ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1534 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى 9- باپ( قەدىمى قەۋرە)
بەلكىم مەن  ئەڭ ياخشىسى ئەمەس ، لىكىن ياخشىسى بو ..
دەرىجە: مەستانە ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3008
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 62
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
شۆھرىتى: 149 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1712 يۈەن
تۆھپە: 88 قېتم
ياخشى باھا: 43 قېتىم
توردا: 818(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-02-24
باش تىما  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-24 01:06

كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى 9- باپ( قەدىمى قەۋرە)

                           چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر    &N$<e(K  
        C$=%!wf  
                                           كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى Ot0ap$&  
c1(RuP:S  
                                    بىرىنچى خاتىرە يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى 5X:AbF  
                   d UE,U=  
                                          9 . باپ    قەدىمى قەۋرە y%$AhRk*U  
Ys9[5@7  
    مەن يان تىلفۇننى قولۇمغا ئىلىپ قاراپ بۇ تىلفۇننىڭ بۇ يەرگە چۈشۈپ قالغانلىقىغا تىخى ئۇزۇن بولمىغانلىقىنى ھەمدە يان تىلفۇندا قان دىغىنىڭ بارلىقىنى بايقاپ كۆڭلۈمدە : " بۇ تىلفۇن ئاسماندىن چۈشمىگەندۇ ؟ قارىغاندا بۇ يەردە بىزدىن باشقا يەنە بىر توپ ئادەم بولسا كىرەك  " دەپ ئويلىدىم . مەن تىلفۇن دەپتىرىمنى ئىچىپ قارىسام بىر نەچچە باشقا دۆلەتنىڭ تىلفۇن نۇمۇرى بار ئىدى . ئۇچۇر ساندۇقىدا ھىچقانداق ئۇچۇر يوق . كەنجى تاغام : " قارىغاندا بۇ تىلفۇننىڭ ئىگىسىنى ئىزدەپ تىلفۇننى تاپشۇرۇپ بىرىش مومكىن بولمىسا كىرەك . تىزدىن يولىمىزغا ماڭايلى " دىدى . مەن تۆت ئەتراپقا سەپسىلىپ قارىغان بولساممۇ باشقا يىپ ئۇچى بولمىغاچقا يولنى داۋام قىلىۋىتىپ بۇ تىلفۇننىڭ ئىشىنى ئويلىدىم . بۇ ئادەمسىز يىراق جاڭگالدا زامانىۋى ئالاقىلىشىش قۇرالىنىڭ پەيدا بولۇپ قىلىشى مىنى خىلىلا ئەجەپلەندۈرىۋاتاتتى .  مەن قېرىدىن يىقىندىن بۇيان بىزدىن باشقا كىشىلەر بۇ ئورمانلىققا كىردىمۇ – يوق دەپ سورىدىم . ,Q$ q=E;X  
    قېرى بىر خىل ئەنسىز كۈلۈپ : " تەخمىنەن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئون نەچچە ئادەم كىرىپ كەتكەن ، ھازىرغىچە قايتىپ چىقمىدى .  بۇ ئورمانلىق بەك خەتەرلىك ، بەگلىرىم بىز ھازىر قايتىپ كەتسەكمۇ ئۈلگۈرىمىز " دىدى. IZ-1c1  
    ئاكۈي ئارقىدىنلا : " شۇ جادۇگەر ئالۋاستى – جىنلارغۇ ؟ ساڭا دىسەم بىزنىڭ بۇ كىچىك بىگىم نەچچە مىڭ يىللىق مۇردىنىمۇ تىزلاندۇرغان يەردە ئۇنچىلىك غەلىتە نەرسە دىگەن ئۇنىڭغا نىمىتى ؟ " دەپ بوتۇلكىغا قارىدى .  بىراق بوتۇلكا ئاكۈينىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدىمۇ ياكى ئاڭلىماسقا سالدىمۇ بىلمىدىم ، ئاكۈيگە ئازراق ئىپادىمۇ بىلدۈرمىدى .  `,*3[  
    مۆرىلىرىم دۈمچەكلىشىپ ھالىمدىن كىتىپ كۆزلىرىمگە يۇلتۇزلار كۆرۈنگەندە نىشانغا يەتتۇق . np^N8$i:n  
    ئۇ يەردىكى ئون نەچچە ئورۇندا ھەربىيلەرنىڭ چىدىرىنى كۆردۇق ، ھەربىيلەر چىدىرىنىڭ سۈپىتى ئىنتاھىن ياخشى بولۇپ گەرچە چىدىرنىڭ ئۈستىگە چىرىگەن يوپۇرماقلار دۆۋلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ چىدىر ئىچى يەنىلا شۈنچىلىك رەتلىك ھەم پاكىز ئىدى . چىدىر سىرتىدا بىر مۇنچە تۇرمۇش بويۇملىرى ھەم قۇرال جابدۇقلار چىچىلىپ ياتاتتى . قارىغاندا بۇ ھىلىگەر قېرى يالغان سۆزلىمىگەن چىغى . A1$TXr  
    بىز ھەتتا قۇرال – جابدۇقلار ئارىسىدىن بىر دانە گىنراتۇر ۋە نەچچە تۇڭ بىنزىن بارلىقىنى بايقىدۇق . ئاكۈي گىنراتۇر بىلەن خىلى ئۇزاق ھەپىلەشكەن بولسىمۇ توك چىقىرالمىدى ، بىراق بىنزىندا مەسىلە يوق بولۇپ ئىشلىتىشكە  OK ئىدى . مەن بۇ ئادەملەرنىڭ نەرسە – كىرەكلىرىنى ئاختۇرىۋىتىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش بويۇملىرىدىن تارتىپ ھەربى چىدىرىغىچە بولغان ھەممە ماددى بويۇمىنىڭ ماركىسىنى سۆكىۋەتكەنلىكىنى بايقىدىم . بۇ ئادەملەر ئىنتاھىن غەلىتە ،ئەجىبا ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلىپ قىلىشىنى ئۈمۈت قىلمايدۇ ؟؟ cGzPI +F  
   بىز بۇ لاگىردا ئوت يىقىپ ئاددىيلا قىلىپ كەچلىك تاماق يىدۇق . ئاناڭنى ، پىرىسلانغان يىمەكلىكنىڭ تەمى ئىنتاھىن غەلىتە بولۇپ پىقىر 3 – كىچىك بەگزادە ئەزەلدىن بۇنداق نەرسىنى يەپ باقمىغان بولغاچقا بىر نەچچە چىشلەم يەپلا كۆڭلۈم تارتمىدى . q'F+OQb1  
   بوتۇلكا بىر تەرەپتىن تاماق يەۋىتىپ يەنە بىر تەرەپتىن خەرىتىدىكى ھىلىقى غەلىتە تۈلكە يۈزلۈك جاينى كۆرسۈتۈپ تۇتۇپ : " بىز ھازىر چوقۇم مۇشۇ يەردە " دىدى . (_]~wi-,  
    ھەممىمىز  ئۇنىڭغا يىقىنلاشتۇق . ئۇ يەنە : " بۇ جاي نەزىر – چىراق قىلىدىغان يەر ، ئاستىدا چوقۇم نەزىرە چىراق مۇنارى ياكى مەيدانى بار ، قوشۇپ دەپنە قىلىنغان نەزىر چىراق بويۇمى چوقۇم ئاستىدا " دىدى . /& {A!.;  
   كەنجى تاغام زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ بىر ئۇچۇم توپا ئىلىپ پۇراپ بىشىنى چايقاپ ، بىر نەچچە قەدەم يىراقتىن يەنە بىر ئۇچۇم توپىنى پۇراپ بولۇپ : " بەكلا چۇڭقۇر كۆمۈپتۇ ، بىر نەچچە گۈرجەك توپا ئىلىپ قاراپ باقايلى " دىدى . '3fu  
    كەنجى تاغام پۇتى بىلەن بىر مىتىر ئەتراپىدا چەمبىرەك سىزىپ بىزگە قول سالىدىغان جاينى كۆرسىتىپ بەردى . ھەممىمىز رەزبىلىك پولات تۇربىنى قۇراشتۇردۇق . ئاخىرىدا ئاكۈي گۈرجەك بىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ بولۇپ بايام تاغام سىزىپ بەرگەن يەرگە قارىتىپ قىسقا دەستىلىك بولقا بىلەن كۈچەپ قىقىشقا باشلىدى . كەنجى تاغام قۇلىقىنى يەرگە يىقىپ بىر نەرسىنى ئاڭلىماقچى بولىۋاتاتتى . بىز 13 تال پولات تۇربىنى ئۇلىدۇق . ئاكۈي بىرنەچچىنى ئۇرىشىغا كەنجى تاغام تۇيۇقسىز : " بار ئىكەن " دىدى . ]y '>=a|T  
    ئاكۈي بىلەن پەنزې ئىككىسى گۈرجەكنى بىر بۆلەك – بىر بۆلەكتىن تارتىپ چىقاردى . ئەڭ ئاخىرىدا گۈرجەك بىشىنى تارتىپ چىقىرىپ گۈرجەك بىشىدىكى توپىنى گۈلخان يىنىغا ئەكىلىپ بىزگە كۆرسەتتى . كەنجى تاغام بىلەن مەن بىر كۆرۈپلا چىرايىمىز ئاقىرىپ كەتتى . ھەتتا بوتۇلكىنىڭ چىرايىدىمۇ ئازراق ئۆزگۈرۈش بولدى .  بۇ توپا قان بىلەن سۇغۇرۇلغاندەك ، قىپقىزىل سۇيۇقلۇق گۈرجەك بىشىنى بويلاپ يەرگە تىمىۋاتاتتى .  skViMo  
   كەنجى تاغام ئىككىمىز قانلىق مۇردا توغۇرلۇق ماتىرىيال كۆرگەن ھەم ئاڭلىغان . بىراق ھەقىقى قانلىق مۇردا قانداق بولىدۇ ؟ بوۋامنىڭ خاتىرىسىگە تايىنىپ بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىش ئانچە مۇھاپىق ئەمەس ، ئەمما مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى بۇ جايدىن قان تىمىپ تۇرغان توپىنىڭ چىقىشى ئاستىدا بىر قەۋرىنىڭ بارلىقىنى ، بولغاندىمۇ ئادەتتىكى قەۋرە ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ . !9r$e99R  
    مەن كەنجى تاغامغا قانداق ھۆكۈم چىقىراركىن دىگەن نەزەردە تىكىلدىم . كەنجى تاغام تاماكىنى كۈچەپ شورىغاندىن كىيىن : " قانداق بولمىسۇن ئاۋال كولاپ بولۇپ ئاندىن بىرنىمە دەيلى " دىدى . بىر تەرەپتە پەنزې بىلەن ئاكۈي كولاۋاتاتتى . ئاكۈي بىر نەچچە گۈرجەك توپىنى كەنجى تاغامنىڭ ئالدىغا تاشلىۋىدى كەنجى تاغام ھەربى خەنجىرى بىلەن توپىنى بۇرنى ئالدىغا ئەكىلىپ پۇرىغاندىن كىيىن يەرگە بىرنىمىلەرنى سىزىشقا باشلىدى . مەن ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىدىن قەۋىرنىڭ ئىنىق ئورنىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم . بىر دەمدىن كىيىن كەنجى تاغام يەرگە تەخمىنەن قىلىپ قەۋرىنىڭ دائىرسىنى سىزىپ چىقتى . 9~XA q^e  
    ئورۇن بىكىتىش ‹‹ سىغىزچىلار ›› نىڭ ئەڭ ئاساسى ھەم ئەڭ موھىم بىلىمىنىڭ بىرسى بولۇپ ئادەتتە ئۈستى قانداق بولسا ئاستىمۇ شۇنداق بولاتتى . ‹‹ سىغىزچىلار ›› ئورۇن بىكىتىشتە ئالدىراپ خاتالاشمايتى . بىراق مەن تاغامنىڭ بىكىتكەن دائىرسىگە قارىسام بىر يەرلىرى نۇرمالسىز كۆرىنەتتى . كۆپ ساندىكى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى قەۋرىلەردە قەۋرە ئوردىسى ياسالمايتى . بىراق تاغامنىڭ سىزغان قەۋرە  دائىرسىدە قەۋرە ئوردىسى بار ھەمدە تورىسى قىشتىن قوپۇرۇلغان ، بۇ تازا ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايتى . كەنجى تاغام دائىرە خەرىتىسىنى ئالقىنى بىلەن ئۆلچەپ جەسەت قويۇلغان ئورۇننى پەرەز قىلىپ چىقتى بولغاي بىزگە قاراپ : " قەۋرىنىڭ تورىسى قىشتىن قوپۇرۇلغان . گۈرجەك بىلەن تەشكىلى بولمايدۇ ، شۇڭا پەقەت ئەمىلى تەجىربىگە تايىنىپ تەخمىنى ئورنىنى بىكىتىشكە توغرا كىلىدۇ ، بۇ يەر ئاستى سارايى بەك غەلىتە ئىكەن ، مەن قەيەردىكى قىش قاتلىمىنىڭ ئاجىزراق ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالمىدىم  . ئامال يوق ، شۇڭا سۇڭ دەۋرىدىكى قەۋرىلەرنىڭ تەجىربىسىگە ئاساسەن ئاۋال ئارقا تامدىن كامار كولاپ كىرىپ باقايلى ، ئەگەر بۇ ئامال بولمىسا يەنە باشتىن كىلىمىز ، شۇڭا پۇت – قولۇڭلارنى تىزرەك قىلىڭلار " دىدى . f}f9@>.  
    تاغام ھەم ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى نەچچە ئون يىل ئوغرى كامىرى كولىغاچقىمىكىن سۈرئىتى ئىنتاھىن تىز ئىدى . ئۈچ تال ئايلانما گۈرجەك ئۇسۇلغا چۈشۈپ بىر دەمدىلا يەتتە – سەككىز مىتىر كولاپ بولدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئادەمسىز جاڭگاللىق بولغاچقا كولاپ چىقىرىلغان توپىلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق بولۇپ بىردەمدىن كىيىن پەنزىنىڭ تۆۋەندىن ۋاقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى . " پۈتتى !!! " ئاكۈينىڭ ئۆڭكۈردە ئىيىتقانلىرى لاپ ئەمەسكەن ، ئۇ كامارنىڭ ئاستىنى ئىنتاھىن كەڭ قىلىپ كولاپ خىلىلا چوڭ دائىرىدىكى قىش قاتلىمىنى كۆز ئالدىمىزدا نامەيان قىلدى . بىز نەچچىمىز كانچىرىغىنى ياندۇرۇپ پەسكە چۈشۈپ تۇرىشىمىزغا بوتۇلكا ئاكۈينىڭ  قولى بىلەن قىش تامنى چىكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال ئاكۈينىڭ قولىنى ‹‹ كاپ ›› لا قىلىپ تۇتىۋىلىپ  : " چىقىلما " دەپ ۋارقىرىدى . بوتۇلكا ئۇزۇن ئىككى بارمىقىنى چىقىرىپ قەۋرە تىمىدىكى قىش بىلەن قىش ئارلىقىدىكى كىچىكلكىنە بوشلۇقنى بويلاپ خىلى ئۇزۇن سىلىغاندىن كىيىن : " بۇ تامنىڭ ئوتتۇرسىغا ئوغۇردىن مۇداپىيە كۆرۈش قەۋىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن . قىشنى سۇغارغاندا پەقەت سىرىتقا تارتىشقىلا بولىدۇ ، ئىچىگە ئىتتىرىشكە ، ئۇرۇپ – چىقىشقا قەتئى بولمايدۇ " دىدى . E,U+o $  
    پەنزىمۇ تامنى سىلاپ تۇرۇپ ئىيىتتى : " قانداقسىگە ئازراقمۇ يوچۇق قالدۇرمىغاندۇ ؟ بۇ تاش كىسەكلەرنى بىر – بىرىگە قانداق قىلىپ مۇشۇنداق جىپسىلشتۇرغاندۇ ؟ " WiR(;m<g  
   بوتۇلكا ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن مەشخۇل ئىدى . ئۇ تۇيۇقسىز بىرلا كۈچەپ قەۋرە تىمىدىن بىر دانە قىشنى سۇغۇرۋالدى . بۇ قەدىمكى زاماندىكى قىش ئىنتاھىن مۇستەھكەم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى بارماققا تايىنىپ قىشنى سۇغۇرۇشقا قانچىلىك كۈچ كىتەر ؟ ئۇنىڭ بۇ بىر جۈپ بارمىقى ھەقىقەتەن ئادەتتىكى بارماقلاردىن ئەمەس ئىدى . بوتۇلكا قولىدىكى قىشنى يەرگە قويۇپ قىشنىڭ كەينى تەرىپىنى بىزگە كۆرسەتتى . قىشنىڭ كەينىدە سارغۇچ قىزىل رەڭدىكى مومدەك بىر نەرسە بار ئىدى . ئۇ بىزگە قاراپ : " ناۋادا بۇ قىش زەربىگە ئۇچراپ ئوتتۇردىكى موم قاتلىمىغا سوقۇلسا ئەسلىدىنلا كىسلاتاغا تويۇنغان موم قاتلىمىدىكى كىسلاتا بىلەن يەنە بىر خىل سۇيۇقلۇق سوقۇلۇش تەسىرىدىن ئوت ئالىدۇ دە ، قەۋرە بىلەن قوشۇپ بىزنىمۇ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋىتىدۇ " دىدى . 6j]0R*B7`Q  
    مەن بوتۇلكىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بولۇپ كۆڭلۈمدە : " ئاناڭنى ، بۇنداق كىسلاتادىن پايدىلنىپ تام ياساشنى كىم ئىجاد قىلغان بولغىيتى ؟ ئەينى زاماندىكى نوبىل مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغاندىمۇ ؟ " دىگەنلەرنى ئويلىدىم . )yZ^[uJ}3C  
    كاللامدا تۇيۇقسىز ئىنتاھىن قورقۇنۇچلۇق بىر خىيال پەيدا بولدى . ئۇنداقتا ئەينى ۋاقىتتىكى بوۋام كۆرگەن تىرىسى يوق ، بەدىنىدىن قان تەپچىپ تۇرغان ھىلىقى مەخلۇق قانلىق مۇردا ئەمەس بەلكى كىسلاتادا كۆيۈپ كەتكەن  ئۇلۇغ بوۋام ؟! ئۇنداقتا بوۋام ئاتقان بىر نەچچە پاي ئوق ئۆز دادىسىغا قارىتىپ ئىتىلغان ؟ ؟؟ qi D@'Va\  
    بۇ چاغدا بوتۇلكا ئاكۈيگە پەسكە قارىتىپ ئۇدۇل بەش مىتىر چۇڭقۇرلۇقتا ئورەك كولاتتى ھەمدە سومكىسىدىن ئوكۇل يىڭنىسى بىلەن ئۇزۇن سىرىق رەڭدىكى نەيچىنى چىقاردى دە ، نەيچىنىڭ ئۇچىنى ئوكۇل يىڭنىسىگە ئۇلاپ نەيچىنىڭ يەنە بىر ئۇچىنى ئاكۈي كولىغان ئورەككە تاشلىدى . پەنزى يۇقرى ھارارەتلىك چاقماقنى چىقىرىپ بوتۇلكىنىڭ قولىدىكى ئوكۇل يىڭنىسىنى قىزدۇرپ چوغدەك قىزارتقاندىن كىيىن بوتۇلكا ئاۋايلاپ تۇرۇپ ئوكۇل يىڭنىسىنى موم تامغا كىرگۈزۈشى بىلەن تەڭ قىزىل رەڭلىك كۆيدۈرگۈچى كىسلاتا نەيچىنى بويلاپ ئورەككە ئىقىشقا باشلىدى . bJ {'<J  
   ئىككى ئاش پىشىم ۋاقىتتىن كىيىن ھىلىقى ئوغرىدىن مۇداپىيە كۆرۈش قاتلىمىنىڭ رەڭگى سارغۇچ قىزىلدىن ئاق رەڭگە ئۆزگەردى . بوتۇلكا بىشىنى لىڭىشتىپ : " بولدى " دىدى– دە قىشلارنى قومۇرۇش توغۇرلۇق بىزگە كۆز ئىشارىتى قىلدى . بىز قىشلارنى سۇغۇرۇپ ئادەم پاتقىدەك ئوغرى كامىرىنى ھاسىل قىلدۇق . كەنجى تاغام مەشئەلدىن بىرنى كامارغا تاشلاپ قەۋرە ئىچىنى كۆزەتتى . &Q#66ev  
     بىز تەشكەن ئوغرى كامىرى قەۋرىنىڭ شىمال تەرىپىدە بولۇپ قەۋرە ئىچىدىكى يەرگە پۈتۈنلەي تاش تاختا ياتقۇزۇلغان بولۇپ تاش تاختىنىڭ ئۈستىگە قەدىمى يىزىق ئويۇلغان ئىدى . تاش تاختىلار سەككىز سەپلىك ئۇسۇلدا ياتقۇزۇلغان بولۇپ قەۋرىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئەڭ كىچىك ، ئەتراپىدىكى بارا– بارا يوغانلاپ بارغان، بىر قاراشتىلا ئادەم كۆزىگە سىترولۇق كۆرۈش سىزىمى ھاسىل قىلاتتى .  قەۋرە تۆت تىمىغا سەككىز دانە تام مەشئىلى قويۇلغان بولۇپ ئاللىقاچان ئۆچۈپ قالغان ئىدى . قەۋرىنىڭ ئوتتۇرسىغا تۆت پۇتلۇق داڭقان قويۇلغان ، داڭقاننىڭ ئۈستىدىكى لەھەت تورىسىغا قۇياش بىلەن ئاينىڭ ئايلىنىش دەۋرىلىك رەسىمى سىزىلغان ، قەۋرىنىڭ جەنۇپ تەرىپىدە بىر دانە تاش جەسەت ساندۇقى قويۇلغان ئىدى . جەسەت ساندۇقىنىڭ ئارقا تەرىپىدە پەسكە قاراپ سوزۇلغان كارىدور بار ئىدى . 08\, <9  
   كەنجى تاغام ئاۋال كىرىپ قەۋرە ئىچىدىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ بىقىپ بىزگە قول پۇلاڭلاتتى – دە بىزمۇ ئارقا – ئارقىدىن قەۋرىگە كىردۇق . Vv=. -&'  
   كەنجى تاغام يەردىكى قەدىمى يىزىقى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : " كىچىك ئاكا ، سىز بۇ خەتلەردىن بۇ قەۋرىنىڭ كىمنىڭ قەۋىرسى ئىكەنلىكىنى بىلەلەمسىز ؟ " دەپ سورىدى . Ie#Bkw'*  
   بوتۇلكا بىشىنى چايقىدى دە بىر ئىغىز گەپمۇ قىلمىدى . wc4{)qDE  
   بىز يەنە بىر نەچچە دانە مەشئەل ياندۇرۇپ تام مەشئىلى ئىچىگە قويۇپ قەۋرە ئىچىنى تىخىمۇ يورۇتتۇق . بۇ ۋاقىتتا مىنىڭ ئويۇمغا بوۋام خاتىرسىدە ئىيىتقان ھىلىقى قانلىق مۇردا كىلىپ كۆڭلۈمنى بىرخىل پاراكەندە قىلىۋاتاتتى . پەنزى بىرلا سەكرەپ چوڭ داڭقاننىڭ ئۈستىگە چىقىپ كۈلۈپ تۇرۇپ :" كەنجى بىگىم ، بۇ يەردە ياخشى نەرسە بار ئىكەن " دىدى . o|<!"AD7  
   بىزمۇ يامىشىپ دىگىدەك داڭقان ئۈستىگە چىقساق داڭقان ئىچىدە بىشى يوق تىنى بار قۇرۇپ قاقشال بولغان جەسەت ياتاتتى . جەسەتنىڭ كىيىم – كىچەكلىرى ئاللىبۇرۇن چىرىپ كەتكەن بولۇپ ئۈستى – بىشىدا مۈكەممەل ساقلانغان قاشتىشىدىن ياسالغان زىبۇ – زىننەت بويۇملىرى بار ئىدى . پەنزې قىلچە تەكەللۇپ قىلماستىن قۇرۇق جەسەتنىڭ نەرسە – كىرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرۇشقا باشلاپ داڭقانىنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ جەسەتنىڭ تىنىنى ئاختۇرماقچى بولغاندا كەنجى تاغام ئۇنى تىللاپ : " سولتەك ، بۇ دىگەن ئەجدادلارنىڭ نەزىر – چىراق بويىمىنى قويىدىغان جابدۇقى ، سەن ئۇلارغا نەزىر – چىراق بويىمى بولماقچىمۇ ؟ " دىدى . SO'vp z{  
     پەنزې ھىجىيىپ تۇرۇپ : " كەنجى بىگىم مەن ئاكۈي ئەمەس ، بۇ گەپلىرىڭىز مىنى قورقۇتالمايدۇ " دىدى دە ، داڭقان ئىچىدىن بىر قاشتىشى كومزەكنى چىقىرىپ : " قارىسىلا ، ئىسىل ماللار ئاز ئەمەسكەن ، بىز بۇ باشسىز جەسەتنى داڭقاندىن چىقىرىپ قاراپ باقايلى ، يەنە قانداق ئىسىل نەرسىلەر باركىن ؟ " دىدى . ndMA-`Ny,  
    بوتۇلكا تۇيۇقسىز : " بۇ چوقۇم بىشى ئۈزىۋىتىلگەندىن كىيىن نەزىر – چىراق قىلىنغان جەسەت ، مىنىڭچە ئۇنىڭ بىشى ئاسمانغا  ، تىنى يەرگە نەزىر چىراق قىلىنغانمىكىن ، ئادەتتە ئۇرۇش ئەسىرى ياكى قۇللارنى مۇشۇ ئۇسۇلدا نەزىر – چىراققا ئىشلىتىدۇ ، بىراق ئۇلارنىڭ ھىچقانداق زىبۇ – زىننەتلىرى بولمايتى . بۇ باشسىز جەسەت سەل غەلىتىرەك ....." دىدى . bK&+5t&  
    كەنجى تاغام دەرھال : " پەنزې ، بولدى قىل ، تىز چىق !!! " دىدى . بۇ ۋاقىتتا مەن بوتۇلكىنىڭ چىرايىنىڭ تاتىرىپ ئارقىمىزدىكى جەسەت ساندۇقىغا تىكىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۈتۈلمىگەن بىر ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم . I,vJbvvl!  
   مەن تۇيۇقسىز ‹‹ تاق... تاق ... تاق ... ›› قىلغان غەلىتە ئاۋازنى ئاڭلاپ پۈتۈن بەدىنىم قورۇققىنىمدىن تىترەپ جۇغۇلداپ كەتتى . لىكىن بۇ ئاۋاز تاش جەسەت ساندۇقىدىن ئەمەس بوتۇلكىدىن كىلىۋاتاتتى . JL{VD/f  
   =GMkR+<)  
BpP y&  
   vV-`jsq20H  
hT+_(>hT  
d|Lj~x|  
Y O}<Ytx  
                 داۋامى بار ........ +Q"4Migbe@  
^9:Z7 >Z  
             كونا دەريا قىنى  تەرجىمىسى . vy:Z/1q  
@?]RBX?a  
                  " كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى "   hf&9uHN%7m  
                1 – خاتىرە " يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى " @_}P-h  
           1 – باپ ، 2 – باپ ، 3 – باپ ، 4 - باپ ، 5 - ، 6 – ، 7 – ، 8 – باپىنى كۆرۈش ئادىرسى : :& ."ttf=  
                 {kR#p %E]  
                              http://anatuprak.com/kipan             n,WqyNt*  
             3L}A3de'  
      جەنۇپپەرەس ئۈچۈنچى تاغىنىڭ  ‹‹ كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى ›› ناملىق رومانىدىن تەرجىمە قىلىندى .                            
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : AnaTuprak تەرىپىدىن تەستىقلاندى
-سىز كۆرۋاتقان تىما كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى 9- باپ( قەدىمى قەۋرە),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
كونا دەريا ئېىقىنى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3172
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 30
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە30دانە
شۆھرىتى: 81 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1510 يۈەن
تۆھپە: 51 قېتم
ياخشى باھا: 10 قېتىم
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-12-15
ئاخىرقى: 2011-02-22

ياخشى تەرجىمە !!~~~ /}fHt^2H  
"ئاناڭنى ، بۇنداق كىسلاتادىن پايدىلنىپ تام ياساشنى كىم ئىجاد قىلغان بولغىيتى ؟ ئەينى زاماندىكى نوبىل مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغاندىمۇ ؟ " دىگەنلەرنى ئويلىدىم .  دىگەن جايلىرنى ئوقىۋىتپ ئىختىيارسىز كۇلۇپ تاشلاپتىمەن....
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
سىز مۇ سۆيگەن قىزىڭزنى ئەرگە بىرپ باققانمۇ ؟؟
بوراننىڭ گۈركىرشىگە تاغ تەۋرىمەس
دەرىجە: مەستانە ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 63
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
شۆھرىتى: 113 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 3065 يۈەن
تۆھپە: 81 قېتم
ياخشى باھا: 13 قېتىم
توردا: 4893(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-06-02
ئاخىرقى: 2011-02-25
2 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-25 00:23

رەخمەت سڭزنىڭ تەرجىمىللىرىڭىزگە قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. ھارمىغايسىز ! xPdG*OcX!  
ئاخىرىنى ساقلايمىز ئەمسە.     
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
بوراننىڭ گۈركىرشىگە تاغ تەۋرىمەس
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3064
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 33
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
شۆھرىتى: 83 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1380 يۈەن
تۆھپە: 53 قېتم
ياخشى باھا: 10 قېتىم
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-12-10
ئاخىرقى: 2011-02-24
3 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-25 14:26

بۇ بىر نەچچە كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ كىتىپ بۇگۇن ئالدىراشلىق ئىچىدن ۋاقىت چىقىرىپ 9–باپنى ئوقۇپ بولۇپ 10ب–باپنى چەكسەم يوللانمغان چىغى...؟؟؟ h376Be{P  
ئەسىرىڭزنى ئوقىۋىرىپ مەنمۇ كىپەن ئوغۇرسى بوپ قالاي دىدىم tw@X>G1z  
...جاپا چەكتىڭىز...
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3403
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
شۆھرىتى: 51 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1210 يۈەن
تۆھپە: 21 قېتم
ياخشى باھا: 10 قېتىم
توردا: 128(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-12-25
ئاخىرقى: 2011-01-19
4 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-25 15:23

مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
توغراق چېچىكى
دەرىجە: مەستانە ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2084
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 29
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
شۆھرىتى: 80 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 2390 يۈەن
تۆھپە: 49 قېتم
ياخشى باھا: 11 قېتىم
توردا: 73(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-10-21
ئاخىرقى: 2011-02-21
5 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-26 01:55

            
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
ھىجران يېشى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3064
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 33
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
شۆھرىتى: 83 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1380 يۈەن
تۆھپە: 53 قېتم
ياخشى باھا: 10 قېتىم
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-12-10
ئاخىرقى: 2011-02-24
6 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-27 11:06

9-باپ يوللانغىلى بۇگۇن 3كۇن بولدى؟؟؟...10–باپى قاچان يوللىنار ؟؟؟؟
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
ئوۋچىنڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭمۇ خۇداسى بار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2832
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 49
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە49دانە
شۆھرىتى: 101 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1560 يۈەن
تۆھپە: 71 قېتم
ياخشى باھا: 10 قېتىم
توردا: 20(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-12-02
ئاخىرقى: 2011-02-13
7 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-01-16 02:02

ئاخىىرى  قانداق بوپ  كىتە.مەنمۇ   سەل  ئەنسىرەپ  قالدىم       
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى