(بۇ ئاددى نەسىرىمنى، بۇ دۇنيادىن، ئۆزىدىن ۋە كەلگۈسىدىن نەپرەتلەنگەن روھى سۇلغۇن قېرىنداشلىرىمغا بېغىشلايمەن..) _d*QA{
Xb\de_8!
«سەنمۇ كۈلۈپ ئۆتەلەيسەن» WEsX+okj
c7f11N!v>b
«ئۆرۈكجان» K>S:Z
|>!tqgq
\ix&U
زىمىستاننىڭ ئاچچىق سوغۇقىدەك تۇرمۇش جۇدۇنلىرى كۆتۈرۈلگىنىدە، باھار گۈللىرىنىڭ قارا بوراندا نابۇت قىلۋېتىلگىنىدەك ككۆڭۈل جاراھاتلەنگەندە، گۈزەل يازنىڭ ئىللىق قۇياشىنى قارا بۇلۇتلار ئالغىنىدەك قەلىبلەردە ئىشەنىچ قالمىغىنىدا ، كۈز پەسلىنىڭ سارغايغان ياپراقلىرىدەك يۈرەككە ئەلەم يەتكەندە ، بۇ ھاياتتىن بىزار بولۇپ بەخىت بوسۇغىسىدىن ئۈمۈدىنى ئۈزگەن قەلبى سۇلغۇن «قېرىندىشىم». گاھىدا ، بېشىڭغا كېلىۋاتقان كاج تەغدىرىڭدىن ، ئاتا-ئاناڭنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىغىنىڭدىن ، شۇنچىلىك تىرىشساڭمۇ بەخت بوسۇغىسىنى تاپالمىغىنىڭدىن، ئارقا-ئارقىدىن ...قايتا-قايتىلاپ كېلىنگەن رەھىمىسىز ئازاپلىرىڭدىن ...ئۆز -ئۆزۈڭنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ ھايات بىلەن قېرىشىپ قالغانسەن. بىلىمەنكى، سەن تارتقان كۈلپەتلەر...تولىمۇ كۆپ ۋە ئازاپلىق. دەردىلىرىڭنى سۆزلىسەڭ نەچچە قۇتا سىياھ تۈگەپ ، يەنە نەچچىلىگەن رومانلارنىڭ توپلىنىشى مۇقەررەر. چۈنكى سەن تۆككەن ياشلار ئاز ئەمەس. سەن كۆرگەن قاباھەتلىك چۈشلەرمۇ ھەم ئاز ئەمەس. !r %u@[(
سەن ، تاغدەك ئىشەنگەنلەردىن كەلگەن ۋاپاسىزلىقلارمۇ ھەم ئاز ئەمەس. dH_g:ocA
گەرچە سەن چوقۇنغانلار ...سەندىن يۈز ئۆرىسىمۇ، مۇھەببەت -نەپرەتكە ئايلانسىمۇ، ئەل-يۇرت سېنى ئۆز قوينىغا ئالمىسىمۇ....ئىككىنجى قەدىمىڭنىڭ پارلاق بولدىغىنىنى مۇئەييەنلەشتۈپ كۆرگەيسەن. <+X,oxg
قارا، سەن ھاياتنىڭ گۈزەللىكنى ھېس قىلغان چېغىڭدا ، رەھىمسىزلىكلىرىنىمۇ؛ U?&&yynK
مۇھەببەتنىڭ قوينىغا ئۆزۈڭنى ئاتقان چېغىڭدا، ۋاپاسىزلىقنىڭمۇ مەۋجۈت ئىكەنلىكىنىمۇ؛ /@feY?glc
تۆت پەسىلنىڭ ھەممىدىلا گۈللەرنىڭ خۇش پۇراپ تۇرمايدىغانلىقىنىمۇ ...ئويلاپ يەتكەن بولساڭ، مانا بۈگۈن «ئۆلۈم شارابى»نى ئىچىشكە ئالدىرمىغان بولاتتىڭ. d[$YTw
ئويلا قېرىندىشىم، «ئاللاھ» سېنى ھەم مېنى مەقسەتسىز ياراتقىنى يوق. ئون گۈلىنىڭ بىرىنى ئېچىلدۇرماي، ئالەمنى ئاۋاتلاشتۇرماي، ئاتا-ئانىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ رازىلىقىنى ئالماي، بەخت-ئۈستىدە خىلمۇ -خىل رىيازەتلەرنى چەكسىمۇ ئۆلگۈچە بىر قېتىم سىرىگە يەتمەي تۇرۇپ «ئۆلۈم»گە ئالدىرغانلار..ئاسىيلار قاتارىدىن بولدىغانلىقىنى خىيالىڭغا كەلتۈر... }Sv\$h
سەنغۇ كېتەرسەن،سېنى مىڭ بىر جاپادا بېقىپ...يىمىگەننى يىدۈرۈپ، كىيمىگەننى كىيدۈرۈپ ،ئوتۇڭدا كۆيۈپ، سۈيۈڭدە ئېقىپ ...سەندىن شۇنچە گۈزەل ئارزۇ-ئىستەكلەرنى كۈتكەن «ئاتا-ئاناڭ»غا ئىچىڭ ئاغرىسۇن. S?e*<s9k
ھايات دىگەننىڭ قەدرىنى بىلگەن چاغدا ئاندىن قەدەم توغرا ئېلىندۇ. N={0A
قارا قېرىندىشىم، باياۋانلاردىكى ياپيېشىل توغراقلارغا، ئۆزى شۇنچىلىك يىراقتا بولسىمۇ كېچىگە زىننەت بېرۋاتقان سانسىز يۇلتۇزلارغا! سۇنغان كۆچەتنىڭ قايتا ياپراقلىغىنىغا...! ھەممىسىلا « ھايات، ھايات!» دەيدۇ. ]5sU =\
قولۇڭغا بىر تال سۈپۈرگە ئېلىپ تور توقۇۋاتقان ئۆمۈچۈكنىڭ تورىنى سۈپۈرۋەت. ئاندىن دىققەت بىلەن كۆزىتىپ تۇر. ئۆمۈچۈك ناھايتى تەستە توقىغان تورىنىڭ بۇزىۋېتىلگىنىگە قاتتىق قايغۇرسىمۇ...يەنىلا كۈچلۈك ئىرادىسى بىلەن ھايات قەدىمىنى قايتا باشلاپ ، تور توقۇشقا كىرىشىپ كېتىدۇ.... |nT+W|0U
ئازاپ -مەڭگۈلۈك ئەمەس. ;k5B@z/<S
زىمىستان ئارقىدىن باھار كېلىدۇ. سەن كۆرگەن كۆڭۈلسىز كۈنلەر ھامان بىر كۈنى ئۇنتۇپ كېتىلگەن كونا تارېخقا ئايلىندۇ. ئەجىرسىز كۈنلەر قەدىرسىز بولىدۇ. ھاياتقا ئەجىر قىپ، كەلگۈسىگە ئىشەنىچ تۇرغۇز. N5|wBm>m
ئىشىنمەنكى، سەن -ئاقىلسەن،«ئاجىز» ئەمەسسەن. ئەلۋەتتە، « بىر مۈشكۈلات ئارقىدىن ،بىر ئاسانلىق بار@» . ئازاپ ئارقىدىن بەخىت بار. ,pR.HCR#Y
يەنە ئىشىنىمەنكى، سەنمۇ -مەندەك ھەم ئۇلاردەك ئېچىلىپ-يېيىلىپ، بەخىت قۇشىنى بېشىڭغا قوندۇرۇپ كۈلەلەيسەن! چوقۇم بەختىيارلىق ئىلكىدە...«سەنمۇ كۈلۈپ ئۆتەلەيسەن!» 1}"Prx-
84f^==Y
Wz)@k2
ئەسكەرتىش: مەزمۇندىكى «@» قىستۇرۇلغان بۆلەك «قۇرئان كەرىم»دىن ئېلىندى.- ئاپتوردىن. ZfnJ&H'
Ob@HzXH
2009-يىلى سىنتەبىر. كورلا. 3B?7h/f
A&L2&ofV&q
ئۆرۈكجان يەنى ئابدۇۋارىس غوپۇر adminتەرىپىدىن تەستىقلاندى
 |