رەسىم:
ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەدىي نىجاد
. "R2^` MG~^> ئەھمەدى نىجات 1956- يىلى 28- ئۆكتەبىر تېھراننىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى گارماسار ناھىيىسىدە بىر تۆمۈرچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. نىجاد ئائىلىسىدىكى يەتتە پەرزەنتنىڭ تۆتىنچىسى ئىدى. ئۇلار نىجاد بىر ياش ۋاقتىدا پۈتۈن ئائىلە بويىچە تېھرانغا كۆچۈپ كېلىدۇ، نىجاد بۇ شەھەردە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئەلا نەتىجە تاماملاپ، ئالىي مەكتەپ ئىنتاھانىدا دۆلەت بويىچە 130- بولۇپ تېھران سانائەت پەنلىرى ئۇنۋىرستىتىنىڭ قۇرۇلۇش فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. 1986- يىلى ئۇ بۇ مەكتەپنىڭ غوللۇق خادىملىرىدىن بولۇپ قالىدۇ. 1989- يىلىغا كەلگەندە نىجاد بۇ مەكتەپنىڭ تەرەقىيات كومتىتىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ. 1997- يىلى قاتناش ئەسلىھەلىرى خامچوت كەسپى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ مەكتەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئوننەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ قۇرۇلۇش پەنلىرى بويىچە ئىلمىي ماقالە يېزىشىغا ياردەم قىلىدۇ.
x*YJ:t ئىراق بىلەن ئىران ئۇرۇش قىلىۋاتقان مەزگىلدە نىجاد ئىران ئىنقىلابى ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتەيدۇ بۇ جەرياندا ئۇ سىياسىينىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى پەيدىنپەي چۈشىنىپ يېتىدۇ ھەمدە سىياسىي ھاياتىنى شۇنىڭدىن باشلايدۇ. كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇ كۇرت شەھرىنىڭ باشلىغىغا مەسلىھەتچى بولىدۇ. 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرى نىجاد ئىراننىڭ غەربى جەنۇبىدىكى ئەبىدەبىر ئۆلكىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئۇدا ئۈچ يىل دۆلەت بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئۆلكە باشلىغى بولۇپ باھالىنىدۇ. 2003- يىلى4- ئايدا ئۇ سايلام ئارقىلىق پايتەخت تېھران شەھرىنىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا كۆرسىتىلىدۇ. 2005- يىلى 6- ئايدا ئىراننىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلىنىدۇ ۋە شۇ يىلى 8- ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ. 2009- يىلى 6- ئايدا ئۇ %62.63 بېلەت بىلەن يەنە بىر قېتىم ئىران زۇڭتۇڭى بولىدۇ.
MW p^. ئەھمەدىي نىجادنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى شەكىلۋازلىق قىلماسلىق، ھەممىدە خەلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئاددىي-ساددىلىقنى تەكىتلەش ۋە خەلىققە يېقىن تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تېھراننىڭ قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشقا زور كۈچ سەرىپ قىلغان ھەم مال باھاسىنىڭ مۇقۇملاشتۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن پۇقرالار ئارىسىدا ئۇنىڭ قوللاش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
Tkd4nRo~ نىجادنى ئىران ئىسلام ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد كاتتىۋېشى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ "ئىسلامچە كۆز قاراشنى ساقلاش" تا چىڭ تۇرغۇچىلاردىن بىرى، ئۇ بىرىنچى قېتىملىق سايلام مەزگىلىدە ئەگەر سايلامدا غەلبە قازىنالىسا ئالدى بىلەن ئىسلام ۋە مىللىي ئەنئەنىنى قوغدايدىغان قانۇن ماددىلىرىنى تۈزۈپ چىقىش قاتارلىق پىلان لايھىيىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سايلامدا غەلبە قىلغاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ ئىراننى ھازىرقى زاماندىكى تىپىك ئىسلام دۆلىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىغى توغۇرۇلۇق ۋەدە بەرگەن.
+%FGti$[ ئىقتىساد جەھەتتە نىجاد ئىزچىل ھالدا بايلىق مەنبەسىنى ھۆكۈمەت كونتىرول قىلىشقا قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىراننىڭ ھازىرقى شەخشىيلىشىش توغرىسىدىكى چۈشىنىشى يېتەرلىك ئەمەس، شەخسىيلىشىش ھەرگىزمۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى سېتىش ئەمەس. ئۇيەنە دىمكوراتىك جەمىئەت قۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىش كېرەك، دېمكوراتىك جەمىئەت دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ يادروسى دەپ قارايدۇ.
Tj.;\a|d ئىراننىڭ دىپلومايىيە سىياسىتى ھەممىگە ئوخشاش نەزەردە قاراشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەممە دۆلەتلەر بىردەك ھېچقانداق ئالاھىدە ھوقوق ياكى ئىمتىيازغا ئىگە دۆلەت مەۋجۈت ئەمەس دەپ قارايدىغان ئەھمەدىي نىجات ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولۇپمۇ ئىسلام ئەللىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئەمما ئامېركا ۋە ئىسرائىلىيىگە نىسبەتەن ئىران ئىزچىل دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىدە بولماقتا ھەم بۇنى ئۆزگەرتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ.
Q i? يادرو مەسىلىسىدە بولسا نىجاد ئىران خەلقى يادرو تېخنىكىسىنى ئىگەللەش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھوقوقىغا ئىگە دېگەن تەشەببۇسىدا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە. نىجاد كۆپ قېتىم تەكىتلەپ ئىراننىڭ يادرو قويۇلدۇرۇشى ھەرگىزمۇ يادرو قوراللىنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى يادرو تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن دېدى ھەمدە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قوشۇلىدىغانلىغىنى ئىپادىلىدى.
e'u9 SpJ نىجادنىڭ پۇخرالارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشتىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى ئۇنىڭ ئاددىي ساددا تۇرمۇشى. كىچىك بۇش ئىلگىرى ئۇنى "ساقىلىنى قىرمايدىغان، كاستىۇم بۇرۇلكا كەيمەيدىغان" دەپ سۈپەتلىگەن ئىدى. نىجادنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ئىنتايىن ئاددىي ساددا، تۇرالغۇ جايى ئۈچ ئېغىزلىق ئادەتتىكى بىر ئۆي، ئۆي جاھازلىرىنىڭمۇ تاينى يوق. ھەيدەيدىغىنى بولسا 1977- يىلى فىرانسىيىدە ئىشلەپ چىقىرىلغان ئادەتتىكى پىكاپ، بۇ پىكاپنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىمۇ يوق تېخى. ئۇ نىڭ ئىشخانىسىمۇ ئانچە ھەشەمەتلىك ئەمەس ئەسلىدە قىممەت باھالىق جاھازلار بىلەن زىننەتلەنگەن بۇ ئىشخانا نىجاد ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئاددىي_ساددا سەرەمجانلاشتۇرۇلغان. پولغا سېلىنغان پارىس گىلىمى دۆلەت مۇزىيىغا تەغدىم قىلىنغان...
&K7+V o\2#o5# manba :
http://siraj.blogbus.com/logs/87404532.html