باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1111 
  •    ئىنكاس 
       5 

ئائىلە تەربىيىسى

قەۋەت ئاتلاش
bayawan

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2570 

 نادىرلانغان تېمىسى:   12 

 مۇنبەر پۇلى:   64935 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   6017 (قېتم)
 تۆھپە:   5790  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 17916
 سائەت
دەرىجىسى:
17916 سائەت 374 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2013-09-14

مۇندەرىجە I|R;)[;X  
hd~0qK  
كىرىش سۆز
$J!WuOz4^i  
`*w!S8}m;  
ھەقىقىي مەبۇد، يەككە يىگانە بىر ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ سانا ئېيتىمەن. كائىناتنىڭ ئىپتىخارى، ئىنسانىيەتنىڭ پەخرى ۋە ئۇلۇغى بولغان ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ۋە سالام يوللايمەن ۋە بۇ زاتنىڭ پاك، ئالىي ئەھلى ئەۋلادلىرىغا، ئىككى جاھاننىڭ سائادەت ۋە نىجاتلىقىغا مۇيەسسەر بولغان ساھابە كىراملىرىغا ۋە بۇلارغا ئەگەشكەن تابىئىن ۋە قىيامەتكىچە كېلىدىغان مۆمىن - مۇسۇلمانلارغا سالام ۋە رەھمەت ئېيتىش بىلەن تۆۋەندە سۆزۈمنى ئىمانى ساپ، ۋىجدانى پاك، ھىممىتى ئالىي، غۇرۇرى يۈكسەك، پىترىتى بۇزۇلمىغان، كۈنلەش تۇيغۇسىغا ئىگە قەدىرلىك ئاتا - ئانىلارغا سۇنىمەن. HA]5:ck  
v9XevLs  
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ۋە مۆھتەرەم قېرىنداشلار! ھازىرقى ھالىتىمىزگە نەزەر سېلىپ ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، جاھالەت ۋە دىيانەتسىزلىك نەتىجىسىدە جەمئىيتىمىزدىكى قىسمەن ياشلار ئىسلامنىڭ گۈزەل ئەخلاق ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۆرپ - ئادەتلىرىنى تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىسلام سىرتىدىكى ناچار رەسمىيەتلەر ۋە بولمىغۇر كەيپىيەتلەرنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇپ ئالماقتا ۋە بەكمۇ بېرىلىپ پۈتۈن ھال ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۆزىدە ئۆزلەشتۈرۈپ كەلمەكتە. جەمئىيتىمىزدىكى ئوغۇل - قىز ياشلارنىڭ ھازىرقى كۆرۈنۈشىنى مۇلاھىزە قىلىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە ھايات پائالىيتىگە تۆۋەندە كۆرسىتىپ ئۆتۈلىدىغان بىر قانچە ناچار، ئىسلام ئەخلاقىغا يات، ئۆزىنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادىتىگە ھېچ ماسلاشمايدىغان چاكىنا ۋە بىمەنە قىلمىش ۋە ئۆرپ - ئادەتلەر سىڭىپ كىرمەكتە: Fb<fQIa  
Y?xc#'  
  1) - دېگۈدەك ھەممە ئورۇنلاردا يالاڭ باشتاق، ھەتتا بىر قىسىم ئۇياتلىق يەرلىرى ئوچۇق، ياكى ئەرەنچە كىيىنىۋالغان يېرىم - يالىڭاچ قىز - چوكان ھەمشىرىلىرىمىزنى كۆرىۋاتىمىز. Bnh*;J0  
Hd?#^X  
  2) - بۇ ھەمشىلىرىمىزنىڭ كىنو - تىياتىر، باغچا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىدا قىز - ئوغۇل ئارىلاش تارتىنماي سەيرى - ساياھەت قىلىپ يۈرىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىۋاتىمىز. \JBPZ~N3  
$mcq/W   
  3) - قىسمەن بەڭۋاش ياشلارنىڭ ئاممىۋىي يوللاردا قىز - ئوغۇل ئارىلىشىپ يۈرۈپ ھەتتا جامائەت سورۇنلىرىدا ئىچىملىك ئىچىپ كەيپى - ساپاغا بېرىلىپ كېتىۋاتقانلقىنى بايقاپ قېلىۋاتىمىز. Z!*k0 <Z  
D),hSqJ"  
  4) - بۇندىن باشقا يەنە بىر قانچىلىغان ئېچىنارلىق ئەھۋاللار ئېغىزدىن ئېغىزغا يۈرۈشۈپ قۇلاقلىرىمىزغا يېتىپ تۇرۇپتۇ، بەلكى كۆزىمىزگە چېلىقىپمۇ قېلىۋاتىدۇ! A}G>JL  
'DTq<`~?  
  پىترەت ۋە تەبىئىتى بوزۇلمىغان نىيىتى خالىس، ۋىجدانى ساپ مۆمىن كىشىلەر، غەرب ئەللىرى ۋە يىراق شەرق ئەللىرىدىن ئېقىپ كىرگەن مەزكۇر رەڭدار ئەجنەبىي مەدەنىيەت ۋە دىيانەتسىزلىك ھالەتلەرنى كۆرۈپ، بۇنىڭغا ۋىجدانى ئازابلانماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە، بۇ سەۋەبتىن ئاللاھقا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇنكى، قولۇمغا قەلەم ئېلىپ باشلانغۇچ مەلۇمات سۈپىتىدە يېڭى ئەۋلادلىرىمىزغا ئىسلامىي تەلىم - تەربىيە قوللانمىسى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىدتە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپنى تۇتقا قىلىپ، ساھابە كىرام، ھەدىس ئىماملىرى، مۇجتەھىد ۋە مۇپەسسىر ئالىملىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسلىنىپ، بۇ كىتابچىنى يېزىپ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمغا تەقدىم قىلدىم. 8]&\FA8  
$ Qcr8~+a  
  ھەممىمىز بىرلىكتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ دۇئاسىنى ئوقۇيلى: «ئى ئاللاھ! ئۆتۈپ كەتكەن پۈتۈن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، قالغان ئۆمرۈمدە مېنى گۇناھ سادىر قىلىشىمدىن ساقلىغىن ۋە (دۇنيالىق ھاياتىمدا) سەن مەندىن رازى بولىدىغان پاك (ۋە ئۇلۇغۋار بىر) ئىشنى ماڭا مۇيەسسەر قىلغىن» ئامىن!... R/jHH{T3  
Mu/hTTiNx  
   ئابدۇررەشىد قارى ھاجىم ?b xa k  
!xE@r,'oN  
5 #Et.P'  
PH>`//D%n?  
\CrWKBL  
مەن خىتاب قىلماقچى بولغان كىشىلەر -`,F e3  
4D sHUc6  
  قەدىرلىك ئەزىز مۆمىن قېرىنداشلىرىم! مەن بۇ ۋەز - نەسىھەتلىرىمنى مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئەقىدە ۋە ئەدەب - ئەخلاقلىرىنى ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىنسانىيەتنىڭ شان - شەرەپى ۋە نۇمۇس - ئىپپىتى قاتارلىق ئۇلۇغۋار قەدر - قىممىتى ۋە مۇقەددىساتلىرىنى ساقلاش ۋە ئۇنى قوغداش ئېڭىغا ئىگە زاتلارغا ئېيتاي!... m-lTXA(  
o<Qt<*  
  لېكىن دۇنيالىق ھاياتى ۋە نەپسى ھەۋاسىنى دەپ ھالال - ھارامنى ئايرىمايدىغان، شەخسىي مەنپەئەتى ۋە ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن قىيامەتنى يادىغا ئالمايدىغان، ۋاقىتلىق ۋە چەكلىك ھاياتىغا ئالدىنىپ ياراتقۇچىسى ئاللاھنى تونىماي، ئۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان خۇداسىز كاپىر ۋە دىنسىز دەھرىلەرنى مەقسەت قىلمىدىم، چۇنكى جانابى ئاللاھ بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئاقىبىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى قۇرئان كەرىمدە مۇنۇ ئايەتلەر بىلەن بايان قىلىپ بولغان: ]كاپىر بولغانلار (ھاياتى دۇنيادا) خۇددى چارىپايلار يەپ - ئىچكەندەك دۇنيا لەززىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ ئۆتەۋىرىدۇ، ھالبۇكى بۇنداقلارنىڭ (ئاخىرەتتە) ئورۇن ئالىدىغان جايى دوزاخ[ [سۈرە مۇھەممەد 12 - ئايەت]. ,AwX7gx22  
WkDXWv\{,{  
  ]ئۇلارنى (يەنى كۇپپارلارنى ئۆز مەيلىگە) قويىۋەت، يەپ - ئىچىپ، ئويناپ - كۈلۈپ يۈرسۇن، ئۇلار بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى) بىلىدۇ[ [سۈرە ھىجر 3 - ئايەت]. ';v1AX}5q  
:(@P*"j  
  ]ئۇلارنى (ئۆز مەيلىگە) قويۇپ بەرگىن، ئۇلار ۋەدە قىلىنغان كۈنگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر (ئۆز خىيال ۋە ئارزۇلىرىغا) چۆمسۇن ۋە (دۇنياسى بىلەن) ئوينىسۇن[ [سۈرە زۇخرۇف 83 - ئايەت]. BGHZL~  
B|#*I[4`w@  
  ئۆزىنىڭ دۇنياغا كېلىش غايىسىنى تونۇپ ھەقىقەتكە كۆز ئېچىپ ئىمان نۇرىدا ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئاۋات قىلغان قېرىنداشلار! ئاللاھ نازىل قىلغان مۇقەددەس كىتاب قۇرئان كەرىمنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئوقۇپ، تىلاۋەت قىلىپ ھەتتا يادىلاپ قەلبىدە قورقۇنچ ھاسىل بولغان تەقۋادار ۋە پەرزگار زاتلار! ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ھۇزۇرلىنىپ، دىللىرى ئېرىپ قۇرئان كەرىم مەرىپىتى ۋۇجۇدىغا سىڭىپ، ئۇنىڭ يۈكسەك ئەخلاقىنى ئۆزىدە ئۆزلەشتۈرۈپ پەرۋەردىگارىغا يېقىنلىق ھاسىل قىلغان زاتلار! پەند ۋە نەسىھەتلىرىمنى سىلەرگە ئېيتاي: bg$df 0  
y"= j[.  
  ئى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ مالائىكىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ ياخشى - يامان ئىش - ئەمەللىرىنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتى بېرىلىدىغان قىيامەت كۈننىڭ ھەق ۋە راستلىقىغا چىن قەلبى بىلەن ئىشىنىپ، ئاللاھقا بەندە ۋە ئۇنىڭ بەرھەق ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۈممەت بولۇشقا سالاھىيەت ھاسىل قىلغان زاتلار! سىلەر ھەق ئۈچۈن ھەقنى ئىزدەپ جانابى ئاللاھنىڭ سۆزى مۇقەددەس قۇرئان كەرىمنى قەلبىڭلاردا ساقلاپ سىراتى مۇستەقىم (يەنى توغرا يول) دا مېڭىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامغا ۋارىسلىق قىلغايسىلەر!... Jt6~L5[_s  
Q>s>@hw  
  مۇقەددەس ئەقىدە، ساپ ۋىجدان، تېتىك روھ ۋە قىزغىن كەيپىياتتا ئۆزىنىڭ خالىس نىيىتى ۋە ساپ قەلبى بىلەن ئاللاھ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلىپ، پۈتۈن ئىش - ئەمەلىدە، سۆز - ھەرىكىتىدە ۋە پىلانىدا پەرۋەردىگارى ئاللانىڭ رازىلىقىنى نىشان ۋە مەقسەت قىلغان ئىسلامىيەتنىڭ ئەزىز ئاۋانگارت ياشلىرى! سىلەر باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلاردا جانابى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى چىقىش قىلىپ ئىسلامىيەتنىڭ ئۇلۇغۋار تەمسىلچىلىرى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن ئىنسانلارغا ھەق ۋە ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ، نەتىجىدە ئۇلارنى كامىل ئىنسانلىق شەرىپىگە كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت - سائادىتىگە ۋەسىيلە بولۇشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىنىڭ ھەقىقىي ۋارىسلىرى بولۇپ جانابى ئاللاھنىڭ سادىق قۇللىرى ۋە ئۇنىڭ مەھبۇبى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپادار ئۈممەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغايسىلەر، شۇنىڭدەك ساپ ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن ھايات كەچۈرۈپ ئۆتكەن ئەجدادلىرىمىزغا ئورۇن باسار بولۇپ قالغايىسىلەر!... شۇنىڭ ئۈچۈن قۇلاقلىرىڭلارنى ۋەز - نەسىھەتكە، دىللىرىڭلارنى قۇرئان كەرىم ھىدايىتىگە، ئەقىل ۋە تەپەككۇرىڭلارنى ھەق ۋە ھەقىقەت ئۈچۈن قاراتقايسىلەر ۋە دۇنيادا بەخت - سائادەتكە ۋە ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك ھاياتقا مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن جانابى ئاللاھنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىنىڭ چاقىرقىقىغا بىجاندىل ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ ئەگەشكەيسىلەر!... V6'"J  
]Auk5M+  
   مەزكۇر سۈپەتلەرگە قۇچاق ئېچىپ دىلبەستە بولغان زاتلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇش - بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگەن: |eIEqq.Eb  
]Bw2>6W  
  «ئۈممىتىم ئىچىدىن بىر جامائەت ھەر زامان ھەقنى قوغداپ ھەمىشە ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرىدۇ، جانابى ئاللاھنىڭ (ئۇلار ھەققىدە) ھۆكۈم - پەرمانى كەلگەنگە قەدەر، ئۇلارغا قارشىلىق كۆرسەتكۈچى ھەرقانداق كۈچ ئۇلارغا (ئەسلا) زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ». "`Q~rjc$2  
)F;`07  
   I,9!["^|  
t-gg,ttnA  
`MFw2nu@t  
] fz0E:x  
rnWU[U8%  
ئاتا - ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى <H3njv  
4G;FpWQm  
  مۆھتىرەم مۇسۇلمان ئاتا - ئانىلار ۋە ئاتىلارچە ئىگىدارچىلىق قىلىپ ئەۋلادلىرىغا تەلىم - تەربىيە بەرگۈچى زاتلار! سىلەر قەلبىڭلارغا ئۇرۇنلاشقان ئىسلام، ئىمان، تەۋھىد - ئەقىدەڭلەرنى ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ زىممەڭلاردىكى ئىلاھىي مەجبۇرىيەتنى ۋە ئىسلام ئەھدىسى بىلەن بەرگەن ئەھدى پەيمانىڭلارنى ئۇرۇنداپ ئادا قىلدىڭلارمۇ؟ uKF?UXc  
"/6<k0.D&  
  ئەۋلادلىرىمىزنىڭ قەلبىگە «ئىسلام، ئىمان ۋە تەۋھىد» قاتارلىق ئەقىدە ئاتالغۇلىرىنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشەندۈرۈپ، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىپ ئەقىدە باغلاش ھەر بىر شەخىسكە ئىنسانلىق بۇرۇچ ۋە ئۇلۇغۋار مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشىمىز لازىم. دېمەك، ئىنسان ئىسلام ئەقىدىسىنى تۇتقا قىلىپ ئىمان نۇرىدا ئىنسانلىق شەرىپىگە يۈكسېلىپ دۇنيادا بەخت - سائادەتكە، ئاخىرەتتە جانابى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىپ ئۇ زاتنىڭ جەننىتىگە مۇيەسسەر بولىدىغانلىقىنى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ زېھنىگە سىڭدۈرۈشىمىز لازىم. ئەمەلىيەتتە، دىندارلىق ھايات ئىنسانلىقنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك ۋە ئەڭ ئۈستۈن دەرىجىسى، ئەكسىچە دىنسىز ھايات چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك ۋە پەرىشان ھايات ئىكەنلىكىنى قايىل قىلارلىق نەزەرىۋىي ئاساس ۋە ئىلمى پاكىتلار بىلەن ئەۋلادلىرىمىزنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىغا سىڭدۈرىۋېتىشىمىز لازىم. %/!n]g-  
c(jF^0~  
  بىز ئەۋلادلىرىمىزغا ئىخلاسمەن، چىدامچان، تەقۋادار، ئىتائەتچان، سەۋرىچان، سەمىمىي، پاك، كەمتەر ۋە پۇختا بولۇشتەك بىر قاتار مەنىۋىي كۆرۈنۈشلەر ئادەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە ھەرىكەت مىزانى سۈپىتىدە رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، مەنىۋىي جەھەتتىن تەربىيە خىزمىتىنى ئاكتىپ ئىشلەپ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرالىدۇقمۇ؟ ئۇلارغا قۇرئان كەرىمنى ئۈگىتىپ، ئۇنى داۋاملىق ئۇقۇپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئاللاھنىڭ ھەبىبى ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۈيىدىغان، ئەھلى بەيت ۋە ساھابە كىراملىرىنى دوست بىلىپ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى قىلىپ، ئىزلىرىنى بېسىپ ماڭىدىغان، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ۋە يامانلىقلاردىن ئۆزىنى تارتىشقا كۆندۈرۈپ تەربىيە بېرەلىدۇقمۇ؟ 5zXw0_  
#|'&%n|Z  
  ئەۋلادلىرىمىزنى جانابى ئاللاھنىڭ ئۆيى بولغان مەسجىدلەرگە ئېلىپ كېلىپ، ناماز ئۈگتىپ روھىنى ئىبادەت خوشنۇدلىقى بىلەن يۈكسېلىشكە، ئەقىل تەپەككۇرىنى ئىلىم غىزاسى بىلەن ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دىنى تەلىم - تەربىيە ۋە نەسىھەتلەرنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرىۋېلىشىغا كۆندۈرەلىدۇقمۇ؟ ئەتە - ئاخشاملىرى بىرگە يۈرگەن ھەم تەڭ دوست - يارانلىرىنى كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ تەكشۈرۈپ باقتۇقمۇ؟ m[S6pqz  
WS6pm6@A*!  
  يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەن تەلەپ ۋە ئىستەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەينى زاماندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىز مۇسۇلمانلارغا ئۆز تەلىماتىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدى. ^Txu ~r0@  
:"OZc7~  
  بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيىلەب يېتىلدۈرىشتىن ئىبارەت ئىلاھىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشقا لايىقلىشىشىمىز ۋە ئىمانىمىز بىلەن ئۆز ئۈستىمىزگە ئېلىشنى ئىسلامىيەت بەلگىلىگەن كەسكىن تەلەپ ئىكەنلىكىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىگە ئاساسلاندۇرىمىز: «ھەر بىر بالا ئىمان ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ، ئاتا - ئانىسى ئۇنى يا يەھۇدىي، يا ناسارا، يا مەجۇسى قىلىپ چىقىدۇ» [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان]. klK-,J  
0%;N9\  
  پەرزەنتلىرىمىزنى يەتتە ياشقا كىرىشى بىلەنلا ناماز ئوقۇشقا كۆندۈرۈپ تەربىيلەشتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىگە ئاساسلىنىمىز: «بالىلىرىڭلارنى يەتتە ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندە (ئوقۇمىسا) ئەدىبىنى بىرىڭلار ۋە ياتىدىغان يېرىنى ئايرىڭلار» [بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان]. )CC?vV  
;=5@h!@R  
  پەرزەنتلىرىمىزنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەل قىلىپ، چەكلىگەن ئىشلىرىدىن يېنىپ، ھالالنى ھالال، ھارامنى ھارام دەپ چۈشىنىدىغان، ئاللاھقا ئىتائەتچان قىلىپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشتە ئىبنى جەرىرنىڭ ھەزرىتى ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىگە ئاساسلىنىمىز: «ئاللاھقا بوي سۇنۇپ ئەمەل قىلىڭلار، ئۇ زاتقا ئاسىيلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، ئەۋلادلىرىڭلارنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى تۇتۇپ ئەمەل قىلىشقا ۋە توسقان ئىشلاردىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇشقا بۇيرۇڭلار، ئەنە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى دوزاختىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ».   1KeJd&e  
#d }0}7ue  
  پەرزەنتلىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇ زاتنىڭ ئەھلى بەيتى ۋە ئۇرۇق - ئەۋلادىنى سۆيىدىغان، قۇرئان كەرىمنى ئۆگىنىپ ھەمىشە تىلاۋەت قىلىشقا قىزىقىپ تۇرىدىغان خاراكتېرىغا ئىگە قىلىب تەربىيىلەپ چىقىشىمىزدا ئىمام تەبەرىنىڭ ھەزرىتى ئەلىيدىن رىۋايەت قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىس شىرىپىگە ئاساسلىنىمىز: «ئەۋلادلىرىڭلارنى ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرۈشنى، ئۇنىڭ ئەھلى بەيت - ئەۋلادلىرىنى سۆيۈشنى، قۇرئان كەرىمنى ئۆگىنىپ تىلاۋەت قىلىش (تىن ئىبارەت بۇ) ئۈچ خىل خىسلەتلىك ئىشلارغا كۆندۈرۈپ ئەدەب ئۆگىتىڭلار. ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىمنى يادلىغان كىشى، قىيامەت كۈنى ھېچ بىر سايە يوق كۈندە ئاللاھنىڭ ئەرشىسىنىڭ سايىسى ئاستىدا پەيغەمبەر ۋە ئەۋلىيالار بىلەن بىرگە بولىدۇ» 4)3g!o ?  
8fJR{jD(s  
  پەرزەنتلىرىمىزنى گۈزەل - ئەخلاق ئىگىسى قىلىپ تەربىيىلەشتە ئىبنى ماجەنىڭ ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىسىغا ئاساسلىنىمىز: «ئەۋلادلىرىڭلارغا ئەدەب ئۆگىتىڭلار ۋە گۈزەل ئەخلاق ئىگىسى قىلىپ تەربىيىلەپ ئۆستۈرۈڭلار». g8%MOhg  
r5f^WZ$-  
  بالىلىرىمىزنى ئاللاھنىڭ ئۆيى بولغان مەسجىدكە ئاپىرىپ ئىبادەت قىلىشقا ۋە بىلىم يۇرتىغا ئاپىرىپ ئىلىم ئۆگىنىشكە كۆندۈرۈشتە، شۇنىڭدەك ئۇلارنى ئالىم ۋە دانىشمەن، دوكتۇر ۋە پەيلاسوپلارنىڭ ئىلىم سورۇنلىرىغا ۋە مۇنازىرە - سۆھبەتلىرىگە قاتناشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىدا ئىمام مۇسلىمنىڭ ئەبۇ ھۇرەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ تەلىمىگە ئاساسلىنىمىز: «بىرەر قەۋم ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدىن قايسى بىرىدە بولمسۇن، ئۇ زاتنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش قىلسا ئەلۋەتتە، ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن مەنىۋىي ئاراملىق چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئۇ زاتنىڭ رەھمىتى ئۇلارنى قاپلاپ ئالىدۇ، مالائىكىلەر ھەم ئۇلارنى قورشاپ (قوغداپ) تۇرىدۇ ۋە جانابى ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىدىكى پەرىشتىلەرگە ئەسلىتىپ تۇرىدۇ».   T6sr/<#<(  
=}~NRmmF  
  پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك ھايات پائالىيىتىگە كۆز قۇلاق بولۇپ، كىملەر بىلەن ئولتۇرۇش - قوپۇش قىلىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىپ تۇرۇشتا، ئىمام تىرمىزىينىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىسىگە ئاساسلىنىمىز: «ئىنسان ئۆز دوستىنىڭ ئەقىدىسى بىلەن بولىدۇ، سىلەردىن كىمدە كىم بولسۇن، دوستىنىڭ كىملەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتىدىغانلىقىغا قارىسۇن». |$YyjYK  
,]0S4h67  
  ئەجىبا بىز مەزكۇر ئايىتى كەرىمە ۋە ھەدىس شەرىپلەر تەلىماتى بويىچە ئائىلە ئىچىدە پەرزەنت تەربىيىسى ئېلىپ بارالىدۇقمۇ يوق؟ 4 hL`=[AB  
XxmJP5  
  جانابى ئاللاھ ئىسلام ئۈممەتلىرىنى ئىسلام تەربىيىسى ئارقىلىق دوزاخ ئوتىدىن ساقلاپ قېلىشتەك ئۇلۇغ پەرمانىنى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ئىدى. بۇ زات بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى بىزگە يەتكۈزۈپ نۇرغۇن تەۋسىيەلەرنى قالدۇرغان ۋە بىزنى بۇ ئۇلۇغ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ، ئەۋلاد تەربىيلەشتەك بۇ مۇھىم مەسئۇلىيەتچانلىقنى بىزگە تاپشۇرۇپ ئادا قىلىشىمىزغا ئەھدى ئالغان ئىدى. بۇ مەسئۇلىيەتچانلىق بۇرچىمىزنى جانابى ئالللاھنىڭ ئامانىتى سۈپىتىدە تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بەرگەن ئەھدى پەيمانىمىزگە ۋاپا قىلىپ ۋەزىپىمىزنى ئۇرۇندىيالىدۇقمۇ قانداق؟ JzHqNUn*M  
"4 'kb  
   ئاللاھنىڭ ئامانىتىدىن ئىبارەت مەزكۇر ۋەزىپىمىزنىڭ ئەھدىسىدىن چىقىپ، ئادا قىلالىغان بولساق، جانابى ئاللاھقا كۆپ ھەمدۇ سانا ئېيتايلى ۋە بۇ مۇۋەپپىقىيتىمىزدە مۇستەھكەم تۇرۇپ، پۇختا ئىرادە بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئۇرۇندىشىمىزغا ئۇڭاي شارائىت يارىتىپ بېرىشنى داۋاملىق ئۇ زاتتىن تىلەيلى. l*$WX=h6n  
\M+MDT&  
  ناۋادا پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەۋلاد تەربىيىلەشتەك مەسئۇلىيەتچانلىق بۇرچىمىزنى ئورۇندىيالمىغان بولساق، بۇ جەھەتتە ئۆتكۈزگەن خاتالىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ، خالىس نىيەت بىلەن ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ ئەپۇ سورىماقتىن باشقا چارىمىز يوق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جانابى ئاللاھقا يېڭى باشتىن ئەھدى پەيمان بېرىپ، ئىسلام تۇتقۇسى ۋە ھىدايەت مەنبىئى بولغان قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس - شەرىپلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئىسلامىيەتنىڭ بۇ مۇقەددەس ئىككى مەنبىئىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىپ، ئەخلاق ۋە ئىش - ئەمەللىرىمىزنى ئىسلام تەلىماتىغا ئۇيغۇنلاشتۇرىشىمىز لازىم. مۇشۇ بويىچە يېڭى باشتىن ئىسلام تەلىماتىغا كۆچمىسەك دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جانابى ئاللاھ بىزلەرگە قاراپ قويمايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن بىز خاتالىقىمىزنى تۈزىتىپ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ تەلىماتىغا ئەگىشىپ ماڭىدىكەنمىز ئەلۋەتتە، جانابى ئاللاھ بىزنىڭ قىلغان تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز رەھمىتى بىلەن نازۇ - نىمەتلىرىگە چۈمدۈرۈپ سىددىقلەر، شېھىتلەر، سالىھ بەندىلەر قاتارىدا قاراپ مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ ئۆز كالامى قۇرئان كەرىمدە: ]تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرە تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھىنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ (يەنى يۇقىرىقى خىسلەتلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ) مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى نېمىدېگەن ياخشى![ [ئال ئىمران سۈرىسى 135 - 136 - ئايەتلەر]. f_oq1W)9  
6hp{,8|D"m  
  مەزكۇر تاپشۇرۇلغان ئامانەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىمىزنى ئادا قىلىشقا سەل قاراپ بىپەرۋالىق قىلساق، بىلپ قويايلىكى، قىيامەتتىن ئىبارەت بۈيۈك جازا كۈنى جانابى ئاللاھ ئەلۋەتتە، بىزدىن بىر - بىرلەپ ھېساب ئالىدۇ. ئەنە ئۇ كۈندە ساغلام، توغرا - دۇرۇست ۋە خالىس ئەمەل - ئىبادەتتىن باشقا ھېچ - قانداق نەرسە، ھەتتا مال - مۈلۈك ۋە ئۇرۇق - ئەۋلادلىرىمىزمۇ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ]ئۇ كۈنى (ھېچ كىشىگە) مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. پەقەت (ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا) پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزىلىدۇ[ [سۈرە شۇئەرا 188 - 189 - ئايەتلەر]. iwvt%7  
P=c?QYF  
  ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ زېھنىمىزدىن شۇنى قاچۇرماسلىقىمىز لازىمكى، جانابى ئاللاھنىڭ ئامانىتىدىن ئىبارەت پەرزەنت تەربىيىسىنى ئادا قىلشقا سەل قارايدىكەنمىز، بۇنىڭغا قارىتا جانابى ئاللاھ ئۆز كالامىدا نېمە دەپ جازا ئېلان قىلغانلىقىنى مۇنۇ ئايىتى كەرىمەدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ: ]ئى مۆمىنلەر! ئۆزەڭلارنى ۋە بالا - چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرىقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ[ [سۈرە تەھرىم 6 - ئايەت]. >H$;Z$o*(  
=D{B}=D\IM  
  پۈتۈن ئىنسانىيەتكە رەھمەت بولۇپ ئەۋەتىلگەن ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز ئۈممىتىنى نېمىگە يېتەكلەپ ھىدايەت قىلغانلىقىنى تۆۋەندىكى مۇنۇ ھەدىس - شەرىپتىن بىلىۋالايلى: «جانابى ئاللاھ ھەر بىر مەسئۇللۇقى بار كىشىدىن ئۆز تارمىقىدا باشقۇرلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى ئادا قىلىپ قوغدىغانمۇ ياكى زايا قىلىۋەتكەنمۇ؟ مانا بۇلاردىن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ». YbzM6u2  
RV}GKL>gn  
ئايال ۋە قىز بالا - چاقىلىرىمىز ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىز wcwQjHwd  
CF\R<rF<VS  
   يۇقىرىقى ئايىتى كەرىمە ۋە ھەدىس شەرىپلەرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن بىز ئاياللىرىمىز ۋە ئوغۇل - قىز پەرزەنتلىرىمىز ئالدىدا غايەت زور مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ھەر تەرەپلىمە تەربىيىلەپ ئۈستىمىزدىكى جاۋابكارلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ھەم كاتتا ۋە بەك قىيىن مەجبۇرىيەت. چۈنكى ئاياللار يارىتىلىشتا تۇغما مىجەزى يۇمشاق، مايىلچانلىقى كۈچلۈك، جەمئىيەتنىڭ تەسىرىگە تېز ئۇچرايدىغان خاراكتېرغا ئىگە، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىش تۇيغۇسى ئۇلاردا ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن بۈگۈنكى كۈندىكى ئاياللار گۈزەللىك يولىدا ۋاسىتە تاللاپ تۇرماي ئاجايىپ نېجىس كەشپىياتلارنى ئىختىرا قىلدى. چاكىنا زىبۇ - زىننەت ۋە ئۈستىباش، غەرب ۋە يىراق شەرقچە ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت قارىشىنى گۈزەللىكنىڭ سىمۇۋلى قىلىپ تىكلىدى. مىللىيتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس ئەنئەنىۋىي گۈزەل ئەخلاق، ئۆرپ - ئادەت ۋە تەربىيە ئۇسۇللىرىنى تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىكى ئۇنىڭ ھايا ۋە نۇمۇسىدا جۇلالىنىپ چاقناپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ھايا بىلەن نۇمۇس ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ قەدىرلىق ۋە ئەڭ گۈزەل بېزىكى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتتى. شۇ سەۋەبلىك بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارغا ئىگە چىقىپ روھىنى، خاراكتېرىنى دىنى پرىنسىپ ۋە مىللىي تۈس بىلەن يېتىلدۈرۈپ قەلبىگە ئاللاھتىن قورقۇش تۇيغۇسىنى سېلىپ، ئەدەب - ئەخلاق، ئىنساپ - تەۋپىق، شەرم - ھايانىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى قىممەت ماھىيىتىنى قايىل قىلارلىق تۇنۇتۇش بىز ئاتا - ئانىلارغا چۈشكەن ئىلاھىي مەجبۇرىيەت ۋە ئىنسانلىق بۇرچىمىز. ئۇلارنىڭ ئىپپەت - نۇمۇسىنى ۋە شەرم - ھاياسىنى ئىسلامىي تەلىم - تەربىيە لىباسى بىلەن ئوراپ تۇرمىسا، تېزلا ئۆزگىرىپ ئەجنەبى ۋە غەيرى رەسمىيەت ھەر خىل يات ئۆرپ - ئادەت ۋە شەكىلۋازلىق بەيگىسىگە چۈشۈپ، ئۆزىنىڭ مىللىي قىياپىتىنى، دىنىي ئەنئەنەۋىي ئەخلاقىنى ھەتتا چىن ئاياللارغا خاس ئىنسانلىق قىممىتىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامىيەت بىزگە قىز - ئاياللىرىمىزغا ئەخلاقىي تەربىيە بېرىپ، ئىسلامىي مۇھىت تەسىرى ئاستىدا ئۆستۈرىشىمىزنى تاپىلاپ بىزنى ئۇلارغا مەسئۇل قىلغان، بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ]ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر[ [نىسا سۈرىسى 34 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى]. ^/k ,  
_$8{;1$T?  
  ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىمدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە ئەھلى - ئەۋلادىمىزدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىمىز ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەرلەر ئۆز ئائىلىسىدىكى ئەھلى - ئەۋلادلىرىدىن ۋە قول ئاستىدىكى كىشىلەردىن مەسئۇللۇققا تارتىلىدۇ». vm|!{5l:=y  
pL! a  
  مەزكۇر ئايەتتە زىكىر قىلىنغان «ھامىلىرىدۇر» دېگەن ئىبارىنىڭ مەنىسى: ئەرنىڭ ئايالىغا بىلمىگىنىنى بىلدۈرۈش، ياخشىلىققا يېتەكلەش، يامان ئىشتىن توسۇش، توغرا يول كۆرسىتىش دېگەنلىكتىن ئىبارەت. MA$Xv`6I\  
Rnr#$C%  
  ئاياللارنىڭ ئىففەت نومۇسىنى ساقلىشى، شەرم - ھاياسىنى ئەجنەبى يامان كۆزلەردىن قوغدىشى، دائىم ئەدەب ۋە تەرتىبنى ئۆزىگە يار قىلىشى، ۋاپا ۋە ساداقەت بىلەن ئائىلىسىگە كۆيۈنىشى، روھى ئويغاق، ئىمانى ئەركەك ئەرلەرنىڭ خاراكتېرىدىكى كۈندەشلىك تۇيغىسغا ھۆرمەت قىلىشى قاتارلىق ئەخلاقىي ئۆلچەم ۋە مىزانلار ئادەتتە، ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ خېمىرتۇرۇچى ۋە باشلىنىش نوقتىسى بولغان مۇھەببەتلىك، ئىناق ۋە گۈللىنىپ روناق تاپقان ئائىلە قۇرۇلمىسى ئاساسلىق سەۋەبچىسى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. شۇ سەۋەبلىك ئىسلامىيەت بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىنى ئەدەب - ئەخلاق پەردىسى بىلەن ئۇياتلىق يەرلىرىنى يېپىپ، ئىففەت - نومۇسىنى ساقلاشقا بۇيرىغان. قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلىدۇ: ](ئى مۇھەممەد!) مۆمىنلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، (تاشقى زىننەتلىرى يەنى ئىككى قول ۋە يۈزىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشرلىرىنىڭ ئوغۇللىردىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق چۆرىلەردىن (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسى شەھۋىتى يوقلار) دىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۆمىنلەر! بەخىتكە ئېرىشىشڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار[ [نۇر سۈرىسى 31 - ئايەت]. 7lwTZ*rnY  
e{0L%%2K  
  ئىسلام شەرىئىتىدە ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشى +TF8WZZF.d  
(')(dHHW  
  جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئۆز پەيغەمبىرىگە ئەمر قىلىپ مۇنداق دېگەن: ]ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن[ [ئەھزاب سۈرىسى 59 - ئايەت]. ~,gLplpG0  
1q] & 7R  
  بۇ مۇقەددەس ئايەتنىڭ تەپسىرى ھەققىدە مەشھۇر تەپسىرشۇناس ئالىملاردىن ئىبنى جەرىر تەبەرى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباستىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «جانابى ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىنى ئۆيلىرىدىن سىرتقا چىقماقچى بولغاندا، لېچەكلىرى بىلەن كۆزىدىن باشقا يۈزىنى قوشۇپ پۈتۈن بەدىنىنى يېپىۋالسۇن». ئۇلارنىڭ قىلغان بۇ تەپسىرىگە ئىمام ئىبنى سىرىن قوشۇلغان، ھەمدە كېيىنكى ئالىملاردىن ئەللامە ئەبۇ بەكرى ئەلجەسساس، قازى بەيزاۋىي ۋە ئەللامە نىسافۇرى قاتارلىق بۈيۈك ئالىملار «ئاياللار لېچەكلىرى بىلەن يۈزىنى ياپىدۇ» دەپ مەنە بېرىشكەن. E M Q4yK  
4jGLAor|  
  ھەدىس شەرىپلەرگە قارايدىغان بولساق مەزكۇر ئالىملارنىڭ يۇقىرىقى ئايەتكە بەرگەن تەپسىرىنى كۈچلەندۈرۈپ كەلگەن بىر قانچىلىغان سەھىھ ۋە توغرا ھەدىس شەرىپلەر رىۋايەت قىلىنغان. مەسىلەن، ئىمام مالىك پاتىمە بىنتى مۇنزەرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «يۈزلىرىمىزنى چۈمكەپ ياپاتتۇق». `|EH[W&y  
I+",b4  
  ھەزرىتى ئائىشىدىن قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە ھەم مۇشۇ مەزمۇننى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ: «ئاياللار لېچىكىنى بېشىدىن ئايىغىغىچە ساڭگىلىتىپ يۈزلىرىنى ياپار ئىدى». 'E-FO_N  
)7Ixz1I9g  
  مۇجتەھىد ئىماملىرىدىن ئىمام مالىك، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە ئىمام شافىئى قاتارلىق ئالىملار ئايالنىڭ يۈزى يېپىشقا تېگىشلىك ئەزا (يەنى ئاياللارنىڭ يۈزى ئەۋرەت) دەپ قارىغان. ئەمما ئىمام ئەبۇ ھەنىفە «پىتنە پاساتتىن خاتىرجەم ئورۇنلاردا ئايالنىڭ يۈزى ئەۋرەت ئەمەس» دەپ شەرت قويغان. Q'K$L9q  
)Gb,^NGr  
  يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئايىتى كەرىمە ۋە ھەدىس شەرىپلەرنىڭ مەزمۇنىنى مۇلاھىزە قىلىپ روھىمىزغا شۇنى سىڭدۈرىشىمىز لازىمكى، قىز باللىرىمىز ۋە ئاياللىرىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھلى بەيتى بولغان ھەزرىتى ئانىمىز ئائىشە ۋە قىزى ئانىمىز ھەزرىتى پاتىمەنى ئۆزلىرىگە ئۆلگە قىلىپ ئۇلارغا ئەگەشسۇن... ئائىلە تۇرمىشىدا، ئەخلاق قارىشىدا ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۇلارنىڭ يولىنى قىبلىگاھ قىلسۇن... بولۇپمۇ ئەۋلاد تەربىيىلەشتە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ئۇستاز قىلسۇن. O%g\B8 ;  
Hb!6Z EmN%  
  غەرب ئەللىرى ۋە يىراق شەرق خەقلىرىنىڭ ئائىلە تۇرمىشى ۋە ئەخلاق قارىشىغا زوقلىنىپ ئۆزىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىۋىي ئائىلە ۋە نىكاھ تۈزۈملىرىگە يات قارىمىسۇن! مەنەۋىي مەلەكە ۋە روھى سائادىتىنى تاشلاپ ئەجنەبي، دىنسىز قىياپەت شەكلى ۋە ھەرىكەت مودىلىرىنى يۇقتۇرىۋالمىسۇن! 6P*O&1hv  
S4bBafj[I  
  قىز - ئاياللىرىمىزنىڭ مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرى بولغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ پاك ئاياللىرىغا، شۇنىڭدەك قىزى ئانىمىز پاتىمىگە ئەگىشىپ ئۇلارنى ئۆزىگە ئەخلاقى ھاياتىدا نەمۇنە ۋە ئۆلگە قىلىپ ئېلىشى ئۆزى ئۈچۈن شەرەپ، جەمئىيىتى ئۈچۈن ئەخلاقى پەزىلەت، قىيامەتلىكى ئۈچۈن سائادەت ۋە نىجات ئەمەسمۇ؟!.. OipqoI2  
&{z<kmc$6  
تەبلىغ ۋە دەۋەت &z@~B&O  
o`6|ba  
  دەۋەت، بۇ بىز مۇسۇلمانلارغا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرىپىدىن تاپشورۇلغان مۇقەددەس ئامانەت بولۇپ، ئۆتەشكە تېگىشلىك ئىنتايىن مۇھىم ۋە جىددىي بىر مەجبۇرىيەت. u|fXP)>.  
JE;+T[I  
  تەبلىغ ۋە دەۋەتتىن مەقسەت، ھەق دىن بولغان ئىسلامىيەتنىڭ ئەھكام ۋە پرىنسىپلىرىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارنى ھەقىقىي ”كامىل“ ئىنسان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشتىن ئىبارەت. ھەقىقەتتە بۇ بىر ئىلاھىي ئامانەت بولۇپ، ئەينى چاغدا دۇنياغا كېلىپ كەتكەن پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە يۈكلەنگەن ۋە ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىش غايىسنىڭ ئاساسى ئىدى. بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ بۇ رىسالەت ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىپ، داۋاملاشتۇرۇشنى بىز ئۈممەتكە تاپشۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ زات ھەججەتىل ۋىداغا ھازىر بولغان 100 مىڭدىن ئارتۇق ساھابە كىراملارغا سۆز قىلغان ۋە سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «بۇ يەرگە ھازىر بولغانلار ھازىر بولمىغانلارغا (مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى) يەتكۈزسۈن» دەپ تاپىلىغان. j*3}1L4P  
v>m n/a  
  جانابى ئاللاھ بۇ ۋەزىپىنى بىزگە قۇرئان كەرىمدە: ]بىر - بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان[ دېگەن سۆزى ئارقىلىق ئىنسانلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشقا بۇيرۇيدۇ. cdTsRS;E  
YRcps0Dx9  
  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىز ئۈممەتكە تاپشۇرغان بۇ مۇقەددەس ئامانىتىنى ئادا قىلىشقا سەل قاراپ، ۋەسىيىتىگە ۋاپا قىلىپ ھۆددىسىدىن چىقالمىساق، ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئېغىر مەسئۇلىيەت ئاستىدا قالىمىز. *>."V5{;S  
c/aup  
  بىز بۇ ئەھدىمىزگە ۋاپا قىلىشىمىز ئۈچۈن تەبلىغ ۋە دەۋەتنى ئاۋۋال باشلاپ ئۆز بالا - چاقا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمىزدىن باشلىشىمىز لازىم. ئۇلارغا قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىس شەرىپلىرىدىن دەرس بېرىپ، دىن - دىيانەت، ئەقىدە ۋە ئەخلاق توغرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلدۇرۇپ دىنى مەلۇماتقا ئىگە قىلايلى. ئەۋلاد تەربىيەسى تەبلىغ ۋە ئىرشادنىڭ ئاساسى ئۇلى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا دىن ۋە ئەقىدىنى توغرا ۋە دۇرۇس شەكىلدە چۈشەندۈرۈپ، ئىسلامنىڭ ئەھكام ۋە قانۇن پرىنسىپلىرىنى ئۈگتىپ دىن - دىيانەتنى قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، شۇ بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىپ ھايات كەچۈرىشىگە كۆندۈرەيلى. ئۇلارغا مۇشۇ چۈشەنچە ۋە مۇشۇ تۇيغۇ بىلەن ھەرىكەت قىلىپ ھايات كەچۈرگەندە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئىرىشىدىغانلىقىنى، بۇ پرىنسىپتىن چەتنەپ كەتكەندە ھەر ئىككى دۇنيادا خار ۋە زار بولۇپ، ئالاھنىڭ ھوزۇرىدا ئېغىر جازا ۋە ئازابقا لايىق بولۇپ ئىلاھىي رەھمەتتىن مەھرۇم قېلىپ جەننەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرەيلى. YQ]\uT>}&  
-]S.<8<$  
  بۇ ھەقتە ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتا ئاددى - ساددا ياشاپ ئۆتكەنلىكى، تەبلىغ ۋە دەۋەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش جەريانىدا تارتقان جاپا - مۇشەققەتلىرىنى، بۇ جاپا - مۇشەققەتكە قارىتا ئۇ زاتنىڭ سەۋر قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ھەر زامان ئۇلارغا سۆزلەپ بېرىشىمىز لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساھابە كىراملارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇھەببىتىنى، ئۇ زاتنىڭ دەۋەتىنى قوغداش ئۈچۈن جان - ماللىرىنى پىدا قىلىپ، بالا - چاقا ۋە ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن، پەيغەمبىرى ئۈچۈن جانلىرىنى ئايىماي خىزمەت قىلىشتەك پىداكارلىق روھىنى باللىرىمىزغا سۆزلەپ بېرىپ؛ مانا مۇشۇنداق پىداكارلىقلارنىڭ بەدىلىگە قىسقا بىر زامان ئىچىدە پۈتۈن دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ قۇدرەتلىك بىر دۆلەت قۇرۇپ جاھالەت ۋە زۇلمەتكە تولغان بىر دۇنيادا ھەق ۋە ھەقىقەتنى تۇرغۇزۇپ ئادالەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك بەرپا قىلىپ، دۇنيا مىللەتلىرىگە نەمۇنە ۋە ئۆرنەك بولۇپ تونۇلغانلىقىنى ئۇلارنىڭ زېھنىگە سىڭدۈرىشىمىز لازىم! شونىڭدەك ساھابە كىراملارنىڭ ئۆزىنى، ئائىلىسىنى ۋە بالا چاقىلىرىنى ئونۇتقان ھالدا بىر - بىرىگە كۆيۈنۈپ ئومۇمىي مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جان - مېلىنى ئايىمايدىغان، ئالىي جاناپ، ھىممەتلىك، جاسارەتلىك، ئىپپەت نومۇسى ۋە شان - شەرىپىگە جېنىنى پىدا قىلىش خىسلىتىگە ئىگە، ئۆزىگە ئۆزى خوجا ئېزىز بىر ئۈممەت بولۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولۇش بىلەن ھەر تەرەپتىن جانابى ئاللاھنىڭ زور رەھمىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ھەتتا جانابى ئاللاھ ئۆز كالامى قۇرئان كەرىمدە ئۇلارنى ”شۇھەدا، سىددىقىن، سالىھىن“ دېگەن ئۇنۋان بىلەن زىكىر قىلغانلىقىنى بالىلىرىمىزغا ئەسلىتىشىمىز لازىم. s;1h-Oq (  
%y<]Yzv.  
  ئەۋلادلىرىمىز قۇرئان كەرىمنى ئۆگىنىش بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈپ، ساھابە كىراملارنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى بېسىپ ئۇلارنىڭ دىن ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىق خىسلەتلىرىنى تۇتقا قىلىپ ماڭىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە، جانابى ئاللاھ ئەينى چاغدا ساھابە كىراملارغا ئاتا قىلغان چوڭقۇر رەھمىتىنى ۋە زور ئاتا - ئېھسانلىرىنى ئۇلارغىمۇ مەرھەمەت قىلىشى مۇقەررەر. f3tv3>p  
)qU7`0'8  
  شۇنىڭدەك پەرزەنتلىرىمىزگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۈرك ئىرقى تارىخىدا تۇنجى ئىسلامىي دۆلەت قۇرۇپ پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا دەۋران سۈرىگەنلىكىنى (840 - 1123 يىلدىكى ئۇيغۇر قاراخانىيلار سەلتەنەتى كۆزدە تۇتىلىدۇ)، ئەخلاق پەزىلەت ۋە ئەنئەنىۋىي ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئەسلىتىپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە مۇنۇ تۆۋەندىكىدەك سوئال ئالامەتلىرىنى قويىشىمىز لازىم: K_/B?h  
!<n"6KA.  
  بىز قانداق قىلغاندا ئاتا - بوۋۇلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلالايمىز؟ ئەجدادلىرىمىز ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن دىن - دىيانەت، ئەخلاق پەزىلەتلىرىنى، ئەنئەنەۋىي ئۆرپ - ئادەتلىرىنى بۇزماي ساقلاپ ئۆتكەن ئىكەن؛ بىز نېمە ئۈچۈن بۇلاردىن ۋاز كېچىپ يات مىللەت ۋە غەيرى دىندىكىلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەت ۋە رەسمىيەتلىرىگە زوقلىنىمىز؟ ئىنسانىي قىممىتىمىزنى دەپسەندە قىلىدىغان، مىللىي ئەنئەنەلىرىمىزنى پۈچەكلەشتۈرىدىغان بىر تۈركۈم غەيرى رەسمىي ئىشلارنىڭ مۇخلىسلىرى بولۇپ قېلىشىمىزنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئەجدادلىرىمىزنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەنئەنەۋىي مىراسلىرىنىڭ ھەقىقىي مىراسخورلىرى بولالىدىقمۇ يوق؟ ئۇلارنىڭ ئەخلاق - پەزىلەت قارىشىنى تاشلاپ، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزگە يات ۋە ئىسلام پرىنسىپلىرىغا زىت ئەجنەبىي خەقلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئادەت - قائىدىلىرىگە تۇتقۇن بولۇپ قېلىشىمىز نېمە ئۈچۈن؟ بىز بۇ ناكەس ۋە ناتىۋان ھالىمىز بىلەن مەھشەردە ئۇلارغا قانداق يۈز كېلەلەيمىز؟ قىسقىسى ياراتقۇچىىمىز جانابى ئاللاھ ئالدىدا نېمە دەپ جاۋاب بېرىمىز؟ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىككى دەستۇرىمىز بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ھايات پىروگراممالىرىمىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرغان؟ نېمە ئۈچۈن بىز بۇ مۇقەددەس دەستۇرلىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن چەتنەپ كەتتۇق؟ XbXA+ey6  
oC |WBS  
  مانا بۇ مەزكۇر سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن جانابى ئاللاھتىن قورقايلى، دىندارلىق ۋە تەقۋادارلىقنى ئۆزىمىزنىڭ ھايات مۇساپىمىزنىڭ قىبلەنامىسى قىلايلى. جانابى ئاللاھتىن قانچىكى قورقساق شۇنچە تەقۋا، شۇنچە دىندار ھايات بىزگە نېسىپ بولىدۇ. ھەممىگە ئالىم ۋە ھەممىگە قادىر ئاللاھ بىز ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەختى - سائادىتى ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن زامان - ماكان ئايرىماي ئىنسان تەبىئىتىگە تامامەن ماس كېلىدىغان دىني ئەھكام ۋە شەرىئەت پرىنسىپلىرىنى ئۆز ئارا بىر - بىرىمىزگە يەتكۈزۈپ، دىندار ۋە تەقۋادار مۇسۇلمانلىقىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتى بويىچە ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىپ ھەر جەھەتتە باشقىلارغا ئۆلگە بولايلى! ساغلام ۋە دۇرۇس مۆمىن مۇسۇلمانلىقىمىز ئەمەلىي ئىش - ھەرىكەت پائالىيىتىمىزدە ئىسپاتلانسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە بەرگەن ئەھدى پەيمانىمىزغا ۋاپا قىلىپ ئىلاھىي ئامانىتىمىزنى بىجا كەلتۈرگەن بەندىلەردىن بولۇپ قالساق ئەجەپ ئەمەس!... بۇنىڭ ئۈچۈن ئەھلى - ئەۋلاد ۋە بالا - چاقىلىرىمىزدىن ئاللاھ ھوزۇرىدا مەسئول ئىكەنلىكىمىزنى ئىسىمىزدىن چىقارماي، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپتە ئەۋلاد تەربىيىسى ھەققىدە كۆرسىتىلگەن قائىدە ۋە پرىنسىپلارنى پۇختا ئۆگىنىپ، شۇ بويىچە ئەۋلادلىرىمىزغا تەلىم - تەربىيە بېرىپ، بۇلارنىڭ ئىسلامىي پەرزەندىلىك ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلدۇرايلى! -yx/7B5@  
E~hzh /,34  
  قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ بىزلەرگە ئەھلى - ئەۋلادلىرىمىزنى كېچىكىدىنلا ناماز ئوقۇشقا كۆندۈرۈپ ئىسلام ئەخلاقى بىلەن تەربىيىلەپ ئۆستۈرىشىمىزنى، ئۇلار ئاق - قارىنى پەرق ئەتكىدەك بولغاندا، ياتاق يېرىنى ئايرىشىمىزنى، قىزلىرىمىز ئۆزلىرىنى پەردە - ھىجاپ ئارقىسىغا ئېلىپ يۈرىشىگە كۆندۈرۈپ تەربىيىلەپ چىقىشىمىزنى بۇيرىغان ئىدى. #-# NqX:  
k(s;,B\  
  بىز مۇقەددەس دىنىمىزنىڭ دەستۇرى بولغان بۇ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەرنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئۆزىمىزدە ئۆزلەشتۈرۈپ كۈندىلىك مەشغۇلاتىمىزنى ئۇنىڭغا كۆرە ئېلىپ بارالمىدۇق، ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزلەرگە مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن تەبلىغ ۋە دەۋەت ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن تېخى چىقالمىدۇق. شۇ سەۋەبلىك ئەھلى ئەۋلادلىرىمىز ئىسلامىيەتنىڭ قائىدە پرىنسىپلىرىدىن ۋە مۇسۇلمانچە ئەخلاق قاراشلىرىدىن كۈنسېرى ئۇزاقلاشتى، نەتىجىدە جەمئىيىتىمىزدىكى ياشلىرىمىز ئىسلام ئەخلاقىغا زىت، مىللىي ئۆرپ - ئادىتىگە يات خىلمۇخىل ئەجنەبى قىلمىش ۋە ئەتمىشلەرگە نورمال قارايدىغان، بەلكى زوقلىنىپ ئۆزىنى ئاتىدىغان ئادەت شەكىللەندى. G*}F5.>8(  
9.+/~$Ht  
  بىز مۇسۇلمان مىللەت، مۇسۇلمانچە تەپەككۇر قىلىپ جەمئىيەتكە نەزەر سالايلى!... قىز بالا - چاقىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرەيلى!... ئۇلارغا ئىستىلى بوزۇق، مەرەز كىشىلەرنىڭ نامەھرەم كۆزلىرى چۈشسە ئاتىلىق ياكى ئاكىلىق ۋىجدانى ھېسسىياتىمىز ئازابلانماي تۇرالامدۇ؟!! ئۇلارنىڭ ئىززەت - شەرەپى ۋە نۇمۇس - ئىففىتى بىزنىڭ ئىززەت - شەرىپىمىز ئەمەسمۇ؟! ئۇلارنىڭ مۆمىنەلىك ئىززەت شەرىپىگە بىز ئاتا - ئانىلار ئىگە چىقىپ كۆز قۇلاق بولمىساق، كىم ئىگە بولىدۇ؟ ئۇلارنى كىم قوغدايدۇ؟! F[`ZqW  
xFF r  
  بىزدە ئىسلامىيەت ۋە ئىنسانىيەت شەرىپىگە لايىق كۈندەشلىك غۇرۇر ۋە ۋىجدانىي ھامىيەت بولسۇن، دىنى ئەقىدىمىز ۋە دىيانىتىمىزنىڭ ئىجابى بويىچە ئاياللىرىمىز، ھەمشىرە ۋە قىز بالىلىرىمىزنى يات - نامەھرەم كۆرۈنۈشتىن توسايلى!.. بۇلارمۇ مۇسۇلمانچە ئالاھىدىلىككە ئىگە نومۇسچان ۋە شەرم - ھايالىق شەرىپىگە ئىگە مۆمىنە خانىملاردىن بولسۇن. ئۆزىنىڭ ئىمانلىق جامالىنى يات، يامان ۋە ئىستىلى بوزۇق كىشىلەرگە كۆرسىتىپ ئۆزىنى خارۇ - بىئىززەت قىلمىسۇن! #`SD$;  
wYNloU  
  يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئايىتى كەرىمە ۋە ھەدىس شەرىپلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە تەتبىقلاپ، شۇ بويىچە ئەۋلادلىرىمىزغا ئۆگىتىپ، ئىسلامىي ئەقىدە ۋە ئىسلامىي ئەخلاقنى ئۇلارنىڭ زېھنىگە سىڭدۈرۈپ تەربىيە بېرىدىغان بولساق، شۈبھىسىزكى، جانابى ئاللاھ بىزلەرنى ئۇلۇغۋار مۆمىن ۋە ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىيامەتتە ھېساب قىلماستىن ئۆز جەننىتىگە مۇشەررەپ قىلىدۇ. pBJAaCGm  
+|RB0}hFS-  
  جانابى ئاللاھ بۇلارغا مۇنۇ ۋەدىدە بولغان: ]ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، خوتۇنلىرى ۋە ئەۋلادىنىڭ ئىچىدىكى ياخشىلارمۇ جەننەتكە كىرىدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارنى (مۇبارەكلەش ئۈچۈن جەننەتنىڭ) ھەر بىر دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ (ۋە ئۇ دۇنيادا) «سەۋرنى دوست تۇتقانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشى نېمىدېگەن ئوبدان!» دەيدۇ[ [رەئد سۈرىسى 23 - 24 - ئايەت] يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ، ئىلاھىي ئامانەت بولغان تەبلىغ دەۋىتىنى يەتكۈزگەنلەر ئەبەدىيلىك جەننەتكە كىرىدۇ. بۇ يەرگە سالاھىيەت ھاسىل قىلغان ئاتا بوۋىلىرى ۋە ئايال ۋە ئەۋلادلىرى ھەم بىرگە كىرىدۇ، بۇلارنىڭ يېنىغا مالائىكىلەر ئىشىك - ئىشىكتىن كىرىپ، سالام بېرىپ : «دۇنيادا ئىسلام ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئۆلچىمىگە چۈشۈپ، شەرىئەت پرىنسىپلىرىغا بوي سۇنۇپ، ئىجتىمائىي غايىسىنى قوبۇل قىلىپ، غەربنىڭ ئىدېئولوگىيىسى ۋە يىراق شەرقنىڭ سىياسىي بېسىمى ئاستىدا ئېغىپ كەتمەي سەۋرچانلىق بىلەن ساباتلىق كۆرسىتىپ تۇرغانلىقىڭلارنىڭ بەدىلىگە ئاتا قىلىنغان بۇ جەننەت نېمە دېگەن گۈزەل ئىستىقباللىق ئورۇن؟!» دەپ تەبرىكلىشىدۇ. -=}3j&,\R  
x5si70BKC/  
  ئېزىز مۇسۇلمان قېرىنداشلار! بۇ كىتابچىنى كىچىك كۆرمەي ئىچىدىكى ئايەت كەرىمە ۋە ھەدىس شەرىپلەرنى ئوقۇپ، مۇلاھىزە قىلىپ ئەھلى - ئەۋلادىمىزغا ئىسلامىي تەربىيە بېرىپ ھىدايەتكە كىرگۈزەيلى! ھەرگىزمۇ ئۇلارنى نوقۇل مەكتەپ تەربىيىسىگە تاشلاپ قويمايلى، ياكى جەمئىيەتكە چىققاندا مەجبۇرىي ئادەم بولىدۇ دەپ سەل قارىمايلى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ مەكتەپتىن ئالىدىغان تەربىيىسى ھەممىمىزگە مەلۇم!... ياشاۋاتقان جەمئىيىتىمىز تامامەن بوش، نى - نى ياخشى ۋە تەقۋادار كىشىلەرنىمۇ ئازدۇرۇپ تاپتىن چىقارغىلى تاس قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دەسلەپكى تەربىيە يەنى ئائىلە تەربىيىسىگە قەتئى سەل قارىماسلىقىمىز، سەھەرلەردە تۇرۇپ ئىنساپ - تەپىق ۋە ھىدايەت تېپشىغا جانابى ئاللاھتىن تىلىشىمىز لازىم. قۇرئانى كەرىم بىزنى بۇ ھەقتە مۇنداق ئىرشاد قىلىدۇ: ]ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى (يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پىشىۋاسى (يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى) قىلغىن» دەيدۇ[ [فۇرقان سۈرىسى 74 - ئايەت]. 6j9)/H P  
QB{rVI>mI!  
   ئاتا - ئانا بولۇش بىر ئىلاھىي مەجبۇرىيەت، بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشقا ھەرگىزمۇ بىپەرۋالىق قىلماسلىق كېرەك، چۈنكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دىنسىز - دەھرىي ياكى يەھۇدىي ياكى خرىستىئان بولۇپ چىقىشىدا بىز ئاتا ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيتى ئىنتايىن زور. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك: «ھەر بىر بالا ئىمان ئۈستىگە توغىلىدۇ، ئۇنى ئاتا - ئانىسى يا يەھۇدى، يا ناسارا، يا مەجۇسى قىلىپ چىقىدۇ» [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان]. h 8 @  
y&J@?Hc>  
  بىزنىڭ سەۋەبىمىز بىلەن جانابى ئاللاھ بىر ئادەمگە ھىدايەت بېرىپ قالسا، بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن زور مۇۋەپپىقىيەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سېنىڭ تەشەببۇسىڭ بىلەن جانابى ئاللاھنىڭ بىرەر كىشىنى ھىدايەت قىلغانلىقى، سېنىڭ دۇنيا ۋە دۇنيادىكى پۈتۈن نەرسىگە ئىگە بولغانلىقىڭدىن ياخشىراق» دېگەن بېشارىتىگە سازاۋەر بولغان بولىمىز. !dcwq;Ea  
dj9 ?t  
  بىزنى ئىنسان يارىتىپ ئۆزى رازى بولغان دىن يەنى ئىسلام دىنىغا ھىدايەت قىلغان خالىقىمىز ۋە پەرۋەردىگارىمىز جانابى ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسەنالار بولسۇن ۋە بىزنى بۇ مۇقەددەس دىندىن ئايرىمىسۇن، ئاخىرقى نەپسىمىزنى ”لائىلاھە ئىلاھە ئىللەللاھۇ“ دىن ئىبارەت ئىمان كەلىمىسى بىلەن ئۈزۈپ، باشلىنىشى بار، ئاخىرى يوق ھەقىقىي يۇرتىمىز بولغان ئاخىرەت مەنزىلىمىزگە ساغلام قەلب بىلەن كەتكىلى نىسىپ قىلسۇن، ئامىن 3tS~:6-/  
مەنبە: http://knol.google.com/k
ئانا تۇپراق مۇنبرىدىكى مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار جەمئىي 1 پارچە
yvsvfمۇنبەر پۇلى+1002011-01-05-
 
ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
nigar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.860

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1448 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   97434 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3022 (قېتم)
 تۆھپە:   2937  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1813
 سائەت
دەرىجىسى:
1813 سائەت 77 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-13
ئاخــىرقىسى:2013-06-23
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-01-05

باياۋان ئەپەندىم، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر تېما يوللاپسىز ، . 5HQ  
y&T&1o  
بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىپ چۇقۇم تەپسىلېي كۆرۈپ چىقىمەن . =ZYThfAEw  
D@Da0  
            ئەجرىڭىزگە رەھمەت !!!  مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنىڭ مۇنبەردىن     2i=H"('G)+  
8}p8r|d!ls  
                     ئۈزۈلۈپ  قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن !!!!
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم ، سۇ بۇلايمۇ ؟ يىلتىزمۇ ؟
yvsvf
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2838

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   192 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1991 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   274 (قېتم)
 تۆھپە:   249  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5263
 سائەت
دەرىجىسى:
5263 سائەت 7 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-02
ئاخــىرقىسى:2011-10-15
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-01-05

   نادىر تىما قىلىپ نادىرلەشكە تىگىشلىك ئىسىل تىما ئىكەن . p&_a kQj  
h|%d=`P,  
.Rc&EO  
    پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىز باسارى بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرخىل يۇسۇندىكى بىدئەت ئىش - ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئەمىلى ھەرىكىتى بىلەن توسقان ، ھەر جۈمەدىكى خۇتبىلىرىدە كىشىلەرنى يىتۈك بىلىمى بىلەن ئىلمى ۋە دەلىللىك ھالدا جەميەتتىكى ئىمانغا زىت بولغان ئىشلاردىن كىشىلەرنى ھۇشيار بولۇشنى چاقىرغان ، ئۆز ھاياتىدا شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تىرىشقان ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەبلىغ دەۋەتلىرىنى بىزگە ئەينەن يەتكۈزگەن ، يۇقارقى ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى رەھمەتلىك ئابدۇرەشىد مەخسۇم ھاجىمكامنى كۈچلۈك سىغىنىش ۋە ھۆرمەت بىلەن ئەسكە ئالىمىز . ئۇلۇغ مىھرىبان ئاللادىن ياتقان يىرىنىڭ جەننەتنىڭ ئالى ئورۇنلىرىدىن بولىشىنى تىلەيمىز .
نىجادلىق نەدە؟ - دىسە ، قۇرئاندا - دەيدۇ رەسۇلۇللاھ ( س ئە ۋ ) .
kosowuluk

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3131

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   949 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   32132 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3125 (قېتم)
 تۆھپە:   3077  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4717
 سائەت
دەرىجىسى:
4717 سائەت 233 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-13
ئاخــىرقىسى:2013-08-17
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-01-07

باياۋان ئەپەندىم ھەقىيقەتەن  بەك تەپسىلىي  يېزىپسىز! ئاللاھ  ئاخىرەتتە سىز ۋە بىزلەرنى  ئۆزى ياخشى كۆرگەن بەندىلىرى قاتارىدىن قىلسۇن! =nid #<X  
                   ئامىين!
بىراۋغا پايداڭ تەگمەي، پەقەت ئوزۈڭ ئۈچۈنلا ياشىساڭ،سەن ئاللاقاچان  ئۆلگەن ئادەمسەن!!!
buxluk
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3716

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   160 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   16 (قېتم)
 تۆھپە:   16  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2886
 سائەت
دەرىجىسى:
2886 سائەت 104 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-10
ئاخــىرقىسى:2011-07-06
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-01-11

سىزگە ئاللا رەھمەت قلغاي!بىر ئانا بۇلۇش سۇپىتىم بىلەن سىزدىن بەكمۇ مىننەتدار بولدۇم. ئاللا قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىگەي!ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى باللىرىمىزنىڭ ئىتىقات تەربىيەسىگە  كۆڭۇل بۆلۇشىمىز كېرەك.ئاللا ھەممىمىزنىڭ دىلىنى ئىمان نۇرى بىلەن يۇرۇتقاي!
madatkar1994
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16273

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   30 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4 (قېتم)
 تۆھپە:   3  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-06-22
ئاخــىرقىسى:2013-06-22
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-22

بۇ ماتىريالنىڭ ئاپتورى شىخابا مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇرىشىت مەخسۇم ھاجىممۇ؟
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى