-
تىزىم نۇمۇرى:3183 -
- تىزىم ۋاقتى:2010-12-15
- ئاخىرقى كىرگىنى2013-06-08
- تور ۋاقتى:3805سائەت
-
- تېمىسى29
- تېمىلىرىنى ئىزدەش
- نادىرلانغىنى1
- مۇنبەر پۇلى4290
- شۆھرىتى152
- تۆھپە118
- كۈمۈش تەڭگە154
- ياخشى باھا99
- بىلوگدوستلاشقورال
| — بۇ يازما sansiz0903 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-12-31) — | | | | ئانا سىز قەيەردە؟ @)06\h ^r%i3 79y'Ja+`j _GRv روزىمۇھەممەد ئىمىنىياز (چىنىماچىن) >E{#HPpBi 5,g$|,Shv vs*_;vx b49|4 قىيا_چىيا ۋارقىراشلار ئالتە قەۋەتلىك بۇ ئۇقۇتۇش بىناسىدا گۇيا قىيامەت قايىم قىلغان ئىدى . ھەركىم ئۆز جېنىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ئۇۋىسىنى سۇ باسقان چۈمۈلىلەردەك ھەريان پىتىرلاپ ، ئۈزىنى كىچىككىنە مەكتەپ ھويلىسىغا ئاتاتتى . بىنادىن قىستىلىشىپ چىقىۋاتقان ئۇقۇغۇچىلار ئەڭ ئاخىرقى پەلەمپەيدىن تاقلاپ بۇلۇپلا ، ئاندىن ئۈزىنىڭ تېخىچە ھايات ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ ئۇھ تارتقىنىچە ، پىشانىسىدىكى سۇغۇق تەرلىرىنى قۇلىنىڭ كەينى بىلەن سۈرتىشەتتى . بەزىلىرى ھەتتا ئۈزىنىڭ راستلا ھايات ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلغاندەك ، ئەتراپقا دىلغۇلۇق بىلەن قاراپ قۇياتتى . پۇتلىرى ئۈزىگە تەۋەئەمەستەك لاغ_لاغ تىترەپ ، يۈرەكلىرى كۆكرەك قەپىسىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك ئەلەم بىلەن ئاچچىق _ئاچچىق سۇقاتتى . بۇلارغۇ ھەرنىمە قىلسىمۇ ، يۈرەكلىرى جېنىنى غاجىلاپ ، پۈتۈن تىنىنى شۈركەندۈرسىمۇ ئىشقىلىپ ھەرھالدا بىنادىن چىقىپ ، ئۆز جېنىنىڭ ئامان ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلالايتتى . ئەمما ھازىرغىچە ئەجەل ھۇۋلاۋاتقان ئاشۇ بىنادىن تاتلىق جېنىنى چەتكە ئېلىپ بۇلالمىغانلارنىڭ ھالىنى بولدى دىمەيلا قۇيۇڭ . ئادەتتە لىققىدە ئادەم ئولتۇرىدىغان لىفىت قۇپقۇرۇق ، ھېچكىممۇ ئۇنىڭغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىغان . كىچىك _كىچىك پەلەمپەيلىك بىنانىڭ ئىچى < ئۈلۈم ، ئۈلۈم > دەپ ھۇۋلاۋاتقاندەك سۈرلۈك . قىزلارنىڭ < ئاپا ، ئاپا > دەپ ئەلەملىك توۋلاشلىرىمۇ ئۇنىڭ سۈرلۈك ھەيۋىسىنى سۇندۇرالمىغان . ئادەم بىلەن لىق تولغان چۈشۈش پەلەمپىيى بىنا بىلەن تەڭ خۇددى مىېيىت سېلىنىپ ، گۆرگە ئېلىپ كىتىلىۋاتقان جىنازىدەك ئىككى تەرەپكە قاتتىق _ قاتتىق سىلكىنمەكتە . شۇ تاپتا ئۇ ئىچىدىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنى بىر يۇلىلا باقىغا ئېلىپ كىتىۋاتقاندەك ئاچچىق _ ئاچچىق تولغۇنۇپ ، ئەلەملىك ئىڭرىماقتا . ئۇنىڭ ھەربىر ئىڭرىشىغا ئەگىشىپ < ئانا ، ئاپا >دىگەن ئېچىنىشلىق نالە بىرگە ياڭرىماقتا . بۇ نالە تۇنجى ئانا بۇلۇپ ، ئەمدىلا دۇنياغا كۆز ئاچقان يۈرەك پارىسىنى تاشلاپ ، مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا تەرەددۇتلانغان قىزنىڭ ئىڭرىشىدەك ئەلەملىك ھەم قىيالماسلىق ھىسسىياتى ئارلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ نالە ئىدى . مانا ئاشۇ ئېچىنىشلىق نالىلەرگە جۈر بۇلۇپ ، يىراقتىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدە قالغان ئانىسىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم چاقىرغاندەك ئازاپلىق چاقىرىپ كىلىۋاتقان ، ئاۋۇ قارامتۇل يۈزىنى رەھىمسىز ئەجەلنىڭ قارا كۈلەڭگۈسى بىر يۇلىلا ئاقارتىۋەتكەن ، چىرايى تامدەك تاتىرىپ ، يۈرۈكى ئۆز رېتىمىگە بوي سۇنماي سۇقۇۋاتقان ، ئۈزىنى ھەدەپ ئالغا تاشلاۋاتقان ئىگىز بويلۇق ، چىرايلىق بۇرۇتى ئۇزۇنچاق يۈزىگە خويمۇ ياراشقان ئاۋۇ بالىمۇ دەل مۇشۇ جىنازا ئىچىدە ، ئەزرائىلنىڭ رەھىمسىز چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقانلارنىڭ بىرى ئىدى . ئۇ تەقدىرنىڭ بۇ تەرزدە چاقچاق قىلىشىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى . شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ پۈتۈن تىنىنى قارا تەر قاپلىغان ، بۇرۇن تۈشۈكلىرى بىر كىڭىيىپ _بىر تارىيىپ نەپسى تىزلىشى ، قىيىنلاشقان . ئۇ ئامالسىز توختىۋالماقچى ، بېشىغا نىمە كەلسە كۈرۈپ ، پىشانىسىگە پۈتۈلگەن تارتقۇلۇقنى تارتماقچى بولدى . بىراق سەلدەك ئېقىپ كىلىۋاتقان كىشىلەر تۇپى ئۇنىڭ رايىغا باقمىدى . ئۇنى تۈرتۈپ _تۈرتۈپ ئاخىرى سىرتقا ئاچىقىپ تاشلىدى . \=TWYj_Ah wpJ^}+kF _ ئاھ خۇدا!!! _ كۆرىدىغان كۈنۈم بار ئىكەن . >7eu' KX&Od@cQ$ ئۇنىڭ ئاۋازى بەكمۇ ياڭراق ئىدى . ئىچى _ئىچىدىن ئۇخچىغان خۇشاللىق ئۇنى قاتتىق ۋارقىراشقا ئۈندىمەكتە ئىدى . ئۇ بىردىنلا توختاپ قالدى . باياتىن بىرى تىرىك جانلارنى ئۈلۈم ۋەھىمىسىدە ئىلەڭگۈچتەك تەۋرەتكەن ئۇقۇتۇش بىناسى ئەمدىلىكتە ئۆز ئەجرىنىڭ بىكارغا كىتىۋاتقانلىقىدىن خاپا بولغاندەك ، قاتتىق _ قاتتىق سىكلىنىشكە باشلىدى . 1mkQ"E4 u&Ie%@:h9R خۇددى بىر يۇلىلا ئاچچىقىنى چىقارماقچى بولغاندەك ؛ بىر يۇلىلا ئۈزىنى خارابلاشتۇرماقچى بولغاندەك ۋەھىمە بىلەن ھۇشقىرتاتتى . ئەمدىلىكتە ئۇ تولغىقى تۇتقان جۇۋاندەك ئاچچىق تولغۇنۇپ ، ئۈستىدىكى كاھىشلارنى ئەلەم بىلەن يەر يۈزىگە ئېتىشقا باشلىدى .ئۇ راستىنلا ئاچچىقلانغاندەك قىلاتتى . ئۇنىڭ ھەيۋىسىدىن پۈتۈن جان سىقىرايىتتى . .'+|>6eU %t(, *; ئەركىن بالىلار ئارىسىدىن قىستىلىشىپ ئۈتۈپ ، بىر بوش ئۇرۇن تېپىپ ئازراق ئولتۇرۇۋالماقچى ، شۇ ئارقىلىق باياتىن بىرى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن نىرىپلىرىنى تىنىچلاندۇرۋالماقچى بولدى . بايام ئۈنلۈك ۋاقىراپ ئىچى ئازراق بۇشاپ قالغان بولسىمۇ ، يۈرىكى يەنىلا ئەنسىز سۇقۇۋاتاتتى .ئۇ فونتان يېنىدا ئولتۇرماقچى بولدى . ئەمما بىردىنلا بۇ خىيالىدىن ياندى ، چۈنكى فونتان سۈيى ئىلىكتىر كۈچى بىلەن پۈركىلىدىغان بولغاچقا ، ئالىمادىس بىر ئىش يۈز بىرىپ قالسا توك سۇقۇۋېتىشتىن ساقلىنىشمۇ تەس ئىدى . ئۇ ئايلىنىپ يۈرۈپ چىملىقتا يۈرەكلىرىگە تۈكۈرۈشۈپ① ئولتۇرغان ساۋاقداشلىرىنى كۆردى _ دە شۇ يەرگە بارماقچى بولدى . gPn%`_d5 ACMpm~C8Gu زىمىننىڭ ئاچچىقى تۇتقاندا ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مەۋجۇدات ھەرقانچە قىلسىمۇ ئۇنىڭ ئاچچىقلىنىشىنى تۇسۇپ بۇلۇشقا قادىر ئەمەس . شۇ تاپتا باياتىن بىرى ئاچچىقى سەل بېسىلىپ قالغان يەر يەنە قايتىدىن ئاچچىقلىنىشقا باشلىدى . بۇ قېتىمقىسى بايامقىسىدەك ۋەھىمىلىك بولمىسىمۇ ، يەنىلا باشقىلارنى چۆچۈتۈپ ئۈلگۈردى . كەڭرى مەكتەپ ھويلىسىدا ئەمدىلا يۈرىكى تىنىچلىنىشقا باشلىغان بالىلار قايتىدىن ئۇرۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ، زىمىن ئۈستىدىن شىكايەت قىلىۋاتقاندەك ۋارقىشىپ كەتتى . `"1{Sx. {&Gk.ODI7 توۋا ! ئىنسان دىگەن قىززىق بۇلىدىكەن . خۇشال بولغاندا ئاللىقانداق بىركىملەرنىڭ ئىسمىنى چاقىرسىمۇ ، مۇشۇنداق ئېغىر ۋەھىمە ھەم رەھىمسىز ئەجەل ئالدىدا ئەڭ ئالدى بىلەن ئانىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىدىكەن . مانا ، مەكتەپ ھويلىسىنى بىر ئالغان <ئانا!>دىگەن ياڭراق ، ئېچىنىشلىق سادا ئۇزاققىچە ئەكسىنى يۇقاتمىدى .خۇددى دەل _دەرەخلەرمۇ ئېغىر تىترەشتىن چاك _ چاك يېرىلغان بىنالارمۇ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقى بىلەن <ئانا !>دەپ ۋارقىراۋاتقاندەك ، ئەتراپتىكى ھەممەيلەن بىردىنلا پىتراشقا باشلىدى . ئەركىن <ئانا !>دەپمۇ ۋارقىرىمىدى ؛ ھەريانغا پىتراپمۇ قاچمىدى . ئۇ قېچىشنىڭ ئەمدى بىھۇدە ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان تۇنۇپ يەتكەنىدى . بايام سۈرلۈك ئۈلۈم ۋەھىمىسى قاپلىغان بىنادىن چۈشۈۋېتىپ ئۇ مۇشۇ يەرنىڭ ئەڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ئويلىغان ، تەلپۈنگەن ئىدى . شۇ چاغدا ئۇ <نىمە بولسام مەيلى ئىشقىلىپ ئاشۇ يەرگە بېرىۋالساملا بولدى >دىگەن ئارزۇلارنىمۇ تاما قىلىپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدى . شۇ ۋاقىتتا بىنانىڭ شامال ئۇچۇرغان مەجنۇنتالدەك ، ئىككى يانغا ئەگىپ _ئەگىپ تەۋرىنىشىدىن قورقۇپ ئۇمۇ تالاي قېتىم <ئانا ! ئانا!>دەپ ئېچىنىشلىق ھەم ئۈمۈدلۈك ۋارقىرغان ئىدى . شۇڭىمۇ مانا ئۇ ھازىر سۇغۇققانلىق بىلەن تەۋرىنىۋاتقان بىناغا قاراپ تۇرىدۇ . ئېغىر بىنا دەھشەتلىك سىلكىنىشتىن تىترەپ ،ئىككى يانغا ئاغماقتا . ئىككى بىنا ئارىسىدىكى يېرىق بىردىنلا كېڭىيىپ ئاچچىق بىلەن بىر _ بىرىگە قاتتىق ئۇرۇلماقتا . فونتان ئەتراپىدىكى باياتىن بىرى تىنىچ تۇرغان سۇلارمۇ ئەمدىلەتتىن قاتتىق _قاتتىق چايقىلىشقا باشلىغان ئىدى . فونتان ئاللىقاچان توختىتىۋېتىلگەن بولسىمۇ ،بىراق ئېغىر تەۋرەشتىن بولسا كىرەك تۇيۇقسىز سۇ ئېتىلىپ چىقىشقا باشلاپ ، ئەتراپتىكىلەرنى تېخىمۇ ۋەھىمىگە سېلىۋەتتى . ئەركىن مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلدى . بۈگۈن خۇددى ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنىدەك ئەتراپقا تويماي قارىدى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يۈزىگە كۈلكە جىلۋىلەندى . ئەتراپىدىكى چىرايىدىن ۋەھىمە چىقىۋاتقانلار ئۇنىڭغا بىتاپتەك كۈرۈنۈپ كەتتى . دىمىسىمۇ ئۇلارنىڭ ئەنسىرىشى بىھۇدە ئىدى . ئەمما كىممۇ بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق ۋاقىتتا ۋەھىمىگە چۆكمەي تۇرالىسۇن؟! 7m@^=w tS*^}e* ئەركىن دوستلىرىنىڭ يېنىغا باردى . ئۇلار ئۇنچە ۋەھىمىلىك كۈرۈنمەيتتى . چىرايىدىمۇ باشقىچە ئىپادىلەر كۈرۈنمەيتتى . گەپ _سۆزلىرىمۇ تەبىئى ئىدى . "|~B};|MFF kcZ;SYosj _ ئاداش ھاياتمۇسەن ؟! 'KIi!pA. "ZK5P&d _خۇداغا شۈكرى . _<' kzOj bQnwi?2 ئۇلار قۇچاقلىشىپ كۈرۈشتى . خۇددى ئۇزۇن ۋاقىت كۈرۈشەلمىگەن قەدىردانلاردەك مىھىر بىلەن كۈرۈشتى . مۆرىلىرىگە يىنىك _ يىنىك شاپىلاقلىشىپ ، ئۈزىنىڭ ئەڭ بەخىتلىك ئىكەنلىنى بىلدۈرۈشتى . ,:Ix s^- EVE xL ۋەھىمىگە تولغان بىنا يىگانە قالدى . ئۇنىڭ ۋەھىمىلىك باغرىدا ئەمدى تاتلىق جان ئىگىلىرى قالمىغان . ھەممىسى ئاللىقاچان سىرتقا چىقىپ ئۇنىڭدىن جۇدا بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرىشىدۇ . ئىھتىمال بىرەرسى بايامقى پاتپاراقچىلىقتا يارلانغان بولسا كىرەك ئەتىمالىم ، قىزىل كىرسىت بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن ئىككى ماشىنا ، ئادالەتسىزلىككە قارشى ۋارقىراۋاتقاندەك ۋارقىراپ ئۇقۇتۇش بىناسىنىڭ نېرىسىدا توختىدى . بېشىغا دوختۇرلۇق باش كىيىمى ، ئۇچچىغا تۇلا كىيىپ رەڭگى ئۈڭۈپ كەتكەن ئاقۇش خالات كىيگەن ئىككى دوختۇر ئالدىراپ _ تىنەپ چۈشۈپ ، نېرىراقتىكى قىزلار ئارىسىدىن بىرسىنى ماشىنىغا چىقاردى _ دە تېخىمۇ ئۈنلۈك ۋارقىراپ ، شامالدەك يۈرۈپ كەتتى . ئەركىن ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي ئۇرۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ قىزلار تۇپىغا قاراپ يۈرەپ كەتتى . ئۇ يەردە بىرمۇ ئۇيغۇر يوق ئىدى . ھەممىسى خەنزۇ ياكى خەنزۇسىمان مىللەتلەر بۇلۇپ بىرەر كۈتۈلمەسلىكتىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقاندەك ، چىرايلىرىدا ھەيرانلىق ئالامەتلىرى ئەكىس ئىتەتتى . ئەركىن نېرىراقتا كۆزىنىڭ يېشىنى سۈرتىۋاتقان ئاق قىسقا يەڭ كوپتا ، ئۇياتلىق يىرىنى ئاران دىگۈدەك يېپىپ تۇرىدىغان پادىچىلار شىمى كىيىۋالغان قىزدىن بۇ يەردە نىمە ئىش بولغانلىقىنى سۇراپ باقماقچى بولدى . 1Qc(<gM *#{.\R-D _ ھەي ساۋاقداش ، نىمە ئىش بولدى ؟ T`2fPxM:cZ y<LwrrJ> قىز ھەممە ئەيىپنى مۇشۇ بالاخور بىنادىن كۆرگەندەك ، ئىشىكلىرى ھاڭغىر ئېچىلغان بىناغا نەپرەت بىلەن قاراپ قۇيۇپ ، ئەركىنگە يۈزلەندى . g>oYEFFJ qt&"cw _ دوستىمىزنىڭ يۈرەك كىسىلى بار ئىدى . بايامقى تەۋرەشتە بەك قورقۇپ كەتكەچكىمۇ كىسىلى قوزغىلىپ قالدى . ,Vn]Ft?n YQ`#C#Wb ئەركىننىڭ يۈرىكى قارتلا قىلىپ قالدى . ئۇ چوڭلاردىن يۈرەك كىسىلىنىڭ ئېغىر ۋەھىمە ياكى قاتتىق خۇشاللىق دەستىدىن قوزغالسا ئەسلىگە كەلمىكىنىڭ بەك تەس بۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ يىل ئاۋۋال ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ يۈرەك كىسىلى قوزغىلىپ قالغاندا ، ئانىسىنىڭ بىئارام بولغانلىقىغا قاراپ ئۆكسۈپ _ ئۆكسۈپ يىغلىغان ، تەڭرىدىن :<ئې ئاللاھ ! ئاجىز بەندىلىرىڭنى مۇشۇنداقمۇ كىسەلگە گىرىپتار قىلامسەن؟ ئۇ ...... ئۇ ....مىنىڭ بىرلا ......بىرلا ئانام ئەمەسمۇ؟! ئۇنى ئاغرىقتىن يىراق قىلى ئې ئاللاھ..........>دەپ تەڭرىگە دۇئا قىلىپ ، ئانىسىنىڭ ئامانلىقىنى تىلىگەن ئىدى . مانا بۈگۈن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان ،چىرايلىققىنا بىر قىز شۇ ئىپلاس كىسەل بىلەن دوختۇرخانىغا يۈرۈپ كەتتى . ئۇ خىيالغا پاتتى :<ئەگەر مۇشۇ قىز مۇشۇ سەۋەپلىك ئۈلۈپ كەتسە ، ئاتا_ئانسى ياش قىزىنىڭ بىئەجەل ئۈلۈپ كەتكىنىنى ئاڭلىسا قانداق بۇلۇپ كىتەر ؟ بەلكىم ئانىسى تۇلا يىغلاپ ... ... ... >ئۇنىڭ ئەنسىز خىيالىنى بىردىنلا يەرنىڭ قاتتىق سىلكىنىشى بۇزىۋەتتى . باياتىن بىرى سۈكۈتكە چۆمگەن بىنا قايتىدىن جانلىنىپ ۋەھىمىسىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى . ئەتراپتىكىلەر ئارقىغا داجىشقا باشلىدى . ئەركىنمۇ بايامقىدەك تەمكىن ئەمەس ئىدى . يۈرەكلىرى سېلىپ ، نەپسى تىزلىشىۋاتاتتى . ئۇ خۇددى بىردىنلا يەر يېرىلىپ ھەممە نەرسە بىراقلا يۇقۇلىدىغاندەك ئەنسىزلىك بىلەن ئەتراپقا قاراپ قويدى . ھەممىنىڭ چىھرىدە نۇر ئۆچكەن ، ئۇنىڭ ئورنىنى قاتتىق ۋەھىمە ، قورقۇمسىراش ئالغان ؛ ھەتتا بەزىلىرى ياش تۆكمەكتە ئىدى . ئەركىن بۈگۈننىڭ قايسى تەرەزدە كەچ بۇلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدى . يەر قاتتىق بىر سىلكىنىپلا توختاپ قالدى . ھەممەيلەننىڭ ئەندىشىسى بىر ئاز پەسكويغا چۈشتى . ئۇلار قايتىدىن ئۇرۇنلىرىغا بېرىپ ئولتۇرۇشقان بۇلۇپ ، بايامقى قىزنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ھەرخىل قىياسلارنى قىلىشىۋاتاتتى .ئاڭغىچە بىرقانچەيلەن (ئىھتىمال مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن مۇخبىرلىرى بولسا كىرەك )ئۇلارنى سۈرەتكە تارتىپمۇ ئۈلگۈردى . ,,j=RG_ HyYQQ ئەركىن بىر ئاز ھۇدۇقۇپ قالدى . ئەتراپتا باشقىلارنىڭ :<ئەمدى يەتتا بال تەۋرەيدىكەن . بەلكىم سەككىز بالغا يىتىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ، ئۇنداق بولغاندا ھەممىز يوق دىگەنلىك >دىگەندەك گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئەندىشىسى تېخىمۇ كۈچەيگەنىدى .كۈن قايرىلىپ خېلى ئۇبدانلا قاراڭغۇ چۈشكەن بولسىمۇ ، لېكىن مەكتەپتىن ياتاق بىناسىغا كىرىش چەكلەنگەچكە مەكتەپتىكى پۈتكۈل ئۇقۇغۇچىلار ،مەكتەپ ھويلىسىدا ئىدى . ئەركىن ئىلگىرى مەكتەپتە بۇنچە كۆپ كىشى بارلىقىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى . پەقەتلا دەرىسكە ماڭغان ياكى دەرىستىن قايىتقاندا يولغا ماڭغان يەتتە _سەككىز يۈز ئۇقۇغۇچىغا قاراپلا<مەكتەپتە مۇشۇنچىلىكلا ئۇقۇغۇچى بار ئوخشىمامدۇ ؟>دەپ ئويلىغان ئىدى . مانا ئەمدى پۈتكۈل ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپ ھويلىسىدا مىغىلداپ يۈرسە ئۇ ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى .<<ئەگەر مۇشۇنچە كۆپ ياشلار ئۈلۈپ كەتسە ... ... >>ئۇ يەنە خىيالغا پاتماقچى بولغانىدى بىراق، يىراقتىن ئاڭلانغان ۋاقىراشلار ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى . قارىغاندا ئۇقۇغۇچىلار ياتاققا كىرمەكچى بولغاندەك قىلاتتى . ئۇلار خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە مۇنازىرلەشتى . ئۇلارنىڭ جىدەل قىلىشىمۇ يولسىز ئەمەس ئىدى .يەر تەۋرىدى دەپ ياتاققا كىرگىلى قويمىسا ،بىز قانداق قىلىمىز ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە <ئاپەت كەلسە قوش كەپتۇ >دىگەندەك ،باياتىن بىرى قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتاتتى . شۇڭا كىيىم _ كىچەكلەرنى بولسىمۇ ئېلىپ چىقىشىمىز زۈرۈر ئىدى . مەكتەپنىڭمۇ تۇسىشى يوللۇق ئىدى. ئەگەر بىز ياتاق بىناسىغا ياماشقان ھامان پەۋقۇلئاددە تەۋرەش بۇپ قالسا ئۇ ئاقىۋەتنى تەسەرۋۋۇر قىلماق تەس ئىدى . مەكتەپ رەھبەرلىرى جىدەلنىڭ چوڭىيىشىنى خالىمىدىمۇ ياكى مۇشۇنداق قىلىشنىڭ ئاقىلانىلىك ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتىمۇ پەقەتلا بەش مىنۇتلۇق رۇخسەت بەردى . hADb]O GSb)|mj قۇياشلىق ئالەمدە ياشاش نىمىدىگەن بەخىت ھە ؟! گەرچە ئۇنىڭ ئاتا قىلان بەختىدىن بەخىتسىزلىكى ، خۇشاللىقىدىن قايغۇسى ، بايرام_ ئايىمىدىن ماتەم _ مۇسىبىتى كۆپ بولسىمۇ ئادەم يەنىلا كۈننىڭ سېرىقىغا تويمايدۇ . مانا دەككە _ دۈككە ئىچىدە بىر كىچە ئۆتتى . كىچىدىن بىرى نەچچە قېتىم قالدۇق تەۋرەشلەر بۇلۇپ تۇردى . ھەرقېتىم يىنىك تەۋرەشتىن كۆزلىرى ئەمدىلا ئۇيقۇغا باغلانغانلارمۇ چۆچۈپ كىتىشتى . ھەتتا نەچچىلىرى كۆزلىرىنى مىتمۇ قىلماستىن تىكلەنگەن بوتولكىغا② قاراپ ئولتۇرۇپ بولسىمۇ تاڭغا ئۇلاشتى . گەرچە مىڭبىر ئازاپتا كىچىنى تاڭغا ئۇلاشتۇرغان بولسىمۇ ، ئەتىگەنكى يۇرۇقلۇقنى كۈرۈپ ئالامچە خوش بۇلۇشتى . $YQ&\[pDA i/EiUH/~ ئەركىن بۈگۈن تۇلىمۇ روھسىز ئىدى . ئۇنىڭمۇ روھى سۇنغان ، تۈنۈگۈنكى تەمكىنلىكنىڭ ئورنىغا بىرخىل ئەنسىرەش ، ئالاقزادىلىك ئالماشقان ،چىرايى زەپىران بۇلۇپ بىركىچىنىڭ ئىچىدە ئۇبدانلا ياداپ قالغان ئىدى . بايام ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كىيىنلا ئۇنى تۈپىلەپ غەم بېسىسقا باشلىدى . fJlN'F7 v@s`l# ئەتىگەنلىك ناشتا ۋاقتىدا ئۇ ئادەتتىكىدەك ناشتا قىلىش ئۈچۈن مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىردى . گەرچە يەر خېلى ئۇبدانلا تەۋرىگەن بولسىمۇ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ غىزالىنىشىنى ئامال بار كاپالەتكە ئىگە قىلىۋاتاتتى . ئۇ ئەمدىلا تامىقنى ئېلىپ بىر ئۇرۇنغا كىلىپ ئولتۇرۇشىغا تىلىۋىزوردا ئاڭلىتىلىۋاتقان ، يەر تەۋرەش مەركىزى ئەتراپىدىكى كىشىلەر تۇرمۇشىغا ئائىت خەۋەرلەر دىققىتىنى تارتتى . ئۇزۇن چاچ ، يالاڭباش ،ياشقىنا چىرايلىق بىر قىز گەرچە چىرايىدىن جىددىيلىك ،ئالاقزادىلىك ، ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈش چىقىپ تۇرسىمۇ تۇرۇشلۇق مەركەزدىن خەۋەر بىرىۋاتاتتى .ئەسكى خىش ، قاتتىق _ قاتتىق داشقاللارغا ئايلانغان كەڭرى خارابىلىك ... ... ، تاتلىق جانلىرىنى ئېلىپ قېچىشىۋاتقان كىشىلەر ، ئۈلۈكلەر دۈۋىلىنىپ قۇيۇلغان بىر پارچە يەر، يەرئاستىدا قالغانلارنى ئىزلەۋەتقان جەڭچىلەر ، قۇتقۇزۇش ئۆيلىرىدە ئەنسىز ئىڭراۋاتقانلار ... ... ، بۇ يەردە بەئەينى قىيامەت زاھىر قىلغان ئىدى . شۇ تاپتا ، ئەسكى تاشلار ، كىسەكلەر ئارىسىدا قىسىلىپ قالغان ، كىيىملىرى قىپقىزىل قان بىلەن يۇيۇلغان ، يۈزىنى ئەسكى تاش ، قاتتىق كاھىش پارچىلىرى تىتما _تىتما قىلىۋەتكەن 18_19ياشلار چامىسىدىكى ، قۇتقۇزۇلۇشنى كۈتۈپ تۇرغان بىر بالا ئەكىس ئەتتى . ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن بايقالمىغان ئەمەس بايقالغان ، ئەمما قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى بولمىسا ، ئادەم كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋالدا ئىدى . ئۈستىنى قاپسىۋالغان يۇغان سىمىنۇت بىتوننى كۈتۈرۈش ماشىنىلىرى بىلەن يۆتكىمىگەندە ئۇنى قاپسالدىن چىقىرىۋالغىلى بولمايتتى . شۇنداقتىمۇ قۇتقۇزغۇچى تىببى خادىملار ئۇنىڭغا ئۇكۇل سۇيۇقلىقى ئۇرۇپ تۇرماقتا ئىدى . چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىڭ بەرداشلىق بىرىش ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، ھايات قېلىش ئىمكانىيىتىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈشكە بۇلاتتى . *TI6Z$b|6 VCtiZ4 _مىنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭلار ! مەن ئاپامنى كۈرۈۋالاي ! ئاپا ، ئاپا !سەن نەدە ئاپا ؟! SF=|++b1f LVtQ^ 5>8 ھايات تۇلىمۇ قىممەتلىك ، ئۇ ئىنسانغا پەقەت بىرلا قېتىم نىسىپ بۇلىدۇ . گەرچە بىز ئۇنىڭ قەدرىنى بىلمىگىنىمىز بىلەن ئۇ ھامان بىركۈن ئۆز بېشىمىزدا ياكى باشقىلارنىڭ قىسمىتى ئارقىلىپ ئۆز قىممىتىنى كۆز_كۆز قىلىدۇ . ئىھتىمال تەقدىرنىڭ ئەمدىلا ھايات مۇساپىسىنىڭ باشلىنىش پەللىسىگە قەدەم باسقان ، كىچىككىنە بالىغا قىلغان چاقچاقلىرىغا چىدىمىغان بولسا كىرەك ،ئۆكسۈپ _ئۆكسۈپ يىغلاۋاتاتتى . بالىنىڭ نالىسىگە چىدىمىغان قۇتقۇزغۇچىلارمۇ ئۆز مەيلىگە بوي سۇنماي ئېقىۋاتقان ئامالسىزلىق ، ئۈمۈد ، قىيالماسلىق بىرگەۋدىگە ئايلانغان ياشلىرىنى سۈرتۈشمەكتە ئىدى . ئۇلار ئۈزىنىڭ ناراسىدە بالىلىرىنىڭمۇ مۇشۇنداق <ئاپا ! سىز قەيەردە ؟>دەپ يۇلىغا تەلمۈرۈپ ، ئۈمۈدلۈك كۆزلىرى ئۇچۇق كىتىپ قالغانلىرى ئۈچۈن ياش تۈكۈشتى . ئەركىن بۇ كۈرۈنۈشكە چىدىمىدى . يۈرىكى پىچاق تىققاندەك ئاغرىپ ، ئېچىشىپ كەتتى . كۆزلىرىدىن بۇراندەك قۇيۇلىۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتۈشكىمۇ ئۈلگۈرمەي ، ئۈزىنى سىرتقا ئاتتى . -dN;\x & | |