ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1525 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى11-باپ يەتتە يۇلتۇز جەسەت ساندۇقى
بەلكىم مەن  ئەڭ ياخشىسى ئەمەس ، لىكىن ياخشىسى بو ..
دەرىجە: مەستانە ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3008
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 62
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
شۆھرىتى: 149 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1712 يۈەن
تۆھپە: 88 قېتم
ياخشى باھا: 43 قېتىم
توردا: 818(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-02-24
باش تىما  يوللانغان ۋاقت: 2011-01-02 01:36

كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى11-باپ يەتتە يۇلتۇز جەسەت ساندۇقى

                              چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر    Fc=F2Mo?  
        5U_ar   
                                               كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى Q Na*Y@i  
_}`y3"CD7  
                                        بىرىنچى خاتىرە يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى "g!/^A!!  
                   ^^Q> AfTR.  
                                          11 . باپ يەتتە يۇلتۇز جەسەت ساندۇقى ~bjT,i  
i;+<5_   
    مەن ئۇ كۆلەڭگىگە سەپسىلىپ قارىغان چىغىمدا كۆلەڭگە بىشىنى يەردىن ئۈستىگە كۆتۈرىۋاتقان ، بىشى ناھايتى يوغان بولۇپ مۆرىسىدىنمۇ چوڭ دىيىشكە بولاتتى . بۇنداق قورقۇنۇچ ھىسياتىنى تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان بولۇپ قورۇققىنىندىن قويۇق چاچلىرىممۇ تىك تۇرۇپ ئۆزەممۇ بىلمەي : " جىن بار ئىكەن " دەپ ۋارقىراپ تاشلىدىم . ھەممىسى ماڭا بۇرۇلۇپ قارىدى . مەن ۋارقىراشتىن ئۆزەمنى توختىتالماي ئۇلارغا قولۇمنىڭ ئۇچىدا تامدىكى سايىنى كۆرسىتىپ بىشىمنى بۇرىشىمغا كۆلەڭگىنىڭ ئىگىسىنى كۆردۈم . ئۇ بىشى ئىنتاھىن يوغان غەلىتە مەخلۇق بولۇپ قولىدا نىمىلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر خىل قۇرال جابدۇق تۇراتتى . يىرىم قاراڭغۇلۇقتىكى لەھەت ئىچىدە ئىنتاھىن غەلىتە ھەم يوغان باش سىزنىڭ ئويلىيالايدىغان ھەرقانداق قورقۇنۇچلۇق نەرسىڭىزدىنمۇ نەچچە ھەسسە قورقۇنۇچلۇق ئىدى . w4&-9[@Y  
   بوتۇلكا كان چىرىغىنى ياندۇرۇپ غەلىتە مەخلۇقنى بىرلا يورىتىۋىدى ھەممىمىز تەڭلا ئۇنى ئىنىق كۆردۇق . ئاناڭنى سىكەي ، ئۇ خۇددى ... خۇددى بىر ئادەم ، بىشىغا كومزەك كىيىۋالغان ئادەمگە ئوخشايتى . .. ھەقىقەتەن بىشىغا يوغا كومزەك كىيۋالغان ،  قولىدا يوغان ئاسما قول چىرىغىنى كۆتۈرىۋالغان بولۇپ تىخى قەدىمى مىسىر ئادەملىرىگە ئوخشاش شەكىل چىقىرىپ ئۆرە تۇراتتى . بىر جۈپ ئوغرى كۆزى كومزەكتىن تىشىلگەن كىچىك تۆشۈك بىلەن سىرتنى كۆزىتىۋاتاتتى . بۇ چاغدا مىنىڭ بايامقى ھەددىدىن زىيادە قورقۇنۇچ ھىسياتىم غەزەپلىنىشكە ئۆزگۈرۈپ ئالدىمدىكى<<  غەلىتە مەخلۇق >> نىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئاچچىقتىن بىشىم قىيىپ كەتتى . بۇ ۋاقىتتا ھەممىمىز ئىنتاھىن ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالدۇق . ئالدىمزدىكى<<  غەلىتە مەخلۇق >> نىڭ دوسىت ياكى دۈشمەن ئىكەنلىكىنى بىلەيمىز . ئۇنىڭ ئۈستىگە بايام قورۇققىنىمىزدىن ئىشتانغا چىقىرۋەتكىلى تاسلا قىلىپ نۇرمال تەپەككۇر قىلىشقا ئامالسىز ئىدۇق . بىر نەچچە دەقىقىدىن كىيىن پەنزې : " ئاناڭنى يۈز مىڭنى ... بىر پاي ئوق بىلەن مىڭەڭنى چۇۋۇۋىتىمەن ... " دەپ تىللاپ تاپانچىسىنى چىقىرىپ <<  غەلىتە مەخلۇق >> قا تەڭلىۋىدى ،ئۇ ئادەم قولنى كۆتۈرۈپ :" ۋاي ئانامەي !! ! " دەپ ئۆرۈلۈپلا بايام بىز لەھەتكە كىرگەن يولغا قاراپ قاچتى . پەنزې ئۇنىڭ يۈگۈرۈپ قاچقىنىنى كۆرۈپ تۈزۈت قىلمايلا بىر پاي ئوق ئۈزدى . ئوق ئۇدۇللا ئۇنىڭ بىشىدىكى كومزەككە تىگىپ كومزەكنى چىقىۋەتتى . ئۇ ئادەم قىچىۋىتىپ ۋارقىراپ تۇرۇپ : " ئاناڭنى ئۆلگۈڭ كەپتۇ دە ، پىقىر غوجا ئاكاڭ بىردەمدىن كىيىن ئەدىپىڭنى بەرمىسەم ... " دىدى دە خۇددى تۆت پۇتى باردەك بىردەمدىلا كۆرۈش دائىرىمىزدىن غايىپ بولدى . 2f0_Xw_V_  
   بوتۇلكا كۆز ئالدىمىزدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈپ : " ئەھۋال چاتاق ، ئۇنى ھەرەگىزمۇ بىز ئوغرى كامىرى كولىغان جايغا بارغىلى قويمايلى ، ئەگەر ئۇ قوشۇمچە لەھەتتىكى جەسەت ساندۇقىغا چىقىلسا ھەممىمىز تۈگىشىمىز " دەپلا سومكىسىدىن قەدىمى قىلىچىنى سۇغۇرۇپ كان چىرىغىنىمۇ ئالماي <<  غەلىتە مەخلۇق >> نى قوغلاپ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە غايىپ بولدى . kh*td(pfP9  
     پەنزې بوتۇلكىغا ياردەم بىرىشنى ئويلاپ ئەمدىلا يۈگۈرەي دىيشىگىلا كەنجى تاغام ئۇنىڭ مۆرىسىدىن تارتىپ : " سەن بارساڭ پوققا پايدىسى يوق ، تىز ، بۇ ئىككى قوشۇمچە كىچىك لەھەتنى كۆرۈپ باقايلى ، بايامقى ئادەم قەيەردىن چىققاندۇ ؟ " دىدى . rOq>jvy  
    مەن يۈگۇرۇپلا  قوشۇمچە لەھەتكە كىرىپ لەھەت تورۇسىنىڭ تىشىلىپ خىلىلا كەڭ ئوغرى كامىرىنىڭ كولانغانلىقىنى كۆردۈم . لەھەت بۇلىڭىدا بىر تال شام ياندۇرۇقلۇق بولۇپ خىرە بىنەپشە رەڭلىك نۇر چىچىۋاتاتتى . ئەسلىدە ئۇ ئادەم ‹‹ ئالتۇن كولىغۇچى ›› ئىكەندە ، يەردە ئۇ تاشلاپ قويغان سومكا بولۇپ ئىچىدە بىر نەچچە تال قول چىرىغى باتارىيەسى ، بەزىبىر ئەسۋاپلار ھەمدە بىر ۋاراق ئىنتاھىن سەۋىيەسىز لىك بىلەن سىىلغان بىز ھازىر كىرگەن قەۋرىنىڭ خەرىتىسى بار ئىدى . خەرىتە ئىنتاھىن قالايمىقان سىزىلغان بولسىمۇ مەن بىر قاراپلا خەرىتىدىكى يەتتە كىچىك بەلىگىنىڭ يەتتە جەسەت ساندۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم . خەرىتە ئۈستىگە نۇرغۇنلىغان قالايمىقان خەتلەر يىزىلغان بولۇپ بىر ئادەمنىڭ پوچۇركىسى ئەمەس ئىدى . قارىغاندا ئۇلار بۇ يەرگە كەلگەندە تالاش – تارتىش قىلىپ يازغان بولسا كىرەك . خەرىتىنىڭ كەينىگە چوڭ سوراق بەلگىسى قويۇلغان بولۇپ سوراق بەلگىسىنىڭ ئارقىسىغا ‹‹ گۇمانلىق يەتتە يۇلتۇزلۇق جەسەت ساندۇقى ›› دەپ يىزىلغان ئىدى . ~M J3-<I  
   مەن تۇيۇقسىز سوغۇق شامال تەككەندەك ئەندىكىپ كەتتىم ، بۇ گۇمانلىق ‹‹ يەتتە يۇلتۇز جەسەت ساندۇقى ›› نى خۇددى بىر يەردە ئاڭلىغاندەكلا . نەچچە دەقىقە ئىچىدە مەن مىڭەمنىڭ خاتىرە ساندۇقىنى ۋاراقلاپ بۇ سۆزلەرنى  بوۋامنىڭ خاتىسىدىن كۆرگۈنۈم ئىسىمگە كەلدى . بۇ يەتتە يۇلتۇز جەسەت ساندۇقىنىڭ بىرسىلا ھەقىقى جەسەت ساندۇقى ، قالغىنى بولسا قۇرۇلما ياكى بولمىسا ئىنتاھىن غەلىتە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ۋاستىلەرنى قوللانغان توزاق ، ئەگەر خاتا ئىچىپ قالسا قۇرۇلما ياكى ئەپسانە سىھىر – جادۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 9.9 ئۈلۈش ئۆلۈپ كىتىشىمىز مومكىن . مەركىزى لەھەتتىكى چەتئەللىكمۇ مىنىڭچە بۇ يەرگە كىلىپ ‹‹  يەتتە يۇلتۇز جەسەت ساندۇقى ›› نىڭ يامانلىقىنى بىلمىگەچكە ھەممە ساندۇقتا بايلىق بار دەپ قاراپ خاتا ئىچىپ قويۇپ نىمىلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر نەرسە تەرىپىدىن جەسەت ساندۇقىغا سۆرەپ ئەكىرىلگەن ، ھەمراھلىرى ئۇنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ ئالدىراقسانلىق بىلەن بايا بىز كۆرگەن كامارنى كولاپ قىچىپ كەتكەن بولىشى مومكىن . E@ !~q  
   ئانالىز قىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۆزۇمچە ئويلىغانلىرمىنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بارلىقىنى ھىس قىلپ ئەسكى خەرىتە بىلەن ئويلىغانلىرىمنى كەنجى تاغامغا ئىيتماقچى بولۇپ قوشۇمچە لەھەت ئۆيىدىن چىقىپ قارىسام سىرتتا پەقەت گاھ يىنىپ گاھ ئۆچۇپ تۇرغان ئاجىز كان چىرىغىنڭ نۇرىدىن باشقا ئىنسان سايىسى كۆرۇنمەيتتى . مەن دەرھال يەنە بىر قوشۇمچە لەھەت ئۆيىنڭمۇ قۇرۇق ئىكەنلىكىنى كۆردۇم . تۇيۇقسز يەتتە جەسەت ساندۇقى بىلەن ئوزۇمنىڭ يالغۇز قالغانلىقىمنى ھىس قىلىش بىلەن تەڭلا  قورىققىنىمدىن ئىختىيارسىز ۋاقىراپ تاشلىدم :" ..كەنجى تاغا.....كەنجى تاغا....." `lq[6[n  
     ئۇلارنىڭ مىنى يالغۇز تاشلاپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس ، بەلكم ئۇلار مەن قوشۇمچە لەھەت ئۆيىدىكى ۋاقىتتا بىرەر كۈتۈلمىگەن پىشكەنلككە ئۇچىرغان بولىشى مۇمكىن دىگەنلەرنى ئويلىدىم . بىراق مەن ھىچقانداق سوقۇشقان ياكى ۋارقىراشقان ئاۋازنى ئاڭلىمىدىغۇ ؟؟ئەجەبا مىنىڭ قۇلىقىمدىن چاتاق چىقتى ؟؟ مىنڭ قۇلىقىم ساق بولسا پەنزې بىلەن كەنجى تاغامنىڭ ماھارىتىگە ئاساسلانغاندا ھەر قانچە غەلىتە مەخلۇق ، ئالۋاستى - يىرىتقۇچقا ئۇچىراپ قالسمۇ ھىچانداق قارشىلىق قىلمايلا مەغلۇپ بولىشى مۇمكىن ئەمەس ..پەقەت بەرداشلىق بىرەلمىسمۇ ۋاقىراش - چىقىراش قولىدىن كىلەتتى . *Ry"`"  
 مەن ھەر قانچە كۇچەپ ۋاقىرساممۇ قايىتقان ئاۋازدىن باشقا ھىچقانداق ئاۋاز ئاڭلانىمدى ، بۇ يەردىكى قاپقاراڭغۇ لەھەت ئۆيى ، شۇملۇق يىغىپ تۇرغان يەتتە جەسەت ساندۇقى ھەمدە چۇشۇمدىمۇ كۆرۇپ باقمىغان ناتونۇش چەتئەلىكنىڭ جەسىتى ھەممىسى قوشۇلۇپ مىنى ئوي-پىكىر دۇنياسىدىن رىئاللىققا قايتۇرۇپ كەلدى . مەن تىخى ئۆزۇمنىڭ پىراكتىكانىت << ئالتۇن قازغۇچى >> ئىكەنلىكىمنى ، روھى جەھەتتە ئۆزۇم يالغۇز قاپقاراڭغۇ لەھەت ئىچىدە ئۇزۇن ۋاقىت بەرداشلىق بىرەلمەيدىغانلىقمىنى تونۇپ يەتتىم . مۇنداقلا قىلىپ ئيىتقاندا بۇ يەردە غەلىتە مەخلۇق ، جىن - ئالۋاستى يوق دىگەن تەقدىردىمۇ ھازىر تۇرىۋاتقان مۇھىت بىلەن قەلبىمدىكى قورقۇنۇچ تۇيغۇسى قوشۇلۇپ مىنى ساراڭ قىلىۋىتىشى مۇمكىن . s av  
مەن بارلىق كۇچۇمىنى يىغىپ ۋاقىرغان بولسساممۇ لەھەت ئىچىدە ئادەمنىڭ تىنى ئەيمىندۇرگىدەك جمجىتلىق ھوكۈم سۈرۋاتاتتى . بۇ ۋاقىتتا قولۇمدىكى كان چىرغىنىڭ نۇرى بارغانسىرى ئاجىزلىشىپ 10 مىتىر يىراقلىقىنمۇ يورۇتالماي قالدى ، باتارىيىسى تۇگەي دىگەن چىغى . كان چىرىغىنىڭ ئۆچۇپ قالىدىغانلىقنى ئويلاپ قورققىنىمدىن پىشانەمدىن سوغۇق تەر قۇيۇلۇشقا باشلىدى . بەلكىم جىمجىتلىق مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە مەن كەيپىياتىمنى كونتىرۇل قىلالارمەن ؟؟ ئىنتايىن ئەپسۇس ، تىخى خىيالىمنڭ ئاخىرىنى ئويلاپ بولماي تۇرۇپ جەسەت ساندۇقىنڭ غىچىرلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم . ئاناڭنى ... بۇ يەتتە جەسەت ساندۇقدىن قايسىسى ئاۋاز چىقىرىۋاتقاندۇ ؟؟ قورىققىنىمدىن كۆزۇم قاراڭغۇلىشىپ يۇرىكىم ھازىرلا كۆكرەك قەپىسىمدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك تىپىرلاپ سوقىۋاتاتتى . ئختىيارسىز جەسەت ساندۇقىدىن يىراقلىشپ لەھەت تىمىنىڭ قىشغا بىرىشمغا تۇيۇقسىز يالىت قىلىپ نۇر چاقنىغاندەك بولدى دە قوشۇمچە لەھەت ئۆيىدىكى شامنىڭ ئۆچۇپ قالغانلىقنى كۆردۇم . Q" an6ht|  
   مەن چوڭ بىر تىنىۋىلىپ :" سىنىڭ  نەرسەڭنى مەن ئالمىسام نىمىشقا شامنى ئۆچۈرۋىتىسەن ؟ " دەپ ئويلاپ كەينىمگە ئۆرۈلۈپ جەسەت ساندۇقلىرىنى كۆرۈپلا قورۇققىنىمدىن كۆز چاناقلىرىم چاچراپ چىقىپ كەتكىلى تاسلا قالدى . ھىلىقى باشقىلار تەرىپىدىن ئىچىلغان جەسەت ساندۇقىدىكى قەدىمى جەسەت ساندۇق ئىچىدە ئولتۇراتتى . ئۇ چەتئەللىكنىڭ جەسىتىنىمۇ قەدىمى جەسەت يۆلەپ ئولتۇرغۇزغان بولۇپ بىرلا قارىسا ئىككى جەسەت بىر - بىرىگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى . خۇدا مىڭ شۈكرى ، ئۇلار ھەرنىمە بولسا ئۆرۈلۈپ مەن تەرەپكە قارىمىدى . مەن قايتا قاراشقا جۈرئەت قىلالماي كۆزۈمنى چىڭ يۇمىۋىلىپ تىتىرەۋاتقان پۇتلىرىمنى تەسلىكتە يۆتكەپ لەھەت تىمىنى بويلاپ قوشۇمچە لەھەت ئۆيىگە كىردىم . 'uA$$~1  
    مەن بوۋامنىڭ خاتىرسىدە ئادەمنى يۈرەكلىك قىلىدىغان بىر پارچىنى كۆرگەن . ئاددى قىلىپ ئىيىتقاندا كۆرمىگەن نەرسىنى يوق دىسەڭ بولىدۇ دىگەندەك . بىراق مەن ھەرقانچە قىلىپ كۆزۈمنى چىڭ يۇمىۋالساممۇ ھىلىقى نەچچە مىڭ يىللىق ئۆز ساندۇقىدا ئولتۇرغان قەدىمى جەسەت پەقەتلا كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتى . مەن كان چىرىغىنى لەھەت ئۆيىنىڭ بۇلىڭىغا قويۇپ ئامال بار چىراق يورىقىنىڭ ئۆي سىرتىغا چىقىپ كەتمەسلىكىگە تىرىشىپ ، چىشىمنى - چىشىمغا چىشلەپ تۇرۇپ بايام كومزەك كىيىۋالغان سىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن سومكىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم . يىرىم كۈن ئاختۇرۇپ بىر نەچچە تال پىرىسلانغان يىمەكلىك بىلەن بىر نەچچە پارچە قەغەز تاپتىم . قارىغاندا بايامقى سىمىز مۇھىم نەرسىلەرنى يىنىدا ئىلىۋالغان بولسا كىرەك . لەھەت ئۆيىنىڭ سىرتى قاپقاراڭغۇ ، ھىللىقى نەچچە مىڭ يىللىق بۇرادەر نىمە ئىش قىلىۋاتىدىغاندۇ ؟ !! ئەگەر ئۇ توختىماي يىتىپ ئولتۇرۇپ يۈرۈپ بەدەن چىنىقتۇرىۋاتقان بولسا ياخشى بولاتتىغۇ ، ھىرىپ كىتىپ ماڭا دىققەتمۇ قىلمايتى . (!`]S>_w9  
    بۇ چاغدا مەن قوشۇمچە لەھەت ئۆيىدىن سالقىن ھاۋا ئىقىمىنىڭ ئۇرۇلىۋاتقانلىقىنى سىزىپ كۆڭلۈمدە ئىنتاھىن خۇش بولۇپ كەتتىم . چۈنكى ئوغرى كامىرىدىن سالقىن ھاۋانىڭ ئۇرۇلىشى بۇ كامارنىڭ قەۋرە سىرتىغا تۇتىشىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرەتتى .  قەيەرگە قەيەرگە تۇتاشسا مەيلى ، ئىشقىلىپ بۇ نەس باسقۇر لەھەتتىن ياخشىدۇ ؟ شۇڭلاشقا كەنجى تاغاملار قايتىپ كەلسە مىنىڭ كامارغا كىرىپ كەتكەنلىكىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوغرى كامىرىنىڭ ئىغىزىغا بەلگە سىلىپ ھىلىقى سىمىزنىڭ قالدۇرۇپ قويغان نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپلا كامارغا شۇڭغۇدۇم . مەن كامار ئىچىدە ئۆمىلەۋىتىپ كامارغا قاراپ بوۋامنىڭ كىچىك ۋاختىمدا سۆزلەپ بەرگەن ئوغرى كامىرىنى قانداق كولاش توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئىسىمگە ئالدىم . نىمە دەيتى ؛ يۇمىلاق ئۇزۇن ، چاسا قىسقا ،}{چىنلىڭ توپا دۆۋىسى ، توققۇز نىپىز بىر چۇڭقۇر ، توغرا ئەمەس ، ئاناڭنى قارىغاندا ئىلگىرى بوۋام ماڭا سۆزلەپ بەرگەن ئەڭ ئاددى << ئالتۇن قازغۇچى >> لىق بىلىملىرىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكىنمىگە قارىغاندا << ئالتۇن قازغۇچى >> لىقنى قاملاشتۇرالمايدىغان ئوخشايمەن . مەن كامارغا قاراپ ئويلىدىم : " بۇ كاماردىن كىرگەن ، بىشىغا كومزەك كىيىۋالغان ھىلىقى سىمىز كىرگەندە ھىچقانداق ئاۋاز چىقارمىدى . بۇنىڭغا قارىغاندا ئۇ كامار كولاشنىڭ پىشىۋاسى بولسا كىرەك ، ياق ، ئۇنىڭ ئۈستى بىشىدىن ئۇنداق چاققانلىقىنىغۇ كۆرگىلى بولمايدۇ ، ئەمىسە بۇ كامار ئۇ كىرىشتىن باشقىلار تەرىپىدىن كولانغان ياكى ئۇ كولىغان ئوغرى كامىرى بۇ كامار بىلەن تۇتۇشۇپ ئۇنىڭغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەرگەن . دىمەك ، ئۇمۇ باشقىلار كولىغان ئوغرى كامىرىدىن كىرگەن . #>\+6W17U  
    ئويلىغىنىمدەك بىردەم ئۆمىلىگەندىن كىيىن كۆز ئالدىمدا كامارنىڭ ئىككىگە ئايرىلىدىغان ئاچىلى پەيدا بولدى . بۇ ئىككى كامارنىڭ كولىنىش ئۇسۇلى پەقەتلا ئوخشىماش بولۇپ ئىككى ئادەمنىڭ كولىغىنى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى . مەنچە قايسىسى سىرىتقا تۇتاشقان بولسا شۇ ياخشى كامار ئىدى . شۇڭا خالىغان بىر ئوغرى كامىرىنى تاللاپ كەنجى تاغاملارغا بەلگە قالدۇرۇپ قويۇپ ئۆمىلەشكە باشلىدىم . G_a//[p  
    مەن كاماردا ئۆمىلەۋىتىپ تۇيۇقسىز ساپ ھاۋانىڭ يۈزۈمگە ئۇرۇلىشىنى ، كاماردىن چىققان ۋاختىمدا كۆز ئالدىمدا يالقۇنلاپ كۆيىۋاتقان گۈلخاننىڭ بولىشىنى ، كەنجى تاغامنىڭ ئۈستىدىكى ئادەملىرى مىنى تارتىپ چىقىرىپ چىدىرغا باشلاپ ياۋا توشقان كاۋىپى بىلەن مىھمان قىلىشىنى ، ئاندىن كەنجى تاغاملار بىلەن ئۇچۇرشۇپ ئۆيگە قايتىشنى تاتلىق چۈش كۆرگەندەكلا ئارزۇ قىلىپ كەتتىم . ئاناڭنى .... كىپەن ئوغۇرلايمىز دىگەننىڭ ئىغىزىغا تاش ، ... خويمۇ زىرىكتىم . باشقىلار بىر ئۆمۈر كىپەن ئوغۇرلاپ ئەۋلىيا – پەرىزاتلارغا ئۇچرىغاندۇ ياكى ئۇچرىمىغاندۇ ؛ بىراق مەنچۇ ؟ تۇنجى قىتىم ، ياق پىراكتىكامنى ئەمدىلا باشلاپ نەگىلا بارسام يولۇققىنىم چىشى مۇردا ، ئەركەك مۇردا دىگەندەك .... ماڭا ئاسانمۇ ؟ ... كۆڭلۈمدە ئۈستىدە مىنى كۈتىۋالىدىغان بىر ئايالنىڭ بولىشىنى ، ئەڭ ياخشىسى 22 ياشتىن تۆۋەن بولىشىنى ، مىنى تارتىپ چىقارغاندىن كىيىن پۇت قوللۇرۇمنى ئۇلاپ قويىشىنى ئۈمۈت قىلاتتىم . 0<T/P+|  
    ئويلاۋىرىپ روھلىنىپ كىتىپ ئۆمىلەش سۈرئىتىمنى تىخىمۇ تىزلەتتىم . بىردەمدىن كىيىن غىل– پاللا قىلىپ كۆز ئالدىمدا يورۇقلۇق كۆرۈنگەندەك بولىۋىدى خۇشاللىقىمدىن ھۇشۇمدىن كىتشىكە تاسلا قالدىم . بىشىمنى چىقىرىپلا كۈچلۈك نەپەس ئىلىپ بىر  قاراپلا ھەيران قالدىم .ياق ، ھاڭۋىقىپ قالدىم . LAwAFma>  
     كىم دىگەن بولسا ئىنتاھىن توغرا دەپتىكەن ، ئۈمۈت قانچە چوڭ بولسا ئۈمۈتسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ دەپ ، كۆز ئالدىمدا يەنە بىر قەۋرە يولى تۇراتتى . كىرگەن ۋاختىمدا ماڭغان يول بىلەن ئىنتاھىن ئوخشىشاتتى . قارىغاندا بۇ قەۋرە بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىن نەچچە ھەسسە مۇرەككەپرەك بولسا كىرەك . #e8NF,H5  
    مەن ئىغىزىمنى بۇزۇپ تىللىغاندىن كىيىن كان چىرىغى بىلەن ئەتراپقا سەپسىلىپ قاراپ ھاڭۋىقىپلا قالدىم . بۇ مەن قەۋرىگە كىرگەندە ماڭغان قەۋرە يولى شۇغۇ ؟ !! ئۇنداق ئەمەسمۇ يە ؟ !! قارىغاندا بۇ يەر ئوغرى كامىرى بىلەن تۇتاش بولۇپ بىز ئويلىغاندەك باشقىلار قىچىش ئۈچۈن كولىغانلىقى خاتا بولسا كىرەك . مەن لاسسىدە بوشۇشۇپ ئولتۇرۇپ قالدىم . كاللامنىڭ قىتىقى چىقىپ كەتكىدەك ئويلانغان بولساممۇ بۇ ئوغرى كامىرىنى كولىغان ئادەمنىڭ زادى نىمە مەخسىدى بارلىقىنى ئويلاپ يىتەلمىدىم . Eo }mSd  
2x7%6'  
   jreY'y:  
w<]Wg^dyQ  
                  داۋامى بار ........ zV }-_u.  
X192Lar  
              كونا دەريا قىنى  تەرجىمىسى . 7='M&Za  
.TURS  
                  " كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى "   Cp_YIcnEJ  
                1 – خاتىرە " يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى " +x!V;H(  
           1 – باپ ، 2 – باپ ، 3 – باپ ، 4 - باپ ، 5 - ، 6 – ، 7 – ، 8 – باپىنى كۆرۈش ئادىرسى : L44-: 3  
                 /._wXH  
                              http://anatuprak.com/kipan             WZ'3  
             oSt-w{ !  
      جەنۇپپەرەس ئۈچۈنچى تاغىنىڭ  ‹‹ كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى ›› ناملىق رومانىدىن تەرجىمە قىلىندى .                            
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : admin تەرىپىدىن تەستىقلاندى
-سىز كۆرۋاتقان تىما كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى11-باپ يەتتە يۇلتۇز جەسەت ساندۇقى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
كونا دەريا ئېىقىنى
PIKO ...................................
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3526
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
شۆھرىتى: 10 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 300 يۈەن
تۆھپە: 10 قېتم
ياخشى باھا: 0 قېتىم
توردا: 339(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2011-01-02
ئاخىرقى: 2011-02-04

داۋامىنى تېزرەك يوللىڭە قىزىقىپ ئۇقۇۋاتاتتىم.
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
يىغلاپ تۇغۇلدۇم ، كۈلۈپ كىتىمەن .
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3535
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 31
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە31دانە
شۆھرىتى: 33 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 530 يۈەن
تۆھپە: 33 قېتم
ياخشى باھا: 0 قېتىم
توردا: 30(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2011-01-02
ئاخىرقى: 2011-02-24
2 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-01-02 21:30

ئەستاغپۇرلا،،،،،،،،،،،،، شۇنداق قىزىپ ئوقۇۋاتاتتىم ، داۋامىنى تېزراق يوللاڭ دوستۇم .
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
تەقدىرىڭ تەببىرىڭگە باغلىق .
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3172
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 30
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە30دانە
شۆھرىتى: 81 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1510 يۈەن
تۆھپە: 51 قېتم
ياخشى باھا: 10 قېتىم
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-12-15
ئاخىرقى: 2011-02-22
3 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-01-03 11:48

بارغانسىرى مىنى قىززىتۇرۇپ قويىۋاتىدۇ دىسە!~~~~~
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
سىز مۇ سۆيگەن قىزىڭزنى ئەرگە بىرپ باققانمۇ ؟؟
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3064
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 33
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
شۆھرىتى: 83 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1380 يۈەن
تۆھپە: 53 قېتم
ياخشى باھا: 10 قېتىم
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-12-10
ئاخىرقى: 2011-02-24
4 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-01-04 11:08

كىپەن ئوغۇرلايمىز دىگەننىڭ ئىغىزىغا تاش ، ... خويمۇ زىرىكتىم . باشقىلار بىر ئۆمۈر كىپەن ئوغۇرلاپ ئەۋلىيا – پەرىزاتلارغا ئۇچرىغاندۇ ياكى ئۇچرىمىغاندۇ ؛ بىراق مەنچۇ ؟ تۇنجى قىتىم ، ياق پىراكتىكامنى ئەمدىلا باشلاپ نەگىلا بارسام يولۇققىنىم چىشى مۇردا ، ئەركەك مۇردا دىگەندەك .... ماڭا ئاسانمۇ ؟ ... كۆڭلۈمدە ئۈستىدە مىنى كۈتىۋالىدىغان بىر ئايالنىڭ بولىشىنى ، ئەڭ ياخشىسى 22 ياشتىن تۆۋەن بولىشىنى ، مىنى تارتىپ چىقارغاندىن كىيىن پۇت قوللۇرۇمنى ئۇلاپ قويىشىنى ئۈمۈت قىلاتتىم .   Neey myW  
نىمە دىگەن جانلىق ، ئوبرازلىق تەرجىمە....بۇ ئابزاسنى ئوقىۋىتىپ تەرجىمانىڭ تەرجىمە سەۋىيسىگە قول قويدۇم!~~~
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
توغراق چېچىكى
دەرىجە: مەستانە ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2084
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 29
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
شۆھرىتى: 80 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 2390 يۈەن
تۆھپە: 49 قېتم
ياخشى باھا: 11 قېتىم
توردا: 73(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-10-21
ئاخىرقى: 2011-02-21
5 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-01-06 00:43

  خەنزۇچە ئىسمىنى بىلىدىغانلار بارمۇ بۇ رۇماننىڭ،تەرجىمان ئەپەندىنىڭ ۋاقتى يوق ئوخشايدۇ،دەپ بەرمىدى....ياردەم قىلساڭلا........
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
ھىجران يېشى
ئوۋچىنڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭمۇ خۇداسى بار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2832
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 49
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە49دانە
شۆھرىتى: 101 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1560 يۈەن
تۆھپە: 71 قېتم
ياخشى باھا: 10 قېتىم
توردا: 20(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-12-02
ئاخىرقى: 2011-02-13
6 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-01-16 02:32

بوتۇلكا  قانداق   بوپ   كەتكەندۇ؟
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى