چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر
nh80"Ny5 Ag*?>I كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى
"}ur"bU1 qW|h"9sr بىرىنچى خاتىرە يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى
<5CQ#^cK IF//bgk- 8 - باپ تاغ جىلغىسى
2"P1I 6O 2sa-{d b+Vlq7Bc كەنجى تاغام چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ : " ئادەمنىڭ بېشىلا ؟ تىنى يوق ؟ " دەپ سورىدى .
G`;mSq6i قىزچاق : " راستىنلا شۇنداق . قورقۇنۇچلۇقمىكەن ؟ تاغ ئىتىكى يىرىلغاندىن كىيىن يول توسۇلۇپ قالغاچقا قىچىرمۇ ئۇ يەرگە بارالمايدۇ . سىلەر بارماقچى بولساڭلار پۇتۇڭلارغا تايىنىپ بىرىشىڭلار كىرەك . ئىلگىرى كەلگەن بىرنەچچە توپ ئادەملەرمۇ ئۇ يەرگە بارالمىغان ، بارسىمۇ ئىچىگە كىرەلمەي قايتىپ كەتكەن " دىدى .
'Nx"_jQ كەنجى تاغام ھاڭۋىقىپ تۇرغان بوتۇلكىغا قارىۋەتكەندىن كىيىن : " ئۇنداقتا تاغ يىرىلىشتىن بۇرۇن كىرىپ باققانلار باردۇ ؟ " دەپ سورىدى .
6e}Tzc\@( مۇلازىم قىزچاق جاۋاپ قايتۇرۇپ : " كىرگەنلەرغۇ بار ، بىراق ئۇلار كىرىپ نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ھەممىسى يىنىپ چىقىشقان . يولغا چققان ۋاقىتا ھەممىسى خۇشال – خۇرام ، قايتىپ كەلگەندە ئۈستى – بىشى تىلەمچىلەرگە ئوخشاش بولۇپ بەدىنىدىن ئىنتاھىن سىسىق پۇراق كىلەتتى . بوۋامنىڭ دىيشىچە ئۇلار قەۋرىنىڭ ئورنىنىمۇ تاپالماي قايتىپ كەلگەن بولىشى مومكىن . قانداق ؟ بۇ بىر نەچچىڭلارمۇ سىناپ باقماقچىمۇ ؟ " دىدى .
WFqOVI*l " كەلگەندىكىن بىرىپ قاراپ باقمايمىزمۇ ؟ بولمىسا بىكارغا ئاۋارە بولغان بولمايمىزمۇ ؟ " دىدى كەنجى تاغام ساختا ھىجىيىپ .
=3,Sjme مۇلازىم قىز بىز بۇيرۇتۇپ تىخى چىقمىغان سەيلەرنى سۈيلەش ئۈچۈن ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى . پەنزى بۇ ۋاقىتتا ئىغىز ئىچىپ : " بۇ قىرى قىزنىڭ دىگىنىگە ئاساسلانغاندا بىز ئىزدەۋاتقان قەۋرە ھىلىقى تاغ يىرىلغان جايدا ئىكەنلىكى ئىنىق . بىراق بىزنىڭ يۈك – تاقىمىز ؟ .... تاققا يۆتكىمەك ئاسانغا چۈشمەيدىغان ئوخشايدۇ " دىدى .
.=c@ps " قۇرال – جابدۇقلار بولسا جابدۇقلارنى ئىشلىتىپ ئاچىمىز ، بولمىسا ئىككى قولىمىزغا ، ئەقلىمىزگە تايىنىپ ئاچىمىز ، ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى قەۋرىلەر ئادەتتە توپا – كىسەكتىن قوپۇرۇلىدۇ . چوڭ گۆرخانىسى بولمايدۇ . بىلمىدىم ، بۇ قەۋرە شۇنداقمۇ ياكى ئەمەسمۇ ؟ قەۋرىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنى ، قانچىلىك چۇڭقۇرلۇقتا كۆمۈلگەنلىكىنى نەخ مەيدانغا بىرىپ كۆزىمىز بىلەن كۆرگەندە بىلگىلى بولىدۇ . بەلكىم بۇ قەۋرىدە ئالاھىدە نەرسە بولىشى مومكىن . قىرى قىز ئىيىتقان ئادەم بىشى چىققان جاي ئەجدادلىرىمىز ئىيىتقان ‹‹ ئالۋاستى بىشى ئورىكى ›› بولۇپ ، ئىلگىرىكى ۋاقىتتا ئادەملەرنى قوشۇپ دەپنە قىلىنغان ئورەك بولىشى مومكىن " كەنجى تاغام سۆزلەپ بولۇپلا يىنىدىن خەرىتىنى چىقىرىپ چەمبىرەك سىزىلغان بىر جاينى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ : " قاراڭلار ! مۇشۇ يەر شۇ ، بۇ يەر ئاساسلىق قەۋرىگە بىر ئاز ئارلىقى بار . مىنىڭچە ئىلگىرى كەلگەنلەر ‹‹ ئەجدىرھا پەللىسىنى ئىزدەش ›› ئۇسۇلىنى قوللانغان بولسا بۇ يەرگە كىلىپ توختاپ قالغان . بۇ ئەجدىرھانىڭ بىشى . ئادەتتە قەۋرە ئادەتتە ئەجدىرھا بىشىنىڭ ئاستىدا بولىدۇ . بىراق سىلەر ئىنچىكىلەپ قاراپ بىقىڭلار ، بۇ يەر بولسا قاپاق ئىغىزى بولۇپ ئىچكىرسىگە قاراپ ماڭمىسا بۇ يەردە ئۆڭكۈر بارلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ . مانا بۇ ھەقىقى ئەجدىرھا بىشىنىڭ ئورنى . بۇ قەۋرىنى ‹‹ ئەجدىرھانىڭ پەللىسىنى ئىزدەش ›› ئۇسۇلىنى قاتتىق چۈشىنىدىغان ئادەم لاھىيەلىگەن بولۇپ يالغان ئەجدىرھا بىسشى ئارقىلق كىيىنچە كىپەن ئوغۇرلىغىلى كەلگەنلەرنى قىلتاققا چۈشۈرىدۇ . ئەگەردە مىنىڭ پەرىزىم خاتا بولمىسا بۇ يالغان ئەجدىرھا بىشىنىڭ ئاستىدا چوقۇم قاتمۇ – قات قۇرۇلمىلىق جانغا زامىن يالغان قەۋرە بار بولغان بولىدۇ ." كەنجى تاغام بىزنىڭ ھەيرانلىق ئىلكىدە بىرىلىپ ئاڭلاۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ كۆرەڭلىك بىلەن : " ئەگەر بۇ خەرىتە بولمىسا بىز كىپەن ئوغۇرلىرىنىڭ پىشىۋا – ئەۋلىيالىرىمىز كەلگەن تەقدىردىمۇ توزاققا چۈشمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس . ئەتە بىز ئالمىساق بولمايدىغان نەرسىلەرنى ئىلىپ يىنىك قۇراللىنىپ جەڭگە چىقىمىز . ئالدى بىلەن بىرىپ كۆرۈپ بىقىپ پەقەت ئامال بولمىغاندا قايتىپ كىلىپ لازىملىق نەرسىلەرنى يۆتكەشكە چارە ئىزديمىز " دىدى .
\OK}DhY# مەن ھەرەم ئاغىلىرىدەك " بولىدۇ " دەپ باش لىڭىشتىپ يەنە بىر نەچچە بوتۇلكا پىۋىنى قورساققا تۆكۈۋەتكەندىن كىيىن ياتاققا قايتتىم . ياتاققا كىرگەندىن كىيىن يۈك – تاقلارنى يەشتۇق . ئەلۋەتتە ھازىرقىدەك پەن – تىخنىكا تەرەققى قىلغان ۋاقىتلاردا لوياڭ گۈرجىكىنى ئىشلەتمەيمىزدە . كەنجى تاغام بىر تال ئارخولوگىيە تەكشۈرۈش گۈرجىكىنى چىقاردى . بۇ گۈرجەك پولات تۇربىنى بىر – بىرىگە ئۇلاش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ خالىغانچە ئۇزارتىپ – قىسقارتقىلى بولاتتى . ياغاچ دەستىلىك لوياڭ گۈرجىكىگە سىلىشتۇرغاندا ئىشلىتىشكە خىلىلا قولايلىق ئىدى . ئادەتتە ئۇراشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى قەۋرىلەر ئون نەچچە مىتىر توپا ئاستىدا بولغاچقا ھەربىر ئادەم ئون تال پولات تۇربا ھەمدە بىردىن كۈرجەك بىشىنى يۈدۈشكە توغرا كىلەتتى . پەنزېمۇ ئۆزى بىر قولۇق ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان قىسقا سىتوۋۇللۇق مىلتىقنى خۇرۇم قىپىدىن چىقاردى . بۇ مىلتىق مەن قاراڭغۇ بازاردىن تىپىپ كەلگەن قوش سىتوۋۇللۇق مىلتىققا قارىغاندا خلىلا قىسقا بولۇپ چاپان ئىچىگە يوشۇرۇۋالسا باشقىلار ئاسانلىقچە بايقىيالمايتى . پەنزې بىر نەچچە قاپ ئوق بىلەن مىلتىقنى يۈدمە سومكىغا سالدى . كەنجى تاغامنىڭ دىيشىچە قەۋرىدە بەزىدە قوش سىتۋۇللۇق مىلتىقنى ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى تازا ياخشى بولىدىكەن . بىراق پەنزېىنىڭ بۇ مىلتىقىنىڭ بولسا كۈچى خىلىلا زور ئىدى . مەن ئەسلىدىنلا پىراكتىكانىت ‹‹ ئالتۇن قازغۇچى ›› بولغاچقا فوتو ئاپرات بىلەن ھەربى خەنجەرنىلا ئالدىم .
i{J[;rV9 مۇساپە ھاردۇقى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆڭكۈردىكى قورقۇنۇچلۇق ئىشلار مىنى ئوبدانلا ھاردۇرىۋەتكەن بولسا كىرەك ياستۇققا بىشىمنى قويۇپلا چۈشمۇ كۆرمەي شۇنچىلىك تاتلىق ئۇخلاپتىمەن . ئويغانغان ۋاقىتتا ئاللىقاچان قۇياش تىكلەشكەن ئىدى . بىز ئالدىراپلا ناشتا قىلىپ ئازراق قۇرۇق يىمەلىك ئىلىپلا ھىلىقى مۇلازىم قىز بىزگە تونۇشتۇرۇپ قويغان 13 – 14 ياشلار چاممىسىكى بالىنىڭ يول باشلىشىدا يولغا چىقتۇق . بىز تاغ يولىدا ئىككى – ئۈچ سائەت ماڭغاندىن كىيىن ھىلىقى ‹‹ قىزىل باشلىق تۈگۈنەك › › ئالدى تەرەپنى كۆرسۈتۈپ : " كەلدۇق " دىدى . قارىسام ئالدىمىزدا لاي — لاتقا يالاش سەۋەپلىك ئىچىلىپ قالغان تاغ ئىتى تۇراتتى . بىزنىڭ ھازىرقى ئورنىمىز ئىككى تاغ ئارىسىدىكى ئۇزۇن تاغ جىلغىسى بولۇپ مىنىڭچە يامغۇرلۇق پەسىلىدە كىچىك دەريا ئىقىن بولسا كىرەك ، ھازىرقىدەك قۇرغاق پەسلدە سۈيى تارتىلىپ چوڭراق ئىرىقتەك سۇ قالىغانئىكەن . جلغىدا ئىرىقتەك سۇ ئىقىنى ئىقىۋاتاتتى. ئىككىلا تەرەپتىكى تاغ ئىنتاھىن تىك بولۇپ يامىشىش مومكىن ئەمەس ، ئالدى تەرەپتىكى دەريا يولى تاغدىن دومۇلاپ چۈشكەن قۇرام تاشلار بىلەن توسۇلۇپ قالغان ئىدى .
(Pt*|@i2c مەن ‹‹تۈگۈنەك باش ›› نىڭ مۆرىسىگە شاپاللاپ تۇرۇپ : " قايتىپ كەت ، ئاچاڭغا رەھمىتىمنى ئىيتىپ قوي " دىدىم .
&0-Pl.M بالىدىن قىمىر قىلىدىغان ئىنجا كەلمەيتى . نەچچە دەقىقىدىن كىيىن قولىنى تەڭلەپ : " 50 تىن بىرنى بىرىڭ " دىدى . مەن ئەجەپلىنىپ بالىدىن " نىمە 50 ؟ " دەپ سورۇدۇم . كەنجى تاغام كۈلىۋەتكەندىن كىيىن بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ 100 يۈەن چىقىرىپ تەڭلەي دىيشىگە ، بالا پۇلنى بۇلاپ دىگۈدەك ئىلىپ بىر دەمدىلا كۆز ئالدىمىزدىن غايىپ بولدى . مەن بىر دەم ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ كىتىپ ئىچىمدە : "ئاناڭنى ، مەن نەچچە ياش ۋاختىمدا 100 يۈەن تاپقان بولغىيتىم ؟ ! " دەپ ئويلىدىم . ئارقىدىنلا كەنجى تاغامغا قاراپ : " بۇ سەھرا باللىرىنىڭمۇ ئىقتىساد ئىڭى شەكىللەنگەن يەردە يەھۇدىلارغا يىتىشىلىشىمىزغا كۆپ ۋاقىت قالماپتۇ جۇمۇ ! " دىدىم .
} x'o`GuUf ئاكۈي : " ئادەم جانىۋار ئۈچۈن ئۆلىدۇ دەپتىكەن " دىيشىگە پەنزې ئۇنىڭ كۆتىگە بىرنى تىپىپ : " قارا قورساق ، گەپ قىلىشنى بىلەمسەن ، بىلمەمسەن ؟ جانىۋار ئۈچۈن ئۆلىدۇ ؟ سەن بىرىپ جانىۋارنىڭ بىر نىمىسى ئۈچۈن ئۆل !!! " دەپ ۋارقىرىدى . بىز ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق ئۈچۈن ئىككى ئاش پىشىم ۋاقىت ئىچىدە دەريا ئىقىنىنى توسىۋالغان تاغ تىشى دۆۋىسىدىن ئارتىلىپ ئۆتتۇق . بىراق ھىلىقى قىرى قىز ئىيىتقاندەك قورقۇنۇچلۇق 100 ئارتۇق ئادەم بىشىنى ئۇچراتمىدۇق . بۇ تاغ تىشى دۆۋىسىنىڭ كەينى تار جىلغا بولۇپ ئاخىرىغا كەلگەندە ئورمانلىققا ئايلاندى . جىلغىدىن چىقىپ يىراقلىسا كۆز يەتكۈسىز قويۇق ئۆسكەن ئورمانلىق ئىدى . بۇنداق ئىكولوگىيەنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى بىلەلمىدىم .
1+Y;"tT بۇ ۋاقىتتا بىز تاش دۆڭنىڭ تەۋەن تەرىپىدە بىر قېرىنىڭ ئەپكەش بىلەن سۇ توشىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق . بۇ قىرىنىڭ چىرايىنى خۇددى مەن بىر يەردە كۆرگەندەكلا . توغرا ، بۇ ھىلىقى بىزنى ئۆڭكۈردە تاشلاپ قويۇپ يوقاپ كەتكەن قىرىنىڭ ئۆزى . قىرىمۇ بىزنى كۆرگەندىن كىيىن چۆچۈپ كەتتى بولغاي قورۇققىنىدىن ئىرىققا يىقىلىپ كىتىپ ئورنىدىن تۇرۇپلا قاچتى . پەنزې دەرھال ئىغىزىنى بۇزۇپ : " سىكەي " دەپ تىللاپلا قىسقا سىتىوۋۇللۇق مىلتىقنى چىقىرىپلا قارغىمۇ ئالماي ئوق ئۈزدى . ئوق قىرىنىڭ ئالدىنقى پۇتىنىڭ نەچچە سانتىمىتىر ئالدىدىكى قۇمغا تەگدى . ھىلىقى قىرى قورۇققىنىدىن سەكرەپ كەتتىدە ئۆرۈلۈپلا كەينىگە قاراپ قىچىشقا باشلىدى . پەنزې ئارقا – ئارقىدىن ئۈچ پاي ئوق ئۈزدى . ھەر قىتىم ئاتقان ئوق قىرىنىڭ ئاياغ ئىزىغىلا تىگەتتى . ئاناڭنى ، بۇ قىرىمۇ يامان نىمىكەن ، ئۆزىنىڭ قىچىش ئىمكانىيتىنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ بىردىنلا تىزلاندى .
yXc@i)9w3 بىز تاش دۆڭدىن چۈشىشىمىزگە ئۇ بىزگە باش ئۇرۇپ : " بەگلىرىم كەچۈرسىلە ، مەن قىرىغىمۇ ئامال بولمىغاچقا ھەرقايسىلىرىنى جۆندەشنىڭ پىيىگە چۈشكەن . ئويلاپ باقماپتىمەن . بەگلىرىم ئەۋلىيالاردەك ئادەملەر ئىكەن ئەمەسمۇ ؟ كۆزۈم تۇرۇپمۇ ئۇلۇغلارنى تونىماپتىمەن " دىدى .
a3(f\MMxE سۆزلەۋىتىپ كۆزىدىن ياش ، بۇرنىدىن پوتلىسى ئىقىپ كەتتى . كەنجى تاغام ئۇنىڭدىن : " مەن سىنىڭ تۇرۇقۇڭغا قارىسامغۇ بىرەر نەرسىگە ئامال قىلالايدىغاندەك تۇرمايسەن ! ؟ " دەپ سورىدى .
6IM:Xj " سىزدىن يوشۇرمايمەن ، سىز مىنىڭ تەققى – تۇرۇقۇمغا قارىماڭ ، ئەمىلىيەتتە مىنىڭ كىسىلىم بار . كۈنىگە نەچچە خىل دورا يەيمەن . قارىمامسىز ، ھازىرمۇ دورا قاينىتش ئۇچۇن سۇغا كەلگەن " دىدى قىرى يىنىدىكى ياغاچ چىلەكنى كۆرسۈتۈپ .
R~BW=Dz,e پەنزې مىلتىق سىتوۋۇلى بىلەن قىزنىڭ بۇرۇن تۆشىكىنى كوچىلاپ تۇرۇپ : " ئىيتە قىرى مۇناپىق ، ھىلىقى ئالۋاستى ئۆڭكۈرىدە بىردەمدىلا بىرەرسىگە خوتۇنۇڭنى سولاپ بەرگىلى كەتتىڭمۇ يا .....!!!
gr$H?|n l قىرى ھەممىمىزگە قارىۋەتكەندىن كىيىن : " مەن راس گەپنى قىلاي ، مىنى ئۆلتۈرمىسەڭلار ؟!! "
%] 7.E كەنجى تاغام : " خاتىرجەم بول ، ھازىر دىگەن قانۇن بويىچە جەمىيەتنى ئىدارە قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان دەۋىر " دىدى ھەمدە قوشۇمچە قىلىپ : " ئىقرا قىلغانلارغا كەڭچىلىك ، قارشىلاشقانلارغا دىكتاتۇا يۈرگۈزىلىدۇ " دىدى . ئپلاس قىرى : " شۇنداق ، شۇنداق ، مەن ئىقرا قىلاي ، ئەمىلىيەتە چوڭ ئىشمۇ يوق ، سىلەر ھىلىقى ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستۈنكى تىمىغا دىققەت قىلمىدىڭلار ، شۇڭلاشقىمۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستىدە ئادەم پاتقۇدەك كامارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيىسلەر ، مەن سىلەر دىققەت قىلمىغان ۋاقىتا ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىرلا كۈچەپ ئۆڭكۈر ئۈستىدىكى كامارغا كىرىۋالغان . شۇڭا سىلەر سۇغا سەكرىگەن ئاۋازنىمۇ ئاڭلىمىدىڭلار . كىمە كەتكەندىن كىيىن مەن بىرلا ئىسقىرتسام ‹‹ ئىشەك تىزىكى ›› ماڭا چوڭ ياغاچ داستىن بىرنى ئەكىلىپ بەردى . مەن شۇ ياغاچ داسقا ئولتۇرۇپ قايتىپ چىقتىم . ئىش پۈتكەندىن كىيىن كىمىچى ماڭا ئازراق ئولجا بويىمى بەرمەكچى بولغان . ھە راست ، ھىلىقى كىمىچىچۇ ؟ سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا ئۆلدىمۇ ؟ ؟ " دىدى .
woK?td|/ پەنزې ئادەم بىشىنى ئۈزىۋەتكەندەك قول ئىشارىتى قىلىپ تۇرۇپ : " ئۇنى ئەزرائىلغا ساتتۇق " دىدى .
<i1P ~ بۇ ھىلىگەر قىرى پەنزېىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپلا : " ئۆلگىنى ياخشى ، ياخشى ئۆلۈپتۇ ، ئەمىلىيەتتە مىنىڭمۇ بۇ ئىشنى قىلغۇم يوق ، ھىلىقى كىمىچى ئەگەر مەن ئۇنىڭغا ‹‹ مال ›› تىپىپ بەرمىسەم مىنى بوغۇزلىۋىتىدىغانلىقىنى ئىيىتقان ، سىلەر دەپ بىقىڭلار ، مەنمۇ شۇ ئامالسىزلىقتىن .... " دىدى كىكەچلەپ .
OAz-w " قۇرۇق گىپىڭنى قوي ، ئۆيۈڭ قەيەردە ؟ نىمىشقا بۇ يەردىن سۇ توشۇيسەن ؟ " دەپ سورىدى كەنجى تاغام .
sFxciCpN قىرى جىلغىنىڭ تۆۋەن تەرىپىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ " مەن ئەۋلىيا تاغنىڭ ئىچىدىكى كىچىك ئۆڭكۈردە تۇرىمەن . تىرىغۇدەك يىرىمۇ ، ھالىمدىن خەۋەر ئالغۇدەك ئوغلۇممۇ يوق . بەگلىرىم ماڭا ئىچىڭلار ئاغىرسۇن " دىدى .
bpeWK& كەنجى تاغام ئۇنىڭ گىپى تۈگۈشىگە ئۇلاپلا قويۇق ئورمانلىقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا : " ئۇنداقتا سەن بۇ ئەتراپنى پىششىق بىلىدىكەنسەندە ؟ ياخشى ، سىنى قويىۋەتسەك بولىدۇ . بىراق سەن ئالدى بىلەن بىزنى ئۇ يەرگە باشلاپ بارغىن " دىدى . قىرى كەنجى تاغام كۆرسەتكەن ئورمانلىققا قاراپ پەس ئاۋازدا : " ۋاي خۇدايىم ، سىلەر ئەسلىدە ‹‹ ئالتۇن قازغىلى ›› كەپتىكەنسىلەردە ، بەگلىرىم ئۇ قەۋرىنى ئوغۇرلاشقا قەتئى بولمايدۇ ! ؟ قەۋرىنىڭ ئىچىدە جىن – ئالۋاستى ، جادۇگەر قىرى خوتۇن بار !!! " دىدى .
m,]M_y\u مەن ئاڭلاپلا بۇ قىرىنىڭ بىرەر يىپ ئۇچىنى بىلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ ئۇنىڭدىن : " قانداق سەن بىرىپ باققانمۇ ؟؟ " دەپ سورۇدۇم .
U9B|u`72 قىرى جىددىيلەشكەن قىياپەتتە : " مەن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئۆزىنى ئارخولوگىيە ئەتىرتى دەپ ئاتىۋالغان كىپەن ئوغۇرلىرىنى ئۇ يەرگە باشلاپ بارغان . سىلەرگە دىسەم ئۇلار ئادەتتىكى كىپەن ئوغۇرلىرىغا ئوخشىمايتى ، ئۇلار بۇ ئەتراپتىكى كىچىك قەۋرىلەرگە قاراپمۇ قويماستىن تاغ ئىچكىرىسىدىكى قەۋرىلەرگە قاراپ ماڭدى . مەن دەسلەپتە يول باشلاشنى خالىمىغان بولساممۇ توپ بىشى ماڭا 100 يۈەنلىك پۇلدىن ئوننى تەڭلىۋىدى ؛ ئاناڭنى مەن شۇ .... شۇڭا ئۇلارنى باشلاپ ئۆزۈم ئىلگىرى بارغان جايغا باشلاپ باردىم . ئۇلار يەنە ئىچكىرسىگە قاراپ ماڭماقچى بولۇپ ماڭا يەنە 1000 يۈەن تەڭلىۋىدى ، مەن ئۇنىماي 1000 يۈەن ئەمەس 10000 يۈەن بەرسىمۇ بارمايدىغانلىقىمنى ، پۇلنى دەپ جىنىمنى سىلىپ بەرمەيدىغانلىقىمنى ئىيتىشىمغا توپ بىشى يۈز ئۆرۈپ تاپانچىسىنى بېشىمغا تەڭلەپ ئۇلارغا يول باشلىشىمنى تەلەپ قىلدى . ئامالسىزلىقتىن ئۇلارنى باشلاپ تىخىمۇ ئىچكىرسىگە قارپ ماڭدىم " دىدى دە بىشىنى قاشلاپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ : " كىيىن ئىچكىرلەپ كىرىپ بىر جايغا بارغاندا ئۇلار ‹‹ كەلدۇق !!! ›› دىيشىپ خۇشاللىقىدىن قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالدى . بىز ئۇ يەردە چىدىر تىكىپ تۇرالغۇ پەيدا قىلدۇق ، ھىلىقى بىر توپ كىشىلەر بۇ يەرنىڭ شارائىتىنى تەھلىل قىلىپ بىر نەرسىنىڭ مۇشۇ يەرنىڭ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىيتىشىپ ئەتىسى كولاشنى توغرا تىپىپ چىدىرغا قايتىپ غەلبىنى ئالدىن تەبرىكلەش ئۈچۈن زىياپەت ئۆتكۈزۈپ ماڭىمۇ خىلىلا جىقلا ھاراق ئىچكۈزۋەتتى . ئاخشىمى مەن مەس بولغاچقا ھىچقانداق سىزىم يوق ئۆلۈك كالىدەك ئۇخلاپتىمەن . ئەتىسى قوپۇپ قارىسام ..... ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ يوق . قۇرال – جابدۇقلار ، ھەتتا چىدىر سىرتىغا قالانغان ئوتمۇ تىخى ئۆچمەپتۇ ، لىكىن مەندىن باشقا ئىنسى – جىننىڭ قارىسىمۇ يوق . مەن چاتاق چىققانلىقىنى ھىس قىلىپ ئۇياق – بۇياققا يۈگرەپ ئۇلارنى ئىزدىدىم . لىكىن ئۇلار بىر كىچىنىڭ ئىچىدىلا پارغا ئايلىنىپ كەتكەندەك ھىچقانداق دىرىكىنى ئالالمىدىم . شۇڭا مەن ئۇلارغا بىرەر كىلىشمەسلىك كەلگەنلىكىنى سىزىپ دەرھاللا قاچتىم ! " دىدى .
x_5H_! \# ھىلىگەر قىرى خۇددى بىرەر قورقۇنۇچلۇق ئىشنى ئىسىگە ئالغاندەك تەمتىرەپ تۇرۇپ : " تىخى ئەمدىلا ئىككى – ئۈچ يۈز مىتىر ئەراپىدا قىچىشىمغا بىرىنىڭ مىنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام ‹‹ ئارخولوگىيە ئەتىرتى ›› دىكى ئايال ماڭا قول پۇلاڭلىتىپ ماڭا بىر نىمىلەرنى دەۋاتاتتى ، مەن ئىغىزىمنى بۇزۇپ تىللاپ نىمىشقا ئۇلارنىڭ مىنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ تاڭ ئاتماستىنلا كەتكەنلىكىنى سوراي دەپ قارىسام بۇ ئايالنىڭ كەنىدىكى ئىنتاھىن چوڭ بىر غەلىتە دەرەخكە كۆزۈم چۈشىشى بىلەن قورۇقۇنۇمدىن يۈرۈكۈم يىرىلىپ ئۆلگىلى تاس قالدىم . دەرەخنىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن ئۆلۈكلەر ئىسىلغان بولۇپ ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك كۆز قارچۇقى يوق ، قورۇققۇنۇمدىن تامبىلىمغا سىيىۋەتتىم . ئارقامغا بۇرۇلۇپ شۇ قاچقانچە بىر كىچە بىر كۈندۈز قىچىپ كەنىتكە قايتىپ كەلدىم . سىلەر دەپ بىقىڭلار ، بۇ چوقۇم جادۇ دەرەخ . خۇداغا شۈكرى ھىلىمۇ ياخشى تەڭرىگە قىلغان ئىبادىتىم بار ئىكەن . بولمىسا مەنمۇ چوقۇم دەرەخكە ئىسىلار ئىدىم " دىدى .
D*j\gI كەنجى تاغام چوڭ بىر تىنىۋىلىپ : " : " سەن تىخى تەڭرىگە ئىبادەت قىلىسەن ؟ " دىدى – دە پەنزېگە بۇ قىرىنى باغلاش توغۇرلۇق قول ئىشارىتى قىلدى .
g< {jgF قىرى كۆڭلىدە يول باشلاشقا مىڭنى رازى بولمىغان بولسىمۇ بىراق ئامال يوق بىزگە يول باشلاشقا مەجبۇر بولدى . ئۇنىڭ دىيشىچە بىز دىگەن يەرگە بىرىشقا بىر كۈن ۋاقىت كىتەتتى . ئاكۈي ئالدىدا يول ئاچتى ، بىز ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرۈپ كەتتۇق .
#X"eg مەن قەدىمىنى تىزلەتكەچ خەرىتىنى چىقىرىپ تەپسىلى قاراپ خەرىتە بىلەن بۇ قىرىنىڭ باشلىشىغا تايىنىپ قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بۇرۇن ئۇ يەرگە بىرىپ بولالايدىغانلىقىمىزغا ھۆكۈم قىلدىم . بىز توپتوغرا يىرىم كۈن يول يۈردۇق . دەسلەپتە پاراڭلاشقاچ چاقچاق قىلىشقاچ ماڭغانتۇق . بىراق ئاخىرىغا كەلگەندە ھەممىمىزنىڭ ئۇيقۇسى كىلىپ توختىماستىن ئەسنەپ پاراڭ قىلىش ئەمەس بىر – بىرىمىزگە قاراشقىمۇ رايىمىز قالمىدى . تۇيۇقسىز بۇ قىرى توختاپ قالدى .
Pw'3ya8 پەنزې تىللاپ : " سەن يەنە قانداق ھىلە ئويلاۋاتىسەن ؟ " دىدى .
( Qw"^lE3 قىرى يىنىدىكى دەرەخنىڭ ئارقىسىنى كۆرسىتىپ : " ئۇ ... قانداق ... نەرسە ؟ " دىدى .
Ro?aDrQ مەن دەرەخنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىغا ئۆتۈپ قارىسام يەردىكى ئوت – چۆپ ئۈستىدە بىر نەرسە لىپ – لىپ قىلىپ چاقناۋاتاتتى .
Dw^d!%Ala مەن قولۇمغا ئىلىپلا ئىغىزىمنى بۇزۇپ ئىيىتتىم : " سىكەي....... ، قول تىلفۇنى ئىكەنغۇ !!!! " .
T)]5k3{ Nq)=E[$ 969*mcq' Sf)VQ5U!Y داۋامى بار ........
QOkPliX Bls\)$ كونا دەريا قىنى تەرجىمىسى .
DGTSk9iK( }r6SV%]: " كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى "
=)(o(bfSKr 1 – خاتىرە " يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى "
v"Fa_+TVx 1 – باپ ، 2 – باپ ، 3 – باپ ، 4 - باپ ، 5 - ، 6 – ، 7 – باپىنى كۆرۈش ئادىرسى :
=u(. Y &+=A;Y) http://anatuprak.com/kipan V4}9f5FR xCD|UC46?X جەنۇپپەرەس ئۈچۈنچى تاغىنىڭ ‹‹ كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى ›› ناملىق رومانىدىن تەرجىمە قىلىندى .