باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1383 
  •    ئىنكاس 
       4 

يېڭى يىلدىن باشلاپ كارخانىلاردىن پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ

قەۋەت ئاتلاش
gadankax

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.295

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1166 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   33732 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3097 (قېتم)
 تۆھپە:   2804  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7095
 سائەت
دەرىجىسى:
7095 سائەت 305 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-29
ئاخــىرقىسى:2013-06-14

تۈنۈگۈن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دائىمىي ئىشلار يىغىنى باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى، يىغىندا كارخانىلاردىن پېنسىيىگە، دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان كوللېكتىپ كارخانىلاردىن پېنسىيىگە دەم ئېلىشقا چىققانلارنى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈپ، ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش قارار قىلىندى.
يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، كارخانىلاردىن پېنسىيىگە دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى داۋاملىق ئۆستۈرۈلىدۇ، ئۆسۈش دەرىجىسى 2010-يىلى كارخانىلاردىن پېنسىيىگە دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ تەخمىنەن %10ى بويىچە بېكىتىلىدۇ.
يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەت مۇناسىپ كېلىش، ئادىللىق بىلەن ئۈنۈمنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، جەمئىيەت بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە شەخسىي ھېساباتنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان كوللېكتىپ كارخانىلاردىن پېنسىيىگە دەم ئېلىشقا چىققانلارنى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈش قارار قىلىندى: 1. سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان كوللېكتىپ كارخانىلاردىن 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە دەم ئېلىشقا چىقىش يېشىغا يەتكەن ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن شەھەر بازار ئاھالىلىرىغا بىر كىشىگە بىر قېتىمدا 15 يىللىق ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى تولۇقلاپ بېرىلىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ. 2. ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى جايلار سۇغۇرتىغا قاتناشمىغانلارنىڭ سېلىق ئىقتىدارى ۋە ياش ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق بېكىتسە بولىدۇ، شارائىتى بار ئورۇنلار تولۇقلىما ھەققىگە مۇۋاپىق تولۇقلىما بەرسە بولىدۇ. 3. سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان كوللېكتىپ كارخانىلاردىن 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە دەم ئېلىشقا چىقىش يېشىغا يەتمىگەن شەھەر بازار ئاھالىلىرىدىن بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھەققى نورمال ئېلىنىدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە دەم ئېلىشقا چىقىش يېشىغا يەتكەن، ھەق تۆلەش ۋاقتى 15 يىلغا توشمىغانلار 15 يىل توشقانغا قەدەر ھەق تۆلىسە، بەلگىلىمە بويىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. 
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: رايونلار، ئالاقىدار تارماقلار سىياسىيلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ياخشى ئىشنى ئوبدان قىلىشى كېرەك.
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى باھانىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا بولغان بېسىمنى پەسەيتىش ئۈچۈن مۇنۇلارنى قارار قىلدى: بۇ يىل كۈز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، 1. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش ئوتتۇرچە ياردەم ئۆلچىمى ئەسلىدىكى يىلىغا ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئوتتۇرچە 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ. 2. ئوتتۇرا كەسپىي مائارىپنىڭ ھەقسىز بولۇش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. 3. ئادەتتىكى ئالىي ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت ياردەم بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
مەنبەسى:جۇڭگو رادىيو تورى

 
نوپۇس كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئادەملەر كۈنسىرى كەملەپ كېتىۋاتىدۇ.
0997wapadar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3164

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   98 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2251 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   155 (قېتم)
 تۆھپە:   125  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1687
 سائەت
دەرىجىسى:
1687 سائەت 13 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-15
ئاخــىرقىسى:2011-02-19
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-01-26


tizhtaui
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16224

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   40 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   6 (قېتم)
 تۆھپە:   5  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 37
 سائەت
دەرىجىسى:
37 سائەت 13 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-06-20
ئاخــىرقىسى:2013-06-22
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-22


تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى