كالتە يوپكىلىق ئۆچكە
#[8gH>7 Wwz>tE شۇ ناملىق ھىكايىنىڭ داۋامى :
_YY)-H y|aWUX/a ئۇ مىنى نۇقىدى :
)sQbDA|p -گەپنىڭ راسا قىززىقىدىن ئىككىسى بار .ھازىر شۇنى سىزگە دەپ بىرىۋېتىپلا قايتاي. ئايالىمغا ئەرەنچە كىيىم كىيىش خۇمارى پەيدا بۇلۇپ قاپتۇ. ماس كەلگۈدەك كىيىملەرنى ئىزدەۋاتىمەن...ئاڭلاڭ ،ھە...يېقىندا بىر رىستۇران كۈندىلا تاماق ئۈستەللىرىدىن ئاشقان –تاشقانلارنى يىغىشتۇرۇپ بۇلالماي توخۇ فىرمىسى قۇرۇپ ،نەچچە مىڭ توخۇ بېقىپتۇدەك ،رىستۇراننىڭ غىزالىرىنى يەۋەرگەن توخۇلار كارامەت بولۇپ كىتىپتىمىش...سودىگەرلەرنىڭ ئالدىدىن ئاشقان-تاشقانلارنى يىگەن توخۇلار كۈندۈلۈك غىزالىرىنى قىسىنىپ ،ئۇنى قۇرسىقى تويمايۋاتقان توخۇلارغا ساتىدىغان،سودىلىشىدىغان بولۇپ كىتىپتىمىش،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئالدىدىن ئاشقانلارنى يىگەن توخۇلار ئۈچتىن-تۆتتىن بولۇپ بىريەرگە توپلىشىپ،توخۇ فىرمىسىنىڭ تەمىناتىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىدىن،بىر كۈندە ئۈچنى،زادى بولمىسا ئىككىنى قويۇپ بىرىشكە قىستاپ ،كىچىدىمۇ ئۇخلىغىلى قويماي توك چىراقلىرىنى ياندۇرۇپ بەرگەنلىكتىن...توخۇ فىرمىسىنىڭ تۈزىمىنىڭ چىڭ ئىكەنلىكىدىن،ھەپتىدە بەش-ئالتە قېتىم << بەدەن تەكشۈرۈپ،تۇخۇم قۇيۇش ئىددىيسىنى>> تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى دەپ ،ئالتە ئايدا بىر شامالدىتىش مۇددىتىنىڭ قىسقىرىۋاتقانلىقىدىن زارلايدىغانمىش...
B[$e;h*Aw[ ...ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىدىن ئاشقانلارنى يىگەن توخۇلار ئاجايىپ تەكەببۇر بولۇپ كىتىپتىمىش...گىدىيىپ مېڭىشلىرى...ھەتتا بەزىلىرى دەم ئالغان ئورنىدىن يەم ئۇقۇرى ئالدىغىچە ياۋاشراق تۇخۇلارغا مىنىپ كىلەرمىش،خۇرازلار بولسا تېخى يىتىلمىگەن چۈجە مېكيانلارنى زورلاپ بېسىۋېلىپ يۈرگىدەكمىش...
vD(;VeW[ -توختاڭ ! ياقىڭىزنى چىشلىمەڭ،ھازىر سىزگە ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن بىرۋەقەنى سۆزلەپ بېرىمەن.بۇ راسىت بولغان ھېكايىنى ئاڭلىسىڭىز-لا،راستىنلا ياقىڭىزنى چىشلەيسىز...
`8Om*{xg ئۇزۇندىن بىرى جىمجىت ۋە مەنىسىز تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئۆتىۋاتقان بۇ مەھەللە كىشىلىرىمىز تۇيۇقسىز زامان ئاخىر بولغاندەك تەۋرەپ كىتىشتى.پۈتۈن ئادەم قاسىمئاخۇننىڭ ئۆيىگە سەلدەك ئېقىشقا باشلىدى.قاسىمئاخۇن << مەدەنىيەت ئىنقىلابى >> دەۋرىدە چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن مۇشۇ مەھەللىلىك ئادەم ئىكەن.ئۇنىڭ دىيىشىچە ،ئۇ چەتئەلگە چىقىپلا بىر سىرىك ئۆمىكىدە ياللىنىپ ئىشلەپتىمىش...[ بىراق چەتئەلدىن قايتىۋاتقانلار كۆپقۇ ] بىزنىڭ مەھەللە كىشىلىرىنى ھەممىدىن بەك ئۆزىگە رام قىلىۋالغىنى قاسىمئاخۇنىىڭ چەتئەللىك ئايالىدىن كۆرگەن قىز پەرزەنتى بىلەن ئۇنىڭ سىرىكچىلىكنى بىلىدىغان ئۆچكىسى ئىمىش...
e0qa~5 مەھەللىمىزدىكى ئەرلەر ھازىر كوچا گەپلىرىنى سۆزلەشتە ئاياللارنى بېسىپ چۈشىدىغان بۇلۇپ كىتىشتى.ئەرلەر شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ دېيىشىچە : قاسىمئاخۇننىڭ قىزى بىلەن ئۆچكىسىنى بىر كۆرگەن ئادەم ئۇلارغا كۆيۈپ قالارمىش...مىنى بۇ پاراڭلار ئاجايىپ قىززىقتۇرغان بولسىمۇ،لېكىن مەن بۇ كىچىك مەھەللە مەكتىپىدە ئەپەندى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلىرىمدىن خىجىل بۇلۇپ بارمىدىم.
C?|gf?1p بىر بازار كۈنى مەن بويتاقچىلىقتا ئۆزۈم كۆكتات ۋە نان-پان دىگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا ماڭدىم.كىتىپ بارسام ،يولدىكى ھەممە ئادەم ھاياجان بىلەن بىرەر چوڭ باھالاش ئۆمىكىنى كۈتۈۋالغاندەكلا ئىككى ياققا سەپ تارتىپ تۇرۇشۇپتۇ .مەن قىززىقسىنىپ يېنىمدىكى بىر بۇۋايدىن سورىدىم :
Yc %eTh -بوۋا ،نېمە ئىش زادى بۇ؟
(/)JnBy0 قاسىمئاخۇننىڭ پەرزەنىتلىرى كېلەرمىش...يۇرىتنى بولغايدىغان...دېدى تەئەددى بىلەن ،لېكىن يەنىلا شەھۋەت ئۇچقۇنلىرى خىرە يېنىپ تۇرغان كۆزلىرىنى يولدىن ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى.
6`yq4!&v پاھ...كەلدى...كەلدى...
C>;}CH|X راسىت كېلىۋاتامدۇ؟...كەلدى...كەلدى...
snK/,lm. j/W#=\xz MXhS\vF#m داۋامى بار
{!,+C0 X4o8 بارلىق قېرىنداشلاردىن ئەپۇ سۇرايمەن،ھەممىنى بىراقلا يېزىۋېتىشقا مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن قادىر بۇلالمىدىم