~4<xTP\*
I&DEF*
ئۈنۋىرسىتنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققان چېغىمدا تىخى 22گە كىرگەن كۈلگۈنچەك قىز ئىدىم.دادام"قىز بالىنى ئوقۇتۇپ،مانا،نىكاھ يېشىدىن ئۆتۈپ كەتتى،گۇناھ ئەمەسمۇ؟"دىسە،رەھمەتلىك ئاپام(ئۇلۇغ ئىگەم ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن)كۈلۈمسىرەپ،ئايەت ئوقۇپ ئولتۇرۇپ"پادىشانىڭ ئەمرىنى تۇتماق ۋاجىپ دەپتىكەن،ئوقۇتۇپمۇ خاتا قىلمىدۇق،خۇدايىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى باردۇ"دەيتتى. lmfvT}$B
شۇندىن كىيىن مەن ئويلاشنىمۇ خالىمايدىغان ،سىلەرگە مەڭڭۈ دەپ بەرمەيدىغان قىسقا نىكاھ تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈردۈم،"كۆڭۈل_كۆڭۈل بەرگەن ئادەمدىن بەكرەك ئاغرىيدۇ"دەپ،ئالى مەكتەپنى ئىككى شەھەردە ئوقۇغان بولساقمۇ،يۈرۈكۈمدە غېرىپ-سەنەم،لەيلى-مەجنۇن بوپ ئۆتۈش خىيالى بىلەن ھەر ئېسىل ئوغۇللارنى ھەسرەتتە قالدۇرۇپ،بىرە ئوغۇل ساۋاقدىشىم بىلەن ئايرىم كىنوغىمۇ بېرىپ باقماي ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرۈپ ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىم تېپىپ قويغان مەرگىزىي شەھەردىكى خىزمەتكە يالغۇز بالا ئىكەنلىكىمنى باھانە قىلىپ،بۇ كىچىك شەھەرگە قايتىپ كىلىپ ،روھىي ۋە جىسمانىي پاكلىقىمنى تاپشۇرغان ئېرىم بىلەن بىر يىلدىن كىيىن ئاجرىشىپ كەتتىم.... **N{XxdN
يىگىرمە ئۈچ ياش،ئاجراشقان ئايال! %tT L
تۈگىشىپلا كەتتىم،كىچىككىنى ھوقوقى بار ئىچ مىجەز داداممۇ،بىتەرەت يەر دەسسىمەيدىغان تەقۋادار ئاپاممۇ...مەن بىلەن تەڭ تۈگىشىپ كەتتى....كىچىلىرى يالغۇز ھوجرامدا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كىتەتتىم،ئاجرىشىش_مىنىڭ نەزىرىمدە بەك نومۇسلۇق ئىش ئىدى،شۇنىڭغا يىغلايتتىم،ھىچنىمىگە ئەرزىمىگەن پاكلىقىم،ئەقىدەمگە يىغلايتتىم.....مەن ئاچچىق يىغلىغان تۈنلەردە بىچارە دادام بىلەن رەھمەتلىك ئاپام قانچىلىك ئازاپلانغاندۇ؟شۇ چاغلاردا بۇ ئىشلارنى ئويلىغۇدەك بولماپتىمەن،بۇ قۇرلارنى يېزىۋىتىپ يەنە يىغلاپ كەتتىم،بۇ_ئاتا-ئانامدىن ئەپۇ سورىغىنىم بولسۇن،يەنە بىر يىغلىۋالاي،ئاخىرقى قېتىم! XShi[7
ئىككى يىلدەك خىزمەتنىمۇ ياخشى ئىشلىمىدىم،تۇرقۇم ھورۇن ئىشەكنىڭ ئۆزى ئىدى،يا ئۆي ئىشى قىلمايتتىم،يا ئۈزەمنىڭ ئۈستى-بېشىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرمەيتتىم....قانداق يارىماس نەرسىگە ئوخشاتسا شۇنىڭغا ئوخشايتتىم.... ;=fOyg
ئاپام قولى ئۆي ئىشىدىن بىكار بولغان ھامان ئوقۇيدىغان نامازلىرى تەييار تۇراتتى،كۈندە ئوقۇيدىغان پەرھىز نامازلىرىدىن باشقا نامازلىرى بار ئىدى،ھەر قېتىملىق نامىزىدىن كېيىن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلاتتى.....شۇ دۇئالار مەن ئۈچۈن ئىكەنلىگىنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇراتتى... B<%cqz@
ئاستا-ئاستا ئەسلىمگە كىلىشكە باشلىدىم،بولۇپمۇ ئاجرىشىپ كەتكەن ئېرىمنىڭ توي خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ،نورغۇن ئىشلارنىڭ مىنىڭ رىئاللىقىم ئىكەنلىگىنى،مەيلى ياقتۇراي يا ياقتۇرماي چوقۇم يۈز بېرىدىغانلىغىنى چۈشىنىپ يەتتىم.ئەمما ئۆمۈر بويى توي قىلماس قارارىغا كەلدىم،يىگىرمە ئالتە ياشقا كىرگەن توغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپ ئورنۇمدىن دەس تۇردۇم. s IJl9
*j6KQZ"
%-1-y]R|
Jz<-B
ئاپامغا چىرماشقان مەرەز كىسەل،ئۇنى كىسەل كارۋىتىغا باغلىۋالدى،مەن ھەر دەم ئېلىش كۈنىنى ئۈرۈمچىدە ئاپامغا ھەمرا بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان بولدۇم،دەم ئىلىشقا چىقىپ گاڭگىراپ قالغان دادام،ئاپامنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ تىخىمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويدى: ,1&Pb %}
_گۈلبەشەكەر،باشقا دوختۇرخانىغا بارايلى،بۇ دوختۇرلار ئاپاڭنىڭ كىسىلىنى بىلەلمىدى ھەقىچان_دەيتتى ھەسرەت يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىنى ئوتتۇز يىللىق جۆرىسىگە تىكىپ تۇرۇپ. n@[_lNa4GD
_دادا،بۇ ئەڭ ياخشى دوختۇرخانا، ياخشى بوپ كىتىدۇ ئاپام_دەيتتىم پەقەت دادامغا تەسەللى بولسۇن ئۈچۈن.... C9OEB6
شۇنداق بىر كۈنلەر كەلدى،ئاپامغا شىليانكا ئارقىلىق بېرىۋاتقان بوۋاق بالىنىڭ ئوزۇقىچىلىك يىمەكلىكمۇ سىڭمەس بوپ قالدى...جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىنىڭ سىرتىدىكى سۈرلۈك،ئۆلۈم پۇراپ تۇرغان زالىدا كىچىك ئاپام،نەۋرە ئىنىم ئۈچىمىز دۇنيادا قېرىندىشى ئىغىر كىسەل بولغاندىن باشقا ئېغىر ئازاپ يوق ئىكەنلىگىنى تونۇپ يېتىپ،ئۇلۇغ ئاللادىن ئاپامغا شىپالىق تىلەپ ئولتۇراتتۇق،سۈرە ياسىن ئوقىۋاتقان كىچىك ئاپام كىسەلخانىدىن چىقىپ كىلىۋاتقان ، ئايالىدىن ئايرىلىپ قىلىش خەۋپىگە ئۇچراۋاتقان ئەردىن كۆرە ئاپىسىدىن ئايرىلىپ قىلىش خەۋپىگە دۇچ كىلىۋاتقان كىچىك بالىغا ئوخشاپ قالغان دادامغا قاراپ يىغلىۋەتتى....مەن كىسەلخانىغا كىردىم،پەقەت يىغلىمىدىم،ئاپامنىڭ قوللىرىنى تۇتتۇم،گەپ-سۆزدىن قالغىنىغا خېلى كەنلەر بولغان ئاپام،ئۈزۈك-ئۈزۈك قىلىپ،ئوبدانلا گەپ قىلدى: GJS3O;2*
_گۈلبەشەكەرىم،سىزنى ئاللاغا تاپشۇردۇم...مەن ياخشى ئاپا بولالمىدىم....دادىڭىزغا جىق غەملەرنى قالدۇرۇپ كېتىدىغان بولدۇم...سىزگە ئاللا ئىگەمدىن ھالال رىسىق،ھالال جۆرە ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن،مېنىڭدىن رازى بولۇڭ...ئەمدى چىقىپ،مېنى ئۇزىتىش تەييارلىقىنى قىلىڭ قىزىم.......... =HapCmrx8
تاغلار ئۆرۈلدى،تاشلار يېرىلدى، قان -زەرداپ ئىچىدە پالەچلەنگەن يۈرىكىم دوختۇرخانىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىدە بۇ يارىماس روھىمنى 、ئازاپ ئوتىغا تاشلىدى،نىمىشقىمۇ ئاپامنى خاتىرجەم قىلمىغاندىمەن؟!.... Vq-W|<7C=
g\%;b3"#
ئاپامنىڭ يەتتە نەزىرىنى بېرىپ بولۇپ ،بۇ ئاخىرى چىقماس ئەپسوسلۇقلاردىن قۇتۇلۇپ كېتىشىم كېرەكلىگىنى ئويلىدىم،ئاپام ھايات ۋاقتىدا "ئۆلۈم قورقۇنۇچلۇق ئەمەس،ئۆلۈمگە تەييارلىقى بولماسلىق قورقۇنۇچلۇق.تائەت ئىبادەتنى جايىدا قىلىپ،ئاللانىڭ يولىنى تۇتۇپ،ئاللانىڭ ياخشى بەندىسى بولۇپ،ئۈلۈمگە ھەرۋاقىت تەييار تۇرۈش_مۇسۇلماننىڭ بۇرچى"دىگەن گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى. ,Pi!%an w
مەن ئەمدى يىغلاپ ئولتۇرىشىمنىڭ ھىچبىر ئەھمىيىتى يوقتەك ئويلاپ قالدىم. ئادەتتە خىزمەتتىن باشقىسىغا ئىشلەتمەيدىغان ،ئۇيغۇرچە مۇنبەر،چايخانا دىگەنلەرنى ئېچىپمۇ باقمىغان كومپىيۇتىرنى ئاچتىم.خەت ساندۇقىمغا يىراقتىكى بىر كەسپدىشىم "شەبنەمگە كىرىڭ،مۇنبەرگە" دىگەندىن باشقا بىر مۇنداشقۇ توپىنىڭ نومىرىنى قالدۇرۇپتۇ.ئاڭلىغان ،ئەمما كىرىپ باقمىغان ...مۇشۇ تاپتا كاللام قوپ-قۇرۇق ئىدى....ئاۋال مۇڭداشقۇنى ئېچىپ ،ھېلىقى توپ نومۇرغا قوشۇلدۇم...ھېلىقى كەسپدىشىم ۋە توپتىكى ياخشى نىيەتلىك تورداشلارنىڭ ياردىمىدە مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىردىم،بارا-بارا مۇنبەردىن ئايرىلالماس ھالەتكە يەتتىم،مۇنبەردە باشقۇرغۇچى بولغان ھېلىقى كەسپدىشىم بىر كۈنى قىسقا ئۇچۇر قىلىپ"مۇنبەر ئۇنچە قورقۇنچلىق ئەمەس،يوقىرى ساپالىق تۇرداشلار كىرىدىغان يەر،ئۆزىڭىزنى قويىۋىتىپ،ئەركىن ئولتۇرۇڭ.تىمىلىرىڭىز ،ئىنكاسلىرىڭىز ياخشى چىقىۋاتىدۇ،دائىم يوللاپ تۇرۇڭ"دەپتۇ. ئۇنىڭسىزمۇ مەن ناگاندا يوللاپ قويغان شېېرلىرىم مۇنبەرداشلىرىمنىڭ ياخشى ئىنكاسلىرى بىلەن جانلىنىپ كىتەتتى-دە،روھىم كۆتىرىلىپ قالاتتى. H{M7_1T
ئاپامنىڭ يىل نەزىرىسىنىمۇ بېرىپ بولدۇق،ئاپامنىڭ ئۈچ ھەدە -سىڭلىسى،دادامنىڭ ئىككى سىڭلىسى مىنىڭ تۇرمۇش جەھەتتىكى غەملىرىمنى ئاپامدىن ئۆتكۈزىۋالغان ئوخشايدۇ،دائىم تېلىفۇن قىلىپ ئۆيىگە چاقىراتتى،ياكى ئۆيگە كىلەتتى-دە،مەن قارشى گەپ تېپىپ بېرەلمىگۈدەك دەرىجىدە يىغلاپ تۇرۇپ ،بىر لايىق تىپىپ توي قىلىشىم كېرەكلىگىنى ئېيتاتتى. JPO'1D)
كىيىنچە بۇ تىما ئۆيىمىزدە يۇشۇرۇن ھالەتتىن ئاشكەرە ھالەتكە ئۆتتى،دىمىسىمى ئوتتۇز ياشلىق قىزى كۈندە كۆز ئالدىدا ئەلەڭلەپ يۈرسە كىمگە غەم بولمايدۇ دەيسىز؟ بىر كۈنى ھۆرمەتكە سازاۋەر پېشقەدەم ئايال ھاكىم ئۆيىگە چاقىرىتتى،مەنمۇ خىزمەت ئىشى ئوخشايدۇ دەپ ئىشتىن چۈشۈپلا ئۇدۇل باردىم. Bm"-X:='
_سىڭلىم ،ياشلارنىڭ مۇستەقىل قارىشىڭلا بار،بۇنى بىلىمەن.ئەمما ئۆز قارىشىمىزدىن باشقا ئاتا-ئانا ،ئەتراپتىكى ئىجتىمائى مۇھىت دىگەندەك ئامىللارنىمۇ ئويلاپ قويۇش كېرەك.سىز ئۆتكەندە ۋەزىپىگە قويىلىدىغان چاغدا تەشكىلات بۆلۈم سىزنىڭ ئائىلە ئىشىڭىزنى قاتتىق ئويلاشقان ئىدى،باشقا جەھەتلەردىكى مۇنەۋۋەر شەرتلىرىڭىزگە ئاساسەن ،سىزگە پۇرسەت بەرگەن ئىدۇق،ئاڭلىسام خېلى ياخشى لايىقلارغا ئۇنىماپسىز،ئويلىغان يېرىڭىز بار ئوخشىمامدۇ؟شۇنداق يېرى بولسا دەۋېرىڭ،بولمىسا باشقىلار تونۇشتۇرغان لايىقلار بىلەن كۆرىشىپ بېقىڭ. Z mVw5Gq
_.... >f$NG
_دادىڭىزنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ،سىز ھويلىغا ساق-سالامەت كىرىپ ماشىنىڭىزنى توختاتقۇچە بىردەممۇ خاتىرجەم بولالمايدىكەن،ئۇ كۈنى ئۆيگە كىلىپ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى،شۇ قىزىمنى ياخشىراق بىرىگە بېرىۋالغان بولسام،ئىككى يۈزمىڭ يۇئەن پۇل بىلەن ھازىر ئولتۇرىۋاتقان بىنا ئۆينى بېرەتتىم كۆيئوغۇلغا دەيدۇ.ئويلاپ بېقىڭە،دادىڭىز نە ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ؟ fab.%$
بۇ ئايالغا ھىچنىمە دىيەلمىدىم،مىڭ تەستە خوشلىشىپ چىقىپ ،ئۇدۇل شەھەر مەركىزىدىكى چىرايلىق بىزەلگەن ئويۈمگە كەتتىم.ئويگە كىرىپ،بىردە ئاچچىقلىسام،بىردە كۈلكە قىستاپ كىتەتتى: <$z6:4uN_
_ نىمە؟ئىككى يۈز مىڭ؟!دادام ئالجىپ قالمىغاندۇ-ھە؟ RISDjU3
كۈلۈپ كەتتىم،چۈنكى دادامنىڭ يۈزى چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ ئالدىڭلاردا تىلغا ئالمىغان بىر ئىش بار،ئۇ بولسىمۇ مېنىڭ دادام جاھاندا 1-پىخسىق ئادەم.ئۇ بو ئۆمرىدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىرەر قېتىم ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يەپ باقمىغان،بىرەر قېتىم تاكسىغا چۈشۈپ باقمىغان،ئوخشاش تاۋارنىڭ ئىككى خىل باھادىكىسى بولسا ،بىرەر قېتىممۇ قىممەتنى تاللاپ باقمىغان،بىرەر قېتىممۇ....ئىشقىلىپ بىرەر قېتىممۇ مەرتلىك بىلەن پۇل خەجلەپ باقمىغان(ئاپامنىڭ دوختۇر چىقىمىدىن باشقا)،ئەمدى مۇشۇ ئۆينى ئالغۇچە رەھمەتلىك ئاپام باتتى،كىسەل كارۋىتىدا يېتىپ ئۆتۈنگەچكە ئەپ بەرگەن.ماشىنامنى بولسا ئاپامنىڭ دادىسىدىن قالغان ئۆي بىر قۇرۇلۇشغا توغرا كەپ قالغاچقا ،شۇ پۇلغا ئالغان،ئۆي زىننەتلىگەن چاغدا دادام جىق چىقىم تارتتىم دەپ ئاغرىپ يېتىپ قالغان....ئەمدى....يىقىمسىزراق قىلىپ ئېيتسام،مىنى ئالغان ئەرگە ئىككى يۈز مىڭ مۇكاپات بېرىدىكەن-دە! }Wlm#t
دەسلەپ دادامنى ئالجىپ قاپتۇ،بېرىپ پېشقەدەم ھاكىمغا ئالجوقا سۆزلەپ يۈرۈپتۇ دەپ ئويلىدىم،بىر ھازا ئويلانغاندىن كىيىن،ياشانغان دادامنىڭ،مېنى بىر ئەرگە بېرىپ خاتىرجەم بولۇش ئۈچۈن ،ئۆزىنىڭ پىرىنسىپىدىن كەچكەنلىگىنى ھىس قىلدىم.چۈنكى دادام چاقچاقچى ئادەم ئەمەس،شۇنداقلا پىشقەدەم ئايال ھاكىم دادام چاقچاق قىلىدىغان ئوبىكىتمۇ ئەمەس ئىدى.... }uR[H2D`L
ئاز-تولا خورلۇقمۇ ھىس قىلدىم،شۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىممۇ ئەمدى؟ amTeTo]Tg
نى چوڭ ئىشلارنى قىپ كىلىۋاتىمەن،نى ئادەملەرنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتىمەن،ئەمدى...قانداق قىلامەن؟ ]y0bgKTK
ئاستا كومپىيۇتىرنى ئېچىپ،مۇنبەرگە كىردىم...يەنىلا شۇ،ھەر خىل تىمىلار،قىزىقارلىق ئىنكاسلار....يىڭىلا يوللانغان بىر ئەركىن شېېر ئۇسلۇبىدا يىزىلغان شېېرنى ئاچتىم،تىما يوللىغۇچى يىڭى مېھمان ئىكەن،تىخى بۇ مۇنبەرگە كىرگىلى 2سائەت بوپتۇ،شېېر خېلى چوڭقۇر ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن،مەزمۇنلۇق ئىدى،1-قەۋەتتىكى ئىنكاس "مامكاپ2"دىگەن ئىسىمدىكى بىر دىتى يوق مۇنبەردىشىمنىڭ بولۇپ"شېېرىڭىزنى ھىچ چۈشىنەلمىدىم"دەپ يازغان ئىدى،غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى،"سەن دەلتىدە بۇ شېېرنى چۈشەنگىدەك كاللا نىمىش قىلسۇن؟"دىدىم ئىچىمدە،ئاندىم بۇ شېېرنىڭ ئىدىيىسى،پەلسەپەۋى چوڭقۇر پىكىر يۇشۇرۇنغان مىسرالىرى...ھەققىدە تەپسىلى ئىنكاس يازدىم. *jR4OY|DXH
بىرەر سائەتلەردىن كىيىن باش سۈرىتىم ئاستىدىكى كونۋىرت ماڭا يىڭى ئۇچۇر كەلگەنلىگىنى ئوختۇردى،ئاچسام بايىقى شېېرنىڭ مۇئەللىپى يازغان"رەخمەت،مۇنبەرگە تۇنجى تىما يوللىشىم ئىدى،ئىلھاملاندۇرغىنىڭىزغا رەخمەت"دىگەن خېتى ئىكەن. >V%lA3
كۈنلەر ئۆتىۋەردى،كۈندۈزى ئىدارىدە ئالدىراش،ئىشتىن چۈشكەندە مۇنبەردە ئالدىراش،دادامنىڭ ھېلىقى غورورىمغا تەككەن ئىككى يۈزمىڭ يۈئەن پۇلىنىمۇ تولا ئويلىماس بوپ قالدىم.مۇنبەردىكى دوستلىرىم قاتارىغا ئۆتكۈر پىكىرلىك،مۇڭداشقاق،تورغا تولا كىرەلمەيدىغان( ھىلىقى شېرنىڭ مۇئەللىپى)قوشۇلدى.ماڭا ياخشى تەسىر بېرىدىغان تەرەپلىرى جىق ئىدى،بىرەر قېتىممۇ "سىزنى كۆرۈپ باقايچۇ"دەپ باقمايتتى،بىرەر قېتىممۇ لاۋزا گەپ قىلمايتتى،بارا-بارا بىر بىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا_يىمەك-ئىچمەك،دەم ئېلىش ئىشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بوپ قالدۇق،ناھايىتى تەبىى ھالدا قارشى تەرەپنىڭ تېلىفون نومۇرلىرىنى بىلىۋىلىشتۇق،بىلدىمكى،ئۇ ئىچكىرىدە تىجارەت قىلاتتى،مىنى"سەن"لەيتتى يىقىملىق قىلىپ،مەندىن 3ياش كىچىك،توي قىلمىغان ئىدى....ئىدارە ئورۇنلاشتۇرغان يىگىرمە كۈنلۈك ئىكىسكۇرسىيە لېنىيىسىدە ئۇ تۇرغان شەھەرمۇ بار ئىدى.يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقاتتى،قويغان -تۇتقىنىمنى بىلمەيتتىم،ئايرۇپىلاننىڭ ئازادە بۆلۈمچىسىدە ھىچنىمىنى كۆرگىلى بولمايدىغان ھاۋا بوشلىقىغا قاراپ ئولتۇرۇپ يۈرىكىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى"ئاپلا...ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالمىغاندىمەن؟" kz_gR;"(Z
شاڭخەي خەلقئارا ئايرۇدۇرىمىنىڭ ئازادە زالىدا "شىنجاڭ رىشتە ساياھەت ئۆمىكىدىكىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىمىز"دىگەن بايراقچىنى كۆتىرىۋالغان پاكىز چىراي،ۋىجىك كەلگەن ساياھەت يېتەكچىسى يىگىت بىزنى خۇشچىراي قارشى ئالدى،مەن "ئۇ كەلگەندىمۇ؟ئالدىراش دەۋاتاتتى،كەلمىگەنمىكىن..."دىگەنلەرنى ئويلاۋاتاتتىم. zsM2R"[X
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ھارمىغايسىلە... XQ3"+M_KG
تونۇش ئاۋازدىن يۈرۈكۈم چىقىپ كېتەي دىدى.ئالدىمدا تولىمۇ كىلىشكەن بىر يىگىت ئەر سەپەرداشلىرىم بىلەن قول ئېلىشىپ سالاملىشىۋاتاتتى،"شۇكەن...."بار-يوقى ئون ئىككى ئادەم،تۆت ئايال،ئىككى ئۇيغۇر ئايال ئىدۇق،ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي قولۇمدىن سومكامنى ئالدى: y`,;m#frT
-كەتمەيدىغانغا كەپسەن-دە،بۇنچە ئېغىر تەييارلىق بىلەن... |` |#-xu
ھەمراھلىرىم بۇ كىلىشكەن يىگىتنىڭ مىنىڭ ئالدىمغا چىققانلىغىنى ئەمدى بىلدى،ھەم ئىككىمىزگە ھەۋەس بىلەن قاراشتى.مەن يالغۇز ياشىغان شۇنچە يىللاردىن بېرى تۇنجى قېتىم بىر ئەرنىڭ ماڭا خېرىدارلىق قىلىشىدىن ئىللىقلىق ھىس قىلدىم،خاتىرجەمگىنە كۈلۈمسىرىدىم... ^r=Wj@`
شاڭخەيدىكى شىنجاڭ ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ ئاددى كۆرىنىدىغان ياتاقلىرىغا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كىيىن،پەسكە چۈشتۈم.تونۇشقىلى 14 ئاي بولغان ،دائىم سېغىنىپ تۇرىدىغان بۇ ناتۇنۇش ئىنىم،مائارىپ ئىدارىسىدىن بارغان چىقىشقاق خەنزۇ ھەمرىيىم بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كىتىپتۇ.ماڭا مېھرى بىلەن تىكىلىپ قارىغاندىن كىيىن: J8'1 ~$6
-كەچتە يەر ئاستىدىكى مىللىيچە رېستۇراندا ھاردۇق چېيى تەييارلاپ قويدۇم،ساياھەت يېتەكچىسى بىلەن كىلىشىپ قويدۇم-دىدى.مەنمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق مېھرىم بىلەن قارىدىم،ئونىڭ باغرىغا سېڭىپ كېتىشتەك ئەسەبىي تۇيغۇ قەلبىمدە چۇقان سالاتتى... ]z#+3DaH
-ئۇسسىدىڭمۇ؟ FMOO
-ھەئە... **V8a-@
-ئولتۇرۇپ تۇر،سۇ ئەكىرىپ بىرەي... Uiv4'vYg
-مەنمۇ... %lk^(@+ T
مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سىرتقا چىقتىم،سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى،مەن توڭغاندەك بولدۇم،ئىشىك ئالدىغىلا توختىتىلغان ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ،ئىككى پۇتۇلكا مىنىرال سۇ ئالدى: Ij>G7Q*d
-مە... skm~~JM^
شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ ئوڭ قولىنىڭ بەمەلچەكلىرى يوق،قولى تۈگۈلۈپ تۇرىدىغانلىغىنى بىلدىم"مەن مېيىپ "دىگىنى مۇشۇ ئىكەن-دە!مەن ئۇنىڭ شۇنچىلىك بولسىمۇ ئەيىپى بارلىقىغا خوش بوپ كەتتىم،"رەخمەت،ئاللاغا مىڭ رەخمەت! " ئۇنى ياخشى كۆرۈشكە لايىق كەلمەسلىكىمدىن بەك ئەنسىرەيتتىم،شۇنداقلا بۇ شاۋكەت ئىسىملىك،ئىسمى بىلەن سالاپىتى تولۇق ماس كەلگەن يىگىتكە تىخىمۇ مېھرىم بىلەن قاراپ كەتتىم،تويماي.... w/z o
o:'@|(&