ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئۇنىڭغا خاستۇر، رەسۇلۇللاھقا دۇرۇد- سالاملار ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە ياخشى تىلەكلەر بولسۇن! &&t4G }*
y]@_DL#J=
سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن 14 ئەسىر ئىلگىرى، جاھالەتكە پاتقان زېمىنغا ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى ئېلىپ كەلدى، ئۇ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، زېمىندا غايەت چوڭ ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى، جاھالەت يەر بىلەن يەكسان بولدى، ئىسلامنىڭ ئادالىتى جاھان ئەھلىنى قايىل ۋە مايىل قىلدى، ئىسلام قېرىنداشلىقى كامالىتىنى تاپتى. بۇ كاتتا زات بىر قوللۇق تەربىيىلىگەن ئىنسانلار… يەر يۈزىدە مەنىۋى جەھەتتە ئۇنىڭدەك يۈكسەلگەن بىر دەۋر بولمىغان ھەم بولمايدۇ، ئۇنىڭدەك ئەخلاقىي كامالەتنى تاپقان جەمئىيەت بولمىغان ھەم بولمايدۇ… tAaFIIvY
رەسۇلۇللا ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى ئېلىپ كەلگەن ۋاقىتتا، ئەرەب يېرىم ئارىلى پىكرىي بۇرۇختۇرمىچىلىق ۋە ئېتىقادىي ئازغۇنلۇقلارنىڭ چوڭقۇر ئىسكەنجىسىدە ئىڭرىماقتا ئىدى، ئاتىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى قىز تۇغۇلۇپ قالغانلىقلىرى ئۈچۈن تىرىك كۆمۈشەتتى… كەبىنىڭ ئىچىگە بۇتلارنى تىكلەپ قۇربانلىق قىلىشاتتى، چوڭ- كىچىك ئىشلىرىدا بۇتلاردىن يوليورۇق سورايتتى، پاناھلىق تىلەيتتى… جانابىي ھەقتائالا ئىنسانلارنى جاھالەتنىڭ زۇلمىتىدىن ئىسلامنىڭ يورۇقلۇقىغا چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەلچىلىككە تاللىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىزنى ۋە ياردىمى بىلەن بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى، تاغلارمۇ ئۈستىگە ئېلىشتىن قورققان ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالدى ۋە ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. }_Jai4O
رەسۇلۇللا ئۆزىنىڭ بارچە ئۈممىتىگە ئۈلگە بولارلىق ھاياتى بىلەن ئۆز دەۋرىدىكى ئىنسانلارنى تەربىيىلەپ، بۈيۈك پەرۋەردىگارنىڭمۇ: “سىلەر ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر” (سۈرە ئال ئىمران 110- ئايەت) دەپ ماختىشىغا نائىل بولغان بىر گۈزەل جەمئىيەتنى بەرپا قىلدى. بۇ جەمئىيەتتە كىشىلەر بىر- بىرىدىن ئەيمىنىپ ئەمەس، ئاللاھتىن ھەقىقىي قورقۇپ، ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى ھەر ۋا قىت كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ ئەمەل قىلىشاتتى، گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىناتتى. ئامانەتنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە جايىغا يەتكۈزۈشەتتى. گۇناھ- جىنايەت ئەڭ ئاز سادىر بولغان، مەزلۇملارنىڭ ھەقلىرى ئەڭ قوغدالغان… بىر دەۋر ئىدى. مۆمىنلەر رەسۇلۇللانى ئۆز ئاتا- ئانىسىدىنمۇ بەك ھۆرمەتلەيتتى. رەسۇلۇللاھقا بولغان مۇھەببەت شۇ دەرىجىدە ئىدىكى، رەسۇلۇللاھ ئىچىپ ياكى تاھارەت ئېلىپ ئاشقان سۇنى تالىشىپ ئۆز ئارا چەك تاشلىشاتتى. ئەبۇ سۇفيان مۇشرىك ۋاقتىدىلا: “ئاللاھقا قەسەمكى، ھېچكىمنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۆز باشلىقىنى مۇھەممەدنىڭ ساھابىلىرى ئۇنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرمەيدۇ” دېگەن ئىدى. مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللانىڭ ئەتراپىدا تالىشىپ خىزمەت قىلىشاتتى. رەسۇلۇللا بۇنىڭلىق بىلەن مەغرۇرلىنىش، كىبىر- تەمەننادىن مۇتلەق خالىي ئىدى. ساھابىلەردىن بىرى ئۇنى “پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ياخشىراقى، ئىنسانلارنىڭ ياخشىراقىنىڭ ئوغلى” دەپ تەرىپلىگىنىدە ئۇ خۇشال بولماي، “مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلار” دېگەن ئىدى. خۇش تەبىئەت، ئادەمگەرچىلىك، دىيانەت ۋە سەمىمىيلىكنىڭ، تەقۋادارلىقنىڭ ئەڭ يارقىن ئۈلگىسى، ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ ھىمايىچىسى، ئومۇملاشتۇرغۇچىسى ئىدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ: “ئى مۇھەممەد، سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن” (سۈرە قەلەم، 4-ئايەت) دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى. `Y$LXF~,Om
ئۇ ئۈممىتىنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا تەشنا ۋە ئىنتىزار ئىدى، ئانا ئۆز پەرزەنتىنى ئوتتىن مۇداپىئە قىلغاندەك، ئۈممىتىنى دوزاخ ئوتىدىن مۇداپىئە قىلىشنى خالايتتى. ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: “شۈبھىسىزكى، سىلەر كۇفرىغا بېرىلىشتە خۇددى پەرۋانە ئۆزىنى ئوتقا ئۇرغىنىغا ئوخشايسىلەر، مەن بولسام پۈتۈن كۈچۈم بىلەن سىلەرنى ئوتقا يېقىنلىشىشتىن توسىمەن”. بىر قېتىملىق غازاتتا، ئۇ مۇشرىكلەردىن ئەسىرگە چۈشكەن بىر ئايالنىڭ ئۆز بالىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ قوغداپ تۇرغانلىقىنى ساھابىلارغا كۆرسىتىپ: “ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئۇ ئايال ئۆز بالىسىنى ئوتقا تاشلاشقا رازى بولارمۇ؟” دېگەندە، ساھابىلار: “ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇ قانداقمۇ ئۆز رازىلىقى بىلەن بالىسىنى ئوتقا تاشلىسۇن؟” دەپ جاۋاب بەرگەن، رەسۇلۇللا: “سىلەرنىڭ رەببىڭلار سىلەرنى ئۇ مۇشرىك ئايال ئۆز بالىسىنى كۆرگەنچىلىك كۆرمەسمۇ؟ شۈبھىسىزكى، رەببىڭلار تېخىمۇ مېھرىباندۇر، ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار” دېگەن. rK"$@tc
رەسۇلۇللا رەھىمدىللىك، ئەپۇچانلىق ۋە راستچىللىقتا ئەينى دەۋردىكى مۇسۇلمانلارغىلا ئەمەس، مۇشرىك قەۋملەرگىمۇ تونۇلغان ۋە ئېتىراپ قىلىنغان ئىدى. بىر سەھرالىق ئەرەب بازاردا رەسۇلۇللانىڭ كىيىمىدىن قوپاللىق بىلەن سىلكىپ تارتىپ: “سېنىڭ ئىلكىڭدىكى ئاللاھنىڭ مېلىدىن ماڭا بەرگىن!” دېگەندە، رەسۇلۇللاھ كۈلۈپ كەتكەن ۋە ئۇنىڭغا بىر نەرسە بېرىشكە بۇيرۇپ: “بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق قوپال سورىمىغىن” دېگەن. ئۇ يەنە يېتىم- مىسكىنلەرگە مېھرىبان، بالىلارغا كۆيۈمچان ئىدى. كىچىك بالىلارنىمۇ ھۆرمەت قىلاتتى. بىر ھېيت كۈنى كىچىك بالىلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ: “بىزگە ياڭاق ئېلىپ بېرىڭ” دەپ تۇرۇۋالدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى قۇرۇق قايتۇرۇشتىن ئۇيالدى، يېنىدا ئۇلارغا ياڭاق ئېلىپ بەرگۈدەك بىر نەرسە بولمىغاچقا، ئاخىر تەڭلىكتە قېلىپ: “مېنى بازارغا ئېلىپ چىقىڭلار (قۇل بازىرىغا دېمەكچى)، بىرسى ياڭاق بېرىپ ئالىدۇ” دېگەن ئىدى!… بۇ تەنتەكلەر رەسۇلۇللاھنى ئېلىپ كوچىدا كېتىۋاتقاندا ساھابىلەردىن بىرى كۆرۈپ قېلىپ بالىلارنى ھەيدىگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇنى توسقان ۋە ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەن، بۇ كىشى بالىلارغا ياڭاق بېرىپ رەسۇلۇللاھنى قۇتۇلدۇرۇۋالغان… g*!2.P
ئىسلامى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، رەسۇلۇللا ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى بىر ھېيت كۈنى نۇرغۇن بالىلار يېڭى كىيىم كىيىپ، تۆگىگە مىنىپ ئويناۋاتقان، بىر بالىنىڭ بىر چەتتە يىغلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، بالىغا: “نېمە بولدۇڭ، نېمىگە يىغلايسەن؟” دېدى. بالا: “مېنىڭمۇ ئاتام بولغان بولسا ئىدى، يېڭى كىيىم كىيىپ تۆگىگە مىندۈرۈپ ئوينىتار ئىدى” دېدى. ئەسلىدە بالىنىڭ ئاتىسى جىھادتا شېھىت بولغان ئىدى. رەسۇلۇللا: “مەن ئاتاڭ بولۇشۇمنى، ئائىشە ئاناڭ بولۇشىنى، فاتىمە ئاپاڭ بولۇشىنى، ھەسەن- ھۈسەن ئاكىلىرىڭ بولۇشىنى خالامسەن؟ يىغلىما بالام، مەن ساڭا ئاتا بولىمەن” دېدى. بالا يىغلاپ ئېيتتىكى: “تۆگىڭىز بولمىسا نېمىگە مىندۈرىسىز؟” رەسۇلۇللا: “مەن ساڭا شۇنداق چوڭ تۆگە بولۇپ بېرىمەن، چىق ئۈستۈمگە!” دەپ بالىنى يەلكىسىگە ئېلىپ ماڭدى. بالا: “باشقىلارنىڭ تۆگىسى لوكۇلداپ يۈرىدۇ” دېگەندە، جانابىي رەسۇلۇللا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۆگىدەك لوكۇلداپ يۈرۈشكە ھەرىكەت قىلدى… تۆگىلەردىن “ئاۋف…” دېگەن بىر ئاۋاز چىقاتتى، بالا بۇنى كۆرۈپ، ئۆز “تۆگىسى” نىڭ باشقا تۆگىلەرگە ئوخشىمىغانلىقىدىن كۆڭلى يېرىم بولغانىدى، رەسۇلۇللا تۆگىنىڭ ئاۋازىنى دوراپ: “ئاۋف! ئاۋف!…” دەپ ئاۋاز چىقاردى!… شۇئان جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئېيتتى: “ئى مۇھەممەد! ئەگەر يەنە بىر مەرتەم [ئاۋف!] دېسىڭىز، ئالەمگە ئوت كېتىدۇ…” X hTp'2,]
ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولدى. بۇ چاغدا بالا يەنە قايغۇرۇپ قاتتىق يىغلىدى. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېلىپ: “ئەي بالا، بۈگۈن يالغۇز سەن ئەمەس، بىز ھەممىمىز، بارچە مۇسۇلمان ئالەمى يېتىم بولدى!” دەپ قاتتىق يىغلىدى. #~/-n
ئىسلام تارىخى رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاللاھ تائالانىڭ “بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلامنى دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم” دېگەن ئايىتى نازىل بولغاندا كۆپ قىسىم ساھابىلار خۇشال بولۇشۇپ، ئۆز ئارا تەنتەنە قىلىشتى. چۈنكى بۇ قۇرئاننىڭ ئاخىرقى ئايەتلىرى ئىدى. (سۈرە مائىدە، 3- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) ئۇلار ئۆزلىرى ئەمەل قىلىدىغان ئەھكاملارنىڭ پۈتۈنلەي نازىل بولۇپ بولغانلىقىغا خۇشال بولغان ئىدى. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يالغۇز ئۆيىگە كىرىۋېلىپ ياقىسىنى چاك ئېتىپ قاتتىق يىغلىدى. ساھابىلەر ھەيرانلىقتا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆيىگە بارغان ئىدى، ئۇنىمۇ ئەبۇ بەكرىگە ئوخشاش ھالدا كۆرۈشتى. ئۇلار ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سوراشقا پېتىنالماي ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ يىغلىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىغان ئىدى، ئەبۇ بەكرى ئېيتتى: “بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلار پۈتۈن بولدى، دېمەك، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئاخىرلاشتى، ئەلچىنىڭ ۋەزىپىسى – ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈش، ۋەزىپىسى تامام بولغاندىن كېيىن ئۇ رەببىنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ”. بۇنى ئاڭلىغان ساھابىلەر رەسۇلۇللاھتىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقلىرى ھەققىدە گۇمان قىلىپ قاتتىق قايغۇرۇشتى. ]D<r5P%
رەسۇلۇللا ئېيتقانىدى: “سىلەرگە ئىككى نەرسىنى قالدۇردۇم، بىرى ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئان، يەنە بىرى مېنىڭ سۈننىتىم، مۇشۇ ئىككى نەرسىگە چىڭ ئېسىلساڭلار زادى ئازمايسىلەر”. m]&d TZV
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا ئېسىلىپ تۇرغان قولى بارغانسېرى بوشاپ كېتىشكە باشلىغاندىن بېرى مۇسۇلمانلار ھاياتىدا شۇ پارلاق دەۋر بارغانسېرى تۇتۇق ھېس قىلىنىشقا، خىرەلىشىشكە باشلىدى ۋە ئاخىرى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ پىكرىي ۋە ھەزارىي قالاقلىقتا قېلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.