باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       5872 
  •    ئىنكاس 
       3 

باش كۆتۈرگەن جۇڭگو ئۆچ ئالامدۇ؟

قەۋەت ئاتلاش
kurban.qaydu
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1193

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   456 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   143205 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1064 (قېتم)
 تۆھپە:   957  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 532
 سائەت
دەرىجىسى:
532 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-28
ئاخــىرقىسى:2014-03-26

E<RPMd @a  
/_SQKpic  
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىسى: باش كۆتۈرگەن جۇڭگو ئۆچ ئالامدۇ؟ )DB\du   
1873–يىلى ، ئەنگىلىيە سودىگەرلىرىگە جۇڭگونىڭ چوڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن ، تارىخىي خاراكتېرلىك بېيجىڭ زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى . ئۇ ، بۇ قېتىمقى سەپىرىدە كۆپلىگەن سوۋغاتلارنى ئېلىۋالغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر پارچە دۇنيا خەرىتىسى بار ئىدى ، ئەمما چەنلۇڭ خان ئۇنى كۆزگە ئىلىپ قويمىغان ، چۈنكى ‹‹ مەركىزىي خانلىق دۆلىتى›› بۇ خەرىتىدە قارىماققا بەكمۇ كىچىك بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەركىزىي ئورۇنغا ئورۇنلاشمىغان ، 18–ئەسىردە ، گىرىنۋىچ نۆل گىرادۇسلۇق مېرىدىئان سىزىقىغا ئورۇنلاشقان دەپ قوبۇل قىلىنغان ھەمدە بۈيۈك بېرىتانىيەنىڭ خەرىتىسى قارىماققا ئەمەلىي كۆلىمىگە سېلىشتۇرغاندا چوڭ كۆرۈنەتتى . ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ، ئامېرىكا يازغۇچىسى دۇنيا خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىپ ، ئامېرىكىنى مەركىزىي ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ، سىياسىي جەھەتتىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلدۇرماقچى بولدى. بۈگۈنكى كۈندە ، بىز كۈنسېرى قىستاپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز : ھەممىگە ئايان بولغان ماركوپولو دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ، جۇڭگو يەر شارى خەرىتىسىدىكى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇننى ئىگىلەش ئۈچۈن تەييارلىك كۆرۈۋاتامدۇ؟ئۇزاق ۋاقىت ئۇيقۇدا ياتقان ئاسىيادىكى گىگانت ئادەم ئويغاندى ، بۇ ، ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان ۋەقەلەرنىڭ بىرى . جۇڭگونىڭ مەرھۇم رەھبىرى دېڭ شىياۋپىڭ ‹‹ ئىككىنچى قېتىم ئىنقىلاب›› نى قوزغاپ ، دۇنيا بويىچە ئىلگىرىكى ئەڭ نامرات ، ئەڭ ئارقىدا قالغان دۆلەتنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتتى . ھازىر، ئامېرىكا–جۇڭگودىن ئىبارەت سىياسىي ۋە مەدەنىيىتى تامامەن ئوخشىمايدىغان بۇ ئىككى دۆلەت ، مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالدا بىر–بىرىگە باغلانغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىقتىساد جەھەتتىكى ئارىلىشىشىنى ئايرىش ئىنتايىن تەس . بۇلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ خۇددى ئۆمۈچۈككە ئوخشاش چىڭ تۇتۇۋېلىپ ، ئاندىن زەھەرنى پۈركۈپ چىشلەيدىغان ئىش كۆرۈلەمدۇ قانداق ؟ ياكى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىپ بىر–بىرىگە دۇرۇس مۇئامىلە قىلىشنى ئۆز ئارا ئۆگىنىۋالامدۇ ؟ جۇڭگو كەلگۈسىدە ئىقتىسادىي تەسىر كۈچىنى ھەربىي كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ ، دۇنيا بويىچە بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتنىڭ زومىگەرلىك ئورنىنى تارتىۋېلىش خىرىسىنى باشلامدۇ؟  بىر ئەسىر داۋام قىلغان مىللىي خورلاش ، جۇڭگولۇقلارنى چەت ئەللىكلەردىن بىزار قىلدى ، ئامېرىكىلىقلار بىلەن ياپونىيەلىكلەر ئوخشاشلا قارشى ئېلىنمايدۇ . جۇڭگونىڭ قۇيۇنى كۆتۈرۈلۈپ كەلسە ، ئامېرىكىنىڭ بۈركۈتىدىن ئۆچ ئالىدۇ—دەيدىغان بىر خىل گەپ بار ، جۇڭگو ئۆز ئابرۇيىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ، چوقۇم يېڭىدىن ئېرىشكەن بايلىق مەنبەسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى قۇراللاندۇرۇپ ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇشى مۇمكىن . شۇڭا ، بۇ ئىككى گىگانت ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. تارىخىي جەھەتتىن قارىغاندا ئاشۇنداق بولسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ، ئۇنداق بولمايدۇ . شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دۆلەت ، ئۆزلۈكىدىن ياكى دەرھاللا ‹‹ سوقا ياساشتىن قىلىچ ياساش››قا ئۆتۈپ كەتمەيدۇ . دېڭ شىياۋپىڭ دەۋرىدىكى جۇڭگو ھەربىي قوشۇنىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ، يېزا ئىگىلىكى ، ياساش كەسپىنى ۋە ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ كەينىگە قويدى . توغرا ، جۇڭگو ھەربىي راسخۇتىنى شۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم كۆپەيتكەن بولسىمۇ ، ئەمما ، ھەربىي راسخۇتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى يەنىلا ئامېرىكىنىڭكىدىن تۆۋەن تۇرىدۇ ، شۇنداقلا بۇ يىل جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار راسخۇتىنى ئۆستۈرۈش سالمىقىدا سەل تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. بۇ روشەنكى ، چەت ئەللەرنىڭ ھەربىي ئىشلارنى زامانىۋ يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ھەربىي كۈچ ئوتتۇرىسىدا مۇقەررەر باشلىنىش يوق . جۇڭگو رەھبەرلىرى كۈچىنى گۈللىنىشنى كېڭەيتىش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشقا قارىتىۋاتىدۇ ، جۇڭگو ھۆكۈمەتسىزلىك ھالىتىگە پېتىپ قېلىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ . دېڭ شىياۋپىڭ ئېيتقاندەك ، ‹‹ مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ›› . تارىختىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، جۇڭگو دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارىتا دائىم ئۆزگەرتىپ قوبۇل قىلىش ، چېكىنىش ئارقىلىق ساقلاپ قېلىش ، يۇمشاقلىق بىلەن قاتتىقلىقنى تىزگىنلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ . جۇڭگو دائىم مۇمكىنقەدەر ھۇجۇم قىلىشتىن ساقلىنىدۇ ، بۇ شۇنى ئىپادىلەپ بېرىدۇكى ، جۇڭگو خەلقئارادا دائىم ‹‹ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى›› ۋە ‹‹ كۈلۈمسىرەش دېپلۇماتىيەسى›› نى قوللىنىدۇ. ھازىرقى ئاتوم دەۋرىدە بولۇپمۇ شۇنداق. جۇڭگودىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ سۆز–ھەرىكىتىدىن قارىغاندا ، ئۇلار جۇڭگونىڭ ياخشى پۇقراسىغا ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ . تاشقى دۇنيا كۆپىنچە بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ ، جۇڭگونىڭ غەرب پەيدا قىلغان 100 يىللىق خورلاشتىن يەنىلا ئاداۋەت ساقلىشى ھەمدە جۇڭگونىڭ پەقەت ۋاقىت يار بەرسىلا زۆرۈر بولغان ىلاشتۇرۇشقا بولغان بىئاراملىقىنى تۈگىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن..كۈچنى توپلىۋېلىپ ، ئاخىرىدا ئۆچ ئالىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ . ئەمما ، ئەمەلىيەتتە ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ھازىر سۆزلەيدىغىنى ‹‹ تارىخنى ئەينەك قىلىپ ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاش›› . شۈبھىسىزكى ، كەينىگە قارىماستىن ئالدىغا قاراش ، جۇڭگو ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ، چۈنكى ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئۆتمۈشىدىن گۈزەل بولىدۇ. MB7`'W  
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2010-11/02/content_110467.htm
[ بۇ يازمىنىkurban.qayduدە2010-12-23 22:11قايتا تەھ ]

yawuzbag

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2506

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1465 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3718 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4178 (قېتم)
 تۆھپە:   3984  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 28519
 سائەت
دەرىجىسى:
28519 سائەت 731 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-20
ئاخــىرقىسى:2014-06-30
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-23

باشتىكى 1973-يىل خاتا يېزىلىپ قالدىمۇ قانداق؟
ھايات ھاقارەتلىك ئۆتسىمۇ،ئىككى كۈزىمىز پارقىراپ تۇرسىلا بۇلىدىغان بولدى.
gadankax

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.295

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1179 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   33893 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3117 (قېتم)
 تۆھپە:   2824  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7264
 سائەت
دەرىجىسى:
7264 سائەت 136 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-29
ئاخــىرقىسى:2014-05-29
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-23

     ياق، غەربنى ئاچىدۇ.
نوپۇس كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئادەملەر كۈنسىرى كەملەپ كېتىۋاتىدۇ.
allo2010
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7214

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   66 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3088 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   314 (قېتم)
 تۆھپە:   314  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 650
 سائەت
دەرىجىسى:
650 سائەت 120 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-10
ئاخــىرقىسى:2014-06-05
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-17

ۋاي تاڭ جۇمۇڭلا
گېنررال
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى