ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 3478 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : ئىسلام ، ئەقىل ۋە كۆڭۈل ...
ئۆزۈمنى ئىزدەۋاتىمەن ...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
UIDنومۇر: 3972
نادىر تېما: 1
يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ئەزا ھازىرغىچە6دانە
شۆھرىتى: 29 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 310 يۈەن
تۆھپە: 20 قېتم
ياخشى باھا: 19 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 340(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:7دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:340 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:10 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:294 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:233 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-01-20
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-03-22
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-04 14:32

0
تېما:ئىسلام ، ئەقىل ۋە كۆڭۈل ...
يوللىغۇچى:fahru | يوللىغان ۋاقىت :2011-02-04 14:32 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:3478

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ يازما bayawan تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-02-04)
   سىز يالغۇز سەپەر قىلىۋېتىپ ئالدىڭىزدا بىر ئاچا يولنى كۆرسىڭىز ، بىرى تاققا ئۆرلەپ چىقىدىغان مېڭىش ناھايىتى قىيىن بولغان داۋان ، يەنە بىرى تۈپتۈز مېڭىش ئاسان بولغان يول . بىرىنجى يول ئىگىز-پەس ، تاش-تىكەن ، ئازگاللىق بولۇپ، مېڭىش قىيىن ئىكەن . لېكىن بۇ يولنىڭ ئالدىغا « بۇ يولنىڭ بېشى ئىگىز-پەس ، مېڭىش قىيىن ، ئەمما بۇ يول كۆزلىگەن نىشانغا يەتكۈزىدىغان توغرا يول .» دەپ يېزىلغان ئىكەن . يەنە بىر يول بولسا ئاسفالىتلانغان بولۇپ ئۇنىڭغا گۈللەر، دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدىكەن . بۇ يولنىڭ ئىككى تەرپىدە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ، دىل ھۇزۇرلىنىدىغان ، كۆز خۇرسەن بولىدىغان ، قۇلاققا خوش ياقىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن . لېكىن بۇ يولنىڭ ئالدىغا « بۇ يولنىڭ ئاخىرسىدا چىققىلى بولمايدىغان ھەقىقى ھالاكەت بار .» دەپ يېزىلغان ئىكەن . `6A"e Da  
  سىز بۇ ئىككى يولنىڭ قايسىسىدا ماڭىسىز ؟ ... @&+1b=  
شەك-شۈبھىسىزكى ، كۆڭۈل قىيىنسىز ئاسانغا ، دەرتسىز لەززەتكە مايىل بولىدۇ ، ئەركىنلىكنى ياخشى كۆرىدۇ ، كىشەننى يامان كۆرىدۇ . بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا ئورۇنلاشتۇرغان تەبىئەت . ئىنسان كۆڭۈل خاھىشىنى ئىختىيارىغا قويۇپ شۇنىڭغا ئەگەشسە ئىككىنجى يولغا ماڭىدۇ . لېكىن ئەقىل ئارلىشىپ ھازىرقى قىسقىغىنا لەززەتكە ئەگىشىپ كېلىدىغان مەڭگۈلۈك دەرد-ئەلەم  بىلەن ۋاقىتلىق مۇشەققەتتىن كېيىن كېلىدىغان مەڭگۈلۈك لەززەتنىڭ ئوتتۇرسىنى سېلىشتۇرىدۇ-دە بىرىنجى يولنى تاللايدۇ ، مانا بۇ جەننەت بىلەن دوزاقنىڭ مىسالى . o\#C] pp  
  دوزاق يولىدا بارلىق لەززەتلىك ، كۆڭۈللۈك نەرسىلەر بار بولۇپ ، كۆڭۇل شۇنىڭغا تەلپۈنىدۇ . ئۇ يولدا چىرايلىقلارغا ، ئۇلارنىڭ شەرمەندە يەرلىرىگە قاراش ۋە شەھۋەتكە ، ئۇنىڭ لەززىتىگە بېرىلىش ۋە قانداقلا ئۇسۇل بىلەن بولمىسۇن مال-دۇنيا يېغىش بار بولۇپ ، بۇ يولدىكى مال بەك سۆيۈملۈك ۋە تاتلىق . بۇ يولدا باش-باشتاقلىق بار ، كۆڭۈل شۇنى ياخشى كۆرىدۇ ، چەكلىمىنى يامان كۆرىدۇ .  ;P_Zen  
  جەننەت يولىدا جاپا-مۇشەققەت ، قىيىنچىلىق ،چەك-چىگرا ، بەلگىلىمە ، كۆڭۈلگە قارشى تۇرۇش ، ھاۋايى-ھەۋەستىن يىراق بولۇش بار . لېكىن جەننەت يولىدىكى جاپا مۇشەققەتنىڭ ئاقىۋىتى ئاخىرەتتىكى دائىملىق لەززەتتۇر . دەزاخ يولىدىكى ۋاقىتلىق لەززەتنىڭ نەتىجىسى جەھەننەمدىكى مەڭگۈلۈك ئازابتۇر . مەسىلەن : ئوقۇغۇچى ئىمتىھان كىچىلىرىدە ناھايىتى خوشال-خورام تېلىۋىزور كۆرۈۋاتقان ئائىلە كىشىلىرىنى تاشلاپ ، يالغۇزھالدا كىتاب-دەپتەرلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ جاپا چىكىدۇ . شۇ جاپادىن كېيىن ئىمتىھاندىن ئۆتۈش خوشاللىقىغا ئېرىشىدۇ . كىسەل ياخشى تائاملاردىن بىر نەچچەكۈن پەرىز تۇتۇش ئازابىغا بەرداشلىق بەرسىلا كېيىن سالامەتلىكىنىڭ لەززىتىگە ئېرىشىدۇ . -|lnJg4  
  ئاللاھ تائالا ئالدىمىزغا ئىككى يولنى قويدى ، ۋە بىزگە ئاشۇ ئىككى يولنى ئايرىيدىغان ئىقتىدارنىمۇ بەردى . كىشىلەر ئىقتىدار ئارقىلىق ياخشى-ياماننى ئايرىپ ، يامانلىقلاردىن ئۆزىنى توسىيالايدۇ . كىشىلەرنىڭ دىللىرى ياخشى ئىش قىلغان ۋاقىتتا راھەتلەنسە ، يامان ئىش قىلغان ۋاقتىدا ئالاقزادە بولىدۇ . 'a}{s>{O  
  ئاللاھ تائالا جەننەت يولىغا چاقىرىدىغان ۋە شۇ يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلەرنى تۇرغۇزدى . شۇنىڭدەك دوزاخ يولىغا چاقىرىدىغان ۋەئۇنىڭغا قىززىقتۇرىدىغان ئازدۇرغۇچى شەيتانلارنىمۇ تۇرغۇزدى . ئالىملارنى بولسا پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسى قىلدى . 4*3vZ6lhu  
  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن مال-دۇنيا ، كۆچمەس مۈلۈك مىراس ئالغان ئەمەس . ئالىملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام چاقىرقىنى مىسراس ئالدى . كىمكى بۇنى ھەقىقى ئېلىپ بارىدىكەن پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسى بولۇشقا لايىق بولىدۇ . بۇ چاقىرىق بولسا قىيىن . چۈنكى ئىنساننىڭ كۆڭلى باش-باشتاقلىققا مايىل ، دىن بۇنىڭغا چەكلىمە قويىدۇ . كۈڭۈل لەززەتكە مايىل ، دىن بۇنى توختىتىدۇ . كىمكى بۇزۇق ۋە خاتا ئىشلارغا چاقىرىدىكەن بۇ ھېسىياتقا مۇۋاپىق كېلىدۇ-دە ، كىشىلەر شۇ يامانلىققا چاقىرغۇچىنىڭ كەينىدىن سۇ پەسكە ئاققاندەك ماڭىدۇ . تاغ چوققىسىدىكى سۇ ئامبارلىرىغا چىقىپ ئامبارنى جوتو بىلەن ئۇرۇپ تەشسىڭىز سۇ ئېتىلىپ چىقىدۇ . سىز سۇ جىلغىغا چۈشۈپ بولغانغا قەدەر ساقلاپ تۇرۇپ ئاندىن سۇنى قايتۇرۇپ چىقىشنى ئويلىسىڭىز ، بۇ سۇنى باسما قۇدۇق ئارقىلىق ناھايىتى قىيىنچىلىق ، زور چىقىملار بىلەن قايتۇرۇپ چىقالايسىز . تاغ چوقىسىدىكى مۇستەھكەم تاشلارنى دومىلىتىش ئۈچۈن ئىتتىرىپ قويسىڭىزلا ئاسانلا دومىلاپ پەسكە چۈشىدۇ . قايتۇرۇپ چىقىشنى ئويلىسىڭىز نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت چېكىسىز ، مانا بۇ ئىنساننىڭ مىسالى . l>ttxYBa<d  
  يامان ھەمرا سىزگە بۇيەردە چىرايلىق ئايال يالىڭاچ ئۇسۇل ئويناۋاتىدۇ ، دېسە كۆڭلىڭىز ئۇنىڭغا مايىل بولىدۇ . ھېسىيات سىزنى شۇ تەرەپكە ئۈندەيدۇ . نەچچە مىڭلىغان شەيتان سىزنى ئۇ تەرەپكە ئۈندەيدۇ . سىز سەزمەستىنلا ئۇنىڭ ئىشىكىگە بېرىپ قالىسىز . ئەگەر سىزنى ئۇنىڭدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن بىرەرسى نەسىھەت قىلسا ، سىزنىڭ نەسىھەتنى قۇبۇل قىلىشىڭىز ، كۆڭلىڭىزنىڭ قىززىقىشىغا قارشى تۇرىشىڭىز قىيىن بولىدۇ . يامانلىقنىڭ چاقىرغۇچىسى جاپا چەكمەيدۇ . تىرىشچانلىقمۇ كۆرسەتمەيدۇ . لېكىن جاپا-مۇشەققەت تىرىشچانلىق كۆرستىش ۋە نەسىھەت ئارقىلىق ياخشىلىققا چاقىرغۇچى كىشىلەرگىدۇر . سىز بەدىنى ئۇچۇق قالغان قىزنى كۆرسىڭىز چىرايلىق يېرىنى كۆرۈشكە قىززىقىسىز . ياخشىلىققا چاقىرغۇچى سىزگە كۆزۈڭنى يۇم ، ئۇنىڭغا قارىما دەيدۇ . -4]6tt'G  
  ياخشىلىققا چاقىرغۇچى ئادەم كىشىلەرگە كەلگۈسىدىكى بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ھازىرقى لەززەتنى تەرك ئېتىڭلار ، ئاخىرەتتىكى ياخشىلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن كۆز ئالدىڭلاردىكى نەرسىلەردىن ۋاز كىچىڭلار ، ھېسىياتىڭلارنىڭ قىززىقتۇرشىغا ، كۆڭلۈڭلارنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىگە قارشى تۇرۇڭلار ، دەيدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆڭۈلگە نىسبەتەن ئېغىر تۇيىلىدۇ . مېنىڭ ئېغىر دەپ سۈپەتلىگىنىمنى ئىنكار قىلماڭلار . ھەرقانداق ئىسىل ئىشلار كۆڭۈلگە ئېغىر تۇيىلىدۇ. مەسىلەن : ئوقۇغۇچىنىڭ تېلىۋىزور كۆرمەي دەرس كۆرۈشى ئېغىر . ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا قاتناشماي ، دەرس ئۆتۈشى ئېغىر . ئۇخلاۋاتقان كىشىنىڭ ئىسسىق ئورۇندىن بامدات نامىزىغا تۇرىشى ئېغىر . شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسكى ئادەملەر ياخشى ئادمدىن كۆپ . ئازغۇنلۇقتا تۇرۋاتقان ، بىپەرۋا ، غاپىل كىشىلەر توغرا يولدا مېڭىۋاتقان كىشىلەردىن كۆپ . كۆپۈنچە كىشىلەر پاكىتسىز ئىشەنگەنلىكتىن تولا ۋاقىتتا ئېزىپ كېتىدۇ .   ?|33Np)  
  ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئالىملاردىن بولغان ۋارىسلىرى جەننەت يولىغا چاقىرىدۇ . شەيتانلار ۋە ئۇلارنىڭ كىشىلەر ئارىسدىكى بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان ياردەمچىلىرى دوزاخ يولىغا چاقىرىدۇ . بىزنىڭ ئىچىمىزدە شۇلارغا ياردەم بېرىدىغانلار بار. پەيغەمبەر ۋارىسلىرى ئەقىدىدە گەۋدىلىنىدۇ . شەيتاننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھېسىياتتا گەۋدىلىنىدۇ ... ھەممىمىز «مەن كۆڭلۈمگە مۇنداق دېدىم » ۋە « ئەقلىم ماڭا مۇنداق دېدى » دەيمىز ، بۇنداقتا «مەن نېمە ؟» «كۆڭلۈمچۇ ؟» «ھېسىيات دېگەن نېمە ؟» «ئەقىلچۇ؟» تېخىچە بۇ بىزگە روشەن بولمىدى . سىز قىش كىچىسى ئىسسىق ئۆي ، يۇمشاق كۆرپە ئۈستىدە تاتلىق ئۇيقۇدا ئۇخلاۋېتىپ نامازغا چاقىرىق قىلغۇچىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ، ئىچكى قىسمىڭىزدا « نامازغا تۇر ! » دېگەن نىدانى سېزىسىز . ئورنىڭىزدىن تۇرماقچى بولغىنىڭىزدا سىزدە«ئازراق ئۇخلىۋال» دېگەن يەنە بىر سېزىم پەيدا بولىدۇ . ئاندىن باشتىكى سېزىم سىزگە « ناماز ئۇيقۇدىن ياخشى » دېسە ، كىيىنكى سېزىم «ئۇيقۇ تاتلىق ، ۋاقىت كەڭرى ، يەنە بىردەم ئۇخلىۋال» دەيدۇ . ئىككى سېزىم ئارقىمۇ-ئارقا «تۇر،ئۇخلا ،تۇر،ئۇخلا» دەيدۇ . مانا بۇ ئەقىل ۋە ھېسىيات . بۇ مىڭلىغان شەكىلدە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان مىسالدۇر. ھەرۋاقىت ئىنسان بۇ ئىشلارغا دۇچ كەلسە ،كۆڭۈل ھارام لەززەتكە ئىنتىلىدۇ . ئۇكىشىنىڭ قەلبىدە ئەقلىنى لەززەتتىن توسۇپ تۇرىدىغان ئىمان بار. ئەقىلنىڭ ياردەم بېرىدىغان مەنبىئى  ئىماننىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىدۇر . بۇنىڭ مەنىسى : ئەقىل دائىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ ،مۇسۇلمانلار يامان ئىشلارغا يېقىن كەلمەيدۇ ، دېگەنلىك ئەمەس . ئىسلام تەبىيئى ۋە ئەمەلى دىن . ئەمەلىيەتتە ئاللاھ تائالا مەخسۇس ئىبادەت ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى ياراتقان . بىزنى پەرىشتە قىلمىدى ۋە ئەھۋالى گۇناھ مەئسىيەتلەربىلەن ئۆتىدىغان شەيتانلارنى ياراتتى . ئاللاھ بىزنى شەيتانغا ئوخشاش قىلمىدى . ئاللاھ يەنە ھايۋانلاردىن ئىبارەت بىر تۈرلۈك مەخلۇقلارنى يارىتىپ ئۇلارغا پەقەت سېزىملا بەردى . ئۇلار ئەمەل-ئىبادەتكە تەكلىپ قىلىنمايدۇ . قىلغان ئىشلىرىدىن سوئال-سوراقمۇ قىلىنمايدۇ . بىزنى ئاللاھ ۋەھشىي ھايۋان قىلمىدى ، ئۇنداقتا بىزنېمە ؟ ئىنسانچۇ ؟ 4aRYz\yT=  
  ئىنسان ئۆزگىچىلىككە ئىگە بىر مەخلۇق بولۇپ ، ئۇنىڭدا پەرىشتە ، شەيتان ۋە ھايۋانلاردىن مۇجەسسەملەشكەن خاراكتىر بار . ئەگەر ئادەملەر ئىبادەتنى ياخشى قىلىپ ئاللاھ بىلەن سىرداشقان ۋاقتىدا قەلبى پاك ، دىلى روشەن ھالدا ئىمان ھالاۋىتىنى تېتىيالىسا ، بۇكىشدە پەرىشتىلىك سۈپەت غەلبە قىلىدۇ . ئەگەر ياراتقۇچىسىغا ئىشەنمىسە ، پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلسا ، ياكى شىرىك كەلتۈرسە ئۇ كىشىدە شەيتانلىق سۈپەت غەلبە قىلغان بولىدۇ . ئۇ كىشىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەندە تومۇرلىرى كۆپۈپ ، قېنى قىززىپ كېتىدۇ . ئۇكىشى دۈشمىنىنى تېپىپ ، چىشلەپ ، تاتىلاپ ، گېلېىنى سىقىپ ، ئېغىز-بۇرنىدىن قان ئالمىغۇچە بولدى قىلمايدۇ. مانا بۇخىل ھالەتتە كىشىدە ھايۋانلارنىڭ سۈپىتى غالىب كەلگەن بولۇپ ،ئۇنىڭ يولۋاس ، شىردىن كۆپ پەرقى قالمايدۇ . كىشىنىڭ قورسىقى ئاچسا ، ئۇسسىسا ، تويغىچىلىك نان ، قانغۇدەك سۇ بولسا ، جىنسى قىززىقىش ئۇكىشىنىڭ خىيالىنى كونتىرول قىلىۋالغان بولسا ، زېھنى ھاۋايى-ھەۋەس بىلەن توشۇپ كەتكەن بولسا ، بۇھالەتتە ئۇ كىشىگە ھايۋانلىق سۈپىتى غالىب كەلگەن بولۇپ ، ئۇكىشى  ئىشەك ، قويغا ئوخشاش بوپ قالىدۇ . مانا بۇ ئىنساننىڭ ھەقىقىتى بولۇپ ، ئاللاھ تائالا ئىسانغا ياخشىلىق ۋە يامانلىققا تەييارلىق قىلىش ئىقتىدارىنى ۋە ياخشى ياماننى ئايرىش ئۈچۈن ئەقىلنى ، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىرادىنى بەردى .  ئەگەرئىنسان ئەقلىنى ياخشى ئىشلىتىپ ، ئىشلارنى ئورۇنلاشتا ئىرادىنى ياخشى ئىشقا سېلىپ قابىلىيىتىنى ئاشۇرسا ، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئەخلاقلىق بولسا ئاخىرەتتە بەختلىك كىشىلەردىن بولىدۇ . ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا ئازابلانغۇچىلاردىن بولىدۇ . ivm.ng[  
   توغرا ، كۆڭۈل باش-باشتاقلىقنى خالايدۇ . دىن بۇنى چەكلەيدۇ. ئەگەر كۆڭۈل ئەركىگە قويۇپ بېرىلسە ، ئۆ‍ز خاھىشى بويىچە بۇزۇق ئىشلارغا ئاتلىنىدۇ-دە ، جەمىيەت بىر پۈتۈن بۇزۇقلار جەمىيىتى بولۇپ كېتىدۇ . چۈنكى مۇتلەق ئەركىنلىك ساراڭلارغا مەنسۇپ . ساراڭ خىيالىغا كەلگەننى قىلالايدۇ . كوچىدا يالىڭاچ ماڭالايدۇ . ئۇچرىغانلار كىشىنى ئۇرۇپ-تىللىيالايدۇ . باشقىلارنىڭ ئىززەت -ھۆرمىتىگە تاجاۋۇز قىلالايدۇ ... Rq 7ksTo  
  ھەقىقەتەن گۇناھ بولىدىغان ئىشلار تەلەپكە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن  شېرىن تۇيىلىدۇ . باشقىلارنىڭ يامانلىقىنى چىشلەپ تارتىۋاتقان كىشىدىن ئاڭلىغان سۆزىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىڭىزنى سەزدۈرىدۇ . غەيۋەت ئاڭلىغان ۋاقتىڭىزدا كۆڭلىڭىز خوش بولىدۇ . جازانەخورلۇق جاپا-مۇشەققەتسىز مال-دۇنياغا ئىگە بولغىلى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن لەززەتلىك . زىنادا كۆڭۈلنى خاھىشقا قويۇپ بېرىش ، تەلىۋىنى قاندۇرۇش بولغانلىقى ئۈچۈن زىنامۇ لەززەتلىك تۇيىلىدۇ . مەجبۇرىيەتتىن قېچىش راھەتلىك دەم ئېلىش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇمۇ كۆڭۈلگە ياخشى تۇيىلىدۇ . لېكىن ئىنسان ئەقلىنى ئىشلىتىپ تەپەككۇر قىلسا بۇ ۋاقىتلىق لەززەتنىڭ كېيىنكى چەكسىز ئازابقا باراۋەر كەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ . jmIP c3O0  
  كىم بىز بىلەن بىريىللىق توختام تۈزۈشكە رازى بولىدۇ . بىز بۇبىريىل ئىچىدە ئۇ كىشىگە تەلەپ قىلغان مال-دۇنيانى بېرىمىز . خالىغان شەھەردە تۇرغۇزىمىز، ھېچ ئىشتىن توسىمايمىز . بىراق بىر يىل تۈگىسە ئۇكىشىنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرىمىز دېسەك بۇنىڭغا كىم رازى بولسۇن . ھەرقانداق ئادەم قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق بەخت دېمەمدۇ ؟ ئۆزىنىڭ دارغا ئېسىلىپ تۇرغان ھالىتىنى تەسەۋۋۇرقىلىپ باقمامدۇ ؟ بۇدۇنيادىكى دار ئازابى بىرقانچە مىنۇت ، ئاخىرەتتىكى ئازابنىڭ چېكى بولمايدۇ . =[WccF  
  بىزنىڭ ئىچىمىزدە ئۆمرىدە گۇناھ قىلىپ باقمىغان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆڭۈل خالىغان ئىشلاردىن لەززەتلەنمىگەن كىشى يوق . ئەقەللىسى بىرقېتىم ناماز بامداتقا تۇرۇشتىن كۆرپىنىڭ ھۇزۇرىنى ئەلا بىلىپ مۇشۇ گۇناھنىڭ لەززىتىنى تېتىمىغان كىشى يوق ... ئون يىل ئىلگىرى ھۇزۇرلانغان شۇ لەززەتلەردىن ھازىر قولىمىزدا نېمە قالدى ؟ رامىزاندا ئاچلىق ، ئۇسسۇزلۇقتىن ئىبارەت ئەمەل ئىبادەتنىڭ جاپاسىدىن ھازىر نېمە قالدى ؟ ھېچ نەرسە قالمىدى . ئۆلۈم ۋاقتى يېقىنلاشتى . بىز تېتىغان ئاشۇ لەززەتلەردىن ، شۇ دەرد-ئەلەملەردىن قايسىسى بىزگە ئۆلۈم سائىتىدە ئەسقاتار ؟ قايسىسى بىزگە ھەمراھ بولار ؟ 'Zzm'pC  
  شەكسىزكى ، ھەرقانداق مۆئمىن ئادەم تەۋبە قىلىپ ئاللاھقا يۈزلىنىشنى ئويلايدۇ، لېكىن كېچىكتۈرىدۇ ۋە ئارقىغا سۈرىدۇ . مەن ھەج قىلسام تەۋبە قىلىپ ئاللاھقا يۈزلىنىمەن دەيتتىم . ھەج قىلدىم ، تەۋبە قىلالمىدىم . قېرىق ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا تەۋبە قىلىمەن دېدىم . قېرىق ياشقا كىردىم لېكىن يەنىلا تەۋبە قىلالمىدىم . قېرىدىم يەنىلا تەۋبە قىلالمىدىم . بۇ مەن ھەمىشە ئاللاھ چەكلىگەن پاھىشە ، يامان ئىشلار بىلەن بولدۇم دېگەنلىك ئەمەس . خۇداغا شۈكرى ، مەن بۇنداق ئىشلارنى قىلمىدىم . مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئىنسان ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ . لېكىن ئارقىغا سۈرىدۇ . ۋاقىت كەڭرى ، ئۆمۈرتېخى ئۇزۇن دەپ گۇمان قىلىدۇ. ئاندىن ئۇكىشى تۇيۇقسىزلا ئۆلۈمنىڭ كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرىدۇ . ھەقىقەتەن مەنمۇ ئۆلۈمنى ئىككى قېتىم كۆردۈم . ئۆلۈمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تونۇپ ، تائەت-ئىبادەتسىز ئۆتكەن ھەربىر مىنۇت ئۆمرۈمگە پۇشايمان قىلدىم . بۇ تەسىرات بىرقانچە ئاي داۋاملاشتى . كېيىن بۇئىشلار سەل ئۇنتۇلۇپ ھاياتلىق قاينىمىغا ئىككىنچى قېتىم چۆمدۈم . ئۆلۈمنى ئۇنۇتتۇم ، ھەقىقەتەن ئۆلۈمنى ئۇنۇتتۇم ... rLnu\X=h$  
   ھەركۈنى ئۆلۈكلەرنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۆلۈمنى ئۇنتۇيمىز . ئۆزىمىزنىڭ يېقىندا ئۆلىدىغانلىقىمىزنى تەسەۋۋۇرقىلىپ باقمايمىز . ھەممىمىز جىنازا نامىزىدا تۇرۇپ دۇنيا توغرىسىدا ئويلىنىمىز. ئىنسانلار ئۆزىنىڭ بۇدۇنيادا مەڭگۈ تۇرمايدىغانلىقىنى ، دۇنيادىن كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆلۈم بارلىق كىشىلەرگە پۈتۈلۈپ كەتكەن دەپ ئويلايدۇ . لېكىن ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمايدۇ . ^2=zp.)  
  مەيلى ئىنسان قانداقلا ياشىسۇن ئۆلىدۇ . ئۇ ئاتمىش يىل ياشىسۇن ياكى يۈزيىل ياشىسۇن بەرىبىر ئۆلىدۇ. ھايات ئاخىرلاشماي قالارمۇ ؟ نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى ئاللاھنىڭ بىرلىك بارلىقىغا ئىشىنىشكە چاقىرىپ 950يىل ياشىغان . نۇھ ئەلەيھىسسالام ھازىر قەيەردە ؟ ئۇ ، دۇنيادا مەڭگۈتۇردىمۇ ؟ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالدىمۇ ؟ بىز نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمايمىز . ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ بولمايدىكەن ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلمايمىز ؟ W% P&o}'  
  ئەگەر بىركىشىنىڭ ئالدىدا سەپەر بولسا ئۇ كىشى سەپەر ۋاقتىنى بىلمىسىمۇ سەپەرگە تەييارلىق قىلىپ تۇرغان بولسا ، چاقىرسىلا دەرھال ماڭالايدۇ. بىراق سەل قارىغان كىشى بولسا ، چاقىرىلغان ۋاقىتتا كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىۋالاي ، ئائىلىدىكىلەربىلەن خوشلىشىۋالاي دەيدۇ-دە سەپەرپۇرسىتىنى ئۆتكۈزىۋېتىدۇ . بىراق ئۆلۈم پەرىشتىسى كەلسە جاننى ئالماي كەتمەيدۇ . بەلكى مەجبۇرىي ھالدا ئالىدۇ . ئۇ كىشىگە بىرە سائەت ،بىرەر مىنۇت ياكى بىرەر سىكونتمۇ ۋاقىت بەرمەيدۇ . ۋاقىت بېرىش ئۆلۈم پەرىشتىسىنىڭ قولىدىنمۇ كەلمەيدۇ . ھەممىمىز ئۆلۈم پەرىشتىسىنىڭ ئامانىتىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقىنى بىلىمىز ، لېكىن قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز . ئۇنداقتا ئۆلۈم دېگەن نېمە ؟ ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىتىچۇ ؟ pUmBh  
  ئىنسان ھاياتى ئانىنىڭ قورسىقىدىكى تۆرەلمىلىك باسقۇچى ، بۇدۇنيادىكى ھاياتلىق باسقۇچى ، ئۆلگەندىن كېيىن قىيامەت كۈنىگىچىلىك بولغان بەزرەخ باسقۇچى ۋە ھەقىقى ھايات - دائىملىق باسقۇچ يەنى ئاخىرەت باسقۇچىدىن ئىبارەت بىرقانچە باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ . ئانىنىڭ قورسىقىدىكى بالا ئانىنىڭ قورسىقىنى دۇنيادەپ ئويلايدۇ . ئەگەر ئۇبالا ئويلىيالىسا ،پىكىر يۈرگىزەلىسە ئانىنىڭ قورسىقىدىن چىقىشنى ھەقىقى ئۆلۈم دەپ جاۋاب بەرگەن بولاتتى . سىز ئۆزجىسمىڭىزنىڭ بالا ھەمرىيىغا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلمەسىز ؟ يەنى كىربولۇپ تاشلىۋېتىلگەن كۆڭلەككە ئوخشاش ياكى كىيىشكە ھاجىتى قالمىغان كىيىمگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟  مانا بۇ ئۆلۈم . ئۆلۈم ئەمەلىيەتتە ھاياتلىق باسقۇچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن بىر باسقۇچقا يىڭى تۇغۇلۇش بولۇپ ، بۇدۇنيا پەقەتلا بىر يول . بۇ يولدىكى بىزنىڭ ھاياتىمىز خۇددى يىراق بىر ئەلگە كۆچۈپ كېتىۋاتقان كىشىنىڭ ھاياتىغا ئوخشايدۇ . چۈنكى ئۇ كۆچمەن پاراخۇتتا ياخشى ئۆيلەرنى تاللايدۇ ، راھەتكە قىززىقىدۇ ۋە كۆڭۈل بۆلىدۇ . لېكىن ئۇ ئادەم بارلىق مال-مۈلكىنى ياتىقىنى يىڭىلاش ، تاملىرىغا نەقىش قىلىش ئىشلىرىغا چىقىم قىلىۋېتىپ مەنزىلگە ئۆزىدە ھېچ نەرسە يوق خالتىسى قۇرۇق قەلەندەر بولۇپ بارامدۇ ؟ ياكى مەن بۇ ئۆيدە بىرەر ھەپتە تۇرىمەن ، بۇجەرياندا ماڭا زۆرۈر بولغان نەرسە بولسىلا بولدى ، مەن ھازىر بىر كۆچمەن مال-مۈلكۈمنى يېقىندا بېرىپ ئورۇنلىشىدىغان شەھەردىكى ئولتۇراق جايىمغا قالدۇرشۇم كېرەك دەمدۇ ؟ j@DyWm/7  
  بۇ ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلاردىن تەركى دۇنيا بولۇپ ئىبادەتلا قىلىش، قوللىرىنى مال-دۇنياغا يېقىن ئەكەلمەي ، مەسچىتتىن چىقماي ئولتۇرسۇن ، ئۆڭكۈرلەرگە ئورۇنلىشىۋېلىپ بىر ئۆمۈر دەرۋىش بولسۇن دېگەنلىك ئەمەس . ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس ... بەلكى ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلاردىن ياخشى مەدەنىيەت يارىتىپ ھەرقانداق مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئالدىدا تۇرۇشنى ،ئىقتىسادى جەھەتتە كاتتا باي بولۇشنى ، ئىلىم-مەرىپەت جەھەتتە كاتتا ئالىم بولۇشنى شۇنداقلا ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ياخشى ئۇزۇقلىنىشىنى ، بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن كۆڭۈل ئېچىش ۋە ھۇزۇرلىنىش ئارقىلىق كۆڭۈلنى خوش قىلىشنى ، ئائىلىسىدىكەرگە بويسۇنۇپ ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئاداقىلىش ، ئەۋلادلىرىنى تەربىيلەش ، يول كۆرسىتىش ، مىھرىبان بولۇش قاتارلىق ھەقلىرىنى ئۆتەپ جەمىيەتنىڭ ئىسلاھاتى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىش قاتارلىق مەجبۇرىيىتىنى تونۇشنى ، خۇددى ئاللاھ تائالاغا يەككە-يىگانە دەپ ئىششىنىش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ ، بىزدىكى ھەققىنى تونۇغىنىمىزدەك Q6BW ax|  
يۇقىرىقى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىمۇ توغرا تونۇشنى تەلەپ قىلىدۇ .   %%_90t  
   مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ ئىمانىغا مەيلى ئاشكارا مەيلى مەخپىي بولسۇن شېرىك ئارىلاشتۇرماي توغرا ئىسلام ۋە توغرا تەۋھىد ئەقىدىسىى ئۈستىدە تۇرۇپ ھالالدىن مال دۇنيا توپلىشى ، ئائىلىسىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان ، ئىسلام رۇخسەت قىلغان پاك نەرسىلەردىن پايدىلىنىشى ، ھارام ئىشلارنى قەتئىي تەرىك ئېتىشى ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىشى ، مال-دۇنيا ئۇ كىشىنىڭ دىلىدا ئەمەس قولىدا بولىشى ، مال-دۇنياغا ئەمەس ئۆز پەرۋەردىگارىغا تايىنىشى بولۇپمۇ ئۇكىشىنىڭ نىشانى ۋە ئارزۇسى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش بولۇشى لازىم ... |qr[*c3$1  
S `[8TZ  
    ئەلى تەنتاۋىنىڭ " ئىسلامنى ئومومى تونۇشتۇرۇش" ناملىق كىتاۋىدىن ... #0R;^#F/  
:J"e{|g',  
مەنبە : http://fahru.blogbus.com/


http://fahru.blogbus.com/
كەلگەن جايى: چوققا
tv
~ئانا تۇپراق-ئۆز تۇپرىقىم ~
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 24
نادىر تېما: 12
يازما: 1976
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1976دانە
شۆھرىتى: 2715 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 31482 يۈەن
تۆھپە: 2488 قېتم
ياخشى باھا: 1607 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 11989(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:48دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:11989 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:251 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:520 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-11-10
تۇنجى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-04 15:31

نادىر ، جانغا ئەسقاتىدىغان ، مېغىزلىق تېما دېگەن مۇنداق بولمامدۇ ؟! 9\xw}ph  
تىمىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغاندەك ئىنساننىڭ نەپسى -ھەۋىسى ھەقىقەتەن ناھايىتى كۈچلۈك . ئۇ كىشىلەرنى توختىماستىن ھەرخىل ھەۋەسلەرنىڭ كەينىگە كىرىشكە ، ھاياتىي دۇنيادا مال-دۇنيا ، ئەيىش-ئىشرەتلەرنىڭ قۇلى بولۇپ ، ئويناشقا ، ياخشى يەپ ياخشى كىيىشكە ، كىشىلەر ئارىسىدىكى يۈز-ئابروي ، ئىناۋەت-مەرتىۋىنى كۆتۈرۈشكە ئۈندەيدۇ . jIl-}/2  
بىراق ، ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۆزى چاغلىغان ئىشلارنى قىلىپ پانىي دۇنيادىن بىخۇد ، ئۆز نەپسىنىڭ قۇلى بولۇپلا ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن ياراتقان ئەمەس . بەلكى ئىنسانلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقان . F ^\v`l,  
ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۆلۈم ئارقىلىق بويسۇندۇردى ، ئۆلۈم بولمىسا بۇ دۇنيانى ، ئىنسانلارنى مەلۇم ھالەتلەردە تەسەۋۋۇر قىلماق بەسىي مۈشكۈل ئىش . M$GD8|*e  
ئاللاھ ئىنسانلارنى ئەسلى ئىسلام ئارقىلىق ئۇلۇغلىغان ، خالىغانلار بۇ يۈكسەك توغرا يول بىلەن ھاياتىنى ، ۋاقتىنى ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە شەرەپلىك ھالەتلەرگە ئىگە قىلغان . خالىمىغانلار دۇنيانىڭ پانىي ۋە باقىيسىدىن بىخەۋەر ھالدا بىرلا قېتىم كېلىدىغان ئۆمرىنىڭ قايسى ھالەتتە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلالماي ئۆزىنى قاباھەتلىك ھالاكەتكە گىرىپتار قىلغان ۋە قىلىۋاتىدۇ . :G-1VtE n  
قېرىندىشىمىز فاخرۇنىڭ كىرىپلا شۇ قەدەر ئېسىل تىما بىلەن بىزنى يۈز كۆرۈشتۈرگىنىگە تەشەككۈر ئېيتىمەن . پات-پات كىرىپ تۇرۇڭ بۇرادەر ~


ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
كەلگەن جايى: چوققا
soda_paliyat
دەرىجە: مەستانە ئەزا
UIDنومۇر: 4362
نادىر تېما: 0
يازما: 213
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە213دانە
شۆھرىتى: 274 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 2641 يۈەن
تۆھپە: 261 قېتم
ياخشى باھا: 33 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1904(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:19دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:1904 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:186 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:281 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:22 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-02-02
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-19
2 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-04 18:27

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ياخشى تېما يوللاپسىز.


ھەقىقەت ئاچچىق، مىۋسى تاتلىق.
كەلگەن جايى: چوققا
dilxat
بائارلىقىمىز  ئسلامىيەت ئۈچۈن   !!!!!
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
UIDنومۇر: 4322
نادىر تېما: 0
يازما: 38
ئۇنۋان:يېڭى ئەز ھازىرغىچە38دانە
شۆھرىتى: 54 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 528 يۈەن
تۆھپە: 53 قېتم
ياخشى باھا: 11 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 824(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:12دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:824 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:76 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:282 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:248 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-01-31
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-03-07
3 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-04 19:27

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ! ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز ،ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئالەم سىناق ئالىمىدۇر،ئاللاھ بەزىدە بەندىلىرىنى سىناش يۈزسىدىن نىممەتلەرنى ئاتا قېلىپ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئۈستۈن قىلىدۇ !


ئەگەر ئۇيفۇرلاردا گېتلىردىن بىرى بولفان بولسا،تەغدىرىمىز  باشقىچە بولغان بولاتتى !!!!
كەلگەن جايى: چوققا
Gunahgnig kiqikligiga karmaysan asiylik kilgan zatnig ulugligiga kara
دەرىجە: مەستانە ئەزا
UIDنومۇر: 4385
نادىر تېما: 0
يازما: 249
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە249دانە
شۆھرىتى: 306 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 3060 يۈەن
تۆھپە: 306 قېتم
ياخشى باھا: 50 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1306(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:15دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:1306 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:44 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:280 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:49 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-02-03
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-08-24
4 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-04 19:34

ئىسلام دىگەن سۆز ياراتقۇچىغا بويسۇنۇش دىگەنلىك ، بىز دىنىمىز ئىسلام ،مەن مۇسۇلمان دەيمىز لىكىن ئۆزىمىزنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى بۇلۇش سۈپتىمىز بىلەن ,>^~u  
نىمىلەرنى قىلىش كىرىكلىگىنى بىلەلمەي نەپسى-خاھشنىڭ قۇلى بۇلۇپ كىتىۋاتىمىز  . !d^`YEfE  
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن قېرندىشىم  .


كەلگەن جايى: چوققا
muhabbat
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
UIDنومۇر: 4166
نادىر تېما: 0
يازما: 22
ئۇنۋان:يېڭى ئەز ھازىرغىچە22دانە
شۆھرىتى: 35 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 350 يۈەن
تۆھپە: 36 قېتم
ياخشى باھا: 10 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 458(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:9دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:458 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:82 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:287 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:268 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-01-26
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-02-15
5 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-04 20:29

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن  ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز .   


كەلگەن جايى: چوققا
ھايات ئىنسان ئۈچۈن بىر ئىمتىھان.
دەرىجە: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇر: 3131
نادىر تېما: 0
يازما: 595
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە595دانە
شۆھرىتى: 1018 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 10697 يۈەن
تۆھپە: 970 قېتم
ياخشى باھا: 418 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1190(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:15دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:1190 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:160 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:331 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:15 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-12-13
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-26
6 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-04 22:03

بەك ياخشى تېماكەن @!!  يوقاپ كەتمەي پات پات كىرىپ تۇرۇڭ@!


بىراۋغا پايداڭ تەگمەي، پەقەت ئوزۈڭ ئۈچۈنلا ياشىساڭ،سەن ئاللاقاچان  ئۆلگەن ئادەمسەن!!!
كەلگەن جايى: چوققا
دۇنيا بىر كۈندۇر ئۇ بولسىمۇ بۈگۈن.
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 3881
نادىر تېما: 3
يازما: 906
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە906دانە
شۆھرىتى: 1598 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 14647 يۈەن
تۆھپە: 1446 قېتم
ياخشى باھا: 763 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 5144(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:31دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:5144 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:126 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:298 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:10 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-01-16
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-11-10
7 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-04 22:30

ھەقىقەتەن مەنپەئەتلىك تىما يوللاپسىز،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرگەي


ئۇۋا بۇزغاننىڭ ئۇۋىسى بولارمۇ ؟
كەلگەن جايى: چوققا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
UIDنومۇر: 2610
نادىر تېما: 0
يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ئەزا ھازىرغىچە4دانە
شۆھرىتى: 54 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1090 يۈەن
تۆھپە: 24 قېتم
ياخشى باھا: 10 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 312(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:7دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:312 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:38 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:351 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:219 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-11-23
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-04-04
8 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-04 22:41

ناھاھىيىتى ئەھمىيەتلىك تېمما يوللاپسىز ،رەھمەت سىزگە.


كەلگەن جايى: چوققا
شۈكۈر قىلغۇچى
دەرىجە: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇر: 4407
نادىر تېما: 1
يازما: 811
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە811دانە
شۆھرىتى: 1305 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 13236 يۈەن
تۆھپە: 1295 قېتم
ياخشى باھا: 512 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 2393(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:21دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:2393 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:127 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:279 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-02-03
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-11-09
9 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-05 03:30



ئابلىمىت
كەلگەن جايى: چوققا
ya allah ya rahim
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
UIDنومۇر: 4462
نادىر تېما: 0
يازما: 62
ئۇنۋان:يېڭى ئەز ھازىرغىچە62دانە
شۆھرىتى: 103 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1020 يۈەن
تۆھپە: 102 قېتم
ياخشى باھا: 41 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1463(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:16دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:1463 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:57 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:278 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:27 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-02-05
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-14
10 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-10 20:46

ئاللاھ رەەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم  


كەلگەن جايى: چوققا