«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى نەشردىن چىققان بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىكى سانىدا جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىننىڭ «مىللىي مەسىلىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىدا قەتئىي ئېغىشماي ماڭايلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: مىللىي مەسىلە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ۋە خەلقنىڭ بەخت سائادىتى، ئامانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە. ھەممىدە ئېلىمىزدىكى مىللىي مەسىلىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللىي مەسىلىلەرنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىدە باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈپ، ئىناق بىللە تۇرۇپ، ئىناق تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش لازىم. ماقالىدە مۇنداق ئۈچ مەسىلە بايان قىلىندى.
1. مىللىي مەسىلىلەرنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولى- جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەنلىكىدەك ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بىر دۆلەتنىڭ مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانداق شەكلىنى تاللىشى- بۇ دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي شارائىتى، ئىجتىمائىي ئەھۋالى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە سىياسىي تۈزۈمى قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللارنىڭ ئورتاق رول ئوينىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مىللىي مەسىلىلەرنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولى تارىخقا ھۆرمەت قىلىنغان، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا يول. بىرقانچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېلىمىزنىڭ مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ چىققان ئۇلۇغ نەتىجىسى. ئەمەلىيەت مىللىي مەسىلىلەرنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشنىڭ توغرا يول ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇنىڭدا ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باراۋەرلىك، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشتەك تۈپ تەلىپى، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
2. مىللىي مەسىلىلەرنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولى- جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مىللىي مۇناسىۋەتنى توغرا تونۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشىدىكى ئۇلۇغ ئىجادىيىتى. ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مىللىي مەسىلىلەرنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولى سىياسىي جەھەتتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى باشتىن ئاخىر ئېگىز كۆتۈرىدۇ، تۈزۈم لايىھەسى جەھەتتە، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، خىزمەتنىڭ ئاساسىي تېمىسى جەھەتتە، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىدا باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ .تۈپ يول جەھەتتە، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ. روھىي رىشتە جەھەتتە، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىدە باش ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ. مىللىي مۇناسىۋەت جەھەتتە، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، ئىناق ئۆتۈشتە باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ .
3. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا مىللىي مەسىلىلەرنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش كېرەك. ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى:پارتىيەنىڭ ئاساسىي مىللەت نەزەريەسى، سىياسىتىدە باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشنى مىللىي خىزمەتنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسى قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ئومۇملىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداش كېرەك.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
مەنبە: «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 12- سان