-
تىزىم نۇمۇرى:39 -
- تىزىم ۋاقتى:2010-06-08
- ئاخىرقى كىرگىنى2013-01-23
- تور ۋاقتى:6725سائەت
-
- تېمىسى1589
- تېمىلىرىنى ئىزدەش
- نادىرلانغىنى13
- مۇنبەر پۇلى49652
- شۆھرىتى4095
- تۆھپە3992
- كۈمۈش تەڭگە4662
- ياخشى باھا3551
- بىلوگدوستلاشقورال
| — بۇ يازما sansiz0903 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-01-02) — | | | | y8"8QH MVdX كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ. 0mcZe5RS _ماقال_ ;&mefaFlWp ]PWK^-4P بۈگۈن دادامنىڭ تويى. گەرچە بۇ توي ھەشەمەتلىك، داغدۇغا ئىچىدە ئۆتكۈزۈلمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما قائىدە يوسۇنلۇق كۆڭۈللۇك ئۆتكۈزۇلمەكتە ئىدى. بۇ تويدا ئەڭ خۇشال ئادەم مەن دىسەم ئارتۇق كەتمەس بەلكىم . چۇنكى مىنىڭ ئەمدى "ئانام" بار بولدى. گەرچە ئۆگەي بولسىمۇ ،مەن ئەڭ مۇھتاج بولغان " ئانا" بۇ ئۆيگە كىردى. ساۋاقداشلىرىم ، دوسلىرىم "ئانام" دەپ ھەۋەسلىنىپ سۆزلەپ كەتسە مەن پەقەت "دادام"لا دىيەلەيتىم.توققۇر ياشقا كىرگەن مۇشۇ كۇنگىچە " مىھرىم" بىلەن" " ئانا" دەپ باقماپتىمەن. بۇ ئۆيدە دادام ماڭا مەن "ئانا " ھەم "دادا"لىق مىھرىنى بىرىپ ،مەن ئۇچۇنلا ياشىماقتا ئىدى. T,z7U2O بۇگۈن بو تۇينىڭ مىنى خۇشال قىلشىدىكى سەۋەپ ، مىنىڭ ئانام بولغۇچى ، بىزنىڭ ئۆيگە يىقىنلا بولغان پىنسىئونىر ئائىلىسىگە يىزىدىن، ئائىلە خىزمەتچىلىككە ئىلىپ كىلىنگەن زورەم ئاچام ئىدى. بۇ بىرجۈپ ياشانغانلار زورەم ئاچامنىڭ ئائىلىسىنىڭ شۇنداق نامراتىلىقىنى بىلىپ، ساۋاپلىق ئۇچۇن ئۇنىڭ تۇرمۇش ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرماقچى بوپتىكەن. گەرچە دادام بىلەن زورەم ئاچامنىڭ ياش پەرقى خىلى چوڭ بولسىمۇ، دادامنىڭ يۇۋاش،ئاقكۆڭۈل، ئىمانىنىڭ كامىللىقىنى ، زورەم ئاچامنىڭ چاققان، ئەخلاقىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇلارنىڭ تۇرمۇش ئىشىنى روياپقا چىقارغان ئىدى. ئۇنى ياقتۇراتتىم . ئۇنىڭ ماڭا ياخشى ئانا بولدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنەتتىم. چوڭلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن ئۇلارنىڭ تويى بولدى . بۇ توي مىنى ھەقىقەتەن خۇشال قىلدى. +T]/4"^M مەن ئىلگىرى ھەممە بالىلارنىڭ ئانىسى ،دادىسى بىلەن باغچىلارغا بىرىپ ئويناپ كەلسە، ئانىللىرى ئەركىلىتىپ مەڭزىللىرىگە سۆيۈپ كەتسە ھەۋەسلىنىپ قاراپ كىتەتتىم ھەم دادامىغا چۈچۈك تىللىرىم بىلەن "دادا ، ئانام قەيەرگە كەتتى؟ نىمىشقا بىزنىڭ يىنىمىزدا يوق؟ " دىگىنىمدە دادام ئىغىر ئۇھسىنىپ ، بىشىمنى سىلاپ تۇرۇپ" قىزىم ، ئانىڭىز بەك يىراق يەردە ، ئۇ ھامان بىر كۇن قايىتىپ كىلىدۇ دەپ " دەپ ماڭا تەسەللىي بىرەتتى. MTm}qx@L مەن بۇنداق سۇئاللارنى قايتا-قايتا سوراپ ئوخشاش جاۋاپقا ئىرشىۋەرگەندىن كىيىن داۋاملىق دادامدىن سورىيالمايدىغان بولدۇم. دادام ئوتتۇرا بوي ، كىلىشكەن ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇرما قاشلىرى ئارسىدىكى بىر جۇپ مىھىرلىك كۆزلىرىدىن مىھىرلەر تۆكىىلپ تۇراتتى.دادام ئۆيىمىزگە يىراقراق بولغان بىر يەردە كىچىك بولسىمۇ ئەمما ئۆز تۇرمۇش غىمىمىزدىن چىققۇدەك ئۇن زاۋۇتى ئاچاتتى.دادامنىڭ يەنە مەريەم، مىھرىگۈل ئىسىملىك ئىككى ئاچىسى بار بولۇپ دادام بالىنىڭ كىچىكى ئىدى. مەن چوڭ ئانام، چوڭ دادامنىمۇ كۆرۇپ باقمىغان. }HdibCAOf زورەم ئاچام بىزنىڭ ئۆيگە كىرگەندىن باشلاپ ئۆي ئىچى ھەقىقەتەن باشقىچە مىھىرلىك بولۇپ كەتكەن ئىدى. دادامنىڭ ياقىسى كىر بولمايدىغان . ئۇچ ۋاخ تامىقىمىز ۋاقتىدا، ئۆي-ھويلىلار پاكىز بولدىغان بولدى . بىراق كۆڭلىمنى يىرىم قىلدىغان يىرى شۇكى ، زورەم ئاچام ماڭا "ئانا " دىمەسلىكىمنى ، پەقەت "ئاچا" دىيشىمنى ئىيىتتى.دىمىسمۇ ئۇ تىخى يىمىردىن ئاشمىغان تۇرسا. مىنىڭ شۇنداق ئانا دىگۈم بولسىمۇ ئامالسىز "ئاچا" دىدىم ھەم شۇنداق دىيىشكە ئادەتلىنىپ كەتتىم. مىنىڭ بەخىتلىك مىنۇتلىرىم باشلانغان ئىدى. ئۇنىڭ كۆينىشلىرى ئانىسىز چاڭقىغان قەلبىمنى زەم-زەم سۇلىردەك ياققان . ئەتىگىنى مەڭزلىرىمگە سۆيۈپ ئويغىتىپ، ئىسسىق سۈتلەردە ناشتا قىلدۇرۇپ ، پىشانەمگە سۆيگىنىچە مەكتەپكە ئۇزىتىپ قويۇشلىرى مىنى چەكسىز خۇشال قىلاتتى. ئىچىمدە" ئانىسى بولسا ئەجەپ ياخشى بولدىكەن "دەپ ئۆزۈمچە مەغرۇرلىنىپ كىتەتتىم .مەكتەپلەردە ساۋاقداشلىرىمغا زورەم ئاچام توغرىلىق سۆزلەپ ماختىنۋالاتتىم. بەزى كۆرەلمەسلەر بولسا "ئۆگەي ئانا قانچىلىك بولماقچىتى" دىسە ئاچچىقلىنىپ سوقىشىپ كىتەتتم. ئىشنىقىلىپ ئۇنىڭ ماڭا كۆينىشلىرىنى ئىغىز-ئىغىزىمغا تەگمەي ماختىنىپ سۆزلەپ كىتەتتىم. {D6lSj مىنىڭ ئىللىق ئائىلەم بار بولدى. مەن ئائىلەمدىن سۆيىنەتتىم. بەخىتلىك مىنۇتلىرىمنى قەدىرلەيتىم. مىنى ئەڭ خۇشال قىلدىغىنى دادامنىڭ چىھرىدىن خۇشاللىق جىلۋىسىنى كۆرەلەيدىغان بولدۇم. v6uXik زورەم ئاچام بىلەن بىر ئائىلە كىشىللىرى بولغىلىمۇ يىرىم يىلدىن ئاشتى. ئۇنىڭ قورسىقى كۇندىن كۈنگە يوغىناپ بىرۋاتاتتى. دىمەك مىنىڭ ئۇكام بار بولىدۇ. يالغۇزلۇقتىن قۇتىلدىغان بولغىنىمدىن خۇشالمەن. | ]#PF* مىنىڭ بەخىتلىك مىنۇتلىرىم ئۇزۇنغا بارمىدى. ئۇنىڭ قورسىقى يوغىناشقا باشلغانسىرى مىجەزى چۇسلىشىپ ، ئادەم خالىمايدىغان بولۇپ قالدى. بەزى ۋاقىتلاردا كىچىككىنە خاتالىقىم ئۇچۇنمۇ ۋارقىراپ-جارقىراپ ، دۆشكىشلاپ .ئۇرۇپ كىتەتتى. مەن بولسام ئارتۇق گەپ قىلماي بىشىمنى تۆۋەن سالغىنىمچە مىىشلدا تۇراتتىم.ئۇنىڭ يىڭى ئۆيىمىزگە كىرگەنچىلىك ئىشچانلىقى نەلەرگىدۇر يوقالدى. ئولتۇرغان يىرىدە ئولتۇرۋىلىپ، چامىم يەتمىگىدەك ئىش بولسىمۇ بۇيرىۋىرەتتى. قىلالمايمەن دىسەم ياكى ياخشى قىلمىسام ئۇراتتى ۋە تىللايتى. بۇنداق ۋاقىتتا ھەرگىز دادامغا دىيەلمەيتىم. دادام بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىغا سوغۇقىچلىق چۇشۈپ قىلىشىدىن بەك قورقاتتىم.ھەم زورەم ئاچامنىڭ دادام يوق يەردە يەنە ئۇرىشىن قورقاتتىم. W(~7e?fO ماڭىلا ئەمەس ،دادامنىڭ ئاچچىللىرى كەلسىمۇ نەشتىرىنى سانجىپ ،كەلگىنىگىمۇ پۇشايمان قىلدرۋىتەتتى.ئىككى ئاچام بولسا رەنجىشكە تۇگۈل" ئاياللار ھامىلدار بولغاندا مىجەزى شۇنداق بولۇپ قالىدۇ، بۇ نۇرمال ئىش " دەپ قوياتتى.مەن شۇنداق بولسا كىرەك دەپ ئۇنىڭ گىپىنى بەك ئاڭلايتىم. نىمە ئىشقا بۇيرىسا "ياق " دىمەيتىم. ,2yIKPWk مىنى ئەپسۇسلاندۇردىغىنى زورەم ئاچامنىڭ تىزلا ئۆزگىرەپ، ئىلگىركىدەك مىھرىبانلارچە كۆينىشلىرىنىڭ يوقاپ كەتكىنى ئىدى. }O:Y?Wq^ بىر دەم ئىلىش كۇنى ئىدى. زورەم ئاچام ماڭا مەشكە قويۇلغان چوڭ چەينەكتىكى قاينىغان چاينى چايدانغا قۇيۋىتىشنى بۇيرۇپ، ئۆزى تىزگىنەكنى تۇتۋالغىنىچە تىلۋىزور كۆرۇپ ئولتۇراتتى. مەن قانداقمۇ قۇيالاي. ئەمما ئۇنىڭغا گەپ قىلالمايمەندە. ماقۇل بولۇپ چەينەكنى تەستە ئىلىپ چايداننڭ ئاغزىغا ئىلىپ كەلدىم.چاي خىلى كۆپ ئىدى. كۆتىرەلمەي چەينەك قولۇمدىن چۇشۇپ كىتىپ پۇتلىرىمغا چاي تۆكىلىپ كەتتى." ۋايجان " دىگىنىمچە ئولتۇرۇپ قالدىم .كۆزلىرىمدىن ياش پۇرقىراپ چىقىشقا باشلىدى. بۇنى كۆرگەن زورەم شۇئان ئورنىدىن تۇرۇپ ، نەدىندۇر كونا چىش پاستىسىنى تىپپ كىلىپ پۇتلىرىمغا سۇركەشكە باشلىدى. پۇتلىرىم ۋىژىلداپ ئىيچىشماقتا . ئۇنىڭ سۇرىگەن چىش پاستىللىرىمۇ ھىچ كار قىلدىغاندەك ئەمەس. ئۇمىنى بەزلەپ " iX]tL:,~i _ داداڭغا دىمە جىمۇ . مەن ساڭا جىق يەيدىغان نەرسىلەرنى ئىلىپ بىرىمەن. 'ozu4y ....... LH_VdLds _ سەل تۇرۇپ ساڭا كاۋاپ ئەكىلىپ بىرىمەن، يەمسەن؟ .... BIQQJLu ........... C-2{<$2k مەن يەنىلا مىشىلدىغىنىمچە بىر نەرسە دىيەلمىدىم . نىمىمۇ دىيەلەيتىم. c_~tCKAZ كەچ بولدى . دادام قايتىپ كەلدى. مەن بولسام ئاغرىق دەستىدىن ئۈنىمنى چىقارماي بىر بۇلۇڭدا ئولتۇراتتىم. دادام بەك ھىرىپ كەتكەچكە ماڭا ئانچە ئىرەن قىلمىدى. زورەم تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن گەپ باشلىدى. Zb&5)&'X _ بۈگۈن باشقىچە مىجەزىم يوق. لالەنى ئىلىپ يەنە بىر ئۆيدە ياتاي. m#Y[EPF=| _ نىمە بولغانسەن؟ S UBrFsA _ بەك چوڭ چاتاق يوق. ماقۇل دىسلە؟ OCN:{ _ ھە مەيلى ئەمسە، قىزىم ، ئاچىڭىزغا ھەمراھ بولۇپ بىللە يىتىڭ ، قارا بىسىپ قالمىسۇن. Tebu?bj زورەم ھىيلىگەرلىك بىلەن مىنى باشقا ئۆيگە ئىلىپ چىقىپ كەتتى. ئەگەر دادامنىڭ يىنىدا ياتسام چوقۇم ئاغرىق دەستىدىن بولسىمۇ ۋايجانلاپ سىلىشىم تۇرغانلا گەپ. ئۇ چاغدا دادام تەبىيلا بىلىپ قالىدۇ دە. ئۇ ھەرخىل باھانىلەر بىلەن مەن ۋايجانلىمىغانغا قەدەر مىنى باشقا ئۆيگە ئىلىپ چىقىپ ياتقۇزدى.شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشنى دادام بىلمىدى. تىمتاس ئۆتۈپ كەتتى. z(dDX%k@ زوەم ئاچام تۇغدى. ئۇ ماڭا ئوماققىنە سىڭىلدىن بىرنى تۇغۇپ بەردى. سىڭلىمغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ كىتەتتىم . "مەنمۇ شۇنداق كىچىك بولغىيمىتىم . ئانام مىنىمۇ شۇنداق پەپىلەپ باققان بولغىيتى ھە". سەبىي قەلبىمنى نۇرغۇن سۇئاللار چىرمىۋالاتتى. boeIO\2}P0 بىراق زورەم ئاچامنىڭ مىجەزى ھىچ ئۆزگىرەيدىغاندەك ئەمەس. گاھ ياخشىلانسا ،گاھ تۇتىلىپ بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان ھاۋارايىغىلا ئوخشاپ قالدى . مەن ئۇنىڭ ئالدىدا شۇنچە ئىھتىياتچان ئىدى. ئۇنىڭ بۇيرىغان ھەر بىر ئىشلىرىنى ئىدىتلىق ،جايىدا قىلىشقا تىرشاتتىم ھەم شۇنداق قىلاتتىم. P;bOtT -- ئەمدىلىكتە زورەم ئاچام بۆشۈك تويى قىلىمەن دەپ قوپتى. داداممۇ ماقۇل بولدى. ئۇ ئۆزىچە ھەممە تۇققانلارغا سىلىق سىلىپ نەرسە كىرەك ئىلىشنى بۇيرىدى. ئەلۋەتتە ئۇ قىممەتلىك باھالىق نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى . دادامنىڭ ئىككى ئاچىسى بولسا ئامالسىز ماقۇل بولدى. بىراق ئىككى ئاچامنىڭ ئائىلە ئىقدىسادى ئۇنچە ياخشى ئەمەس.ئۇنىڭ بۇ تەلىپىدىن چىقماق تەسكە توختايتى. بىراق ئۇلار يەنىلا گەپ قىلمىدى. BbG=vy8'l مانا بۈگۈ بۇ ھەشەمەتلىك بۆشۈك توي بولدى. مىھمانلار نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىلىپ كىلىشكەن. زورەم ئاچام بولسا پاي پىتەك بولۇپ ئۇلارنى كۈتمەكتە. ئەكەلگەن سوۋغاتلىرىدىن خۇشال بولۇپ" رەھمەت ، ھەشقاللىسىنى" بىلدۇرمەكتە. ئەمدى نۆۋەت دادامنىڭ ئىككى ئاچىسىغا كەلدى. زورەمنىڭ كۆزى ئۇلارنىڭ كىچىككىنە بوخچىسىدا. 3gQ2wP*K _ زورەم ،بۇ شىم-كەمزۇرلۇق ئىنىمىزغا، بۇ يوپكا -چاپانلىق سىلىگە... لايقىلىردا بولمىسىمۇ ئەمدى ....:- مەريەم ئاچام رەخلەرنى ئۇستىگە يەنە 100 يۇئەننى قويۇپ زەرەم ئاچامغا قويدى. بىردەمدىلا زورەم ئاچامنى چىراينى قارا بۇلۇت قاپلاپ ، شۇنداق سۇرلۈك كۆرىنەتتى. چۇنكى مەريەم ئاچام زورەمنىڭ دىگەنلىرىنىڭ بىرىنىمۇ ئالمىغان . undH{w= _ رەھمەت ، بەك جۇۋاپ كىتىپلا ...:- زورەم بىر قولىنى سوزۇپلا نەرسىلەرنى ئالدى. ئەمدى نۆۋەت مىھرىگۈل ئاچام ئىدى. ئۇمۇ مەريەم ئاچامدىن ئانچە پەرىقلەنمەيدىغان نەرسىلەرنى ئىلىپ كەپتۇ. زورەمنىڭ قاپاقلىرى تۇرىلىپ، ھىلىلا ئۇلار ئەكەلگەن نەرسىلەرنى ئۇلارغا قايتۇرۇرپ بىردىغاندەك ئەلپازى كۆرىنەتتى.بۇ ھالنى كۆرگەن قوشنىمىز گۈلنۇر ئاچام زورەم ئاچامغا ۋاكالىتەن " رەھمىتىنى" بىلدۇرۇپ بۇ ئوسال كەيپىياتنى ئوڭشىدى. ئەمما زورەم بولسا رەھمىتىمۇ يوق ، باشقا ئۆيگە چىقىپ كىتىپ، بۇلارنى تولىمۇ ئوسال ئەھۋالغان چۇشۇرۇپ قويدى. M?v`C>j مىھمانلارمۇ بارغانسىرى تارقىدى. ھەممە ئەتراپ قاچا-قۇچىلار بىلەن لىق تولغان. مەن يۇگىرەپ تۇرۇپ يىغىشتۇرۇشقا باشلىدىم . دادامنىڭ ئىككى ئاچىسىمۇ ماڭا ياردەم قىلماقتا. بىراق زورەم ئاچام بولسا ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىۋىلىپ ھىچ چىقمايتى . مەنمۇ خۇش ئىدىم . ئۇنىڭ يىنىمغا چىقىپ ئۇنى- قىل، بۇنى قىل دىگەندىن ئۆزۇمنىڭ ئىشىنى تىپىپ قىلغىنىمغا خۇش بولاتتىم.شۇ ئەسنادا مەريەم ئاچامنىڭ كۆزىدە ياش لىغىلداۋاتاتتى. مىھرىگۈل ئاچام بولسا ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرمەكتە. بۇ مىھرىبانلارغىمۇ ھار كىلىدۇ دە. شۇنچە خەخنىڭ ئالدىدا بەك ئوسال قىلدى بۇلارنى. i*61i0 _ ھىلىمۇ بەك ئوساللىق قىلدى. ھەممە ئىشنىڭ چىكى بار. مەن ئەمدى دەيدىغىنىمنى دىۋالىمەن . نىمە كۆرسەم كۆرەي.:- دىدى مەريەم ئاچام. %df[8eX{ _ بولدى ئاچا، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولما.:- مىھرىگۈل ئاچام شۇنداق دىگىنىچە مەريەم ئاچامنى توسماقتا ئىدى. OV`#/QL _ ساڭا ھار كەلمىدىما ؟ بولدى قويۋەت . نىمە مەخسىتى بار ، بىر ئاڭلاپ باقاي. '/GZ/$a_l ئۇ شۇنداق دەپ زورەم ئاچام بار ئۆيگە كىردى. مەنمۇ ئەگىشىپ كىرىدىم . زورەم ئاچام خىيالىغا كەلمەي ئولتۇراتتى. شۇ ئەسنادا دادام سىرىتقا چىقىپ كەتكەن بولۇپ بۇلارنى ئاجىرتىدىغان ئادەم يوق. مەريەم ئاچام گەپ باشلىدى: D.,~I^W _زورەم ،ئۇنچىۋالا قىلىپ كەتمىسلە . ھەممە ئىش يولىدا .بىزمۇ بەك ناچار كەلمىدۇق .يوتقانغا قاراپ پۇت ئۇزاتقىلۇق . ھال ئەھۋالىمىزنى بىلدىغان يەردە سىلى. خەخنىڭ ئالدىدا ئۇنچىلىك قىلىپ كىتىش كەتمەيتى. تۇغۇتلىرى بۇنىڭ بىلەن تۇگەپ كەتمەس. سىلى -بىز بولغاندىكىن بارا-بارا قىلشىۋالاتتۇق. i{MzQE+_^ _ راسىت زورەم، لاتا -پىتىنىڭ قولىدىن نىمە كىلىدۇ. كىيىمسىز قالمىغاندىكىن، ئىنىمىزنىڭ ئايىغىدىن شامال ئۆتۇپ تۇرسا تىپىپ بىرىدۇ. بەك ئاشۇرۋەتتىلە جىمۇ.:- دىدى مىھرىگۈل ئاچام. KY9&Ky+2 B _ ۋاي گەپ قىلمىسام ئىككىللىرى بەك سۆزلەپ كىتىشلە. ئىنىللىرىمۇ شۇ تاغدەك ئىككى ئاچام بار دەپ مەيدىسىنى ئۇرۇپ يۇرىيتى. ھەر بىسسلىرىنىڭ ئەكەلگىنى شۇ . ئىككى تال ئىغىلغا مەلەڭزە بولمايدىغان لاتىنى كۆتۈرۈپ كىلىپ ، يەنە بىشەملىك قىلشىنى...:- زورەم ئاچام ھىچ بوش كىلدىغاندەك ئەمەس. `y*o-St3 _ ئىغىلغا مەلەڭزە بولمايدىغان دەملا؟ ھە ئەمسىە ئەپ چىقىپ بەرسىلە. بىزغۇ خىلى چوڭ بىلىپ ئەكەلگەن بىلمىسىللىرى ئۆزىمىز بىلىپ ئىشلىتەرمىز. :-دىدى مىھرىگۈل ئاچام زەرەد بىلەن. 9._Osbp3P _ ۋاي رەخت دەپ قاپلا. كۆرلىغۇ بۈگۈنكى چۇشكەن رەخنىڭ جىقلىقىنى.سامان نەقى دىسە. لازىم بولسا بىرىپ تۇراي. توي -تۆكۈنگە بارغاندا ئوبدان قىلىپ بارالار. :- زورەم ئاچام زەھەردەك گەپلەر بىلەن ئۇلارنىڭ غورورىغا تەگمەكتە. زورەم شۇئان ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. ھايال ئۆتمەي ئۇلار ئىلىپ كىرگەن نەرسىلەرنى ئالدىغا تاشلاپلا چىقىپ كەتتى. ئىككى مىھرىبان ئاچام بولسا نىمە قىلارىنى ، نىمە دىيىشنىمۇ بىلمەي ئەلەم بىلەن ئەتىبارسىز تاشلانغان رەختنى ئىلىپ ، ئاستا قەدەم بىلەن چىقىپ كىتىشتى. مەن ئىشىك تۈۋىدە ئۇلارغا قاراپ يىغلىغىنىمچە قاراپ قالدىم . q/3 )yG6s m:C |R-IL خىلى ۋاقىتتىن كىيىن دادام كەلدى. زورەم بايا بولغان ئىشلارنى تۇپ قارشى بويىنچە دادامغا يەتكۈزدى ھەم يىغلاپ دادامغا ئىككى ئاچىسنى تىللاپ بەردى. دادام بولسا بىشىنى تۆۋەن سالغىنىچە ئولتۇراتتى. دادامنىڭ بۇنچە ئىغىر ئولتۇرشىغا ئاچچىقىم كەلدى. (E<QA زورەم ئاچامغا ئۆچ بولدۇم . ھىيلىگەرلىكى نەپرىتىمنى كەلتۇرەتتى. ھەي توۋا. ئۇ ئۆزىنى شۇنچە دانا ، ئەقىللىق چاغلامدىغاندۇ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ ئاددى بىر سەھرا قىزى ئىكەنلىكىنى ئۇنتىپ قىلۋاتامدىغاندۇ؟ ئۇ ئۇنۇتتى . ئۇ ئەسلىنى ئۇنۇتتى. تامامەن ئۇنۇتتى. ئۇ ئۆزىنى گويا باي ئائىلىنىڭ ئەتىۋارلىق مەلىكىسىدەك سەزمەكتە.ھەممە ئۇنىڭغا سەت كۆرۇندى.ئۇنىڭ مىھرىبانلىقى يوقىدى. 11BfJvs: دادامنىڭ ئاچىللىرى شۇ كۇندىن باشلاپ قايتا ئۆيگە قەدەم باسمىدى. مىنىڭ كۆرگۈم كەلسە ، مەكتەپتىن يىنىپ كۆرۈپ كىلدىغان بولدۇم. RrRE$g مەن 12 ياشقا كىرگەن يىل. $#7 ~ قەھرىتان قىش. ئەتراپ ئاپپاق قارغا پۈركەنگەن. بۈگۈن ماڭا يىڭى بىر كۈن باشلاندى. ئورنىمدىن تۇردىم. دادام ئاللىقاچان مەسچىتكە كىتىپتۇ. مەن كىيىملىرىمنى كىيىپ ، يۇزلىرىمنى يۇيغاندىن كىيىن ، ئادىتىم بويىنچە ھويلا -ئاراملانى يىغىشتۇرۇپ ناشتا قىلىشقا تەييارلىق قىلدىم . زورەم ئاچام بولسا سڭلىمنى ئوينىتىپ سىڭا-يانپاش بولۇپ ياتاتتى. {U7A&e0eW _ ھازىر ناشتا قىلامسەن؟:- سورىدى مەندىن. l ArDOFl]x _ ھەئە. 9/4Bx!~A _ ئاۋال ماۋۇ ئۇكاڭنىڭ ئىشتىننى يۇيۋىتىپ ئاندىن ناشتا قىل.:- ئۇ ئىككى تەرەت قىلۋەتكەن ئىشتاننى ئالدىغا ئاتتى. بۇلارنى يۇيغۇم يوق .كۆرۇپلا كۆڭلىم ئىلىش كەتتى.ھەم تۈگۈنكى مۇئەللىـمنىڭ " ئەتە ئوچۇق دەرىس ئۆتىلىدۇ. بالدۇر كىلىڭلار. لالە سىزدىن سىناق ئالىمەن جىمۇ." دىگـەن گىپى قـۇلاق تۈۋىـمدە ئىدى. @Yzc?+x _ كەچتە كىلىپ يۇيۋىتەي. :دىدىم مەن بوش ئاۋازدا. +,A7XBn _ ھازىرچۇ ؟ يۇيۋىتىپ ماڭىلى . UWW_[dJr _ بۇلارنى يۇيغىچە كۆڭلىم ئىلىشىدىكەن . يۇيغىم يوق .سىلى بىكار بولغاندىكىن يۇيسىللىرى بولىدۇ. : غودۇڭشىدىم مەن . مانا بۇ مىنىڭ ئۇنىڭغا تۇنجى قىتىم گەپ ياندۇرشىم ئىدى. D$PR<>=y _ نىمە؟ :- ئۇ شۇنداق دىدى دە يىنىغا قويۇلغان چىنىنى بىشىمغا قارىتىپ ئاتتى. مەن ۋايجان دىگىنىمچە ئولتۇرۇپ قالدىم . بىشىمدىن ئوقتەك قان چىقىشقا باشلىدى. كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىدى.بىشىمدىن ئاققان قان كۆز يىشىم بىلەن يۇغۇرلۇپ ، مەڭزىمنى بويلاپ ئاقماقتا. كۆزىم ئەمەس يۈرىگىم ئىيچىشماقتا. بۇ ئالدىمدىكى ئالۋاستىغا قاراپ ئىچىمدىن نالەت ئوقىماقتىمەن. ئۇ ماڭا گوياكى چۆچەكلەردىكى بەتبەشىرە ئالۋاستىدەك كۆرۇنمەكتە. @Sd l~'" ئەيتاۋۇر قىلغىنىدىن چۆچىپ كەتتى بولغاي ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە ئەسكى لاتىنى تىپىپ كىلىپ قانلارنى سۈرتىشكە باشلدى.قان ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس. ئەمدى ئۇ قان توختىتىش ئۇچۇن ئۇن ئىلىپ چىقىپ قان چىقان يەرگە سىپپ قويدى . خىلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن قانمۇ توختىدى. بىراق كۆز ياشلىرىم ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس. t*cVDA&K | |