باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1328 
  •    ئىنكاس 
       1 

نىكاھتىن ئاجرىشىشنىڭ سەۋەبلىرى

قەۋەت ئاتلاش
gadankax

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.295

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1166 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   33732 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3097 (قېتم)
 تۆھپە:   2804  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7095
 سائەت
دەرىجىسى:
7095 سائەت 305 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-29
ئاخــىرقىسى:2013-06-14

جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئەر-خوتۇنلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى كۆپىيىپ، جەمئىيەتكە، ئائىلىگە ۋە پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە. تۆۋەندە نىكاھتىن ئاجرىشىشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە نىكاھ دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاش توغرىسىدىكى قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.
نىكاھتىن ئاجرىشىشنىڭ سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
1. قوش نىكاھلىنىش ياكى جورىسى بار تۇرۇپ باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتۇش. تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋال قوش نىكاھلىنىش دەپ قارىلىدۇ: (1) جورىسى بار تۇرۇپ باشقىلار بىلەن توي خېتى ئالغان بولسا؛ (2) جورىسى بار تۇرۇپ باشقىلار بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولسا؛ (3) جورىسى بار تۇرۇپ باشقىلار بىلەن ئەر-خوتۇنلۇق نامىدا مۇقىم تۇرالغۇدا بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسا. بۇ ئۈچ خىل ئەھۋالدا قوش نىكاھلىنىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ ھەم جىنايى جاۋابكارلىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. جورىسى بار تۇرۇپ باشقىلار بىلەن قانۇنسىز مۇناسىۋەتتە بولۇش، داۋاملىق يېقىنچىلىق قىلىش، جىنسىي مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىش، ئاشنىسىنى بېقىش قاتارلىق نامۇۋاپىق مۇناسىۋەتلەرمۇ مەۋجۇت، يۇقىرىقى مۇناسىۋەتلەر ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، ھوقۇقى ۋە خىزمەتتىكى قولايلىقى، ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋە تور ئالاقىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان. بۇ قانۇنلۇق ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق بولۇپ، ئەگەر بىر تەرەپ مۇشۇ سەۋەب بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، سوت مەھكىمىسى ئىككى تەرەپكە خىزمەت ئىشلەپ ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە، سەۋەنلىك يوق تەرەپنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئاساسىدا ئەر-خوتۇننىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.
2.ئائىلە زۇلۇمى. ئائىلە زۇلۇمى − ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش، باغلاپ قويۇش، زەخىملەندۈرۈش، جىسمانىي ئەركىنلىكىنى مەجبۇرىي چەكلەش، جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىش ۋاسىتىسى ۋە باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتلەردە زەخىملەندۈرۈش قىلمىشى بولۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇھىم شەرتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاچچىقىدا ۋاقىتلىق يۈز بەرگەن ئۇرۇش، تىللاش قاتارلىقلار خورلاش قىلمىشى ھېسابلانمايدۇ. ئائىلە زۇلۇمى سادىر قىلغۇچىلار قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن تەرەپ زىياننى تۆلەپ بېرىش تەلىپىنى چوقۇم نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسى بىلەن بىرلىكتە قىلىشى كېرەك. خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ.
3. بىر تەرەپ قىمار ئويناش، ھاراق ئىچىش، زەھەر چېكىش قاتارلىق يامان ئادەتلەرنى يۇقتۇرۇۋېلىش ۋە قايتا - قايتا تەربىيە بەرسىمۇ قول ئۈزمەسلىك. جەمئىيەتتە بەزى ئەرلەر ھاراق ئىچىپ، قىمار ئويناپ، زەھەر چەككەندىن كېيىن خوتۇنىغا زوراۋانلىق قىلىدۇ، قايتا-قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ. بۇنداقلار ئەرلىك بۇرچىنى ئادا قىلمايدۇ، ئائىلە ئىقتىسادىنى بۇزۇپ-چاچىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەر-خوتۇننىڭ داۋاملىق بىللە ئۆتۈشى ۋە ئائىلىنى ساقلاپ قېلىشى قىيىنغا چۈشىدۇ. يۇقىرىقى سەۋەب بىلەن بىر تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغاندا، نىكاھتىن ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.
4. ئەر-خوتۇننىڭ ئاجرىشىشىغا سەۋەب بولىدىغان باشقا ئەھۋاللار: (1) ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى. ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ كاساتلىشىشى ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ. بەزى ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى تۆۋەن بولغاچقا، ئەر-خوتۇن داۋاملىق ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئامالسىز قېلىپ نىكاھتىن ئاجرىشىدۇ. يەنە بىرى ئىقتىسادىي كىرىمى ئالاھىدە يۇقىرى بولغانلار. بىر قىسىم ئەرلەر پۇلى كۆپەيگەنلىكتىن ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلىپ، ئەخلاقسىزلىق قىلىپ، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە سەل قارايدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببەت بۇزۇلۇپ، نىكاھتىن ئاجرىشىش پەيدا بولىدۇ. (2) بەزىلەر مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبىدىن ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ، پىكىر بىرلىكى بولماي، بىر-بىرىگە يول قويماسلىق سەۋەبىدىن ئاجرىشىدۇ. (3) بەزى ئاياللار ياكى ئەرلەر زىيادە گۇمانخورلۇق، كۈندەشلىك قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەر-خوتۇننىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچى سۇسلاپ، ئۆي تۇتۇشقا ئامالسىز قالىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن سىرت، نىكاھتىن ئاجرىشىشقا سەۋەب بولىدىغان يەنە نۇرغۇن ئامىللار بار. بۇنداق دېلولارنى بىر تەرەپ قىلغاندا چوقۇم پاكىتنى ئاساس قىلىپ، دەلىل-ئىسپاتقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. [t<^WmgtxL  
 
g;\zD_":l  
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى |>A1J:  

 
نوپۇس كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئادەملەر كۈنسىرى كەملەپ كېتىۋاتىدۇ.
madina
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1308

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   42 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2465 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   93 (قېتم)
 تۆھپە:   59  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 490
 سائەت
دەرىجىسى:
490 سائەت 50 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-03
ئاخــىرقىسى:2012-01-11
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-13

ناھايتى تەپسىلى چۈشەندۈرلۈپتۇ،ھەممىسى ھەقىقەتەن شۇ سەۋەپلەردىن بولىۋاتدۇ،بۇ ئىڭىمىزدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئەيىش-ئىشىرەتنىڭ،كەيىپ -ساپانىڭ،پۇل ۋە ھوقوقنىڭ سىسىق پۇراقلىرى ئىچىدە تۇنجۇقۇپ قىلىۋاتقاننىڭ سەۋەبىدىن بولىۋاتدۇ.ئاللادىن شۇنداق ئاتىلارغا(كۆپىرەك ئەرلەردە جىق كۆرىلدۇ) ئىنساپ ھىدايەت،مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاتا قىلىشنى تىلەشتىن باشقا ئامال قالمىدى.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى