باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2238 
  •    ئىنكاس 
       3 

يىگىتنىڭ بۇ ھەرىكىتى قىزلىق ئىپپەت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ

قەۋەت ئاتلاش
sawapkar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.728

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1233 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   53611 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4906 (قېتم)
 تۆھپە:   4537  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 816
 سائەت
دەرىجىسى:
816 سائەت 84 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-08
ئاخــىرقىسى:2013-01-10

يىگىتنىڭ بۇ ھەرىكىتى قىزلىق ئىپپەت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ leCVK.  
ئونسۇ ناھىيىسىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىر قىز ئوقۇتقۇچىسى گېزىتخانىمىزگە خەت يېزىپ، قىزلار يىگىتى تەرىپىدىن ئالدىنىپ ھامىلىنى ئالدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، يىگىت ۋەدىسىدىن يېنىۋالسا، ۋەدىسىدىن يېنىۋالغۇچى قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟ قىزلار مۇشۇدناق مەسىلىگە يولۇققاندا ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانداق قوغدىسا بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە بىزدىن مەسلىھەت سوراپتۇ. Ea( ,aVlj  
ئۇنىڭ خېتىدە ئىنكاس قىلىنىشىچە، بۇ ئوقۇتقۇچى دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 2002-يىلىدىن باشلاپ مەلۇم يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتە تەكلىپ بىلەن ئىشلىگەن. 2003-يىلىغا كەلگەندە ئۇ ئۆزىدىن بىر قارار يۇقىرى سىنىپتا ئوقۇپ ئۆز تەۋەلىكىدىكى باشقا بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان بىر يىگىت بىلەن ئالىمىز، تېگىمىز دېيىشىپ ئۈچ يىلدەك مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن. بۇ جەرياندا قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشلارنى بىلمەي، قىزىنى باشقا بىر يىگىت بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىغان. بۇ ئەھۋالنى ئۇققان قىزنىڭ يىگىتى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بۇ توينى ياندۇرىۋەتكەن. قىزىنىڭ لايىقىنىو بارلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئاتا-ئانىسى ئۇلارنىڭ ئارىلىشىشىنى توسىمىغان. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بارا-بارا قۇيۇقلىشىپ، قىز ھامىلىدار بولۇپ قالغان. قىز يىگىتكە ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى، تېزراق توي قىلىشنى ئېيتقاندا، يىگىت: «ئىككىمىز توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي تۇغسىڭىز، خەلقئالەم ئالدىدا سەت بولمامدۇ، شۇڭا سىز قورساقتىكى ھامىلىنى ئالدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن توي قىلايلى» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن قىز يىگىتىنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا ئالتە ئايلىق بولغان ھامىلىنى ئالدۇرۇۋەتكەن. <s@-:;9~  
ئەمدىلىكتە بۇ قىزنىڭ يىگىتى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، باشقا بىر قىز بىلەن تېپىشىۋالغان. قىز يىگىتنى ئىزدەپ بارسا، ئۇ: «ھازىر توي قىلايلى دېسەك، مۇقىم خىزمەت ئورنىڭىز بولمىسا، ئەگەر توي قىلىشقا بەك ئالدىراپ كەتكەن بولسىڭىز، باشقا بىرىنى تېپىپ توي قىلىۋېلىڭ» دەپ ئۇنىڭغا قوپال مۇئامىلىدە بولغان. 7FF-*2@  
مەن ئوقۇرمىنىمىز ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن سودىيە گۈلجەھەر مۇسانى زىيارەت قىلدىم. ئو ئوقۇرمىنىمىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: 9*:gr#(5  
ئەھۋال ھەقىقەتەن ئوقۇرمىنىڭلارنىڭ ئىنكاس قىلغىنىدەك بولسا، دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلك ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار ئەدلىيىلىك ئىزاھاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق ھەققىدە كۆرسىتىلگەن بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئوغۇل تەرەپنىڭ ھەرىكىتى قىزلىق ئىپپەت ھوقۇقىغا قىلىنغان بىر خىل دەخلى-تەرۇز قىلىش ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. U'*t~x <  
باشقىلارنىڭ قىزلىق ئىپپەت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش زىيانلانغۇچى تەرەپكە دائىم دېگۈدەك روھىي جەھەتتىكى ئازابلارنى، ھەتتا بەزىدە ۋاسىتىلىك ھالدا ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن بەزىبىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئىپپىتى باشقىلار تەرىپىدىن دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغان قىزلار ئازابلىنىپ، روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلىككە ئۇچرىشى مۇمكىن، ھەتتا ھامىلىدار بولۇپ قېلىپ بالىنى ئالدۇرغاندىن كېيىن داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، ئوزۇقلىنىش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان تارتقاندىن باشقا، بۇ ئىش تۈپەيلىدىن ئائىلىسىدە ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ تاپا-تەنە، تىل-ئاھانەتلىرىگە ئۇچرىسا، جەمئىيەتتە باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قېلىپ، روھىي جەھەتتىن ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا قىزلىق ئىپپەت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەمەلىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئىش تۈپەيلىدىن تارتقان روھىي ئازاب تۆلىمى جاۋابكارلىقىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بۇ ھەقتە «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلەرنىڭ روھىي زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى بېكىتىشكە ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 1-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا: «ساغلاملىق ھوقۇقى، جىسمانىي ھوقۇقى دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىغاندا زىيانغا ئۇچرىغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، روھىي زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى بۇنداق دەۋالارنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك» دەپ كۆرسىتىلگەن. _U{&@}3  
بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر نۇقتا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئىپپىتى دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىغانلىقتىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا روھىي ئازاب پۇلىنىمۇ شۇنىڭغا يانداپ قوشۇمچە تەلەپ قىلسا بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئىزاھاتلارنىڭ روھىدىن قارىغاندا، روھىي ئازاب پۇلى توغرىلىق سوت مەھكىمىسىگە ئايرىم ئەرز قىلىنغاندا قانۇننىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ. .O0O-VD+a  
قانۇن نۇقتىسىدىن ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، ئوقۇرمىنىڭلار يولۇققان مۇشۇنداق مەسىلىلەرگە قارىتا تەسىرىنى تۈگىتىش، نام-شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ناماقۇل بولۇش قاتارلىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىق شەكىللىرىنى تەتبىقلاشقا بولمايدۇ &5t :H 8b  
_P?\.W@  
tU/k-W3X  
قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى
A-ZmG7xk  

 
نۇپـۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمـۇس كېمىيۋاتىدۇ

(سەۋەپــكـار)
خۇشخۇي

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.168

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2436 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   29452 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2174 (قېتم)
 تۆھپە:   2138  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 607
 سائەت
دەرىجىسى:
607 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-15
ئاخــىرقىسى:2012-10-04
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-26

بۇ تازا قاملاشمغان گەپمۇ قانداق؟ئۆزەڭنى چىڭ تۇت،قوشناڭنى ئوغرى تۇتما!!   
 
gadankax

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.295

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1160 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   33171 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3039 (قېتم)
 تۆھپە:   2748  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7072
 سائەت
دەرىجىسى:
7072 سائەت 328 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-29
ئاخــىرقىسى:2013-01-19
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-29

    مەنچە بولغاندا تويىدىن بۇرۇن جانان چىنىسىنى ساپال تاۋاققا ئايلاندۇرۇپ قويغان بۇنداق نىمكەش قىزلارنى ھېلىقانداق ساتىراشخانىلارغا ئاپىرىپ قويۇش مۇۋاپىقمىكىن دەپ قارايمەن.
 
نوپۇس كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئادەملەر كۈنسىرى كەملەپ كېتىۋاتىدۇ.
uqkur888
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4488

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   15 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   250 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   25 (قېتم)
 تۆھپە:   25  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 772
 سائەت
دەرىجىسى:
772 سائەت 128 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-06
ئاخــىرقىسى:2011-05-25
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-02-07

كانداق قىز بۇ ئۇزىنى باشكۇرالمايدىغان   .....؟ تويدىن بۇرۇنمۇ شۇنداق قىلامدۇ دەيمەن ............
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم  كېرنداشلا
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى