باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       3455 
  •    ئىنكاس 
       15 

كۆڭۈللەر يىغلىمىسۇن (ھېكايە)

قەۋەت ئاتلاش
abdujelil
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2875

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3110 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   58 (قېتم)
 تۆھپە:   25  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 10
 سائەت
دەرىجىسى:
10 سائەت 10 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-03
ئاخــىرقىسى:2011-02-09
— بۇ يازما hapilik927 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-01-17) —

ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىگە ئەڭ تۇنۇشلۇق بولغان، ئۆزى ئەڭ ياخشى تەسۋىرلىيەلەيمەن دەپ بىلىدىغان ،بىرەر شەيئى توغۇرسىدا بىرپارچىدىن ئەدەبىي ئەسەر يېزىپ كىلىش تاپشۇرۇقىنى بەرگىنىمگە بىرەر ھەپتىدىن ئاشقان ئىدى . ئۇلار يازغان ئەسەرلەر ئارىسىدىن ياخشىلىرىنى تاللاپ ئىشلىگەندىن كىيىن ‹‹ تارىم غۇنچىلىرى ›› ژۇرنىلىغا ئىبەرتىپ بىرىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم . مەن تۇلۇقسىز 3-يىللىقلارنىڭ ، تىل-ئەدەبىيات دەرىسىنى بىرەتتىم . گەرچە بۇمەكتەپكە خىزمەتكە تەخسىم قىلىنغىنىمغا ئەمدىلا 2 ئاي بولغان بولسىمۇ ، ئوقۇغۇچىلاردىكى قىزغىنلىق مىنى بۇئىشقا قىزىقتۇرۇپ قويغان ئىدى . ئۇلارنى تۇلىمۇ ياخشى كۆرەتتىم . مەنچە بولغاندا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چۇقۇم ياخشى ئەسەرلەرنى يازالايدىغانلار چىقاتتى. ئۇلارغا ئىشىنەتتىم .ئۇلارغا چەكسىز ئۈمۈد باغلايتىم . N j:W6? A  
بۈگۈن ئۇلار يازغان ئەسەرلەر ئاساسەن يىغىلىپ بولغان ئىدى. بوش ۋاختىمدىن پايدىلىنىپ ، ئۇلاريازغان ئەسەرلەرگە بىرمۇ-بىر كۆزيۈگۈرتۈشكە باشلىدىم . s8;*Wt  
تۇيۇقسىز كۆزۈمگە ئەقىدە ئالىم ئىسىملىك ئوقۇغۇچۇمنىڭ ‹‹ ئاپامغا يېزىلغان خەت›› ناملىق ئەسىرى چېلىقىپ قالدى . ئاپئاق قەغەز ئۈستىگە خۇددى ماشىنىدا باسقاندەك رەتلىك ،ھەم چىرايلىق يېزىلغان خەتلەر ،ئەسەرنىڭ باشلىنىشى مىنى ئۈزىگە تارىتتى ... drJUfsxV  
  1-.(pA'  
بۇ ئەسىرىمنى ،ھېكايە ، ياكى بايان ماقالىسى دىسەممۇ بۇلىدۇ .چۈنكى مۇئەللىم بىزگە ئەسەرنىڭ ژانىرىنى بەلگىلەپ بەرمىدى. قايسى ژانىردا يېزىشنى خالىساڭلار شۇژانىردا يېزىڭلار دېدى . بەلكىم بۇ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بىرھېكايە ، ياكى بىر ماقالە بۇلىشى مۇمكىن ... ئەمما بۇئەسەرمىنىڭ نەزىرىمدە ئاپامغان ئېيتىلغان كۆڭۈل سۆزلۈرۈم ، ئۇنىڭغا بولغان ئاچچىق نىدايىم ، ئۇنىڭغابولغان ئۇنىڭدىن تىلەيدىغان چەكسىز ئۈمۈدۈم ... \"9ysePI  
ئاپا ياخشىمۇ سىز ؟! قىزىڭىزنىڭ ئۇزۇندىن بىرى سىزگە دىيەلمىگەن نۇرغۇن يۈرەك سۆزلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلگەنمىدىڭىز ؟! بەلكىم بىلگەنسىز، ياكى بىلسىڭىزمۇ بىلمەسكە سالغانسىز، چۈنكى ھازىر سىزگە مىنىڭ كەيپىياتىم مۇھىم ئەمەس ،بەلكىم بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ھەپسىلىڭىز يوقتۇ ... ئەمما مىنى سۆيىدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن .لىكىن سىز ئۆزىڭىز سۆيىدىغان ئادەمدىن يەنى دادامدىن ئاجىرشىپ كەتكەندىن بىرى ،سىزنى بەك،بەك،بەك ياخشى كۆرىدىغان قىزىڭىزنىڭمۇ بارلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقاردىڭىز .  v!#koqd1y.  
ئاپا،سىزنىڭ روھى ھالىتىڭىزنى ،ئازابىڭىزنى ،ئاچچىق تۇرمۇشىمىز قوينىدىكى سىقىلىشىڭىزنى چۈشىنىمەن . مەنمۇ كىچىك قىز ئەمەس ،بۇيىل 14ياشقا كىردىم . rxOv YF  
لىكىن سىزنىڭ نىمىشقا بۇنچە قىلىدىغانلىقىڭىزنى، نىمىشقا دادام ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى +A1xqOB  
بۇنچە w$aejz`[  
تاشلىۋېتىشىڭىزنى چۈشەنمىدىم.بەلكىم بۇتەرىپىنى ئېنىق بىلمەيدىغاندىمەن .لىكىن سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ ئۇ بىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن بولسا ئىللىق ئۆيىدە گۈھەردەك ئايالى ، مەندەك ئوماق قىزى تۇرغان يەردە كوچىدىكى بىر ئايالغا بىزنىڭ بەختىمىزنى ، چىرايىمىزدىكى شات كۈلكىمىزنى، مېھرى-مۇھەببەتكە تولغان ئىللىق ئائىلىمىزنى ئىككىلەنمەي تىگىشۋىتەرمىدى ؟! 1cV0TUrz  
يەنە بىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ ،ياش تۆكۈشمىزنىڭ ھاجىتى بارمۇ ؟   G1:"Gxja  
جېنىم ئاپا سىز دادامدىن شۇ ئىش توغۇرلۇق ئاجىرشىپ كەتكەندە، مىنى يىغلىمىدى ،كۆڭلى يېرىم بولمىدى دەمسىز ؟ ئاپا بىلسىڭىز مىنىڭمۇ شۇدەقىقىلەردە سىزگە ئوخشاشلا كۆزلۈرۈملا ئەمەس ،يۈرۈكۈممۇ يىغلىغان . تەغدىرگە نىمە ئامال بەزىلەر قۇلىدىكى بەخىتنىڭ نىمىلىكىنى ھېس قىلماي ،باشقا يەرلەردىن بەخىت ئىزدەپ يۈرىدىكەن داداممۇ شۇلارنىڭ تىپى ئىكەن . ئۇ ھېچنىمىگە قارىماي ،مېنى يىتىم ،سىزنى تۇل قىلغان يۈرەكلىرىمىزنى پارە-پارە قىلغان ئادەم .  VP^{-mDph  
بىلىمەن سىز دادام بىلەن 16 يىل بىللە ياشاپ ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالغان ، ئۇسىزنىڭ ياخشى كۆرۈپ تەككەن ئېرىڭىز . سىزگە بۇنچە ۋاپاسىزلىق قىلىشىنى سىز كۆتىرەلمىدىڭىز ، بۇنى ئەقلىڭىزگە سىغدۇرالمىدىڭىز ،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇكۈنلەردە ھاراقكەش بۇلۇپ كەتتىڭىز ... تېخى ئۆيىمىزدىكى بۇرۇن دادام ئىشلەتكەن خىرۇستال كۈلدانغا پات-پات تاماكا قالدۇقى پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ ، گاھىدا ئەخلەت تۇڭىدىن سىزنىڭ قەغەزگە يېزىپ پۇرلاپ –پۇرلاپ تاشلىۋەتكەن خەتلىرىڭىزنى ئۇچۇرتۇپ قالىمەن . خەتنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن ‹‹ ئالىم قانداق قىلسام سېنى ئۇنتۇيمەن ،ئۇنتۇپ كېتىمەن ! قىزىم بىلەن ھېچنىمىنى ئويلىماي ، خوشال ياشايمەن . ئۇئايال، ئۇ...ئالۋاستى سېنى بىزدەك ياخشى كۆرەمدۇ ؟ دۆت ئېرىم ... مۇئاشىم قىزىم بىلەن ئىككىمىزگە ئازادا يىتىدۇ .لىكىن سىنى ئۇنتۇپ كەتسەم بۇلاتتى ...سەن ۋىجدانسىزنى نىمىشقا يەنە ئەسلەيدىغاندىمەن ؟ ›› دىگەندەك ئىدى . j|VX6U  
سىزنىڭ بۇنداق خەتلىرىڭىزنى كۆرسەم كۆڭلۈم ،كۈلداندا تاماكا قالدۇقىنى كۆرگەندەك ،سىزنىڭ ھاراق پۇراپ ،ئۆيگە دەلدەڭشىپ كىرگەن ھالىتڭىزنى كۆرگەندەكلا بەكلا يېرىم بۇلاتتى ئاپا ... @DlN;r ?Cv  
سىز گاھىدا ماڭا كۆرسىتىپ گاھىدا كۆرسەتمەي يىغلىغاندەك، مەنمۇ سىزگە ئوخشاش يىغلايمەن ھەم ھېلىھەممۇ يىغلاۋاتىمەن . گاھىدا ئىللىق ئائىلىمىزنىڭ ۋەيران بۇلۇپ كەتكىنىگە يىغلىسام، گاھىدا تىرىك يىتىم بولغۇنۇمغا ،سىزنىڭ تۇل ئايال بۇلۇپ قالغانلىقىڭىزغا ، بۇئىللىق ئائىلىمىزگە تۆككەن ئىللىق مېھرىڭىزنىڭ خازان بولغىنىغا يىغلايمەن . دادامدىن نەپرەتلىنىپ يىغلايمەن . ئازاپلىرىم كۆپ، ياشلىرىم ئۇنىڭدىن كۆپ جېنىم ئاپا...لىكىن مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمىسام ، ساۋاغداشلىرىم ئارىسىدا ئائىلەمدەھىچ ئىش بولمىغاندەك مەغرۇر يۈرمىسەم بولمايدۇ . مەن ئۆزەمنىڭ روھىنى سۇندۇرۇشنى خالىمايمەن . بۇنداقلا بۇلىدىكەن مىنىڭ ئۆزەمنى تېپىۋېلىشىم تەسكە توختايدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پۈتۈن زىھنىمنى ئۆگۈنۈشكە قارىتىپ ،ھېچنىمىنى ئويلىماي مەغرۇر ياشاۋاتىمەن . بۇ پۈتۈنلەي ئۆزەم ئۈچۈن ،سىز ئۈچۈن ئاپا . ئىككىمىز بۇ ئازاپلىق تۇرمۇش قوينىدىن شۇڭغۇپ چىقىشىمىز كېرەك . بۇنى قىلماق ئاسان ئەمەس ،بىراق ئىككىمىز تەڭلا تىرىشساق بۇكۆڭۈلسىزلىكلەرنى روھىمىزنى قامال قىلغان ئازاپلارنى ئۇنتۇشقا ئىشەنچىم كامىل. شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇن بىز بىر- بىرىمىزگە مەڭگۈ روھىي تۈۋرۈك . 0+k=gO  
ئەسلى بۇگەپلەرنى سىزگە روبىرو تۇرۇپ دىمەكچى ئىدىم .ئەپسۇس بۇگەپلىرىمنى ئاڭلىغۇدەك ۋاختىڭىز بولمىدى . كەچلىرى ھاراق ئىچىپ كىرىسىز نىمىلەرنىدۇر دەپ زورلاپ يۈرۈپ يىگۈزگەن تامىقىمنى يەپ بۇلۇپلا ئۈزىڭىزنى تاشلاپ ئۇخلايسىز ... مەن سىزگە قاراپ ئۈنسىز ياش تۆكىمەن ... تاڭ ئاتقاندا چاچلىرىڭىزنى چالا- پۇلا تاراپ ئىشقا ئالدىراپ ماڭىسىز ...چۈشتە ئۆيگە كەلمەيمەن ،بىز پەقەت كەچتىلا ئاشۇ غېرىپ ئۆيىمىزدە كۆرىشىمىز ...ئاھ نىمانداق ئازاپلىق تۇيغۇلار بۇ ... ! 8<"lEL|  
ئاپا ، ئەمدى مىنىڭ تاقىتىم قالمىدى. سىزنىڭ بۇنداق يۈرىۋېرىشىڭىزگە چىدىمىدىم . سىز دەرھال ئەسلىڭىزگە قايىتمىسڭىز ئۈزىڭىزنى ،شۇنداقلا مېنىمۇ تۈگەشتۈرۋېتىسىز ... bLO^5`6  
سىز ئالدىرماي ئويلىنىپ بېقىڭ ، سىز بۇرۇن ھاراق ئىچىدىغان ،تاماكا چىكىدىغان ئايال مىدىڭىز ... سىز مىنىڭلا ئاپام ئەمەس، بەلكى ئەتراپىڭىزدىكى سىزنى ئاپا دەپ بىلىدىغان بارلىق بالىلارنىڭ ئاپىسى ئەمەسمۇ ؟! .8XkB<[wb  
ئەگەر ھاراق ، تاماكىنىڭ قۇلىدىن كىشىلەر قەلبىدىكى ئازاپ- ھەسرەتلەرنى يۇيۇش كىلىدىغان بولسا بۇ جاھاندا ئازاپ مەۋجۇت بۇلامتى؟ ئويغىنىڭ ئاپا ... 72dd%  
سىز جۈملىدىن پۈتۈن مىللەتنىڭ ئانىسى ،سىز ئاشۇ ئىشلارئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ھاراق،تاماكىغا يەم قىلىپ قىزىڭىز ئالدىدىكى ئوبرازىڭىزنى ، مىللەت ئالدىدىكى ئۇلۇغ نامىڭىزنى بۇلغىسىڭىز بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بۇلامدۇ ؟ سىز دىن ئۆتىنەي ئاپا قىزىڭىزنىڭ خېتىنى كۆرگەندىن كىيىن ئەسلىڭىزگە قايتىپ كېلىڭ . سىز ھېلىمۇ كېچىكمىدىڭىز .قىزىڭىز سىزنىڭ بۇرۇنقىدەك مەكتەپتىن قايتىپ كەلسە ئالدىغا پىشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ چىقىدىغان ھالىتىڭىزنى كۆرۈشنى خالايدۇ . سىز بۇلارنى چۇقۇم قىلالايسىز ، سىز دادامنىڭ مۇھەببىتىدىن ئايرىلغان بىلەن يېنىڭىزدا يەنە بىر ئوتلۇق مۇھەببەت بار ...سىز غەپلەت ئىچىدىن ئويغۇنۇڭ بىز ئىككىمىز .ئۆيىمىزنى مۇھەببەت بىلەن تولدۇرۇپ ،ئاشۇ مۇھەببىتىمىز بىلەن دادامنى كۈتەيلى !!... ئۇ،كۈنلەرنىڭ بىركۈنى قايتىپ كېلىپ قالسا بىزنىڭ ئۆزگەرمىگەن مۇھەببەتلىك قەلىپلىرىمىزدىن تەسىرلىنىپ ئۆزىنىڭ ئازغۇنلىقىغان ئۆكۈنسۇن ...بىز بىللە بۇئىللىق ئائىلىمىزنى قايتىدىن قۇرايلى . Hqb-)8 ~  
سىزنى مەڭگۈ سۆيىدىغان ئوماق قىزىڭىز : ;JX2ebx  
ئەقىدە Pk^V6-  
12-نويابىر QPW+L*2  
ئەقىدەنىڭ خېتىنى ئوقۇپ بۇلىشىمغا كۆزلۈرۈمدىن ئاققان ئىككى تامچە ياش قەغەز يۈزىگە سىرغىپ چۈشتى . بۇ بىر ناتىۋان يۈرەكنىڭ ئاپىسىدىن كۈتكەن سەمىمىي تىلەكلىرى ، ئۇنىڭغا بولغان چىن مۇھەببىتى ئىدى . ! ;R}=  
ئەقىدەنىڭ بۇخېتى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئىدى . مىنىڭچە بۇنى ئۇنىڭ ئاپىسى كۆرسە تەسىرلەنمەي تۇرالمايىتتى . مەندە تۇرۇپ ئۇنىڭ ئاپىسى بىلەن كۆرۈشۈپ قىزىنىڭ خېتىنى كۆرسىتىپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى . كۆپ ئىككىلىنىش ئارقىلىق بىر خىزمەتدېشىم ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئاپىسى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە مۇشەررەپ بولدۇم . c/,B?  
بىز بىر قەھۋە خانىغا كىردۇق . مېنىڭ ئۈزى تۇلىمۇ كىلىشكەن ئەمما كۆزلىرىدىن مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بۇ ئايالنىڭ ،بۇ مىسكىن تۇرقىنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولدى . Yz>8 Nn'_  
ۋە بىردەم ئەقىدەنىڭ ئۆگىنىشى توغۇرسىدا پاراڭلاشقاندىن كىيىن يېنىمدىن ئەقىدەنىڭ خېتىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا ئۇزاتتىم – قىزىڭىزنى سىزگە يازغان خېتى ،سەمىمىي تىلەكلىرى ... Fb^,%K:  
ئۇ قۇلۇمدىن خەتنى تىزلا ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى . مەن تاكى ئۇخەتنى ئوقۇپ بولغۇچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي سۈكۈتتە تۇردۇم . ئۇ خەتنى يۈزىگە يېقىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى – ئاھ...قىزىم، بىچچارە قىزىم ، ئاپاڭغا بۇنچە كۆپ سۆزلۈرۈڭنىڭ بارلىقىنى بىلمەپتىمەن . سېنىڭ يوقاتقان نىشامنى تېپىشتا بۇنچە چوڭ رول ئوينىشىڭنى ئويلىماپتىمەن ، سېنى كىچىك كۆرۈپتىمەن . مېنىڭ ئەقىللىق قىزىم سەن...سەن كىچىك ئەمەسكەنسەن .ماقۇل مەن ئۆزەمنى تاپاي ،سېنىڭ دىگىنىڭدەك قىلاي ئوماق قىزىم مېنى كەچۈر!... ئاپاڭ سېنىڭ خېتىڭنى كۆرۈپ ئويغاندى ...  |qb-iXW=  
ئەقىدەنىڭ ئاپىسىنىڭ يىغىسىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا نېمەدەپ تەسەللى بىرىشنى بىلەلمەي قالدىم .چۈنكى مەنمۇ بۇدىلى سۇنۇق ئانىنىڭ ئالدىدا ئۆزەمنى تۇتالمىغان ئىدىم . ?aU-Y_pMe  
ئۇ ماڭا قىزىنىڭ خېتىنى يەتكۈزگىنىم ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىپ قەھۋەخانىدىن چىقىپ كەتتى . مەن نىمىشقىدۇر خىيالغا پاتقىنىمچە ئولتۇرۇپ قالدىم . V.w!]{xm  
ئارىدىن 10كۈن ئۆتۈپ كەتتى .بۈگۈن دەرىستىن چۈشۈپ ئەقىدە نى چوڭ مەيداندا ئۇچۇرتۇپ قالدىم . ئۇمېنى چاقىرغاندا يۈرۈكۈم ئىختىيارسىز جىغغىدە قىلىپ قالدى . چۈنكى مەن نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۆزەمنى بۇئىشنى خاتا قىلغاندەك بىر ھىسيات ئىلكىدە سىزىپ يۈرەتتىم . +P=I4-?eX  
-مۇئەللىم – دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ – ئاپامغان خېتىمنى يەتكۈزىشىڭىزنى ئويلىماپتىكەنمەن . سىزگە كۆپ تەشەككۈر ئاپام بىلەن ئۇ توغۇرلۇق سەمىمىي پاراڭلاشتۇق . ئۇ ھازىر ھەممىنى توغرا قۇبۇل قىلدى . مەن بۇرۇنقى ئاپامنى تېپىۋالدىم . خاتالاشمىسام بۇنى ئۈچىمىزدىن بىلەك ھېچكىم ئۇخمايدىغۇ-ھە !؟ K}Lu1:~  
-شۇنداق ... 27UnH: =  
-ئاپام سىزنى ئۆيىمىزگە تەكلىپ قىلدى . كەچتە كەچلىك تاماقنى بىللە يىسەك بۇلامدۇ؟ 0y=lf+xA*  
- ئەلۋەتتە ... 8&v%>wxR@  
- پاھ...ئەجەپ ياخشى ... k; vhQ=  
ئەقىدە مىنى كەچتە مەكتەپ ئالدىدا ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ يۈرۈپ كەتتى . qZX\riR  
تاماق تۇلىمۇ كۆڭۈللۇك يىيىلدى . ئەقىدەنىڭ ئاپىسىنىڭ ئەتكەن تاماقلىرى، قورىغان قورىمىلىرى تۇلىمۇ ئوخشىغان ئىدى. گەرچە بۇمېنىڭ ئوقۇغۇچىمنىڭ ئۆيىدە تۇنجى قېتىم تاماق يېيىشىم بولغاچقا سەل قورۇنغان بولساممۇ ، ئەمما ئەقىدەنىڭ ئاپىسىنىڭ چىرايىدىكى ئىللىق بىر مېھىرنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم تاتلىق بىر تۇيغۇغا چۆمدى. LS4E.Xdn  
قايتىدىغان ۋاختىمدا ئەقىدە ئاپىسى بىلەن مېنى ئۇزۇتۇپ قويغىلى چىققاچ دېدى- مۇئەللىم ئۇ خېتىمنى بىر ھېكايە قىلىپ ،مەتبۇئاتقا ئەۋەتسەم بۇلامدۇ ؟  +'9eo%3O  
- ئەلۋەتتە بۇلىدۇ، مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ تۇرغان بۇخەت تۇلىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ مېنىڭچە بۇ بىر ياخشى ئەسەر بۇلۇپ ئېلان قىلىنىدۇ ... @%[VegT  
- رەھمەت مۇئەللىم ،بەلكىم بۇ نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئاپىسىغان دەيدىغان كۆڭۈل سۆزلىرىدۇ ، مەن سىزدەك ئوقۇتقۇچۇمنىڭ بولغىنىدىن تۇلىمۇ خۇشال . W. p'T}2  
- مەنمۇ سىزدەك ئەقىللىق ئوقۇغۇچۇمنىڭ بولغىنىدىن خۇشال ... (J`EC  
ئۇلار بىلەن خوشلۇشۇپ كېتىۋېتىپ ئۆز- ئۆزەمگە ئاستا شىۋىرلىدىم – ئوغۇل بالىدەك ئىش قىلىپسەن باھادىر ...   cy#N(S[ 1  
ئۇزۇن ئۆتمەي ئەقىدەنىڭ ئۇ خېتى‹‹ئاپامغا يېزىلغان خەت››ناملىق ماۋزۇ ئاستىدا ھېكايە قىلىنىپ ، مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىندى، ۋەبەلگىلىك تەسىر قوزغاپ مۇكاپاتقىمۇ ئېرىشتى ،بۇ ئەقىللىق قىزنىڭ يەنە بىرقانچە پارچە ئەسەرلىرى كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىپ ،ئۇمەكتىپىمىزنىڭ كىچىك يازغۇچىسى بۇلۇپ قالدى . |1Pi`^  
* * * $|}PL[aA#  
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى . ئەقىدە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ باشقا مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى . بىركۈنى ئۇ ئاپىسى بىلەن مېنى مەكتەپكە ئىزدەپ كەپتۇ . ئۇنى كۆرۈپ تۇلىمۇ خۇشال بولدۇم – كىچىك يازغۇچى ئەھۋال قانداقراق ؟ مەتبۇئاتتىكى ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن . بىر-بىرىدىن ياخشى چىقىۋاتىدۇ . تىرىشىڭ مۇشۇنداقلا ماڭسىڭىز نەچچە يىلغا قالماي توپلام چىقىرىسىز ... XB\n4 |4  
- رەھمەت مۇئەللىم بۇمۇ سىزنىڭ تۆپىڭىز ... y`-5/4  
- ئۇنداقمۇ ئەمەس، بۇھەممىسى سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز .بۇشاشماي تىرىشىڭ جۇمۇ...   1<3!   
- رەھمەت چۇقۇم تىرىشمەن مۇئەللىم . بۈگۈن سىزگە چوڭ خۇشاللىقتىن بىرنى ئېيىتقىلى ئاپام بىلەن بىللە كىلىشىمىز قانداق بىلىشنى خالامسىز- يا؟ > 1IVR4:a  
- ئەلۋەتتە ، قانداق خۇشاللىقتى ئۇ ... :  g=x1}nm  
- يۈرۈڭ ئەمىسە بارغاندا بىلىسىز ... \x+"1  
بىرخىل گاڭگىراش ئىچىدە ئۇلارغا ئەگەشتىم . بىز كىچىك ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ياسىداق بېزەلگەن شەھىرىمىزدىكى داڭلىق تىز تاماقخانىغا كەلدۇق . ئۇلار مىنى بىر ئايرىم خانىگە باشلىدى .كىرىشىمگىلا قاشلىرى قاپقارا ،بۇغداي ئۆڭ سالاپەتلىك ،بىر ئەركىشى كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا قۇلىنى ئۇزاتتى . مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن كۆرۈشتۈم . ئەقىدە ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ – مۇئەللىم قاراڭ دادام قايتىپ كەلدى –دېدى . %& b70]S(  
بۇگەپنى ئاڭلاپ ئىتتىك ئۇنىڭ ئاپىسىغا قارىدىم ،ئۇ ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ – شۇنداق ئۇ قايتىپ كەلدى ،ئەمدى بىزنى تاشلاپ كەتمەيدىغان بولدى -دىدى . M[,G#GO  
بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ يۈرۈكۈمگە ئىللىق بىرتۇيغۇ يامرىدۇ . دۇنيادا ئىللىق بىرئائىلىنىڭ جەم بۇلىشىدىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق بارمۇ ...   #[ch?K  
مەن چىن كۆڭلۈمدىن ئۇلارنى تەبرىكلىدىم ۋە بۇ ئائىلىگە بەخىت تىلىدىم . ئەقىدەنىڭ دادىسى قۇلۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ – رەھمەت مۇئەللىم ،قىزىم بىلەن ئاپىسىنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى بىلەن، مەن ئازغۇن ئۆزەمنى تېپىپ بولغۇچە ئائىلىمىزنى ساقلاپ تۇرىشىغا سەۋەپچى بۇلۇپسىز ... بىز ئەمدى ئىللىق ئائىلىمىزنى تېپىۋالدۇق .ئەمدى ئۇنى مەڭگۈ قەدىرلەيمىز- دېدى. مەن خۇشاللىقىمدا نېمەدىيىشنى بىلەلمىدىم . تاماق تۇلىمۇ كۆڭۈللۈك يىيىلدى . xl;0&/7e  
كېچىدىن پۈتۈن كائىنات قىپقىزىل ئەتىرگۈل بىلەن تۇلۇپ كېتىپ چۈش كۆرۈپتىكەنمەن .ئەسلى ئەقىدەنىڭ ئائىلىسىنىڭ پۈتۈن بولغىنىنى كۆرۈپتىكەنمەندە. ئاخىردا يالغۇز ئەقىدەنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيادىكى پارچىلانغان ئائىلىلەرنىڭ جەم بۇلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن . بالىلار ،ئانىلار، مۇھەببەتكە تولغان كۆڭۈللەر يىغلىمىسۇن !! بۇ سىزنىڭ ،مېنىڭ، شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسى ...
HrS  
Jl(G4h V'\  
W05>\Rl  
ئاپتورى: ئابدۇجېلىل جاپپار (ھىجران) vQIN#;m4  
2OQDG7#Kc  
(مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائاليىتىگە) J{bNx8.&  
FkJX)  

 
kurban.qaydu
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1193

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   403 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   141215 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   856 (قېتم)
 تۆھپە:   749  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 446
 سائەت
دەرىجىسى:
446 سائەت 94 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-28
ئاخــىرقىسى:2012-09-20
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-03

نىمە دىگەن تەسىرلىك،ھېسياتىڭىزنى ئوبدان ئىپادىلەپسىز.
 
sansiz0903

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.238

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4349 

 نادىرلانغان تېمىسى:   16 

 مۇنبەر پۇلى:   70724 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   7831 (قېتم)
 تۆھپە:   7691  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11153
 سائەت
دەرىجىسى:
11153 سائەت 117 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-24
ئاخــىرقىسى:2013-01-24
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-03

مۇكاپاتقا ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن...  قەلىمىڭىز ھارمىغاي!
 
bayawan

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2529 

 نادىرلانغان تېمىسى:   12 

 مۇنبەر پۇلى:   62923 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   5815 (قېتم)
 تۆھپە:   5588  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 16934
 سائەت
دەرىجىسى:
16934 سائەت 166 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2013-01-23
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-03

ھىجران بۇرادەرنىڭ قەدەملىرىگە كۆز تەگمىسۇن ، ئېسىل يازمىلارنى كۆرۈپ تۇرىدىكەنمىز ئەمدى ؛
ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
yultuz~
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.760

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1554 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21532 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1737 (قېتم)
 تۆھپە:   1693  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 10074
 سائەت
دەرىجىسى:
10074 سائەت 266 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-09
ئاخــىرقىسى:2012-11-23
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-03

     ئەسسالام ،ھىجران! R$@.{d&:w  
     ياشلىرىم يۈزلىرىمنى سىلىغان ھالدا ئوقۇپ بولدۇم،خېلى ئۇزۇندا ئېسىمگە كېلىمەن-دە،ئەمدى!
gadankax

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.295

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1160 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   33171 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3039 (قېتم)
 تۆھپە:   2748  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7072
 سائەت
دەرىجىسى:
7072 سائەت 328 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-29
ئاخــىرقىسى:2013-01-19
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-04


نوپۇس كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئادەملەر كۈنسىرى كەملەپ كېتىۋاتىدۇ.
urukjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1336

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   193 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4013 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   217 (قېتم)
 تۆھپە:   167  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 97
 سائەت
دەرىجىسى:
97 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-04
ئاخــىرقىسى:2011-12-07
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-04

bak tasirlikkan..... />^`*e_  
rahmat agina...
ئېشەككە مۈڭگۈز چىققان كۈنى مەنمۇ زۇڭتۇڭ بولىمەن
yultuz~
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.760

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1554 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21532 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1737 (قېتم)
 تۆھپە:   1693  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 10074
 سائەت
دەرىجىسى:
10074 سائەت 266 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-09
ئاخــىرقىسى:2012-11-23
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-04

   ئارىلاپ بۇ تىمىنى يوقلاپ ئۆتتۈم يانا! 6_9:Eb=^v!  
  ئۆرۈكباي ئېنگىلىسچە تەسىرلىنىپسىز-ھە!
gadankax

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.295

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1160 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   33171 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3039 (قېتم)
 تۆھپە:   2748  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7072
 سائەت
دەرىجىسى:
7072 سائەت 328 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-29
ئاخــىرقىسى:2013-01-19
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-06

غەش كۆڭۈلنى ئىچىپ، بۇ رەسىمنى قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ بېقىڭ. http://shou-biznes.uz/index.php?name=puzzle&op=game&id=Rayhon135.jpg
نوپۇس كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئادەملەر كۈنسىرى كەملەپ كېتىۋاتىدۇ.
xahadat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2941

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   46 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1520 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   97 (قېتم)
 تۆھپە:   67  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 17
 سائەت
دەرىجىسى:
17 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-05
ئاخــىرقىسى:2011-07-27
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-01-17

ھەقىقەتەن ئىسل ئەسەر ئىكەن ياخشى يىزىلىپتۇ !!!
ھايات- ھەر ۋاقىت يۇشۇرۇن خىرىسلارغا تەييار تۇرۇشتۇر!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى