ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما قېتىم كۆرۈلدى
تىما : تىلەمچىلىكنىڭ يىلتىزى
www.AnaTuprak.com
دەرىجىسى: مەستانە ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 1193 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە306دانە
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 306
  شۆھرىتى: 405 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 2329 يۈەن
  تۆھپە: 304 قېتم
  ياخشى باھا: 87 قېتىم
  ۋاقتى: 194سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-08-28
  كىرىشى: 2010-12-31
0قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-25 21:37 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

 تىلەمچىلىكنىڭ يىلتىزى

ئانا تۇپراق تور بېكىتىنى ھەممە دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ ! تور بېكىتىمىزنىڭ ئادىرسىنى مۇستەقىل بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ !
"نامراتلىق كىشىلەرنى خاتا ئىشلارغا ئۈندەيدۇ." D@/9+]-,  
-سېنكا [A.eVuV;+  
1 S[\cT:{OE  
شەھىرىمىزنىڭ جەنۇبىي قوۋۇقى(نەنمىن)دا قالتىس بىر كۆرۈنۈش بار. بىر تەرەپتە مىللىي ئۇسلۇبتىكى "خەلق تىياتىرخانا" بىناسى، بىر تەرەپتە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ۋە شىنخۇا كىتابخانا بىنالىرى، يەنە بىر تەرەپتە ئېگىز بانكا ۋە ئىستراخوۋانىيە بىناسى، ئوتتۇرىدا پاكارغىنە ئەينەك پرامىدا ۋە ئۇنى ئوراپ تۇرغان چىملىق، چىملىق ئاستىدا يەر ئاستى سودا شەھەرچىسى... بۇلار ماددىي ۋە مەنىۋى ئىستېماللارنىڭ ئۆتكۈر گىرەلەشمىسىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. بىر - ئىككى يىل ئىلگىرى مەزكۇر سودا شەھەرچىسىنىڭ ئۈستى ئۇزاق يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن يېشىل ئورمان ئىدى، ئەمدى ئۇنىڭ ئورنىنى بازار ئىگىلىكى ئىگىلىگەن بولۇپ، مىسىر پرامىداسىغا قىلىنغان ناھايىتى ئاددىي بىر تەقلىدنىڭ شاھىتى  ئەينەك پرامىدا توزانلارغا مىلەنگەن ھالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. پرامىدا ئاستىدا قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە بۈگۈنكى كۈندە مەدەنىيەتنىڭ ئالامىتى بولغان ماددىي ئىستېمال مۆجىزىلىرى قايناپ تۇرىدۇ. Z.cG`Km*  
.q'FSEkMJ  
ھەممىدىن قىزىقى، ئېگىز بانكا بىناسىنىڭ بىر تەرىپىدە "خانتەڭرى جامەسى" قىسىلغان ھالدا بوي سوزۇپ تۇراتتى. بۇ بىنالارنىڭ بىرىدە كىشىلەر بۇ دۇنيانىڭ مەئىشىتى ئۈچۈن پۇل، نوپۇز توپلىماقتا ئىدى، يەنە بىرىدە ئۇ دۇنيانىڭ مەئىشىتى ئۈچۈن مەشغۇل بولاتتى. جامە ئاستىدىكى دۇكاندا بولسا پانىي دۇنيانىڭ غېمى. قاراڭ، مەدەنىيەت دېگەن شۇنداق نەرسە. ئۇ ھايات بىلەن ئۆلۈم ئارىلىقىدىكى تەشۋىشنىڭ مونتاژلىق بىرىكمىسىگە ئايلانغانىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇربان قىلىش ۋە قۇربان بېرىشتىن ئىبارەت ھايات - ماماتلىق سۈرەتنى ئاشكارا نامايان قىلىپ تۇراتتى. $yR{ZFo  
ئاشۇ بانكا بىناسىنىڭ ئالدىدىن ئانچە - مۇنچە ئۆتۈپ قالاتتىم، لېكىن ھەرگىزمۇ پۇل قويۇش ئۈچۈن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ بىرسى بولالمايتتىم. چۈنكى بىز ئەر - ئايال ئاددىي ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئائىلىمىز مائارىپتىكى نامراتلىق، شەرەپ ۋە ھەسرەتنى تولۇق ئۈستىگە ئالغان ئائىلە ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئەدەبىيات - سەنئەتتىكى بىچارىلىكنى، ئۇنىڭدىكى پىغاننىمۇ قوشۇپ ئۈستۈمگە ئالغانىدىم. 2yVGE p^  
SbQ{ >  
قار چۈشۈپ تۇراتتى، بانكا بىناسىنىڭ ئالدىدا قېلىن جۇۋا ياكى پەلتو كىيىشكەن كىشىلەر شۈمشەرەپ تۇرۇشاتتى، ئۇلار زايومچىلار ياكى دوللارچىلار ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرسى ئالدىمغا كېلىپ: *Kp ^al  
#!F8n`C-  
-  دوللار بارمۇ؟  دېدى. )Lv6vnT>  
5Dh&ez`oR'  
-  يوق،  دېدىم مەن كەسكىن ھالدا. E rRMiT  
a6K$omu  
-  زايوم بولسىمۇ ئالىمىز. j(2tbWg9-  
# xE>]U  
-يوق. r|sy_Sk/{  
@zpHem dB  
مەن ئۆتۈپ كەتتىم. خۇداغا مىڭ شۈكۈر، مەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە دوللارغا ئىگە ئادەملەرگە ئانچە - مۇنچە ئوخشىغانىدىم. يانچۇقۇم ئۇنچىلىك ئالىي ھىممەتكە ھازىرغىچە ئېرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئاشۇ گەپلەر تۈپەيلى روھىي لەززەت ھېس قىلدىم، گەرچە بۇ لەززەت ناھايىتى ئەخمىقانە ۋە نادانلارچە بولسىمۇ، تۇرمۇشنى كۆزەتكەن كىشىلەرگە مەلۇمكى، بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تاپقانلىرى ياشاش زۆرۈرىيىتىدىن نېرىغا ئاشمايدۇ. بانكا بىناسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ، بىرنەچچە قەدەم مېڭىشىمغا ياشقىنە بىر تىلەمچى ئۆزىنى بىچارە كۆرسىتىپ قولىنى ئۇزاتتى، ئۇمۇ مېنى خېلى يىراقتىنلا كۆزلەپ كەلگەندەك تۇراتتى. يانچۇقۇمنى ئاختۇرسام ئىككى موچەن چىقتى - دە، ئۇنىڭغا بەردىم، ئاندىن مېڭىشىمنى داۋاملاشتۇردۇم. pz z`4VS:  
)I1V 2k$n  
- پادىشاھ بولۇپ كېتەرلا، ئىلاھىم،  دېدى ئۇ ئارقامدىن. مەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم. مەن ئۇنىڭ چىرايىدىن سەمىمىي ئەمەس، مۇغەمبىرانە كۈلكىنى كۆردۈم ۋە ئۇنىڭ يېنىغا باردىم. .M#>@~XR  
Lzb [%?  
- ئەگەر مەن پادىشاھ بولغان بولسام، سەن تىلەمچىنىڭ كۈنىگە قالمىغان بولاتتىڭ، سەن بۇنى چۈشىنەمسەن؟-  دېدىم مەن. N,'qMoNf  
J*kzJ{vwy*  
تىلەمچى مېنىڭ گېپىمنى تەھدىت ياكى تەئەددى ھېس قىلدىمۇ، ئەيتاۋۇر تۇرۇپلا قالدى. مەن ئۇنىڭدىن يىراقلىشىپ كېتىپ قالدىم. oA^]x>  
(3HgI  
كوچىدا كىشىلەر ئالدىراش ئىدى. قار بولسا ئاستا ۋە لەرزان چۈشمەكتە ئىدى. jfhDi6N  
Y .X-8  
2 [IX!3I[J]  
زامانىمىزنىڭ باياشاتچىلىق تەنتەنىسىگە غەرق بولغىنىغا خېلى ئۇزاق يىللار بولدى، ئەمما كوچا - كويلار ۋە تاۋاپ - سەيلىگاھلاردىكى، مەسچىت - ئىبادەتخانىلار ئالدىدىكى غېرىب - غۇرۋالار، ئاجىز - مېيىپلار، پېقىر - مىسكىنلەر زادىلا ئازايمىدى، ئەكسىچە كۆپەيدى. نەتىجىدە، بۇ، ئۆزلىرىنى مەلۇماتىق، ئالىيجاناب ۋە ساغلام ھېس قىلىشقان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەتەي مولچىلىق يېغىپ تۇرغان داستىخان ئالدىدا چىشلىرىنىڭ ئاراچلىرىغا كىرىۋالغان گۆشلەرنى تازىلىغاچ ۋاپادارلىق، ساداقەت ئەھدىسىدىن دېرەك بېرىدىغان شارابلارنى ئىچكەچ قىلىشىدىغان ھەر تۈرلۈك پاراڭلىرىنىڭ بىر تېمىسىغا ئايلاندى.  l3Bcg  
&^<T/PiR  
ئۇلار ناھايىتى ھىيلىگەر،  دېيىشەتتى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كۆزىتىش ئالاھىدىلىكىنى نامايىش قىلىپ،  ئۇلار سېنى كۆرۈش بىلەنلا مۆمىن، بىچارە قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ، دۇئا - تىلاۋەتلىرى بىلەن دىلىڭنى يۇمشىتىشقا ئۇرۇنىدۇ، تەقى - تۇرقۇڭغا قاراپ مىجەزىڭنى، تەقدىرىڭنى مۆلچەر قىلىدۇ - دە، ئارزۇ - تىلەكلىرىڭگە ماس بىرەر مۇراجىئەتنى دەرھاللا ئاغزىدىن چىقىرىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار سېنىڭ نەچچە پۇل بېرىشىڭنى ئويلاپ ئولتۇرىدۇ. mAERZ<I  
833t0Ml1A/  
- ئەگەر سەدىقە بەرمەي كېتىپ قالساڭ، ئۇلار سېنى قارغىشىمۇ مۇمكىن،  دەيتتى بىراۋ. !!pi\J?sk  
+ opN\`  
- راست، ئۇ تۇرغانلا گەپ. ,3[<C)'[  
1F8EL)9  
- ئۇلار سەن - بىزدىن باي، ئۇلارنىڭ بانكىغا ئامانەت قويغان پۇلى سېنىڭ نەچچە ئون يىللىق مائاشىڭدىن جىق. Z*B(L@H  
_YUF /B'  
يېقىنقى يىلاردىن بېرى تىلەمچىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئائىت ئاجايىپ ۋەقەلەر، ئۇلارنىڭ قالتىس بېيىپ كېتىشىدىكى سىرلار، ئۇلارنىڭ ئۇستىلىقلىرى گېزىتلەرگە يېزىلىدىغان بولدى. كاتتا ئەدىبلىرىمىزمۇ ئۇلارنى قەلەمگە ئېلىشتى. ئۇلاردا پەقەت مۇنۇ گەپلەر بار: ئۇلار قالتىس، ئۇلار قارا نىيەت، ئۇلار ئىنساپسىز ۋە ھىيلىگەر. Ez-o*&  
9jO+ew  
بەلكىم، ئۇلارنىڭ گېپىدىن ئاز - تولا ئەمەلىيەت پۇراپ تۇرسا كېرەك (گەرچە ئېيتقانلىرى تەلتۆكۈس ھەقىقەت دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ). مەنمۇ زامانىمىزنىڭ ئاددىي بىر ھاياتلىق ئەھلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئادەمزات دۇنياسىدىكى يېڭى قىلىقلاردىن ئاز - تولا خەۋەردار. شۇڭلاشقا كىشىلەرنىڭ يەكۈنلىرىنى ئەمەلىيەت بىلەن بەلگىلىك دەرىجىدە باغلاپ قارىيالايمەن. دەرۋەقە، زامانىمىزدىكى تىلەمچىلەر خېلى قۇۋ، ئۇلار ئۆزىگە يارىشا ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتنى تەھلىل قىلالايدۇ، ئۆزىنى تەتبىقلىيالايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ سانى كۆپەيدى. ئادەملەر دىيانەتكە بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئانچە ئىشەنمەس بولۇپ قالدى. ئۇلار كۆپ ھاللاردا ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ۋىجداننىڭ خىتابىنى ئاڭلىيالماس دەرىجىدە پاڭ بولۇپ ياشايدۇ. ئۇلار ئۆز ۋىجدانىنىڭ ئەيىبلىشىدىن ئانچە خەۋپسىرەپ كەتمىسىمۇ، لېكىن ئەرۋاھلارنىڭ ۋەسۋەسىسىدىن، ئۆلۈم كۆلەڭگىسىدىن ھەرھالدا ھېيىقىدۇ. ئاخىر مەجبۇرلانغان ھالدا جۇلىقى چىقىپ كەتكەن دىيانەتنى بىرە - بىرە قولىغا ئېلىپ قويىدۇ. تىلەمچىلەرنىڭ مەنپەئىتى بۇ ئازغىنە دىيانەت بىلەن پۈتمەيتتى. ئۇلار يەنە تەشەببۇسكار، ھۇجۇمكار ۋە رىقابەتكار بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار زامانغا يارىشا ئەقىللىق بولغان ۋە تاۋلانغان. قايسىبىر كىنودا تەسۋىرلىنىشىچە، كىشىلەر زىيانداش ھاشاراتلارغا قارشى ئەجەللىك دورىلارنى ئىشلەتكەن، ئەمما زىيانداشلار يىللارسېرى تېخىمۇ زەھەرلىك بولۇپ كەتكەنكى، ئىنسانلارنىڭ زەھىرى ئۇلارنىڭ ھاياتىغا كاشىلا قىلالماس بولۇپ قالغان، بەلكى ھاشاراتلار بولسا تېخىمۇ تاۋلىنىپ، چاقسا ئادەملەرنىڭ جېنىنى ئالىدىغان قىساسكارغا ئايلانغان. روشەنكى، زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ روھىي ھالىتى ئۇششاق مەنپەئەتپەرەسلىككە ياتىدىغان ئامىللار ۋە ئەخلاقتىن يالتايغان چارىلەرگە باي بولغانسېرى، ئۇلاردىن تىلەپ جان باقىدىغان كىشلەرمۇ ئۇلار بىلەن بەس كېلەلىگۈدەك ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن. مەن سەدىقە بەرمىگەن ئادەملەرنى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد تىلەمچىلەرنى ئۇچراتتىم، ئۇلارنىڭ كۆزىدىن مۇغەمبەرلىك يېغىپ تۇرىدۇ، قىياپىتىدىن غېرىبسىنىش، ئارسىنىش ئالامەتلىرىنى مۇتلەق ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، ئەكسىچە، ئۇلار كىشىلەرنى مات قىلىپ تاشلايدىغان تەكەببۇرلۇق ۋە خاتىرجەملىك بىلەن سۆز تاشلايدۇ. bS6Yi)p  
-qF|Yf  
مەن بۇلاردىن ھەيرام قالمىدىم، تۇيغۇم تەئەججۈپلۈك ھاللاردىن يىراق ئىدى. نېمىشقا؟ زامان مېنىڭ تۇيغۇلىرىمنى شەپقەتسىزلىك، مەككارلىق، ھىيلىگەرلىك، نومۇسسىزلىقلاردىن كەلگەن يىرگىنىشلەر بىلەن تويۇندۇرۇۋەتتى. ئاز - تولا ئەقىل پەيدا بولۇشقا باشلىغان تۇنجى ياشلىق يىللىرىمدا غۇبارسىز كۆڭلۈمگە سىغمايدىغان ناپاك ئىشلاردىن ئىچىم ئاچچىق بولۇپ يۈرەتتىم، كېيىن بۇ ئاچچىقتىن مەست بولۇپ ھېچنېمىنى سەزمەس بولۇپ قالاي دېدىم،گويا رەزىللىكنى سېزىدىغان نۇرانە كۆزۈم بولمىسىمۇ بولىدىغان بولدى. رەزىللىك دېگەن بۇ نەرسىلەر پۇتۇمغا پۇتلىشىپلا يۈرەتتى. مەنمۇ ئادەمزاتقا تەۋە جانلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئازاب چېكىش تۇيغۇسىنى رەت قىلىپ، ھەممىدىن بىخەۋەر ياشاشقا تىرىشىپ باققان بولساممۇ، يېڭىدىن پەيدا بولۇپ ياشناپ تۇرغان ھۈجەيرىلىرىم زامان ناھەقلىقلىرىنى ماڭا سەزدۈرۈپ تولا چاتاق قىلاتتى. نېمە ئامال، يىللار بالىلىققا خاس زەكىلىكنى نابۇت قىلىپ تۇرسىمۇ، زەكىلىك ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىدىن بىراقلا قالمايتتى، ئۇ يەنىلا زاماننىڭ ۋۇجۇدىدىكى خۇنۈك ئۆسمىلەرگە ۋە ئاللىقانداق مەۋھۇم ئالامەتلەرگە نەشتەردەك قادىلىپ تۇرۇۋالاتتى، بۇلار ئومۇمەن ئىنسان بالىسىنىڭ يالتىراپ تۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرسىمۇ، بۇنداق سەزگۈرلۈك ۋە نارەسىدىلىكنىڭ دەردىنى پاكىز يۈرەك بىھۇدە تارتاتتى، نەتىجىدە، ئۇنىڭ ئارامخۇدا، يەڭگىل سوقىدىغان ۋاقىتلىرى ناھايىتى ئاز بولاتتى. %W+ F e,]  
7F~+z7(h  
مەن تىلەمچىلىكنى ياخشى خۇلق دېمەكچى ئەمەسمەن. بۇرۇنلاردا ئەۋلىيالار ۋە دانىشمەنلەرمۇ تىلەمچىلىك قىپتىكەن. ئۇلار خىلۋەت روھىي كۆزى بىلەن مەئىشەت دۇنياسىدىكى چەكسىز قانائەتسىزلىكلەرنى، قىزىلكۆزلۈك تۈپەيلى كېلىپ چىققان تۈرلۈك ئىجتىمائىي بالايىئاپەتلەرنى، روھىي گادايلىقلارنى كۆرۈپ يەتكەندەك بولۇپ، پانىي ئالەم ئاسارەتلىرىدىن قۇتۇلۇشنى ئويلىغان ۋە ئارتۇقچە مال - دۇنيا يىغىشتىن ۋاز كەچكەن. ئۇلار ئۈچۈن يەيدىغان - ئىچىدىغانلىرى ئۇدۇللۇق بولسىلا بولىدىغان بولغان. ئۇلار خەلق ئىچىدىكى مۇقەددەس ئوبرازى بىلەن تىلىگەن ۋە ھېچقانداق خىجىللىق ھېس قىلمىغان، كېيىن بۇ ئاستا - ئاستا ئۇدۇمغا ئايلىنىپ، بىچارىلەرنىڭ جان بېقىش دەستىكى بولغان. مانا بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇ ھېچقانداق جىسمانىي ئەيىبى بولمىغان بىر قىسىم ھۇرۇن ئادەملەرنىڭمۇ ئەڭگۈشتەرى بولۇپ قالغان. خەيرىيەت، ئاشۇ ئۇلۇغلار "توق كۆزلۈك"نى بەك ئاشۇرۇۋەتكەن، ئۆزىنى كارامەت خاكسار قىلىۋېتىشكەن. ئۇلار ئاددىي تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۈرلەر ئىچىدە ئاقسۆڭەك ھېسابلىنىدىغان ئىنساننىڭ ئەقلىي ۋە جىسمانىي قۇدرىتىگە لايىق كىشىلىك ئەمگەك نېسىۋىسىنى ئۇنتۇپ كېتىشنى ئېغىر ئالمىغان. Awh)@iTL  
'~ 0&m]N  
ئەي، روھىيەت دۇنياسىغا سەپەر قىلغان دانىشمەنلىرىمىز، سىلەر ئۆز ۋۇجۇدۇڭلاردىن قانچىلىك ئۇزاپ كېتەلىدىڭلار، قېنىڭلاردىكى شەيتاندىن قۇتۇلالىدىڭلارمۇ؟ قاراڭلار، بۈگۈنكى ۋارىسىڭلارغا، ئۇلار ئەمدى ساھابە ئەمەس، نوقۇل تىلەمچى، ئۇلارنىڭ ئالىقانلىرىغا تۇتقۇزغىنىڭلار قۇرتلاپ كەتكەن گۆش پارچىسى. P $S P4F  
تىلەش، روشەنكى گۈزەل خۇلق ئەمەس. مىڭ ئەپسۇس، ئۇ، زامانىمىزنىڭ 90 - يىللىرىدىكى كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا. ئادەم ماددىي جەھەتتىن موھتاج بولغاندا، ئۇ، ئازابنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى ئالىدۇ، بۇنى ئۇنىڭ روھى ئېنىق سېزىپ تۇرىدۇ، ئەمما بۇنداق موھتاجلىق تۈگىمىسە، ئۇ يىلدىن يىلغا ئېشىۋەرسە روھىمۇ كاردىن چىقىدۇ. روھ ماددىي ھاجەت ئۈچۈن ئۆزىنى دو تىكىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاستا - ئاستا روھىي گادايلىقمۇ باشلىنىدۇ. ۋاي ئىسىت، ئاللا ئۆزىنىڭ ھەربىر بەندىسىگە روھ بىلەن تەن ئاتا قىلغان. پانىي دۇنيادىن ئىبارەت بۇ كالتا كۆۋرۈكتە بەزىلەر تەن ھاجەتلىرىگە مۇۋاپىق مەنقۇلاتلارغا يېتەرلىك ئېرىشەلمەي ئۆتىدىكەن، بەزىلەر روھىيەت قەبرىسىنىڭ كۆرۈنمەس دائىرىسىدىن چىقالماي تەمتىرەپ ياشايدىكەن، بەزىلەر ھەر ئىككىلىسىدىن ناقىس بولۇپ كېتىدىكەن. بۇنداقلار ھەرقانداق زامان، ھەرقانداق ماكاندا بولۇپ تۇرغان. :Ib\v88WIv  
ئەمدى مەن بۇ تاغدىن - باغدىن قىلغان پاراڭنىڭ بېشىدا تىلغان ئالغان ھېلىقى "توق قورساق" كىشىلەرنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن: ئاشۇنداق يىرگىنىشلىك تۈس ئالغان تىلەمچىلەرنىڭ ماددىي بايلىقى نەگە كەتتى؟ ئۇلار قاۋۇل ۋە ساغلام تۇرۇپمۇ تىلەشنى كەسىپ ئەتتى، بۇ روھىي ناكارلىقمۇ، قانداق؟ ئۇلارنىڭ روھىنى كىم تالان - تاراج قىلدى؟ فرانسۇز مۇتەپەككۇرى ژان.ژاك رۇسسۇ "ئىنسان تۇغۇلغاندا ئەركىن ئىدى، كېيىن ئۇ ھەر جەھەتتىن بوغۇلدى" دېگەنىدى. تەبىئىيكى، ئىنسانلار مۇشۇ بوغۇلۇشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، تېخى ھازىرغا قەدەر داۋاملاشقان ئىقتىسادىي ، سىياسىي كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردى، باراۋەرلىك، ھوقۇق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك دېگەن ئىبارىلەرنى كەشىپ قىلدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن قانلارنى ئاققۇزدى. ۋەھالەنكى، ئىنسان زاتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي مەنىدىكى ھەق - ھۈرمىتىنى ئەمەس، ئەقەللىيسى ئۆزىنىڭ بىر جاندار مەنىسىدىكى ھاياتلىقىنى قوغداش ھەم داۋام ئەتكۈزۈش ئىنتىلىشلىرىمۇ دەخلى - تەرۇزدىن قۇتۇلۇپ بولالمىدى. 1,,-R*x  
راست، سىز مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئورۇنغا (بۇ ئورۇننىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ۋە ئىجتىمائىي مەنىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) ئىگە، سىزنىڭ پۇلىڭىز ئۈچ ۋاخ تاماققا يېتىدۇ، توي - تۆكۈن ۋە رېستۇران ئولتۇرۇشىغا ئەپلەپ بىر ئامال قىلىسىز. بىراق ساياھەتكە چىقىشقا، ئۆزىڭىز ئويلىغاندەك تەربىيىلىنىشكە، ئادىمىيلىك سۈپىتىڭىزنى مۇكەممەلەشتۈرۈشكە كەلگەندە، ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇل بىلەن پۈتىدۇ، سىزدە بۇلارغا يېتىشكۈدەك ئىقتىسادىي قۇۋۋەت يوق، بولغان تەقدىردىمۇ يوللار ناھايىتى مۇرەككەپ. ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ داۋالىنىشقا توغرا كەلگەندە، پۇل مەسىلىسى دەھشەتلىك مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. جۇڭگو يازغۇچىسى ئەي ۋۇ بىلەن شادېڭلار جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىدېئولوگىيىسىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن بولۇشىغا كەتمەن چاپقانلار ئىدى، بىراق ئۇلار ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا داۋالىنىش ئۈچۈن يېتەرلىك پۇلغا ئېرىشەلمىدى. ياش يازغۇچىمىز ئەسئەت ئەمەت جىگەر قېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇۋىدى، ھەر ھالدا ئىنسانپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ھىممىتى ئۇنىڭغا چىقىش يولى بەردى. بىراق بۇ خەزىنىمۇ ھېچنېمىگە دال بولمىدى. نامراتلىق تەقدىرى ئۇنىڭ ئورۇق جىسمىگە ھەدەپ چاڭ سېلىۋاتقاندا، "باياشات" دەۋر قاراپ تۇردى. خوش، ئەمدى ئۆزىڭىزگە كېلىڭ. سىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش پەللىڭىز قانچىلىك كۆپ بەدەل ئۈستىگە قۇرۇلغان؟ مېنىڭچە، سىز ئاشۇ تۇرمۇش ئۈچۈن ۋىجدانىڭىز ئېغىر ئالىدىغان نۇرغۇن يوللارنى باستىڭىز، ئۆزىڭىزنى ئەتەي خورلىدىڭىز، سىز ئاشۇنچىلىك تۇرمۇش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر قاترىدىڭىز، ئاخىر چارچاپ ھالىڭىزدىن كەتتىڭىز. e`^j_V nEH  
بىز سىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ھەۋىسى بويىچە "خاتىرجەم - ئالىيجاناب" كىشىمۇ دەيلى، ئۇنداقتا، سىزنىڭ ئىززەت - نەپسىڭىز ئىشتىھادىن ھالقىپ ئۆتەلىدىمۇ؟ ئەگەر ھالقىغان بولسا، سىز ئەركىن پىكىر ۋە مۇھاكىمىنىڭ قانچىلىك دەرىجىسىدە ياشىدىڭىز؟ سىزدە مۇھاكىمە بولغان بولسا تىلەمچىلەر ھاياتىدىكى ساختا ئالامەتلەر ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر بولغان بولار ئىدى. 1YxI q565  
ئالىيجانابلىقنىڭ دەرىجىسى پۇلدا ۋە توقلۇقتىلا ئەمەس، پىكىردە، مۇھاكىمە بولمىغانىكەن، ئەمەلىيەتچىل پىكىرمۇ بولمايدۇ. نىھايەت پۇل، مەنسەپ دېگەنلەر ئالىيجانابلىقنى مۇكەممەل مەنىگە ئىگە قىلالمايدۇ. l<+k[@Vox  
Ai;Pht9qi  
خۇدا ئەلمىساقتىن بېرى شۇنداق قىلىپ كەپتۇ: مەڭزى ۋە قوۋزى پارقىراپ تۇرىدىغان زەردارلار بىلەن لەۋلىرىدىن شور ئۆرلەپ تۇرىدىغان نامراتلار ھامان مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بۇلار ھېچقاچان بىر - بىرىسىز ياشىيالمىدى. بۇ، تەقدىرنىڭ ئادالەتسىز تەقسىماتىمۇ ياكى تۇرمۇش دۇنياسىنىڭ غەيرىي تەڭلىمىسىمۇ؟ مۇشۇنداق بولۇش يوللۇقمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ پەيلاسوپلار ۋە سىياسىيونلار ھەر نېمىلەرنى دېيىشتى، بۇ ئەھۋال بەرىبىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋەردى. لېكىن بايلار ئۆزلىرىنى پۇلنى ۋاسىتە قىلىپ قوغداپ كەلدى. ئۇلار تاپتىن چىقىپ كەتسىمۇ، پۇل ئۇلارنى ئاقلىدى، شۇنىڭ بىلەن يۈزلىرىنى يورۇق قىلىپ يۈرۈۋېرىشتى، نامراتلاردا بۇنداق قۇدرەتلىك ئەمەلىي كۈچ بولمىغاچقا، دىيانەت ۋە ئەخلاقنى دەستەك قىلىپ ياشاپ كەلدى. بۇلار قوشۇلۇپ بىر دەۋر، بىر مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مۇۋازىنەتلىك قۇتۇپلارغا ئايلاندى. 566EMy|  
زەئىپلىك ۋە رەزىللىكنى جۇل - جۇل كىيىملىك تىلەمچىلەر، نامرات بىچارىلەردىن ئىزدەپ تېپىش ئاسان، چۈنكى ئۇلاردىكى ئاجىزلىق، ئۇلاردىكى پاجىئە، ئۇلاردىكى خاراكتېر مېيىپلىقى، ئۇلاردىكى ئاددىي نەيرەڭ خۇددى يېقىمسىز ئۈستۋاشلىرىغا ئوخشاشلا كۆزگە ئوچۇق - ئاشكارا تاشلىنىپ تۇرىدۇ. بىراق ئەمەلدارلار، زەردارلار(پۇلدارلار)، ئاتالمىش زىيالىيلاردىكى زەئىپلىك ۋە مەينەتچىلىك دىنىي ھەل، ئەخلاقىي تون، ئالىيجانابلىق رەڭلىرى، دىيانەت زىغزىقلىرى، تەلىمات ھەشەمەتلىرى بىلەن توسۇلۇپ قالىدۇ. ln5On_Wm  
ئەمدى بىز ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى: شىر - يولۋاسلارنى ۋەھشىي دەيمىز، ئۇلار ئېچىاقىغاندا چوڭ بولامدۇ، كىچىك بولامدۇ، قۇدرىتى يار بېرىدىغان ھەرقانداق مەخلۇقنى تەپتارتماستىن ئوچۇق - ئاشكارا ئوۋلاۋېرىدۇ، خامتالاش قىلىپ يەۋېرىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياۋۇزلۇقى ۋە قانخورلۇقىنى ئادەملەرگە ئوخشاش ھەرخىل پەتىۋا، چىرايلىق سۆزلەر بىلەن، پەيغەمبەرلەردىن، مەشھۇر ئەربابلاردىن، داھىيلاردىن قالغان گۈزەل ئەقىدە - ئېتىقادلار بىلەن بېزەپ ئولتۇرماي، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى قانداق بولسا شۇ پېتى ياشاۋېرىدۇ، كىشىلەرنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن چاتىقى بولمايدۇ. ئۇلار ھىيلە - مىكىر، سۇيىقەست دېگەننى بىلمەيدۇ. توغرا، ھىيلە - مىكىر ۋە سۇيىقەست خىرسقا تولغان دۇنيادا بىرخىل قورال. ھىيلە - مىكىر ئەسلى تەبىئىتى خوراپ كەتكەن ئاجىزلارنىڭ قورالى بولۇپ، ساددا، تۈز كەتكەن ئەزىمەتلەرنىڭ شۆھرىتىنى ئۇچۇرۇپ تاشلىيالىغان. بۇ بېرىپ ئاخىر ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن چاغلايدىغان ئادەمزاتنىڭ ئۇلۇغ كەشپىياتىغا ئايلاندى. 6c:$[owC  
ھەيھات، ئادەمزاتنىڭ قانخورلۇقى جۇلالىق رەڭگە نېمىدېگەن باي. مەن تىلەمچى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغۇچىلارنىڭ "ئالىيجاناب" كىشىلەردىكى بىچارىلىككە كۆز ئاغدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شېكىسپىرمۇ: "پارقىرىغاننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس" دېگەنىكەن. UWHC]V?  
H\Th4teE  
تىلەمچىلەر بىلەن ئالىيجانابلاردىمۇ ئاجايىپ بىر بېقىنىش بار. ئەگەر دۇنيادا "ئالىيجانابلار"غا قول تەڭلەيدىغان تىلەمچىلەر بولمىغان بولسا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ساخاۋەتكار، پەزىلەتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئوبيېكتتىن قىسىلغان بولار ئىدى. بايلىق ھېرىسىدە يۈرۈپ، نامراتلىقتىن كۆڭلى داغ بولۇپ يۈرگەنلەر تىلەمچىلەرنى كۆرۈپ تەسەللى تېپىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ يەردە سەدىقە ئۆزئارا ئالمىشىۋاتاتتى، روھى يەڭگىللىك بىلەن ئاز - تولا سەدىقە تېگىشىلمەكتە ئىدى. %}/)_RzQ  
[ LCi,  
تۇرمۇش قىمار خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ قانداقتۇر بىر نەرسىلىرىنى دو تىكىدۇ، بەزىلەر ئۇتىدۇ، بەزىلەر ئۇتتۇرىدۇ. بىراق ئۇتۇش - ئۇتتۇرۇش مەڭگۈ شۇ پېتى داۋاملىشىدىغان قانۇن ئەمەس. ئۇتقانلار ئۇتتۇرۇشىمۇ مۇمكىن، ئۇتتۇرغانلار ئۇتۇشىمۇ مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋال ئۇلارنىڭ ئۆزىدە يۈز بەرمىسە ئەۋلادىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن. بەرىبىر ئىنسانلار روھىي ماھىيەتكە ئىگە بولغانىكەن، ئۇ بەخت بىلەن بەختسىزلىك، يورۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، مۇكاپات بىلەن جازا، خىيانەت بىلەن ئىزا، ئاچلىق بىلەن غىزا ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈنچى ھالەتتە ئۇياق - بۇياققا ئۆتۈپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا بىز ئۇلارنىڭ چېھرىدىن مەڭگۈلۈك تەبەسسۇمنى ئۇچرىتالمايمىز. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ چېھرىدە غەم - غۇسسە، مۇسىبەت بىلەن ھەسرەت كۆپرەك كۆزگە چېلىقىدۇ. دېمەك، شادلىق ۋە ئازابتىن ھەربىر ئىنساننىڭ تېگىشلىك نېسىۋىسى بار. ئۇنى كىشىلەر قانچىلىك دۆلەتمەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تارتماي قالمايدۇ. مەلۇمكى، ئىنسان روھىي زىددىيەت دېڭىزىدىكى ئېكسپىدىتسىيىچى، شۇنداق ئىكەن، بىراۋنىڭ قىسمىتىنى ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سەۋەبىدىن ئايرىپ تەھلىل قىلىش ئانچە ئادىللىق بولمىسا كېرەك، شۇنداقلا بىراۋنىڭ قىممىتىنى ئۆزىنىڭ تەقدىرىدىن ئايرىپ قاراشمۇ ئانچە ئاقىلانىلىك بولمىسا كېرەك. {RK#W~h  
)~6974  
بىراۋنىڭ ئاجىزلىقىغا قاراپ ئۆزىگە تەسەللى تېپىش ئەمەلىيەتتە ئۆزىدىكى ئىرادە كۈچىنى كەمسىتكەنلىك بولۇپ، بۇ ئۇنىڭدىكى جەڭگىۋارلىقنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. Xe5J  
مۆھتەرەم "ئالىيجاناب" ئەپەندىلەر ۋە خانىملار، ئۆزگىلەرنى كەمسىتىش تەس ئەمەس، ئۆزگىلەرنى سوغۇققان مۇھاكىمە كۆزى بىلەن كۆزىتىپ، ئۇلاردىكى روھىي زەئىپلىكنى ھەقىقىي مەنىدە تېپىپ تۇرۇپ كەمسىتىش، مانا بۇ تەس. سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ روھىنى ئاختۇرۇپ بېقىڭلار ۋە ئۆزۈڭلارنى كەمسىتىڭلار، بۇ كەمسىتىشتىن يىتتۈرۈۋەتكەن مەغرۇرلۇقىڭلارنى تېپىۋېلىڭلار. <^=k~7m  
X@arUs7  
ئەتراپىڭىزدىكى ئەڭ پاجىئەلىك ئىشلارمۇ بىلىنەر - بىلىنمەس دەرىجىدە سىزدىكى مەسئۇلىيەت ۋە روھىي قۇۋۋەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. سىزدىكى مۇھاكىمە ھوقۇقىنى ھېچكىم تارتىۋالغان ئەمەس. سىز ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىز ۋاز كەچمىگەن بولسىڭىزلا، ئۇنى ئىشقا سېلىڭ - دە، غاپىل پرىنسىپلار ۋە ئەخلاقىي مىزانلاردىن خوشلىشىڭ. F?UL0Q|uv  
$1axZ~8sS  
تىلەمچىلەر  پارلاقلىق ئۈچۈن رەڭ ئىزدەۋاتقان دەۋر ئۈچۈن يوشۇرغىلى بولمايدىغان جاراھەت، ئۇلاردىكى ماددىي، روھىي كەمبەغەللىكنىڭ سايىلىرى ھەممىمىزگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۇتىشىپ كەتكەن. بىز ئۇنى نوقۇل تىلەمچىلەر مەسىلىسى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئورتاق مەسىلىمىز سۈپىتىدە تەھلىل قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. z>pq<}R6  
-/h$Yb  
j#-74{Y$J  
Fr3Q"(  
مەنبە : تەڭرىتاغ زورنىلى cM55vVd  
تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+50(sansiz0903) ئېسىل يازما!!
  • kalidu izing
    دەرىجىسى: تىرىشچان ئەزا
      تىزىم نۇمۇرى: 1117 
      جىنسى: ئەر
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە56دانە
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 56
      شۆھرىتى: 105 قېتم
      مۇنبەر پۇلى: 2617 يۈەن
      تۆھپە: 69 قېتم
      ياخشى باھا: 17 قېتىم
      ۋاقتى: 1417سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-08-25
      كىرىشى: 2010-12-31
    1قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-25 22:40 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
    • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
    يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

    ھەقىقەتنى بىلگەن ئادەم ئۇچۇن بۇدۇنيا ئالتۇن قازىدىغان دەرياغا ئوخشايدۇ.ئۇلارھەرۋاقىت ئۇتىدۇ. [>--U)/  
    ھەقىقەتنى چۇشەنمىگەن ئادەم ئۇچۇن بۇدۇنيا ياشاش تەس بولغان دۇنيا ئۇلار ئۇچۇن ياشاش بىر ئازاپ. pNUe|b+P  
    شۇڭا ئاللادىن قەلبىمنى باي قىلسىا ماڭا مۇكەممەل بولغان ئىتىقات ئاتا قىلسىلا دەپ تىلەيمەن. تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
    بارلق ئەمەللىرڭ نىيىتىڭگە باغلىق،
    دەرىجىسى: مەستانە ئەزا
      تىزىم نۇمۇرى: 728 
      جىنسى: ئەر
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە111دانە
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 111
      شۆھرىتى: 206 قېتم
      مۇنبەر پۇلى: 3211 يۈەن
      تۆھپە: 133 قېتم
      ياخشى باھا: 74 قېتىم
      ۋاقتى: 10سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-08-08
      كىرىشى: 2011-01-01
    2قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-26 03:34 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
    • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
    يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

    بۈگۈن ياخشى ئەسەرللەرنى كۈمپېتىپسىزۇ مۇنبەردىن تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
    گەپ قىلمىسا كەم سوز دىمىگىن ئۇلارنىڭ بېشىغا قانداق كۈن كەلگىنى پەقەت  ئاللاھ بىلدۇ ؟
    خەيىر-ھەممىدىن ۋاز كەچتىم!
    دەرىجىسى: ئالىي باشقۇرغۇچى

      تىزىم نۇمۇرى: 238 
      جىنسى: ئەر
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2270دانە
      نادىر تىما: 11
      يوللانما: 2270
      شۆھرىتى: 751 قېتم
      مۇنبەر پۇلى: 4665 يۈەن
      تۆھپە: 652 قېتم
      ياخشى باھا: 132 قېتىم
      ۋاقتى: 4040سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-24
      كىرىشى: 2010-12-31
    3قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-26 12:29 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
    • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
    يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

    قايسى كۈنى كۆز ئالدىمدا مۇنداق بىر ئىشنى ئۇچراتتىم. ^8yhx-mgb  
    دۇكانغا پات-پات بىر ئادەم كىرىپ، ئۇكام مېيىپ ئۇكام بار ئىدى. ياردەم قىلىپ قويغان بولساڭ، دەپ قولىنى سوزىدىغان، ئىچىم ئاغرىپ ئاتىغىنىمنى بىرىپ يولغا سالاتتىم. كېيىن بىرسىدىن ئاڭلىسام، بۇ تىلەمچى شەھەرلىك كىچىكىدىن باشلاپ نەشىگە خۇمار بولغان نەشىكەش ئىكەن. كېيىن دۇكانغا كىرسە پارچە پۇل يوق دەپ چىقىرۋىتىدىغان بولدۇم. ئۇ تىلەمچىنى كۆرسەم، ئېغىزىمنى بۇزۇپ تىللىغۇم كىلەتتى. بىراق ئۇنداق قىلساق ياخشى بولمايدۇ. ھېچ بولمىسا ئۇلار خۇدانىڭ ئىسمىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ دە. #2023Zo]  
    يەنە بىر كۈنى دۇكاندا تۇرسام يەنە شۇ تىلەمچى كىردى، بۇ قېتىم شەكىلنى ئۆزگەرتىپ گاچا بولۇپ كىرىپتۇ. پارچە پۇل يوق... دېسەم  ئۆزىچىلا غىڭشىپ يەنە تۇرىدۇ. پارچە پۇل يوق! ئۈنلۈكرەك توۋلىدىم، يەنە تۇرىدۇ. ئاچچىقىمنى تەستە بېسىپ ئولتۇردۇم. يېنىمدا بىردەم ئۆرە تۇرغاندىن كېيىن، پۇل بەر  دېگەندەك، يەنە غىڭشىپ قويدى. ئاچچىقىمدا ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ، پارچە پۇل يوق دىدىم! ماڭا پۇل ئۆتكۈزۈپ قويغانمىتتىڭ سەن! دەپ توۋلاپ سالدىم. كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ سەت ئالىيىپ چىقىپ كەتتى. )N4_SA  
    ئالدىنقى ھەپتە ئۇنى يەنە كۆردۈم. بۇ قېتىم شەكىلنى ئۆزگەرتىپ توكۇر بولىۋاپتۇ. ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتقۇدەك قىياپەتتە، بىر قەدەم ئېلىپ بىر نەچچە سىكۇنت ئارام ئېلىپ، يەنە بىر قەدەم مېڭىپ  يۈرىيدۇ. ئىچىم ئاچچىقلا بولۇپ كەتتى. ئەگەردە قانۇن بولمىغان بولسا، يۈگرەپ  بېرىپلا  شۇ پۇتىنى راستىنلا ناكا قىلىپ قويار ئىدىم. }vbs6u  
    يۇقارقىلار  راستىنلا ھەقىقەت... ناھىيىمىزگە ھاكىم  بولغان بولسا، تىلەمچىلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ كوچىغا چىقىشىنى چەكلىگەن بولاتتىم. ئۆزىنىڭ تاپقان پۇلىدا ساناتورىيە ئېچىپ بېرىپ قۇتۇلاتتىم. تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
    ئۆزۈمنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇلۇشنى خالىمەيمەن. چۈنكى مەن دىگەن مەن!
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما