ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 2871 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : قىز قەلبى  ( ھىكايە )  _ يانغىن
ئەزىز ئىمىر يانغىن
دەرىجە: ئالىي ئەزا
UIDنومۇر: 1496
نادىر تېما: 2
يازما: 15
ئۇنۋان:يېڭى ئەز ھازىرغىچە15دانە
شۆھرىتى: 74 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 2230 يۈەن
تۆھپە: 35 قېتم
ياخشى باھا: 21 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 217(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:6دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:217 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:53 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:325 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:124 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-09-13
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-04-03
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2010-12-01 10:09

0
تېما:قىز قەلبى  ( ھىكايە )  _ يانغىن
يوللىغۇچى:yanghin | يوللىغان ۋاقىت :2010-12-01 10:09 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:2871

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ يازما sansiz0903 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-12-01)
[]1C$.5DD  
!M1"b;  
8wFJ4v3  
ul>3B4  
N<VJ(20y  
قىز قەلبى
=X:Y,?  
dkTX  
>KhOz[Zg  
e6$WQd`O  
ھىكايە ;[OH(!  
'7 @zGk##(  
$uVHSH5l  
ئەزىز ئىمىر يانغىن
( ^Nz9{  
V {ddr:]4  
Fywv  
سىرتتا قار لەپىلدەپ ياغماقتا . ۋۇجۇدۇم ئازاب ئىچىدە تولغانماقتا. پۈتكۈل كائىنات شىرىن ئۇيقۇدا ، پەقەت مەنلا خىياللارغا بەند بۇلۇپ ئۇخلىيالمىدىم . ئادەم ھاياتىدا بەزى ئىشلارغا توۋا دەپمۇ ئۈلگۈرەلمەيدىكەن .بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ھېچقانداق بىر يىگىت ماڭا كۈيۈپ باقماپتۇ ، ھېچكىم مېنىڭ ئۈچۈن ئازابلىنىپمۇ باقماپتۇ .قانداقسىگە ئۆزۈمدىن ئون ئالتە ياش بىرسىنى شۇ قەدەر ياخشى كۈرۈپ قالغاندىمەن ؟ بۇنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن .بۇ يىشىلمەس بىر سىر . قىسقىسى ،ئۆزۈممۇ شور پىشانە ، سىرلىق بىر قىز . SoSb+\* @h  
مەن تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرگەندە ئانام تۈگەپ كەتكەن بۇلۇپ دادام كىيىن ھازىرقى ئانام بىلەن توي قىلغان ئىكەن . بەش يېشىمدىن باشلاپ ئۆينىڭ چاكىرىغا ئايلاندىم . قانداقلا بولمىسۇن ئالتە يېشىمدا مەكتەپكە كىردىم .مەن مەكتەپتىلا ئەركىن ئىدىم، دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن جەزمەن ئۆيگە بېرىشىم كىرەك ئىدى ، چۈنكى ئۆگەي ئانام تۇلىمۇ رەھىمسىز ، زالىم ئايال ئىدى . ئۆي سۈپۈرۈش ئۈچۈن قۇلۇمغا سۈپۈرگىنى ئالسام : ‹‹ جۇۋاينىمەك ، ماڭ ئاۋۋال مەشنىڭ كۈلىنى ئال ! ›› دەيتتى . سەي توغراۋاتقان چېغىمدا بولسا :‹‹ ھەي ، مەرەز، جالاپ ...دەزمالغا چوغ سېلىپ قىزىت ...!›› دەپ ۋارقىرايتتى . تىل -ئاھانەت ، دەككە-دەشنام تۈپەيلىدىن خۇدۇمنى يوقىتىپ ، قايسى ئىشنى بالدۇر ، قايسى ئىشنى كىيىن قىلىشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ يۈرەتتىم . ياز كۈنلىرى ،ساۋاقداشلىرىم سايە -سالقىنلاردا خاتىرجەم ئولتۇرۇپ دەرس تەكرارلىسا ، تاپشۇرۇق ئىشلىسە ،دەريا بۇيىغا توپلىشىپ سۇغا چۈمۈلۈشسە ياكى بولمىسا كوچا بويلاپ چۇقان سېلىپ يۈگرەشسە ، مەن ئۆيدە ئۇششاق -چۈششەك ، ئايىغى چىقماس ئىشلارغا بەند ئىدىم . 1\2no{Vh  
مەن تۇغۇلۇشىمدىنلا سىمىز بولغاچقىمىكىن ،پات -پات دوستلىرىم مېنى گەپكە سېلىپ قوياتتى . تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ھاياتتىمۇ ئوخشاشلا بۇرۇنقىدەك داۋاملىشىۋەردى . ئائىلە ماڭا ھېچقانداق خۇشاللىق بەخش ئەتمىدى . ماڭا شۇ نەرسە مەلۇمكى دادامنىڭ ،ئانامنىڭ مېنى بالا ئورنىدا كۈرۈپ بىرەر قېتىم ئەركىلەتكىنىنى ، بېشىمنى سىلىغىنىنى، خۇشخۇي كۈلۈپ مۇئامىلە قىلغىنىنى ئەسلىيەلمەيمەن. كىشىلەر پەرزەنتلىرىنى چوڭقۇر مىھرى -مۇھەببەت بىلەن ئەركىلىتىدۇ، سۆيىدۇ ، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن تىرىشىدۇ . بالىنىڭ كۆزلىرىدە تاسادىپىي پەيدا بولغان ياش ئۇلارنىڭ قايغۇسىنى كۈچەيتىدۇ . بالا ئازغىنا قىزىپ قالسا ئانا بىچارىنىڭ باغرى پۇچۇلىنىپ كىتىدۇ ، تۇغماس ئاتا -ئانىلارمۇ بېقىۋالغان بالىلىرىنى جاندىن ئەزىز كۆرىشىدۇ -غۇ ؟ بىراق مىنىڭ ھاياتىمدا بۇنداق ئىش ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. مەن ئاتا -ئانا مىھرىدىن مەھرۇم ئىدىم ، دادام بولسا تەرى سوغ ، زەھەردەك ئاچچىقى بار ، مىجەزى چۇس ،ئۇرۇشقاق ئادەم ئىدى ،لىكىن ئۇ تاپىنىغىچە ئەشمە چاچ سېلىپ ، قۇشۇمىسىدىن چىكىسىغىچە دەمدەك ئوسما قۇيۇپ ، كۆزلىرىگە سۈرمە تارتىپ ، گىرىم دىگەننى ئۇن زاۋۇتىدىن چىققاندەك قىلىدىغان ياسانچۇق ...ھاكاۋۇر ئۆگەي ئانامدىن ئۆلگۈدەك قورقاتتى. ئەپتى يىرگىنىشلىك ئىككى مەخلۇقنىڭ ئارىسىدا مەن ئۈچۈن بۇ ئۆي گويا دوزاخنىڭ ئۆزى ئىدى . JU&c.p/  
تۇغۇلۇشىمدىنلا بېشىمغا كەلگەن بۇ قىسمەتلەردىن قۇتۇلۇشنى قانچە قېتىم ئارزۇ قىلساممۇ بەرىبىر ئامال قىلالمايتتىم . كونىلار ‹‹ قىز بالا ئاجىز ›› دىيىشىدىكەن ، ماڭا پەقەت ئاشۇ ‹‹ئاجىز ›› لىققا تەن بىرىپ ، تەقدىرگە بويسۇنۇپ ياشاشقا توغرا كەلدى . w%jII{@,  
ئائىلىدىكى بۇ دەرتلەر ماڭا ئاز كەلگەندەك ، تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىلىقىغا چىققان چاغدا ئۆزۈمدىن 6- 7 ياش چوڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى كۆڭلۈمنى ئوغۇرلىۋالدى .ئۇنى ھەقىقەتەن ئۆلگۈدەك ياخشى كۈرۈپ قالدىم ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام ، ھايات مۇساپىسىنى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باسسام دىگەنلەرنىلا ئويلايتتىم . ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ مەكتەپتىكى يەنە بىر ئايال ئوقۇتقۇچى بىلەن توي قىلىۋالدى . كۆڭلۈم قاتتىق ئازار يىگەچكە ، سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشنىڭ نىمىلىكىنى ئويلىيالماس بۇلۇپ قالدىم . ~V1E0qdAE  
ئائىلىدىكى تۈگىمەس دەشناملار ، تۇنجى مۇھەببەت زەربىسى ئاز كەلگەندەك ،ئالىي مەكتەپكىمۇ ئۆتەلمىدىم . چىرايىم سارغىيىپ ، گېلىمدىن ھېچنەرسە ئۆتمىدى . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۆيگە سەل كەچ قالدىم .گۇگۇم چۈشكەندە ئۆيگە كىردىم ، مېھمانخانىمىزدا ئېگىز بوي ،قاپقارا ، يۈزلىرى بىرخىللا قېتىپ تۇرىدىغان بىر ئادەم تېلىۋىزور كۆرگەچ ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇراتتى .بۇ ئادەمنىڭ بۇرۇنمۇ دادام يوق ۋاقىتلىرى ئۆيىمىزگە ئانچە -مۇنچە كىلىپ تۇرىدىغانلىقى ماڭا مەلۇم ، ئۆگەي ئانامنىڭ چىرايى ئېچىلغان ھالدا قاشلىرىنى ئوينىتىپ ھېلىقى ئادەمنىڭ ئالدىدا يورغىلاپ يۈرەتتى .ئۆگەي ئانام مېنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىمنى كۆرۈپ : GH$pKB  
_ نەدە ئويناپ يۈردۈڭ ؟...مەرەز ...! _دېدى ۋارقىراپ . ~U&AI1t+J  
_ نەدە ئويناپتىمەن ؟ _ بۇ سۆزنى دىيىشكە ناھايىتى تەستە جۈرئەت قىلدىم ،_ ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كەلدىم . {fT6O&br  
_ ماڭا تىل ياندۇرغىدەك بولدۇڭمۇ ؟ يىتىم ئوغلاق ، جالاپ ... v;D~Pa  
قاتتىق ھاقارەتتىن كىيىن يۈزۈمگە كىلىشتۈرۈپ ئۇرلغان قاتتىق تەستەك زەربىسىدىن كەينىمگە ئۇچۇپ كەتتىم . كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى ،يۈزۈم چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئېچىشىپ ئاغرىيتتى . @Qt{jI !  
_ ماڭ ،ھۇ ...كارغا كەلمەس ، قاپاقباش ...تېز بول ، تاماق ئەت ! '!~)?C<  
سەل تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالغۇدەك بولسام بۇنىڭدىنمۇ قاتتىق ھاقارەتلەرگە دۇچار بۇلاتتىم ، شۇڭا بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشقا كىرىشتىم ،سەي ئادالاۋىتىپ قايسىبىر ساۋاقدىشىمنىڭ خاتىرىسىدە كۆرگەن مۇنۇ سۆز ئىسىمگە كەلدى : H9Q&tl9  
ھاقارەتلىك تۇرمۇشتىن ، سائادەتلىك ئۆلۈم ياخشى ! "'?>fe\qG  
مەن ئۆزۈمگە مىڭ قېتىم ئۈلۈم تىلىگەندىمەن ،ئەجەلنى رەھمىسز دىيىشىدۇ ، لىكىن ئەجەل نىمە ئۈچۈن ماڭا رەھىمسىزلىك قىلمايدۇ ؟ شۇ كۈنى دادام ئۆيگە كەلمىدى ، مەن تاماقنى پىشۇرۇپ بۇلۇپ ، مېھمانخانىغا داستخان كۆتۈرۈپ كىرسەم ھېلىقى ئادەم بىلەن ئانام بىر -بىرىگە يېقىن ئولتۇرۇپ كۇسۇرلىشىۋاتقان ئىكەن، مېنى كۆرۈپلا جىم بۇلۇشتى .تاماقمۇ يىيىلىپ بۇلۇندى ، ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئەمدى كىتاب كۈرەي دەپ ئولتۇرسام ، ئۆگەي ئانامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى : f\L0 xJ  
_ ماڭ ، بازارغا چىقىپ تۇز ئەكىر ! _ ئۆگەي ئانام شۇنداق دەپ بەش يۈەن پۇلنى قۇلۇمغا تۇتقۇزدى. uiR8,H9*M  
سىرتقا چىققىنىمدا تالا قاراڭغۇ بۇلۇپ ، ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمايتتى . مىڭبىر تەسلىكتە بازارغا بېرىپ تۇزنى ئېلىپ ئۆيگە كەلسەم ئىشىك ئىچىدىن قۇلۇپلانغان ئىدى . ئىشىكنى چىكىپ بىرھازا تۇرساممۇ ئۆگەي ئانام ئىشىكنى ئېچىپ بەرمىدى . U26}gT)  
بىر كىچە سىرتتا ئايلىنىپ يۈردۈم ، ئۆزۈمنىڭ بەختسىزلىكىمگە ، ئاجىزلىقىمغا ئېچىندىم ، سىرت تۇلىمۇ سوغۇق بۇلۇپ ، بەدەنلىرىم ئۈششۈكتە قالغان ياپراقتەك تىترەيتتى .ئىچ -ئىچىمدىن مېنى ئاچچىق يىغا تۇتۇپ بىر كىچە مىت قىلىپ كۆز يۇمماي تاڭ ئاتقۇزدۇم . 0*{%=M  
ئەتىسى ئەتىگەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم . ھېلىقى قارا ئادەم تېخىچە كەتمىگەن بۇلۇپ ئۇ يەنىلا مېھمانخانىدا بەخىرامان ھالدا تېلىۋىزور كۈرۈپ ئولتۇراتتى .مەن ئاستا ماڭغىنىمچە ياتاق ئۆيۈمگە قاراپ ماڭدىم ، ھىس قىلىپ تۇراتتىم ، ئۇ ئادەمنىڭ ئوغرى كۆزلىرى ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى ، ئۇنىڭ كۆزلىرى بىلەن كۆزلىرىم ئۇچرىشىپ قېلىپ تېنىم شۈركىنىپ كەتتى .ۋۇجۇدۇم غايىبانە بىر ئازاب ئىچىدە ئۆرتىنەتتى ، خەۋپسىرەيتتىم .نىمىنىدۇر تۇيغاندەك قىلاتتىم ،لىكىن ئالدىمدىكى نامەلۇملۇق ئۈستىدىن ھۈكۈم چىقىرىشقا ئاجىز ئىدىم . ئەقلىم مېنى نىمىنىدۇر ئېھتىيات قىلىشقا رىىغبەتلەندۈرەتتى ، دىگەندەك ئۆگەي ئانام ئاشخانا ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ، مېنى ئۇ ئادەمنىڭ قۇلىغا سۇ بىرىشكە ، چاي قۇيۇشقا ، كۈتۈشكە بۇيرۇق قىلدى .ھەر بىر قەدىمىمنى قورقۇنچ ئىچىدە باساتتىم ، مېھماننىڭ يۇمشاق سافا ئۈستىدە ئولتۇرۇپ گەۋدىسىنى قىمىرلىتىشىدىن ، پۇشۇلداشلىرىدىن ، ئۆلۈم شەپىسىدىن ھۈركىگەن كىيىكتەك چۆچۈيتتۈم . تاماقتىن كىيىن سىرتقا چىقىپ ، سەلكىن شامالغا يۈزۈمنى تۇتۇپ ، پەرىشان ھالدا ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسىمنى خىيال قىلىپ بىر ھازا كۆككە قاراپ تۇردۇم . قانچىلىك ئۆتتىكىن -تاڭ ، ئۆگەي ئانامنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى . RPL:-  
ئانام مېنى يىتىلىگىنىچە مېھمانخانىغا ئېلىپ كىردى ، قارا ئادەم كۆزلىرىنى مۇلۇننىڭكىدەك پارقىرتىپ ئولتۇراتتى . ھېچنىمىنى چۈشەنمەستىن ئىسەنكىرەپ قالدىم ، ئۆگەي ئانام شارتتىدە كەينىگە بۇرۇلۇپ بۇسۇغىدىن ئاتلىدى -دە . ئىشكنى سىرتتىن قۇلۇپلىۋالدى .. نىمە ئىشلار بۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە قارا ئادەم ھىجايغان پېتى ماڭا قاراپ كىلىۋاتمامدۇ ؟ دەھشەت ! نىمە دىگەن دەھشەت ...!! تىترەپ تۇرۇپ كەينىمگە داجىدىم ، قارا ئادەم جىددىيلىشپ ھۇجۇمغا تەييارلاندى ، دېرىزە تەكچىسىدىكى قارا چەينەكنىڭ قانداقسىگە قۇلۇمغا چىقىپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن ، زەرپ بىلەن ئېتىۋىدىم ، خىرىس قىلىپ كىلىۋاتقان يىرتقۇچنىڭ سول قاپىقىغا تەگدى ...بىرلا سەكرەپ دېرىزە تەكچىسىگە چىقتىم، ئۆيىمىز بىنا ئۆي بولمىغاچقا ، بارلىق كۈچ بىلەن ئەينەكلىك رامنى تەپتىم . سۇنۇۋاتقان ئەينەك پارچىلىرىنىڭ جاراڭلىغان ئاۋازلىرى ئىچىدە ئۆزۈمنى سىرتقا ئاتتىم . R.yvjPwJ  
مەن بارلىق كۈچۈمنى يىغىپ قېچىشقا باشلىدىم .قېچىپ ئادەتتە مەكتەپتە بەكمۇ يېقىن ئۆتىدىغان بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدىم . z9Rp`z&`E  
_ ئاداش ..سەن ..نىمە ئىش بولدى ؟ q9s=~d7  
ساۋاقدىشىم مېنىڭ ھاسىراپ ، يىغلاپ تۇرغان ھالىتىمنى كۈرۈپ سورىدى . hv>\gBe i  
_ مەن ..مەن ... HY:7? <r  
شۇ سۆزدىن كىيىن بىر ھازاغىچە تىلىم گەپكە كەلمىدى . بىراق ، گويا كەينىمدىن ئۆگەي ئانام ياكى ھېلىقى قارا ئادەم قوغلاپ كىلىۋاتقاندەك ،يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سالاتتى . ساۋاقدىشىمغا چىڭ يېپىشتىم ، ئۇنىڭغا ئېسلىپ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتىم . شۇ كۈنى ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىدە قۇنۇپ قالدىم ، ئىككىمىز كىچىچە ئۇخلىمىدۇق ، ئۇنىڭغا ھەممىنى سۆزلەپ بەردىم . ئۇ مېنىڭ تارتقان خورلۇقلىرىمنى سىر تۇتۇشقا ۋەدە بەردى . ^SrJu:Q_  
ئەتىسى دادام مېنى ئىزدەپ كىلىپ ئۆيگە ئېلىپ كەتتى .ئۆيگە كەلگىنىمدە بىلدىمكى ئۆگەي ئانام ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن ئىكەن . ئۆزەمنى بىردىنلا يىنىكلەپ قالغاندەك ، ئازادىلىككە چىقىپ قالغاندەك ، خورلۇقلاردىن ، دەشناملاردىن قۇتۇلۇپ ئەركىنلىككە چىقىپ قالغاندەك ھىس قىلدىم. دادام مەن ئويلىغاندەك ئۇنچە ئەسكى ئادەممۇ ئەمەس ئىكەن ، ئۇنىڭدىن ئەڭ خۇشال بولغان ئىشىم ئۇ بىر ئاغىنىسىنىڭ ياردىمىدە مېنى شەھەردىكى پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ گۈزەل -سەنئەت سىنىپىغا ئەكىرىپ قويدى . /hyN;.hpOO  
قېرىشقاندەك گۈزەل -سەنئەت سىنىپىغا بىر -بىرىدىن گۈزەل قىزلار قۇبۇل قىلىنىپتۇ . پەقەت مەنلا سىمىز ، سەت ئىدىم . خۇدا شۇنداق ياراتقان تۇرسا ، ئۇنىڭغا مەندە نىمە چارە ؟ قىزلار مېنى ئانچە ياقتۇرمايتتى . بىراق سىنىپ مۇدىرىمىز مېنى خېلى ياخشى كۆرەتتى .چۈنكى مەن دەرستە تۇلىمۇ تىرىشچان ئىدىم . ھەممىدىن  ئۆچ بولغىنىم تەنتەربىيە مۇئەللىم ئىدى . ئۇ ئۇرۇق كەلگەن ئىگىز بىر ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ، مېنى ئىشلەش قىيىن بولغان ھەركەتلەرگە سېلىپ قىزلار بىلەن مازاق قىلىپ كۈلەتتى. كىيىنچە ئۇنىڭغا سالاممۇ قىلغۇم كەلمەس بۇلۇپ قالدى . دادامنىڭ مېنى نىمە ئۈچۈن باشقا كەسىپتە ئوقۇتماي ، بۇ كەسپتە ئوقۇتقانلىقىغا ھازىرغىچە پۇشايمان قىلىمەن . بىراق دادامنىڭ مېنى ئوقۇتقىنىغا بىر ئۆمۈر رەھمەتلەرنى ئېيتقۇم كىلىدۇ . /jJw0 5;L  
شۇ چاغلاردا ھېچقانداق بىر ئوغۇللارنىڭ دىقىتىنى تارتالمايدىغان بۇ سىمىز ئەپتىم تۇيۇقسىز مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار بۈلۈمىنىڭ باشلىقىنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ . ] >E s4 s  
ھېلىھەم ئېنىق ئىسىمدە ، شۇ كۈنى مەن كۈندىلىك ئادىتىم بۇيىچە مەكتەپ باغچىسىدا ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىپ ئولتۇرغان ئىدىم . تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ ‹‹ قايسى سىنىپتا ئوقۇيسىز ›› دىگىنىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ،ئۇ بىز دائىم ئەيمەنگىنىمىزدىن گەپمۇ قىلىشقا پېتىنالمايدىغان بۈلۈم باشلىقى ئىكەن . شۇ كۈندىن ئېتىبارەن مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرلەردە ئۇچرىشىپ قالساق ئاز -تولا پاراڭلىشىدىغان بولدۇم . ئۇ ماڭا كۆڭۈل بۈلۈپ سىنىپىمنى ئالماشتۇرۇپ قويماقچىمۇ بولدى . بىراق مەن ئۇنىڭ مەندىن نىمە كۈتكىنىنى بىلمەستىن ئۇنىڭ ياردىمىنى قۇبۇل قىلغۇم كەلمىدى .بۇنىڭ بىلەن مەن يەنىلا ئۆز سىنىپىمدا ئوقۇۋەردىم . بىر كۈنى كەچلىك مۇزاكىرىدىن يېنىپ ياتاققا قايتىپ مېڭىۋاتسام ئۇ مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپتۇ .مەن سەل خۇدۇكسىرەپ ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم . چۈنكى ئۆگەي ئانام بىلەن قارا ئادەمنىڭ ئىشى يۈرىكىمدە ئۆچمەس جاراھەت قالدۇرغانىدى . بۈلۈم باشلىقى مېنىڭ كىرگىنىمنى كۈرۈپ ئۆزىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى . مەن چىرايلىقچە رەت قىلىپ ئۇنىڭ باشقا سۆزلىرىگىمۇ قۇلاق سالماستىن يېنىپ چىقتىم . شۇندىن كىين ئۇمۇ ماڭا گەپ قىلماس بولۇپ قالدى . بەلكىم تەقدىرنىڭ ئازغۇن شاماللىرى مېنى بىر ئاز سەگىتىپ قويدىمۇ قانداق . شۇندىن كىيىن ئەرلەردىن ئېھتىيات قىلىدىغان ، ئەرلەر بىلەن پاراڭلىشىشتىن قورقىدىغان بۇلۇپ قالدىم . تىرىشىپ -تىرمىشىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئوقۇشۇممۇ پۈتتى .مەن يۇرتقا قايتىپ بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىندىم . oe-\ozJ0  
يېڭى  خىزمەت مۇھىتى مېنى خېلى خۇشال قىلغان ئىدى . داداممۇ كۆپ ئۆزگەرگەن بۇلۇپ ، مېنى كۆپ قوللايدىغان بولدى . مەكتەپتە ئۇدا ئىككى يىل ئىلغار ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ باھالاندىم . بۇ جەرياندا ئۆزۈمدىن 5-6 ياش چوڭ ئۈچ يىگىتنىڭ توي قىلىش تەكلىپىنى رەت قىلدىم . كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېنى كۆزىگىمۇ ئىلىپ قويمايدىغان بىرىگە كۆڭۈل بىرىدىغانلىقىمنى بىلگەن بولسام ئاللىبۇرۇن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى بىلەن توي قىلىشقا ماقۇل بولماسمىدىم .مەن يىگىرمە ئۈچ ياشقا كىرىپ قالدىم ، تۇرۇپلا ئۆزۈمنىڭ ئۇنچە سەتمۇ ئەمەسلىكىمنى ھىس قىلىپ قالاتتىم ، قەلبىم كىمگىدۇر تەلپۈنەتتى .كىچىلەر ئۇزاق تۇيۇلۇپ ، خىياللار چىرمىۋالغان شۇ كۈنلەردە ، دوستۇم بىلەن بىر سۇرۇنغا بېرىپ قالدىم . بۇ مېنىڭ ھاياتىمدا تۇنجى رەت رىستۇرانغا كىرىشىم ئىدى . توۋا ، بۇ سورۇندا ئولتۇرغان قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى مەن دىمەتلىك بولسىمۇ ، يىگىتلەر 40 ياشلار چامىسىدىكى چوڭلار بولغاچقا ،ئىختىيارسىز ‹‹ توۋا ›› دەپ ياقامنى تۇتتۇم . شۇنداقتىمۇ چاندۇرماسلىققا تىرىشتىم .ئۇلارنىڭ پۇلدارلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى .ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى مېنى ‹‹ ئالمىدەك قىز ›› دەپ يۇمۇرغا قۇشىۋەتتى . ئۆزۈمنىڭ سىمىزلىكىمدىن يەنە بىر قېتىم ئازابلاندىم . كىيىن بىلسەم ئۇ مېنى ياقتۇرۇپ قالغانىكەن ،ئۆزۈمنىڭ بۇ بايۋەتچىگە نىمە ئۈچۈن ياراپ قالغانلىقىمنى كىيىن چۈشەندىم . چۈنكى خېلى ئېغىر -بېسىق قىز ئىدىم . بىز يۇمۇر ئېيتىشىپ ،ئۇسۇل -تانسا ئويناپ دىگەندەك سائەت ئون بىرلارغىچە ئولتۇرۇشتۇق . كەچتە ئۇ ماشىنىسى بىلەن بىزنى دوستىمىزنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى . شۇنداق قىلىپ بىز بىر نەچچە قېتىم سورۇنلارغا بىللە باردۇق . ئۇ ھەرقېتىم بىزنى ۋاقتىدا ئۆيگە ئەكىلىۋىتىپ قايتاتتى . بىزنى ئوقۇغان ، بىلىملىك قىزلار دەپ ماختاپ تۇراتتى . بەزىدە ماڭا چاقچاق قىلىپ ‹‹ ئالما قىز ›› دەپ تۇرىۋالاتتى،. مەنمۇ ئۇنىڭغا ئاچچىقلاش تۈگۈل ،توغرا چۈشىنىپ كۈلىدىغان بولدۇم . چۈنكى مېنى ھاياتىمدا ھېچكىم مۇنچە كۈلدۈرەلمىگەنىدى. كىيىنچە ئۇنىڭ پۇلدار بولسىمۇ كەمتەر ، خۇشچاقچاق ، باشقىلارنى  ھۆرمەتلەيدىغان مىجەزىنى ياقتۇرۇپ قالدىم .ئۇنىڭ بىلەن گويا كونا تۇنۇشلاردەك ئېچىلىپ -يېيىلىپ پاراڭلىشىدىغان بولدۇم . ئۇ ماڭا دائىم : w NdisI  
_ سىز بىلىملىك ياخشى قىز ، مەن سىزدەك قىزلارنى ھۆرمەتلەيمەن . ھازىر جەمئىيەت قالايمىقان ، قانداق ئىشلار بولسا ماڭا دەڭ . قۇلۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمەن ..._ دەيتتى . Z4=GMXj  
شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭغا تامامەن ئىشىنىدىغان بولدۇم . ئۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم نۇرغۇن سۇرۇنلارغا باراتتىم ،ھەرقېتىم ئۇ مېنى ئۆيگە بىخەتەر ھالدا ئەكىلىپ قۇياتتى ، مېنىڭ نەزىرىمدە مەن ئىشىنىدىغان ئەر دەل مۇشۇنداق بۇلىشى كىرەك ئىدى .ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئىشەنچىم بارغانسىرى ئېشىپ بېرىۋاتاتتى . .U]-j\  
بىر كۈنى بىز سورۇندىن قايتىپ مېھمانخانىغا باردۇق ، ئۇ ئۆزىگە بىر ياتاق ، ماڭا بىر ياتاق ئالدى . مەن ئۇنىڭغا تامامەن ئىشەنگەچكە ياتاقتا قۇنۇپ قالدىم . يېرىم كىچە بولغاندا ، ئۇ مېنىڭ ياتىقىمغا كىردى . dDLeSz$b  
_ قەدىرلىكىم ، سىزنى ياخشى كۈرۈپ قاپتىمەن . زادىلا چىدىيالمىدىم ، مەندىمۇ ئامال يوق ...ماقۇل كۆرسىڭىز ، ماڭا ياتلىق بۇلۇڭ . سىزنى بىر ئۆمۈر بۇيى بەختلىك قىلىمەن ..._ ئۇ شۇنداق دىگىنىچە مېنى باغرىغا بېسىپ سۆيگىلى تۇردى . ۋۇجۇدۇم تۇنجى رەت سۆيگۈ ھارارىتىدە ئېرىپ كەتكەنىدى . مەنمۇ ئىختىيارسىز ئۇنى ئەسەبىيلەرچە سۈيۈشكە باشلىدىم .تۇيغۇلىرىمنىڭ ئۇنىڭغا نىمە ئۈچۈن رام بۇلۇپ قالغانلىقىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن .ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ تەلىپىنى ئېيتتى . بىراق بىر قىز ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇ خىل تەلىپىنى  قاندۇرۇش ئۆزىنىڭ بارلىقىنى دوغا تىككەنلىك ئەمەسمۇ ؟ قانداق قىلىش كىرەك ؟ C!bUI8xz  
_   مېنى كەچۈرۈڭ . مەن ...مەن ھازىر ..تويدىن كىيىن بولسۇن . ak!G8'w  
مەن شۇنداق دەپ ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدىم ، ئۇمۇ پىكرىمنى ھۆرمەت قىلىپ ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى #?:lb1  
بىر كىچە شۇنداق قىلىپ خاتىرجەم ئۆتۈپ كەتتى ، شۇندىن تارتىپ ئۇ مېنى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ئەتىۋارلاپ ئىزدەيدىغان بولدى . نىمە دىسەم شۇنى قىلاتتى ، تېلفۇن ئۇرۇپ بولغىچە يېنىمدا پەيدا بۇلاتتى . مەن تېزلا مودا كىيىملەرنى كىيىپ ‹‹ باي خېنىم ›› لاردىن بۇلۇپ قالدىم . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ غەمخورلىقىدىن ئىدى . نىمىشقىدۇر ئۇنى دائىم كۆرگۈم كىلىدىغان بۇلۇپ قالاتتى ، بىز دائىم ئۇچرىشىپ تۇراتتۇق ... U&p${IcEm  
بىر كۈنى ئۇ مېنى تەكلىپ قىلىپ ياتاققا ئاپاردى . سىرتتا سىم -سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى . ئۇ مېنى سۆيۈپ تۇرۇپ : -6B4sZpzD  
_ قەدىرلىكىم ، سىزگە ماشىنا ئېلىپ بىرەي ، ئۆي ئېلىپ بىرەي ، نىمە دىسىڭىز شۇنى قىلىپ بىرەي ، تەلىپىمگە قۇشۇلۇڭ ،_ ئۇ شۇنداق دەپ ماڭا توختىماي يالۋۇراتتى . %n9aaoD  
_ بەلكىم تالاي قىزلارغا مۇشۇنداق يالۋۇرۇپ قولغا كەلتۈرگەنسىز . بىراق مەن توي قىلماي تۇرۇپ تەلىپىڭىزگە قۇشۇلمايمەن ..._ دېدىم سۇس كۈلۈپ . $yNSpNmT0  
ئۇ تولا يالۋۇرۇپ چارچىغىنىدىن ئۇخلاپ قالدى ، ئۇ شىرىن ئۇيقۇغا غەرق بولغانىدى ، يامغۇر ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى . تاڭ ئېتىپ سائەت يەتتىلەردە ئۇنى ئويغاتتىم . ئۇ قايتىش ئالدىدا ئاستاغىنە بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ : ;u)I\3`*!  
_ ئالما قىز ، كاللاڭ خېلى ئىشلەيدۇ جۇمۇ ..._ دېدى . ئۇ مېنى بىر تاكسىغا سېلىپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى . s!$7(Q86R  
شۇ كۈندىن كىين ئۇنىڭغا تېلفۇن ئۇرسام ئۇ زادىلا ئالمىدى ، تېلفۇن بىرىپ ئاران ئالغىنىمدا ،قوپاللىق بىلەن ‹‹ تەلىپىمنى ئوبدانراق ئويلانغىن ، ئەمدى مېنى ئەخمەق قىلما ›› دەپ تېلفۇننى قۇيىۋىتەتتى . ئەمدى ئۇ مېنى بۇرۇنقىدەك ئىزدىمەيتتى ، سۇرۇنلارغىمۇ تەكلىپ قىلمايتتى . c yz3,3\e  
مېنىڭ جىمجىت ، زىرىكىشلىك كۈنلىرىم يەنە باشلاندى ، كىچىلەر ئۆزۈمنىڭ يېرىم يىلدىن بۇيانقى ئىشلىرىمنى ئويلىۋىلىشىمغا تامامەن يىتەتتى . مەن ھايات قاينىمىدا ، ئۇنىڭ بىلەن قانداق تاسادىپىي تۇنۇشقان بولسام ، شۇنچە تاسادىپىي ئايرىلىپ قالدىم .ئۇ مېنىڭ كۆزلىرىمگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندەك ، ماڭا شىرىن ۋەدىلەرنى بىرىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى . بىراق ئۇ ھازىر كىمگە نىمىلەر توغۇرلۇق ۋەدىلەرنى بىرىۋاتىدۇ ...بۇنى بىلىپ بولمايتتى . -ZLJeY L  
ئەمدى بىلسەم ، ئۇ مېنى پۈتۈنلەي شىرىن سۆزلەر ئارقىلىق پۇل خەجلەپ يۈرۈپ كەينىگە سېلىپ گىدىيىپ يۈرۈپتىكەن . ھېلىمۇ ياخشى بەڭباش تۇيغۇلىرىمنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۇنىڭغا بارلىقىمنى ئاتىۋەتمەپتىمەن . ئەپسۇس ، ئۇ مېنى مىھرى بىلەن سۆيگەن شۇ كۈنى مەن ئۇنىڭغا بىغۇبار كۆڭلۈمنى بەرگەنىدىم . تەڭرىم ماڭا نىمانچە چاكىنا كۆڭۈل ئاتا قىلىدىغاندۇ ؟ دائىم ئۇنى ياد ئىتىپ قالىمەن ... _.8S&  
ئۆزۈمنىڭ ئىرادىسزلىقىغا ئۆكۈندۈم . ئاخىرى دادامنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن ، بۇ ھەشەمەتلىك شەھەردىن ، مېنىڭ قەلبىمدىكى ئۇ قەدىرلىك ئادىمىمدىن ئايرىلىپ ، چەت بىر يېزىغا يۆتكىلىۋالدىم . چۈنكى مەن سەھرانىڭ ساپ ھاۋاسىدا ئۆزۈمنىڭ ئەڭ پاك تۇيغۇلىرىمنى قايتۇرۋىلىشنى ئويلايتتىم . ھەشەمەت پاتقىقىغا قايتا پېتىپ قېلىشنى مەڭگۈ خالىمايتتىم . ئەمدى مىنى ھېچكىم سۆيمىسىمۇ ، ھېچكىم مېنىڭ ئۈچۈن كۆيمىسىمۇ ئارمىنىم يوق. ئۆزۈمنىڭ ئەزەلدىن ھېچكىمنىڭ ساپ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىمدىن ئۆكۈنىمەن . تەلىيىمگە يارىشا ئۇنىڭغا ئالدىنىپ تەلىپىگە قۇشۇلماپتىمەن . ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن مېنى ئىزدىمىگەنلىكىنىڭ سىرىنى كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چۈشىنىپ قالدىم . (<C3Vts))  
مۇھەببەت مېنىڭ سۆيگۈ رىشتىمنى ھەممىنى پۇل ئارقىلىق ئۆلچەيدىغان چاكىنا بىرسىگە باغلىۋەتتى . ئۇنىڭ شىرىن ۋەدىلىرى يۈرىكىمگە سۆيگۈ تامغىسىنى بېسىۋەتتى . ئۇ ئايالى بار ، بالىسى بار ئادەمغۇ ؟ بارغانسىرى ئۇنى ئويلاشتىن ئىزا تارتىدىغان بۇلۇپ قالدىم . ناۋادا ئۇنى ئۇچرىتىپ قالسام : Ig>(m49d  
_ قىز قوغلاشقا سەرپ قىلغان ئاشۇ پۇللىرىڭىزنى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلىڭ ، بۇ ھەر ھالدا پاك قىزلارنىڭ قەلبىگە ساختا سۆيگۈ ئازابى سالغاندىن كۆپ ياخشى ...._ دەپ قويماقچىمەن . 1iF1GkLEq  
قۇياش ھەركۈنى يېڭىدىن چىقىدۇ . مەن بۇ يىراق سەھرادا يېڭى بىر كۈننى كۈتىۋالدىم . ئىشىنىمەنكى ، بۈگۈن چۇقۇم مەنىلىك ئۆتىدۇ . چۈنكى مەن چوڭ بولدۇم ، تۇرمۇش قاينىمىدا پىشىپ يىتىلدىم . مەن بىر سەبىيلەرنىڭ قەلبىگە بىلىم ئۇرىغى سالىدىغان خەلق ئوقۇتقۇچىسى ...بۇندىن كىيىن ھالال ئەمگىكىمگە تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزىمەن .مەن ئۆزۈمگە ئۆكۈنىمەن ... fI|Nc  
كەچۈر مېنى بەڭباش ياشلىقىم !!!! Qt<&WBfn  
$f7l34Sf3  
I-l_TpM)  
2010-يىل 11- ئاينىڭ 29 -كۈنى wk_@R=*(\  
چىڭدۇ.
h <<v^+m  
' S/gmn  
6.yu-xm  
/images/lirika.wma 4^o^F-k'  
KVa  
O?#7N[7  
88$8d>-  
"E4a=YH_  


يانغىن
كەلگەن جايى: چوققا
http://blog.anatuprak.com/
سىزگە بەخت تىلەيمەن!!!
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 760
نادىر تېما: 1
يازما: 1470
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1470دانە
شۆھرىتى: 1277 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 16906 يۈەن
تۆھپە: 1233 قېتم
ياخشى باھا: 164 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 8854(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:41دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:8854 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:166 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:361 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:2 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-08-09
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-08-03
تۇنجى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقىت: 2010-12-01 13:51

        بۇ يازمىدىكى مەن دۇنيادىكى بەختلىك قىزلار قاتارىدا ئىكەن.قىز بولماق تەس،بولۇپمۇ بولىشى يوق دادا،زالىم ئۆگەي ئانىغا قىز بولۇش تولىمۇ ئازاپلىق ئىش.ئاللا بۇ قىزنى شۇ زۇلۇملاردىن قۇتۇلدۇرۇپ،مەكتەپ قوينىغا ئەكىرىپ بىر بەختلىك قىپتۇ. +D*Z_Yh6  
      چاكىنا،ھىيلىگەر پۇلدار ئەردىن يېشى چوڭىيىپ قالغان قىزنىڭ ساق چىققىنى بىر مۆجىزە،ئاللا ئۇنى يەنە بىر قېتىم پاناھىدا ساقلاپتۇ...


كەلگەن جايى: چوققا
خەير،ھەممىدىن ۋاز كەچتىم!
دەرىجە: مۇنبەر مەسئۇلى

UIDنومۇر: 238
نادىر تېما: 14
يازما: 3532
ئۇنۋان:جان كۆيەر ھازىرغىچە3532دانە
شۆھرىتى: 3086 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 21543 يۈەن
تۆھپە: 2956 قېتم
ياخشى باھا: 1326 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 8174(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:39دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:8174 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:16 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:407 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-24
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-08-05
2 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2010-12-01 14:05

نادىر ئەسەر ئىكەن. @IZnFHN  
بىراق بىر ئىشنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ. ئۆتكەندە مۇنبەرگە (يانغىن) ئىسىملىك بىر ئەزا كىرگەن ئىدى. ئۇ ئەزامۇ (ئەزىز ئىمىر يانغىن) نامىدا ئەسەر يوللىغان. ئەمدى سىزمۇ يانغىن نامىدا كىرىپسىز.. ئىككىڭلار بىر ئادەممۇ ياكى... بىر نامدا ئىككى ئادەم كىرگەنمۇ شۇنى بىلىپ باقاي دىگەن ئىدىم. باشقا مەقسىتىم يوق. % A0/1{(  
(ئىنىق بولغاندىن كېيىن ئىنكاسىمنى ئۆچىرۋېتىمەن)


baxtax
كەلگەن جايى: چوققا
tv
سىزگە بەخت تىلەيمەن!!!
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 760
نادىر تېما: 1
يازما: 1470
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1470دانە
شۆھرىتى: 1277 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 16906 يۈەن
تۆھپە: 1233 قېتم
ياخشى باھا: 164 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 8854(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:41دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:8854 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:166 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:361 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:2 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-08-09
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-08-03
3 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2010-12-01 14:21

تېما:قىز قەلبى  ( ھىكايە )  _ يانغىن
يوللىغۇچى:yultuz~ | يوللىغان ۋاقىت :2010-12-01 14:21 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:2871

بىزنىڭ ساقچى ..... 18:%~>.!  
2^yU ~`#  
Pj% |\kbNs  
باشقۇرغۇچىلار تەستىقلەيدىغان چاغدا چاغدا تىما يوللىغۇچى بىلەن ئۇچۇرلىشىپ،مەنبەنسى ئېنىق بولمىغان تىمىلارنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئاندىن تەستىقلىسە بولغۇدەك،ئەمىسە.


كەلگەن جايى: چوققا
tv
خەير،ھەممىدىن ۋاز كەچتىم!
دەرىجە: مۇنبەر مەسئۇلى

UIDنومۇر: 238
نادىر تېما: 14
يازما: 3532
ئۇنۋان:جان كۆيەر ھازىرغىچە3532دانە
شۆھرىتى: 3086 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 21543 يۈەن
تۆھپە: 2956 قېتم
ياخشى باھا: 1326 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 8174(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:39دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:8174 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:16 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:407 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-24
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-08-05
4 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2010-12-01 14:40

ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇ ئەزانىڭ ئىسمى yangin  ئىدى... باش رەسىمىگە قول قوشتۇرۇپ تۇرغان ئۆرە تۇرغان ئوغۇل بالىنىڭ رەسىمىنى چىقىرۋاپتىكەن.  يا سىز شۇ بولسىڭىز باش رەسىم ئالماشتۇرسىڭىز مەن ئېلىشىپ كەتتىممۇ تازا بىلمىدىم جۇمۇ... (كىچىك تۇرۇپ نېمە ئالامەتتۇ بۇ ماڭا)


كەلگەن جايى: چوققا
ئەزىز ئىمىر يانغىن
دەرىجە: ئالىي ئەزا
UIDنومۇر: 1496
نادىر تېما: 2
يازما: 15
ئۇنۋان:يېڭى ئەز ھازىرغىچە15دانە
شۆھرىتى: 74 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 2230 يۈەن
تۆھپە: 35 قېتم
ياخشى باھا: 21 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 217(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:6دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:217 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:53 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:325 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:124 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-09-13
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-04-03
5 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2010-12-01 16:26

ھەئە ...مەن باش سۈرەت ئالماشتۇردۇم .


يانغىن
كەلگەن جايى: چوققا
خەير،ھەممىدىن ۋاز كەچتىم!
دەرىجە: مۇنبەر مەسئۇلى

UIDنومۇر: 238
نادىر تېما: 14
يازما: 3532
ئۇنۋان:جان كۆيەر ھازىرغىچە3532دانە
شۆھرىتى: 3086 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 21543 يۈەن
تۆھپە: 2956 قېتم
ياخشى باھا: 1326 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 8174(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:39دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:8174 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:16 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:407 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-24
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-08-05
6 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2010-12-01 17:24

ھە ئەمدى بىلدىم. s-T\r"d=j  
(كىچىك تۇرۇپ راستىنلا قېرىلىق يىتىپتۇ جۇمۇ ماڭا )


كەلگەن جايى: چوققا
قارىغايدەك ياشايمەن مەغرور!
دەرىجە: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇر: 2364
نادىر تېما: 1
يازما: 260
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە260دانە
شۆھرىتى: 571 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 9236 يۈەن
تۆھپە: 532 قېتم
ياخشى باھا: 319 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1810(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:18دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:1810 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:80 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:265 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-11-13
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-08-05
7 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2010-12-01 17:39

ساپ نىيەتلىك، ئەخلاقلىق، پاك سۆيگۈگە ئىنتىلىدىغان ئالما قىزغا ئۇخشاش قىزلىرىمىزنىڭ ھىسياتىنى بەكمۇ چۈشۈنۈشلۈك مەزمونلۇق ھالدا ئىپادە قىلىپسىز. مانا مۇشۇنداق پاك دىل، ساپ نىيەت، ھەقىقى چىن سۆيگۈگە ئىنتىلدىغان گۈدەك قىزلار  ھازىرقى جەمئىيەتتە سەللا دىققەت قىلمىسا مۇھەببەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى نابۇت قىلىپ، تەسەۋۇرىدىكىدەك گۈزەل، ساپ مۇھەببەتكە ئېرىشەلمىگەننىڭ سىرتىدا يىگىتلەرنىڭ نەزىرىدىن قىلىپ ئۇيۇنچۇق ئورنىدا كۆرۈشكە ئايلىنىپ قالىدۇ! مانا بۇ ئەمەلىيەت! شۇڭا قىزلار  ھايالىقى، زىبالىقى، ئەخلاقىنى مۇھەببەتتىن ئۈستۈن قۇيۇپ كەلگۈسى تۇرمۇش ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىلا ئاندىن كىشىلىك قەدىر قىممىتى بۇيىچە ئائىلە قۇرالايدۇ! zue~ce73J  
بىراق مەن ئويلايمەن، قىزلارمۇ يىگىتلەرگە ئۇخشاشلا ھىسياتلىق ئىنسان ، ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن گۈزەل مۇھەبەتكە ئىنتىلىش، مۇھەبەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يۇلى شۇنچە جاپالىقتۇ! 6gu!bu`~  
PBTnIU  
تورداش يانغىننىڭ مۇزلىغان يۈرەك مۇ ياكى مۇز تۇتقان يۈرەكمۇ ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ ئىشقىلىپ بىر تىمىسىنى ئۇقۇيمەن دەپ ئەڭ دەسلەپكى مۇنبەر ھاياتىمنى باشلىغان يەنى سەلكىنگە ئەزا بولغان، ھەتتا بىر مەزگىللىك بىشىمچىلاپ كىرىپ كىتىپ تاڭ ئاتقۇزىۋەتكەن ۋاقىتلىرىممۇ بولغان ، كىيىن   چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت دىگەن ھىكايىسىنى ، ھىسلىرىم بىلەن ئىككىسى بىرلىشىپ يازغان ھىكايىسىنى ، ئىتلار قاۋىماقتا دىگەن شىئىرلىرىنى ئۇقۇغان ، بەكمۇ ئىسىل ئەسەرلەردە ئۇ ، بۇ يەردە يەنە بىر ئىسىل ھىكايىسىنى كۆرۈپ بەكمۇ خوش بولدۇم ھەم باشقا تىمىلىرىنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتتۈم ! Vb]=B~^`  
قەلەم كۈچىڭىزنىڭ تىخمۇ روھلىنىپ بىزدەك ئۇقۇرمەنلىرىڭىز ئۈچۈن تىخمۇ نادىر تىمىلارنى يىزىپ چىقىشىڭىزنى تىلەيمەن! ئاللاھ سىزگە مەدەت بەرگەي! JO6)-U$7UG  
UhQjQaa~  
ئۆرۈكجانغا  كۆپ رەھمەت ، تەھرىرلەپ قويدۇم! بەك ئۇنۇتقاق بۇلۇپ قىلىۋاتىمەن دىسە ، قېرىپ قالدىممۇ يا ئايپاتەم بۇلۇپ!
[ بۇ يازمىنىsumbulدە2010-12-07 19:56قايتا تەھرىرلىد ]


بىلىملىكلەر قەدىرلىكتۇر ھەر جايدا ئۇنۇتما !
كەلگەن جايى: چوققا
~ئانا تۇپراق-ئۆز تۇپرىقىم ~
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 24
نادىر تېما: 12
يازما: 1845
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1845دانە
شۆھرىتى: 1970 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 23932 يۈەن
تۆھپە: 1743 قېتم
ياخشى باھا: 862 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 11298(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:47دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:11298 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:452 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:423 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:1 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-08-04
8 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2010-12-01 20:27

پروزا ساھەسىدە ئۆزگىچە يول تۇتۇپ ، نۇرغۇنلىغان نادىر ھېكايىلەرنى روياپقا چىقارغان ئەزىز ئىمىر يانغىن ئەپەندىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىغا بەركەت تىلەيمىز . بۇ ھېكايىمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك چىقىپتۇ .


ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
كەلگەن جايى: چوققا
eyman  bilan  yaxa !!!!!!....
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
UIDنومۇر: 2868
نادىر تېما: 0
يازما: 415
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە415دانە
شۆھرىتى: 549 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 5464 يۈەن
تۆھپە: 461 قېتم
ياخشى باھا: 68 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 3570(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:26دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:3570 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:200 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:245 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:74 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-12-03
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-05-23
9 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2010-12-03 13:38

بەك ياخشى تىما ئكەن. يولىغىنىڭېزغا رەھمەت.


ئەخلاق ئادەم زىننىتى
كەلگەن جايى: چوققا
ئۆرۈك تۈگىسە، قاق بار
دەرىجە: ئالىي ئەزا
UIDنومۇر: 1336
نادىر تېما: 4
يازما: 193
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە193دانە تىما ئەۋەتكەن
شۆھرىتى: 217 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 4007 يۈەن
تۆھپە: 167 قېتم
ياخشى باھا: 32 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 97(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:4دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:97 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:43 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:335 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:137 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-09-04
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-03-20
10 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2010-12-03 15:14

نەقىل
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى sumbulدە2010-12-01 17:39يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : [Y/} ^  
ساپ نىيەتلىك، ئەخلاقلىق، پاك سۆيگۈگە ئىنتىلىدىغان ئالما قىزغا ئۇخشاش قىزلىرىمىزنىڭ ھىسياتىنى بەكمۇ چۈشۈنۈشلۈك مەزمونلۇق ھالدا ئىپادە قىلىپسىز. مانا مۇشۇنداق پاك دىل، ساپ نىيەت، ھەقىقى چىن سۆيگۈگە ئىنتىلدىغان گۈدەك قىزلار  ھازىرقى جەمئىيەتتە سەللا دىققەت قىلمىسا مۇھەببەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى نابۇت قىلىپ، تەسەۋۇرىدىكىدەك گۈزەل، ساپ مۇھەببەتكە ئېرىشەلمىگەننىڭ سىرتىدا يىگىتلەرنىڭ نەزىرىدىن قىلىپ ئۇيۇنچۇق ئورنىدا كۆرۈشكە ئايلىنىپ قالىدۇ! مانا بۇ ئەمەلىيەت! شۇڭا قىزلار  ھايالىقى، زىبالىقى، ئەخلاقىنى مۇھەببەتتىن ئۈستۈن قۇيۇپ كەلگۈسى تۇرمۇش ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىلا ئاندىن كىشىلىك قەدىر قىممىتى بۇيىچە ئائىلە قۇرالايدۇ! cU (D{~  
بىراق مەن ئويلايمەن، قىزلارمۇ يىگىتلەرگە ئۇخشاشلا ھىسياتلىق ئىنسان ، ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن گۈزەل مۇھەبەتكە ئىنتىلىش، مۇھەبەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يۇلى شۇنچە جاپالىقتۇ! L- iy  
h8j.(  
تورداش يانغىننىڭ مۇزلىغان يۈرەك مۇ ياكى مۇز تۇتقان يۈرەكمۇ ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ ئىشقىلىپ بىر تىمىسىنى ئۇقۇيمەن دەپ ئەڭ دەسلەپكى مۇنبەر ھاياتىمنى باشلىغان يەنى سەلكىنگە ئەزا بولغان، ھەتتا بىر مەزگىللىك بىشىمچىلاپ كىرىپ كىتىپ تاڭ ئاتقۇزىۋەتكەن ۋاقىتلىرىممۇ بولغان ، كىيىن   لەنجودىن باشلانغان مۇھەببەت دىگەن ھىكايىسىنى ، ھىسلىرىم بىلەن ئىككىسى بىرلىشىپ يازغان ھىكايىسىنى ، ئىتلار قاۋىماقتا دىگەن شىئىرلىرىنى ئۇقۇغان ، بەكمۇ ئىسىل ئەسەرلەردە ئۇ ، بۇ يەردە يەنە بىر ئىسىل ھىكايىسىنى كۆرۈپ بەكمۇ خوش بولدۇم ھەم باشقا تىمىلىرىنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتتۈم ! *"2+B&Y  
قەلەم كۈچىڭىزنىڭ تىخمۇ روھلىنىپ بىزدەك ئۇقۇرمەنلىرىڭىز ئۈچۈن تىخمۇ نادىر تىمىلارنى يىزىپ چىقىشىڭىزنى تىلەيمەن! ئاللاھ سىزگە مەدەت بەرگەي! >{ ]%F*p4  
@s>Czm5  
 لەنجۇدىن ئەمەس، چېڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت .ھې..ھې..ھې.... <{p4V|:  
ئىشقىلىپ، بۇ ئاداشنىڭ ھېكايىلىرىنى خېلى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى جايىدا كۆزىتىپ ..پىرسوناژلار تىلىدا روشەن يورىتىپ بېرەلەيدۇ.


ئېشەككە مۈڭگۈز چىققان كۈنى مەنمۇ زۇڭتۇڭ بولىمەن
كەلگەن جايى: چوققا