باش بەت | ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر | ناخشا MP3 | ناخشا MTV | تىما بېزەش رەسىمى | رومانتىك رەسىم | تور ئويۇنلىرى | QQ چىراي ئىپادىللىرى| دېھقانچىلىق مەيدانى

ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 502 قېتىم كۆرۈلدى
تىما : تاماكا چېكىش نېمىشقا چەكلىنىدۇ؟
دەرىجىسى: تىرىشچان ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 780 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە204دانە
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 204
  شۆھرىتى: 82 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 2267 يۈەن
  تۆھپە: 76 قېتم
  ياخشى باھا: 13 قېتىم
  ۋاقتى: 10748سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-08-10
  كىرىشى: 2010-11-27
0قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-21 18:08 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

 تاماكا چېكىش نېمىشقا چەكلىنىدۇ؟

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ يازما sansiz0903 تەرىپىدىن يۇمۇر-چاقچاقلار بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2010-11-21)
                                             تاماكا چېكىش نېمىشقا چەكلىنىدۇ؟ -hx' T6G%  
تاماكا چېكىش ھارامدۇر. بۇنىڭ ئىككى تۈرلۈك دەلىلى بار؛ بىرى ئەقلىي دەلىل، يەنە بىرى نەقلىي دەلىل. ئەقلىي دەلىل: ئىسلام دىنى بەدەنگە، ئەقىلگە، مالغا، جەمئىيەتكە ۋە ئەخلاققا زىيانلىق بولغان ھەرقانداق نەرسىدىن مەنئى قىلىدۇ. تاماكا يۇقىرىدىكى بەش خىل نەرسىنىڭ ھەممىگە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى چېكىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. تۆۋەندە ئۇ زىيانلارنى بىر - بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويىمىز: 1 -  تاماكا بەدەنگە زىيانلىق. بەدەن ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانغا بەرگەن ئامانىتى بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ ئۆز مۈلكى ئەمەس. ئۇنىڭدىن ئاللاھ تەئالا كۆرسەتكەن يول بويىچە پايدىلىنىپ، ئاخىرىدا ئاللاھ تەئالاغا تەسلىم قىلىش لازىم. بىر ئادەمنىڭ، ئۆزۈمنىڭ دەپ قولىنى ياكى پۇتىنى ۋە ياكى قانداقلا بىر ئەزاسىنى كېسىۋېتىش ئارقىلىق ئۆز ۋۇجۇدىغا زىيان يەتكۈزۈشى توغرا بولمىغاندەك تاماكا چېكىش ئارقىلىق ئۆز ۋۇجۇدىغا زىيان يەتكۈزىشىمۇ توغرا ئەمەس. تاماكىنىڭ بەدەنگە زىيانلىق بىر نەرسە ئىكەنلىكى مۇتەخەسىس، دوختۇرلار تەرىپىدىن ئىسپاتلىنىپ پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىندى. جۈملىدىن دۇنيا بويىچە راك كېسىلىگە مۇپتىلا بولغۇچىلارنىڭ 90 % تاماكا چەككۈچىلەردىن بولغانلىقى ئىسپاتلىنىپ، بۇ توغرىدا ماقالىلار يېزىلدى. مانا بۇ تاماكىنىڭ بەدەنگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى. پۈتۈن دۇنيادىكى تاماكا ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرى تاماكىنىڭ قېپىغا «تاماكا ساقلىڭىزغا زىيانلق» دېگەن مەزمۇندا بىر ئاگاھلاندۇرۇش يېزىپ قويىدۇ. ئۇلار بۇنى، تاماكا چېكىپ زىيانغا ئۇچراپ، شىركەتلىرى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلغۇچىلار بولۇپ قالسا، سوت مەھكىمىسىدە بىز «تاماكا زىيانلىق» دەپ قېپىغا يازغان ئىدۇق، دەپ ئۆزلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن يازىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تاماكا چەككۈچىلەر بىلەن تاماكا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر ئوتتۇرىسىدا بۇنداق دەۋا - دەستۇرلەر بولۇپ تۇرىدۇ. خەلقئارالىق گېزىت - ژورناللاردا بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ خەۋەرلىرى چىقىپ تۇرىدۇ.  2- تاماكا ئەقىلگە زىيانلىق. چۈنكى تاماكىنى چېكىپ باقمىغان كىشى چەكسە، ياكى چېكىپ ئادەتلەنگەن كىشى كۆپ چەكسە ياكى قاتتىق شۇرىسا ئازراق مەست قىلىدۇ. بۇ مۇ دوختۇرلار تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان.  پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام: «كۆپى مەست قىلىدىغان نەرسىنىڭ ئېزىمۇ ھارام» دېگەن. (بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان) 3- تاماكا مالغا (ئىقتىسادقا) زىيانلىق. چۈنكى چېكىدىغان تاماكىنى پۇلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. تاماكا ئالغان پۇل ھېچبىر پايدا ئېلىپ كەلمەستىن قولدا قالغان پۇلنىڭ ئاز قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇ، ھەرقانداق كىشى ئاسانلا بىلەلەيدىغان بىر ھەقىقەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماكا چەككەن كىشى ئائىلىسىگە يىمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەك ئېلىشنىڭ ئورنىغا تاماكا ئېلىپ چېكىدۇ. ئەگەر ئۇ ھەر كۈن تاماكىغا سەرپ قىلىدىغان پۇلنى يىغسا، يىغىلغان پۇل بىلەن تۇرمۇشىنى راھەت - پاراغت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشى، بالىلىرىنى ئۇبدان ئوقۇتۇپ جەمئىيەتكە پايدىلىق بىر ئادەم قىلىپ سۇنۇشى مۇمكىن. 4- تاماكا جەمىيەتكە زىيانلىق. مەسىلەن: تاماكنىڭ ئىسى ھاۋانى بۇلغايدىغان بىر زەھەر بولغاچقا تاماكا چەككەن كىشى ئايالىغا، بالىلىرىغا، ھەمراھلىرىغا، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدۇ. دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە تاماكا چەككۈچىلەر بىلەن بىر ئۆيدە 4 سائەت بىللە ئولتۇرغان كىشى 10 دانە تاماكا چەككەندەك بولىدىكەن. تاماكا چېكىپ ئۆپكە، زۇكام ۋە باشقا كېسەللەرگە مۇپتىلا بولغان كىشىنىڭ كېسىلى باشقىلارغا يۇقىدۇ. بولۇپمۇ يۆتەلگەن چېغىدا شۇنداق بولىدۇ. سۇ ۋە ھاۋا ھايات ئۈچۈن ئاساسلىق ئىككى ماددە. سۇنى بۇلغىۋېتىش مەنئى قىلىنغاندەك ھاۋانى بۇلغىۋېتىشمۇ مەنئى قىلىنىدۇ. بىر كۆلنىڭ سۈيىگە بىر زەمبىل پوقنى تۆكۈش قانچىلىق يامان ئىش بولسا، تاماكا چېكىپ ھاۋانى بۇلغاشمۇ ئاز دېگەندە شۇنچىلىك يامان ئىش. بۇنى ئەقىل-  پاراسەت ئىگىلىرى بايقىيالايدۇ. 5- تاماكا ئەخلاققا زىيانلىق. چۈنكى تاماكا ھەرگىز مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى ئەمەس. ئەكسىچە بۇ ئەجنەبىيلەرنىڭ ئادىتىدۇر. بىر مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقنى دىنىدىن ئۆگىنىشى لازىم. دىنى نېمىگە بۇيرۇسا، ئۇنى قىلىش، نېمىدىن چەكلىسە ئۇنىڭدىن يېنىش دىنىمىز بىزگە ئۆگەتكەن ئەخلاقتۇر. دۇنياسىغا، ئاخىرىتىگە، ئۆزىگە ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا پايدىسى بولمىغان، ھەتتا زىيىنى بولغان ئىشنى تەرك ئېتىش مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىدۇر. ئاللا تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىنلەر بىھۈدە سۆز- ھەرىكەتتىن يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر» (مۇئمىنۇن سۈرىسى 23/3). تاماكا چېكىدىغان كىشى تاماكا ئېلىشقا پۇل تاپالمىغان چاغلاردا جىلە بولۇپ بىكاردىن- بىكار باشقىلارغا ئاچچىقلايدۇ. بەزىلەر بىلەن تىللىشىدۇ. بەزىلەرنى ھاقارەتلەيدۇ. بەزىدە ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق كىشىلەر ئۇرۇشىدۇ. تاماكا چېكىدىغان كىشىنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇئامىلىسى، ئائىلىسى بىلەن بولغان مۇئامىلىسى تاماكا چەكمەيدىغان كىشىگە نىسبەتەن ناچار بولىدۇ. تاماكا چىكىدىغان كىشى بەزىدە بالىلىرىغا ئازار بېرىدۇ. ئايالىغا دەشنەم قىلىدۇ. بەزىدە ئۆزىچە چىچاڭلاپ ئايالىنى تالاق قىلىۋېتىپ ئايالىنى تۇل، بالىلىرىنى يېتىم، ئۆزىنى دىۋانە قىلىپ قويىدۇ. تاماكا چېكىدىغان كىشىنىڭ ئاغزى سېسىق، يۈزى نۇرسىز بولۇپ قالىدۇ. تاماكىنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن زىيانلىرى بار. بۇ زىيانلار تۆۋەنكىچە: ئا - ھەر كۈن تاماكا، چاقماق ياكى سەرەڭگە ئېلىشقا چىقىم بولغان پۇلنىڭ ھېسابىنى قىلىدىغان بولساق، مۇدھىش بىر رەقەم ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنى ئىسلام دۇنياسى مىقياسىدا ھېسابلاپ باقايلى قېنى. ئاندىن بۇنىڭغا تاماكىنىڭ سەۋەبىدىن بولغان كېسەللەرنى داۋالاشقا كەتكەن مەبلەغنى قوشۇپ باقايلى. بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئۈچۈن ماتېماتىك بولۇش كېرەك ئەمەس. ب - تاماكا چېكىش دۇكان، ئۆي، زاۋۇت - فابرىكا، ماي ئىسكىلاتلىرى ۋە باسما زاۋۇتلىرى قاتارلىق جايلارغا ئوت كېتىشكە سەۋەب بولىدۇ. كۆيۈپ كەتكەن ئۆي، كارخانا، ئاپتومۇبىل ۋەھاكازالارنىڭ كۆيۈپ كېتىش سەۋەبلىرىنى تەكشۈرگەن چېغىمىزدا يەنە تاماكا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ ئەمەسمۇ. نەقلىي دەلىل تاماكا چېكىشنىڭ ھاراملىقىغا يۇقىرىدىكى ئەقلىي دەلىللەرنى كەلتۈرگەندىن كېيىن تۆۋەندە نەقلىي دەلىللەر كەلتۈرىمىز: تاماكا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا يوق ئىدى. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ئىسلام دىنى ۋۇجۇتقا، قوشنىغا ۋە ئىقتىسادقا زىيانلىق ھەرقانداق نەرسىنى ھارام قىلىدىغان كەڭ دائىرىلىك ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تۆۋەندە ئۇ ھۆكۈملەرنىڭ بىر قىسمىنى بايان قىلىمىز: 1- اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ. ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ» (ئەئراف 157- ئايەت). (تاماكا زىيانلىق، ناپاك، سېسىق نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىندۇر). 2- اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈڭلارنى ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن تەھلىكىگە ئاتماڭلار» بەقەرە 195- ئايەت). (تاماكا راك ۋە ئۆپكە كېسىلىگە ئوخشاش تەھلىكىلىك كېسەللەرنى كەلتۈرىدۇ. تاماكا چەككەن كىشى ئۆزىنى ئۆزى تەھلىكىگە ئاتقان بولىدۇ). 3- اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار» (نىسا 29- ئايەت) (تاماكا چېكىش ئۆزىنى ئالدىرىماي ئۆلتۈرگەنلىك بولىدۇ)‹ 4- اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «تۇغقانغا، يوقسۇلغا، يولدا قالغۇچىغا ھەققىنى بەرگىن. بۇزۇپ چاچمىغىن. چۈنكى بۇزۇپ چاچقۇچىلار شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر. شەيتان بولسا دائىما رەببىگە نان كوردۇر» (ئىسرا 26 - 27- ئايەتلەر ) (تاماكا چېكىش مالنى بۇزۇپ چاچقانلىقتۇر ۋە ئىسراپ قىلىشتۇر). 5- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «زىيان سېلىشقا ۋە زىيان تارتىشقا بولمايدۇ» (بۇ ھەدىسنى بەيھەقى، نەۋەۋى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). (تاماكا چېكىش بالا - چاقىلارغا، دوست - بۇرادەرلەرگە، قولۇم - قوشنىلارغا ۋە پۇل- ماللارغا زىيان سالغانلىقتۇر).   6 - پەيغەمبەر ئەلەھىسسالام مۇنداق دەيدۇ : «كىمكى ئاللاھغا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولسا، قوشنىسىغا ئازار بەرمىسۇن» (بۇ خارى رىۋايەت قىلغان). (تاماكا چەككەن كىشى ئۆزىنىڭ سېسىق پۇرىقى بىلەن ئايالىغا، بالىلىرىغا ۋە قوشنىلىرىغا، بولۇپمۇ پەرىشتىلەرگە ۋە ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ئەزىيەت بېرىدۇ). 7- پەيغەمبەر ئەلەھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بەندە قىيامەت كۈنى تۆۋەندىكى تۆت نەرسىدىن سورالمىغۇچە ئۇنىڭ ئىككى قەدىمى مىدىرلىمايدۇ: ئۆمرىڭنى نېمىدە تۈگەتتىڭ؟ ئىلمىڭ بىلەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟ مېلىڭنى نەدىن تاپتىڭ ۋە نەگە خەجلىدىڭ؟ جىسمىڭنى نېمىدە چىرىتتىڭ؟» (تىرمىزى). (تاماكا چېكىدىغان كىشى مېلىنى تاماكىغا خەجلەپ جىسمىنى ئۇنىڭ بىلەن چىرىتىدۇ). خۇلاسە قىلىپ ئېتقاندا ئىسلام دىنى جاننى، ئەقىلنى، مالنى ۋە نومۇسنى ساقلاشقا بۇيرۇيدۇ. اللە تائالا ھەممىمىزنى، بۇلارنى ساقلاپ ئاخىرەتكە پاكىز ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن كەتكىلى نېسىپ قىلسۇن. 66G$5  
مەنبە:بىلقۇت تۇرى sansiz0903تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
ئى ئىنسانلار !!!!!! ئاگاھ بۇلۇڭلار....ئۈلۈم سىلەرگە يېقىنلاپ كەلمەكتە..!!!!!!!!!!!!!!
دەرىجىسى: مەستانە ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 430 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە354دانە
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 354
  شۆھرىتى: 38 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 2845 يۈەن
  تۆھپە: 37 قېتم
  ياخشى باھا: 17 قېتىم
  ۋاقتى: 2447سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-18
  كىرىشى: 2010-11-27
1قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-21 19:31 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئادەم نىمىشقا تاماق يەيدۇ دىگەن سۆز بىلەن ئوخشىشىپ قالدىكەن تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
يامان جۇما
سىزگە بەخت تىلەيمەن!!!
دەرىجىسى: باشقۇرغۇچى

  تىزىم نۇمۇرى: 760 
  جىنسى: ئايال
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە731دانە
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 731
  شۆھرىتى: 352 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 7187 يۈەن
  تۆھپە: 346 قېتم
  ياخشى باھا: 15 قېتىم
  ۋاقتى: 3397سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-08-09
  كىرىشى: 2010-11-27
2قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-21 19:42 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

   سەيفۇللا،گەرچە مەن تاماكا چەكمىسەممۇ،بۇ تىمىغا ناھايىتى قىزىقىپ كىرگەن ئىدىم،ئىنشائاللا،بەكمۇ ئېسىل تىما سۇنۇپسىز،ئىلمى ئاساسى كۈچلۈك تىمىكەن.بۇ تىما ئارقىلىق سىزنى قايتا چۈشەنگەندەك بولدۇم. تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
anatuprak
گۈزەل،پاكىز ،تەۋرەنمەس روھى دۇنيارىم_مىنىڭ بارلىقىم!
بىز تۇپراق ئۈستىدىكى تۇپراقمىز!
دەرىجىسى: مەستانە ئەزا

  تىزىم نۇمۇرى: 1307 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە197دانە
  نادىر تىما: 4
  يوللانما: 197
  شۆھرىتى: 101 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 2752 يۈەن
  تۆھپە: 84 قېتم
  ياخشى باھا: 50 قېتىم
  ۋاقتى: 3519سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-09-03
  كىرىشى: 2010-11-27
3قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-21 19:49 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! *Q:EICDE7  
     تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز قېرىندىشىم! اللە تېما يوللىغان قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، ئىلمىڭىز ۋە ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، ئامين!... o_DZ  
     اللە دىلىغا قۇلۇپ سېلىۋەتمىگەنلىكى ئىنسان بولىدىكەن بۇ تېمىڭىزدىن ئەمەلىي نەپ ئالىدۇ... بىر قىسىم تېتىقسىز ئىنكاسلارغا پىسەنت قىلماڭ، قايسى بىر شائىرنىڭ مۇنداق بىر كوپلېت شېئىرى مۇنىڭغا تولىمۇ ماس كەلگۈدەك:
Q.`O;D}x  
بىرەر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش، _9Y7. 5  
كۈلۈپ قويغىن ئاڭا سەن قىلما كايىش! x1nqhSaD  
ئېشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭراپ تاشلىشى p?+*R@O  
ئاتوم دەۋرىدىمۇ تۇرمۇشتا بارئىش!...
تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
ئې اللە! بىزگە شۈكرى قىلىدىغان دىل، زىكرى قىلىدىغان تىل، سەبرى قىلىدىغان تەن ئاتا قىلغىن، ئامين!...
دەرىجىسى: تىرىشچان ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 780 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە204دانە
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 204
  شۆھرىتى: 82 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 2267 يۈەن
  تۆھپە: 76 قېتم
  ياخشى باھا: 13 قېتىم
  ۋاقتى: 10748سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-08-10
  كىرىشى: 2010-11-27
4قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-21 22:37 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئەزىز تورداشلىرىمنىڭ ماڭا بەرگەن پىكىرلىرىگە كۆپ رەھمەت !!! m$ )yd~  
مىللىتىمىز ياشلىرىدىن بىرسى بولسىمۇ مۇشۇ تىمىدىن ئىبرەت ئېلىپ توغرا يولغا مېڭىپ قالسا مەن شۇنىڭدىن خوش.....ئارتۇقچە نام-ئاتاقنىڭ كىرىكى  يوق ! تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
ئى ئىنسانلار !!!!!! ئاگاھ بۇلۇڭلار....ئۈلۈم سىلەرگە يېقىنلاپ كەلمەكتە..!!!!!!!!!!!!!!
ئەمدى ھېچنىمە يازمايمەن!!
دەرىجىسى: ئالىي باشقۇرغۇچى

  تىزىم نۇمۇرى: 238 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2002دانە
  نادىر تىما: 11
  يوللانما: 2002
  شۆھرىتى: 400 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 954 يۈەن
  تۆھپە: 348 قېتم
  ياخشى باھا: 105 قېتىم
  ۋاقتى: 2959سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-24
  كىرىشى: 2010-11-27
5قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-21 22:40 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مېنى مۇشۇ نىجىستىن يىراق قىلغىنىغا كۆپ شۈكۈر قىلىمەن. ئاللاھ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يېقىنمۇ يېقىن يولاتماس ئىلاھىم. تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
ئۆزۈمنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇلۇشنى خالىمەيمەن. چۈنكى مەن دىگەن مەن!
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 2198 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 6
  شۆھرىتى: 6 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 1110 يۈەن
  تۆھپە: 6 قېتم
  ياخشى باھا: 0 قېتىم
  ۋاقتى: 541سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-11-03
  كىرىشى: 2010-11-25
6قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-22 10:49 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! eV%{XR?y  =bs4*[zq  
     تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز قېرىندىشىم! اللە تېما يوللىغان قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، ئىلمىڭىز ۋە ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، _tL+39 u  
-----بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:ئانا تۇپراق مۇنبىرى  ,تەپسىلىي ئادىرسى:/read.php?tid=5243----- تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 2429 
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە24دانە
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 24
  شۆھرىتى: 25 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 300 يۈەن
  تۆھپە: 25 قېتم
  ياخشى باھا: 0 قېتىم
  ۋاقتى: 291سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-11-18
  كىرىشى: 2010-11-26
7قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-22 12:12 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ،مۇشۇنىڭدەك تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار تېمىللىرىڭىزنىڭ ئۇزۇلۇپ قالماسلىغىنى ئۇمىت قىلىمەن . تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
ئاللاھ ھەممە  بەندىسىگە  ئىنساپ ئاتا&nb ..
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 1936 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 27
  شۆھرىتى: 16 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 1275 يۈەن
  تۆھپە: 15 قېتم
  ياخشى باھا: 3 قېتىم
  ۋاقتى: 522سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-10-11
  كىرىشى: 2010-11-27
8قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-22 12:12 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

يۇقۇرىدا دىيىلگەندەك  تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز ، تېمىڭىزنى ئوقۇپ بۇ ئىپلاسقا  قاچانلاردا ئۈگۈنىپ قاپتىمكىن دەيمەن . زىيىنىنىمۇ كۆپ تارىتتىم . شۇڭىلاشقىمۇ ئوقۇغۇچىللىرىمغا  تاماكىنىڭ زىيىنى توغرىسىدا سۆزلەپ ھارمايمەن . تېمىڭىزغا رەھمەت قېرىندىشىم . تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
ھەممەيلەنگە بەخىت - سائادەت يار بولسۇن
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 2558 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 5
  شۆھرىتى: 8 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 109 يۈەن
  تۆھپە: 6 قېتم
  ياخشى باھا: 2 قېتىم
  ۋاقتى: 100سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-11-22
  كىرىشى: 2010-11-27
9قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-22 12:28 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ،مۇشۇنىڭدەك تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار تېمىللىرىڭىزنىڭ ئۇزۇلۇپ قالماسلىغىنى ئۇمىت قىلىمەن O}`01A!u;  
شۇنڭدەك .ئسلام ئالىملىرى بۈگۈنكى كۈندە تاماكا چەككۈچى كىشى ئاستا خاراكتىرلك ئۆزىنى ئۆلتىرۋېلش دەپ قاراپ قىيامەتتە ئۆزنى ئۆزى  ئۆلتۈرۋالغانلار بىلەن باراۋەر دەپ پەتىۋا بېرىپتۇ .............ئاللا ساقلىسۇن................... تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
Sahar
dil
كىسەل ئۈستىدىن غالىپ كىلىش ئىرادەڭگە باغلىق دىل& ..
دەرىجىسى: باشقۇرغۇچى

  تىزىم نۇمۇرى: 113 
  جىنسى: ئايال
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1295دانە
  نادىر تىما: 3
  يوللانما: 1295
  شۆھرىتى: 366 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 10249 يۈەن
  تۆھپە: 298 قېتم
  ياخشى باھا: 184 قېتىم
  ۋاقتى: 4094سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-11
  كىرىشى: 2010-11-27
10قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-22 13:19 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

بۇ  تىمىنى  ما  بىزنىڭ  باشلىققا بىر  ئوقۇپ بىرەي جۇمۇ، ھەر كۈنى  قولىدىن تاماكا چۈشۈرمەيدۇ.. تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
ئېرادەڭنى تاۋلا، بۇشاشما،
قىسمىتىڭدىن زارلانما. ئۆزگەرتىشكە تىرىش.
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما