مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر ستۇدېنت، بەش يىللىق ئوقۇش ھاياتىم بۇ يىل 6-ئايلاردا ئاياقلىشىدۇ. يېقىندىن بۇيان ئالدىنقى سەككىز ئايدا ھاياتىمدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى مۇشۇ مەۋھۇم تور دۇنياسى ئارقىلىق باشقىلارغا بايان قىلىپ ئۆتەشنى لايىق كۆردۈم. ئەسلى بىرەر يېقىن دوستۇمغا ھالىمنى ئېيتىپ ئىچىمنى بوشىتاي دەپ ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن بۇنىڭغا پېتىنالمىدىم. بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن يېڭىدىن قۇرىلىۋاتقان بۇ توربەتنى بايقىدىم. مانا، تۆت سائەت بولاي دەپ قاپتۇ. ئاساسلىقى بۇ تور بەتنىڭ «مۇنبەر» سەھىيپىسىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقتىم. مۇنبەردە تىزىملاتقانلارنىڭ سانى كۆپ بولمىسىمۇ ئۇلارنىڭ پىكىردە ئىلغار، ياش جەھەتتە خېلى ئىشلار بېشدىن ئۆتكەن تورداشلارنىڭ يىغىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇ ۋەجىدىن، ئۆزەمنىڭ بۇ كەچۈرمىشلىرىنى بۇ يەرگە يېزىشنى قارار قىلدىم. بەلكىم كۆپ قىسىم تورداشلار مەن يازماقچى بولغان بۇ ئشىلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن مېنى تىللايدۇ، ئەيپلەيدۇ، بەك رەسۋاكەنسەن...... دىيىشىدۇ. مەن بۇ يازمىنىڭ تېمىسىنى «ستۇدېنتلىقتىن پاھىشە ۋە ئاشنىغىچە» دەپ قويغان ئىكەنمەن، مەندە بۇ جەھەتلەرگە تولۇق ئىددىيە تەييارلىقى بار.شۇنداقلا بۇ تېمىنى ئۆزەمنى ئاقلاش ئۈچۈن يېزىشنى ئويلىغان ئەمەسمەن. شۇڭا تورداشلارنىڭ قانداق سۆزلىرى بولسا، مۇنبەرنىڭ تۈزۈملىرى يول قويغان ئاساستا ئوتتۇرغا قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى مەن ئۆز سەرگۈزەشتىللىرىمنى يېزىش ئارقىلىق ئىككى مەقسەتكە يىتىشنى ئويلايمەن. بىرى مېنىڭ بۇ سەرگۈزەشتىللىرىمنى كۆرۈش ئارقىلىق ھازىرقى جەمىئىيىتىمىزدىكى بەزى قىزلارنىڭ، ئوغۇللارنىڭ، ئەرلەرنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ بۇ ئۆتمىشىمدىن مەلۇم بىر ساۋاقلارنى ئېلىشىنى؛ يەنە بىرى ئۆزەمنىڭ ئىچىنى بوشۇتۇپ، بۇ قاباھەتلىك ئىشلارنى تىزراق ئۇنتۇپ كېتىشىمنى ئويلۇدۇم. بۇ ئىشلارنى بۇ يەرگە يېزىشتىكى شەخسىي چۈشەندۈرۈشلىرىم مۇشۇنچىلىك بولسۇن. قالغىنىنى تورداشلارنىڭ قانداق چۈشىنىشىگە قالدۇردۇم.
XphE loL #)s!}X^ ==============================================
gAt~?HvW6 mdW~~-@H ;au*V5a% بۇ ئىشلار ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئىدى.
:^i^0dC ئۇ چاغدا مەن تېخى مەلۇم مەكتەپنىڭ 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىدىم. بارلىق ستۇدېنت قىزلارغا ئوخشاش تولىمۇ رومانتىك، سەمىمىي ئىدىم، بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلەتتىم. بىراق، كۆپ ساندىكى قىزلارغا ئوخشىمايدىغان يېرىم، مېنىڭ ئىقتىساد مەنبەرىم ئۈزۈلۈپ قالدى.
+5!&E7bcd مېنىڭ ئۆيۈم شىمالى شىنجاڭدىكى بىر رايوننىڭ چەت يېزىسىدا ئىدى. ئانام ئائىلە ئايالى بولۇپ، دادام يېزىمىزنىڭ مەھەللە كومتېتىدا ئادەتتىكى بىر توختاملىق كادىر ئىدى، ھەر ئايدا 700 سوم ئەتراپىدا ئىش ھەققى ئالاتتى. بىز ئۈچ بالا ئىدۇق، مەن ئۆينىڭ چوڭى، يەنە بىر سىڭلىم ۋە ئىنىم بار. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا بارغان ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە بارغان يېزىمىزدىكى بالىلارنى كۆرگۈنۈمدە ئۇلارغا بەك ھەۋەس قىلاتتىم. ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرنى بەسلىشىپ سۆزلەشلىرىدىن، مەندە چوقۇم ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئىستىكى لاۋۇلداپ ئوت ئالدى. مەن بەكلا تىرىشىپ ئوقۇدۇم. ئاخىرى ئايزۇيۇمغا يەتتىم. 2003-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپكە تولۇق كۇرسقا ئۆتتۈم. ئۆيدىكىللىرىمنىڭ نۇرغۇنلىغان ئازۇ-ئۈمىدلىرىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كەلدىم. مەكتەپكە كەلگەندىن باشلاپ ئويۇنلارغا ئاز ئارلىشىپ قېتىقىنىپ ئۈگۈنۈش قىلدىم، نەتىجەم سىنىپنىڭ ئالدىدا ماڭدى. بەختسىزلىك 2006-يىلى 4-ئايدىن باشلاندى. شۇ يىلى دادام كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. دادام رەسمىي دۆلەت مەمۇرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن كېسەل بىلەن دوختۇرخانىدا ياتقان ۋاقتىدىلا ئىش ھەققى توختاپ كەتكەن ئىدى. مەن بۇ ئىشلارنى كېيىن ئۇقتۇم. مەن دادامنىڭ يەتتە نەزىرىسىنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپ مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم. ئەسلى بۇرۇن ھەر ئايدا تۇرمۇش پۇلى ئۈچۈن ئۆيدىكىلەر 450 سوم ئەۋەتىپ بىرەتتى، دادام تۈگەم كېتىپ ئىككى ئايدىن كېيىن 350 سوم ئەۋەتىدىغان بولدى، مەنمۇ تىجەشلىك بىلەن كۈنىگە ئىككى ۋاخ تاماق يەپ ئۆتتۈم. ئۇ چاغلاردا 2006، 2007-يىللىق ئوقۇش پۇلى قەتئىي خىيالىمغا كەلمىگەن ئىدى. 2006-يىلى يازلىق تەتىلنى تۈگۈتۈپ مەكتەپكە قايتىدىغان ۋاقىتتا، بۇ ئوقۇش پۇلى ئانامنىڭ بېشىغا چۈشكەن چوڭ دەرت بولدى، ئۇرۇق-تۇققانلاردىن قەرز ئېلىپ يۈرۈپ ماڭا 3000 سوم پۇل تېپىلدى، لېكىن بۇ ئوقۇش پۇلى 4600 سومغا يەتمىگەن بولسىمۇ ئەمدى ئامال يوق ئىدى. مەن مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سىنىپ مەسۇلىمىزغا ئەمەلىي ئەھۋالنى دەپ يۈرۈپ ئاۋال 3000 سومنى تۆلەپ تۇرۇشقا، قالغان 1600 سومنى يىللىق ئىمتىھاندىن بۇرۇن تاپشۇرۇشقا ماقۇل كەلتۈردۈم. ئوقۇش پۇلى مەسىلىسى ۋاقىتلىققۇ ھەل بولدى، لېكىن تۇرمۇش پۇلۇمچۇ؟ ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەقىقەتەن ماڭا ئەۋەتكىدەك پۇلى يوق ئىدى، لېكىن بىچارە ئانام ئۆيدىكى پۇلغا يارۇغىدەك نەرسىلەرنى پۇل قىلىپ ماڭا بىر-ئىككى يۈز سوم بولسىمۇ ئەۋەتىپ بەردى. 2006-يىلى 11-، 12-ئايدا ئۆيدىكىلەرنىڭ ئەۋەتىدىغان پۇلىمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى، مەن ئامالسىز ساۋاقداشلىرىمدىن ئازراقتىن قەرز ئېلىپ، كۈنىگە بىر ۋاقلا تاماق يەپ ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇردۇم. ساۋاقداشلاردىن توختىماي قەرز ئېلىشمۇ ئۇزۇنغا بارمايدىغان ئىش، يەنە كىلىپ تېخى تۆلىمىگەن 1600 سوم ئوقۇش پۇلى ماڭا قاراشلىق تۇرۇپتۇ. بۇ ئىشلار مېنى بەكلا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. مەن ئوقۇشتىن سىرت بىرەر خىزمەت تېپىپ ئىشلەشنى ئويلۇدۇم. شۇنىڭ بىلەن گېزىتلەردىكى، تورلاردىكى ۋە بەزى يەرلەرگە چاپلانغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرى بويىچە ئۆزەم قىلالىغىدەك، ۋاقتىممۇ يار بەرگۈدەك بىرەر ئىشنى ئىزلەشكە باشلىدىم. ئاخىرى مەكتىۋىزدىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر رېستۇراندا كەچلەردە كۈتكىچىلىك قىلىدىغان ئىشنى ئاران تەستە تاپتىم. بۇ يەردە يەنە باشقا مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان بىرنەچچە قىزلارمۇ بارىكەن، مەكتەپنىڭ ياتىقىنى سائەت 10 بىلەنلا تاقىۋېتىدىغان بولغاچقا، رېستۇراندا ئىشلىسەم سىرتتا ئىجارە ئۆيلەردە تۇرماي ئامال يوق ئىكەن. تەلىيىمگە ئۈچ قىز بىرلىشىپ ئىجارىگە ئالغان ئۆيدە يەنە بىر كىشلىك ئورۇن بارىكەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ تۇرۇشۇمغا قوشۇلدى، مەن ئىش ھەققىمنى ئالغاندىن كېيىن پۇل تۆلەيدىغان بولدۇم. شۇنداق قىلىپ رېستۇراندا رەسمىي ئىشقا چۈشتۈم. ئايلىق مۇئاشىمنى 450 سوم بېكىتتى. لېكىن بىر ئاي جاپالىق ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن بۇ 450 سومنى ئالماقنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتتىم. ئىش ھەققى تارقىدىغان ۋاقىتتا چېقىلغان قاچا-قۇچا، ۋاقتىدا مۇلازىمەت قىلمىغان....... دېگەندەك سەۋەپلەر بىلەن يېرىمى يوق بولۇپ كېتىدىكەن. قالغان پۇل ئۆي ئىجارىسى بىلەن تۇرمۇشۇمغا تەستە يىتىدىكەن...... ئامال قانچە، رېستۇراندا ئۈچ ئاي ئىشلىدىم، بىرەر مو پۇلمۇ يىغالمىدىم. مانا، ھەش-پەش دىگۈچە 2007-يىلى 4-ئايمۇ كىرىپ قالدى. مېنىڭ قالغان 1600 سوم ئوقۇش پۇلىنى تۆلەشكە ئىككى ئايلا ۋاقىت قالغان ئىدى، ئەگەر شۇ چاققىچە تاپشۇرالمىسام ئىمتىھانلارغا قاتنىشالمايتىم، بىرنەچچە پەننىڭ ئىمتىھانىغا قاتناشمىسام، نەچچە يىللىق ئوقۇشۇم بىكار بولاتتى. بۇ مەزگىللەردە ئۆزەم بىر بۇلۇڭنى تېپىپ قانچە قېتىم يىغلىغانلىقىم ئىسىمدە يوق. سىنىپىمىزدىكى ھېچنەرسىدىن غەم قىلمايدىغان قىزلارغا ھەسەتخورلۇقىم كېلەتتى، مېنىڭ ئۇلاردىن نەرىم كەم؟ نېمىشقا مەن مۇشۇنداق كۈنگە قالىمەن؟ تەڭرىم زادى مېنى قانداق يولغا سالماقچىدۇ؟ ....... دېگەندەك سوئاللار كاللامدىن كەتمەيتتى.
Vi?q>:E: دادام ئالەمدىن ئۆتكەندە بىز بالىلار بەكلا ئاھ ئۇرۇپ كەتكەن ئىدۇق، ئانام ئۆزىنىڭ بىزدىنمۇ بەكرەك ھەسرەتلىنىۋاتقان كۆڭلىنى توختۇتۇپ، بىزگە: «بالىلىرىم، كەلگۈلۈك ھامان كىلىدۇ، كۆڭلۇڭلارنى يېرىم قىلماڭلار، خۇدايىم بۇ چوڭ ئىشىكنى بىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تاقىغىنى بىلەن، يەنە بىزگە دېرىزىلەرنى ئوچۇق قىلىدۇ» دېگەن ئىدى. مەن بۇ «دېرىزە» نى بىر يىل ئىزدىگەن بولساممۇ تاپالمىغان ئىدىم. 2007-يىلى 5-ئايدىكى يەتتە كۈنلۈك دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، بىر ساۋاقدىشىم بىرگە تورخانىغا كىرىپ تورغا چىقايلى، مەن مېھمان قىلىمەن، دەپ تۇرىۋالدى. مەن بۇرۇنمۇ مەكتەپتىكى بىكارلىق ياكى ساۋاقداشلىرىم پۇل چىقىردىغان ۋاقىتلاردا تورغا چىقىپ تۇراتتىم. بىز تورخانىغا كىردۇق. باشقا قىلدىغان ئىش بولمىغاندىكىن ئىككەيلەن چ چ رىمىزنى ئېچىپ توردىكىلەر بىلەن پاراڭغا چۈشتۇق. مېنىڭ چ چ رىمدا بىرنەچچە قېتىم پاراڭلاشقان بولساقمۇ، توردا تونۇشقىلى ئىككى يىلدىن ئېشىپ قالغان بىرەيلەن بار ئىدى. مەن قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيتىم، ئۇ مېنىڭكىنىمۇ بىلمەيتتى. بۈگۈن چ چ نى ئېچىپ تۇرۇشۇمغا ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراپ ئۇچۇر كەلدى. بىز بىردەم ئۇ يەر بۇ يەردىن پاراڭلاشقاندىن كېيىن، مېنىڭ نىمىش قىلدىغانلىقىمنى سورىدى. بۇ قېتىم مەن يوشۇرۇپ ئولتۇرمايلا ئۆزەمنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىمنى دىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن تېخىمۇ ئىچكىرلىشىپ ئۆزئارا تونۇشىشقا باشلىدۇق. ئۇنىڭ بەزى گەپ سۆزلىرى تولىمۇ يۇمۇرلۇق ئىدى. تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىقى مېنى ھېسسىيات جەھەتتىن بەكلا ئاجىزلاشتۇرۋەتكەن ئىدى. مەن ئۆزەمنىڭ باشتىن - ئاخىرغىچە بولغان ئەھۋالىمنى ئەينەن ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىم، مەن ئۇنى كۆرەلمىسەممۇ لېكىن ئۇنىڭ شۇنداق قېتىقىنىپ ئاڭلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم. ئۇ كۈنى بىز شۇنداق ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق. لېكىن ئىسمىمىزنى، يېشىمىزنى سوراشمۇدۇق، مەن ئۇنىڭكىنى بىلمىگەن بىلەن ئۇ مېنىڭكىنى تەسەۋۋۇر قىلالايتى. بىر چاغلاردا ساۋاقدىشىم تور ئويۇنلىرىدىنمۇ زىرىكتى بولغاي، توردىن چۈشەيلى، دېدى. مەن چ چ دىكى «ئۇ» بىلەن خوشلاشتىم. تورخانىدىن چىققاندا ئۆزەمنى خېلىلا يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدىم، چۈنكى بۈگۈن مەن «ئۇ» نىڭ بىلەن شۇنداق كۆڭۈللۈك پاراڭلاشقان ئىدىم، باشقىلارغا دىيەلمىگەن دەرتلىرىمنى دېۋالغان ئىدىم. ساۋاقدىشىم بىلەن بىللە تاماق يەپ بولۇپ ياتاققا قايتتۇق، بىزنىڭ ياتاقتىكى قىزلارنىڭ بىرسىمۇ يوق ئىكەن، ھەممىسى سىرتلارغا ئوينىغىلى چىكەتكەن ئىدى. مەن ياتاقتا بىرەر سائەتتە ئولتۇردۇم، يالغۇزچىلىقتا زىرىكىش باسقىلى تۇردى...... شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە چ چ دىكى «ئۇ»نى ئەسلەپ قالدىم، داۋاملىق پاراڭلاشقۇم كەلگەن ئىدى. مەن كىيىملىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ يەنە تورخانىغا قاراپ ماڭدىم.
_{4^|{>Pv مەن سائەت يەتتىلەر بىلەن تورخانىغا كىرىپلا چ چ نى ئاچتىم، تەلىيىمگە «ئۇ» تېخى توردا بار ئىكەن. ئۇ مەندىن يەنە ئەھۋال سورىدى، مەنمۇ جاۋاپ قايتۇرۇپ ئۇنىڭدىن «تېخىچە توردا ئولتۇرۇپسىزغۇ؟» دەپ سورۇدۇم. ئۇ «باياتىن سىز بىلەن بولغان پاراڭلارنى قايتىدىن كۆرۈپ ئولتۇرغان ئىدىم»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەننىڭ پارىڭى قايتىدىن باشلاندى. نەچچە سائەت پاراڭلاشقانلىقىم ئېسىمدە قالماپتۇ. بىر چاغدا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام پۈتۈن تورخانىدا ئۈچلا ئادەم قاپتۇق، سائەتكە قارىسام يېرىم كېچە سائەت ئىككى بوپتۇ، يەتتە سائەت پاراڭلىشىپتۇق. بۇ ئارىلىقتا ئۇ مېنىڭ قەيەردە ئوقۇيدىغانلىقىمنى، نېمە كەسپ ئىكەنلىكىمنى، تۇغۇلغان كۈنىمنى، ئىسمىمنى بىلىپ بولدى؛ مەن ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە يېقىن بىر شەھەردە خىزمەت قىلدىغانلىقىنى، 30 ياشقا كىرەي دەپ قالغانلىقىنى، ئىسمىنىڭ ئالىمجان ئىكەنلىكىنى، بۇرۇن مەن بىلەن بىر مەكتەپ ئوقۇغانلىقىنى بىلدىم. بىرنەچچە قېتىم توي قىلغان-قىلمىغانلىقىنى سوراي دېگەن بولساممۇ، نېمىشقىدۇ سورۇغۇم كەلمىدى. سائەت ئۈچلەر بولغاندا ئۇ مەندىن كامىرا بار - يوقلىغىنى سورىدى. مەن ھېچقانداق ئويلانمايلا كامىرا بارلىغىنى ئېيتتىم. ئالىمجان ماڭا ئۆزىدىمۇ كامىرا بارلىقىنى، كامىرادا ئۆز-ئارا كۆرۈشىشنى دېدى. بەلكىم بىر كۈن كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغانلىق سەۋەبىمۇ ياكى باشقا سەۋەپمۇ، مەن توردا بولۇشقا تېگىشلىك ھۇششارلىقنى يوقاتقان ئىدىم. مەن ئۇنىڭ تەكلىۋىگە قوشۇلدۇم. بىز كامىرانى ئاچتۇق. ئالىمجان قاراشقا خېلى كىلىشكەن، پاكىز چىراي، سەمىمىيلىك چىقىپ تۇردىغان بالا ئىكەن، ئۇنىڭ كامىرادىكى چىرايىدىن 30 ياشقا بېرىپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتى. بىز كامىرانى ئېچىپ قويۇپ يەنە بىرنەچچە سائەت پاراڭلاشتۇق. ئۇنى دەپ بۇنى دەپ، گەپ ئايلىنىپ يەنە مېنىڭ ئىككى ئايدىن كېيىن تۆلەيدىغان ئوقۇش پۇلۇمغا كىلىپ توختىدى. ئالىمجان ماڭا ياردەم قىلغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى، مەن ئىككەيلەننىڭ پەقەت توردا تونۇشقان باشقا ھېچقانداق مۇناسىۋىتىمىزنىڭ يوقلىغىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئالىمجان ماڭا يەنە چۈشەندۈرۈپمۇ ئولتۇرمىدى، ئۆزىنىڭ يانفۇن نومۇرىنى ماڭا قالدۇرۇپ «ئەگەر ھەرقانداق ۋاقىتتا مېنىڭ ياردىمىمگە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاتىنماي تېلىفۇن قىلىڭ» دېدى. مەن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتىم ۋە ئۇنىڭ يانفۇن نومۇرىنى خاتىرلىۋالدىم. راست گەپنى ئېيتسام، مەن ھازىر ھەقىقەتەن بىرسىنىڭ ياردىمىگە بەكلا مۇھتاج ئىدىم، 1600 سوم ئوقۇش پۇلى ۋە ھەر ئايلىق تۇرمۇش پۇلى مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئالدىمىزدىكى ئوقۇش يىلىنىڭ 4600 سوم ئوقۇش پۇلى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى باشقا چىقىملار......... مەن بۇ ئىشلارنى ۋە پۇللارنى ئويلاشتىن قورقايتىم، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشاتتى. ئۆزەممۇ بىلمەيمەن، كۆزلۈرۈمدىن تاراملاپ ياش ئېقىشقا باشلىدى، ئۆزەمنى پەقەتلا كونترول قىلالمىدىم. بۇ خىياللار بىلەن كامىرانىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئالىمجان مەندە بولىۋاتقان بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. مەن دەرھال كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ، ئۆزەمگە زورلاپ چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرتتىم. ئالىمجان ماڭا تەسەللى بىردىغان نۇرغۇن گەپلەرنى دىدى، لېكىن پۇلنىڭ ئىشى بىر ئالۋاستىدەك كاللامنى چىرمىۋالغاچقا ئۇنىڭ بۇ تەسەللىلىرى ھازىر ماڭا پايدىسى يوق ئىدى. مەن ئۇنىڭغا «بۈگۈن سىزنى بىر كۈن قۇرۇق گەپكە تۇتۇپ ئولتۇردۇم، سىزگە كۆپ رەھمەت، سىز ئەمدى ئارام ئېلىڭ» دېدىم. ئۇ «سىزچۇ؟» دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا ھازىر ياتاققا كىرەلمەيدىغانلىقىمنى، تاڭ ئاتقاندا ئاندىن قايتىپ ئارام ئالىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئالىمجان «مەن سىزگە توردا ھەمراھ بولاي» دەپ تۈرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىز يەنە پارڭلىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. گەپ ئارىسىدا ئالىمجان راستلا ماڭا ياردەم قىلغۇسى بارلىقىنى بىر نەچچە قېتىم تەكىتلەپ ئۆتتى. مەن ئاخىرى ئۇنىڭدىن سورۇدۇم، «سىز بىكاردىن بىكار ماڭا ياردەم قىلامسىز؟ يەنە كىلىپ مەن ئوقۇش پۈتتۈرگىچە ئون نەچچە مىڭ سوم پۇل كېتىدۇ». ئالىمجان «مەن بىلىمەن، مەن سىزگە ئوقۇش پۈتتۈرگىچە كېتىدىغان چىقىمنىڭ ھەممىنى بىرەلەيمەن، ئۇنىڭدىن باشقا سىز تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش ئۆتكۈزگىدەك پۇل بىرىپ تۇرىمەن، بۇلارنى قوبۇل قىلىش - قىلماسلىق سىزگە باغلىق» دېدى. ئېكراندا بۇ سۆزلەرنى كۆرۈپ نېمە دەپ جاۋاپ يېزىشنى بىلمىدىم. ئۇ بىرنەچچە سوئال بەلگىسى يوللىدى. مەن ئاخىر ئۇنىڭغا «بۇ گەپلەرنى دىيىشمەيلى» دەپ جاۋاپ يازدىم. باشقا ۋاقىت بولسا، بۇنداق گەپنى ئاڭلىسام چوقۇم قاتتىق ئاچچىغىم كەلگەن بولاتتى، لېكىن ھازىر پەقەت كۆڭلۈم يېرىم بولغاندەك بولدى. ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئورامىغا قارىغاندا، ئۇ مېنىڭ ھازىر پۇلغا تولىمۇ ئېھتىياجلىق ھالىتىمنى بىلىپ يەتكەندەك ئىدى. مەن بىر تەرەپتىن ئەنسىرەپ تۇرساممۇ، يەنە بىر تەرەپتىن پارىڭىمىزنى داۋاملاشتۇرغۇم بار ئىدى، لېكىن قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى ئۆزەممۇ بىلمەيتىم. مېنىڭ ئىددىيەمدە قاتتىق كۈرەش بولاۋاتاتتى. مەن كامىرانى ئىتىۋەتتىم. ئالىمجان «نېمە بولدى» دەپ سورىدى، مەن «ئەمدى سىزمۇ ئارام ئېلىڭ، مەنمۇ ياتاققا قايتاي» دېدىم. ئۇ باشقا گەپ قىلمىدى. بىز خوشلاشقاندىن كېيىن مەن ياتاققا قايتتىم. كارۋىتىمغا چىقىپ ئۇخلاي دەپ ئۆزەمنى شۇنچە زورلىساممۇ پەقەتلا ئۇيقۇم كەلمىدى. ئۆزەمنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمنى بىلمەيتىم، كاللام قۇپ-قۇرۇقلا ئىدى. قايسى ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن. قوسۇقۇم شۇنداق ئېچىپ ئويغاندەم چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتىن ئېشىپتۇ. ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇپ تاماق يىيىشكە ماڭدىم، ئاشخانا ئالدىغا كەلگەندە تۇرۇپلا قالدىم، مەن قايسى پۇلغا تاماق يەيمەن؟ يانچۇغۇمدا ئىككى سوم ئۈچمولا پۇل قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن يان تەرەپتىكى ناۋايخانىدىن ناندىن بىرنى ئالدىم، ياتاققا قايتىپ چاي ئىچمەي ئامال يوق ئىدى. قۇرۇق نان بولسىمۇ شۇنداق مىزىلىك تېتىدى، دىگەندەك ئىسسىق باسمىسىمۇ قوسۇقۇم تويدى.
: g6n,p_# كەچتە يەنە تۈنۈگۈنكى ساۋاقدىشىم بىلەن تورخانىغا كىردۇق، مەن كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ چ چ چەككەن بولساممۇ توختاپ قالدىم، مەن كۆڭلۈمدە چ چ دا ئالىمجاننى ئۇچرىتىشنى ئويلىساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن قانداق پاراڭلىشىشنى بىلمەيتىم. مەن ئاخىرى يوشۇرۇن ھالەتتە چ چ نى ئاچتىم. ماڭا تونۇش بولغان باش سۈرەت ئۇچۇر بارلىقىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. مەن ئالدىراپ ئاچتىم. چ چ دا پەقەت بىرلا خەت قالدۇرۇلغان ئىدى. «ياخشىمىسىز! مەن بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىگە بارىمەن. سىز بىلەن كۆرۈشكۈم بار، قولايلىق بولسا، خالىسىڭىز ماڭا تېلىفۇن قىلىڭ! مەن سىزنىڭ تېلىفۇنىڭىزنى ساقلايمەن». مەن ئۇچۇرنى كۆرۈپ نېمە قىلىشىمنى بىلمەي ئولتۇرۇپ قالدىم. تېلىفۇن قىلايمۇ قىلمايمۇ؟ كۆرۈشەيمۇ كۆرۈشمەيمۇ؟ بۇ سوئاللار كاللامدا پىقىراپلا يۈرەتتى. چ چ دىكى توردا بارلار تىزىملىكىگە قارىسام ئالىمجان يوق ئىدى. مەن يوشۇرۇن ھەلەتنى ئېلىپ تاشلىغاندىن كېيىن ساۋاقدىشىم بىلەن بىرگە ئويۇن ئويناشقا باشلىدۇق. لېكىن ئالىمجاننىڭ قالدۇرغان سۆزى كاللامدىن كەتمىدى. بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئالىمجان توردا پەيدا بولدى. مەن چ چ نى ئىتىۋىتەي دەپ ئويلىغان بولساممۇ لېكىن توختاپ قالدىم. ئۇنىڭ ئۇچۇرى كەلدى. «مەن قالدۇرغان ئۇچۇرنى كۆردىڭىزمۇ؟»، مەن: «شۇنداق، مەنمۇ ھازىر تېخى بىر ساۋاقدىشىم بىلەن تورخانىغا كىرىشىمتى، ئەمدى كۆرۈپ تۇرغانتىم» دەپ يالغان ئېيتتىم.
IgIYguQ ئالىمجان: «مەن ھازىر ئۈرۈمچىدە، كەچلىك تاماققىچە تېلىفۇن قىلىپ قالارمىكى دەپ ساقلىسام سىزدىن ئۇچۇر يوق، بىرسى بىلەن كۆرشىدىغان ئىش بار ئىدى، بىرگە تاماق يەپ بولۇپ ھازىر ياتاققا قايتىشىم»
GbI-SbE مەن: «كەچۈرۈڭ، مەن ئۇچۇرىڭىزنى ھازىر كۆرەپتىمەن، بولمىسا تېلىفۇن قىلغان بولاتتىم». بۇ گەپنى قانداقسىگە يېزىپ يوللىغىنىمنىمۇ تۇيمايلا قاپتىمەن.
r)^vO+3u ئالىمجان: «ھازىر قولايلىقمۇ؟ سىز بىلەن كۆرۈشەي دىگەن ئىدىم. مەن سىزنىڭ رەت قىلماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن»
c!#:E` مەن: «مەن تورداشلار بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغان».
1oiRW Re ئالىمجان: «ھەرقانداق ئىشنىڭ بىرىنچى قېتىملىقى بولىدۇ. ئەگەر ماڭا ئىشەنسىڭىز مېنى رەت قىلمىغان بولسىڭىز. مەن پەقەت سىزنىڭ ھازىرقى قىيىنچىلىقىڭىزغا ياردەم قىلاي دېگەنتىم».
k(t}^50^j مەن بۇ ياردەمگە مۇھتاج، لېكىن بۇنداق ياردەمنىڭ بىكارلىق ئەمەسلىگىمۇ ماڭا بەكلا ئېنىق. مەن ئېكرانغا قاراپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپلا قالدىم. نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيتىم. لېكىن تولىمۇ تەس بىر ئىش ئۈستىدە تاللاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىمنىلا بىلەتتىم. مەن ئاخىرقى قارارغا كەلدىم. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىمەن. چ چ دا ئالىمجانغا قوشۇلغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ ئۆزىنىڭ مەكتەپكە ئانچە يىراق بولمىغان بىر مېھمانخانىدا تۇردىغانلىقىنى ۋە ياتاق نومۇرىنى دەپ بەردى. چۈنكى ئۇ ئالغىلى كىلەي دېگەندە، مەن ئۆزەم باراي دېگەن ئىدىم. مەن ساۋاقدىشىمغا بىر مۇھىم ئىشىمنىڭ چىقىپ قالغانلىقىنى دەپ، ئۇنىڭدىن 10 سوم قەرز ئالدىم. مەن ئالىمجان تۇرغان مېھمانخانىغا قاراپ يولغا چىقتىم. ئاشۇ ئاخشام مەن بىر ستۇدېنت قىزدىن پاھىشىگە، پاھىشىدىن ئاشنىلىق يولىدىكى بىرىنچى قەدىمىم باشلانغان ئىدى. مەن يولدا نەچچە قېتىم كەينىمگە قايتىشنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن پۇلغا بولغان ئىنتىلىش مېنى مېھمانخانىغا بارلىق كۈچى بىلەن تارتىپ كېتىۋاتاتتى. مەن ئالىمجاننىڭ ياتاق ئالدىغا كەلدىم.
gw36Ec<M --------------
TX=yPq ئالىمجان تۇرىۋاتقان بۇ مېھمانخانا بەش يۇلدۇزلۇق بولۇپ، بۇرۇن كوچا ئاپتوبۇسىلىرىدا چوڭ يول بويىدىكى بۇ ھەشەمەتلىك بىنانىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، قانداق ئادەملەر مۇشۇنداق يەرلەردە ئىستىمال قىلدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ قالاتتىم. ئۈرۈمچىدە تۆت يىلدەك تۇرۇپ ئاشۇ كۈنگىچە ئىككى-ئۈچ قېتىم ساۋاقداشلىرىمغا ھەمرا بولۇپ ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىدىن كەلگەنلەر چۈشكەن ئۈچ يۇلدۇزلۇق مېھمانخانىغا كىرىپ باققان بولساممۇ، بەش يۇلدۇزلۇق مېھمانخانىلارنىڭ قانداقلىغىنى بىلمەيتىم. بۇ مېھمانخانا ھەقىقەتەنمۇ ھەشەمەتلىك ئىكەن، مەن چوڭ زالنى نەچچە ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاران تەسلىكتە لىفىت بار يەرنى تاپتىم. ئالىمجاننىڭ دەپ بەرگىنى بويىچە ئۇنىڭ تۇرۋاتقان ياتاق ئالدىغا كەلدىم. بۇ 2016-نومۇرلۇق ياتاق ئىدى. بۇ ياتاق نومۇرى بۈگۈنگىچە ئىسىمدىن چىقمايدۇ. شۇندىن كېيىن مەن بۇ مېھمانخانىنىڭ دائىملىق خېرىدارى بولۇپ قالغان بولساممۇ، لېكىن بۇ ياتاققا ئىككىنچى قېتىم كىرىپ باقمىدىم.
!-<p,z مانا بۇ ياتاقتا مەن چۈشكۈنلىشىشكە قاراپ ماڭدىم. شۇنداقلا مانا مۇشۇ ياتاقتا مەن يېڭىچە بىر يولغا قەدەم قويدۇم.
Ep9W- n?} مەن پۈتۈن غەيرىتىمنى يىغىپ ئىشىكنى چەكتىم، ئىشىك ئېچىلدى، ئالدىمدا مەن كامىرادا كۆرگەن ئالىمجان تۇراتتى. ئۇ مەندىن ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن تولىمۇ ئەدەپلىك بىلەن مېنى ياتاق ئىچىگە تەكلىپ قىلدى. مەن دېرىزە تۈۋىدىكى ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردۇم. ئالىمجان ئۆزى كارۋاتتا ئولتۇردى. بۇ ياتاق ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن شۇنداق چىرايلىق ياسالغان بولۇپ، كىشىگە بىر خىل ئىللىقلىق تۇيغۇسى بىرەتتى. ئالىمجان ماڭا بىر ئىستاكان چاي قۇيۇپ بەرگەندىن كېيىن ئۆزى كارۋاتقا يانتۇ بولۇپ تېلىۋېزور كۆرۈشكە باشلىدى. مەن ئۇنىڭغا قاراشقا پېتىنالمايتىم، بەكلا جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدىم، ئۆزەمنىڭ يۈرەك سوقۇش ئاۋازى ئۆزەمگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى. چ چ دا كۆپ پاراڭلاشقان بولساقمۇ ھازىر ئۇنىڭغا قانداق گەپ قىلىشنى بىلمەيتىم. بىرنەچچە يۇتۇم چاي ئىچكەندىن كىيىن مەندىكى جىددىيلىك ئازراق بېسىققاندەك بولدى. مۇشۇنداق لام-جىم ئولتۇرغۇنىمىزغا قانچىلىك بولغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ ماڭا شۇنداق ئۇزاق تۇيۇلدى. تۇيۇقسىز ئالىمجان ماڭا كارۋاتقا كىلىپ ئولتۇرۇشنى شەرەت قىلدى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردۇم.
YNwp/Y بولدى، بۈگۈن نېمە ئىش بولسا مەيلى.
Ae]sGU|?' ماڭا پۇل لازىم.
>/[GTqi مەن ئوقۇشۇمنى بۇنداقلا توختۇتۇپ قويسام بولمايدۇ.
Ar*^;/ پەقەت ئوقۇشۇمنى تاماملاپ دىپلومنى قولۇمغا ئالالىساملا، ئاندىن بۇنداق پەسكەش ئىشلارنى قىلىشتىن قۇتىلىمەن.
W-NDBP: مەن ئۇنىڭغا قارىيالمايتىم، تېلىۋېزوردىن كۆزۈمنى ئۈزمەي تىكىلىپ ئولتۇردۇم. تېلىۋېزوردا ئامېرىكىنىڭ بىر ئۇرۇش فىلىمى قويلىۋاتاتتى. نېمە مەزمۇندا ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن. ئۇ مەندىن «ئامېرىكىنىڭ كىنولىرىنى ياخشى كۆرەمسىز؟» دەپ سورىدى. مەن «ياخشى كۆرىمەن» دېدىم.
7d LuX يەنە ئۇزاققا سوزۇلغان جىمجىتلىق باشلاندى. مەندىكى جىددىيلىك يەنە قايتا ئۆرلەۋاتقاندەك بولدى. ئەمدى قانداق ئىش بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتىم. مەن تېلىۋېزور ۋە كىنولاردا ئەرلەرنىڭ ياتاققا قىزلارنى چاقىرغاندىن كېيىنكى ئۇسۇللىرىنى بىرنەچچە قېتىم كۆرگەن ئىدىم. ئادەتتە مەندەك قىزلار كىرگەندىن كېيىن ئەرلەر «مۇنچىغا چۈشۈپ چېقىڭ» دەيدۇ، قىزلار چىققىچە ئۇلار كىيىملىرىنى سېلىپ كارۋاتتا يېتىپ بولىدۇ، ئاندىن قىلدىغاننى قىلىپ بولۇشقاندىن كېيىن، قىزلار ئەرلەرنىڭ بەرگەن پۇلىنى ئېلىپ ياتاقتىن چىكىتىدۇ. ئوتتۇردا شىرىن سۆزلەرمۇ بولمايدۇ، ئىككىلى تەرەپ ئۆزىنىڭ ھېسسىياتى بىلەن بولىدۇ. يەنە قاچان كۆرۈشىش توغرۇلۇقمۇ گەپ بولمايدۇ. چۈنكى بۇ بىر سودا، كۆز ئالدىدىكى ئېھتىياج قاندۇرۇلسىلا بولىدۇ.
_XCOSomL` لېكىن ئالىمجان داۋاملىق تېلىۋېزور كۆرۈۋاتاتتى. ئۇ ماڭا قارىدىمۇ يوق، بىلمەيمەن، مەن ئۇنىڭغا قارىيالمايتىم. ھازىر ئالىمجاننىڭ چ چ دىكى گەپدانلىقىنى كۆرگىلى بولمايتى. مەن بۇنداق ئولتۇۋېرىشنى لايىق كۆرمۈدۈم.
nRyU]=-X «مەكتەپتە ياتاقنى سائەت 10 بىلەن تاقايدۇ، كېيىن قالسام بولمايدۇ، مەن قايتاي»، دېدىم.
{~Rk2:gx تۇيۇقسىز ئالىمجان مېنىڭ قولۇمنى تۇتتى. بەدەنلىرىم بىرخىل تىترەپ كەتكەندەك بولدى.
S$QG.K:<! ئالىمجان: «بۇ ياتاق سىزنىڭ ياتىقىڭىزغا يەتمەمدىكەن؟»
th;{V%:LW مەن: «ئۇنداق ئەمەس، مېنىڭ ياتىقىمدىن كۆپ ياخشىكەن»
``wSc0\ ئالىمجان: «كارۋات قاتتىقمىكەن يە؟»
'7XIhN9 يۈزۈم ئوت ئالغاندەك بولدى. مەن جاۋاپ قايتۇرمۇدۇم. نېمە دەپ قاۋاپ قايتۇرۇشنى بىلمەيتىم.
293M\5: ئالىمجان: «بۈگۈن مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىڭ، بولامدۇ؟»
7(pF[LCF مەن: «ئۇنداق قىلسام ياخشى بولمايدۇ، ياتاقداشلىرىم ئەنسىرەپ قالىدۇ.»
r zt Ru مېنىڭ قوبۇپ قالغۇم بار ئىدى، چۈنكى مەن شۇنداق تەييارلىق بىلەن كەلگەن تۇرسام. لېكىن قىزلاردا بولىدىغان تەبىئىي خىجىلچانلىق مېنى يالغان سۆزلىتىۋاتاتتى. ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇ دەپ بولغىچە «ماقۇل» دىسەم قانداق بولىدۇ؟! بۇنداق بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ياتىقىمىزدا قىزلار ئاساسەن قالمايتى، يېقىنراق زەھەردىكىلەر ئۆيلىرىگە قايتىشسا، قالغانلىرىنىڭ تاماششا قىلدىغان يەرلىرى چىقىپ تۇراتتى. بىرەرسى بىرنەچچە كۈن ياتاققا قايتمىسىمۇ نورمال ئەھۋال بىلىندىغان ئىدى.
V$ps> ئالىمجان: «بىرەر ياتاقدىشىڭىزغا تېلفۇن قىلىپ قويۇڭ بولمىسا.»
MdvcnaCG مەن ئۇنىڭ بۇ سوئالىنى يەنىلا جاۋاپسىز قويدۇم. نېمە دىيىشىمنى بىلمەي تېلىۋېزورغا قاراپ ئولتۇردۇم. ئۇ ماڭا ئاستا يېقىنلاشتى ۋە مېنى ئۆزى تەرەپكە تارتتى. مەن قارشىلىق كۆرسەتمىدىم ھەم ئۆزەمنىمۇ تاشلىۋەتمىدىم. بىر ئوغۇل بىلەن بولغان بۇنداق يېقىنلىشىشلار مەندە بۇرۇن بولۇپ باققان ئىدى. بۇرۇنقى ئوغۇل مەن تۇنجى شىرىن مۇھەببەتلىشىپ، ئۆزەمنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، دەسلىۋىمدىن تارتىپ بېرىۋەتكەن، لېكىن ئۇزۇنغا بارماي مېنى داغدا قويغان، ئازاپ ئوتىغا تاشلىغان ئوغۇل ئىدى، ھازىرقىسى بولسا ئۆزەمنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۋاتقان بىر ئوغۇل. بۇ قېتىمقى تېمامدا «تۇنجى سۆيگۈم» توغرۇلۇق سۆزلۈگۈم يوق. بۇ ھېكايەمنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، چوقۇم بۇ توغرۇلۇق ئايرىم بىر ماقالە يېزىپ چىقىمەن.
RJd(~1 ; #&yn=^ مېنىڭ قارشىلىق قىلماي جىم تۇرغۇنۇمنى كۆرگەن ئالىمجان قۇلاق تۈۋۈمگە، بويانلىرىمغا سۆيۈشكە باشلىدى، بەلكىم ئۇ مېنىڭ قارشىلىق قىلمايدىغانلىقىمنى بىلىپ بولغاندۇ. پۈتۈن بەدىنىم تونۇردا ئولتۇغاندەك قىزىپ كەتتى. مەن ئۆزەمنى سەل تارتىپ «يۇيۇنۇپ چىقاي» دېدىم. «سىز يا مەيمەت بولمىسىڭىز......» دېدى ئالىمجان ۋە داۋاملىق بويۇنلۇرۇمغا يۈزلىرىمگە سۆيۈشنى توختاتمىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزنى قانداق مەنىدە دېگەنلىكىنى بىلمەيمەن، لېكىن بۇ سۆز ماڭا شۇنداق تەسىر قىلغان ئىدى. «مەينەت، پاسكىنا، پاھىشە» نىڭ مەنىسى قىزلارغا نېسبەتەن ئانچە چوڭ پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ئىبارىلەر ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم.
"hsb8- S[J}UpV ئۇ مېنىڭ چاپىنىمنى سالغۇزدى. 5-ئايلاردا ئۈرۈمچى خېلى ئىسسىپ قالىدىغان بولغاچقا، ئىچىمگە نېپىزلا بىر مايكا كىيىۋالغان ئىدىم. ئۇ مېنى قۇچاقلاپ توختىماي سۆيۈشكە باشلىدى، مەن ھالسىزلانغان ئىدىم، ئۆزەمنى ئۇنىڭ خالىغانچە بىرتەرەپ قىلىشىغا تاپشۇردۇم. ئۇ بىر تەرەپتىن سۆيگەچ بىر تەرپتىن مايكامنى ۋە سالدۇردى، ئۆزىمۇ كۆينىكىنى سېلىۋەتتى. بىزنىڭ ئۈستى بەدەنلىرىمىز بىر-بىرىگە چاپلاشتى. مەن ئىسىمنى ۋە ھۇشۇمنى يوقاتقان ئىدىم. ئۇ مېنىڭ پۈتۈن كىيىملىرىمنى سالدۇرۇپ بولغان ئىدى، ئۆزىمۇ يالىڭاچلىنىپ بولدى. بۇ چاغدا مەندىكى شىرىن تۇيغۇ تۇيۇقسىز يوقىغاندەك بولدى، ئۇ مېنىڭ ئۈستۈمدە ئۆز ھېسسىياتىغا چۆمگەن ئىدى. مەندە كىتاپ ۋە كىنولاردا تەسۋىرلەنگەندەك ھوزۇرلىنىش ئالامەتلىرى بولمىدى، ئۆزەمنى شۇنداق قىينىلىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. بەدەنلىرىمنىڭ غالىلداپ تىترەۋاتقانلىقىنى شۇنداق ئېنىق بىلىپ تۇرىمەن، كۆزۈمنى ئېچىشقا پېتىنالمايتىم، كۆز ئالدىم قاپ-قاراڭغۇ، ماڭا ھېچقانداق نۇرنىڭ كىرىگەى يوق ئىدى ھەم تەلەپ قىلىش سالايىتىممۇ يوق ئىدى. بىر چاغدا ئۇ ئۈستىمدىن چۈشۈپ يان تەرەپتە ياتتى، مەن ئۇنىڭ ھاسىراپ چىقىۋاتقان ئېغىر تىنىقلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتىم. بۇ ئوننەچچە مىنۇتلۇق جەريان ماڭا ھېچقانداق خوشاللىق ئېلىپ كىلەلمىدى. چۈنكى بۇ بىر قېتىملىق سودا، شۇڭا مېنىڭ ھېسسىياتىمنىڭ قانداق بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. چۈنكى، مەن بىر پاھىشە.
a6uJYhS~ ui/a|Q مەن كارۋات يېنىدا تۇرغان لوڭگە بىلەن بەدىنىمنى ئوراپ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىيىملىرىمنى ئېلىپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتىم. باياتىن ھېچقانداق بىخەتەرلىك ۋاستىسى قوللانمىغاچقا، مەن كىتاپلاردىن ۋە بەزى قىزلاردىن ئاڭلىۋالغىنىم بويىچە ئۇسۇل بىلەن تازىلىق ئۆيىدە خېلى ئۇزاق ئولتۇردۇم. مەن مۇنچىدا يۇينىۋېتىپ، كىيىملىرىمنى كىيىپ چىقسام ئۇ تاماكا چەككەچ تېلىۋېزور كۆرۈپ يېتىپتۇ. ئۇ مەندىن «كىيىملىرىڭىزنى كىيۋاپسىزغۇ؟ راستلا قايتمىسىڭىز بولمامدۇ؟» دەپ سورىدى. مەن گەپ قىلماي بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇ چىرايىغا كۈلگە يۈگۈرتۈپ تۇرۇپ «ئەمىسە بۇ قېتىم مەنمۇ سىزنى بەك تەڭلىكتە قويماي، مەن ئەتە چۈشتىن كېيىننىڭ ئايرۇپىلانىدا ئىچكىرگە باردىغان بىر خىزمەت ئىشى بار ئىدى، 3، 4 كۈنلەردىن كېيىن قايتىپ كىلىمەن. يېنىمدا نەق پۇل ئانچە كۆپ ئەمەسكەن، ئالاقىلىشىپ تۇرشىمىزغا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن سىزگە بىر يانفۇن ئېلىپ قويغان ئىدىم، ئەتە سىز بانكا كارتا نومۇرىڭىزنى ماڭا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىپ بېرىڭ، مەن سىزگە پۇل سېلىپ بىرىمەن. ھازىرچە بۇ يانفۇن بىلەن ئاز بولسىمۇ مۇنۇ پۇلنى ئىشلىتىپ تۇرۇڭ» دېگەچ پورتمىلىدىن پۇل چىقىرىپ ماڭا تەڭلىدى. مەن ھازىرغىچە قولۇمنى قانداق سۇنغانلىقىمنى بىلمەيمەن، پۇلنى ئېلىپلا مېڭىشقا تەمشەلدىم. ئۇ تېلىۋېزور يېنىدىكى بىر سۇلىياۋ خالتىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ «يانفۇننى ئۇنتۇپ قالدىڭىز» دېدى ۋە كارۋاتتىن چۈشۈپ خالتىنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى. مەن نېمە قىلارىمنى بىلمەي « بولدى، يانفۇننى ئالماي» دىدىم. ئۇ ناھايىتى كەسكىن ھالدا « بولمايدۇ» دېدى ۋە مېنىڭ يۈزۈمگە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ «مەن سىزنىڭ مەن بىلەنلا ئۆتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەرقانداق ئەھۋالدا تونۇشقان باشقا ئەرلەر بىلەن بۈگۈنكىدەك ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى كۆرگۈم يوق، سىز ماڭا كاپالەتلىك بىرىڭ، مەنمۇ سىزگە سىز ئوقۇش پۈتتۈرگىچە كېتىدىغان خىراجىتىڭىزگە كاپالەتلىك بىرىمەن» دېدى، مەن ھېچقانداق جاۋاپ بەرمەيلا كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ياتاقتىن چىقىپ كەتتىم. لىفىتتىن چۈشكىچە پۇلنى سانىسام 1000 سوم ئىكەن. يانفۇننىڭ توكى قاچىلاقلىق بولۇپ، كارتىسىمۇ باردەك قىلاتتى. تۇيۇقسىز يانفۇنغا ئۇچۇر كەلدى، شۇنداق قورقۇپ كەتتىم. ئۇچۇر ئالىمجاندىن كەلگەن ئىدى. «سىزنىڭ مەن باياتىن دېگەن سۆزۈمنى ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن. خەيرلىك كەچ».
;EP:o%r مېھمانخانىدىن چىققاندىن كېيىن سىرتتىكى غۇر-غۇر شمالدىن ئۈزۈپ-ئۈزۈپ نەپەس ئالدىم. كۆڭلۈمدە «ئۇ بىر خېرىدار، مەن بىر پاھىشە. بۇ پەقەت مۇشۇ بىر ئاخشاملىقلا ئىش خالاس. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئويلاپ كىتىشىمنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ھازىردىن باشلاپ كىم-كىمنى تونۇيتتى..... مەن قولۇمدىكى پۇلنى تونىساملا بولدى..... 1600 سوم ئوقۇش پۇلۇمغا ئىرشەلمىگەن بولساممۇ ئەتە بۇ يانفۇننى ساتسام يىتىپمۇ قالار....» دېگەندەك خىياللار بىلەن مەكتەپ تەرەپكە قاراپ ماڭدىم ۋە سائەتكە قاراپ باقاي دەپ يانفۇنغا قارىسام 10:40 ئوتۈپتۇ. بۇ چاغدا ياتاققا كىرەلمەيتىم. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز بۇرۇن قىزلار بىلەن بىرنەچچە قېتىم بارغان بىر «ساڭنا» غا قاراپ يول ئالدىم. راست گەپنى ئېيتسام ئۆزەمنى نەچچە سائەتلەپ يۇيغۇم بار ئىدى.
|R/%D%_g h eV=)8 مەن ساڭناغا كىرىپ مۇنچا سۈيىنى ئەڭ چوڭ ئېچىۋېتىپ شاقىراپ چۈشىۋاتقان ھور چىقىپ تۇرغان ئىسسىق سۇ ئاستىدا يېرىم سائەتتەك تۇردۇم، قايتا-قايتىلاپ سوپۇنلۇدۇم، كۆزۈمدىن ياشلىرىممۇ توختىماي ئاقاتتى. مەن مۇشۇنىڭ بىلەن ئۆزەمنى پاكىز يۇيۇشنى نەقەدەر ئۈمىد قىلاتتىم ھە! لېكىن قانچە يۇغانسىرى شۇنچە مەينەتلىشىۋاتقاندەك، سېسىق بىر خىل پۇراق چىقىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. ئۇ كۈنى مەن ساڭنادا ئۇخلاپ قالدىم.
]QlwR'&j/n ئەتىگەن سائەت 9 لار ئەتراپىدا مەن ئالىمجاننىڭ يوللىغان ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم: «ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟ ئورنىڭىزدىن تۇردىڭىزمۇ؟». مەن ئۇنىڭغا «ياخشى ئۇخلاپتىمەن، سەھەردىلا ئورنۇمدىن تۇرغان» دەپ ئۇچۇر قايتۇردۇم. ئاندىن ئۇ مەندىن بانكا كارتا نومۇرۇمنى سورىدى. مەن ھېلىرەك ئەۋەتىپ بىرەي ، دىدىم. مەيلى ئۇ راست پۇل سالسۇن ياكى سالمىسۇن، ئۇنىڭ دېگىنى راست بولسۇن بولمىسۇن، ئۇنىڭغا كارتا نومۇرۇمنى دەپ بەرسەم مەن ئۈچۈن ھېچقانداق زىيىنى يوق ئىدى. شۇڭا مەن ئۇنىڭغا كارتا نومۇرۇمنى ئەۋەتىپ بەردىم. يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئالىمجاندىن يەنە ئۇچۇر كەلدى: «مەن پۇل سېلىپ قويدۇم، تەكشۈرۈپ بېقىڭ». مەن ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى بىلدۈردۈم ھەم ئىشىنەر - ئىشەنمەس بىر ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ئورنىغا بېرىپ تەكشۈردۈم. بانكا كارتامدا 1002 سوم پۇل چىقتى، ئەسلى كارتامدا پەقەت 2 سوملا پۇل بار ئىدى. مەن بانكىغا كىرىپ ئۇ تۈنۈگۈن كەچتە بەرگەن پۇلدىن 800 سومنى بانكىغا سالدىم. بانكىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا قانداق ئۇچۇر قىلىشنى بىلەلمىدىم. مەن قايمۇقۇپ قالغان ئىدىم. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازدىم : «سىز نىمىشقا يەنە ماڭا پۇل سېلىپ بىرىسىز؟»
1cpiHZa ئالىمجان: «مەن تۈنۈگۈن كەچتە سىزگە ماقۇل بولغان، گېپىمدە تۇرمىسام قانداق بولىدۇ؟ بولمىسا سىز مېنى ئالدامچىكەن دىمەمسىز»
pL/DZ|S3 مەن: «سىز پۇل سالمىسىڭىزمۇ مەن ئۇنداق دەپ ئويلىمايتىم. چۈنكى بىرىشكە تېگىشلىكنى سىز ئاخشام بىرىپ بولغان تۇرسىڭىز»
w"Gm; B4 ئالىمجان: « سىزنىڭ ئوقۇش تاپشۇرشىڭىزغا 1600 سوم كېتىدىغان تۇرسا، يەنە كىلىپ بۇ ئايدا يەنە تاماق يەيدىغانسىز؟ راست گەپنى دىسەم، مەن سىزنىڭ قالغان 600 سومنى تولۇقلايمەن دەپ باشقىلار قېشىغا بېرىپ قېلىشىڭىزنى خالىمايمەن»
Ch<[l8;K مەن: «رەھمەت سىزگە. مەن بۇ پۇللارنى كېيىن سىزگە چوقۇم قايتۇرۇپ بىرىمەن»
128EPK ئالىمجان: « سىزغۇ مەن بەرگەن پۇللارنى قايتۇرۇپ بىرەرسىز، مەن سىز بەرگەن خوشاللىقنى قانداق قايتۇرۇپ بىرىمەن؟»
3TeY%5iVt مەن نېمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى بىلەلمىدىم. بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇچۇرى يەنە كەلدى: «مەن يانفۇنغا 500 سوم پۇل قاچىلاپ قويدۇم، ئاز قالغاندا مەن يەنە قاچىلاپ قويىمەن، خاتىرجەم ئىشلىتىۋېرىڭ».
d928~yW مەن: «رەھمەت!»
Vc\MV0lr ئالىمجان: «ھە راست، مەن تۈنۈگۈن سىزگە قالدۇرغان ئويلۇنۇش ئىشىدا قانداق قارارغا كەلدىڭىز؟»
Yg%I? مەن: «مەن تېخى ئويلانمىدىم»
K*K,}W&} مەندە ئاخشامقى ئىشلارنى قايتا ئويلۇغۇدەك جۈرەت يوق ئىدى ھەم ئويلاشنىمۇ خالىمايتىم. ئاخشام ئۆزەم خالاپ ئۇ يولغا ماڭغان بولساممۇ، لېكىن ماڭا بىر قاباھەتلىك چۈشتەك بىلىنەتتى. شۇڭا بۇنداق مۇناسىۋەتنىڭ ئالىمجان بىلەن داۋاملىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.
~=M7 3U# ئالىمجان: «ھازىر سىزنى ئالدىراتماي. مەن كوماندۇرۇپكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كۆرۈشۈپ پاراڭلىشايلى. مەن ھازىر ئايدۇرۇمغا ماڭمىسام بولمايدۇ. ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ. خوش.»
J\twZ>w~0 مەن ئۇنىڭغا «سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، خوش» دەپ ئۇچۇر قايتۇردۇم.
{6|38$Rl ئالىمجان ئىچكىردىكى ۋاقىتلىرىدا كۈندە ماڭا ئۇچۇر يوللاپ تۇردى. ئۇ ماڭغاننىڭ ئەتىسى يەتتە كۈنلۈك ئارام ئېلىش ئاخىرلىشىپ نورمال دەرس ئوقۇيدىغان ۋاقىت بولغاچقا، ئۇ ھەر قېتىم ئۇچۇر يوللىغاندا ئاتايىتىن مېنىڭ دەرستىن چۈشكەن ۋاقىتلىرىمغا توغرا كىلەتتى. بەزى كەچلىرى بىز خېلى ئۈزۈن ئۇچۇر ئارقىلىق پاراڭلىشاتتۇق. تۆتىنچى كۈنى ئالىمجان قايتىپ كەلدى. ئۇ مېنى كەچتە بىرگە تاماق يىيىشكە تەكلىپ قىلدى. مەن رەت قىلالمىدىم. تاماقتىن كېيىن بىرگە بىر قەھۋاخانىغا باردۇق. بىز قەھۋاخانىدا ئولتۇرۇپ ئاساسلىقى مەكتەپتىكى ئۆزگۈرۈشلەر، ئۇ ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتىكى بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئوقۇش ھاياتىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار توغرۇلۇق جىقلا پاراڭلاشتۇق. ئالىمجان بارغانسىرى ماڭا دەسلەپكىدەك ئۇنداق ياتتەك تۇيۇلمىغىلى تۇردى. ئۇنىڭ گەپ - سۆزلىرى شۇنداق مۇلايىم ۋە راستچىل ئىدى. ھېلىقى كۈنى ئاخشام مەن ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا شۇنداق بىرخىل يىرگىنىش ۋە ئۆچمەنلىك بار ئىدى. ئادەم دىگەن شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ، ئۆزىنىڭ قانچىلىك كەمچىلىك ۋە يىرگىنىشلىك يەرلىرى بارلىقىنى كۆرمەي باشقىلارنىڭكىنى ئاۋال كۆرىدىغان ئوخشايدۇ. مېنىڭ ئالىمجاننى يىرگىنىشلىك دەيدىغان، ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان نېمە سالايىتىم بار؟ شىنجاڭدا كۈنى مەندىن تەستە ئۆتىۋاتقان نۇرغۇن ئادەملەر تۇرسا، ئۇ بىكاردىن - بىكار ماڭىلا ياردەم قىلىپ كاللىسى ئېلىشىپ قالغان ئادەم بولمىسا...... ماڭا شۇنداق ياردەم بولمىسا ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش پۇللۇرۇمنىڭ ئىشىنى قانداق ھەل قىلاتتىم؟! بىرەرسى ماۋۇ قىز ئوقۇۋالسۇن، دەپ ئالدىمغا پۇل ئەكىلىپ بىرەمتى؟! مەيلى توغرا قاراش بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن، مەن ئاخىردا ئۆزەمنىڭ كۆڭلىنى ياسايدىغان، خاتىرجەم قىلدىغان، ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە جىنايەت تۇيغىسىغا سەۋەپ تاپقاندەك بولدۇم.
Rr&h!YMb بىز پاراڭ بىلەن بولۇپ كىتىپ سائەتكىمۇ قارىماپتۇق. تۇيۇقسىز بىرسى سائەتكە قارا دېگەندەك بولدى، يەنە سائەت 10 دىن ئېشىپ كېتىپتۇ. ئالىمجان چىرايىمدىكى ئۆزگۈرۈشكە دىققەت قىلدى بولغاي، دەرھال ماڭا قاراپ « كەچۈرۈڭ، مەنمۇ پاراڭ بىلەن بولۇپ سىزنىڭ 10 دىن بۇرۇن ياتاققا قايتمىسىڭىز بولمايدىغانلىقى ئېسىمدىن كۆتۈرلۈپ قاپتۇ. بۇ ئىش مەن ھەجەپ قەستەن قىلغاندەك بولۇپ قالدى. ئەگەر مەن ئۆتكەندە سىزگە دېگەن سۆزگە قوشۇلسىڭىز، يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندە مېنى يارىتىپ قىز دوست بولۇشنى خالىسىڭىز، بىرگە ياتىقىمغا كېتەيلى. ئەگەر خالىمىسىڭىز مەن سىزگە باشقا ياتاق ئېچىپ بىرەي.» دېدى. مەن ئۇنىڭغا قانداق جاۋاپ قايتۇرسام بولار؟ كاللام زىددىيەت بىلەن تولغان ئىدى. ئۇ مېنىڭ گەپ قىلماي ئولتۇرغۇنىمنى كۆرۈپ بىردەم ساقلىغاندىن كېيىن يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: «راست گەپنى دىسەم، سىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرىڭىزدىن پايدىلىنىپ سىزنى بۇنداق ئىشقا مەجبۇرلۇغۇم يوق، لېكىن سىزنىڭ ئالدىڭىزدىكى ئەمەلىيەت سىز مەندەك بىر يۆلەنچۈككە مۇھتاج، ئۇ مەن بولمىغان تەقدىردىمۇ سىز ھامان بىر كۈنى بۇنىڭدىنمۇ چاتاق يولغا مېڭىشقا مەجبۇر بولىشىڭىز مۇمكىن. مەن سىز بىلەن چ چ دا پاراڭلاشقاندىلا سىزگە كۆڭلۈم چۈشكەن ئىدى، شۇڭلاشقا سىزگە بۇ گەپلەرنى دەۋاتىمەن. ئەگەر سىز پەقەتلا قوبۇل قىلالمىسىڭىز، مەن ئوخشاشلا سىزگە تۇرمۇش ۋە ئوقۇش پۇلى بىرىپ تۇرىمەن».
#L=x%8B شۇنداق. ماڭا پۇل لازىم. پۇل بولمىسا مېنىڭ ئوقۇشۇم مۇمكىن ئەمەس. لېكىن مېنىڭ بۇنداقلا ئانامنىڭ ئالدىغا بارغۇم يوق. مېنىڭ تۇرمۇشنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلىرىدىن قۇتۇلغۇم بار، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىرەر يەردە ئىشلەپ ئۆزەمنىڭ ۋە يۇرتىمىزدا ماڭا زۆر ئۈمۈتلەرنى كۈتۈپ تۇرغان ئانامنىڭ، سىڭلىم ۋە ئىنىمنىڭ بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكىم بار. سىڭلىم ۋە ئىنىمنىڭ تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇشسىز قېلىشىنى كۆرگۈم يوق. مەن ئالىمجانغا قاراپ بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇنىڭ زادى قايسى گېپىگە بېشىمنى لىڭشىتقانلىقىمنى تولۇق چۈشەندىمۇ ياكى ئەھۋالغا قاراپ بىر ئىش قىلاي دىدىمۇ، بىلمەيمەن. بىز ھېساۋات قىلىپ بولۇپ، مېھمانخانىغا قاراپ ماڭدۇق.
%(3|R@G. Aza /6OL ئالىمجان بۇ قېتىم چۈشكەن مېھمانخانا يەنىلا ئالدىنقى قېتىمقىسى ئىدى، لېكىن ياتاق ئالماشقان بولۇپ تۆت ئادەم ياتسىمۇ پاتقۇدەك چوڭ بىر كارۋات قويۇلغان ئىدى. بۇ قېتىم مەن چاي قاينىتىپ دەملىدىم. ئالىمجان يەنىلا بىرىنچى قېتىمغا ئوخشاش كارۋاتتا يانتۇ يېتىپ تېلىۋېزور كۆرەۋاتاتتى، مەن دېرىزە تۈۋىگە قويۇلغان سافادا تېلىۋېزوردىن كۆزۈمنى مىدىرلاتماي ئولتۇردۇم. نىمىشقىدۇ ئۆزەمنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشساممۇ مەندىكى جىددىيلىك تۆۋەنلىمەيتى. بۇ جىمجىتلىقتىن ئالىمجان سەن زېرىكتى بولغاي، كارۋاتتىن تۇرۇپ سافادا مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى.
'f!8DGix ئالىمجان: «ئەگەر ماقۇل كۆرسىڭىز، مېنىڭ قىز دوستۇم بولۇڭ، بولامدۇ؟ مەن سىزنىڭ پۇل ئۈچۈن يەنە باشقا يوللارغا مېڭىشىڭىزنى خالىمايمەن»
##,a0s^ مەن بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن بېشىمنى لىڭشىتتىم.
k9sh @ENy ئالىمجان: «سىز مېنىڭ توي قىلغان قىلمىغانلىقىم توغرىسىدا سوراپمۇ باقمىدىڭىزغۇ؟»
>*~L28Fyn مەن: « مەن سورىمايمەن. ئەگەر سىز خالىسىڭىز دىسىڭىز بولىدۇ، خالىمىسىڭىز دىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ».
dI.WK@W'o شۇنداق. مەن ھەرگۈز سورىمايمەن. مەن بىر پاھىشە، ئۇ پەقەت تەلىيىمگە ماڭا ئۇچرىغان بىر پۇلى بار سېخى خېرىدار. ئۇنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرساملا مەن پۇلغا ئېرىشەلەيمەن. شۇنداققۇ؟! توي قىلغانمۇ قىلمىغانمۇ، ھازىر ئائىلىسى، بالىسى بارمۇ يوق، بۇلارنىڭ مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس. ماڭا پەقەتلا پۇل لازىم. توي قىلمىغان بولسا مېنى ئەمرىگە ئالامتى؟ توي قىلىپ بولغان بولسا نېمە بوپتۇ..... يا مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئارلىشىشنى، ئايالىنىڭ ئورنىنى بېسىشنى ئويلىمىسام. توردا بىرنەچچە قېتىم پاراڭلىشىپ كۆرۈشكەن كۈنىلا كارۋاتقا بىرگە چىققان قىزنى كىممۇ نورمال قارايدۇ...... ئاغزىدا دېمىگەن بىلەن كۆڭلىدە نېمىلەرنى ئويلىمايدۇ.
%aG5F}S2~ ئالىمجان ماڭا چوڭقۇر بىر قارىدى، بىر نېمە دەي دىدىيۇ لېكىن توختاپ قالدى، بەلكىم ئۇمۇ مېنىڭ خىيالىمنى چۈشەنگەندۇ.
*v;2PP[^ «خېلى بىرۋاخ بولۇپ قالدى، دەم ئالامدۇق؟» دېدى قولۇمنى تۇتۇپ. مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈردىم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ تازىلىق ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم. يۇز-كۆزلىرىمنى بىرەر قۇر يۇيۇپ، ئىچ كىيىمىمدىن باشقىنى سېلىۋېتىپ، بەدىنىمنى مۇنچا لۆڭگىسى بىلەن ئوراپ چىقتىم. ئالىمجان كىيىملىرىنى سېلىپ كارۋاتتا يوتقانغا كىرىپ بولغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ ياتتىم. ئۇ مېنىڭ بەدەنلىرىمنى سىلاشقا، بويۇنلۇرۇمغا سۆيۈزكە باشلىدى. ئۆزەممۇ بىلمەيمەن، بۇ قېتىم مەندە ئالدىنقى قېتىمغا قارىغاندا ھېسسىيات پەيدا بولۇشقا باشلىدى، مەنمۇ ئۇنىڭغا ماسلىشىپ بەردىم. بىز ئېغىزغا ئېلىشقا تەس بولغان، لېكىن ھەرقانداق نورمال ئوغۇل - قىز ئنتىلدىغان جىنسىي ھېسسىيات ئىچىگە غەرق بولغان ئىدۇق. ئالىمجاننىڭ قانداق خىيالدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، لېكىن مەن بۇ خېرىدارغا «سۈپەتلىك» مۇلازىمەت قىلىشنى لايىق كۆردۈم. چۈنكى مەن ئۆزەم ئىرىشىدىغان قىممەت ئۈچۈن لايىقىدا بەدەل تۆلىمىسەم بولمايدۇ. ئىشلار تۈگۈگەندىن كېيىن مەن بەك ھارغىنلىق ھېس قىلدىم. بولدىغان ئىشلار بولدى، ياخشى ئارام ئالايچۇ، دپ ئويلاپ ئۇيقىغا كەتتىم.
nsu@h مەن ئەتىگەندە ئويغۇنۇپ قارىسام ئالىمجان يوق ئىدى. كارۋات يېنىدىكى ئۈستەلدە بىرنەچچە 100 سوملۇق پۇل بىلەن خەت قالدۇرۇلغان بىر ۋاراق قەغەز تۇراتتى. قەغەزگە «كەچۈرۈڭ، قارىسام شۇنداق ھوزۇر بىلەن ئۇخلاۋېتىپسىز، ئويغۇتۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى. بۈگۈن سەھەردە بىجىرىدىغان مۇھىم ئىشىم بار ئىدى. ئىشىمنى بىجىرىپ بولۇپ ئىدارىغا قايتمىسام بولمايدۇ. سىز ئويغاندىن كېيىن سائەت 12 دىن بۇرۇن ياتاقنى قايتۇرۋەتسىڭىز بولىدۇ. ياتاققا كاپالەتلىك قويغان پۇلنى قايتۇرۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. چۈشتىن كېيىنلەردە مەن سىزگە ئۇچۇر قىلىمەن. سىزگە ھەمراھ بولالمايدىغان بولدۇم.» دەپ يېزىلغان ئىدى قەغەزدىكى بۇ قۇرلارغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم، كىم مېنى بىر پاھىشە بول دەپتىكەن. مەن سائەتكە قارىسام ئەتىگەن 10 بوپتۇ، ھەجەپ ئۇخلاپ كىتىپتىمەن. رەمەتلىك دادام ئالەمدىن ئۆتكەندىن باشلاپ، بۇنداق قېنىپ ئۇخلاپ باقماپتىكەنمەن. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ مۇنچىغا چۈشتىم. كارۋاتتا سوزۈلۇپ يېتىپ بىرەر سائەتتەك تېلىۋېزور كۆردۈم. ئاندىن ياتاقنى قايتۇردۇم، 400 سوم ياتاقنىڭ كاپالەت پۇلى قايتۇرۇلدى. مېھمانخانىدىن چىقىپ بۇ 900 سومنى بانكىغا قويۇۋەتتىم. بۈگۈن شەنبە بولغاچقا ئارام ئېلىش ئىدى. قوسۇقۇم شۇنداق ئاچقانلىقىنى ھېس قىلىپ بىرەر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېيىشكە قاراپ ماڭدىم.
{2O1"|s , چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم: «ئەتىگەن ئالدىراشلا كىتىپ قالدىم، خاپا بولمىغانسىز؟ كۆڭلىڭىزگە كەلگەن بولسا بۇداقى قېتىم كۆرۈشكەندە تولۇقلىۋالارمەن. ھە راست، ئۆزىڭىزگە بىرەر قۇر كىيىم ئېلىۋېلىڭ، ھاۋا ئىسسىپ قالغاندىمۇ ئەتىيازلىق چوڭ چاپانلارنى كىيىپ يۈرمەي! سېسىپ قالىسىز!». ئويلىسام بىرەر قۇر يېڭى كىيىم كەيمىگىلى بىر يىلدىن ئېشىپتۇ. ئۇ مېنىڭ ئىككى قېتىم كۆرۈشكەندە ئوخشاش كىيىم كەيگەنلىكىمگە دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. مەن ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ ئۇچۇر يوللىغاندىن كېيىن، يەنە بانكىغا كىرىپ 300 سوم پۇل ئالدىم ۋە شىياۋشىمېنغا بېرىپ نېپىزرەك بىر چاپان، بىرقۇر ئىچكىيىم، پايپاق ۋە ئاياغ سېتىۋالدىم.
ePOG}k($/% كۈنلىرىم دەرس ئوقۇش ۋە ماۋسۇملۇق ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئۆتتى. ئالىمجان ماڭا كۈندە ئۇچۇر قىلىپ تۇراتتى. بەزىدە توردا چ چ بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق. ساۋاقداشلىرىمدىن ئالغان قەرزلەرنىمۇ قايتۇرۋەتتىم. ئۈچ ۋاغ تاماقنىمۇ نورمال يەيدىغان بولدۇم. بەزى ساۋاقداشلىرىم چاقچاق قىلىپ «بىرەر پۇلدار ئوغۇل دوست تېپىۋالدىڭمۇ نېمە» دىيىشىپ قوياتتى. بۇنداق چاغلاردا مەن كۈلۈپلا ئۆتكۈزىۋىتەتتىم. مەن يەنىلا ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا تىرىشچان قىز، ئوقۇتقۇچىللىرىم نەزىرىدە ياخشى ئوقۇغۇچى ئىدىم. تۇرمۇشۇم، ئۈگۈنىشىم نورمال قېلىپقا چۈشكەن ئىدى. پەقەت ھەر قېتىم ئالىمجاننىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا مەن ئۆزەمنىڭ بىر پاھىشە ئىكەنلىكى كاللامدىن ئۇچۇپ ئۆتەتتى.
X&tF;<m^ 5-ئاي مۇشۇنداق تەكرارلىنىشلار بىلەن ئۆتۈپ كەتتى.
j8v8uZ;x 6-ئاينىڭ باشلىرىدىكى بىر كۈنى ئالىمجاندىن «بۇ ئايلىق تۇرمۇش پۇلىڭىزنى كارتىڭىزغا ئەۋەتىپ قويدۇم، تەكشۈرۈپ بېقىڭ» دەپ ئۇچۇر كەلدى. مەن بانكىغا بېرىپ تەكشۈرسەم ئەسلى بار پۇلدىن 600 سوم ئوشۇق چىقتى.
b o6d)Q مەن: «بۇ ئايدا ئەۋەتمىسىڭىزمۇ بولىتى، ئوقۇش پۇلۇمنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان پۇل يىتەتتى»
]FJjgu<