ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما قېتىم كۆرۈلدى
تىما : ئانا تىل ھاياتىم، ئانا تىل ئەركىم» ئۈستىدە ئويلىنىش
www.AnaTuprak.com
دەرىجىسى: مەستانە ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 1193 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە306دانە
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 306
  شۆھرىتى: 405 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 2329 يۈەن
  تۆھپە: 304 قېتم
  ياخشى باھا: 87 قېتىم
  ۋاقتى: 194سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-08-28
  كىرىشى: 2010-12-31
0قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

 ئانا تىل ھاياتىم، ئانا تىل ئەركىم» ئۈستىدە ئويلىنىش

ئانا تۇپراق تور بېكىتىنى ھەممە دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ ! تور بېكىتىمىزنىڭ ئادىرسىنى مۇستەقىل بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ !
«ئانا تىل ھاياتىم، ئانا تىل ئەركىم» ئۈستىدە ئويلىنىش n6GB2<y  
$,7Yonc  
Qnv)\M1  
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن ?xCWg.#l4V  
$[*<e~?  
شېئىرغا تەبىر بېرىش بەلكىم بىر تەۋەككۇلچىلىكتۇر. چۈنكى ئۇ ئىنسان مەنىۋىيىتىدىكى چەكسىزلىكتىن بالقىپ چىققان بىر دەستە نۇرغا ئوخشاش بولۇپ، سىز بۇ نۇرنى كۆرىسىز، ھېس قىلىسىز، ئۇنىڭ بىلەن ئۆز قاراڭغۇلىقىڭىزنى يورۇتىسىز. ۋە بەلكىم بۇ نۇر ئارقىلىق ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇپ قالغان تۇيغۇ تەرمەچلىرىگە ئوت ياقىسىز. شۇنداق، ئەمدى بۇ گۈلخاندىن ئۆزىڭىزمۇ يانىسز، يورۇيسىز. ۋە يەنە بەلكىم باشقا بىر رېسىقلىق ئىنسانغىمۇ بۇ ئوت ئۆز شولىسىنى چېچىپ ياكى تۇتىشىپ ئۈلگۈرىدۇ. Sa$-Yf  
شېئىردىن ئىبارەت بۇ نۇرغا ئىنساننىڭ مەۋجۇدىي دۇنياغا نىسبەتەن ئىنكاسىي نازۇك تۇيغۇلىرى، قايناق، ئۇرغۇپ تۇرغان ھېسىي شېرىنلىكى، پىنھان ئىچكى كەچۈرمىشلىرى ۋە ياشاش سەنئىتىگە تويۇنغان ئەقلىي ھېكمەت، ھاياتىي كامىللىقتىكى سەرخۇشلۇق سېڭگەن. شېئىر ئۈستىدە توختۇلۇپ، تونۇلغان ئەدەبىي ئوبزۇرچىمىز مۇھەممەد پولات ئاكا مۇنداق دەيدۇ:« شېئىرىيەت – ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن كىشىلەر مەنىۋىي دۇنياسىنىڭ مەزمۇن ماھىيىتىنى بار تەسەۋۋۇر ۋاستىسى بىلەن ئوبرازلىق ئېچىپ بېرىدىغان، ئەڭ نازۇك يۈكسەك بەدئىي سەنئەت. ئۇنىڭدا تەبىئەت بىلەن جەمئىيەت، تارىخ بىلەن رېئاللىق، خىيال بىلەن تەسەۋۋۇر، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئومۇمىي ئېقىمى بىلەن كونكېرىت شەخىسنىڭ ئۆزىگە خاس ھايات يولى بىر پۈتۈن نەرسىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. شېئىردا ئالەمنىڭ چەكسىزلىكى بىلەن كىشىلەر مەنىۋىيىتىنىڭ پايانسىزلىقى روشەن ئۇيغۇنلۇققا ئېرىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ھەممە خىيال تەسەۋۋۇرى بەدئىي باقىيلىق پەللىسىگە يېتىدۇ.ئۇنىڭدا روھەن پاكلانغان ئالىيجاناب ئادەمنىڭ ھەممە مەنىۋىي ئۇلۇغۋارلىقى ئايان بولىدۇ. -Y/c]g  
شېئىر جەمئىيەت بىلەن تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ نەزمىي كۆچۈرۈلمىسى ئەمەس، ئۇ شائىرنىڭ ئەنە شۇ رېئاللىقنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان ئەڭ نازۇك، ئەڭ قايناق ھېس-تۇيغۇسىنىڭ بەدىئىي مەھسۇلى. شېئىر پەلسەپە ئەمەس، لېكىن ئۇ ئەقلىي ھېكمەت بىلەن ھاياتىي مەنتىقىنىڭ تەبئىي ماكانى. شېئىر ئاددى ھالدىكى تەسۋىرىي لەۋھە ئەمەس، ئۇ ئوبراز ۋە سۈرەتلەرنىڭ بىپايان زېمىنى. شېئىر ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىدە ۋە ئىتىقادىنىڭ پارلىشى، چىنلىق، ئىزگۈلۈك ۋە گۈزەللىكنىڭ نۇرلىنىشى، ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي كامالەتكە يەتكەن ئۇلۇغۋار ئىنساننىڭ ھاياتقا بولغان مۇھەببەت ۋە ساداقىتىنىڭ لېرىك سادا بېرىشىدۇر....».宋体① ئەلۋەتتە يۇقارقىدەك ئويلىنىشلارنىڭ تېخى بىرلىككە كەلگەن جاۋابى يوق. بەلكىم مەڭگۈ جاۋابى بولماسلىقى مۇمكىن. «شېئىر – يېتىپ بولمايدىغان ماھىيەت.»宋体② دەيدۇ ئەخمەتجان ئوسمان. بۇ شېئىرنىڭ ھامان ھەرقانداق شارائىتتا، ھەرقاندان ۋاقىتتا ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرىدىغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك.راسىت، ھەقىقىي شېئىر ئۆز دەۋرىدىن ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇ شائىرنىڭ روھىي دۇنياسىدىن ھالقىپ چىققاندىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ مەۋھۇم مەنزىلگە يەنى تۈمەن قەلىبلەرگە ئۇزاپ كېتىدۇ. بۇ تۈمەن قەلىپلەردە ئۇ بەلكىم تۈمەن خىل مەنا، تۈمەن خىل تۇيغۇنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ۋە ئوخشىمىغان شېئىرىي تەسىرنى ئۆزىگە يۇغارغان ئەكىس سادانى پەيدا قىلغان بولىدۇ. hxuc4C\J  
بۇ ھەقتىكى پاراڭلىرىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ، ئەمدى مەن ئۆزۈم ياقتۇرغان ۋە ھەقىقىي شېئىر دەپ قارىغان شېئىرلاردىن بىر پارچىسى ئۈستىدە بايانىمنى باشلاي: R"qxT.P(  
«ئانا تىل ھاياتىم، ئاناتىل ئەركىم»ناملىق مەن مۇھاكىمە قىلماقچى بولغان بۇ شېئىر 14 پارچە شېئىردىن تەركىپ تاپقان چاتما شېئىر بولۇپ، شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرىپىدىن يېزىلىپ، «تۇرپان» ژورنىلىنىڭ 2003-يىللىق 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان. بۇ شېئىر توغرىسىدا «تۇرپان» ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 2- سانىدا شائىر ئابلاجان بوۋاقى بىر پارچە ئوبزۇر ئىلان قىلغان بولۇپ، بۇ شېئىرنىڭ مۇۋاپپىقىيىتىگە ۋە جەمئىيەتتىكى تەسىرىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا بۇ شېئىر ئۈستىدە ئىزلىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك دەپ قارايمەن. ئۆلمەس ھەقىقىي شېئىرلار ئۈستىدە مەڭگۈ مۇنازىرىلەرنى قىلىشقا تامامەن مۇمكىن دەپ ئويلايمەن. O3["5  
#\$AB_[ot>  
بۇ بىر يۈرۈش 14 پارچە شېئىردىن تۈزۈلگەن چاتما شېئىردا شائىر ئۆزىنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىنى، خەلچىللىقىنى، ئانا تىلىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى «يارىلىش»، «ئورخۇن ئابىدىسى»، «مەھمۇد قەشقەرى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «ئەلشىر نەۋائىي»، «زاھىرىدىن مۇھەممەد بابۇر»، «ئەھمەد يەسەۋۋىي»، «بىلال نازىم»، «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر»، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ»، «مەمەتئىلى توختاجى»، «قۇتلۇق شەۋقى»، «ئابدۇقادىر داموللا»، «ئانامنىڭ سۆزى» قاتارلىق 14 كىچىك ماۋزۇ ئاستىدىكى شېئىرىي پارچىلار بىلەن ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا بىزگە لىرىك تارىخ ۋە دەۋىر سۇئالى سۈپىتىدە ئىپادىلەپ بەردى. AqucP@  
مەن تۆۋەندە بۇ شېئىر ئۈستىدە شېئىرىي مەزمۇن ۋە شېئىرىي بەدئىيلىك جەھەتتىكى تەھلىلىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.  <]h?_)  
4S3uzy%  
شېئىرىي مەزمۇن: p5\B0G<m  
ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بىر خىل ئورتاق ھېس-تۇيغۇ بولىدۇ. شۇنىڭدەك، شېئىر مۇئەييەن ھېس-تۇيغۇ ۋە ھايات ھېكمىتىنى سەنئەت تۈسىدە ئۆزىگە يۇغارغان سۆزلەرنىڭ بەدئىي تەرتىپتىكى «رەستىسى» بولغىنى ئۈچۈن، بىز بۇ «رەستە»دىن ئۆز دىتىمىزغا يارىغان قىممەتلەرنى جەۋھەرلەشكە ھەقلىقمىز. بەلكى بۇ قىممەتلەرنى شېئىر بىزگە ئۆزى سۆزلەپ بېرىدۇ دەپ ئويلايمەن. 6$A>%Jtwe  
@PAT|6  
شېئىرنىڭ «ئانا تىل ھاياتىم، ئانا تىل ئەركىم» دېگەن ماۋزۇسىدىنلا بىزنىڭ شېئىر يۈرىكىنىڭ ئانا تىل سۆيگۈسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلىشىمىز تەس ئەمەس. شۇنداق شائىر شېئىرنىڭ ماۋزۇسىدىلا ئىپتىخارلىق ۋە مەردانىلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئانا تىل ئاشىقى ئىكەنلىكىنى بىزگە جاكارلايدۇ. بىز ئەمدى ئاشۇ ئانا تىل سۆيگۈسى يەنى شېئىرنىڭ يۈرىكىدىن چىقىپ ئۇنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىغا بېرىپ باقايلى: k}FmdaPI'  
S>V+IKW;(  
«يارىلىش» : - بۇ ھەممىگە تونۇش بولغان ئەپسانىۋىي ھېكمەتنى شائىر ئۆز قەلىمىدە قىسقىلا تۆت كۇپلىت بىلەن بايان قىلغان بولۇپ، بىرىنچى كۇپلىتىدىلا: =C 7WQ  
تۇنجى خىتابىدا ئادەم ئاتىنىڭ، R]<N";-  
يانغان ئەلەم بولۇپ بىزنىڭ تىلىمىز. h1 pEC  
يارالمىش قىسىسى پۈتۈلگەن چاغدا، TP{2q51yM  
تەۋرىگەن قەلەم بولۇپ بىزنىڭ تىلىمىز. .Ws\%S  
دەپ يېزىپ، ئۆز قەۋمىنىڭ، ئۆز ئانا تىلىنىڭ يېراق باشلىنىشىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان بۇ ئەپسانىۋى ھېكمەتكە باغلىغان.كېيىنكى ئۈچ كۇپلىتتا بولسا، شائىر ئانا تىلىغا بولغان يۈكسەك مۇھەببىتىنى ۋە چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى تاغلارنىڭ كەينىدىن يانغان سۇبھىدىن بالقىپ چىقىپ، چاقناۋاتقان قۇياشقا تەققاسلاپ، «ئانا تىلىمىزنى سۈبھىدەك پاك، ئۈمىدكە تولغان، جەلىپكار، يېقىشلىق دەپ، تاغ ۋە سۈبھىنى ئەپۇچان، سەبرى-تاقەتلىك، بارلىقنىڭ ئاتىسى ۋە قوغدۇغۇچىسى بولغان خەلققە سىمۋول قىلسا، ئانا تىلىمىزنى قۇياشقا سىمۋول قىلىپ ناھايىتى يارقىن تەسۋىرلەيدۇ.».宋体③ Gy)2  
تىل بىر ئېتنىك ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ بىر مىللىي باشلىنىشنىڭ تۇنجى بەلگىسى. شائىر ئانا تىلىنى يالغۇز ئۆز يارىلىشىدىنلا ئەمەس، بەلكى، ئىنسان يارىلىشىدىن باشلاپ بايان قىلىپ، ئۆز مەۋجۇدلىقنى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قويىدۇ. J"~!jrzBh(  
«ئورخۇن ئابىدىلىرى» : - ئەمەلىي رېئاللىقتا تاش سۆزلىيەلمەيدۇ. لېكىن شائىر قەلىمىدە يارىتىلغان روھ سەھنىسىدە مۇزلىغان، ئەمما جىسمىدە قان ئۇرغۇپ تۇرغان مەڭگۈلۈك ئابىدىلەرنىڭ سىمۋولى بولغان مەڭگۈ تاشلار سۆزلەيدۇ. بۇ مەڭگۈلۈك پەقەت ئىلىم-ھېكمەتنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان قەھرىمانلىق-باتۇرلۇق روھىدىن ئىبارەت. شۇنداق، بۇ مەڭگۈلۈكنى سۆزلىمەك ئۈچۈن شائىر قەلىمىمۇ ئاددىي سىياھقا ئەمەس، ئوتلۇق قانغا، ۋە شۇنداقلا ھېكمەت بىلەن يۇغۇرۇلغان باتۇرلۇققىمۇ چېلانغان بولىشى كېرەك. مانا بۇ شائىرنىڭ قەلەم ۋە ئەلەمنى سۆزلەپ تۇرغان مەڭگۈلۈك ئابىدىلەردىن ئالغان شېئىرىي پەلسەپىسى، ھاياتلىق يوليورۇقى. @L$!hTaP  
«شائىر ئانا تىلىمىزنىڭ بارلىق ھېكمەت ۋە ئىمكانىيەتلىرىنى ئۆز ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملىگەن ‹ئورخۇن ئابدىلىرى›گە ئۆتكۈر ‹ئۈچىنچى كۆز›ىنى يۈگۈرتۈپ، يىمىرىلمەس پولاتتەك پاكىت بولغان ‹مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى›نىڭ ئادەتتىكى بىر تاش پۈتۈك بولماستىن، بەلكى، خەلقنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈش ۋە ۋەتەن-مىللەتنى جانپىدالىق بىلەن قوغداشتىن ئىبارەت ۋىجدانەن بۇرچىنى ئادا قىلىش يولىدا، ھەققانىيەت ئۈچۈن جېنىدىن كەچكەن ئەجدادلىرىمىز قەھرىمانلىرىنىڭ ئىسسىق قېنىدىن پۈتۈلگەنلىكىنى ئاجايىپ تويۇنغان بەدئىي تالانتى بىلەن ئىپادىلەيدۇ.».宋体④ o3YW(%cYR  
«مەھمۇد قەشقەرى» : - شائىرنى بوۋىسى چاقىرىپ سۆزلىمەكتە ئىدى: مەن تىلىمىزنى يۇلتۇز قىلىپ ئاسمىنىڭغا تېزىپ بەردىم. مەن پۈتكەن ھەر بىر چېكىت، پەش مىڭ يىللىق سۇلالە ياكى بىر زامانغا تەڭداش. ئۇنىڭ ئامانلىقى مېنىڭ ھەم سېنىڭ ئامانلىقىڭ. ئۇنىڭ مەۋجۇدلىقى بىزنىڭ مەۋجۇدلىقىمىز. بىزنىڭ مەڭگۈلۈكنىڭ سەپىرىدىكى راۋانلىقىمىز. بۇ شائىرنىڭ يېراقتىكى ئەجدادى بىلەن روھەن سىردىشىپ، بىزگە قايتۇرىۋاتقان ئەكىس ساداسى ئىدى. @ Fkhida  
«يۈسۈپ خاس ھاجىپ» : - ئاچچىق قىسمەتتىن تاتلىق شېرىن ھېكمەتنى، مەڭگۈلۈك ئىبرەتنى سۆزلەپ ھەقىقەتنىڭ ئاۋازىنى ئەقىل ۋە غۇرۇرنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزمەك ئۈچۈن قامۇس تۈزگەن ئۇلۇغ سىما. شائىرنىڭ قەلىمىدە ئۇ يەنە مىڭ يىللار، زامان-زامانلار جاھانغا ھېكمەت سۆزلەيدۇ. بۇ ھېكىمەتلەر ئانا تىلنىڭ دىۋارىدىن ئېقىپ چىقىۋاتقان زەم زەمگە ئوخشايدۇ. شائىر قەلىمىدە دەل ئاشۇ ئانا تىللا بۇ ھېكمەت زەم-زىمىنى ئەۋلادقا ئۇلاۋاتقان بۈيۈك ئېقىن. h8dFW"cpC  
«ئەلشىر نەۋائىي» : - شائىرغا شائىرلىقنى ئۆگىتىۋاتقان، يۈرىكىدىكى ئاتەشتىن چوغ تېزىپ گۈلخان ياققان، تىنىقلىرىدىن مۇھەببەت سەيلىگاھىنى بەرپا قىلغان، ئانا تىلىدا جاھان مۈلكىنى ئىگەللىگەن زەردار، شېئىرىيەت ئالىمىدە يۈكسەكلىكتىكى مۇئەمما. ئۇنىڭ ئاۋازى، ھەر بىر سۆزى ئەۋلاد ئۈچۈن بىر سۇئال. چۈنكى كىممۇ ئۇنىڭدەك سۆزلىيەلىگەن؟ كىممۇ ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرالىغان؟! ئۇ زامانلاردىن ئۆز ئەكىس ساداسىنى كۈتمەكتە. شائىرنىڭ ھەيرەت ۋە غەيرىتىدىن ئاشۇ سادانىڭ جىلۋىسىنى كۆرۈپ يېتىمىز. $b(CN+#  
«زاھىرىدىن مۇھەممەد بابۇر» : - ئىككى سەلتەنەتتە يەنى دىھلى زېمىنلىرىدا ۋە ئانا تىلىدا ئۆز شاھلىقىنى تىكلىگەن، ئامۇ بويلىرىدىن، تەڭرىتاغ، قاراقۇرۇم بەستىدىن ئەكىس ساداسى يېنىپ تۇرغان، ۋەتەننىڭ بالىسى. O,JS*jXl  
«ئەھمەد يەسەۋۋى» : - ئەقىدە ئىھتىراسلىرىدا ئانا تىلى بىلەن ساماۋىي مۇھەببەت ۋە ھەقىقىي ئىشىقنى سۆزلەۋاتقان، سۆزلىرى ھەققە تۇتاشقان ئاشىق. BP}@E$  
«بىلال نازىم» : - تارىخ بوستانىدىكى سادىردەك توغراققا، نۇزگۇمدەك قېزىلگۈلگە مېھرىنى تۆككەن، قەلىمىنى قىلىچ كەبى ئوينىتىپ، ئىلى، تارىمنىڭ كۆۋەجەشلىرىگە قانماي ئۆتكەن، ئىلى، تارىم بويلىرىدا مەڭگۈلۈك ياڭراۋاتقان قەھرىمانلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئەركسۆيەرلىك ھەققىدىكى جەڭگىۋار ناخشا. [ ou$*  
«ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» : - ھاياتقا ھاقارەت قىلمىغان، ئۆز ئۆلىمىدىن تۇغۇلغان قىقنۇس كەبى ئەزىمەت. سۆزلەرنى ئۇياتقا قالدۇرماي جەۋلان قىلدۇرغان، قارا تۈنلەرگە ئوت ياققان يىگانە يۇلتۇز. ئۆز مىسرالىرىغا مەڭگۈلۈك كۆمۈلگۈچى شائىر. "}V_.I* +  
«لۇتپۇللا مۇتەللىپ» : - بالىلىق مەھەللىسىدىن شىھىتلىك مەھەللىسىگە شېئىر توۋلاپ كەتكەن، قايناق مىسرالىرى ئارىسىدا خىيالچان تىلەكلىرى بىلەن زامان سۇئاللىرىغا ئۆز جاۋابىنى قالدۇرۇپ كەتكەن بالا شائىر. H@1}_d  
«مەمەتئىلى توختاجى» : - مۇنبەردىكى جەڭچى. دىۋانلارنى يازمىغان بولسىمۇ، دىۋانلار سۆزلەپ بولالمىغۇدەك غەيرىتى ۋە تۆھپە خىزمىتى بار، ئەل كۆزىدىكى غەپلەتلەرنى ئۆچۈرگۈچى، مەدەنىيەت گۈلخانىغا قايتىدىن ھۇلا سالغۇچى، مەشئەل كۆتۈرۈپ يول ئېچىۋاتقان ئىزچى. |Ve,Y  
«قۇتلۇق شەۋقى» : - ئانا تىلىغا ئانىسىدەك ئامراق، ھەقىقەت، باھار كۈيچىسى. ۋە بەلكى ئەركسۆيەر جەڭچى. NBHpM}1xtU  
«ئابدۇقادىر داموللا» : - مەرىپەت، ھەقىقەت ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۆرەشىپ ئۆزى ھەم باشقىلارنىڭ ھاياتىنى ياندۇرغان، نامەرتلەر قولىدا مەرتلىك ئۈچۈن، ھەقىقەت ئۈچۈن تامام بولغان، ۋە بۇ ھەقىقەت كۈرىشىنى ئەۋلادلارغا يادىكار ئەيلىگەن زات. !I.}[9N  
«ئانامنىڭ سۆزى»(خاتىمە ئورنىدا) : - ئانىنىڭ ھېكمەت خەزىنىسىدىن ئالغان ئۈمىد، ئارمان، كۆرەش ۋە سەۋىر تاقەت توغرىسىدىكى ھايات ھەقىقەتلىرى. z_N";Rn  
يۇقارقى 14پارچە شېئىردىن شائىر بىزگە قاراپ شۇنداق توۋلايدۇ :«ئانا تىل ھاياتىم، ئانا تىل ئەركىم !!!».بىز يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن شېئىرنىڭ ئوبرازىي مەنىلرىدىن ۋە ئۆز قەلبىمىزدىن ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ئەكىس سادالاردىن شائىر يۈرىكىنىڭ «ئانا تىلىڭ غۇرۇر، مۇھەببەت، ۋىجدان، ئەقىدىنىڭ تىلى. ئۇ يىلىك. مەرىپەت، ھەقىقەت، قۇدرەت ئۇنىڭدىن باشلىنىدۇ.»宋体⑤ }opw_h+/F  
دەپ سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىيالايمىز. بۇ شېئىرنىڭ ئوقۇرمەندىكى ئىنكاسى ئەلۋەتتە ئانا تىل، مىللىي كىملىك، ئەنئەنە، تارىخ، بۈگۈن ۋە كەلگۈسى توغرىلىق تۈرلۈك ئويلىرى بولىدۇ. شېئىردىكى ئالاھىدە شېئىرىي كەيپىيات يارىتىۋاتقان كۈچلۈك ھېسىيات تەبىئىي ھالدا ئوقۇرمەننىڭ ھېسىياتى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بىز شائىرنىڭ بۇ جەھەتتە ئوقۇرمەنگە يېقىنلىشىش ۋە ئوقۇرمەننى ئۆزىگە تارتىشتىكى لىرىك ۋە ھەيۋەتلىك شېئىرىي تارىخىي مۇھىت يارىتىش ماھارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيمىز. R3;%eyu  
بۈگۈنكى جەمىئىيەت تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىرلىشىشى ۋە كۈچ تالىشىش، مەۋجۇدلىقىنى ساقلاش كۈرەشلىرى كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان جەمئىيەت بولۇپ، بىر مىللىي توپنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۇنىڭ كىملىكىنى قانچىلىك تونۇش، ئۇنى قانچىلىك مەسئۇلىيەت بىلەن قوغداش، يۈكسەلدۈرۈشكە باغلىق. ئانا تىل مىللىي كىملىكتىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئامىل بولۇپ، ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇقى، تەرەققىياتى بۇ توپنىڭ مەۋجۇدلۇق ۋە تەرەققىياتىدا ئىنتايىن زور رول ئوينايدۇ. بۈگۈنكى ئوقۇتۇشنىڭ كۆپ تىللىق بولۇش، مېدىيە تارقىتىش ۋاستىلىرنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت ۋە كۆپ خىل تىللارنىڭ تەسىرىنى بىرگە ئېلىپ كىلىشى دەۋرىمىز كىشىلىرىگە ئۆز كىملىكى، مەۋجۇدلۇقى ھەققىدە ئويلىنىش سۇئالى ئېلىپ كەلدى. شائىر بۇ خىل تەسىر ئاستىدىكى ئويلىنىش چۇقانلىرىنى دەل مۇشۇ شېئىرى ئارقىلىق ئوتتۇرغا قويدى. بۇ يەردە مەن بىزنىڭ بۇ شېئىرنى تېخىمۇ چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن شائىرنىڭ يەنە بىر كىتابىدىن ئۇنىڭ ئانا تىل، ئۆز قەۋمى ۋە ئۇنىڭ ئەنئەنە، تارىخىغا، ۋە بەلكى بارلىق نەرسىسىگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنى ۋە ئۇ توغرىسىدىكى ئويلىنىشىنى سۆزلەپ بېرىدىغان مۇنۇ قىستۇرمىنى بېرىشنى لايىق تاپتىم : QW$p{ zo  
«تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر گىرەلىشىپ كېتىۋاتقان دۇنيادا سەن ئۆزۈڭنىڭ مىللىي روھ ۋە ھەزارى كىملىكىڭنى پۇختا قۇرۇپ چىقمىساڭ، بىر ئىجتىمائىي مەخلۇق بولۇش شەرتىڭنىمۇ ھازىرلىيالمىغان بولىسەن. ئۇنداق ئەھۋالدا سەندە ئىناۋەت بولمايدۇ. مەيلى سەن كادىر بول، تېخنىك بول، دوختۇر بول ياكى ئېنژېنېر بول، تەنھەركەتچى ياكى ھەربىي خادىم بول، نەشرىياتچى ياكى ئوقۇتقۇچى بول، تارىخچى ياكى سودىگەر بول، سەنئەتچى ياكى ھۈنەرۋەن بول، ئورخۇن تاش ئابىدىلىرىنى بىلمىسەڭ، «ئوغۇزنامە» ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئوقۇمىساڭ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەلشىر نەۋائىنى چۈشەنمىسەڭ، نۇزگۇمدىكى ھايا ۋە ئىپپىتكە قايىل بولمىساڭ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تېگىگە يەتمىسەڭ، يۇرتۇڭدىكى تاغ-دەريالار ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى ئاڭلىمىساڭ، سادىرنىڭ ناخشىلىرىغا ئەگىشىپ توۋلىمىساڭ، تارىم ۋە ئىلى دەريا ۋادىلىرىغا بېرىپ باقمىساڭ، ھېيىتگاھنى كۆرمىگەن بولساڭ، تاپىنىڭ تەكلىمان قۇملىرىدا كۆيۈپ باقمىسا، ئون ئىككى مۇقامنى ئاڭلاپ مۇڭلانمىساڭ، مىڭئۆيلەرنى كۆرۈپ ئويلانمىساڭ، خەلق ناخشىلىرىدىن باغرىڭ ئېرىمىسە، مەشرەپكە قاتنىشىپ ئىچىڭ پۇشسا، دوغقا نان تۆگۈرۈپ يەپ باقمىساڭ، ئاتا-ئاناڭ، خوتۇنۇڭ ۋە باللىرىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى قەرىزدار ھېس قىلمىساڭ، ئىشقىلىپ، خەلقىڭنىڭ ھاياتىدىكى تۇيغۇ –تەجرىبىلىرىنى بېشىڭدىن كەچۈرمىسەڭ، ئۆزۈڭنىڭ ئۇيغۇرلىقىدىن گۇمان قىلساڭ بولىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا ھەر بىر بوسۇغىدا «سەن كىم؟» دەپ سورىماقتا بىزدىن.»..宋体⑥ J|].h  
fjVy;qJ32S  
بۇ شېئىرنى ئوقۇغان كىشى «يارىلىش» دىن باشلانغان شېئىرىي تارىختىن ئورخۇن دەۋرى، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەد يەسەۋۋىلەر ياشىغان قاراخانىيلار دەۋرى، نەۋائىي دەۋرى، بابۇر دەۋرى، نازىم دەۋرى، ئابدۇقادىر داموللا، قۇتلۇق شەۋقى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمەتئىلى توختاجى، لۇتپۇللا دەۋىرلىرىدىن شېئىرىي مۇھىت ئىچىدە لىرىك تۇيغۇ، شېئىرىي زىلزىلە بىلەن ئۆتۈپ، بۈگۈننىڭ سۇئالىدا، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدىدە توختايدۇ. بۇ خىل ھېسىي زىلزىلە ئاخىر ئوقۇرمەندە شائىر كۈتكەن ئەقلىي ئويغۇنىشنى، ئەقلىي پىكىرنى ئۇرغىتىدۇ. شېئىرنىڭ ئىچكى مەناسى ئاشۇ خىل پىكىرلەر داۋامىدا يۈكسىلىدۇ، تېخىمۇ موللىشىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي بىر پارچە شېئىرنىڭ مەنزىلى. بەلكى بۇ شېئىرنىڭ مەنا يۈكسەكلىكىدىن بەدئىي يۈكسەكلىككە ھالقىشىدىن ئىبارەت. 10i$b<O  
بۇ شېئىردىكى شېئىرىي بەدئىيلىك : mr^3Y8 $s  
شېئىرنىڭ بەدئىيلىكى ئۇنىڭ شېئىرىي تىلى، شېئىرىي ئوبرازى، شېئىردىكى ھېسىيات ۋە قۇرۇلمىدا ئىپادىلىنىدۇ. تۆۋەندە مەن بۇ تەرەپلەردىن بۇ شېئىرنىڭ بەدئىيلىكىنى تەھلىل قىلىپ ئۆتىمەن: G %6P`:  
بۇ شېئىردىكى شېئىرىي تىل توغرىسىدا – شېئىرنىڭ بەدئىيلىكى مېنىڭچە ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ تىلىدا ئەكىس ئىتىدۇ. شېئىرىي تىلنىڭ گۈزەللىكى شېئىرنىڭ بەدئىيلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر.شېئىرىي تىلدا شائىرنىڭ تىل تاللاش ۋە تاۋلاش ئىقتىدارى ئالاھىدە نامايەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە شائىرنىڭ تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئىماگلار ئارقىلىق كۈچەيتىش، مەناسىنى كېڭەيتىش، بۇ ئارقىلىق ئانا تىلنى بېيىتىش جەھەتتىكى تالانتىمۇ نامايەن بولىدۇ. شائىر ئىشلەتكەن ئاددىي بىر ئىماگ شۇنداقلا ئاددىي بىر سۆز قۇرۇلمىسى بولماستىن بەلكى شېئىرىي ھېسىيلىك، ئەقلىي باغلىنىش، ھالقىما تەسەۋۋۇر قۇچىقىغا تىكىلگەن بىر تال بىختۇر. بۇ بىخ شائىرنىڭ ۋە ئوقۇرمەننىڭ ئارىسىدىكى مەۋھۇم دۇنيادا باراقسانلىشىپ، چېچەك ئاچىدۇ. بۇ چېچەك ئەلۋەتتە ئانا تىل گۈلشەنىگە يەنە بىر ئۆزگىچە بىزەك ۋە مەنا بولغۇسىدۇر. |7tD&9<  
بۇنىڭدا شائىرنىڭ تەسەۋۋۇر كەڭلىكى - تەسەۋۋۇر كۈچى مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، شائىر چوقۇم ئوقۇرمەن قوبۇل قىلالايدىغان تۇرمۇش دىتاللىرىنى ۋە شېئىردىكى شېئىرىي ھېسىياتقا ماس بولغان دىتاللارنى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە خاس جانلىق بىر شېئىرىي مۇھىتنى يارىتىدۇ. بۇ خىل شېئىرىي مۇھىتنىڭ ئاساسى جازىسى سىمۋولدىن ئىبارەت. بۇ خۇددى يېتىزى ئېيىتقاندەك بولۇپ :« بىر تەرەپتىن شەكىل سىمۋول ئارقىلىق ماس بولغان تۇيغۇنى قوزغىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھېسىياتمۇ ماس بولغان شەكىلنى ئۆزىگە تاللاپ سىمۋول قىلىدۇ.»宋体⑦ 1XMR7liE  
شائىر تاللىۋالغان «يارىلىش ئەپسانىسى»، «ئورخۇن ئابىدىلىرى»، «مەھمۇد قەشقىرى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «ئەلشىر نەۋائى» ... قاتارلىق ئاشۇ بىر قاتار تارىخى دىتاللار شېئىردا ئالاھىدە بىر شېئىرىي ئىماگلارنى يارتىدىغان مۇھىتنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، «تۇنجى ختاب»، «ھەقىقەت كەپتىرى»، «باتۇر»، «ئۆلۈم»، «مەرتلىكنىڭ قىلىچى»، «تاش»، «سىياھ»، «مۇردا»، «سۇلالە»، «قۇياش»، «خانتەڭرى»، «سادىر يوللىرى»، «كېچە»، «يۇلتۇز»، «ئاچچىق موخۇركا ئىسى»، «چېراق» ... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى شائىر تەسەۋۋۇرىدا ئالاھىدە گىرەلەشمۇ مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە. ئۇلار بىر پۈتۈن شېئىردا توختىماي گاھ ئاشكارە، گاھ يوشۇرۇن مەنالار بىلەن ئوقۇرمەننى بىر مەنزىلگە باشلايدۇ. شېئىرىي پارچىلارغا تاللانغان ئاشۇ كىچىك 14ماۋزۇمۇ مۇشۇ خىل ئالاھىدە مۇناسىۋەتتىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە. شائىرنىڭ بۇلارنى شېئىرىي دىتال قىلىپ تاللىشى شائىردىكى ئۆزگىچە مەسئۇلىيەتچانلىق پىسخىكىسىنى مەنبە قىلغان كۆزىتىش كۈچىدىن كەلگەن. sfj+-se(K.  
بۇ بىر يۈرۈش چاتما شېئىردا شائىر تىلى جانلىق، قاراتمىلىققا، رەڭدارلىققا ئىگە بولۇپ، شائىر شېئىردىكى ھەر بىر سۆزنى كۈچلۈك ھېسىيات تۈسى بىلەن يۇغارغان.بۇ شېئىردىكى ئىچكى ئىنتوناتسىيە شېئىرنى ئوقۇرمەنگە ئالاھىدە يېقىنلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شېئىرنى بىر ئوقۇغان ئادەم شېئىرنىڭ ھەر بىر سۆز، ھەر بىر مىسراسىدىن شائىر ئىشارە قىلىۋاتقان ئەقلىي مەنانىلا ئەمەس، ئادەم يۈرىكىگە تەگكۈدەك ھېس تۇيغۇنى سېزەلەيدۇ. u] };QR  
بۇ بىر يۈرۈش چاتما شېئىرنىڭ تىلىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، شېئرنىڭ تىلى كۈچلۈك ئاھاڭدارلىق، ئىچكى رىتىمغا، مۇزىكىلىققا ئىگە. ئەلۋەتتە، بۇ ئالاھىدىلىك شېئىرىيەتنىڭ ئەقەللىي مىزانى. ئەمما بۇ شېئىر شائىرنىڭ ئىلگىرىكى «گۇڭگا شېئىر»، «ئەركىن چاچما شېئىر» ئۇسلۇبىدىكى ئەسەرلىرىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدۇ. شائىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە 1980-يىللاردىن كېين مەيدانغا كەلگەن يۇقارقى ئېقىمنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلگىرى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغان ئاشۇ بىر تۈركۈم شېئىرلىرىدىن بۇ شېئىرى ئالاھىدە پەرق قىلىدۇ. |4Q*4s  
شائىرنىڭ ئىلگىركى شېئىرلىرىدا كۆپىنچە شېئىرىي پىكىر بىر خىل گۇڭگىلىق ئىچىدىكى شېئىرىي ئىماگلار ئارقىلىق، قىلىپلاشقان شېئىرىي رامكا بىلەن ئەمەس بەلكى ئەركىن ھالدا، ھېسىياتنى گۇڭگىلاشتۇرۇشتەك ئالاھىدە بەدىئىيلىك ئىچىدەئەكىس ئەتتۈرىلەتتى. لېكىن بىز بۇ شېئىرغا قارايدىغان بولساق، ئۇ ئىشلەتكەن شېئىرىي ئىماگلار شۇنداق كونكېرىت، ھەر بىر كىشى ھېس قىلالايدىغان نەرسلەر بولۇپ، شائىرنىڭ ئىنتايىن ئوچۇق ئاشكارە ھالدىكى مەنىۋىي ئىنتىلىشىنى، شائىرنىڭ شېئىر ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان ئوي-پىكىر، تەشەببۇسىنى ناھايىتى روشەن، دەبدەبىلىك ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا، شائىر شېئىردا ئالاھىدە شېئىرىي رىتىمغا، ئاھاڭدارلىققا ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ شېئىردا ئىپادىلىنىپ چىقىۋاتقان ئاھاڭدارلىق شائىرنىڭ تىلغا باي، پىشقان تىل ئىشلىتىش ماھارىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ تەبىئي ئىنكاسى ئەلۋەتتە. `t&{^ a&Y"  
شېئىرنىڭ تىلى توغرىسىدا ئۇنىڭ ئىستىلىستىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى مۇھاكىمە قىلماي، بۇ توغرىدىكى تەھلىلىمنى مۇشۇ يەردە توختىتمەن. ^Tm`motzh  
بۇ شېئىرنىڭ شېئىرىي قۇرۇلمىسى توغرىسىدا – بىز بۇ بىر يۈرۈش چاتما شېئىردىن شۇنى ھېس قىلىمىزكى، بۇ شېئىردىكى مەنا سىغىمى بىر پارچە داستاندىن ھەرگىزمۇ تۆۋەن تۇرمايدۇ. ئۇ ئۆزى چاققان، ھەجىمى كىچىك بولغىنىغا قارىماي، شېئىرنىڭ مۇقەددىمە، راۋاج، خاتىمە قسىملىرى ئېنىق بولۇپ، بىر لىرىك داستان بولالايدۇ. ۋە ئۇنى «داستان» دەپ ئاتاش بەكرەك مۇۋاپىق. #]kjyT0  
بۇ بىر يۈرۈش شېئىردا شائىر ياراتقان شېئىردىكى مەنا بوشلۇقى ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئالاھىدە ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن. يەنى شائىر ئۇزۇن «ئۆلۈك» تارىخنى پارچىلاپ، كۈچلۈك ھېسىيات بىلەن لىرىكىلىق ھالدا قايتىدىن بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە مۇئەييەن مۇستەقىللىققە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى زامان تەرتىپى بويىچە قۇراشتۇرۇپ چىقىپ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلغان. بىز شېئىردىن خۇددى بىر «ۋاقىت كارىدورى»دىن ئۆتكەندەك تۇيغۇلار بىلەن ھالقىپ ئۆتۈپ، شائىرنىڭ «يارىلىش»دىن تا بۈگۈن ۋە كەلگۈسىگچە تۇتاشتۇرغان ئۇزۇن بىر بوشلۇقتىكى ئۆزگىچە شېئىرىي ۋاقىت قۇرۇلمىسىنى كۆرۈپ يېتىمىز. ?m|}}a  
بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم ئامىل شۇكى، شېئىردا ئىپادىلىنىۋاتقان خەلقچىللىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئانا تىل سۆيگۈسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن تارىخىي چىنلىق تۈسى. بۇ خىل ئەل-يۇرتقا، ئانا تىلغا، تارىخقا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى شېئىرنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ مۇشۇنداق بۆلەكلەر بويىچە، تەرتىپلىك باياندا بولۇشنى بەلگىلىگەن. L>1hiD&  
بۇ شېئىردىكى شېئىرىي ئوبرازلار توغرىسىدا – شېئىرنىڭ جېنى ھېسىيات. تەسەۋۋۇر ۋە شېئىرىي ئوبراز بولسا ئۇنىڭ ئىككى مۇھىم ئامىلى. شېئىردىكى ئوبرازلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدلىكى ئۇنىڭ كۈچلۈك لىرىكىلىقىدا. شائىر تۇرمۇشتىكى ئۆز ھېسىياتىغا ماس بولغان مۇئەييەن دىتالنى تاللاپ ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا كۈچلۈك ھېسىيات، تەسەۋۋۇر كۈچى ئارقىلىق رەڭدار، ئويناق شېئىرىي تىل بىلەن يۈكسەك شېئىرىي مەناغا يۇغۇرۇلغان لىرىك ئوبراز يارىتىدۇ. IOcQI:4.`  
بۇ شېئىردا شائىرنىڭ تاللاپ ئالغىنى تارىخىي دىتاللار بولۇپ، ئۇ بۇ تارىخىي دىتاللارنى تىپىك خاراكتېرگە ئىگە قىلىپ سۆزلىتىش ئارقىلىق، شېئىردا باشتىن ئاخىر ئاجايىپ لىرىك، سەلتەنەتلىك بىر شېئىرىي مۇھىت يارىتىپ ئوقۇرمەننى تەسەۋۋۇر كەڭلىكىگە باشلىغان. بۇ تارىخىي دىتاللاردىكى ئىچكى مەنانى، يەنى خەلقىمىز ھاياتىغا سېڭىپ كەتكەن تەجرىبە-ساۋاق، كەچۈرمە ئىبرەتلەرنى، ئۆزگىچە مېغىزلىق ھېكمەتلەرنى يورۇتۇپ، سەنئەت تۈسىدە سېھىرىيلاشتۇرۇپ ۋە جانلاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا يېڭى بەدئىي ھايات بېغىشلىغان. بۇ بىر قاتار شېئىرىي ئوبرازلار قويۇلغان شېئىرىي بوشلۇقتا بىز شائىرنىڭ ئىجادىي تەسەۋۋۇر كۈچىنى ھېس قىلىپ يېتىمىز.بۇ «يارىلىش ئەپسانىسى»، «مەڭگۈ تاشلار»، «مەھمۇد قەشقەرى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «ئەھمەد يەسەۋۋى»، «ئەلشىر نەۋائىي»، «بابۇر»، «موللا بىلال»، «مەمەتئىلى توختاجى» ... قاتارلىق شېئىرىي ئوبرازلار خۇددى بىزگە ئۆز ئاغزى بىلەن ئۇزاق تارىخنى لىرىك يوسۇندا سۆزلەپ بېرىۋاتقاندەك ئاجايىپ سېھرىي تۇيغۇغا چۆمۈلىمىز. dAh.I3  
شائىر ياراتقان بۇ تارىخىي شېئىرىي ئوبرازلارنى بەلكىم ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان شېئىرىيىتىدىكى تارىخىي شېئىرىي ئوبرازلارنىڭ ئەڭ ئىخچام، ئەڭ جانلىق ۋەمۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ئىپادىلەپ بېرىلىشى دېيىشكە ھەقلىقمىز. jxh:z  
ئومۇمەن، «ئانا تىل ھاياتىم، ئانا تىل ئەركىم» ناملىق بۇ بىر يۈرۈش چاتما شېئىر مەيلى ئۆزىگە يۇغارغان ئىچكى مەنا، مەيلى شېئىرىي تىل، مەيلى قۇرۇلما ۋە مەيلى ئوبرازلار جەھەتتىن بولسۇن ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان يېڭى دەۋىر شېئىرىيىتىدىكى ۋەكىللىك سەرخىل شېئىرلارنىڭ بىرى دەپ باھا بېرىشكە مۇۋاپىق شېئىردۇر. شۇڭا بۇ شېئىر توغرىسىدا تەتقىقاتچى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزلىنىش، مۇھاكىمە، مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. ~RhUg~o  
\<4N'|:  
ئاخىردا ئۇستاز، شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ بەرىكەت ۋە مۇۋاپىققىيەت، تىنىگە سالامەتلىك تىلەپ ماقالەمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن. KA5)]UF`l  
m[9.'@ ye  
2Je $SE8  
_ 4ag-'5  
پايدىلانغان ماتېرىياللار: [{znwK@  
1. جۇلىيۈەن(朱立元) «بۈگۈنكى غەرىب ئەدەبىيات نەزىرىيەسى» (当代西方文艺理论) شەرقى جوڭگۇ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى (华东师范大学出版社) 1997-يىل 1-نەشرى، 2003-يىل 8-بېسىلىشى :QE5 7 .  
2. ئارزىگۈل، شادىيە، گۈلشەنلەر تۈزگەن «بۈگۈكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىكى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل 1-نەشىر 1-بېسىلىشى. 9 BCW2@Kp  
3.ئابدۇقادىر جالالىدىن «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004-يىل 1-نەشرى z5+Pi:1w  
4. «تۇرپان» ژورنىلى 2003-يىللىق 1-سان، 2004-يىللىق 2-سان. $*Ucfw1T  
5. «تارىم» ژورنىلى 2008-يىللىق 10-سان. ]-=L7a  
6. «تەڭرىتاغ» ژورنىلى 1992-يىللىق 6-سان. [GwAm>k  
ئىزاھاتلار: ke4E 1T-1n  
pwFp<O"  
-------------------------------------------------------------------------------- `MtzA^Xr  
mypV[  
[①] م.پولات «تارىم» ژورنىلى 2008-يىللىق 10-سان. 119-بەت. v88vr  
[②] ئە.ئوسمان «شېئىر مەسلىلىرى»، «تەڭرىتاغ» ژورنىلى 1992-يىللىق 6-سان. 76-بەت. ]e>qvSuYh  
[③] ئابلاجان بوۋاقى: «ھىجران دەشتلىرىدىكى چۇقان ۋە سۈبھىدىكى ئارمان» «تۇرپان» 2004-يىللىق 2-سان 88-بەت. p{f R$-d  
[④] ئابلاجان بوۋاقى: «ھىجران دەشتلىرىدىكى چۇقان ۋە سۈبھىدىكى ئارمان» «تۇرپان» 2004-يىللىق 2-سان 88-بەت. %iyc1]w{  
[⑤] ئا.جالالىدىن : «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» 364-بەت. f|[7LIdh-  
[⑥] ئا. جالالىدىن : «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» 164-بەت s~M4. 06P  
[⑦] جۇلىيۈەن(朱立元) «بۈگۈنكى غەرىب ئەدەبىيات نەزىرىيەسى» (当代西方文艺理论) شەرقى جۇڭگۇ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى (华东师范大学出版社) 1997-يىل 1-نەشرى، 2003-يىل 8-بېسىلىشى 17-بەت. I_nQTWcm  
تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما