نادىر ، جانغا ئەسقاتىدىغان ، مېغىزلىق تېما دېگەن مۇنداق بولمامدۇ ؟! 5n3yc7NPP
تىمىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغاندەك ئىنساننىڭ نەپسى -ھەۋىسى ھەقىقەتەن ناھايىتى كۈچلۈك . ئۇ كىشىلەرنى توختىماستىن ھەرخىل ھەۋەسلەرنىڭ كەينىگە كىرىشكە ، ھاياتىي دۇنيادا مال-دۇنيا ، ئەيىش-ئىشرەتلەرنىڭ قۇلى بولۇپ ، ئويناشقا ، ياخشى يەپ ياخشى كىيىشكە ، كىشىلەر ئارىسىدىكى يۈز-ئابروي ، ئىناۋەت-مەرتىۋىنى كۆتۈرۈشكە ئۈندەيدۇ . pU7;!u:c4%
بىراق ، ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۆزى چاغلىغان ئىشلارنى قىلىپ پانىي دۇنيادىن بىخۇد ، ئۆز نەپسىنىڭ قۇلى بولۇپلا ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن ياراتقان ئەمەس . بەلكى ئىنسانلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقان . 4$xVm,n|
ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۆلۈم ئارقىلىق بويسۇندۇردى ، ئۆلۈم بولمىسا بۇ دۇنيانى ، ئىنسانلارنى مەلۇم ھالەتلەردە تەسەۋۋۇر قىلماق بەسىي مۈشكۈل ئىش . Q,3kaR@O
ئاللاھ ئىنسانلارنى ئەسلى ئىسلام ئارقىلىق ئۇلۇغلىغان ، خالىغانلار بۇ يۈكسەك توغرا يول بىلەن ھاياتىنى ، ۋاقتىنى ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە شەرەپلىك ھالەتلەرگە ئىگە قىلغان . خالىمىغانلار دۇنيانىڭ پانىي ۋە باقىيسىدىن بىخەۋەر ھالدا بىرلا قېتىم كېلىدىغان ئۆمرىنىڭ قايسى ھالەتتە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلالماي ئۆزىنى قاباھەتلىك ھالاكەتكە گىرىپتار قىلغان ۋە قىلىۋاتىدۇ . 2{79,Js0
قېرىندىشىمىز فاخرۇنىڭ كىرىپلا شۇ قەدەر ئېسىل تىما بىلەن بىزنى يۈز كۆرۈشتۈرگىنىگە تەشەككۈر ئېيتىمەن . پات-پات كىرىپ تۇرۇڭ بۇرادەر ~