوردىنى زىلزىلىگە كەلتۇرۇپتۇ.
LRMx<X8 U2~kJ 15.مەھمۇدنىڭ ئەل كېزىشى
O|N{v"o HuKc9U'7A '1)$' مەھمۇد بوۋىسى شاھى ئەھرامنىڭ تەلىپىنى قانات،دادىسى ئەمىر سۇلتان ھۈسەيىن بىلەن ئانىسى بۇبى رابىيەنىڭ تىلەكلىرىنى ئىرادە ۋە كۈچ قىلىپ،مۇڭ يولى (مورغ يولى-قۇش يولى) ئارقىلىق سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. ئۇ ئوغۇز،چېگىل-قارلۇق،ياغما،قىپچاق،باسمىل،ياباقۇ،توخىسى،ئوغراق،چارۇق،چۇمۇل،قىرغىز قاتارلىق ئۇيغۇر-تۈرۈك قەبىلىلىرىنىڭ تارىخى،سەرگۇزەشتىلىرى،تىلى،تامغا-ئورانلىرى،ئورۇب-ئادەت،تۇرمۇش ئالاھىدىلىكلىرى،ئىسىملىرى،مۇراسىملىرى،ياشىغان زىمىن،تاغ-دەريا،كۆل-يايلاقلار جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ئېتنىك،ئىجتىمائى،ئىقتىسادى،ھەربى مۇناسىۋەتلىرى،ئىلمى ۋە پەلسەپەۋى چۈشەنچىلىرى،ناخشا قوشاق،داستان،ماقال-تەمسىللىرىنى ئىزدىنىپتۇ.
)sp4Ie تەھسىلى ئىلىم كامالىتىگە ئېرىشكەن مەھمۇد 15 يىل ئىچىدە رۇم ئۆلكىسىدىن تارتىپ ماچىنغىچە ئۇزۇنلىقى 31200 ك م، كەڭلىكى 18750 ك م كېلىدىغان تۈرۈك ئېلىنى كېزىپتۇ، تۈركى خەلقلەر ياشاۋاتقان شەھەر-قىشلاق،ئەل-يۇرتنى تونىپتۇ. ئالدىغا ئۇچۇرىغان ماتىريالنى توپلاپ،خاتىرلەپتۇ،نەزەر دائىرسى تېخىمۇ كەڭىيىپتۇ. ئۇ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ،خاقانىيە ئۆلكىسىدىن يەتتەسۇغا، يەتتەسۇدىن ماۋەرا ئۇننەھرگە ئۆتۈپتۇ. ئۇ ئاخىرى جەمەتىنىڭ ئىخلاسمەنلىرى ۋە بوۋىسىنىڭ بىر نەۋرە تۇققانلىرىغا سېغىنىپ باغدادقا كەپتۇ.مەھمۇد قەشقىرى باغدادقا كېلىپ،داۋاملىق ئوقۇپتۇ،كېيىن مۇدەررىس بولۇپ ئىستەداتىنى جارى قىلىدۇرۇپتۇ. ئۇ مۇكەممەل چۇشەنچىلىرى ۋە چوڭقۇر ئىلىمىي ئىقتىدارى بىلەن يۇكسەك ھۆرمەت-ئىناۋەتكە نائىل بوپتۇ.
v(D;PS3r7 PJrtMAcKq 16.مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تېسنىپ قىلغان كىتاپلىرى
@qlK6tE` \:ak '' مەھمۇد قەشقىرى "تۈركىي تىللار نەھۋىسىنىڭ جەھەرلىرى" ۋە "تۇركىي تىللار دىۋانى" ناملىق كىتاپلارنى يازغان. ئۇ،ئەرەبچە يېزىپ چىققان "تۇركىي تىللار دىۋانى" ناملىق كىتاپنى ئەرەب ئابباسىيلار خەلپىلىكى (751-1258) نىڭ 27-خەلپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقدەردى مىئەمرۇللا (1074-1075-يىللىرى تەخىتكە ئولتۇرغان) غا ئارمىغان (تەغدىم) قىلغان. بۇ چاغدا تۈرۈك تىلىنى ئۆگۈنىش ئومۇمىي ئىجدىمائى ئېھتىياج ئىكەن. باغداد جەمىيىتىدە تۈرۈك تىلىنى بىلگەنلەرنىڭ مەسىلىسى ھەل،توققۇزى تەل،ئىناۋىتى يۇقىرى،بوغىزىغالىق ئوقىرى ئىكەن. ئەرز-دادىنى ئېيتىش ئۈچۈن باغدادقا كەلگەنلەر،ئەمەل تەمەسىدىكى ئەرەب زىيالىلىرى،مەنسەپ دەرىجىلىرىنى ئۆستۈرۈش يولىدا قولتىغىغا شوتا قىستۇرۇپ يۈرىيدىغانلارنىڭ ھەممىسى تۈرۈكلەرگە خوشامەت ۋە تەۋەززۇ قىلىشىدىكەن. مۇشۇ ئەمىلىيەتكە ئاساسەن مەھمۇد قەشقىرى ئەرەبلەرنىڭ تۈرۈك تىلىنى ئۆگۈنىشى ۋە تۈرۈكلەرنى چۇشىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن،ئۆز ۋەتىنىگە، خەلقىگە بولغان سېغىنىشى ۋە ھۆرمەت-ئىپتىخارىنى ئىپادىلەپ بۇ كىتاپنى يازغان. ئۇزۇن ۋە مۇشەقەتلىك سەپەر،سەرسانچىلىقتا ئىگەللىگەن مەلۇمات ۋە ماتىرياللار بۇ كىتاپ ئۇچۇن مۇھىم مەنبە بولغان،مەھمۇد قەشقىرى ئۆز كىتابىدا:"ئۆز دەردىنى ئېيتىش ۋە تۈرۈكلەرگە يېقىش ئۇچۇن،ئۇلارغا تۇركىي تىلىدا سۆزلىشىشتىن باشقا ياخشىراق يول يوق" دىگەندىن باشقا " تۈركي تىلىنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقى" نى يازغان. چۈنكى،ئەرەبلەر ئىچىدىكى قىسمەن ھاكاۋۇر شەخىسلەر تۈرۈكلەرنى "ئەجەمى"(كېكەچلەر) دەپ كەمسىتىدىغان ئەھۋاللار بولغان. مەھمۇد قەشقىرى يەنە:"ئەدەبى يادىكارلىق ۋە پۈتمەس-تۈگۈمەس بىر بايلىق بولۇپ قالسۇن دەپ،ئۇلۇغ تەڭرىگە سېغىنىپ،بۇ كىتابنى تۈزۈپ چىقتىم ۋە ئۇنىڭغا "دىۋانى لۇغەتىت تۈرۈك"(تۇركىي تىللا دىۋانى) دەپ ئات قويدۇم" دىگەن.
^ tg<K بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە،تابغاچ بۇغرا قاراخان-ئەبۇ ئەلى ھۈسەيىن ئىبنى سۇلايمان ئارسلانخان ئەرەب ئابباسىلار خەلپىلىكىنىڭ يېڭى خەلپىسى مۇقتەدى مىئەمرۇللانىڭ تەخىتكە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن باغدادقا ئەۋەتكەن ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە مەھمۇد قەشقىرىمۇ خەلپە ھوزۇرىغا كىرىپ "تۇركىي تىللار دىۋانى" نى يېڭى خەلپىگە تەغدىم قىلغان ئىكەن.
j*jo@N| ouFYvtF g 17. ئانا ۋەتەن تەشنالىقى
y)!5R 3b `Kr,>sEAM مەھمۇد قەشقىرى يازغان"تۇركىي تىللا دىۋانى" دىگەن كىتاپ،خەلپىلىكىنىڭ بۇيرىقى بىلەن ئوردا دىۋانخانىسىدا بىر نەچچە نۇسخا كۆپەيتىپ تارقىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەھمۇد قەشقىرىنىڭ نام-شۆھرىتى دۇنياغا پۇر كېتىپتۇ. لېكىن،نام-شۆھرەت،شاھانە ئىززەت-ئېكراملار باغدادتا مۇساپىرچىلىق بىلەن ياشاۋاتقان ئالىمنىڭ قەلبىنى ئىگەللىگەن ئانىسى بۇبى رابىيە ۋە تۇغۇلغان ۋەتىنىگە بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىنى بەزلىيەلمەپتۇ. بۇ كۇنلەردە مەھمۇدنىڭ پۇتكۇل ئەس-يادى ئانا يادى بىلەن،ۋەتەن يادى بىلەن بەنىت بوپتۇ. يېشى ئۇلغايغانسېرى ئۆزى توپلىغان "دېھقاننىڭ ياخشىسى چامغۇر تەرىيدۇ،ئادەمنىڭ ياخشىشى ئوز يۇرتىدا قېرىيدۇ" دىگەن خەلق ماقالىسى يادىدىن كەتمەي،ئۆز يۇرتىنى كۆرۇش ئارزۇسىنىڭ ئوتى بولۇپ تۇتۇشىپتۇ. يۇرتنىڭ ئاپئاق چامغۇرى،ئاقار دەريالىرى،توتىيا تۇپرىقى كۆز ئالدىدىن نۇر پەردە بولۇپ تىزىلىپ ئوتۇپتۇ.
cH?B[S;] دەل شۇ چاغلاردا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۇچۇن "كارۋان بۇيۇك" يولى بىلەن سەپەرگە چىققان قورۇل-شائاشۇقلۇق كارۋان بەشى مالىك ۋە ئەسقەر ئىسىملىك ئىككى كىشى باغداد شەھرىگە كەپتۇ،ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۇستازى ۋە شاھزادىسى بولغان مەھمۇد ئىبنى ھۈسەيىننى ئىزدەپ تېپىپ،زىيارەت قىلىپ،سوڭرە خىزمېتى ئۇچۇن ئارزۇ-مەتلۇپلىرىنى سورىغاندا،ئالىم ئاخىرقى ئۆمىرىدە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.
#[~pD:qqM كارۋان بەشى ئانا ۋەتەندىن بىر پارچە نامە ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. بۇ نامە ئوردا ۋەزىرى تەرپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، ھازىر ۋەتەندە ئەمىنلىك ۋە ئىلىم راۋاج روياپقا چىققانلىقى،ۋەتەننىڭ ئىلىم ۋە ئالىملارغا مۇھتاجلىقى، ۋەتەن مەھمۇد قەشقىرىنىڭ دۇنياۋى شۆھرىتىدىن مەمنۇنلىقى،ئىلىم بىلەن ئەلگە بەخىت يارىتىشتا ھەمدەمدە بولىشىنى خالايدىغانلىقى، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشىنى ئېھتىرام بىلەن كۇتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ئىكەن.كارۋان بېشى بۇبى رابىيە خەنىكەمنىڭ پەرزەنت داغى بىلەن باغرىنى داغلاپ،ۋەسلى دىدارى ئۇچۇن سەكپارە بولىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئېلىپ كەپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئانا ۋە ئانا ۋەتەن سېغىنىش تەشنالىقى ئوت بولۇپ يانغان مەھمۇد قەشقىرى باغداد خەلىپىسىدىن رۇخسەت ئېلىپ ۋەتەنگە قايتماقچى بوپتۇ.
&NK,VB; hB>oJC 18. ئانا سېغىنىشى
@u]rWVy;\[ v+`N*\J_ مەھمۇد قەشقىرى ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن،بوۋىسى شاھى ئەھرامنىڭ كىچىك خانىشى ئۆز ئوغلى ئىبراھىمنى تەخىتكە ۋارىس قىلىش ئۇچۇن، شاھى ئەھرام ۋە ئۇنىڭ چوڭ خانىشىدىن بولغان بالىلىرىغا زەھەر بېرىپ ئۆلتۇرگەن،شۇ قاتارىدا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ دادىسى ھۈسەيىنمۇ زەھەرلىنىپ ئۆلگەن.
Md2>3- ئوردىدا قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن،تۇل قالغان بۇبى رابىيە ئوغلىنى ئۇزاق يىللارغىچە كۇتۇپتۇ. ئۇنىڭ سېغىنىش ئوت-پىراقىدا كۆيگەن بۇبى رابىيە ئاخىرى :" قېرىغىنىمدا بولسىمۇ، كۆز نۇرۇم بالامنى ئىزدەپ تاپاي،ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرۇپ ئۆلەي، ئاھ بالام نەدىسەن؟ " دەپ ئوغلىنىڭ كېلەر يولىغا قاراپ پەرزەنت يادى بىلەن كۇن-تۇن يىغلاپ، پەرزەنت دەردى بىلەن كۆڭلىنى تىلغاپ،پەرزەنت ئىستىكىدە بېلىنى باغلاپ كۆك ئارت،ئۇلۇغ ئارت،ئوپال ئارت،مۇق يولى تەرەپنى قىبلە قىلىپ، مەغرىب تامان ئىزدەپ مېڭىپتۇ. ئۇنىڭ پۇت قولى، بەدەنلىرى يېرىلىپتۇ، ئۆرە يۇرەلمەي قەدەمدىن قالغاندا، ئۆمىلەپ،يۇمۇلنىپ مېڭىپتۇ، تىزلىرى يېغىر بوپتۇ،لېكىن،بىچارە بۇبى رابىيەگە ئوغلىنى كۆرۈش نىسىپ بولماپتۇ.ئۇ مۇق يولىدا "بالام" دەپ كېتىۋەتىپ، "يىكچى مەھەلىسى " گە بارغاندا، يول ئۇستىدە جان ئۈزۈپتۇ ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىنىپتۇ.
fM63+9I)\ *q".-u!D[ 19.ۋەتەن ۋىسالى
PCM-i{6/ .#Z%1U%P. بىر مەزگىلدىن كېيىن باغدادتتىكى ئىشلىرىنى تۈگەتكەن مەھمۇد قەشقىرى سودىسىنى پۇتكۇزگەن كارۋانلار بىلەن بىرلىكتە ۋەتەنگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. كارۋان بېشى ئۇنى ئىززەتلەپ،ئەڭ كۈچتۈڭگۈر نار تۆگىنىڭ چومى ئۈستىگە سايىۋەنلىك كۇخۇگە (كارۋات ئوي) ياساپ ئولتۇرغۇزۇپتۇ. يول-يوللاردىكى خەتەرلىك داۋان ئوتكەل ۋە تار-قىستاڭ يوللاردا ئۇنى يۇدۇپ ئوتكۇزۇپتۇ. كارۋان ھىرات،كۆك ئارت،ئۇلۇغ ئارت،مۇق يولى،ئوپال ئارت،بىلەن ئۇچ ئاي چامىسى يۇرۇپتۇ.كارۋان دەبىتتىن ئوتۇپ،گەز دەرياسىنى بويلاپ،40 كەچىكتىن ئۆتۇپ، ئۇلۇغ ئارت داۋانىغا كەلگەندە،ئۇنى داۋاندىن يۇدۇپ ئوتكۇزۇپتۇ، نىھايەت مەھمۇد قەشقىرى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا ۋەتەنگە ساق-سالامەت قايتىپ كەپتۇ.
sq[iY "كارۋان بۇيۇك" يولىدىكى كۆۋرۈك بېشى دىگەن يەرگە كەلگەندە، مەھمۇد قەشقىرى ھايات بۇبى رابىيەنى ئەمەس،پەرزەنت پىراقىدا تولا يىغلاپ كۆز يېشى قۇرۇغان، ھىجران ئوتىدا كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان مېھرىبان، غەمگۇزار ئانىسى بۇبى رابىيەنىڭ قەبرىسىنى كۆرۈپ،قەبرىگە ئۆزىنى ئېتىپ،ئانا قەبرىسىنى پەرزەنتلىك سېغىنىش يېشى بىلەن يۇيۇپتۇ،نەزىر-چىرىغىنى ئوتكۇزۇپ، تۇپرىغىنى قاتۇرۇپتۇ.
CS-uNG6 F\k+[`%{ ;)e2@'Agl 20."مەدىرسەئى مەھمۇدىيە " ۋە "نورۇز بۇلاق"
rKf-+6Na بۇبى رابىيە خەنىكەمنىڭ ئۆلۈم نەزىرىگە قەدەم تەشىرىپ قىلغان تاجدارلار ۋە ئوردا ئەربابلىرى مەھمۇد قەشقىرىنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپتۇ. ئوردا ۋەزىرى شەخسەن ئۆزى زىياپەت تەييارلاپ مەھمۇد قەشقىرىنى زور داغدۇغا بىلەن كۇتۇۋاپتۇ. زىياپەت ئەھلىنىڭ كۆزلىرىدە شادلىق نۇرى جەۋلان قىپتۇ. ھەتتا نۇرغۇن بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كۆزلىرىدىن خوشاللىق ئۈنچىلىرى تۆكۈلۈپتۈ.
,JN8f]a^"g ئوردا ۋەزىرلىرى ئىلىم بىلەن ئەلنى روناق تاپتۇرۇش، ئىلىم بىلەن ئەلگە بەخىت يارىتىشتا ھەمجەھەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ،مەھمۇد قەشقىرىنى ئوردا خىزمىتىگە سەئى قىپتۇ، لېكىن مەھمۇد قەشقىرى چوڭقۇر تەشەككۇر بىلەن ئۆزرە بايان قىلىپ،قالغان ئۆمىرىنى ئىلىم يارىتىش ۋە ئىلىم تارىتىش ئىشىغا بېغىشلايدىغانلىقىنى ئىزھار قىپتۇ.
]=";IN:SU مەھمۇد قەشقىرى ئۆز ئەقىدىسىگە مۇۋاپىق ئوپالدا بىر ھەيۋەتلىك مەدىرىسە بىنا قىلىپ،مەدىرىسەنىڭ مەھرابىغا "ئايىغۇچى ۋە كۆيىنگۇچى ئاللانىڭ ئېتى بىلەن باشلايمەن، پەقەت ئاللالا ياردەم بېرەلەيدۇ" دىگەن خەتنى پۈتۈپتۈ. ئۇ ئۆزى مۇدەررىس بولغان بۇ مۇدەرىسە " مەدرسەئى مەھمۇدىيە" دەپ ئاتىلىپ، شان-شۆھرىتى مەشرىقتىن مەغرىپكىچە پۇر كېتىپتۇ. تەرەپ-تەرەپتىن، ھەتتا ئەرەب،ئەجەم ئەللىرىدىنمۇ نۇرغۇن تالىپلار كېلىپ ئوقۇپتۇ. تالىپلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئۇستازى مەھمۇد قەشقىرىنى ھۆرمەتلەپ "ھەزرىتى موللام" دەپ ئاتايدىغان بوپتۇ.
:WL'cJ9a مەدىرسە ئالدىدا زۇمرەتتەك سۇزۇك سۇ ئوقچۇپ چىقىپ تۇرۇدىغان بىر بۇلاق بولۇپ، ياز كۇنلىرى ھەممە تالىپلار بۇلاق بېشىدا ئارام ئالغاچ پەر بىيىت ئەيتىشىش، نەزىم پۇتۇش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن،ھەر يىلى نورۇز مۇراسىمىدا مەھمۇد قەشقىرى ئېز تالىپلىرى بىلەن "سۆسەر ئاغزى" دىكى بۇلاق بويىغا كېلىپ،سەيلە قىلىدىكەن.نورۇزنامىلەرنى پۈتۈشۈپ،ئەلگە ۋە ئىلىمگە راۋاج،پاراۋانلىق تىلىشىپ بۇلاققا
#ap9Yoyk\ تاشلىشار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇلاقنىڭ نامىمۇ "نورۇز بۇلاق" دەپ ئاتىلىدىغان بوپتۇ.
q^L<X) z0*_^MH 21."ئىمام مالىك ئەجدەر"
wqW0v\ مەھمۇد قەشقىرى يىنىپ كەلگەندىن كېيىن"مارجان بۇلاق" بېشىدىكى "مەرىسەئى مەھمۇدىيە" دە دەرس ئۆتۈپتۇ. چەت ئەلدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئاكا-ئۇكا ئىككى شاگىرت بولۇپ،بىرسى ئىمام مالىك ئەجدەر، بىرسى ئىمام مالىك ئەسقەر ئىكەن.ئىمام مالىك ئەجدەرنىڭ ئەسلى ئىسمى - ئىمام مالىك ئەكبەر ئىكەن.
R@#G>4 بىر كۈنى كېچىسى بۇ ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن سىرتقا چىقىپ كېلىۋاتسا،بىر دېھقان يىگىت يېرىم كېچىدە يىرىگە قوش ھەيدەۋاتقان،يىگىتنىڭ ئانىسى ئارقىسىدىن يىغلاپ،چىراغ تۇتۇپ ئەگىشىپ يۈرگەن ئىكەن. بۇنى كۆرگەن ئىمام مالىك ئەكبەر:"نىمىشقا يىغلايسىز؟" دەپ سورىسا،ئەھۋال مۇنداق ئىكەن : شۇ ئەتىراپتىكى تاغ ئۆڭكۈردە بىر ئەجدىرھا بولۇپ،ھەر يىلى دېھقانلارنىڭ بىردىن بالىسىنى يەيدىكەن،بولمىسا،خەلىققە بالايى ئاپەت ياغدۇرۇدىكەن. شۇ كۈننىڭ ئەتىسى ئۇ يىگىتنى يىيىش نۆۋىتى كېلىپ قاپتۇ،شۇڭا يىگىت ئۆلۇش ئالدىدا ئانىسىغا يەرنى تېرىپ بېرىپ كېتىش ئۈچۈن كېچىلەپ قوش ھەيدەۋاتقان،ئانىسى بولسا بالىسىغا چىدىماي، ئارقىسىدىن ئەگىشىپ يىغلاۋاتقان ئىكەن.
&0( ئىمام مالىك ئەكبەر ئەجدىھانى ئۆلتۈرۈشكە نىيەت قىپتۇ ۋە ئۇستازىدىن ئىجازەت سوراپتۇ.مەھمۇد قەشقىرى ئىمام مالىك ئەكبەرنىڭ بارماسلىغىنى،ئەجدىھانى ئۆلتۈرۈشكە ئۆزى بېرىشنى قارار قىلىپ،ئىككى قېلىچنى ئېلىپ چىقىپتۇ.ئىمام مالىك ئەكبەر ئۇستازىنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ:"مەن باراي" دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋاپتۇ.مەھمۇد قەشقىرى نائىلاج ئىمام مالىك ئەكبەرگە ئەجدىھانى ئۆلتۈرۈشكە ئىجازەت بېرىپتۇ.ئىمام مالىك ئەكبەر كۆك ئىنەكنىڭ سۈتىنى ئىچىۋىلىپ،بېلىگە ئىككى قىلىچنى ئىككى يانغا كېرىپ چىڭ تىڭىپ،ئەجدىھانىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ.ئەجدىھا دەم تارتىش بىلەنلا ئىمام مالىك ئەكبەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن كىرىپ ئەجدىھانى ئىككىگە بۆلۈپ تاشلاپتۇ لېكىن،ئۇ ئىچكەن سۈتكە سۇ ئارلاشقان بولغاچقا،زەھەر قايىتماي،ئۆلۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەھمۇد قەشقىرى بۇ پىداكار شاگىرتىغا "ئىمام مالىك ئەجدەر" دەپ نام بېرىپتۇ،ۋە ئۇلۇغلاپ ئۇزۇتۇپتۇ.
@b~fIW_3> AT)a :i 22.مەھمۇد قەشقىرى بىلەن ئىخلاسمەن ئەما
PeE/iZ. مەھمۇد قەشقىرى "مەدىرسەئى مەھمۇدىيە" دە مۇدەرىسلىك قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە،ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىرىدىن بىرى:"مەن دەرگاھى ھەقتىن دائىما ناھايىتى كاتتا نەرسىلەرنى سورايمەن،ۋەدە بېرىمەنكى،سېنىڭ ئۇلۇغ ۋە كەرەملىك دەرگاھىڭدىن ناپىسەنت نەرسە سورىغۇچىلارنىڭ كۆزى كور بولسۇن " دەپتۇ.
\Ro^*4B مەھمۇد قەشقىرى ئۇنىڭدىن:
q;wLa#4)J - سېنىڭ سورايدىغان كاتتا نەرسەڭ نىمە؟- دەپ سورىغان ئىكەن. ئۇ:
;eZ#b jw-d - جانابىلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغان مۇشۇ تاغنى قىپقىزىل ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇپ بەرسە دىگەن ئىلتىجا ئىدى - دەپتۇ.
aRJ>6Q} ئارىدىن 2-3 يىل ئۆتۈپ،ھېلىقى ئىخلاسمەن بىر چاكىرغا ئۆزىنى يېتىلەنكىنىچە مەدىرسىگە كىرىپ،سالامدىن كېيىنلا كور بولۇپ قالغانلىقىدىن زارلاشقا باشلاپتۇ.مەھمۇد قەشقىرى ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ:
l@hjP1o -تەڭرى بىزگە يەتتە ئەزادىن ئىبارەت تۈگۈمەس بايلىقنى ئىھسان قىلدى.ئۇنى چۈشىنىپ يېتىشكە بىزنىڭ ئەقلىمىز كوتالىق قىلىدۇ،چۈنكى، بىزگە بېرىلگەن بۇ بايلىقنى جايىدا ئىشلەتمىسەك،دۇنيادىكى ھەممە تاغلارنىڭ ئالتۇن بولغىنىدىنمۇ ئارتۇق بايلىق بولار ئىدى.سەن دىگەن مۇشۇ تاغنىڭ ئارزۇ قىلغىنىڭدەك ئالتۇن بولغىنىدىن كۆرە كۆزىڭنىڭ ئەما بولمىغىنى خوپراق ئىدى- دەپتۇ.
m3g2b _; -مەن تەڭرىمگە تائادەت-ئىبادەت قىلىپ ئۇنىڭدىن نىمەت سورىسام،ئۇ مېنىڭ كۆزىمدىن كىچىككىنە نۇرنىمۇ ئېلىۋېلىپ ئەما قىلىپ قويامدۇ،بۇ قانداق ئادالەت؟- دەپتۇ ھېلىقى ئىخلاسمەن.
WWZ9._ -ئۇنداق دىمە،- دەپتۇ مەھمۇد قەشقىرى-- تەڭرىم سېنىڭ دۇئالىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ئىجابەت قىلىپ ئادالىتىنى زاھىر قىپتۇ. تاغنى ئالتۇن قىلىپ بېرىشنى تىلىگەن ئىدىڭ،ئۇنىڭدىن كاتتىراق بايلىق بولغان تەن سەھەتلىكىڭنى بېرىپ ساڭا مەرھەمەت ئېھسان قىلدى.سەن ئۇنى توغرا ئىشلىتىپ بەجا كەلتۈرمەي خەسىس دۇنيا ئارزۇسىدا بولغانسەن.سەن ئۆز تەلىپىڭدە " ئاز نەرسە سورىغۇچىلارنىڭ كۆزى كور بولسۇن" دىگەن ئىدىڭ،بۇ دۇئا تەلىپىڭمۇ ئىجابەت بوپتۇ. چۈنكى،دەرگاھى ھەقنىڭ ئالدىدا تاغلارنى ئالتۇن قىلماقتىنمۇ ئاددى ۋە ئاز نەرسە بولمايدۇ.ئەگەر سەن مەندىن:"تەڭرىگە دۇئا قىلىشىڭدىكى تەلەپ-مەقسىدىڭ نىمە؟ دەپ سورىساڭ ئىدىڭ. مەن ساڭا:"تەڭرىگە قىلىدىغان ئەڭ ئالى تىلەك -تەن سەھەتلىك،خاتىرجەملىك،ئەقىل ۋە ئىلىمگە كامالەت بەرگىن"دىگەندىن ئىبارەت دەپ مەسلىھەت بەرگەن بولار ئىدىم.- دەپتۇ.
j` /&r*zNq OW(&s,|6x 23. مىڭ بىر تۈپ ئۈجمە
7a$G@ قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋىردە قەشقەرلىك بىر سودىگەر تىجارەت بىلەن كۇچاغا بېرىپ قاپتۇ.سارايۋەن "بىرەر ئايلىق بولسىمۇ ئۆيلىنىپ ئالسىلا " دەپ بىر ئايالنى سەئى قىلىپ ئۆيلەپ قويىپتۇ.بىرەر ئايدىن كېيىن سودىگەر ئايالىنىڭ خېتىنى بېرىپ،تىجارەت بىلەن ئىلىغا چىقىپ كېتىپتۇ.
B )JM%r ئارىدىن 15-20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن،ھېلىقى سودىگەر يەنە كۇچاغا كېلىپ،ھەمسەپۋەرلىرىنىڭ دەۋىتى بىلەن بىر چوكانغا ئۆيلىنىپتۇ، نىكاھتىن كېيىن سودىگەر:"خېنىم، ئاتا ئانىلىرى بارمۇ؟" دەپ سوراپتۇ. ئۇ چوكان" دادامنى بىلمەيمەن، ئانامنىڭ دەپ بېرىشىچە،مېنىڭ دادام قەشقەرلىك بىر پالانچى دىگەن سودىگەر ئىكەن.ئۇ ئانامنىڭ خېتىنى بېرىپ ئىلىغا چىقىپ كېتىپتۇ.ئانام پۇستانچى مۇشۇ كۇچانىڭ شەھەر ئىچىدىن.ئانامنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئىككى يىل بولدى.ماڭا تاغام ئاتىدارچىلىق قىلىدۇ" دەپتۇ.
L {ymI)Y^ ئۆز قىزىغا ئۆيلىنىپ قالغانلىقىنى بىلگەن سودىگەرنى قارا تەر بېسىپتۇ- دە:" تالاغا چىقىپ كىرەي" دىگەن باھانە بىلەن ئۆيدىن چىققىنىچە قەشقەرگە قايتىپ كەپتۇ.ئۇ ئۆتكۈزگەن بۇ گۇناھىنى يۇيۇش ئۇچۇن ھىچقانداق چارە تاپالماپتۇ.شۇ چاغدا ئوپالدىكى "مەدىرسەئى مەھمۇدىيە" دە مۇدەررىسلىك قىلىدىغان،كۆپنى كۆرگەن،كۆپنى بىلىدىغان،ھەرقانداق مەسىلىگە جاۋاپ بېرەلەيدىغان،قولىدىغان كېلىدىغان ياخشىلىقنى ھىچ كىشىدىن ئايىمايدىغان ئىلىم تەلەپكارلىرىنىڭ پىرى ھەزرىتى موللام ئەللامە مەھمۇد قەشقىرى ئىسىملىك،ئالى مەلۇماتلىق بىر ئۇلۇغ ئولىمانىڭ بارلىغىنى ئاڭلىغان سودىگەر مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن ئوپالغا بېرىپتۇ. ئۇ مەھمۇد قەشقىرىگە بېشىدىن كەچۈرگەن سەزگۇرەشتىنى ئېيتىپ،قانداق قىلسا بۇ گۇناھى كەبىرنىڭ يۇيۇلۇشى توغۇرسىدا مەسلىھەت سوراپتۇ.
n|4;Hn1V -- بىئەدەت گۇناھ بوپتۇ.بۇنىڭ بىردىن بىر بابراق يولى شۇكى،خۇدا يولىدا مىڭ بىر تۈپ ئۈجمە تىكىپ مىۋىگە كىرگۈزۈڭ. ئۈجمە تولۇق تۇتۇپ مىۋىگە كىرىپ،جان-جانىۋار،ئادەمزات يەپ،يەرگە قانچىلىك كۆپ تۆكۈلسە،سىزنىڭ گۇناھىڭىز شۇنچە تۆكىلىدۇ-دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ.
3|Y!2b(:? ھېلىقى سودىگەر دەرھال تۇتۇش قىلىپ،كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىغا مىڭ بىر تۈپ ئۈجمە كۆچىتى ئەھيا قىپتۇ.
ER{3,0U '?Iif#Z1 ئوپال يېزىسىنىڭ "موللام بېغى" كەنتىدىكى مەھمۇد قەشقىرى قەبرىگاھى جايلاشقان تۆپىلىككە بارىدىغان كوچىنى ھازىر كىشىلەر "ئۈجمىلىك كوچا" دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى 17 تۈپ قېرى ئۈجمە دەرىخى ئەنە شۇ مىڭ بىر تۈپ ئۈجمىدىن قېپقالغانلىرى بولۇپ،ھازىرغىچە مۇھاپىزەت قىلىنىپ ساقلانماقتا.
\T-~JQVj [B?z1z8l 24. "ھاي-ھاي تېرەك"
`!w^0kZ مەھمۇد قەشقىرى ئەينى چاغدا مەدىرسەئىنى پۈتكۈزۇپ ئۇستازىدىن دۇئا ئالغاندا :"ئۇستازىم،مېنىڭ تۇپرىقىم قەيەردە بولار؟" دەپ سوراپتىكەن.ئۇستازى :"بىر ئۆمۈر ساڭا ھەمرا بولغان ھاسساڭ كۆكلىگەن جايدا بولۇر" دەپتىكەن.
e4qj .b F1A1@{8bN مەھمۇد قەشقىرىنىڭ يېشى ئۇلغايغانسېرى سالامەتلىكى ياخشى بولماي قاپتۇ.كۈنلەردىن بىر كۈنى مەھمۇد قەشقىرى ھاسسىسىغا تايىنىپ تۇرۇپ تاھارەت ئۈچۈن "مارجان بۇلاق"تىن سۇ ئالغان ئىكەن، ھاسسىسى بۇلاق بويىغا سانجىلىپ قاپتۇ. ھاسسىسى سانجىلىپ قالغان يەردە قويۇپ،ئېۋرىقنى ئېلىپ تاھارەت ئاپتۇ،ئۇ تاھارەتنى ئېلىپ بولۇپ،ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ قارىسا ھاسسا كۆكلەپ كېتىپتۇ.بۇنى كۆرگەن مەھمۇد قەشقىرى :" ھاي-ھاي، ئەجەپ كۆكلەپ كېتىپسەنغۇ؟" دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكىلەر بۇ ھاسسىدىن كۆكلەپ چىققان بۇ تېرەكنى "ھاي-ھاي تېرەك" دەيدىغان بوپتۇ.
te2Iu%5 z =%h~/, مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ ئىخلاسمەنلىرى ۋە تالىپلىرى،ئۇرۇق-تۇققان،دوست-يار،ئەقرىبالىرىغا ئۆزى ئالەمدىن ئۆتكەندە "ھاي-ھاي تېرەك" نىڭ چوڭ شېخى كۆرسىتىپ تۇرغان دۆڭگە دەپنە قىلىشنى ۋەسىيەت قىپتۇ. بۇ تېرەك ھازىرمۇ "مارجان بۇلاق" بېشىدا كۆكلەپ تۇرماقتا.
FWTx&Ip 9!t4> 25.مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ۋەسىيىتى
J#7(]!;F مەھمۇد قەشقىرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان تولىيەگە مۇنداق ۋەسىيەت قالدۇرغان ئىكەن :" ھەزرىتى موللام مۇلەققەب (لەقەم) ئىسمى مەۋلانا شەمسىددىن ئەللامە مەھمۇدىيەدۇرمەنكى،پاتمانلىق يېرىمنى ۋەخپە قىلدىم. مەندىن كېيىن،مېنىڭ ئەۋلادىمدىن كىم شەيىخ،مۇتىۋەللى بولسا،مەزكۈر زىمىننى تېرىپ ساتمىغان،مۈلۈك قىلىپ ئالمىغان،مىراس قىلىپ ئالمىغان شەرت بىلەن زىمىندىن چىققان مەھسۇلاتنى ئوق قىلىپ،شەيخ ئوق يەيدۇ،مۇتىۋەللى ئوق يەيدۇ.ئوقنى شىكەستىكىلەرگە (رېمۇنىتخانىغا) ۋە قەبرەمنى زىيارەت قىلغىلى يىراق-يېقىندىن كەلگەنلەرگە سەرىپ ئېتىدۇ"
5L&:_iQZy ئەسكەرتىش: ياقۇببەگ دەۋرى (1865-1877) دە قەشقەر تەۋەسىدىكى بارلىق مازارلارنىڭ تەزكىرە ۋە تۇلىيەلىرى يىغىۋېلىنغان. شۇ قاتارىدا مەھمۇد قەشقىرى مازىرىنىڭ تەزكىرىسى بىلەن يۇقىرقى تولىيە ھۆججەتمۇ ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ ھەقتە 1957-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق موزىيى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئوپال رايونىنى تەكشۈرگەندە قالدۇرغان خاتىرىسى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىيى مەدىنىيەت يادىكارلىقلار ئەترىتىنىڭ ئارخىپىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.
VC=6uB !P" ? 26.مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ۋاپاتى
`D)S-7BR مەھمۇد قەشقىرى "مەدىرسەئى مەھمۇدىيە" دە 15-20 يىل مۇددەرىس بولۇپ،نۇرغۇن تالىپلارنى يېتىشتۇرۇپتۇ. ئۇ دەرس گويلۇق قىلىپ،ئۈچ قەرنە ئۆمۈر ئۆتكۈزۈپ،97 يېشىدا دۇنيادىن ئۆتكەن.ئۆز ۋەسىيىتىگە بىنائەن مەھمۇد قەشقىرى ئوپالنىڭ كۈن يورۇش تەرىپى قۇمباغ تۆپىلىكىدىكى "مارجان بۇلاق" بېشىدىكى تۆپىلىككە دەپنە قىلىنغان.
apaIJ+^[ ئۇلۇغ ئالىمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان پۈتكۈل ئەل-يۇرت جۇۋا-تەلپەكلىرىنى تەتۈر كىيىپ،كۆك تاياقتىن ھاسسا تۇتۇپ يىغلىغان.سىپاھ-سالالەر دەستار پەتلىسىنى چۈشىرىپ،ئوقيا-قىلىچلىرىنى يەرگە ياتقۇزغان.تۆگىلەرنى بوتقىلاقلىرىدىن ئايرىپ بوقىرتىپ،ئاتلىرىنى لەرزان يېتىلەپ،يەتتە كېچە-كۈندۈزگىچە گۇروھ-گۇرۇھ،ئايماق-ئايماق بولۇپ ماتەم بىلدۈرۈپ،دۇئايى خەيرى قىلىشقان.ئېقىندىكى "قارا جىلغا" سۈيى بىلەن "قىزىل جىلغا" سۇلىرى مەۋىج ئۇرۇپ،ئالىمغا ماتەم تۇتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
/'Bdq?!B& پۈتكۈل ئەل ئۇ زاتنىڭ ۋاپاتىغا تۆۋەندىكى مەرسىيەنى ئوقۇپ تەزىيە بىلدۇرگەن:
`]LODgk~ ZE ^u .>5 ئەلۋىدا،ئەي شەيىخ مەۋلانايى پىرىم،
V*kznm ئەلۋىدا، مەھمۇدى ئىسىمىڭ ھەمدە ئۆگرەتتىڭ بىزىم.
4Qhx[Hv>( ئەلۋىدا،بەخىت ئاتا قىلسۇن ساڭا قادىر خۇدا،
}*ODM6 ئەلۋىدا،ئەي ئىلىمۇ ئېرپان نۇرى ئەينى خۇلقى ئەزىم.
2:n|x5\H يا ئىلاھ جەننەتتە بولغاي پىرىمىز،ئۇستازىمىز،
&?v#| qIh نامىڭىزنى تاغقا تەھبىز ئەيلىدۇق مەۋلانىمىز.(تەھبىز- ئوخشىتىش،قوشۇش مەنىسىدىكى سۆز)
uq]iMz> O<Jwaap مەھمۇد قەشقىرى قەبرىگاھى جايلاشقان تاغ بۇ ئېغىر مۇسىبەتتىن ھالسىزلىنىپ،قۇمباغدىن تاكى ئوپىلات"قىرىق بۇلاق" قىچە سوزۇلغان گەۋدىسىنى ئۆرە قىلالماي،مۇكچىيىپلا كەتكەنلىكتىن "ھەزرىتى موللام تېغى" دەپ ئاتالغان.مەھمۇد قەشقىرى "ھەزرىتى موللام" ئىلىمىگە ھۆددىگەر پىرىم دەپ ئاتىلىپ،ھەر يىلى ھەرقايسى جايلاردا مەدىرسە ئوقۇشنى پۈتكۈزگەن تالىپلارغا ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈپ "نورۇز بۇلاق"
ltP سۈيىدە تاھارەت ئېلىپ دۇئا-تەكبىر قىلىپ،ئۇنىڭدىن ئىجازەت ئېلىش ۋە كىتاپ ۋەخپە قىلىش ئادەتكە ئايلانغان."نورۇز بۇلاق" بولسا ھەر يىلى نورۇز پەسلىدە قەشقەر تەۋەسىدىكى مۇھىم سەيلىگاھقا ئايلىنىپ،پەر بىيىت ئېيتىشىش ۋە ھوشۇرنىڭ ئايىمىدە تۈنەش پائالىيىتى تاكى بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن..
M44_us تامامى ۋەسسالام.
x ru(Le}E fHW-Je7mG مەنبەسى :
http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=10267