پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىراي- شەكلىنىڭ گۈزەللىكى ، بەدەن قۇرۇلۇشى ۋە ئەزالىرىنىڭ راۋرۇسلۇغى ھەققىدىكى رىۋايەتلەردە مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: @8 c@H#H
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رەڭگى ئاق، نۇرانە ، كۆزلىرى چوڭ ، قارچۇقلىرى قاپقارا ، ئېقى قىزغۇچراق ، كىرپىكلىرى قويۇق، قاشلىرى ئۇزۇن، ئىنچىكە ؛ بۇرنى ئۇزۇنچاقراق ۋە قاڭشالىقراق، ئۇچى سەل ئىگىلگەن ؛ چىشى ئاق ۋە ئاراشراق ؛ كەڭ پىشانىلىك ، يۇمۇلاق يۈزلۈك ، قويۇق ساقاللىق ، كەڭ كۆكرەكلىك ، غوللۇق، ئۇستىخانلىق ، بىلەكلىرى ئۇزۇن ، پۇت- قوللىرىنىڭ ئالقانلىرى كەڭ ؛ئوتتۇرا بوي ، بەدىنى چىڭ ۋە تۈكلۈكرەك ئىدى. مەيدىسىدە تۆۋەنگە سوزۇلغان يۇمران تۈكلەر بار ئىدى ؛ كۈلسە چىشلىرى چاقماقتەك ۋە مۆلدۈردەك چاقناپ كىتەتتى ؛ سۆزلىسە چىشلىرىنىڭ ئارىسىدىن نۇر چىقىۋاتقاندەك بىلىنەتتى ؛ بوينى كىلىشكەن ئىدى . )PR`irw
بەرا ئىبنى ئازىب: قارا چىچى قۇلىقىنى يىپىپ تۇرغان ، قىزىل تونلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن چىرايلىقراق ئادەمنى كۆرگىنىم يوق ، دىگەن . uLv
ئەبۇ ھۈرەيرە : رەسۇلۇللاھدىن چىرايلىقراق ئادەمنى كۆرگىنىم يوق ، قۇياش گويا ئۇنىڭ يۈزىدە ئاققاندەك بىلىنەتتى ، كۈلگەن چىغىدا يۈزىنىڭ شولىسى تاملارغا چۈشۈپ تۇراتتى ، دىگەن . ئەبۇھالەنىڭ ھەدىسىدە : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزى ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئايدەك نۇرلىنىپ تۇراتتى ، دىيىلگەن . ئەلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئاخىرقى سۈپەتلىشىدە : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەسلەپ قارىغان ئادەمگە سۈرلۈك كۆرۈنەتتى ، ئۇنىڭ بىلەن ئارلىشىپ تونۇشقاندىن كىيىن سۆيۈملۈك تۇيۇلاتتى دىگەن. ئەلى يەنە سۈپەتلەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك ئادەمنى بۇرۇنمۇ ۋە كىيىنمۇ كۆرمىدىم، دىگەن . ,MHK|8!
s-6$C
xTG5VBv
مەنبە: "مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى " دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى